نىگىرىيەدە بىر خوراز ئەرەپچە گەپ قىلدى
بۈگۈن ئەتىگەندە ئادىتىم بويىچە نۇر تورىنى ئارىلاۋېتىپ مەزكۇر خەۋەرنى ئۇچرىتىپ قالدىم، شۇڭا تورداشلارنى بۇ ئاجايىباتتىن بەھرىمان قىلىش مەقسىتىدە بۇ مۇنبىرىمىزگە كۆچۈرۈپ يوللىدىم.جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
http://www.nur.cn/news/2014/04/164836.shtml
ئامېرىكا ئۇچۇر تورى yourjewishnews.com نىڭ 13-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا نىگىرىيەنىڭ ماكۇئېرتى (Makuerti) بازىرىدا بىر خوراز بۇغۇزلىنىشتىن بۇرۇن ئەرەپچە گەپ قىلغان بولۇپ، پۈتۈن بازاردىكى ھەممە كىشىنى قاتتىق ساراسىمىگە سېلىپ قويغان. بېۇئې ئۆلكىسى (Benue State) ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارلىشىچە، يېقىندا ماكۇئېرتى بازىرىدا بۇغۇزلىنىش ئالدىدا تۇرغان بىر خورازغا تۇيۇقسىز زۇۋان كىرىپ ئەرەپچە سۆزلەپ كەتكەن، بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن بازاردىكى ھەممە كىشى قاتتىق قورقۇپ كەتكەن ھەم قېچىشقا باشلىغان.
ساقچىلار بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن بۇ خورازنى ساقچىخانىغا ئېلىپ كەتكەن. شۇ يەرلىك ئائىشېتۇ (Aishetu) ئىسىملىك بىر ئايال مۇنداق دېدى، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ساقچى ئىدارىسىغا قاراپ ئېقىشقا باشلىدى، ئۇلار گەپ قىلالايدىغان خورازنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ بېقىشنى ئارزۇ قىلىشقان ئىدى.
بىراق ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلغان كىشىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، قاتناش ھادىسى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يەرلىك ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئارقىلىق كىشىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، جانۋارلارغا زۇۋان كىرىپ تۇيۇقسىز سۆزلەپ كېتىشى بىرلا قېتىم بولغان ئىش ئەمەس بولۇپ، ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىغا قارىغاندا، 2003-يىلى ئامېرىكا نىيۇيورك شەھىرىدىكى زالمان روسېن (Zalman Rosen) ئىسىملىك بىر ئۆزىنىڭ ياردەمچىسى بىلەن بىرلىكتە بىر بېلىقنى ئۆلتۈرمەكچى بولىۋاتقاندا، بۇ بېلىققا تۇيۇقسىز زۇۋان كىرىپ «دىققەت قىلىڭلار.» دېگەن.
زالمان روسېن ئەينى ۋاقىتتا قاتتىق قورقۇپ ھوشىدىن كېتەي دەپ قالغانلىقىنى، قورقۇپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ بىر يەرلىرىنىمۇ كىسىپ سالغانلىقىنى بىلدۈردى.
يالغان خەۋەر . ( صحيح ) بادروا بالأعمال ستا: طلوع الشمس من مغربها و الدخان و دابە الأرض و الدجال و خويصە أحدكم و أمر العامە( حم م ) عن أبي هريرە
2813. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن : ئالتە ئىشنىڭ يېتىپ كېلىشىدىن بۇرۇن ياخشى ئەمەللەرگە ئالدىراڭلار، 1. كۈننىڭ كىرگەن جايى مەغرىبتىن چىقىشى، 2. كەڭ كۆلەملىك تۈتۈن، گاز. 3. زېمىندىن ھايۋاننىڭ چىقىپ سۆزلىشى، 4. دەججالنىڭ چىقىشى، 5. ھەربىرىڭلارنىڭ ئۆلۈمى يېتىپ كېلىشدىن بۇرۇن، 6. ئاۋام خەلقنىڭ ئۆلۈمى قىيامەتتىن بۇرۇن، مۇسلىم ، ئەھمەد 8910 – ھەدىس، سەھىھ. Uyghur يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 07:07 static/image/common/back.gif
( صحيح ) بادروا بالأعمال ستا: طلوع الشمس من مغربها و الدخ ...
دىمەك بۇ قىيامەتتىن بىشارەت بېرىلگىنىكەندە؟
بىشارەت بېرىلىپ قانچىلىك ۋاقىتتىن كىيىن قىيامەت بولىدۇ؟
ziyali يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 08:12 static/image/common/back.gif
دىمەك بۇ قىيامەتتىن بىشارەت بېرىلگىنىكەندە؟
بىشارەت ...
زىيالى ئەپەندى! بۇ چاقچاق قىلىدىغان گەپ ئەمەس ئىدى. نىمە دىگەن بولغىيتى بۇخوراز. ئەرەپچە سۆزلەپ زامان ئاخىرتوغرۇلۇق سۆزلىگەن ئوخشىمامدۇ .
ھەجەپ باشقا تىلدا سۆزلىمەپتىيا بۇ خوراز، مالايچە يا ئىسپانچە....
مۇشۇنداق ئىشلارنى كۆرمىسە ئىمانى چىڭىمايدىغانلارنى زە مەزكۇر خۇراز ھازىرمۇ ھاياتمىدۇ ؟ ALMAS333 يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 08:25 static/image/common/back.gif
زىيالى ئەپەندى! بۇ چاقچاق قىلىدىغان گەپ ئەمەس ئىدى.
سىزچە مەن چاقچاق قىلغاندەك تۇرامدىمەن؟
چاقچاق قىلغاندەك بىلىنگەن بولسا كەچۈرۈم سورايمەن.
مەن ئەستايىدىل.
خوش.
ئۇنداقتا ئەستايىدىل سۇئالىمغا ئەستايىدىل جاۋاپ بېرىڭ.
ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر. ziyali يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 08:48 static/image/common/back.gif
سىزچە مەن چاقچاق قىلغاندەك تۇرامدىمەن؟
چاقچاق قىلغان ...
بىلمەيمەن. بۇنداق خەۋەرلەردە دىيىلگەن ئىشلارنىڭ راست-يالغانلىقىنى يا تەكشۈرگىلى بولمىغان، بولۇپمۇ مۆجىزىگە ياتىدىغان ئىشلارنى. مۆجىزە دەپ تارقاتقان نەرسىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ياسالما بولۇپ چىقىۋاتقان. شۇڭا، بۇنداق ئىشلارنىڭ راست يۈز بەرگەنلىكىگە ئىشەنچتىن گۇمان ئۈستۈن تۇرىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tozimas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-17 09:06
يَسْأَلُكَ النَّاسُ عَنِ السَّاعَەِ قُلْ إِنَّمَا عِلْمُهَا عِندَ اللَّهِ وَمَا يُدْرِيكَ لَعَلَّ السَّاعَەَ تَكُونُ قَرِيبًا
كىشىلەر سەندىن قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى سورايدۇ. «ئۇنى (مەن بىلمەيمەن) پەقەت اﷲ بىلىدۇ» دېگىن. سەن نېمە بىلىسەن قىيامەت يېقىن بولۇشى مۇمكىن.
33 - ﺳۆﺭﻩ ﺋﻪﮪﺰﺍﺏ 63 - ئايەت ALMAS333 يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 08:55 static/image/common/back.gif
بىلمەيمەن.
بىلمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم،ھەم مەنمۇ جاۋابىغا قىزىقمايىتتىم.
ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ يازغان ئىنكاسى بىر ئوبدان تاراھەت ئەپ كىلىپ سېسىق ئوبۇرنىدا ناماز ئۈتىگەندەك ئىش بوپتىكەن،شۇنى ئەسكەرتىپ قويغۇم كەلدى. http://www.yourjewishnews.com/2014/04/n32343.html ziyali يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 09:08 static/image/common/back.gif
بىلمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم،ھەم مەنمۇ جاۋابىغا قى ...
ئۇنداق بولسا ئۆزرە! مەقسىتىڭىزنى چۈشەنمەپتىمەن. بىزنىڭ بۇ يەردە نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا خورازلار جىدەللىشىپ ، ساقچىلار كېلىپ ئەتراپتا تۇرغان ئاممىنى تارقىتىپ ، جىدەللەشكەن ۋە جىدەللەشمەكچى بولغان خورازلارنىڭ ھەممىنى تۇتۇپ كېتىپتىكەن، ئەتسى ئىگىلىرى ساقچىخانىغا بېرىپ ھەربىر خوراز ئۈچۈن يۈز سوم تۆلەپ كېپىللىككە ئېلىپ چىقىپتۇ. ziyali يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 09:08 static/image/common/back.gif
بىلمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم،ھەم مەنمۇ جاۋابىغا قى ...
بىر ياخشى گۇمان قىلالمايدىكەنمىز دە بىر بىرىمىز ھەققىدە؟...
مەن بىر ھەدىسنى تاشلىدىم ،مەن بىر ئىلىمنى تاشلىدىم . ئەدەبلىكرەك بولىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن !
چوڭ سۆزلەرنى قىلىشتىن بۇرۇن ئەدەبلىك بولۇشنى ئۈگۈنەيلى.
قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بۇ دەۋردە ئۈزۈلمەي بارلىققا كېلىۋاتقانلىقى ئوچۇق ھەدىسلەر بىلەن راست ئىش. ئەمما ئىلىملىك كىشى دۇنيادىكى ھەربىرئىشقا ئاددىيلا غەپلەت ئىچىدە قارىمايدۇ . ئاللاھتىن قورقۇش ،ئاللاھتىن ئۈمۈتۋار بولۇش ئوتتۇرىسدا ياشاش مۆئمىننىڭ بۇرچى . غەپلەتكە بېرىلىش كۇفرىنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرى .
ئەمما مەن بۇئىشنى ھەدىستىكى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى قاتارىدا سانىدىممۇ ،سانىمىدىممۇ بۇ سىز ئۈچۈن نامەلۇم ئىش بولىشى كېرەك ئىدى.
شەخسەن مەن بۇ ئىشنى ھەدىستىكى قىيامەت ئالامەتلىرى قاتارىدىن سانىمىساممۇ ئەمما ،ئىبرەتلىك بىر ئىشلار قاتارىدىن سانايمەن. ئۇ ھايۋانلار ئەرەپچە سۆزلەمدۇ ،ئۇيغۇرچە سۆزلەمدۇ ، خەنزۇچە سۆزلەمدۇ ....ئىشقىلىق ئىنسان تىلىدا سۆزلىسە ، ھەرھالدا مەن ئىبرەت ئالىمەن، سەگىيمەن ،ئاللاھنىڭ قۇدرەتلىرى ھەققىدە ئويلايمەن . ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلسۇن! مەن سىزدىن گۇمان قىلمىدىم.سىزنىڭ بۇنداق بىشارەتلەر بولمىسىمۇ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىرايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.قالدۇرغان ھەدىسىڭىزگىمۇ كۆپ رەھمەت.
ئەمما باش ئاخىرى يوق يوقىلاڭ بىر خەۋەر ئۈچۈن بۇ ھەدىس بەكلا زايە كىتىپتۇ.
قىيامەت ئىنسانلاردىن باشقا جان-جانۋارلار ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ئۇلار شۇ چاغدا قانداق ھالەتتە بولۇشى مۇمكىن؟ھايۋانلار ئۆلگەندىن كېيىنمۇ دوزاق ياكى جەننەتكە كىرىشى ئايرىلامدۇ؟ياكى ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەسلىي تەبىئىتىدە ياشىغانلىقى ئۈچۈن ساۋاپ،گۇناھ يېزىلمامدۇ؟باشقا بىر نۇقتىدىن قارىساق ئىنسانلارمۇ پەقەت ئىنسان تەبىئىتىدە(ياخشى ياكى يامان بولسۇن)ياشايدىغۇ؟
ئېنىق بولمىغان(ئۆزۈمگە)بەزى سوئاللاردىن جاۋاپ سوراۋاتىمەن،توغرا بولمىغان پوزىتسىيىدە سۆزلىمىدىم،شۇڭا توغرا بولمىغان پوزىتسىيىدە بولمىساڭلار