ھازىر بىر تېمىدا كۆرۈپ ئولتۇرغان تېخى
«كىشىلەرنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن بىلمەي تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغان ئېيتقان ئادەمدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.» (سۈرە ئەنئام 144-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
خاتا چۈشىنىش بولمىسۇن.
سىزنى كىشىلەرنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئۇ ھەدىسنى قالدۇردى دىمەكچى ئەمەسمەن.ئۈستىدە دىگىنىمدەك،سىزدىن گۇمانلانمايمەن.ئەمما بۇ تېمىغا يېزىلغان ئىنكاسىڭىز مەيلى سىز قانداق ئويلاڭ، تېمىغا ئېيتىلىۋاتقان گەپلەرنىڭ راستىلىقىغا تەستىق سېلىش رولىنى ئۈتەپ قالىدۇ. بۇ خەۋەر ئۈندىدار قاتارلىقلارغا تارقاپ كىتىپ قالسا سىزگە ئوخشاش باشقىلارغا تەسىر قىلىش كۈچى بار ئادەملەرنىڭ «تەستىق سېلىشى» بىلەن ئەگىشىدىغانلار جىق چىقىدۇ.ياخشى ئەمەللەرگە ئالدىراش ياخشى ئىش،ناماز ئۈتەشمۇ ياخشى ئىش.نامازنى ياخشى ئورۇننى تاللاپ ئۈتەيمىز.ياخشى ئەمەللەرگە سەۋەبنىمۇ ئىشەنچىلىك خەۋەرلەردىن ئىزدەيمىز.
يۈزى يوق خورازكىنا بۇ ،نېگىرىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ تۇرۇپ يەرلىك تىلدا سۆزلىمەي ئەرەپچە سۆزلەپ يۈرگىنىنى بۇنىڭ ...... ئەرەپزۇۋان خوراز :lol بۇنداق نەرسىلەر گېزىت ياكى مېدىيالارنىڭ ئۆز تىراژىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىلىدىغان بىر تۈرلۈك خىزمىتى، يەنى تاكتىكىسى. گېزىتچىلىك ساھەسىدە بۇ ئەزەلدىن بار ئىش، ئاخباراتچىلىققا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي ژورناللاردا ھەمىشە تىلغا ئېلىنىدۇ، تەنقىت قىلىنىدۇ. لېكىن قىزىقارلىقى، بۇنداق نەرسىلەر جازالانمايۋاتىدۇ.
بۇ ئاساسەن ئوقۇشچانلىق قوغلىشىدىغان ئاممىباپ قىيما ستون ياكى كەچلىك گېزىتلەرنىڭ ئىشى بولۇپ مەخسۇس مۇشۇنداق يالغان-ياۋىداقنى توقۇيدىغان مەخسۇس تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمۇ بار. بۇ يۈزدە-يۈز يالغان خەۋەر، بۇنداق خەۋەرلەرگە يۈزىدە تۈكى يوق مايمۇنلارلا ئىشىنىدۇ. enwerjula يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 09:55 static/image/common/back.gif
بۇنداق نەرسىلەر گېزىت ياكى مېدىيالارنىڭ ئۆز تىراژىنى ...
نۇر تورىمۇ مۇشۇنداق خەۋەرلەرنى تاللاپ ئىزدەپ تەرجىمە قىلىدۇ. yigana523 يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 09:48 static/image/common/back.gif
قىيامەت ئىنسانلاردىن باشقا جان-جانۋارلار ئۈچۈن نېمىدى ...
بىلىشىمچە ھايۋاناتلار قىيامەتتە سۇراق قىلىنمايدىغۇ دەيمەن .
بىزنىڭ ئىشخانىدىكى خەنزۇ بۈگۈن ئۇيغۇرچە گەپ قىلدى ....:lol uqkun1 يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 10:31 static/image/common/back.gif
بىزنىڭ ئىشخانىدىكى خەنزۇ بۈگۈن ئۇيغۇرچە گەپ قىلدى ....:lo ...
بىر خەن تۇيۇقسىز ئۇيغۇرچە سۆزلەپ كەتكەن دەپ نۇر تورىغا چىقىرىۋالسا:lol :lol :lol enwerjula يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 10:03 static/image/common/back.gif
بۇ يۈزدە-يۈز يالغان خەۋەر، بۇنداق خەۋەرلەرگە يۈزىدە تۈ ...
ئەپەندىم بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىغا مەندە ئىسپات يوق،لىكىن سىزدە ساختىسىغا ئىسپات بارمۇ؟
بەزى گەپلەرنى گەرچە بىلسىڭىزمۇ يۇتىۋەتسىڭىز بۇلىۋىرىدۇ، ziyali يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 09:49 static/image/common/back.gif
بۇ بىر ئۇدۇل كەپ قېلىش.
ھازىر بىر تېمىدا كۆرۈپ ئولتۇرغا ...
مەن تولا ھاللاردا دەججال ھەققىدە بېرىلگەن ئوچۇق خەۋەرلەر ھەققىدە ئويلىنىپ قالىمەن. (بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمنى ئايرىم ماقالە قىلارمەن ئىنشائاللاھ...)
مەسلەن يۇقارقى خەۋەرگە قارىساق ، يالغان خەۋەر بوپ قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ،ئەمما راست بوپ قېلىش ئېھتىماللىقىمۇ يوق ئەمەس! چۈنكى ھەر ئىككىلى ئەھۋالغا قولىمىزدا ھېچبىر ئىسپاتىمىز يوق. راست خەۋەر دېگۈچىلەر ھېچبىر ئىشەنچلىك خەۋەر قىلغۇچىنى تاپالمايدۇ . يالغان دېگۈچىلەرنىڭمۇ بىردىنبىر دەلىلى : ھايۋانمۇ گەپ قىلامدۇ؟ مۈمكىنمۇ؟ باشقا تىلدا دېمەي ئەرەبلەرنىڭلا تىلىدا دەمدۇ؟ .....
دېگەندەك بىر قاتار سوئاللار بولىشى مۈمكىن.
ئەمما مەن ئېيتىمەن ، ھايۋاننىڭ گەپ قىلىشى تامامەن مۈمكىن ، چۈنكى كۈنىمىزدىكى ھادىسىلەر ۋە قىيامەتكە يېقىنلاشقاندىكى ئەھۋاللارنى ئىپادىلەيدىغان سەھىھ ھەدىسلەر بۇنىڭ تامامەن مۈمكىنلىكىگە ئىشارە قىلىدۇ. مەسلەن :تاشنىڭ گەپ قىلىشى ،بىر خىل ھايۋاننىڭ ئىنسانىيەتكە سۆزلىشى....
بۈگۈنىمىزدە بۇرۇن يۈز بېرىپ باقمىغان ئىشلار يۈز بەرمەكتە . سائادەت دەۋرىدە جىن چېپىلىپ قېلىپ ،ئىنساننىڭ تىلىدا سۆزلەيدىغان ئىشلار ئاساسەن خاتىرلەنمىگەن . بۈگۈندە بولسا خالىغان مەھەللىنى ئاختۇرۇپ باقساق ، جىن چاپلىشىۋالغان كىشىلەردىن يوق دېگەندە بىر ئىككىسىنى تاپقىلى بولىۋاتىدۇ. تېخى ئەھۋال شۇ قەدەر ھەيران قالارلىق ، ئىشەنمەي دېسە كىشى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرغان. ( مەن بۇ ھەقتە ئاجايىپ ۋەقەلەرگە شاھىتمەن !) ئەمما يۈز بېرىش مۈمكىنچىلىكى روشەن رەت قىلىنىدىغان ئەھۋاللارغا نۇقتىنەزىرىمىز شۇ قەدەر ئېنىق بولىشى كېرەك.
مەن ھەممە خەۋەرگە قارا قويۇق ئەگىشىپ ،داۋراڭ قىلىدىغان نادانلىققا تولىمۇ قارشى ،شۇڭىمۇ ئەينى ۋاقتتا مەككىگە چۈشكەن پەرشتە ھەققىدىكى داۋراڭغا يۇرتىمىزدا ئەڭ كەسكىن قارشى تۇرغىنىمۇ مەن ئىدىم. ئەمما بەزى ئېھتىماللىقى بولغان ھادىسىلەرنى قارا قويۇق رەت قىلىپ ھەم غەپلەتتە قېلىشتىن تولىمۇ ئەندىشە قىلىمەن ! چۈنكى بۇ خىل ھالەتنىڭ توپلىنىشى كىشىنى ئېغىر زىيانغا ۋە خاتالىققا ئۇچرىتىدۇ!
مەلۇم ئادەملەر ساختا مۆجىزىلەرنى توقۇيدۇ ئاندىن تەشۋىق قىلىدۇ .ئاندىن ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ مۆجىزە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان بىر مۇنچە ئادەملەر توۋا دەپ ياقىلىرىنى تۇتۇپ،ئىمان ئېيتىپ بۇ مۆجىزىنى تېخىمۇ كۆپتۈرۈپ تارقىتىشقا قاتنىشىدۇ. مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن بۇ مۆجىزىلەرنى توقۇغۇچىلار بولسا ، بۇنىڭ راست ئەمەسلىكى ئىسپاتلاپ ئاندىن بايانات ئېلان قىلىدۇ‹قاراڭلار بۇ ھاماقەتلەرگە،مۇنچىكى ئىشلارغا مۆجىزە دەپ ئىشىنىپ چوقۇنۇپ يۈرۈشىدۇ،بۇلارنىڭ ئېتقادى مۇشۇنداق كۈلكىلىك›دەپ مەسخىرە قىلىپ ئاندىن ئۆزىنىڭ دىنىنى تەشۋىق قىلىدۇ...
بىلىشىمچە مۇشۇنداق ئىشلارمۇ بولغان بۇرۇن مايمۇنغا ئۆزگىرىپ قالغان قىز ، ئەزان توۋلىغان خوراز ۋەقەلىرىدە...
ئەمەلىيەتتە كائىناتتىكى پۈتۈن مەۋجۇداد،شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى مۆجىزە ... pis-pas يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 10:07 static/image/common/back.gif
بىلىشىمچە ھايۋاناتلار قىيامەتتە سۇراق قىلىنمايدىغۇ ...
قىيامەتتە بىر قوچقار يەنە بر قوچقارنى ناھەق ئۈسۈۋالسا ،قىيامەتتە ئۇنۇڭدىنمۇ ئۆچى ئېلىپ بېرىلىدۇ دەپ دەپ ئاڭلىغىنىم ئېسىمدە.. شەخسەن بۇ خەۋەرگە مىنىڭ ئىشەنگۈم كەلمىدى ، يەنە كېلىپ بۇنداق ئىشلارنى ئاتايىتەن خەلقئارالىق ئورۇندىن ئىسپاتلاپ بىرىپ يۈرمەيدۇ . يەرلىك ئاخباراتچىلار ھاياجانلانغان كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغاندىن كېيىن خەۋەر قىلىپ قويىدۇ خالاس .
بىراق ھايۋانلارنىڭ ئالاھىدە ئەھۋالدا ئاۋاز چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز رەۋىشتە مەقسەتنى بىلدۈرىدىغان ئاۋاز چىقىرىش ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن . بۇ غۇراز بەلكىم بۇغۇزلىنىش ئالدىدا كەلىمە شاھادەتنى ئوقۇۋېتىپ قۇربان بولاي دىگەن چېغى ... yigana523 يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 09:48 static/image/common/back.gif
قىيامەت ئىنسانلاردىن باشقا جان-جانۋارلار ئۈچۈن نېمىدى ...
http://bbs.alkuyi.com/thread-38470-1-1.html
سىزگە بەزى جاۋابلار بوپ قالار karahaniya يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 10:34 static/image/common/back.gif
ئەپەندىم بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىغا مەندە ئىسپات يوق،لى ...
تازا بىر گەپ بوپتۇ بۇ!
سىز مېنى نىگېرىيەگە، ئاندىن ئامېرىكىدىكى شۇ گېزىتخانىغا بېرىپ ئىسپاتلاپ كەل دېمەيدىغانسىز؟
ھېلىمۇ بەزى ساۋاتلارنى دەپ قويغىنىم. ئوچۇق-ئاشكارىلا تۇرمامدۇ، ئەرەپلەرنى ئەخمەق ئېتىپ، مازاق ئېتىپ يازغىنى! توۋا، بۇنداق ئەخمەق ئېتىشلەرگە مەرىپەتلىك ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭمۇ ئىشىنىپ يۈرگىنىنى... 400 يىل ئالدىدىكى پىرىخون ناسترا داماسنىڭ 21-ئەسىردە قىيامەت بولىدۇ، دېگەن سەپسەتىسىگە مۇسۇلمانلار كۈچلۈك رەددىيە بەرگەن ئىدى، بەزىلەر يەنە سەپسەتىگە ئىشىنىپ يۈرگىلى تۇرۇپتۇ. :lol قاتناش ھادىسى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يەرلىك ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىتىپتىما ؟:o
RE: نىگىرىيەدە بىر خوراز ئەرەپچە گەپ قىلدى
enwerjula يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 11:40 static/image/common/back.gifتازا بىر گەپ بوپتۇ بۇ!
سىز مېنى نىگېرىيەگە، ئاندىن ئا ...
مانداقلا بىر نەرسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ئۆزى راستلىقىغا دىگۈدەك ئىسپات تاپالماي، ئىشەنمىگۈچىدىن يالغانلىقىغا ئسپات تەلەپ قىلىشلىرىدىن نە زامانلا ئۆرگۈلەي،،،،، تازا مۇھىم يېرى خەۋەر قىلىنماي قاپتۇ، گەپ قىلغان بولسا گەپ قىلغاندۇ، ئەرەپچە گەپ قىلغان بولسىمۇ ئىختىيار ئۆزىدە، لېكىن زادى نېمە دەپتۇ، مەنە ئىپادىلىگىدەك تاۋۇش چىقارغان بولسا شۇ گەپنى ئۇقۇپ باقساق بولاتتى، بىرەر سىرنى دەۋەتتىمۇ، يا بىرسىنى تىللاپتىمۇ، ياكى « مېنى چىللىتىپ قويۇپ ئۇخلاۋېرىشەمسەن گۇيلار» دەپتىمۇ... ئىشقىلىپ ئاران بىر قېتىم گەپ قىلغاندا بىچارىنىڭ گەپ قىلغىنىنىڭ ھېچبىر پايدىسى بولمىغان چىراي، يا گەپ قىلغىلى قويماي، يا ئاران گەپ قىلسا خەقنى ئاڭلىغىلى قويماي...ئىشقىلىپ ھايۋانلارنىڭمۇ گەپ قىلىش ئەركىنلىكىنى بوغۇپتۇ ئاخىرى كېلىپ... ۋىيشىن سالونلىرىغا ئىسىل خەۋەردىن بىرسى بوپتۇ ماۋۇ.