matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 09:37:04

ناپالىئۇن ئۈچبۈلىڭى



تارىخىي شەخىس فىرانسىيە پادىشاھى ناپالىئۇن (1769~1821) بىر ھەربىي ئالىم ، سىياسىيون بولۇپلا قالماي ، ماتېماتىك ئىدى. ئۇ نىڭ ماتېماتىك دوستلىرىمۇ كۆپ ئىدى، ئۇ ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان بىر تېئورما «ناپالىئۇن ئۈچبۈلىڭى» دېگەن نام بىلەن ھازىرمۇ ماتېماتىكا دۇنياسىدا مەشھۈردۇر.



تېئورما: (ناپالىئۇن ئۇچبۇلىڭى) خالىغان بىر ئۈچبۈلۇڭنىڭ ئۇچتەرىپىنى تەرەپ ئۇزۇنلىقى قىلىپ ، سىرىتقا قارىتىپ ئۇچ دانە ئۇچبۈلۈڭ سىزساق ،ئۇلارنىڭ مەركەزلىرىنى تۇتاشتۇرۇشتىن ھاسىل بولغان ئۇچبۇلۇڭ مۇنتېزم ئۇچبۇلۇڭ (تەڭ تەرەپلىك) بولىدۇ(شەكىلدىكىدەك).

.
بۇ تېئورمىنىڭ يەكۇنى ئىنىق ، گارمۇنىك ھالىتى گۈزەل بولغاچقا ماتېماتىكىدىكى مەشھۈر كىلاسسىك ھۆكۇمگە ئايلانغان. ئەگەر ئەسلىدىكى ئۇچبۇلۇڭنىڭ تەرەپلىرىنى ئۇزۇنلۇق قىلىپ ئىچىگە قارىتىپ ئۇچ دانە ئۇچبۇلۇڭ ئۆتكۇزسەكمۇ ، ئۇلارنىڭ مەركەزلىرىنى تۇتاشتۇرغۇچى ئۇچبۇلۇڭمۇ مۇنتىزم ئۇچبۇلۇڭ بولىدۇ.

قىززىققۇچىلار بەيدو تورىدىن ناپالىئۇن ئۇچبۇلىڭى دېگەن تېرمىننى كىرگۇزسە نۇرغۇن قىزىقارلىق نەتىجىلەرنى كۆرەلەيدۇ.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 11:26:54

ئاڭلىمىغان گەپكەنغۇ بۇ

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 12:06:17

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-4-15 11:26 static/image/common/back.gif
ئاڭلىمىغان گەپكەنغۇ بۇ

ناپالىئۇن ماتېماتىكىدىكى شۆھرىتى بىلەن ئەينى چاغدىكى فرانسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ 145 نەپەر ئاكادېمىكىنىڭ بىرى بولۇپ سايلانغان ئىدى.يەنە تىخى 11 نەپەر ماتېماتىك بىلەن رىقابەتكە چۇشۇپ بۇ ئاكادىمىيەنىڭ ماتېماتىكا شۆبىسىنىڭ ئاكادىمىكى بولۇپ سايلانغان. ئۇ بۇ خىل ئىلىم جەھەتتە قازانغان شۆھرىتىدىن تولىمۇ رازى ئىدى. شۇڭا ئۇ نۇرغۇن تەستىق ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويغاندا دائىم : « پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمىكى، شەرىققە يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىنىڭ باش قۇماندانى : ناپائىئۇن» دەپ يىزىشنى ياخشى كۆرەتتى.

ئۇنىڭ قىززىقارلىق ئىشلىرى بەك تولا.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 12:19:52

ئەگەر ئۈچبۇلۇڭ ACF نىڭ شەكلى ئۆزگەرسە مەركىزى بولغان N نۇقتىنىڭمۇ ئورنى ئۆزگىرەيدىغاندۇ. ئۇنداقتا بۇ تەڭ تەرەپلىك ئۈچ بۇلۇڭنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ تەڭ تەرەپلىك بولماي قالمامدۇ؟

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 12:26:10

ماتىماتىكا ئەپەندى يېڭى تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.
بىلوگىڭىزنىڭ خەت نۇسخىسى ياخشى ئەمەسمۇ ياكى مىنىڭ توركۆرگۈچۈمدە مەسلە بارمۇ؟بولسا تەڭشەپ قويسىڭىز؟
ماتىماتىكا پېنى قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ؟ھازىرقى يېڭى دەرسلىك بىلەن كونا دەرسلىك ماتىماتىكا كىتابلىرىدا
قانداق يېڭىلىنىش بار؟
سىز ماتىماتىكىنىڭ يۈرىكىنى نېمە دەيسىز ؟دېمەكچى فورمۇلا ياكى باشقىلار؟ھازىر ماتىماتىكىنىڭ تەرەققىياتى
قايسى نوقتىدا كىتىپ بارىدۇ؟
ئەڭ داڭلىق ھايات بولغان ماتىماتىكا ئۇيغۇر ئالىملىرى كىملەر؟

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 12:31:37

kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى  2014-4-15 12:19 static/image/common/back.gif
ئەگەر ئۈچبۇلۇڭ ACF نىڭ شەكلى ئۆزگەرسە مەركىزى بولغان N ن ...

ئەسلىدىكى خالىغان ئۇچبۇلۇڭ قىزىل رەڭدىكىسى ، ئۇ قانداق جايلىشىشىدىن قەتئى نەزەر ، تەرەپلىرىنى يىېڭىدىن تەرەپ قىلغان مۇنتېزىم ئۇچبۇلۇڭلارنىڭ مەركىزىنى تۇتاشتۇرغۇچى يېڭى ئۇچبۇلۇڭ مۇنتېزىم بولىدۇ.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 12:41:47

خالىغان ئۈچ بۇلۇڭنىڭ تەرەپلېرىنى تەرەپ قىلىپ سىرتقا قارىتىپ ئۈچ دانە مۇنتىزىم ئۈچ بۇلۇڭ سىزساق بۇ مۇنتىزىم ئۈچ بۇلۇڭنىڭ مەركەزلېرىنى تۇتاشتۇرۇشتىن ھاسىل بولغان ئۈچ بۇلۇڭ مۇنتىزىم ئۈچ بۇلۇڭ بولىدۇ.مۇنداق گەپكەن ئەسلى... چۈشەندىم...رەھمەت...

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 12:43:21

ناپالېئون توغرىسىدا باشقا پاراڭلار   http://4bil.cn/sawat/?p=189

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 12:54:59

newyork يوللىغان ۋاقتى  2014-4-15 12:26 static/image/common/back.gif
ماتىماتىكا ئەپەندى يېڭى تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن. ...

ماتىماتىكا ئەپەندى يېڭى تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.
بىلوگىڭىزنىڭ خەت نۇسخىسى ياخشى ئەمەسمۇ ياكى مىنىڭ توركۆرگۈچۈمدە مەسلە بارمۇ؟بولسا تەڭشەپ قويسىڭىز؟
ماتىماتىكا پېنى قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ؟ھازىرقى يېڭى دەرسلىك بىلەن كونا دەرسلىك ماتىماتىكا كىتابلىرىدا
قانداق يېڭىلىنىش بار؟
سىز ماتىماتىكىنىڭ يۈرىكىنى نېمە دەيسىز ؟دېمەكچى فورمۇلا ياكى باشقىلار؟ھازىر ماتىماتىكىنىڭ تەرەققىياتى
قايسى نوقتىدا كىتىپ بارىدۇ؟
ئەڭ داڭلىق ھايات بولغان ماتىماتىكا ئۇيغۇر ئالىملىرى كىملەر؟
..............
بىلوگىمنىڭ خەت نۇسخىسى بۇزۇلۇپ كەتتى، يىقىندا يېڭى بلوگقا كۆچمەكچى ، شۇڭا ۋاقىت چىقىرىپ ئوڭشاپ بولالمىدىم.
ساپ ماتېماتىكىنىڭ ھازىر چوڭ تۇرلىرى 30غا يىقىن ، كىچىك تۇرلىرىنى سانىساق نەچچە يۇزگە يىتىدۇ ، مەسىلەن: توپولوگىيەنى دېسەك ، ئۇ يەنە 10~13 كىچە كىچىك تارماقلارغا بۆلىنىدۇ ، ئالايلۇق -نوقتىۋىي توپولوگىيە، ئالگىبىرالىق توپولوگىيە ، گېئومىتىرىك توپولوگىيە، مۇجمەل توپولوگىيە، ئۆزگەرمەس مىقدارلار توپولوگىيىسى.....دېگەندەك.قايچىلاشما پەنلەرنى ساناپ تۇگەتكىلى بولمايدۇ.
ھازىرقى ئوتتۇرا مەكتەپ يېڭى دەرسى بىلەن كونا دەرىسنىڭ پەرىقلىق نوقتىلىرى خىلى كۆپ ، ئۇنى مەن ئايرىم تېما قىلىپ كۆرسىتەي.
ھازىرقى زامان ماتېماتىكىسىنىڭ يۇرۇكى توپلام ، ھازىرقى بارلىق ماتېماتىكىلار توپلام تىلى بىلەن يىزىلغان.
ھازىرقى زامان ماتېماتىكىسىنىڭ ئاساسلىق تەرققىيات يۇزلىنىشى 3 تۇرلۇك :
1- ئۆز -ئۆزىدىن بۆلۇنۇپ يېڭى تارماقلارنىڭ بارلىققا كىلىشى.
2- باشقا پەنلەر بىلەن قايچىلىشىپ يېڭى قىرغاق پەنلەرنىڭ بارلىققا كىلىشى؛ مەسىلەن ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقى ، ئۆلچەم جۇغراپىيىسى...قاتارلىق.
3-قوللىنىش دائىرسىنىڭ چۇڭقۇرلىشىشى ۋە كەڭىيىشى. ھازىرقى زامان ماتېماتىكىسى ئىلگىرى كىشىلەر ئويلاپمۇ باقمىغان نۇرغۇن ئىجتىمائى -ئىقتىسادى پەن دائىرسىدىمۇ كەڭ قوللىنىۋاتىدۇ.شۇڭا ھازىر خاس تەبىئى پەنچى بولۇش ياكى خاس ئىجتىمائى پەنچى بولۇش بەك تەسلىشىپ كەتتى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئۇيغۇر ماتېماتىكلار ئاساسەن دوكتۇرلۇق سالاھىتى بىلەن ئالىي مەكتەپلەرگە مەركەزلەشكەن ، مەسىلەن غىنى غوپۇر ، تۇرغۇنجان ئابدۇكىرىم ، بىلال ئىلياس، ئابدىرشىت .... قاتارلىقلار . چەتئەللەردىمۇ مىنىڭ بىلىدىغىنىم 10 چە ئەتراپىدا بار ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق خاس تەتقىقات يۆنىلىشى ۋە ئۇتۇقلىرى بار.

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 13:04:33

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   matimatika تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-15 13:06  

ماتېماتىكىنىڭ تۇرلىرى ھەققىدە بۇ ئۇلىنىشتىن پايدىلىنىپ بىقىڭلار:
http://www.tjcsxy.cn/xbsz/jichu/Culture/Branch/sxfz_files/sxfz2.htm

.

http://hi.baidu.com/dugushengzhan/item/ebc70a06a0fa4bf2a110347b

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 13:10:29

ئۇيغۇر ماتېماتىكلىرى (1-توپلام)

http://bbs.misranim.com/thread-45290-1-1.html

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 13:46:32

ما تېما قىسقا بولغىنى بىلەن ياغدەك ياقتى. مۇشۇ ماتېماتىكىدا ئاساسى بار ئەدەمنىڭ پارىڭىنى ئاڭلىسىمۇ باشقىچە ھە باللا.
راست يەنە بىر گەپ، ئۇزۇن بولدى تېپىشماق يوللىمىغىلى، يوللاپ قويمامسىلە.

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 13:58:17

rock يوللىغان ۋاقتى  2014-4-15 13:46 static/image/common/back.gif
ما تېما قىسقا بولغىنى بىلەن ياغدەك ياقتى. مۇشۇ ماتېمات ...

تېپىشماق:دۇنيادىكى بىرىنچى تېپىشماقنى كىم كىمدىن سورىغان؟:lol :lol :lol

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 14:15:55

:lol

najlida يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 14:19:35

قىزىقارلىق مەسىلە ئىكەن.
سوئال:
تېئورما: (ناپالىئۇن ئۇچبۇلىڭى) خالىغان بىر ئۈچبۈلۇڭنىڭ ئۇچتەرىپىنى تەرەپ ئۇزۇنلىقى قىلىپ ، سىرىتقا قارىتىپ (1) ئۇچ دانە ئۇچبۈلۈڭ سىزساق ، (2) ئۇلارنىڭ مەركەزلىرىنى تۇتاشتۇرۇشتىن ھاسىل بولغان ئۇچبۇلۇڭ مۇنتېزم ئۇچبۇلۇڭ (تەڭ تەرەپلىك) بولىدۇ(شەكىلدىكىدەك).

(1) «...ئۈچ دانە ئۈچبۇلۇڭ سىزساق...» -- بۇ ئۈچ دانە ئۈچبۇلۇڭ مۇنتىزىم ئۈچبۇلۇڭمۇ ياكى خالىغانچە ئۈچبۇلۇڭمۇ؟
(2) «... ئۇلارنىڭ مەركەزلىرىنى ...» -- بۇ مەركەز ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىمۇ (مىدىئانىلىرىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسى) ياكى ئىچكى مەركىزىمۇ (ئۈچبۇلۇڭغا ئىچتىن ئۇرۇنغان چەمبەر مەركىزى) ۋە ياكى سىرتقى مەركىزىمۇ (سىرتتىن ئۇرۇنغان چەمبەر مەركىزى)؟ خالىغان بىر مەركەز ئۈچۈنمۇ ئورۇنلۇقمۇ؟


matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 14:20:34

dawanqi يوللىغان ۋاقتى  2014-4-15 13:58 static/image/common/back.gif
تېپىشماق:دۇنيادىكى بىرىنچى تېپىشماقنى كىم كىمدىن سور ...

دۇنيادىكى تۇنجى تېپىشماقنى گىرىتسىيە پەيلاسوپى تېلىس (مىلادىدىن بۇرۇنقى 585 يىلى ئەتراپىدا ياشىغان) ئوقوغۇچىلىرىدىن  سورىغان : ئەتتىگەندە تۆت پۇتلۇق ، چۇشتە ئىككى پۇتلۇق ، كەچتە ئۇچ پۇتلۇق ...ئۇ نېمە؟

توغرىغۇ دەيمەن!

zapar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 14:22:11

بىر ئ‍ادەم يەنە بىر ئ‍ادەمدىن سورىغان

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 14:30:01

najlida يوللىغان ۋاقتى  2014-4-15 14:19 static/image/common/back.gif
قىزىقارلىق مەسىلە ئىكەن.
سوئال:
تېئورما: (ناپالىئۇن ئۇچ ...

خاتالىقنى تۇزەتكىنىڭىزگە رەھمەت :
1- ئۇچ تەرەپنى تەرەپ ئۇزۇنلىقى قىلىپ سىزىلغان ئۇچبۇلۇڭ چوقۇم مۇنتىزم ئۇچبۇلۇڭ بولىشى كىرەك ، ئاشۇ يەردە بىر «مۇنتىزم » دېگەن سۆز چۇشۇپ قاپتۇ.
2-ئادەتتە ئۇچبۇلۇڭنىڭ مەركىزى دېيىلگەندە «ئىغىرلىق مەركىزى»  كۆزدە تۇتۇلىدۇ.لىكىن بۇ يەردە تولۇق ئەسكەرتسەك تىخىمۇ ياخشى بولغۇدەك.
بولمىسا سىز دېگەندەك «تاشقى مەركەز» ياكى« ئىچكى مەركەز»دەپ ئويلاپ قالىدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدىكەن.

nur000 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 15:12:49

ماۋۇ تىمىدىن يىڭى بىر بىلىم ئىگەللىۋالدىم

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 15:15:54

بۇنىڭ ئىسپاتىنى نەدىن تاپقىلى بولار؟\
مەن بۇ تىئورمىنىڭ ئىسپاتىغا قىزىقىپ قالدىم.
بەت: [1] 2 3 4
: ناپالىئۇن ئۈچبۈلىڭى