uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 19:00:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghurjan0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-4 19:01

بۇ جاھاندا نۇرغۇن بۇلۇڭلار بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن كىشىلەر تاپالمايۋاتقان بىر بۇلۇڭ بار ، ئۇ بولسىمۇ ئادەم بۇلۇڭ-ئادەم بۇلۇڭ .:victory:

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 19:04:31

dillani يوللىغان ۋاقتى2014-5-4 11:42 static/image/common/back.gif
بۇ ئۆمرۈڭدە بىرقېتىم بولسۇمۇ ناپالئوندەك ئىسپاتلاپ ي ...

...
سىز مىنىڭ بىرىنچى ئىنكاسىمدا نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىمنى چۈشەندىڭىزمۇ؟
يازغۇچى يازغاندا خالىغان بىر ئۈچبۈلۇڭنىڭ ئۇچتەرىپىنى تەرەپ ئۇزۇنلىقى قىلىپ ، سىرىتقا قارىتىپ ئۇچ دانە ئۇچبۈلۈڭ سىزساق ،ئۇلارنىڭ مەركەزلىرىنى تۇتاشتۇرۇشتىن ھاسىل بولغان ئۇچبۇلۇڭ مۇنتېزم ئۇچبۇلۇڭ (تەڭ تەرەپلىك) بولىدۇ(شەكىلدىكىدەك) دەپتۇ. سىرتقا قارىتىپ سىزغان ئۈچبۇلۇڭنى مۇنتىزىم ئۈچ بۇلۇڭ دىمەپتۇ. مۇنتىزىم ئۈچ بۇلۇڭ بولمىغانىكەن بۇ ئۈچ بۇلۇڭنىڭ شەكلى ھەر خىل بولۇشى مۇمكىن. ئۈچ بۇلۇڭACF تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچ بۇلۇڭ بولۇشىمۇ مۇمكىن، تەڭ تەرەپلىك ئۈچ بۇلۇڭ بولۇشىمۇ مۇمكىن. تەڭ يانلىق ئۈچبۇلۇڭ بولۇشىمۇ مۇمكىن.  ئۈچبۇلۇڭنىڭ شەكلى ئوخشىمىسا مەركىزىمۇ ئوخشىمايدۇ. مەن شۇنى دىمەكچى . تېما ئىگىسى ئارقىدىن بۇ ئۈچ بۇلۇڭنىڭ ھەر بىر تەرىپىنى تەرەپ ئۇزۇنلۇقى قىلغان سىرتتىن تىگىشكەن ئۈچ دانە مۇنتىزىم ئۈچ بۇلۇڭ دەپ ئۆزگەرتتى. سىز يەنە كېيىنكى مۇنتىزىم ئۈچ بۇلۇڭنىڭ گىپىنى قىلىۋاتىسىز. 
ئىسپاتلىغۇدەك ئىش يوق…ياكى سىز ئىنكاسىمنى پەقەتلا چۈشەنمىدىڭىز ياكى بىلىپ تۇرۇپ يەنىلا ئۆز گىپىڭىزنى يورغىلىتىۋاتىسىز…

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 19:43:54

ۋايۋۇي نىمانداق باش ئاغرىغى بۇ .مىنى دېگىنىڭنى ئىسپاتلا دەيسەن . قەدىرلىك قېرىندىشىم مىنىڭ ئىسپاتتىمدائەسلىئۈچبۇلۇڭنىڭ چوققىلىرىنى ھەركەتلىك يەنى چوققىلارنىڭ ئورنى مەلۇم تەكشىلىكتە چەكسىز ئۆزگىرىدىغان قىلىپلاھىيىلەپ قىلىدىغان گەپ ،ئۇنداق ھەرىكەتلىك شەكىلنى ئىنكاس قىلىپ يوللىغىلى بولمىدى .مەن دېمەكچى سىە ن ماتېماتىكى مەندىن ئوبدان بىلسەڭيازمىچە ئىسپاتىنى يوللا ھەممىز بىلىۋالايلى دېدېم .ئامان بولغايسەن .

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 19:49:23

kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى2014-5-4 18:50 static/image/common/back.gif
رەسمى ھاراملىقكەن ماۋۇ…مەن ناپالىئوننىڭ ئاۋۇ تەڭلىم ...

كىشنى تىلساڭ ئۆزۈڭگە يانىدۇ قېرىندىشىم .مىنى تىلىغۇچە شۇ تۇغرادېگىنىڭنىڭ يەنى :ئىنكاسىڭنىڭ ئەمەسبەلكى ھېلىقى توغرا بولغان ناپالىئون ئۈچ بۇلۇڭى نىڭ ،يازمىچە ئىسپاتىنى يولغىن دېدېم بىزمۇ بىلىۋالايلى .ئامان بولغىن .

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 20:25:55

Bilig يوللىغان ۋاقتى2014-4-28 18:31 static/image/common/back.gif
مەنمۇ تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا مۇنتىزىم ن-ت ...

ئاۋال ئېگىزلىكى ئۇزۇنلۇقىنىڭ يېرىمىگە تەڭ بولىدىغان تىك تۆت بۇلۇڭ سىزىمىز، ئاندى قىسقا تارىپىنى، يەنە شۇنچىلىك ئۇزارتىپ، ئۇنى بىر دىئاگونالى بىلەن تۇتاشتۇرساق بىر مۇنتىزىم ئۈچ بۇۇڭ ھاسىل بولىدۇ.

بۇ گېپىڭىزنى چۈشەنگىلى بولمىدىغۇ؟ قىسقا تەرىپىنى قاياققا ئۇزارتىمىز؟ قايسى دىئاگونالى بىلەن تۇتاشتۇرىمىز؟ بولسا رەسىمىنى يوللاپ، نۇقتىلارنىڭ ئىسمى بويىچە بايان قىلىڭە.

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 20:39:28

قىلىشىۋاتقان گەپلەرغۇ ئۇيغۇرچىكەن بولمىسا، لېكىن kuyaxoghli بىلەن dillani بىر-بىرىڭلارنىڭ گېپىنى ئۇقۇشالماي قاپسىلەر. kuyaxoghli، دېگىنىڭىز توغرا، سىرتتىن قوشۇلۇپ سىزىلغان 3 دانە ئۈچبۇلۇڭ ناۋادا مۇنتىزىم (ياكى تەڭ تەرەپلىك) ئۈچبۇلۇڭ بولمىغاندا، ئۇ نەتىجە چىقمايدۇ.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 22:02:17

Aziz يوللىغان ۋاقتى2014-5-4 20:39 static/image/common/back.gif
قىلىشىۋاتقان گەپلەرغۇ ئۇيغۇرچىكەن بولمىسا، لېكىن kuyaxog ...

ۋاي شۇ گەپنى قىۋاتىمەنغۇ بۇرادەر بىرىنچى ئۈچىنچى ئىنكاسىمدا ئۇچۇق يازدىم سىز دىگەندەكلا…مۇنتىزىم دىمىگەن شەرت ئاستىدا شۇنداق نەتىجە چىقمايدۇ دىسەم شۇ ئىنكاسىمنى نەقىل قىلىپ ئۇنداق بولمايدۇ ئىشەنمىسىڭىز پالانچى يۇمشاق دىتال بىلەن ئىسپاتلاپ كۆرۈڭ دەپتۇ…ئىنكاسىمنى چۈشەندىڭىزمۇ دىسەم يەنە شۇ پالانى يۇمشاق دىتال …يا بىر ئىنكاسىمنى ئىنكار قىلغانغا چۈشەندىم يا چۈشەنمىدىم دىمىدى… خۇددى ماۋۇ دىئالوگدەك :
_ سىز ئۇيغۇرمۇ؟
_ ياق مەن مىنكاۋخەن
_ شۇ مىنكاۋخەن ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدىم ئۇيغۇرمۇ قازاقمۇ؟
-مەن مىنكاۋخەن ……

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 23:47:47

Aziz يوللىغان ۋاقتى2014-5-4 20:25 static/image/common/back.gif
بۇ گېپىڭىزنى چۈشەنگىلى بولمىدىغۇ؟ قىسقا تەرىپىنى قا ...

گېپىم خاتا بولۇپ قاپتۇ، قىسقا تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلىقى دىئاگونالىنىڭ يېرىمىغا تەڭ بولغان تىك تۆت بۇلۇڭ سىزىپ، قىسقا تەرىپىنى يەنە شۇنچىلىك ئۇزارتىپ دىئاگونال بىلەن تۇتاشتۇرىمىز. چۈنكى، بۇنداق بولغاندا دىئاگونال بىلەن قىسقا تەرەپتىن ھاسىل بولغان بۇلۇڭ 60 گىرادۇس بولىدۇ. قىسقا تەرەپنى يەنە شۇنچىلىڭ ئۇزارتساق، دىئاگونال بىلەن تەڭ بولىدۇ. شۇڭا بىر بۇلۇڭى 60 گرادۇس ۋە ئىككى تەرىپى تەڭ بولغاندىكىن مۇنتىزىم ئۈچ بۇلۇڭ بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا شۇ كېسىكنىڭ ئىككى ئۇچىنى مەركەز قىلغان، رادىئوسى كېسىكنىڭ يېرىمىغا تەك بولغان ئىككى چەمبەر سىزىمىز، ئۈچىنچى چەمبەرنى ئۇلاربىلەن ئۇرۇنۇپ تۇرىدىغان قىلىپ سىزساقلا بۇ ئۈچ چەمبەرنىڭ مەركەزلىرىنى تۇتاشتۇرغان كېسكلەردىن بىر مۇنتىزىم ئۈچبۇلۇڭ ھاسىل بولىدۇ..

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-5 13:05:42

Bilig يوللىغان ۋاقتى2014-5-4 23:47 static/image/common/back.gif
گېپىم خاتا بولۇپ قاپتۇ، قىسقا تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلىقى دى ...

گېپىم خاتا بولۇپ قاپتۇ، قىسقا تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلىقى دىئاگونالىنىڭ يېرىمىغا تەڭ بولغان تىك تۆت بۇلۇڭ سىزىپ

مۇشۇ تىك تۆت بۇلۇڭنى سىركۇل ۋە سىزغۇچنىڭ ياردىمىدە قانداق سىزىمىز؟ گېپىڭىز ئېنىقسىز بولۇپ قاپتۇ.

يەنە بىر گەپ، بېرىلگەن كېسىكنى تەرەپ ئۇزۇنلۇقى قىلغان مۇنتىزىم ئۈچبۇلۇڭ سىزىش ئۈچۈن 3 چەمبەر كەتمەيدۇ. بۇ ئۇسۇلدا ھەم 3-چەمبەرنى سىزىش تېخىمۇ مۇرەككەپ. ئۇنىڭدىن كۆرە شۇ كېسىكنى رادىيۇس قىلىپ، ئىككى ئۇچنىڭ ھەر بىرىنى مەركەز قىلىپ، 2 ياي سىزىلسا، بۇ 2 ياينىڭ كېسىشكەن نۇقتىسى بۇ مۇنتىزىم ئۈچبۇلۇڭنىڭ 3-چوققىسى بولىدۇ. ماۋۇ ئەڭ ئاددى ئۇسۇل.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-5-5 18:01:13

Aziz يوللىغان ۋاقتى2014-5-5 13:05 static/image/common/back.gif
مۇشۇ تىك تۆت بۇلۇڭنى سىركۇل ۋە سىزغۇچنىڭ ياردىمىدە ق ...

1. ئاۋال سىركول بىلەن بىر چەمبەر سىزىۋالىمىز؛
2. ئاندىن ئۇ چەمبەرنىڭ يۈزىدىكى خالىغان نوقتىنى مەركەز قىلىپ ئوخشاش رادىئوسلۇق چەمبەر سىزىمىز؛
3. بۇ چاغدا ئىككى چەمبەر نىڭ كىسىشىش نوقتىسى ۋە بىرىنچى چەمبەرنىڭ دىئامېتىرىدىن بىر تىك بولۇڭلۇڭ ئۈچ بۇلۇڭ ھاسىل بولىدۇ؛
4. بۇ تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچ بۇلۇڭدىن بىر تىك تۆت بۇلۇڭ ھاسىل قىلىمىز؛
5.بۇ تىك تۆت بۇلۇڭنىڭ بىر قىسقا تەرىپىنى ئىككى ھەسسە ئۇزارتىپ، دىئاگونالىنىڭ بىر ئۇچى بىلەن تۇتاشتۇرساق، رەسىمدە كۆرسۈتۈلگەندەك،بىر مۇنتىزىم ئۈچ بۇلۇڭ ھاسىل بولىدۇ.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-5-5 18:06:43

ئەسكەرتىش: رەسىمدىكى o1 o2 كىسىك چەمبەر رادىئوسى R غا تەڭ بولۇپ، رەسىمدە o1=o2 بولۇپ قاپتۇ.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-5-5 18:24:04

Bilig يوللىغان ۋاقتى2014-5-5 18:06 static/image/common/back.gif
ئەسكەرتىش: رەسىمدىكى o1 o2 كىسىك چەمبەر رادىئوسى R غا تەڭ...

ئىككى چەمبەرنىڭ مەركىزى بىلەن ئىككى چەمبەرنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىنى بۇلۇڭ قىلغان ئىككى دانە ئۈچ بۇلۇڭمۇ تەڭ تەرەپلىك ئۈچ بولۇڭ بولىدىكەن ئەمىسە.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-5-5 18:34:26

kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى2014-5-5 18:24 static/image/common/back.gif
ئىككى چەمبەرنىڭ مەركىزى بىلەن ئىككى چەمبەرنىڭ كېسىشى ...

ئىككى چەمبەرنىڭ مەركەزلىرى بىلەن بىر تال كېسىشىش نوقتىسىدىنمۇ بىر كىچىك مۇنتىزىم ئۈچ بۇلۇڭ ھاسىل بولىدۇ.
ئەزىز ئەپەندىم ئالدىنقى ئېنكاسىمغا قارىتا سىركول بىلەن سىزغۇچتىن پايدىلىنىپلا سىزىپ بېقىڭ دەپتىكەن زورلاپ دىگۈدەك ھەپلىشىپ سىركول ۋە سىزغۇچتىن پايدىلىنىپلا چوڭراق بىر مۇنتىزىم ئۈچ بۇلۇڭ سىزىشنى كۆرسۈتۈپ قويدۇم.;P

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 11:04:42

Bilig يوللىغان ۋاقتى2014-5-5 18:01 static/image/common/back.gif
1. ئاۋال سىركول بىلەن بىر چەمبەر سىزىۋالىمىز؛
2. ئاندىن ...

ئىنكاسىڭىزدىن سۆيۇندۇم، راستىنلا بەك ئەستايىدىلكەنسىز.

0903Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 16:57:38

:D:D:D
بەت: 1 2 3 [4]
: ناپالىئۇن ئۈچبۈلىڭى