wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 07:21:46

كىتاب مودىغا ئايلانسۇن

    دوستىمىزنىڭ ئايالى يەڭگىگەن ئىدى، يوقلايلى دەپ ئالتە پارچە كىتاب ئالدۇق. مېۋە-چېۋە ئالساقمۇ، بوۋاققا كىيىم-كېچەك ئالساقمۇ بولاتتى، لېكىن يەنىلا كىتاب ئالدۇق، ئاتا-ئانا دېگەن بىز قىلمىساقمۇ بالىسىغا دۇنيادىكى ئەڭ ياخشىسىنى كىيگۈزۈپ يىگۈزىدۇ. كىتاب-ئۇ بىلىم كانى، بىر كىتاب بىر ئالەمدۇركى كىتاب ئوقۇش تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئىشتۇر، داھىيلارمۇ ئوقۇڭلار ئۆگىنىڭلار دەپ ئېيتقان. ئۈمىدىمىز شۇكى كىتاب ئوقۇش، كىتاب سۆيۈش، كىتاب سوۋغا قىلىش شۇنداق بىر ئادەتكە ئايلانغان، ھەممىمىزنىڭ تەشەببۇسى ۋە سوۋغا قىلىشمىز بىلەن يۇرت يۇرتلاردا شۇنداق بىر مەنزىرە شەكىللەنسۇنكى توي تۆكۈندە ئانىلار داستىخانلاردا تۇز، قەنت، ناۋات ئورنىغا كىتاب سېلىپ قويىدىغان، قىز يىگىتلەر توي مۇراسىملىرىدا ئىسراپ ۋە قەدىرسىز قىلىپ، دوپپا ياغلىق ئورنىغا كىتاب تارقىتىدىغان،خانىم-قىزلار چايلاردا دوستلىرىغا خىرۇستال، قاچا-قۇچا سوۋغا قىلغاننىڭ ئورنىغا كىتاب سوۋغا قىلىدىغان، كېسەلنى مىۋە، پۇل بىلەن ئەمەس، بىلىم-كىتاب بىلەن يوقلايدىغان، باللىرىمىزنىڭ سۈننەتلىرىدا مېھمانلارغا لۆڭگە ئورنىغا كىتاب ژورنال سوۋغا قىلىدىغان...
    مەن كىتاب ساتقۇچى ئەمەس، لېكىن بىز قىزغىن ئۇيغۇر ئوقۇرمىنى، بۇ بىر تەكلىپ، زورلاش يوق، خالىسىڭىز قوللاپ قۇۋەتلەپ بۇ ئىشنىڭ بىر ئادەتكە ئايلىنىشىغا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇڭ. بۇ تېمىنى ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلى ھەركەتلىرىنى تېما قىلىپ قىزغىنلىق بىلەن تارقىتىڭ. بىلمىگەنلەر بىلسۇن، كۆرمىگەنلەر كۆرسۇن. پايدىسى ئۆزىمىزگىدۇر!
    نىسىپ بولسا پات ئارىدا شەھرى بۆرتالادا پىقىرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بۇ خىلدىكى توي، چاي، كېسەل يوقلاش پائالىيەتلىرى تېخىمۇ كۆپ بارلىققا كەلگۈسى...
   ئۈمىدىم شۇكى، كىتاب ئوقۇش، كىتاب سوۋغا قىلىش، كىتابنى قەدىرلىۋېلىش مودىغا ئايلانسۇن!

    يازغۇچى: wapadarim912
    شەھرى بۆرتالا
    20014-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى

tas يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 08:36:08

ئۇقۇغۇدەك ئۇيغۇرچە كىتاپ ئاز.

IKSAK يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 08:37:11

قايسى كىتابلارنى سوغا قىلدىڭلار؟ ئۆزۈم كىتاب ئوقۇشقا ھېرىس بولغاچقا باشقىلارنىڭ قانداق كىتابلارنى ئوقۇيدىغانلىقىغا بەك قىزىقىمەن.

pansat يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 09:13:59

tas يوللىغان ۋاقتى  2014-4-11 08:36 static/image/common/back.gif
ئۇقۇغۇدەك ئۇيغۇرچە كىتاپ ئاز.

بەلكىم سىزنىڭ گىپىڭىزگە قارشى چىقىدىغانلار باردۇر.
لىكىن مەنمۇ شۇنداق قارايمەن.

كىتابخانىدا ئوقۇغۇدەك ، پايدىلانغۇدەك ئۇيغۇرچە كىتاب ئاز،
بار دېيىلسا تىبابەتكە ئائىت بەزى كىتابلار.

ئامال يوق ئىنگىلىزچە، خەنزۇچە كىتابنى جىق ئوقۇپ كىتىپ بارىمەن

IKSAK يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 09:25:18

pansat يوللىغان ۋاقتى  2014-4-11 09:13 static/image/common/back.gif
بەلكىم سىزنىڭ گىپىڭىزگە قارشى چىقىدىغانلار باردۇر.
ل ...

پۇلنىڭ كۆزىگە قارىمىسا،ئوبدان كىتابلار كونا كىتاب ساتىدىغان كىتاپ دۇكانلىرىدا بار.
شىنخوا كىتابخانىسى دىگەن يەرگە بارمىسىمۇ بولىدۇ مىنىڭچە.
بىر ئاغىنەم خوتۇنىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە (بۇ كۇننى خاتىرلىمىسەڭمۇ بولىتى دىسەم، ‹بوپتۇ ئاداش، خوتۇننىڭ كۆڭلى › دەپ ئۇنىمىدى)  بىر كىتاب سوغا قىلدى. باھاسى خېلى ئۆرە.

najlida يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 09:46:21

بۇ تېمام باغداشدا كۆمۈلۈپ قالغان، شۇڭا، بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ قويدۇم.

خەلقىمىز ئارىسىدا كىتاب ئوقۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش تەسەۋۋۇرى


مۇندەرىجە

1. تېمىغا كىرىش

2. خەلقىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى كىتاب ئوقۇش ئەھۋالىغا نەزەر

3. نىشان

4. نىشانغا يېتىشتە كۆز تىكىدىغان نۇقتا

5. خەلقنى نىشانغا يېتەكلەش ئۇسۇللىرى

6. نىشانغا يېتەكلەيدىغان فۇنكسىيەلىك سېستىما

7. تېمىنى يورۇتۇش سوئال-جاۋابلىرى

8. سۆز ئاخىرى




1. تېمىغا كىرىش

خەلقىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى مەدەنىيەت ساپاسى تۆۋەن، ھەممىمىز بۇ ھالەتنىڭ تىزراق ياخشىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىمىز، ئەلۋەتتە. ئەمما ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتمۈسەك، ئارزۇيىمىز ئارزۇ پېتىچە قىلىۋېرىدۇ.  ئارزۇيىمىزغا يېتىشتە، مائارىپقا تايىنىشتىن باشقا قىلالايدىغىنىمىزدىن يەنە بىرسى خەلقىمىز ئارىسىدا كىتاب ئوقۇشنى ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. ئەگەر كىتاب ئوقۇشنى ئومۇمىي خەلق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرىلىساق، بۇ ھەرىكەت خەلقنىڭ ئومۇمىي ساپاسىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەندىن سىرت، مائارىپقىمۇ ۋاستىلىق زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئېنىق. ئۇنداقتا، بۇ زور ھەرىكەتنى قانداق ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك؟  دېگەن مەسىلە ئۈستىدە تەسەۋۋۇرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمىز.

2. خەلقىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى كىتاب ئوقۇش ئەھۋالىغا نەزەر

ئۆزىمىز سېتىۋالغان ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ بېسىلىش سانىغا قارىغىنىمىزدا، ئادەتتە، 3000~10000 تراژدا ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى نوپوسىنى 10 مىليون دەيلى، بۇ سانلاردىن كىتابلارچىلار كۆپ بولغاندا %0.1 ئۇيغۇر ئوقۇرمەن (1000 ئادەمنىڭ ئىچىدە 1 ئادەم كىتاب ئوقۇيدۇ) نى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ سان ھەرقانداق بازار تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئىشەنچلىك بولۇپ، مەخسىدىمىز ئۈچۈن يېتەرلىك ئاساس بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.

3. نىشان

2024- يىلىغىچە بولغان 10 يىل ئىچىدە يۇقارقى %0.1 لىك نىسبەتنى 5~10 ھەسسە، يەنى %0.5~%1 گە يەتكۈزۈش. (يەنى، كىتابلارنىڭ تراژىنى ھازىرقى3000~10000 دىن 15000~50000 بىلەن 30000~100000 ئارىسىغا يەتكۈزۈش.

4. نىشانغا يېتىشتە كۆز تىكىدىغان نۇقتا

خەلقىمىز كىتاب ئوقۇشقا خۇشسىز، ئىقتىسادىي ئاجىز، ئومۇمىي خەلق ساپاسى تۆۋەن، ئۇنىڭغا قارشى ھالدا نىشان خىلى بەكلا يۇقىرى بولۇپ، نىشاندىكى نىسبەت دۇنيادىكى ئوتتۇرا ھال كۈچلۈك مىللەتلەرنىڭ تىلىدىكى كىتابلارنىڭ تىراژىنىڭ نىسبىتىگە يېقىن. شۇڭا، بۇ نىشاننى خەلقىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىغا دەخلى يەتكۈزمىگەن ئاساستا ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز ۋە كىتاب سېتىۋىلىشنى مىللىي ئۆرىپ- ئادىتىمىز ئىچىگە سىڭدۈرۈش ئارقىلىق كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرشكە يېتەكلەش كېرەك.

(1) توي- تۆكۈن، نەزىر- چىراقلاردا مېھمانلارغا «ئاش تارتىش» تىن ئىبارەت مىللىي ئۆرىپ- ئادىتىمىزنى «كىتاب تارتىش» قا ئۆزگەرتىش.

[تەھلىل1] نوپۇسىمىزنى 10 مىليون، ئوتتۇرىچە يېشىمىزنى 70 ياش ھەمدە ھەر قايسى ياشلىقلار ئومۇمىي نوپۇسقا تەكشى تارقالغان دەپ قارىغاندا، ھەر قايسى ياشلىقلار تەخمىنەن 143 مىڭ بولىدۇ. بۇ، دىيارىمىزدا ھەر يىلى 143 مىڭ كىشىنىڭ توي قىلىش يېشىغا توشىدىغانلىقىنى،72 مىڭ (143 مىڭنىڭ يېرىمى) ئوغلىمىزنىڭ 7 ياشقا كېرىپ سۈننەت توي (ياكى ھەقىقىسىنى) قىلىدىغانلىقىنى، 143 مىڭ ئادەمنىڭ  ۋاپات بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەزىرىسىنى ياكى ئازنا ئاخشىمىنى قىلىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۇرىدۇ. دېمەك، يۇقارقى سانلارنىڭ يىغىندىسىدىن دىيارىمىزدا يىلىغا تەخمىنەن 360 مىڭ ئۇيغۇر (كۈنىگە 1 مىڭ ئادەم) توي- تۆكۈن ياكى نەزىر- چىراق (قىسقىچە مەرىكە دەپ ئاتايمىز) قىلىدۇ. ھەر بىر مەرىكەگە 200 دىن مېھمان تەكلىپ قىلسا ھەمدە ھەر بىر مېھمان ئۈچۈن 20 يۈەن سەرپ قىلسا، ئۇ ھالدا ھەر بىر مەرىكە ئۈچۈن 4000 يۈەندىن جەمئىي يىلىغا 1 440 000 000 (1 مىليارت 440 مىليون) يۈەن پۇل مەرىكە ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدۇ. (كۈنىگە تەخمىنەن 4 مىليون يۈەن).

(2) سوۋغاتلىق ئىجتىمائىي ئالاقىلىرىمىزدىكى بىر قىسىم سوۋغاتلارنى كىتاب سوغىتىغا ئايلاندۇرۇش.

[تەھلىل2] سوۋغاتلىق ئىجتىمائىي ئالاقىمىزدىكى ساۋغاتنى مۇنداق ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ، بىرى ئالاھىدە سوۋغات (50 يۈەننىڭ يۇقىرىسىدىكى پۇل ياكى ماددىي بۇيۇملۇق سوۋغات)؛ يەنە بىرى ئادەتتىكى سوۋغات (50 يۈەن قىممىتىدىن تۆۋەن بولغان پۇل ياكى ماددىي بۇيۇم سوۋغىتى). بىزدە، «بار تاۋىقىم، يان تاۋىقىم، يانمىساڭ سۇن تاۋىقىم» دەيدىغان گەپ بار، قىسقىسى، سوۋغاتلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىسادىي تۇرمۇشىمىزغا مەلۇم ۋاقىت بۆلىكىدە تەسىر كۆرسەتكەن بىلەن ئومۇمەن كىشىنىڭ كىشىدە قالمايدۇ. مەخسەتكە كەلسەك، ئالاھىدە سوۋغاتلار ئالاھىدە ئىھتىياجىمىز ئۈچۈن ئىستىمال قىلىنىدۇ، ئادەتتىكى سوۋغاتلار (رەخت، گۈل، قەنت- گېزەك ۋە باشقا يېمەكلىكلەر) بولسا، ئالاھىدە بولمىغان ئىھتىياجىمىز ئۈچۈن ئىستىمال قىلىنىدۇ. شۇڭا، ئادەتتىكى سوۋغاتلارنى كىتاب سوغىتىغا ئايلاندۇرغاندا، تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

ھەر بىر ئائىلە سوۋغاتلىق ئىجتىمائىي ئالاقىگە ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %20 تىنى سەرپ قىلىدۇ  دەپ پەرەز قىلساق ھەمدە ھەر بىر ئائىلىدە 5 نوپۇس بار  دېيىلگىنىدە، ھەر بىر نوپۇسقا %4 دىن توغرا كېلىدۇ، ھەر بىر نوپۇسنىڭ كۈندىلىك كىرىمى 20 يۈەن  دېيىلگىنىدە، ھەر بىر نوپۇس كۈنىگە 0.8 يۈەنلىك سوۋغاتلىق ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىدۇ، 10 مىليون ئادەم كۈنىگە 8 مىليون يۈەن سوۋغاتلىق ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىدۇ.

ھەر بىر ئائىلىنىڭ سوۋغاتلىق ئىجتىمائىي ئالاقىسىدىكى ئادەتتىكى سوۋغىتى ئومۇمىي سوۋغىتىنىڭ %25 تىنى ئىگەللەيدۇ دېسەك، يۇقارقى ھېساب بويىچە 10 مىليون ئادەم كۈنىگە 2 مىليون يۈەن ئادەتتىكى سوۋغات بېرىدۇ (ياكى قوبۇل قىلىدۇ). ئەلۋەتتە، بۇنىمۇ كىتابقا سەرپ قىلىشقا بولىدۇ. (ئەسكەرتىش: يۇقارقى سانلىق قىممەتلەرنى تار دائىرىلىك گۈزۈتۈش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويدۇم، ماتېرىيال ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ).

ئەمدى ھېسابلاپ كۆرەيلى، (1) دىكى 4 مىلىيون، (2) دىكى 2 مىلىيون، جەمئىي كۈنىگە 6 مىلىيون، يىلىغا 2 مىلىيارت 190 مىلىيون يۈەن پۇل يەپ ئېچىشكە خەجلىنىۋاتىدۇ.

بۇ توقچىلىق كۈنلەردە بۇنچىۋالا ئىقتىسادنى يەپ ئىچىشكىلا سەرپ قىلىش كىيىنكى ئەۋلاتلار ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ئاقلىغۇسىز مەسئۇلىيەتسىزلىك! شۇڭا، بۇ ئىقتىسادنى خەلقىمىزنىڭ ئەڭ ئاچ بولىۋاتقان مەنىۋىيىتىگە سەرپ قىلىش زۆرۈر.

[تەھلىل خۇلاسىسى] 10 مىليون نوپۇسنىڭ ھەر 5 ئى بىر ئائىلە دېگەندە دىيارىمىزدا 2 مىلىيون ئائىلە بولۇپ، يۇقارقى پۇلنى 2 مىلىيون ئائىلىگە بۆلگەندە، 1095 يۈەندىن توغرا كېلىدۇ، بىر كىتابنى 40 يۈەن دېگەندە، ھەر بىر ئائىلە يىلىغا 27 كىتاب سېتىۋالالايدۇ.

5. خەلقنى نىشانغا يېتەكلەش ئۇسۇللىرى

(1) ئۆرپ- ئادىتىمىزدىكى ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان مەرىكەلەردىكى «ئاش تارتىش» لارنى يەنە بىر كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەيلى:

باغاق بىرىمىز، مېھمانلار كېلىدۇ، ساھىپخانلار بىلەن كۆرىشىدۇ، مەرىكە ئورنىغا باشلايمىز، ئاش تارتىمىز، تاماقلانغاندىن كىيىن دۇئا قىلىدۇ، مېھمانلار خوشلۇشۇپ ئۇزايدۇ.

نىشانغا يېتەكلەش ئۇسۇلىمىزنى تەسەۋۋۇر قىلايلى:

باغاق بىرىمىز، مېھمانلار كېلىدۇ، ساھىپخانلار بىلەن كۆرىشىدۇ، مەرىكە ئورنىغا باشلايمىز، كارتا ئالدۇرىمىز، ئاندىن كىيىن دۇئا قىلىدۇ، مېھمانلار خوشلۇشۇپ ئۇزايدۇ.

[كارتا ئالدۇرۇش تەسەۋۋۇرى]

رايونلىرىمىزدىكى ھەممە ئورۇننى قاپلىغان چوڭ كىتابخانىلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ھەر خىل قىممەتتىكى «ئىناۋەتلىك كىتاب كارتىسى» ياسىتىمىز، خىرىدار قولىدىكى بۇ كارتىنى پەقەت كىتابخانىدىلا پۇل ئورنىدا كىتاب ئىستىمال قىلالايدۇ.

ساھىپخان مەرىكەگە ئاتىغان پۇلىنى بۇرۇنقىدەك كالا-قوي، گۇرۇج- سەۋزە، مېۋە- سەي قاتارلىق يېمەكلىك سېتىۋېلىپ مەرىكەگە تەييارلىق قىلماستىن، پەقەت ئۆزى مەرىكەگە تەكلىپ قىلىدىغان ھەر بىر مېھمانغا 15~20 يۈەن قىممىتىدىكى كارتىنى سېتىۋىلىپ، يۇقىرىدا ئىيتقىنىمىزدەك، مېھمانلارغا شۇ كارتىدىن ئالدۇرۇپ دۇئا ئالغاندىن كېيىن مېھمانلارنى ئۇزاتسا بولىدۇ. (ئېشىپ قالغان كارتىنى كىتابخانىگە قايتۇرۇشقا بولىدۇ). بۇنداق بولغاندا، مەرىكە ئۈچۈن چوقۇم رېستۇران ياكى ئالاھىدە مەرىكە ئورنى بولمىسىمۇ بولىدۇ، ئائىلىدە ياكى كەڭرى سەينادا مېھمان ئۇزاتقىلى بولىۋېرىدۇ، جامائىتىمىز بولسا، ھەر قايسى مەرىكەلەردىن يىغىلغان كارتىلارنى كىتابخانىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۆزى سېتىۋېلىشنى پىلانلىغان كىتابلارنى سېتىۋالسا بولدىدۇ، يىغىلغان كارتىلاردىكى پۇل قىممىتى سېتىۋالماقچى بولغان كىتابلىرىنىڭ باھاسىغا چىقىشمىسا، يېنىدىن نەخ پۇل يامىسا بولىدۇ. ياكى، ھازىرچە كىتاب سېتىۋېلىش پىلانى بولمىسا، ئادەتتىكى سوۋغاتلىق ئىجتىمائىي ئالاقىگە ئىشلەتسە بولىدۇ.

شۇنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى، مەرىكىدە قان قىلىدىغان قائىدىمىز بار، چوقۇم كالا، قوي قان قىلمىساقمۇ بولىدۇ، قان قىلغۇچى ئۆي ئىچىنى ئاساس قىلىپ، مۇۋاپىق جانىۋاردىن بىرنى قان قىلساقمۇ بولىدۇ.

6. نىشانغا يېتەكلەيدىغان فۇنكسىيەلىك سېستىما بەرپا قىلىش

(1) شىركەت قۇرۇش

شىركەت ئىسمى: ئاقار شىركىتى (مەنىسى: ① بۇيرۇق مەنىسىدىكى «ئاقار»، يەنى «ئاقارغىن»، «ئاقارتىش» مەنىسىدە؛ ② پېئىل مەنىسىدىكى «ئاقار»، يەنى «قىلغان ئىشى ئاقىدىغان» مەنىسىدە؛ ③ ...

شىركەت ۋەزىپىسى: مەخسەتكە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى يۈرۈشتۈرۈش.

تىجارەت دائىرىسى: يۇقارقى چوڭ سوممىلىق ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك نىشاننى چۆرىدىگەن ئاساستا تىجارەت قىلىش.

7. تېمىنى يورۇتۇش سوئال-جاۋابلىرى

(1) سوئال: تېمىنى خەلقنى كىتاب ئوقۇشقا يېتەكلەيمىز دەپ باشلاپ، ئەمەلىيەتتە كىتاب سېتىۋېلىشنىڭ گېپى بولۇپتۇ، ئىككىسى بىر گەپمۇ؟ سىزنىڭچە، كىتاب سېتىۋالغان ئادەم چوقۇم كىتاب ئوقۇمدۇ؟ نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ ئۆيىدە خىلى كىتابلار بار، لېكىن ئوقۇپ باقىدىغانلار ئاز، بۇ ئەمەلىيەت سېتىۋىلىش بىلەن ئوقۇشنىڭ بىر گەپ ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرمەمدۇ؟

جاۋاب: شۇنداق، ئىككىسى بىر گەپ ئەمەس، سىز دېگەندەك ئەھۋال بار. ئەمما، ھەممەيلەن بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن ئەمەلىيەتتىن مىسال ئالساق، 25 يىللار ئىلگىرى بىز جۇڭگودا نېمە ئىش بولىۋاتىدۇ، دۇنيادىچۇ دېگەنلەرنى بىلمەيتۇق ھەم بىلىشنىمۇ خالىمايتۇق، قاچانىكى ئۆيگە تېلېۋىزور كىردى، شۇندىن باشلاپ قىزىقىدىغان ۋە كۆرىدىغان بولدۇق، كۆرۈپ ئادەتلەنگەچكە، سىرتتىن ئۆيگە كىرىپلا قىلىدىغىنىمىز تېلېۋىزور ئېچىش، كىنو ياكى پروگراممىلارنى كۆرگىمىز بولسىمۇ كۆرىمىز، بولمىسۇ كۆرىمىز، ماختاپمۇ كۆرىمىز، تىللاپ تۇرۇپمۇ كۆرىمىز، خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆيگە كىرسەك، تېلېۋىزوردىن باشقا خىلمۇ خىل كىتابلار بار بولسا، تېلېۋىزور ۋە باشقا مىدىئالاردا كىتابلارنى تەشۋىق قىلىپ تۇرساق، ئاندىن ئۇنىمۇ ئوقۇشقا تەدرىجى ئادەتلىنىمىز. ئۆيىمىزگە كىتاب كىرمەي تۇرۇپ، ئۆزىمىزنى كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلەندۈرۈشتىن سۆز ئېچىش  مۈمكىن ئەمەس.

يەنە بىر تەرەپتىن، ھەممەيلەننىڭ ئۆيىدە كىتاب بار بولغاندا، ئون ئادەم ئىچىدىن بىرسى كىتاب ئوقۇپ قالغان بولىدۇ، ئۇلار بىر يەرگە كىلىپ قالغاندا، تۇرۇپلا شۇ كىتابتىكى ۋەقەلىكنى سۆزلەيدۇ، قالغانلار قىزىقىپ ئاڭلاپ، ئاخىرىدا «مەنمۇ بىر ئوقۇپ باقايچۇ شۇ كىتابنى» دەپ قالىدۇ؛ ياشلىرىمىز كۆپىنچە بىكار چاغلىرىدا بىر قانچە ئاغىنەلەر بىلەن بىللە يۈرىيدۇ، بىكارچىلىقتا، ھېلە بورت ئوينايدۇ، ھېلى قەرت ئوينايدۇ، ئۇنىڭدىنمۇ زېرىكسە نېمە قىلىدۇ؟ شۇڭا، ئوقۇغان كىتابلىرىنىڭ گەپلىرىنى دېيىشىدۇ، شۇنداق قىلىپ تەدرىجى كىتاب ئوقۇش ئىشقى بىر- بىرىمىزگە تۇتىشىدۇ.

(2) سوئال: سىزنىڭچە، كىشىلىرىمىز نەچچە مىڭ يىلدىن بىرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مەرىكەلەردىكى «ئاش تارتىش» تىن ئىبارەت ئەن- ئەنىسىنى سىزنىڭ گېپىڭىز بىلەنلا «كىتاب تارتىش» قا ئۆزگەرتىپ كېتەرمۇ؟

جاۋاب: بۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئەن-ئەنىمىز بىزنىڭلا ئەن- ئەنەمىز بولماستىن، يەنە نۇرغۇن تۇركىي قەۋملەرنىڭ ۋە باشقا ئەرەپ، پارىس قاتارلىق قەۋملەرنىڭمۇ ئەن- ئەنىسى بولىشى مۈمكىن، لېكىن ھازىر بىزدىن باشقا قەۋملەر مەرىكىنى بۇنداق ئۆتكۈزىشى ناتايىن، ئۇلار ئۆز دەۋرىگە يارىشا ئىسلاھ قىلىشتى. بىز ئۇيغۇرلار ئادەمخۇمار، كوللىكتىپ يىغىلىشلارغا ئەھمىيەت بېرىمىز، مەرىكىلەردە مېھمانلار كۆپ كەلسە باشقىچە ھاياجانلىنىپ شاتلىنىمىز. ئەلۋەتتە، بۇنى ئۆزگەرتمەيمىز ھەم ئۆزگەرتەلمەيمىز، پەقەت «ئاش تارتىش» نى «كىتاب تارتىش» قا ئۆزگەرتىشنى مەخسەت قىلماقچى. مېنىڭچە، تەشەببۇسنى مەيلى مەن ئوتتۇرىغا قوياي، مەيلى سىز ئوتتۇرىغا قويۇڭ، تەشەببۇس ئەقىلگە مۇۋاپىقلا بولسا خەلقىمىز ئۇنى قوبۇل قىلىدۇ. مەسىلەن: يېقىنقى 10 يىل جەريانىدا خەلقىمىز ئارىسىدا ھىلى ئۆلۈم نەزىرىسىنى قىلسا بولمايدۇ دەپ كىشلەر ئۆلۈم نەزىرىسى قىلمايدىغان، ھىلى قىلمىسا قانداق بولىدۇ دەپ يەنە قىلىدىغان ئىشلار بولدى. بۇ ئىشلارنىڭ تەشەببۇسچىسى سىزنىڭچە كىم؟ يەنە مىسال ئالساق، ھاراق- تاماكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە 50 يىلغا يېقىن ئەن- ئەنىگە ئايلانغانىدى، توي مەرىكىلىرى ئۇنىڭسىز ئۆتمەيتى، ھازىر ياشلىرىمىز ئارىسىدا ھاراق ئىچمەيدىغان، تاماكا چەكمەيدىغان شۇنداق بىر ياخشى ئادەت بارلىققا كېلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ تەشەببۇسچىسى كىم؟ روسىيەدەك بىر دۆلەت ئۆز خەلقىنىڭ ھاراق ئېچىش ئادىتىنى نەچچە رەت قانۇن چىقىرىپمۇ بۇنچىلىك ئۈنۈم كۆرمىگەن بولغىيتى، بىزنىڭ ياشلىرىمىز ئۆزلىگىدىن شۇنداق قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ تەشەببۇسچىسى كىم؟ مېنىڭچە، بىزنىڭ ياشلىرىمىز ئەمەلىيەتچىل، بۇنداق پايدىلىق ئىدىيەنى چوقۇم قوبۇل قىلىدۇ ۋە سىز- بىزدەك مۇتىئەسسىپلەرنى شۇلار ئىندەككە كەلتۇرىدۇ. شۇڭا بۇ ئىش مېنىڭچە، تامامەن مۈمكىن بولغان تەسەۋۋۇر.

(3) سوئال:بەزىلەرگە كۈنىگە 5~6 باغاق كېلىدۇ، بۇ مەرىكەلەرنىڭ ھەممىسىگە بارغىنىدا، «كىتاب كارتىسى» دىن يىلىغا 1000 كىتاب سېتىۋالغىدەك يىغىلىدۇ، بىر قانچە يىلغا قالماي ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان بارلىق كىتابلارنى سېتىۋېلىپ بولالايدۇ، شۇنداق بولغاندا ياقتۇرغان كىتابلاردىن بىر قانچىنى سېتىۋېلىش كېرەكمۇ؟ ھەم ئوقۇپ بولۇشىمۇ مۈمكىن ئەمەس. بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: چوقۇم ئۇيغۇرچە كىتابلا سېتىۋېلىش شەرت ئەمەسقۇ؟ بىر ئائىلىدە خەنزۇچە ياكى باشقا تىل بىلىدىغان ئادەم بولىشى مۈمكىن، شۇنداقلارنى سېتىۋالىدۇ، ئەگەر ئۇنداقلار بولمىسا، كىتابقا تويۇنغان بولسا، باشقىلارغا ھەدىيە قىلسا بولىدىغۇ، چۈنكى، ئۇلار پولا يەيدىغان مەرىكەگە بارغاندىمۇ، تاۋىغا ئاساسەن غېزالىناتتىغۇ؟ شۇنىڭغا ئوخشاش «كىتاب كارتىسى» نىمۇ تاۋىغا ئاساسەن ئالسىمۇ ياكى بارغان مەرىكىلەرنىڭ ھەممىسىدىن  ئالغان تەقدىردە ئىھتىياجلىقلارغا بەرسە بولىدىغۇ!  ياكى بولمايدۇ، ئاقار شىركىتى ئويلۇشۇپ، «كىتاب كارتىسى» غا كىتاب شىكاۋى قاتارلىق كىتابقا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنىمۇ ئويلاشسا بولىدۇ. ۋە ياكى توينى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزىشنى خالايدىغانلار بۇرۇنقىدەك قىز كۆچۈرۈشكە ئېسىل ماشىنىلارنى سېلىپ مۇھىت بۇلغايدىغان،  قاتناش قىستاڭچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا پۇلنى بۇزۇپ چاچماي، ئالىملىرىمىزنى، كارخانىچىلىرىمىزنى، چولپانلىرىمىزنى لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ كېرا، ياتاق، لېكسىيە ئورنى قاتارلىقلارنىڭ چىقىمىنى كۆتۈرسە، ئاقار شىركىتى «كىتاب كارتىسى» غا لېكسىيە ئاڭلاشنى خالىغۇچىلارغا بېلەت سېتىپ بەرسە بولىدىغۇ، قىسقىسى، ئاقار شىركىتى ئاممىنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن «كىتاب كارتىسى» نىڭ ئىستىمال دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ئويلاشسا بولىدۇ.

(4) سوئال:تورنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، كىتابخۇمارلار ئىھتىياجىنى توردىكى يازمىلاردىن قاندۇرىۋاتىدۇ، يەنە، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ھەر قانداق كىتاب توردىن تېپىلىدىغان ھالەت شەكىللىنىشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ. دېمەك، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن «كىتاب كارتىسى» ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقۇتامدۇ- قانداق؟

جاۋاب: كىتاب يەنىلا كىتاب، ئۇنىڭ ئورنىنى تور ۋە باشقا ھىچقانداق نەرسە پۈتۈنلەي ئېلىپ كېتەلمەيدۇ، ئەگەر ئېلىپ كەتسە، توردىكى كىتابلارمۇ ھەقسىز بولمايدۇ، ئەلۋەتتە، شۇڭا، شۇ چاغدىكى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، شىركەت بۇنىمۇ ئويلىشىدۇ.
(5) سوئال: دۆلەت نۇرغۇن ئىقتىساد سەرپ قىلىپ، يېزا قىشلاقلارغىچە كۈتۈپخانا سېلىپ، نۇرغۇن كىتابلار بىلەن تەمىنلىدى، ئەمما، كۈتۈپخانىگە كىرىدىغان ئادەم يوق. مۇشۇنداق ئەھۋالدا بۇ بىر ئارتۇقچى ئىشمۇ- قانداق؟
جاۋاب: ئۇ كۈتۈپخانىلەرنىڭ بىكار تۇرىشىدا بىر قانچە سەۋەب بولىشى مۈمكىن. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلمىغان ئادەمنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى يوق، يېزا- قىشلاقلاردىكى كۈتۈپخانىلەرنى ۋە ئۇنىڭغا كىشىلەرنىڭ كىرگەن- كىرمىگەنلىكىنى مەن تېلېۋىزوردىن كۆرگەندىن باشقا، نەق مەيداننى كۆرمىگەن، شۇڭا، بۇ ھەقتە كۆرگەنلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ باقساق.
(6) سوئال:
جاۋاب:
......
(قالغان سوئال- جاۋابلار تور ئەھلىگە قالدۇرۇلدى)

8. سۆز ئاخىرى

مەن بۇ تەسەۋۋۇرنى قىلغىلى خىلى ئۇزۇن بولغان، ئاڭلىغانلاردىن بەزىلەر «ياخشى تەسەۋۋۇر ئىكەن» دېسە، بەزىلەر مازاق قىلغانمۇ بولغان. يېقىندا «ئادەم مېڭىسى دولقۇن تارقىتىدىغانلىقى، شۇڭا ياخشى ئىدىيە ياخشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى...» توغرىسىدا بىر يازمىنى ئوقۇپ، مەزكۇر تەسەۋۋۇرىمنى ياخشىلەرنىڭ ھوزۇرىغا يېڭى يىللىق سوۋغا سۈپىتىدە سۇندۇم.

ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن مۇنداق دېگەن: «كىشىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي ئورنىنى ئۇنىڭ ئىقتىدارى، سالاھىيىتى ۋە ئىقتىسادىن باشقا، ئۇ تەۋە بولغان توپنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي ئورنى بەلگىلەيدۇ»، دېمەك، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش دۆلەتنىڭلا مەسئۇلىيىتى بولۇپ قالماستىن، ھەر بىرىمىزنىڭ مەنپەئىتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك بولغان مەسئۇلىيىتىمىز. شۇڭا، بۇ ھامان بىز بېسىشقا تېگىشلىك يول.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، ئەگەر بۇ تەسەۋۋۇرغا پىكىر قاتناشتۇرۇشنى خالىسىڭىز، كۆپچىلىككە ۋاكالىتەن پىكىر بايان قىلماي، «مۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قوشۇلىمەن ياكى قوشۇلمايمەن...» شەكلىدە پىكىر بايان قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. تەپسىلى پىكىر بايان قىلىشقا ۋاقىت چىقىرالمىسىڭىز، «ئەلا»،  «ناچار» دىن ئىبارەت باھا كۆزنىكىنى بېسىش ئارقىلىق، «قوشۇلىمەن»،  «قوشۇلمايمەن» نى ئىپادىلىسىڭىز بولىدۇ. ھېسسىياتقا بېرىلمەي، ئۆزىڭىز ئۆتكۈزۈشكە ھوقۇقلۇق مەرىكىلەرنى يۇقارقى تەسەۋۋۇر بويىچە ئۆتكۈزۈشكە جۈرئەت قىلالايدىغان- قىلالمايدىغانلىقىڭىزغا ئاساسەن پىكىر بايان قىلىڭ ياكى باھا كونۇپكىسىنى بېسىڭ.

ئەگەر پات يېقىندا يۇقارقى تەسەۋۋۇر بويىچە مەرىكە ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغانلار بولسا، ئىنكاسقا ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىڭىزنى يېزىپ قويسىڭىز، تېگىشلىك مەسلىھەت ياردىمىمنى ئايىمايمەن، قەشقەر شەھرىدە بولسىڭىز، قول تېقىپ مەرىكىڭىزگە ھەمكارلىشىمەن.

باغداشدىن يۆتكەپ كېلىندى

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 09:49:50

ئۈمىدىم شۇكى، كىتاب ئوقۇش، كىتاب سوۋغا قىلىش، كىتابنى قەدىرلىۋېلىش مودىغا ئايلانسۇن
بۇ يېڭى مودىغا ئەگەشتىم.

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 10:41:40

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yigana523 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-11 10:51  

كىندىلدىن بىرنى ئەپ قويدۇم،لېكىن يەنىلا بېسىپ ئوقۇپ بولالمايۋاتىمەن،خەنچە كىتاپ مەنبەلىرى بەك مولكەن
كىتاپ ئوغرىسى ئوغرى ئەمەس دەپ شۇنداق بىكالىق ئوقۇپ تۇردۇمغۇ:lol
مەنچە بالىلارغا مۇشۇنىڭدىن سوۋغا قىلساڭلارمۇ بولغۇدەك

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 11:16:29

دەھشەت ، ئاجايىپ قوللايمەن

altunchi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 12:24:35

tas يوللىغان ۋاقتى  2014-4-11 08:36 static/image/common/back.gif
ئۇقۇغۇدەك ئۇيغۇرچە كىتاپ ئاز.

سىز قانداق مەزمۇندىكى كىتابلارنى ئوقۇشنى ياقتۇرىسىز، بىلىپ باقساق بولارمۇ؟:)

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 12:47:03

ئۈمىدىم شۇكى، كىتاب ئوقۇش، كىتاب سوۋغا قىلىش، كىتابنى قەدىرلىۋېلىش مودىغا ئايلانسۇن
بۇ يېڭى مودىغا ئەگەشتىم.

lopnuri يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 14:24:39

ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇغىدەك كىتاب يوق، دېيىش بىلەرمەنلىك قىلىشتىن باشقا ئىش ئەمەس. كىتابنى تۈزۈك ئوقۇپ باقماي تۇرۇپلا قارغۇلارچە ئۆزىمىزنىڭ گېپىنى يورغىلاتساق بولماس. مۇشۇنداق باشقىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىغا سوغاق سۇ سېپىدىغان گەپلەرنى ئاز قىلساڭلار بولاتتى. بۇ گىپىڭلاردىن ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ سەۋىيىسى تۆۋەن دېگەن مەنە چىقىدۇ، دەپ ئويلىدىم. بىز قانچانمۇ كەمتەرلىكنى، ئۆز مەدەنىيىتىمىز ۋە تىلىمىزنى قەدىرلەشنى ئۆگىنەمىز. ئەمدى ئۇيغۇرچىدا ئوقۇغىدەك كىتاب يوق دەپ خەنچە ياكى ئىنگىلىزچىگە كۆچۈپ كېتىشنىڭ ئورنى يوق. ھېچبولمىسا «ئات تاپقىچە ئېشەك مىن» دېگەن تەمسىلنىڭ روھى بويچە ياشاپ تۇرساقمۇ بولىدۇ. دەپ ئويلايمەن.

Abdurehman يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 14:29:08

مەن بۇ مودىغا ئاللىقاچان كىرىپ بولۇپتىمەن، كىيىنكىلەرنىڭ بۇ سەپكە تېزدىن قوشۇلىۋېلىشىنى قارشى ئالىمىز...

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 15:33:31

ئېسىل تەكلىپ .
تەۋسىيە : چوقۇم مەزمۇنى ساغلام ، پايدىلىق كىتابلارنى تاللاپ سوۋغا قىلىش كېرەك.

tanha19 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 16:07:10

ئېسىل!!!
چەمبىرەككە يوللىۋەتتىم..

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 16:19:18

ئىزدىنشنى ئۇقۇساممۇ كىتاب ئۇقۇغاندەك بوپ قالمەن ...


مەن باشقىلارغا  كىتاپ سوۋغا  قىلىپ ئادەتلەنگەن ... ھەر قېتىم  بىر  كىتابنى سېتۋلىپ ئۆيگە  تىقىپ قۇيۇپ ئۆكتەبىر ئېيىدا ئۆيگە تىلفۇن قىلدىغان ساڭا سوۋغام بارتى ئۈزەڭ تېپۋال دەپ ...شۇنداق قىلىپ  ھەدەم بىچارە تۇغۇلغان كۈنى بولسىلا ئۆينى مالتىلايدىغان بوپ قالدى ...{:92:}

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 16:22:23

  باقمىچىلىق ، باغۋەنچىلىككە  ئائىت كىتابلارنى توپا باسقان كۈتۈپخانلاردىن كۈرمەن ... خزمەتچىلەر سۈرتۈۋىرىپ ئۈڭۈپ كىتىپتۇ ....


ئۇقۇغىدەك كىتاب يوق دىگەنگە مەن ئىتراز بىلدۈرمەن ....


مەن ياراتماي بۇسۇرۇپ ئولتۇرمەن ، مىنى ياراتماي ئۇسرۇپ ئولتۇردۇ دەيدىكەن ئۇيغۇرلار {:87:}

tayker يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 18:48:47

بۇ تىيمىنى كۆرۈپ تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم ، تىيما ئېگىسى بۇ ھەقتە خېلى ئىزدىنىپتۇ ، بۇ ئوي - خىياللار مەنمۇ ئۇزاقتىن بېرى ئويلاپ كەلگەن ئىشلار ، كىتاپخانىغا كىتاپ ئالغېلى كىرسەم كۆپىنچە چاغلاردا ناھايتى شالاڭ ، ئەپسۇسلۇق ئىچىدە بىر ھازا خىيال سۈرىمەن ، ناھايتىمۇ دانا پىكىر بوپتۇ ، مەنمۇ يەكەن ناھىيمىزدە كىتاپنى سۆيۈش ، ئاسراش دولقۇنىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى سوۋغا قىلىش پائالىيتىنىڭ ئاكتىپ بىر تەشۋىقاتچىسى ، قوللىغۇچىسى بولىمەن .

Alif يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 19:44:26

ئۇيغۇر مىللتىدىمۇ باشقىلارغا كىتاب سوۋغا قىلىش كۆپەيسە، قولدىن چۈشمەيۋاتقان «يانفون» مۇ ئارام ئالغان بولار ئىدى. ھەتتاكى ئاشۇ ئۈندالالغا سەرىپ قىلىۋاتقان ۋاقتىمىزنى كىتاب ئوقۇشقا سەرىپ قىلغان ھەتتا كۈندە بىر بەت ئوقۇمىساق كۆڭلىمىز ئۇنمايدىغان بولار ئىدق!

atarut يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 22:00:08

lopnuri يوللىغان ۋاقتى  2014-4-11 14:24 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇغىدەك كىتاب يوق، دېيىش بىلەرمەنلىك  ...

كىمنىڭ بىلەرمەنلىك قىلىۋاتقىنىنى بىلەلمىدىم. ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇغىدەك كىتاب يوق دىگەننى باياتىن سىزنىڭ ئالدىڭىزدىكى ئىنكاستا بىرەرسى دىمىدى. بىر تورداش ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇغىدەك كىتاب ئاز دىدى. بۇنى نىسبەتەن ئىيتىلغان گەپ دەپ قارىساق دەرۋەقە ئىنگلىسچە، خەنزۇچە كىتاپلاردىن ئاز. يەنە كىلىپ شەخسنىڭ قىزىقىشى ئوخشىمىغاچقا شۇ تۈردىكى كىتابلارمۇ نىسبەتەن ئاز بولۇشى مۇمكىن.
ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان كىتابلارغۇ ئاز ئەمەس. نورمال ئەھۋالدا بەلكىم ئوقۇپ بولالمايمىز.  لىكىن ئىھتىياجلىق كىتابنى تاپماقمۇ ئۇنچە ئوڭاي ئەمەس.
بەت: [1] 2
: كىتاب مودىغا ئايلانسۇن