2- ئادىتىمىز بويىچە كونا دوستلار جەم بولۇپ بىرلىكتە تاماق يېدۇق. شۇ كۈندىكى ساھىپخان دوستۇم ھەممەيلەنگە «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىدىن بىردىن سوۋغا قىلدى. lopnuri يوللىغان ۋاقتى 2014-4-11 14:24 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇغىدەك كىتاب يوق، دېيىش بىلەرمەنلىك ...
ناھايتى توغرا گەپ قىلدىڭىز،ئاغىزىڭىغا ناۋات. ئوقۇغۇدەك كىتاب جىق ، گەرچە كىتاب سوۋغا قىلىشنىڭ بەزى بىر قىسىم سەلبىي تەرەپلىرى بولسىمۇ ،ئەمما ئىجابىيلىقىغا سېلىشتۇرغاندا ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ. ھەممە مەسلىگە سەلبىي نۇقتىدىن ،ئىرىنچەكلىك ،خوشياقماسلىق ،ئۈمۈدسىزلىق نۇقتىسىدىن قارايدىغان بولساق ،مەڭگۈ ھېچ ئىش قىلالمايمىز . مىللەت ،دىن ....ئۈچۈن دېگەنلەر قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ. ۋاپادارىمغا بارىكاللاھ! راست، ئىزدىنىشتا كىتاب سېتىش مودىغا ئايلاندى. Hechkim يوللىغان ۋاقتى 2014-4-12 16:34 static/image/common/back.gif
راست، ئىزدىنىشتا كىتاب سېتىش مودىغا ئايلاندى.
ھاھاھاھاھاھاھ lopnuri يوللىغان ۋاقتى 2014-4-11 14:24 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇغىدەك كىتاب يوق، دېيىش بىلەرمەنلىك ...
ئوقۇغۇدەك، پايدىلانغۇدەك كىتاب ھەقىقەتەن ئاز، كومپىيوتېرغا ئائىت كىتابلارلا بۇنىڭغا بىر تىپىك مىسال بولالايدۇ، تىل ئۆگىنىشكە ئائىت كىتابلار تۆۋەن سەۋىيىدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالىسىمۇ، ماڭا يەنىلا يېتەرلىك ئەمەستەك بىلىنىدۇ، ئىلىم-پەنگە ئائىت كىتابلارنىغۇ دېمەيلا قوياي، ئاددىيسى ئۇيغۇرتىلى گىرامماتىكىسى توغرىلىق نەشىر قىلىنغان كىتابلارمۇ بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەكلا، بەلكىم بۇ تۈردىكى كىتابلارنىڭ كەمچىل بولۇشىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئاز بولۇشى، شۇ پەننىڭ تېز يېڭىلىنىشى قاتارلىق سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بەزى تۈردىكى كىتابلارنىڭ كەمچىل بولۇشى يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yanwar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-12 17:12
مەن بۇلتۇر كەلگۈسىدە ماڭا تېگىدىغان قىزغا ئاتاپ بىر دانە قۇرئان، بىر پارچە جايناماز ۋە ئون دانە كىتاب سېتىۋالغان. ھازىر ئۇلارنى ساندۇقۇمنىڭ تەكتىدە ئىنتايىن پاكىز ساقلاۋاتىمەن...
كىتابلار:
1.ياخشىلار باغچىسى
2.ئانا يۇرت
3.ئالتە شەھەر مەكتۇپلىرى
4.ئەنجانباي
5.سەرسان روھ
6.پاسىلسىز يۇرتلار
7.كۆمۈرچى بالا
8.بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا
9.كەچۈر، مېنى نازاكەت
10.ئارمانلار يېلىنجايدۇ
گەرچە كەلگۈسىدىكى ئايالىم بولمىش ئىنسان كىتابنىڭ قەدرىگە يەتسۇن-يەتمىسۇن، بۇلارنى ئېلىپ قويدۇم، قالغان ئىش ۋاقتى كەلگەندە بىر گەپ بولار! كىتاپنى دوست تۇتقان مەڭگۈ خار بولمايدۇ . ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇغۇدەك كىتاپ يوق دېگەن گەپكە مەنمۇ ئېتراز بىلدۈرىمەن . بۇ جەھەتتە لوپنۇرى ئەپەندىنىڭ گېپىنى تامامەن قوللايمەن . ئەگەر ھەقىقى قىزغىنلىقىڭىز بولسا ئۆز تىلىمىزدا ياخىشى كىتاپلار ھېلىھەم كۆپ .مەن دائىم كىتاپ ئۇچۇرلىرىغا دېققەت قىلىپ تۇرىمەن ،مەيلى ئېلىكتاپ نۇسقىسى بولسۇن ،ياكى باسما نۇسقىسى بولسۇن پۇرسەت بولسا ۋاقتىدا خەۋەر تاپالىساملا ،بىر ئاماللارنى قىلىپ يىغىپ ساقلاپ قويۇۋاتىمەن، ھەم قايسى خىلىنى ئوقۇشقا شارائىت ھازىرلانغاندا ئوقۇشقا ئېرىنمەي ۋاقتىدا ئوقۇپ تۇرىمەن ،كىتاپ سومكامدا ۋە ياىفۇنۇمغا قاچىلاغلىق . نۇرغۇن كىتاپلارنىمۇ دوستلىرىمغا سوۋغاتلىق قىلىپمۇ بولدۇم. ياقتۇرۇپ ئوقۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن . بۇداقى دوپپا بايرىمىدا، باشلانغۇچنىڭ يوقىرى يىللىقتىكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلمەيدىغان بالىلارغا ئېلىپبە كىتاپ..:) ئەزەلدىن مودىغا ئەگەشمەيتىم، بۇ مودىغا ئەگەشتىم. بۇرۇنمۇ ئانچە مۇنچە بەزى دوستلىرىمغا كىتاپ سوۋغا قىپ تۇراتتىم، ئەمدى كېسەل ۋە تۇغۇت يوقلاقلىرىغا، تويلارغا كىتاپ سوۋغا قىلىشنى مودا قىلسام بولغۇدەك... يۈگرەپمۇ يېتىشكىلى بولمايدىغان ھازىرقى زامان مودىلىرىدىن كۆرە، مانا مۇشۇنداق مودىغا ئەگەشسە بولىدۇ. ئېسىل تېما ئىكەن، ھەجەپ كۆرمەپتىمەن دىسە، ئىنكاس يېزىپ چوققىلاپ قوياي. بىزنىڭ ئارىمىزدا مودىغا ئايلىنىپ بولدى. پارلاپ تۇرغان مىڭ قوياش، كابوللۇق كىتاپپۇرۇش، ئىستامبولنىڭ بەختى، ناتۇنۇش ئايالدىن كەلگەن خەت.
ھازىرچە مەن سىلەرگە مۇشۇ كىتاپلارنىڭ ئىسمىنى سوۋغا قېلىپ تۇراي.
باشتىكى ئىككى كىتاپنىڭ مەيلى تەرجىمە -مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن رازى بولىسىز، مەن زور قىزىقىش بىلەن ئوقۇپ بولدۇم.
ناتۇنۇش ئايالدىن كەلگەن خەتنى ئەدەبىياتقا قىزىقىدىغانلار بولسا ياقتۇرۇپ قېلىشى مۇمكىن. ماڭا بولغان تەسىرى قالتىس.
ئىستانبولنىڭ بەختى، تەرجىمىسى ئەخلەت سەۋىيەدە دەپ باھا بەردىم لېكىن، ئەسلى ئاپتورنىڭ بايان ئۇسلۇبىي ئىپادىلىشى خېلى بەلەنلا ھاياجانلاندۇردى، تەرجمىدىكى نابابلىق ئەسەرنى كەمتۈك قېلىپ قويغان بولسىمۇ تۈرك جەمىيىتىگە قىزىققۇچىلار بىر ئوقۇپ قويسا بولىدىكەن.
دېرىزەمگە بىر نەچچە كىتاپ تىزىلىپ قاپتىكەن كىتاپ جازىسى ئالمەن دەپ ۋاقىت يوق :lol باشقا تىللاردىكى كىتابنى سوۋغا قىلسىمۇ بولىدىغۇ ،،، تۇللۇقتا كىتاب سوۋغا قىلىشاتتى. ئاغرىپ قېپ دوختۇرخانىغا كىرىپ چىقسام قىز ساۋاقداشلىرىمدىن بىرنەچچىسى بىر كىتاب سوۋغا قىلغانتى:lol ئۆيدە تۇرىدۇ ھېچكىمگە بەمەي ساقلاۋاتىمەن{:92:}{:92:} ئالتە شەھەر مەكتۇپلىرى، بولىدىغان كىتاب uya_frozen يوللىغان ۋاقتى 2014-4-15 17:52 static/image/common/back.gif
تۇللۇقتا كىتاب سوۋغا قىلىشاتتى. ئاغرىپ قېپ دوختۇرخانى ...
‹‹تۇللۇق›› دېگەن قانداق سۆز؟ Birzat يوللىغان ۋاقتى 2014-5-1 10:14 static/image/common/back.gif
‹‹تۇللۇق›› دېگەن قانداق سۆز؟
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ
بەت:
1
[2]