Algha يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 22:22:41

قاراقاشنىڭ يېراق يېزىسىكى كۇتۇپخانىغا كىتاب ئىئانە قىلغان بولسا...





قېرىنداشلار:
مانا بۇ ئانا دىيارىمىزنىڭ سۆيۈملۈك يەرلىرىدىن بىرى بولغان چەت يېزىدىكى بىر مەكتەپنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان كۇتۇپخانىسى. بۇ كۇتۇپخانىنىڭ ئۇلى شۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار، شۇ مەكتەپتە ئوقۇپ جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە تېرىكچىلىك قىلىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ياخشى نىيەتلىك كىشىللىرىمىزنىڭ قوللىشى بىلەن سېلىندى. بۇ چەت يېزا – خوتەن قاراقاش ناھىيەسىدىن 96 كېلومېتر يېراقلىقتىكى تۇزلۇقئوتاغ دەپ ئاتىلىدىغان يۇرت بولۇپ، بۇ جاي تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ بىر بۇرجىكىدۇر. ئىجتىمائىي مۇھىتى پاكىز بولغان بىلەن قەبىھ جاپالىق  بولۇپ، گەرچە مەكتىپىمىز سېلىنغىلى ئۇزۇن زامانلار بولغان بولسىمۇ، تۇلىمۇ ئەپسۇس، بۇ يۇرتتا كۇتۇپخانا ئىزچىل بولماي كەلگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى كۈنلىرى ۋە ۋاقىتلىرى مەنىسىزلىك ئىچىدە پادا پېقىش، ئېتىز- ئېرىقنىڭ ئىشىلىرىنى قىلىش بىلەنلا ئۆتىدۇ. بالىلارنىڭ ۋە شۇ يەردىكى كىتاب سۆيەر كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن تۇنجى قەدەمدە كۇتۇپخانىنىڭ ئۇلىنى قۇپاردۇق. كۇتۇپخانىمىز گەرچە بەك چوڭ بولمىسىمۇ بىراق يېغىلغان كىتابلارنىڭ سانى ھازىرچە چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ كىتابلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈتكەن يەرلىرىدىن چىقىشقا تېخى ئوبدان خىزمەت قىلىپ بولالمىدى. شۇڭا، بىز يەنە بىر قىسىم كىتابلارغا مۇھتاج!  ياردەم قىلىشنى خالايدىغان قېرىنداشلارنىڭ ئاشۇ يېراقتىكى قېرىنداشلىرى ئۈچۈن بىر پارچە بولسىمۇ كىتاب ھەدىيە(ئىئانە) قىلىشنى چىن دىلىمىزدىن كۈتىمىز. سىز ئىئانە قىلماقچى بولغان كىتابنىڭ ژانىرىغا چەك قۇيۇلمايدۇ، ژۇرنالدىن باشلاپ قانداق تۈردىكى كىتابلار بولسا قىزغىن قارشى ئالىمىز.
ئىئانە قىلماقچى بولغانلارنىڭ تۆۋەندىكى نومۇر بىلەن ئالاقە قىلىشىنى سورايمىز:
بىر يۈز ئوتتۇز ئۈچ، توقسان توققۇز، يەتمىش توققۇز، نۆل، ئالتە يۈز قېرىق تۆت

Algha يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 22:23:30

باشقا مۇنبەرلەرگە ئەزا دوستلارنىڭ، شۇ يەرلەردىمۇ تەشۋىق قىلىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

oylan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 08:51:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   oylan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-5 09:07  

ئىسلامى كىتابلارنى ئىئانە قىلساقمۇ بولامدۇ؟ ، مەسىلەن: قۇرئان كەرىم ، ھىدايەت گۈلزارى ،شېرىن بۇلاق دىگەندەك قانۇنلۇق نەشىر قىلىنغان ئىسلامى كىتابلارنى.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 09:07:28

مۇشۇ  شارائىتتا مەكتەپكە ئىسلامى كىتاپ  سوغا  قىلسىڭىز بولامدا  سىزچە ؟؟؟ بىر ئوبدان تەشەببۇسنامىنى بۇزماڭلار ئاداش  بىر ما يەردە ...............

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 09:24:12

مەن  كىتاپ -ژورناللىرىمنى رەتلىگەچ تۇراي ..................

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 09:42:21

مەنمۇ بىردىن ئارتۇق بوپقالغان كىتاپلىرىمنى ئايرىغاچ تۇراي.
يەنە بىرى مۇنبەردە كىتاپ سېتىپ بېيىپ كەتكەنلەر با،ئۇلارمۇ قاراپ تۇرماس ھە:lol

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 10:18:28

مەنمۇ بىر قاراپ باقاي،

yanwar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 11:19:40

yawuzbag يوللىغان ۋاقتى  2014-4-5 09:42 static/image/common/back.gif
مەنمۇ بىردىن ئارتۇق بوپقالغان كىتاپلىرىمنى ئايرىغاچ ت ...

يائاللا ياۋۇز ئاداش، ماۋۇ گېپىڭ نەق ماڭا تەگدى جۇمۇ. مېنى كىتاب سېتىپ بېيىپ كەتكەنلەر قاتارىدىن چىقىرىۋەت. بۇ گەپ ماڭا قەتئىي يېقىن كەلمەيدۇ!

Myuluqi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 11:31:04

Erktekin يوللىغان ۋاقتى  2014-4-5 09:07 static/image/common/back.gif
مۇشۇ  شارائىتتا مەكتەپكە ئىسلامى كىتاپ  سوغا  قىلسىڭىز  ...

ئۇ كۇتۇپخانا مەكتەپ ئىچىدىمىكەن؟ ئۇ كۇتۇپخاننى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈنلا قۇرۇپتۇمۇ ياكىباشقىلارمۇ پايدىلىنامدىكەن؟
مىنىڭ بىلىشىمچە ئۇ كۇتۇپخانا مەكتەپ سىرتىدىكى بىر يەرگە قۇرۇلغان. ئۇ يەرگە بالىلارمۇ چوڭلارمۇ كىرىدۇ. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان ئىسلامىي كىتاپلارنى كۇتۇپخانىغا ئەكىرىش قانۇنسىز بۇپ كەتمەس. بالىلارغا كەلسەك ئاۋانگارت ئۇقۇتقۇچىلىرىمىز ئوقۇغۇچىلىرىغا دىننىڭ يامان گەپلىرىنى قىلىپ دىندىن يىراقلاشتۇرۇپ دىندىن خالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاۋۇتۇشقا ھەركەت قىلۋاتىدۇ.  بۇنداق شارائىتتا ئوقۇغۇچىلار دىننىي كىتاپلاردىن ئىھتىيات قىلىش پىخسىكىسى شەكىللىنىدۇ. شۇڭا دىننىي كىتابلارنىڭ گىپى چىقىپ بولغىچە ئىشنى ئىنىقلىمايلا شېخىغا ئۇرۋەتسە سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزدەك قىلىنىشى مۇمكىن ئۇ كۇتۇپخانا.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 13:21:00

ئاۋانگارت ئوقۇتقۇچىلىرىمىز دەپ قويۇڭ
سىز قايسى پىلانېتتىن ؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 14:54:11

مەندە بىر تۈركۈم كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژورنىلى بار، ماڭا جىق ھاجىتى يوق، لېكىن ئۇ يەردە ئوبدان پايدىلىنالايدۇ دەپ قارايمەن.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 15:15:08

مەندىمۇ بىر تۈركۈم كىتاب - ژورناللار بار .  بۇلارنى قانداق يەتكۈزىدىغان گەپ ،  ئالاقىلاشقۇچىنىڭ ئورنى نەدە  ؟
قەشقەر تەرەپلەردە تاپشۇرىۋېلىپ يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلار بارمۇ ؟

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 15:21:36

تېمىدىغۇ ژانىرىغا ، تۈرىگە چەك قويۇلمايدۇ دەپتۇ ،  شۇنداقتىمۇ تېما ئىگىسى چۈشەنچە بېرىۋەتسە :

بۇ كۇتۇپخانا مەكتەپ باشقۇرشىدىمۇ ياكى بىرەر شەخىس باشقۇرىشىدىمۇ ؟
كۇتۇپخانا مەكتەپنىڭ ئىچىدىمۇ ياكى مەكتەپ سىرتىدا ، ئەتراپىدىمۇ ؟
ئۇقۇغۇچىلاردىن باشقا شۇ يېزىدىكى دېھقان قېرىنداشلارمۇ بۇ كۇتۇپخانىغا كىرىپ پايدىلىنالامدۇ ؟

***************

بۇلار ئېنىقراق بولسا كىتابلىرىمىزدىن ئەۋەتسەك بولىدىغانلىرىنى قاراپراق تاللاشقا پايدىسى بولىتى ...

يەنە بىر گەپ ، مومكىن بولسا ، يۇقارقى تورداشلار سورىغان  ، قانۇنلۇق نەشىرىياتلار تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ شىنخۇا كىتابخانىلىرىدا ھازىرمۇ نورمال سېتىلىۋاتقان ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنىڭ بولۇش - بولماسلىغى ھەققىدىمۇ تېما ئىگىسى مۇۋاپىق چۈشەنچە بەرسە بوپتىكەن ...

Qismet يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 16:00:12

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qismet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-5 16:01  

ئوبدان ئىشكەن بۇ، مەنمۇ قىلالىشىمچە كۈچەي.
«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان سانلىرىنىڭ ھەربىرىدىن 10 پارچىدىن تەمىنلەي. جەمئىي 190 پارچە ژۇرنال بولىدۇ.
كىتاب جاھازامنى مۇشۇ بىر-ئىككى كۈن ئىچىدە تۈزۈك بىر رەتلەپ، كەم دېگەندە 10-20 پارچە كىتابنى تەمىنلەي.
بۇنىڭدىن كېيىن «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ ھەربىر يېڭى سانىدىن 10 پارچىدىن تەمىنلەي. يىلدا جەمئىي 60 پارچە ژۇرنال بولىدۇ.

بۇ كىتاب ۋە ژۇرناللارنى بىرەيلەن ئىمزا قويۇپ بېرىپ، مەندىن ئېلىۋالسا بولىدۇ.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 16:18:09

قىسمەتكام ئېسىل گەپ قىپتۇ مانا{:112:}

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 17:22:43

مانا بۇ ئانا دىيارىمىزنىڭ سۆيۈملۈك يەرلىرىدىن بىرى بولغان چەت يېزىدىكى بىر مەكتەپنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان كۇتۇپخانىسى. بۇ كۇتۇپخانىنىڭ ئۇلى شۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار، شۇ مەكتەپتە ئوقۇپ جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە تېرىكچىلىك قىلىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ياخشى نىيەتلىك كىشىللىرىمىزنىڭ قوللىشى بىلەن سېلىندى.
مەكتەپنىڭ كۇتۇپخانىسىكەن. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ كىتابلىرىنى ئەكىرىش نەزەرىيە جەھەتتىن قانۇنسىز ئەمەس. بىراق........

kuchtunggur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 22:32:31

ئىئانە بولغاندىكىن بىرەر ئورۇن مەسئۇل بولۇپ تاپشۇرىۋالامدۇ،ياكى بىرەر شەخىسمۇ،ئەگەر مەسئۇل بولۇپ تاپشۇرىۋالىدىغان ئورۇن بولسا،مەن شۇيەرگە نۇرغۇن كىتاپ ئېۋەرتىپ بېرىمەن.ئەگەر شەخىس بولسا ئويلىشىپ باقىمەن.

Algha يوللانغان ۋاقتى 2014-4-6 07:35:53

Erktekin يوللىغان ۋاقتى  2014-4-5 09:24 static/image/common/back.gif
مەن  كىتاپ -ژورناللىرىمنى رەتلىگەچ تۇراي ..................

بولسا رەتلىگەچ تۇرماي، ئەۋەتكەچ تۇرسىڭىز،رەھمەت سىزگە،ئەركتېكىن!

Algha يوللانغان ۋاقتى 2014-4-6 07:37:21

yawuzbag يوللىغان ۋاقتى  2014-4-5 09:42 static/image/common/back.gif
مەنمۇ بىردىن ئارتۇق بوپقالغان كىتاپلىرىمنى ئايرىغاچ ت ...

سىلەر مۇشۇ يەردە بولغانكىن، بولسا تورداشلارغا ئۇ يەر توغۇرلۇق ئاز - تۇلا سۆزلەپ بەرسەڭلەر، قارىسام تورداشلار سەل بەدگۇماندا بولۇپ قالغاندەك...ھەم كىتابلىرىڭلاردىن چوقۇم ئاز تۇلا بەرمىسەڭلەر بولمايدۇ جۇمۇھ....:P

Algha يوللانغان ۋاقتى 2014-4-6 07:39:15

yanwar يوللىغان ۋاقتى  2014-4-5 11:19 static/image/common/back.gif
يائاللا ياۋۇز ئاداش، ماۋۇ گېپىڭ نەق ماڭا تەگدى جۇمۇ. م ...

ئىشقىلىپ ئىزدىنشىتىكى كىتاب سېتىش ئېلانىنىڭ ھەممىسى سىلىنىڭكى، شۇڭا، سىلىمۇ ئاز تۇلا كىتاب ئىئانە قىلمىسىلا بەكلا سەت تۇرۇدۇ. سىلىنى باي دىمىسەكمۇ، بىراق كىتابلىرى خېلى بار دەپ قارايمەن، شۇڭا، كونا قىممەت كىتابلارنى بەرمىسىلىمۇ يېڭى كىتابلاردىن ئىئانە قىلغايلا...سودىللىرى تېخىمۇ يۈرۈشكەي.
بەت: [1] 2 3
: قاراقاشنىڭ يېراق يېزىسىكى كۇتۇپخانىغا كىتاب ئىئانە قىلغان بولسا...