Algha يوللانغان ۋاقتى 2014-4-6 07:46:50

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2014-4-5 15:21 static/image/common/back.gif
تېمىدىغۇ ژانىرىغا ، تۈرىگە چەك قويۇلمايدۇ دەپتۇ ،  شۇن ...

مۇھسىن:
بۇ كۇتۇپخانا مەكتەپنىڭ ئىچىدە، بۇنى مەكتەپ باشقۇرۇدۇ، بۇ بىر ئاممىۋىي ئۇرۇن بولىدۇ، ئەگەر خالىسا سىرتتىن كىشىلەر كىرىپ كۆرسىمۇ بولىدۇ...

قەشقەر تەرەپلەردە ھازىرچە تاپشۇرۇۋالىدىغان ئادەم يوق، ئەگەر سىز خالىسىڭىز خوتەننىڭ ماشىنىسىغا سېلىپ بەرسىڭىز، تېلفۇن نومۇرىنى يېزىپ، بىز بېرىپ ئەكىلىۋالساق بولىدۇ...ئالدىن كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت!

Algha يوللانغان ۋاقتى 2014-4-6 07:53:51

Qismet يوللىغان ۋاقتى  2014-4-5 16:00 static/image/common/back.gif
ئوبدان ئىشكەن بۇ، مەنمۇ قىلالىشىمچە كۈچەي.
«كومپيۇتېر  ...

قىسمەت:
بەكلا بەلەن گەپلەرنى قىپسىز، بەكلا خۇش بولدۇم. مەكتەپ يېقىندا كومپىيۇتېر دەرسلىرىنى تەسىس قىلماقچى ئىكەن. شۇڭا، سىزنىڭ بۇ بەرمەكچى بولغان ژۇرناللىرىڭىز ئۇلار ئۈچۈن ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز دېگەندەك ئىش بولىدۇ. بولسا خەيرىلىك ئىشنى كەينىگە بەك سۇزىۋەتمەي بىجا كەلتۈرگەن بولسىڭىز. ئۈرۈمچىدىن بىرسى ئېلىۋېلىشى كېرەك دېسىڭىز مەن ئادەم ئۇرۇنلاشتۇرسام بولىدۇ، ياكى سىز خوتەننىڭ قاراقاشقا ماڭىدىغان ماشىنىسىغا نومۇرىمنى يېزىپ قالدۇرۇپ يولسا سالسىڭىز، كەلگەندە تاپشۇرۇپ ئالساقمۇ بولىدۇ.

ئۈرۈمچىدىن قاراقاشقا ماڭىدىغان ئاپتۇز ھەركۈنى چۈشتىن بۇرۇن ماڭىدۇ، شۇڭا، سىز ۋاقتىڭىزغا ئاساسەن بىر ئىش قىلارسىز!

Algha يوللانغان ۋاقتى 2014-4-6 07:57:00

kuchtunggur يوللىغان ۋاقتى  2014-4-5 22:32 static/image/common/back.gif
ئىئانە بولغاندىكىن بىرەر ئورۇن مەسئۇل بولۇپ تاپشۇرىۋا ...

كۈچتۈڭگۈر:
بۇ مەكتەپنىڭ كۇتۇپخانىسىدۇر، سىز سالغان كىتابلارنى شەخس تاپشۇرۇپ ئېلىپ، كۇتۇپخانىغا تىزىملاپ قويىدۇ. سىز كىتابلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرىدىن ئەنسىرمەڭ، بىزلەر ئۇنداق سىز ئويلىغاندەك نائىنساپلاردىن ئەمەس،شۇڭا، قىلغۇڭىز بارغا دىلغۇل بولماي قىلىۋېرىڭ. كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە رەھمەت!

Algha يوللانغان ۋاقتى 2014-4-6 08:03:06

بارلىق بۇ مۇراجىئەتكە كۆڭۈل بۆلىۋاتقان دوستلارغا:

بىزنىڭ بۇ ئىشىمىز خالىس بىر ئىشتۇر. شۇ جاپالىق شارائىتتىكى ئاشۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەنىۋىيىتىنى تېخىمۇ بېيىشى، كىتاب ئارقىلىق كاللىسىغا، تۇرمۇشىغا مەنە ئاتا قىلىشنى ئىستەشتىن ئۆزگە ئىستەك ئەسلا بىزلەردە يوق! شۇڭا، بۇ قانداق ئىشتۇر، كىتابلارنى بىز ياخشى ئىشلارنى دەپ سالساق، باشقا ياققا، ياكى ئۆيىگە كېرىپ كېتەرمۇ دەپ ئەنسىرمىسىڭىزلەر، بىز ئۇنداق ئىنساپسىزلاردىن ئەمەسمىز!

سىز ئىئانە قىلغان بىر نەچچە پارچە كىتاب ئاشۇ سەبىي ئىنى - سېڭىللىرىڭىزنىڭ ئىدىيىسىگە تەسىر قىلىپ قالسا، بۇ ھەممىمىزنىڭ بەختى!

شۇڭا، دوستلارنىڭ ھەرقانداق تۈردىكى كىتابلارنى ئەۋەتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

يېراقتا تۇرۇپ بىزلەرنى ياد ئەتكەن قېرىنداشلار: سىزلەر تۇرۇشلۇق يەردىكى ئاپتۇز بېكەتلىرىدىن قاراقاشقا بىۋاستە ماڭدىدىغان ماشىنا بولسا شۇنىڭدىن، ياكى خوتەنگە ماڭىدىغان ئاپتۇز بولسا، پوسولكىنىڭ تېپىسىگە مەن يېزىپ قالدۇرۇپ قويغان تېلفۇن نومۇرىنى يېزىپ، خوتەنگە سېلىپ بەرسەڭلەر، بىز بېرىپ ئەكىلىۋالساق بولىدۇ. چۈنكى خوتەن بىلەن قاراقاشنىڭ ئارقىلىق 26 كىلومېتر كېلىدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا ئاشۇ جاپالىق يەردىكى قېرىنداشلىرىنى ئويلىغان ئەزىزىلەرگە، ئاشۇ يەردىكى ئوقۇغۇچى -  ئوقۇتقۇچىلار نامىدىن كۆپ رەھمەت!

Algha يوللانغان ۋاقتى 2014-4-6 08:03:14

بارلىق بۇ مۇراجىئەتكە كۆڭۈل بۆلىۋاتقان دوستلارغا:

بىزنىڭ بۇ ئىشىمىز خالىس بىر ئىشتۇر. شۇ جاپالىق شارائىتتىكى ئاشۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەنىۋىيىتىنى تېخىمۇ بېيىشى، كىتاب ئارقىلىق كاللىسىغا، تۇرمۇشىغا مەنە ئاتا قىلىشنى ئىستەشتىن ئۆزگە ئىستەك ئەسلا بىزلەردە يوق! شۇڭا، بۇ قانداق ئىشتۇر، كىتابلارنى بىز ياخشى ئىشلارنى دەپ سالساق، باشقا ياققا، ياكى ئۆيىگە كېرىپ كېتەرمۇ دەپ ئەنسىرمىسىڭىزلەر، بىز ئۇنداق ئىنساپسىزلاردىن ئەمەسمىز!

سىز ئىئانە قىلغان بىر نەچچە پارچە كىتاب ئاشۇ سەبىي ئىنى - سېڭىللىرىڭىزنىڭ ئىدىيىسىگە تەسىر قىلىپ قالسا، بۇ ھەممىمىزنىڭ بەختى!

شۇڭا، دوستلارنىڭ ھەرقانداق تۈردىكى كىتابلارنى ئەۋەتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

يېراقتا تۇرۇپ بىزلەرنى ياد ئەتكەن قېرىنداشلار: سىزلەر تۇرۇشلۇق يەردىكى ئاپتۇز بېكەتلىرىدىن قاراقاشقا بىۋاستە ماڭدىدىغان ماشىنا بولسا شۇنىڭدىن، ياكى خوتەنگە ماڭىدىغان ئاپتۇز بولسا، پوسولكىنىڭ تېپىسىگە مەن يېزىپ قالدۇرۇپ قويغان تېلفۇن نومۇرىنى يېزىپ، خوتەنگە سېلىپ بەرسەڭلەر، بىز بېرىپ ئەكىلىۋالساق بولىدۇ. چۈنكى خوتەن بىلەن قاراقاشنىڭ ئارقىلىق 26 كىلومېتر كېلىدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا ئاشۇ جاپالىق يەردىكى قېرىنداشلىرىنى ئويلىغان ئەزىزىلەرگە، ئاشۇ يەردىكى ئوقۇغۇچى -  ئوقۇتقۇچىلار نامىدىن كۆپ رەھمەت!

ehsanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-6 08:54:03

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،قېرىنداشلار!كەمىنە ئىككى ئېغىز گەپ قىستۇرۇپ قۇيۇشنى توغرا تېپىپ،يۇقارقى ئىنكاسلارغا قارىتا  ئۆزىنىڭ چولتا بولغان پىكىرلىرىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى!
دوستۇم،ئالغا نىڭ بۇ سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىدىن خەۋەر تېپىپ،تۇلىمۇ خۇرسەن بولدۇم،ھەمدە دوستۇمغا ئىچىمدە كۆپ ھەشقاللىلارنى ئېيتماي تۇرالمىدىم.چۈنكى بۇ ئانا تۇپراق شۇ ئالغا دوستۇم بىلەن ئىككىمىزنىڭ كىندىك قېنى تۈكۈلگەن تۇپراق،شۇ تۇپراق بىزگە ئىلىم-بىلىمنىڭ قەدرىنى،ئىنسانلىق قەدر-قىممەتنى،جەۋر-جاپانى،سەۋر-ئىنساپنى،سەبىي-پاكلىقنى،ئاقكۈڭۈللۇكنى- دىمەكچى ئىنساندا بۇلۇشقا تىگىشلىك ھەممە خۇسۇسىيەتنى بىلدۈرۈپ بىزنى قاتارغا قوشقان تۇپراق.گەرچە بۇ ئانا تۇپراق پەن-تېخنىكا،ئالىي مائارىپ ۋە ياكى ھەرخىل يىڭى ئۇچۇرلاردىن بەكلا يىراقتا بولسىمۇ،بىزگە نىسبەتەن،دۇنيانىڭ ھاي ھاي دەپ قالغۇدەك گۈزەل شەھەرلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان شۇنداق بىر مىھرى ئاتەش تۇپراق.دىسەم گەپ تۇلا،گەپنىڭ توچكىسى-بۇ تۇپراق قاراقاش ناھىيەسىدىن 96 كىلومىتىر يىراقلىقتا،قاراقاش ناھىيەسىدىن 50 كىلومىتىر ئەتراپىدا يول يۇرسەك قاراقاش ناھىيەسىنىڭ كاۋاك يېزىسىغا كىرىمىز-يەنى مەركىزى مەكتەپكە كىرىمىز بۇ ئارلىق ئاسفالىت يول،ئۇنىڭدىن كىيىنكى 46 كىلومىتىرچە يول گاھى تۇپا،گاھى شېغىل تاش،گاھى قۇملۇق يول....بۇ يول ئەسلى 2000-يىللىرىدىن كىيىن ئاسفالىت يول قىلىنىپ بۇلۇشى كىرەك ئىدى،ئەسلى قارار مۇشۇنداق ئىدى،ئەپسۇس، تاھازىرغىچە ئەمىلىلىشىپ بولالمىدى....دىمەكچىمەنكى،بۇ كۇتۇپخانا شۇ مەكتەپتە ئۇقۇغان ھەمدە جەمىيىتىمىزنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە تىرىكچىلىق قىلىۋاتقان دوستلارنىڭ ئازدۇر-كۆپتۇر قوللىشى بىلەن روياپقا چىققان ،مائارىپ ئۇرۇنلىرىنىڭ ھېچقانداق ياردىمى يوق بولغان ۋە جەمىئىيەتتىكى ياخشى نىيەتلىك ساخاۋەت ئىگىلىرىنىڭ خالىس قوللىشى ئاستىدا قۇرۇلغان كۇتۇپخانا.شۇڭا بۇ كىتاپ تاپشۇرۇۋېلىش ئىشىنى بىرە ئىدارە - ئۇرۇنغا ئۇرۇنلاشتۇرۇش ھازىرچە قۇلىمىزدىن كەلمەيدۇ...بۇ كىتابلارنى تاپشۇرۇۋېلىش مىنىڭ زىممەمدە،شۇڭا سىلەرگە بۇ خەتلەرنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.......ئەمدى ماڭا كەلسەك:مىنىڭ ئىسمىم ئابدۇكىرەم مەتناسىر،ھازىرقى خىزمەت ئورنۇم - قاراقاش لوقمان دوختۇرخانىسى ئۇچۇر بۈلۈمى، (دوختۇرخانىمىزنىڭ تور ئادرىسى:www.lokman.cn   تور بەتنىڭ ئاستىغا قارىساڭلار مىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلىفۇنۇم ۋە مۇڭداشقۇ نۇمۇرۇم بار،)      بۇلارنى قالدۇرۇپ قۇيۇشتىكى مەقسىتىم:بۇ سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىمىزنىڭ قانداقتۇر بىر ئالدامچىلىق ياكى پىتنە  بولماستىن بەلكى چىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش خالاس!
  شۇڭا كەڭ دوستلارنىڭ قۇلىدىن كىلىشىچە بىزنى مۇھىمى كەلگۈسىدىكى ئۈممەتلەرنىڭ مەنىۋىيىتى ئۈچۈن،قۇلۇڭلاردىن كىلىشىچە ياردەم قىلىپ قۇيۇشۇڭلارنى سۇرايمىز!!!!

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-6 10:48:37

مەنمۇ كىتاپ كىتاپلىرىمنى ئۇپۇس قىلىپ باقاي ئاللاھ خالسىا ئەتە ئۆگۈنلەردىن سېلېۋېتىشىم مۇمكىن .

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-8 13:47:31

مۇمكىن بولسا تاپشۇرۇۋالغان كىتابلارنىمۇ مۇشۇ يەردە ئاشكارا ئېلان قىلىپ  مەكتەپ ۋە كۇتۇبخانا ھەققىدە رەسىملىك ماتىرىياللارنى يوللاپ تۇرساڭلار ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن. مەنمۇ يۇرتقا قايتقاندا كىتابلىرىمنى بىرەر قۇر رەتلىسەم چىقىدۇ ئون- يىگىرمە پارچە بىر نەرسە... ئاللاھ سالامەت شۇ كۈنگە يەتكۈزگەي

Algha يوللانغان ۋاقتى 2014-4-8 21:17:27

دوستلار:
ھازىرغا كەلگۈچە بىز بىلەن قالدۇرۇلغان تېلىفۇن ئارقىلىق ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتىكىن ئالاقە قىلدى ۋە ئۆزىنىڭ ئون مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى كىتابلارنى ئىئانە قىلدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ھازىر ئىچكىرىدە يېغىندا ئىكەن، قايتىپ كەلسىلا كىتابلارنى بىزگە يەتكۈزۈپ بېرىدىغان بولدى.

مەن ۋە شۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتىكىننىڭ شۇ يىراقتىكى پەرزەنتلەرنى ياد ئەتكەنلىكىدىن قاتتىق تەسىرلەندۇق ۋە  كۆپتىن كۆپ تەشەككۇر ئېيتىمىز.

Algha يوللانغان ۋاقتى 2014-4-8 21:19:42

ئۇنىڭدىن باشقا توردېشىمىز ئايپالتا ماڭا ئۇچۇر قالدۇرۇپ: ئۆزىنىڭ ئىئانە قىلماقچى بولغان كىتابلىرىنىڭ ئۇيغۇرچىللىرىنى باشقىلار ئارقىلىق ئاشۇ يەردىكى پەرزەنتلەرگە ئىئانە قىلىدىغان بوپتۇ.

تورداش ئايپالتىغىمۇ كۆپتىن كۆپ رەھمەت! (خەيرىلىك ئىشقا دىيەلەيدىغىنىمىزمۇ مۇشۇنچىلىك ئىكەن)

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2014-4-9 21:01:22

ما تېما چۆكۈپ كەتمىسۇن.

«بىلىم-كۈچ» ژۇرنىلىدىنمۇ ئازراق تېپىلىشى مۇمكىن.

كىتابخانا ئېچىۋاتقانلار بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ باقايلى قېنى.

Algha يوللانغان ۋاقتى 2014-4-9 21:09:51

bostancn دېگەن ئۈندىدار سۇپىسىدىكى دوستلار ئىزدىنىش تور بېكىتى ئارقىلىق مەندىن رۇخسەت ئالغاندىن كېيىن، بۈگۈن شۇ سۇپىدا بۇ مۇراجىئەتنامىنى تاراتتى...شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ دوستلارغىمۇ كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز!

kitabpurux يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 19:18:20

مەن قەشقەر «ھېكمەت» كىتابخانىسى ۋە «نۇرسۇلتان» ئىلېكتېرون مەھسۇلاتلىرى دۇكىنى نامىدىن 200 پارچە كىتاب-ژورنال كۆڭۈل قىلاي.
مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە تەييارلاپ ئۇچۇر قىلىمەن.
دۇكان ئورنى ھېيتگاھ جامە چوڭ دەرۋازىسى بىلەن بىر تامدا .
0998-2825798

Algha يوللانغان ۋاقتى 2014-4-14 09:54:09

kitabpurux يوللىغان ۋاقتى  2014-4-12 19:18 static/image/common/back.gif
مەن قەشقەر «ھېكمەت» كىتابخانىسى ۋە «نۇرسۇلتان» ئىلېك ...

بولىدۇ، رەھمەت سىزگە!

كىتابلارنى تاپشۇرۇۋېلىشقا مەسئۇل بۇرادىرىمىزنىڭ ئېيتىشىچە ھازىرغىچە ئۈچ ئەتىراپىدا كىشىلەر ئالاقىلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ كۆڭلىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان. بىز بۇ يەردە شۇ قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ كۆپ رەھمەت ئېيتمىز!

ehsanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 16:26:02

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كەمىنە ئېھسانجاندىن تور دۇنياسىدىكى كەڭ قەدىردانلارغا ئوتلۇق سالام،ھازىرغىچە مەن بىلەن كۈرۈشۈپ،ماڭا كىتاپ سېلىپ بەرگەنلەردىن،قەشقەردىن بىر بۇرادىمىز،ئۈرۈمچىدىن ئۈچ بۇرادىرىمىز،قاراقاش ناھىيەسىدىن بىر بۇرادىمىز بولدى.....بۇ قېرىنداشلىرىمىزغا ئۆزەمنىڭ ۋە شۇ مەكتەپتىكى 400 غا يېقىن غۇنچىلارنىڭ ۋە باغۋەنلەرنىڭ نامىدىن ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۇرىمىز..........ئۇنىڭدىن باشقا بىزنىڭ مائارىپسۈيەر ئوغلانىمىز سارتېكىن ئەپەندىنىڭ سېلىپ بەرگەن كىتابلىرى بىر-بىرىدىن سەرخىل ھەمدە قىممىتى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بولغانلىقتىن ئالاھىدە تېلغا ئېلىشىمغا توغرا كەلدى.كەمىنە قېرىندىشىمىزغىمۇ ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۇرىمىز.يۇقارقى قەدىردانلارنىڭ قىلغان ھەربىرى ئۈچۈن ئاللاھىم مىڭنى بەرسۇن!!!!

ehsanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 16:38:09

مانا بۇ سارتېكىن ئەپەندىنىڭ ئەۋەتكەن كىتابلىرى

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-5 09:05:05

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hezret2011 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-5 09:09  

قارىقاشتا بايلار خىلى كۆپ، تاشچىلار، كۆپ خوتۇنلۇقلار.... دېگەندەك.
..........................................................................................
شىنجاڭغا داڭلىق نەشرىيات سودىگىرى- مونوپۇلچىسى ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتىكىن (شۇڭقاردەك ئالار-چاقچاق)ئەپەندىمۇ قارىقاشتىن بولمىسا. نەشرىياتتىن چىققان خېلى كۆپ كىتابلار، بولۇپمۇ تېببى كىتابلارنىڭ ۋە ئەدەب ئەخلاققا دائىر كىتابلارنىڭ كۆپ سانلىقى مەزكۇر ئەپەندىنىڭ نامىدا نەشىردىن چىقىدۇ.
سېتىپ بولالماي ئامبارلىرىدا بوينىنى قېسىپ، چاشقاندىن قورقىۋاتقان كىتابلىرىمۇ ئاز ئەمەستۇ؟
مۇشۇ ئەپەندىگە بىرەرسىڭلار يەتكۈزۈپ قويساڭلار بولاتتى.

ehsanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 12:08:24

hezret2011 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-5 09:05 static/image/common/back.gif
قارىقاشتا بايلار خىلى كۆپ، تاشچىلار، كۆپ خوتۇنلۇقلار.. ...

ھەزرەت ئەپەندى كۆرمەي قاپسىزدە،ئۈستىدىكى رەسىمدىكى كىتابلارنى شۇ كىشىمىز ئەۋەتكەن.........ئەڭ قىممەتلىك ،ئەڭ ياخشى كىتابلارنى شۇ كشى ئەۋەتتى......ئۇنىڭ ئەۋەتكىنى قانداقتۇر بىر بېسىلىپ قالغان ئەمەس بەلكى بازاردا ئېقىۋاتقان كىتابلار ئىكەن....چۈنكى مەنمۇ كىتاب بازىرىدا بىر مەھەل تۇرۇپ باققان......90% دىن يۇقىرى كىتابلار قاتتىق مۇقاۋىلىق كىتابلار ئىكەن.........................

yanwar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-9 12:21:04

hezret2011 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-5 09:05 static/image/common/back.gif
قارىقاشتا بايلار خىلى كۆپ، تاشچىلار، كۆپ خوتۇنلۇقلار.. ...

«قاراقاشتا كۆپ خوتۇنلۇقلار كۆپ!» دەپ سىزگە كىم دېدى؟

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 08:58:09

مەن -ئۆزەم شۇنداق دېگەن. تاشچى ئاغىنىلىرىمنىڭ تۇرمۇشدىن كۆرگەنلىرىم-ئاڭلىغانلىرىم - شۇنداق دېدى.
مەرھۇم xx ھاجىم قارىقاشلىق دوستىمىز ئىدى. چوڭ ئايالىدىن بولغان بالىلىرى ئانىسى، مومىسى بىلەن قارىقاشتا تۇراتتى، ئۆزى بولسا ئىچكىرىدە، چەتئەلدە، كۆپرەك ئۈرۈمچىدە (لاڭتىيەن ئەرچىدىكى ئۆيىدە)تۇراتتى.
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي. ئۇنىڭ كۆپ سانلىق دوستلىرى.... بولدىلا... غەيۋەت بولۇپ قالمىسۇن! سۈپىتى بولۇپ قالغاي.

بەت: 1 [2] 3
: قاراقاشنىڭ يېراق يېزىسىكى كۇتۇپخانىغا كىتاب ئىئانە قىلغان بولسا...