muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 11:22:22

مۇھاكىمە : مىنىڭ نەزىرىمدىكى ئالەم مودىلى

مۇھاكىمە : مىنىڭ نەزىرىمدىكى ئالەم مودىلى

مەن كەڭ مەنىلىك نىسبىيىلىك نەزەرىيەسىنى ئوزلۇگۇمدىن ئۇگۇنۇش  ۋە تەتقىقات (ئەگەر شۇنداق دىيىشكە توغرا كەلسە)جەرىيانىدا گامۇۋنىڭ چوڭ پارتلاش نەزەرىيىسى ۋە ئينىشتىيىننىڭ تىنىچ ئالەم ، كېڭىيىۋاتقان ئالەم نەزەرىيەلىرى بىلەن تۇنۇشۇپ ، خىيالىمچە بۇ نەزەرىيەلەرنىڭ ھەرىكەت مەسلىلىرىنى تەھلىل قىلىش ۋە <<بۇۋاق ئالەم >> نىڭ تەرەققىياتىنى پەرەز قىلىشتا بىر قىسىم كەمچىلىكلەر بار دەپ ھىساپلاپ << ئوز ئۇقىدا ئايلىنىپ  كېڭىيىۋاتقان  دەۋرى ئالەم مودىلى >> تۇرغۇزۇشنىڭ زۇرۇرلىگىنى ھىس قىلغان ئىدىم ، غەيرى رەسمى ماتىماتىكىلىق مودىلىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ چىققان ئىدىم ، بىراق سەۋىيەمنىڭ تۇۋەنلىگى ۋە شارائىتىمنىڭ يار بەرمەسلىگى تۇپەيلىدىن رەسمى ماتىماتىكىلىق مودىلنى تۇرغۇزۇپ چىقالمىدىم ، كەلگۇسىدە تۇرغۇزۇش ئىمكانىيىتىم بۇلامدۇ - بولمامدۇ (بىر يىلدىن بۇيان داۋالانغان بولساممۇ ئەھۋالىمدا بارغانسىرى ناچارلىشىش كۇرۇلىۋاتىدۇ)ئۇچۇق بىلمەيمەن ، شۇنداق بولسىمۇ ئەگەر ئىلىم ئەھلىلىرى مۇۋاپىق دەپ قارىسا مىنىڭ تەپەككۇر يۇلۇم بۇيىچە ئىزدىنىپ باقسا بەلگىلىك نەتىجىگە ئىرىشەلەيدۇ دەپ قاراپ مۇناسىۋەتلىك تور بەتلىرىمىزگە يوللاپ قۇيۇشنى مۇۋاپىق تاپتىم .
ئىلىم ئەھلىلىرى قىممىتى بار دەپ قاراپ پايدىلانسا كوڭلۇم تەسكىن تاپار ئىدى ، ئەلۋەتتە مەنمۇ شارائىتىمنىڭ يار بىرىشىچە مەزكۇر مودىلنى مۇكەممەللەشتۇرۇش ۋە ماتىماتىكىلىق مودىلنى ئىشلەش  ئۇچۇن تىرىشىمەن.
مىنىڭ نەزىرىمدىكى ئوز ئۇقىدا ئايلىنىپ  كېڭىيىۋاتقان  دەۋرى ئالەم مودىلىنىڭ ئاساسى نوقتىنەزەرلىرى توۋەندىكىچە :
1. ئالەم ئوز ئۇقىدا ئايلىنىدۇ .
ھازىر خەلقئارادا نۇپۇزلۇق ئۇرۇندا تۇرىۋاتقان چوڭ پارتلاش نەزەرىيەسى ۋە سىتپىن خاۋكىڭنىڭ ئالەم نەزەرىيەسىدە بىردەك ئالەم <<بۇۋاق ئالەم>> ياكى <<ئىپتىدائى ئالەم >> نىڭ پارتلىشىدىن يەنى كېڭىيىشىدىن كەلگەن دەپ قارىلىپ بۇ يەردىكى كۇچ مەنبەسى توغرىسىدا يىتەرلىك توختالمايدۇ .
مىنىڭ قارىشىمچە ئەڭ دەسلەپكى ئالەم ئىنتايىن يۇقۇرى تىزلىكتە  ئۇز ئۇقىدا ئايلىنىدۇ ياكى ئىپتىدائى ئالەمنىڭ خاس چاستوتىسى ۋە  سىپىنى بۇلىدۇ ، بۇ تىزلىكتىن كىلىپ چىققان مەركەزدىن قاچما كۇچ دەسلەپكى ئالەمنى بىر نوقتىغا يەنى ئاتالمىش <<غەيرى نوقتا>> غا يىغىپ تۇرغۇچى ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قاتارلىق كۇچلەر بىلەن قارشىلىشىپ تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدۇ . بىراق ، ئۇلۇغ ياراتقۇچى بۇ تەڭپۇڭلۇقنى << ئىنتايىن ئاز كۈچ >> بىلەنلا بۇزۇپ تاشلاپ ، مەركەزدىن قاچما كۇچ ئۇستۇنلۇكنى ئىگەللەپ ئالەم شىددەت بىلەن كېڭىيىدۇ  ۋە داۋاملىق ئوز ئۇقىدا ئايلىنىدۇ ، ئوز ئۇقىدا ئايلىنىشنىڭ سەۋەبى ئىككى بۇلۇپ بىرى ھەر بىر نوقتا ئۇرۇنما يۇنۇلۇشىدە  تۇز سىزىقنى بويلاپ قاڭقىيىدۇ ، يەنە بىرى مەركەزلىك كۇچ - ئالەملىك تارتىشىش كۇچىنىڭ تەسىرىگە داۋاملىق ئۇچرايدۇ .
ئالەمنىڭ ماكرو ئولچىمىدىكى زىچلىقنىڭ  ئوخشاش  بۇلۇشىنىڭ سەۋەبى دەل مەركەزدىن قاچما كۇچنىڭ تەسىرىنىڭ نەتىجسى ،  ۋاكۇئۇم ۋە ئىغىرلىق كۇچى بولمىغان شارائىتتا بۇنى تەقلىد قىلىش مۇمكىن .
2. ئالەمنىڭ ئايلىنىشى بارغانسىرى ئاستىلايدۇ ۋە توختايدۇ .
بالىت ئۇسۇلى ئويناۋاتقانلارنى كوز ئالدىمىزغا كەلتۇرسەك چۇرگىلەۋاتقان بالىتچى قۇلىنى كىرىش ۋە يىغىش شەكىلىدىن پايدىلىنىپ ، پىرقىراش تىزلىكىنى كونتىرۇل قىلىدۇ ئالەممۇ شۇنداق . ئەمما بۇ جەرىيان كوپ مۇرەككەپ بۇلىدۇ.
ئالەمنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ئالەمنىڭ سىرتقى چىگىرىسىغا يېقىن جايلاشقان  (ئەلۋەتتە ئىچىكىرى ئۇرۇنلارغا جايلاشقىنىنىڭمۇ تۇۋەندىكىدەك بۇلىدۇ)ئاسمان جىسىملىرىنىڭ سىزىقلىق تىزلىكى ئاشىدىغانلىقتىن ماسسىسىدا ئېشىش كۇرۇلۇپ ، تىزلىكى يۇرۇقلۇق تىزلىكى (يۇرۇقلۇق تىزلىكى مۇقىم بولمايدۇ)گە يېقىنلاشقانسىرى بۇ ئېشىش كەسكىن بۇلۇپ ، بارا - بارا سىزىقلىق تىزلىكنىڭ كېمىيىشى كىلىپ چىقىدۇ .
ئاخىرىدا ئالەمنىڭ مەركىزىگە نىسبەتەن بۇلۇڭلۇق تىزلىك نولگە چۇشىدۇ . بىراق ، ناھايىتى تىزلا ئىنىرتىسىيە سەۋەبىدىن ئالەم تارىيىشقا  ۋە تەتۇر ئايلىنىشقا باشلاپ قايتا بۇۋاق ئالەم ، ئاخىرىدا ئاتالمىش <<غەيرى نوقتا>> شەكىللىنىدۇ . بۇ كېڭىيىش-تارىيىش جەرىيانى  ۋە ئايلىنىش يۇنىلىشىنىڭ ئوزگىرىشى دەۋرى قىلىدۇ.
3. غۇۋا ئىنىرگىيە - ئالەمنىڭ ئوز ئۇقىدا ئايلىنىش ئىنىرگىيىسىدىن ئىبارەت .
ھازىرغىچە مەلۇم بولغان نەزەرىيەلەرنىڭ موتلەق كوپ قىسمى غۇۋا ئىنىرگىيە مەسلىسىنى چۇشەندۇرۇپ بىرەلمەيدۇ ، بۇنى ئالەمنىڭ ئوز ئۇقىدا ئايلىنىش ئىنىرگىيىسى دەپ ماتىماتىكىلىق ئىسپاتلاشنى ئېلىپ بېرىش مۇمكىن.
4 . ئالەمنىڭ كىڭىيىش تىزلىكىدە دەۋرى ئوزگىرىش بۇلىدۇ .
ئالەمنىڭ يۇقۇرىدا بايان قىلىنغان مودىلدىكى نوقتىنەزەرلەرنى ماتىماتىكىلىق ئۇسۇلدا ڧىزىكىلىق مىقتارلاشتۇرۇش  ئىنىرگىيە ،  ھەرىكەت مىقتارلىرىنىڭ ساقلىنىش نوقتىسىدىن چىقىپ ئارقىلىق  ئالەمنىڭ تىزلىنىشچان سۇرئەتتە كېڭىيىش ، كىمىيىشچان سۇرئەتتە كېڭىيىش ، كېڭىيىشتىن توختاش ، تىزلىنىشچان سۇرئەتتە تارىيىش ، كېمىيىشچان سۇرئەتتە تارىيىش ، غەيرى نوقتىدا توختاش  ۋە يۇقارقى جەرىيانلار تەكرار دەۋرىلىنىش بۇلىدۇ. ئالەمنىڭ ئۇمۇمى ماسسىسى ، ئىنىرگىيە  ۋە كېڭىيىش تىزلىكىنى ئولچەش ئارقىلىق دەۋرى قىلىش ۋاقتىنى ھىساپلاش مۇمكىن.
5.ئالەم چەكسىز ئەمما چىگىرىسى بولمايدۇ .
مىنىڭ تەسەۋۋۇرۇمچە ھەرقانداق بىر پەيتلىك ئالەمگە نىسبەتەن يۇرۇقلۇق تىزلىكى ئالەمنىڭ ئەڭ چېتىنىڭ تىزلىكگە تەڭ بۇلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئېشىپ كىتەلمەيدۇ ، يۇرۇقلۇق تىزلىكىنىڭ قىممىتى ئالەمنىڭ چىگىراسىدىكى ئاسمان جىسمىنىڭ مەركەزگە نىسبەتەن تىزلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ ، يەنى ئۇمۇ دەۋىرى ھالدا ئوزگىرىدۇ!.
ئالەمنىڭ چەت - چىگىرىسى دەل نىسبىيىلىك نەزەرىيەسىدىكى شىۋازچىلىد ھورزۇنى بۇلۇپ ، ئالەم بىر قارا ئۇڭكۇردىن ئىبارەت . بىز بۇ ھۇرىزۇندىن چىقىپ كىتەلمەيمىز .....

بۇ مودىلنى كۇزىتىشتە ئىسپاتلاش
خوببىلى قىزىلغا كۇچۇش ، ئارقا كۇرۇنۇش رادىئاتسىيىسى قاتارلىقلارنى بۇ يەردە تىلغا ئالساقمۇ بۇلىدۇ ،  بىراق بۇ مودىلنى ئىسپاتلاشنىڭ ھالقىسى ئالەمنىڭ ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاشتىن ئىبارەت !
ئەگەر بۇ مودىل توغرا بولسا ، ئالەمنىڭ ماگىنىت قۇتۇبى بۇلىدۇ!
ھەمىمىز بىلىمىزكى ماگىنىت قۇتۇبى  ئايلىنىۋاتقان ۋە ئايلىنىش تىزلىك پەرقى بولغان زەرەتلىك جسىملارنىڭ بەلگىلىك قانۇنىيەتنى قانائەتلەندۇرگەن تەقسىماتنىڭ ھەممىسىدە  شەكىللىنىدۇ ،  يەرشارىنىڭ ماگىنىت قۇتۇبىمۇ تىگى تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا - مىنىڭچە - پىلازما قەۋىتى بىلەن يەرشارى پوست قەۋىتى بۇلۇڭلۇق تىزلىك پەرقىدىن ۋە باشقا سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بارلىققا كىلىدۇ
يەرشارى غايەت زور ماگىنىت قۇياش - غايەت زور ماگىنىت شۇنداق بۇلۇپلا قالماي سامان يۇلى سېستىمىسىمۇ غايەت زور ماگىنىتتىن ئىبارەت .   
ئالەمدىكى ھەربىر يۇلتۇز تۇركۇمى <<كىچىك ماگىنىت>> بۇلۇپ ، ئالەمنىڭ ئوز ئۇقىدا ئايلىنىشى سەۋەپلىك ئالەممۇ ئالامەت چوڭ بىر ماگىنىتتۇر.
يۇقۇرىدا دەپ ئوتكىنىمىزدەك ئالەمنىڭ ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۇچۇن ئالەمنىڭ ماگىنىت قۇتۇبىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۇزىتىپ ئولچەپ چىقىرىشتىن ئىبارەت .
ئىشنىمىزكى قېرىنداشلىرىمىز بۇلۇپمۇ ياش ئەۋلاتلار ئالەم مودىلى ۋە ئۇنى ئىسپاتلاش ئۇچۇن نۇرغۇن-نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايدۇ.





Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 22:17:53

مىنىڭ قارىشىمچە ئەڭ دەسلەپكى ئالەم ئىنتايىن يۇقۇرى تىزلىكتە  ئۇز ئۇقىدا ئايلىنىدۇ ياكى ئىپتىدائى ئالەمنىڭ خاس چاستوتىسى ۋە  سىپىنى بۇلىدۇ
بۇ جۈملىدىكى سىزنىڭ قارشىڭىز قانداق كەلگەن؟ياكى نېمە ئۈچۈن بۇ قاراشقا كەلگەن؟ياكى بۇ قاراشتىكى ئىلمى ئاساسىڭىز نېمە؟

ئالەمنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ئالەمنىڭ سىرتقى چىگىرىسىغا يېقىن جايلاشقان  (ئەلۋەتتە ئىچىكىرى ئۇرۇنلارغا جايلاشقىنىنىڭمۇ تۇۋەندىكىدەك بۇلىدۇ)ئاسمان جىسىملىرىنىڭ سىزىقلىق تىزلىكى ئاشىدىغانلىقتىن ماسسىسىدا ئېشىش كۇرۇلۇپ
سىز كۆزدە تۇتقان ئالەم پەقەت سامان يولى سېستىمىسىمۇ ياكى ئىنسانلار ھازىرغىچە كۆرۈپ ھېسابلاپ چىقىرالايدىغان دائىرىدىكى ئالەممۇ ياكى پۈتكۈل كائىناتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ چوڭ ئالەممۇ؟ سىرتقى چىگرىسى دەپ نېمىنى كۆزدە تۇتتىڭىز؟چىگرا دېگەن بىر رايون بىلەن يەنە بىر رايوننىڭ پاسىلى،دېمەك لوگىكا جەھەتتىن سىز تىلغا ئالغان ئالەمنىڭ سىرتىدا يەنە ئالەم بار دېگەن گەپ .شۇڭا بۇ يەردە ‹ئالەم›دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلىتىپ ‹مۇھاكىمە›قىلىش توغرا بولامدۇ؟

ھازىرغىچە مەلۇم بولغان نەزەرىيەلەرنىڭ موتلەق كوپ قىسمى غۇۋا ئىنىرگىيە مەسلىسىنى چۇشەندۇرۇپ بىرەلمەيدۇ ، بۇنى ئالەمنىڭ ئوز ئۇقىدا ئايلىنىش ئىنىرگىيىسى دەپ ماتىماتىكىلىق ئىسپاتلاشنى ئېلىپ بېرىش مۇمكىن.
ھازىرغىچە مەلۇم بولغان نەزىريەلەر دەپ قايسى نەزىريەلەرنى كۆزدە تۇتتىڭىز؟ ياكى سىز ‹نەزىرىيە›ئېتى بار بارلىق نەزىريەلەرنى ئۆگەنگەنمۇ؟ شۇنداقمۇ دەپ تۇرايلى، ئۇ نەزىريەلەرنىڭ غۇۋا ئىنىرگىيە مەسىلىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى قانداق ئىسپاتلايمىز؟ھەم بۇنى ئالەمنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش ئىنىرگىيەسى دەپ ماتىماتىكىلىق ئىسپاتلاش مۇمكىن بولىدىغانلىقىغا قانداق ئاساسىڭىز بار؟

.ئالەم چەكسىز ئەمما چىگىرىسى بولمايدۇ .
بۈ بىر جۈملە يۇقىردا مەن تىلغا ئالغان ‹ئالەمنىڭ سىرتقى چىگرىسى›دېگەن سۆزىڭىز بىلەن زىت كېلەمدۇ قانداق؟

مىنىڭ تەسەۋۋۇرۇمچە ھەرقانداق بىر پەيتلىك ئالەمگە نىسبەتەن يۇرۇقلۇق تىزلىكى ئالەمنىڭ ئەڭ چېتىنىڭ تىزلىكگە تەڭ بۇلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئېشىپ كىتەلمەيدۇ ، يۇرۇقلۇق تىزلىكىنىڭ قىممىتى ئالەمنىڭ چىگىراسىدىكى ئاسمان جىسمىنىڭ مەركەزگە نىسبەتەن تىزلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ ، يەنى ئۇمۇ دەۋىرى ھالدا ئوزگىرىدۇ!.
ئۇشبۇ تەسەۋۋۇرىڭىزنىڭ ئاساسى نېمىكىن؟...ھەر قانچە پەرەز تەسسەۋۋۇر بولغاندىمۇ ئۇنىڭ بىر ئىلمى ئاساسى ياكى كېلىش مەنبەسى بولۇشى كېرەكتۇ؟

ئەگەر بۇ مودىل توغرا بولسا ، ئالەمنىڭ ماگىنىت قۇتۇبى بۇلىدۇ!
ئەگەر توغرا بولمىسىچۇ؟

مىنىڭچە - پىلازما قەۋىتى بىلەن يەرشارى پوست قەۋىتى بۇلۇڭلۇق تىزلىك پەرقىدىن ۋە باشقا سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بارلىققا كىلىدۇ
سىزنىڭچە ؟ سىزنىڭچە بۇ جۈملىنىڭ ئاساسى نېمىكىن؟ باكادىن باكالا پىلازما قەۋىتى بىلەن يەرشارى پوست قەۋىتى بۇلۇڭلۇق تىزلىك پەرقىدىن ۋە باشقا سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بارلىققا كىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلمىغانسىز ؟ ئاندىن بۇيەردىكى باشقا سەۋەبلەر دېگىنى قايسى سەۋەب بولۇشى مۇمكىن؟ ئاز بولسىمۇ ھازىرچە مۇشۇلارنى سوراپ تۇراي ، جاۋابىڭىزنى ئاڭلىسام دەيمەن ، بولمىسا بۇ مودىلنى مەنلا ياسىۋېتىدىغاندەك تۇرىمەن ....

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 17:47:06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhakima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-21 17:54  

ئالدى بىلەن سىزنىڭ مەزكۇر تىمىغا دىققەت قىلغانلىقىڭىز ۋە يۇقۇرى سەۋىيىلىك ئىنكاس يازغىنىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمەن . سىزنىڭ سورىغان سۇئالىڭىزغا جاۋابىم تۇۋەندىكىچە :
مىنىڭ قارىشىمچە ئەڭ دەسلەپكى ئالەم ئىنتايىن يۇقۇرى تىزلىكتە  ئۇز ئۇقىدا ئايلىنىدۇ ياكى ئىپتىدائى ئالەمنىڭ خاس چاستوتىسى ۋە  سىپىنى بۇلىدۇ .
بۇ جۈملىدىكى سىزنىڭ قارشىڭىز قانداق كەلگەن؟ياكى نېمە ئۈچۈن بۇ قاراشقا كەلگەن؟ياكى بۇ قاراشتىكى ئىلمى ئاساسىڭىز نېمە؟
خوببىلى قانۇنى ، ئارقا كۇرۇنۇشلۇك رادىئاتىسىيە ، ۋە ئالەمنىڭ ئالەم ئولچىمىدىكى زىچلىقىنىڭ تەكشى بۇلۇشى ، ئالەمشوناسلىق پىرىنىسىپى قاتارلىقلاردىن مەلۇمكى ئالەم كىچىك دائىرىدە زىچلىق تەكشى بولماسلىق ، چوڭ دائىرىدە زىچلىق تەكشى بۇلۇش ، كېڭىيىش تىزلىكى ئالەمنىڭ ھەممە يىرىدە ئوخشاش بۇلۇش قاتارلىقلار  ئالەمنىڭ كېڭىيىشىدە ھەممە ئاسمان جىسىملىرى ماسىسىنىڭ قانچىلىك بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر مەركەزدىن سىرتقا يۇنەلگەن كۇچنىڭ تەسىرىگە ئوچرايدىغانلىغىنى چۇشەندۇرىدۇ ، بۇ كۇچ مەركەزگە يۇنەلگەن ئالەملىك تارتىشىش كۇچىنىڭ تەسىرىنى يىڭىپ ئالەمنى كېڭەيتىشى كېرەك ، مىقتار جەھەتتىن ھەر بىر جىسىم ئۇچىرىغان تارتىش كۇچى مەركەزدىن قاچما كۇچتىن كىچىك بولغاندا ئالەمنىڭ كېڭىيىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ ، ئارىلىقنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئالەملىك تارتىشىش كۇچى كىچىكلەيدىغان بولغانلىقتىن ئالەمنىڭ دەسلەپكى تىزلىنىشچان كېڭىيىشىنى كەلۇرۇپ چىقرالايدۇ ، بۇ ئارقىلىق ئالەمنىڭ تىزلىنىشچان كېڭىيىشىنىڭ ۋە چوڭ دائىرىدىكى زىچلىق تەقسىماتى تەكشىلىكىنىڭ سەۋەبىنى چۇشەندۇرۇشكە بۇلىدۇ.
شۇڭا ئالەم ئەڭ دەسلەپتە يۇقۇرى تىزلىكتە ئوز ئوقىدا ئايلىنىدۇ دىگەن قاراش مەندە تۇرغۇزۇلغان. ئەڭ دەسلەپكى يۇقۇرى تىزلىكتە ئوز ئۇقىدا ئايلىنىش
كىيىنكى مەزگىلدىكى كېڭىيىش ۋە ئوز ئۇقىدا ئايلىنىشنىڭ  كۇچ مەنبەسى.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 18:03:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhakima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-21 18:09  

ئالەمنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ئالەمنىڭ سىرتقى چىگىرىسىغا يېقىن جايلاشقان  (ئەلۋەتتە ئىچىكىرى ئۇرۇنلارغا جايلاشقىنىنىڭمۇ تۇۋەندىكىدەك بۇلىدۇ)ئاسمان جىسىملىرىنىڭ سىزىقلىق تىزلىكى ئاشىدىغانلىقتىن ماسسىسىدا ئېشىش كۇرۇلۇپ
سىز كۆزدە تۇتقان ئالەم پەقەت سامان يولى سېستىمىسىمۇ ياكى ئىنسانلار ھازىرغىچە كۆرۈپ ھېسابلاپ چىقىرالايدىغان دائىرىدىكى ئالەممۇ ياكى پۈتكۈل كائىناتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ چوڭ ئالەممۇ؟ سىرتقى چىگرىسى دەپ نېمىنى كۆزدە تۇتتىڭىز؟چىگرا دېگەن بىر رايون بىلەن يەنە بىر رايوننىڭ پاسىلى،دېمەك لوگىكا جەھەتتىن سىز تىلغا ئالغان ئالەمنىڭ سىرتىدا يەنە ئالەم بار دېگەن گەپ .شۇڭا بۇ يەردە ‹ئالەم›دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلىتىپ ‹مۇھاكىمە›قىلىش توغرا بولامدۇ؟
مەن بۇيەردە تىلغا ئالغان چىگىرا شىۋازچىلىد ھۇرىزۇنىدۇر ، ئالەم  چەكسىز ئەمما چىگىرىسى بار ئالەمدۇر . ئينىشتىيىننىڭ تىنىچ ئالەم مودىلىدىمۇ ئالەم چەكسىز ، چىگىرىسى بار دىگەن . سىزچە ئېينىشتىيىننىڭ دىگىنى لوگىكىسىزمۇ؟
سىزنىڭ مىنىڭ تور نامىمنى ئالاھىدە ھالدا تىرناق ئىچىگە ئېلىپ نىمىگە دارتلىمىغانلىقىڭىزنى چۇشەنمىدىم . كەچۇرۇڭ ، بۇ قىلغىنىڭىز سىزنىڭ مىنىڭ قاراشلىرىمنى ئەمەس  ، مىنىڭ شەخسىيىتىمنى تەھلىل قىلىۋاتقاندەك تەسىر بىرىپ قويدى. سۆز ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 18:18:59

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhakima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-21 18:47  

ھازىرغىچە مەلۇم بولغان نەزەرىيەلەرنىڭ موتلەق كوپ قىسمى غۇۋا ئىنىرگىيە مەسلىسىنى چۇشەندۇرۇپ بىرەلمەيدۇ ، بۇنى ئالەمنىڭ ئوز ئۇقىدا ئايلىنىش ئىنىرگىيىسى دەپ ماتىماتىكىلىق ئىسپاتلاشنى ئېلىپ بېرىش مۇمكىن.
ھازىرغىچە مەلۇم بولغان نەزىريەلەر دەپ قايسى نەزىريەلەرنى كۆزدە تۇتتىڭىز؟ ياكى سىز ‹نەزىرىيە›ئېتى بار بارلىق نەزىريەلەرنى ئۆگەنگەنمۇ؟ شۇنداقمۇ دەپ تۇرايلى، ئۇ نەزىريەلەرنىڭ غۇۋا ئىنىرگىيە مەسىلىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى قانداق ئىسپاتلايمىز؟ھەم بۇنى ئالەمنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش ئىنىرگىيەسى دەپ ماتىماتىكىلىق ئىسپاتلاش مۇمكىن بولىدىغانلىقىغا قانداق ئاساسىڭىز بار؟

ھازىرغىچە ماڭا مەلۇم بولغان  روبىرتسون-ۋالكېر مىتىرىكى ئاساسىدىكى پىرىدمان ئالەم مودىلى يەنى ئولچەملىك مودىل ، ئېينىشتىين - دې ستتېر مودىلى ، لىمايتىر مودىلى ، بىيانىچ - 1 تىپلىق ئالەم مودىلى ، بىيانىچ -5 تىپلىق 5 ئولچەملىك مودىل ، گودىل مودىلى ، 6 ئولچەملىك مودىل ، ئېينىشتىيىن كارتان مودىلى ، دىراك پەرىزى ، غەيرى نوقتا تىئورمىسى ،  چوڭ پارتلاش مودىلى ، كۇشى مودىلى ، لىندى قاتارلىقلارنىڭ پارتلاش مودىلى قاتارلىق كەڭ مەنىلىك نىسبىيىلىك نەزەرىيەسى ئاساسىدىكى مودىل ، تىئورما ، پەرەزلەر ، خارتىلى - خاۋكىڭ لايىھەسى  ، ۋېلكىن لايھەسى قاتارلىق كۇۋانىت ئالەم مودىلىنىڭ ئىككى ئاساسى ئېقىمى ، كالۇزا - كىلىيىن مودىلى ....قاتارلىق  كۇۋانىت ئالەم مودىللىرىنى كۆرگەن ھەم شۇلارنى كۆزدە تۇتقان،  يۇقۇرىدىكى نەزەرىيە مودىللاردا غۇۋا ئىنىرگىيە توغرىسىدىكى بايانلارنى مەن ئوچراتمىدىم (مەن كورگەن ماتىرىياللار چەكلىك).
ئىسپاتلاش جەھەتتە شارائىتىم يار بەرگەندە ئىسپاتلاش ئۇچۇن تىرىشىمەن .

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 18:49:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhakima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-21 18:51  

.ئالەم چەكسىز ئەمما چىگىرىسى بولمايدۇ .
بۈ بىر جۈملە يۇقىردا مەن تىلغا ئالغان ‹ئالەمنىڭ سىرتقى چىگرىسى›دېگەن سۆزىڭىز بىلەن زىت كېلەمدۇ قانداق؟
ئەسلى ئالەم چەكسىز ، لىكىن چىگىرىسى بولىدۇ دىمەكچى ئىدىم ، باشقا بەتلەردە تۇزىتىش كىرگۇزگەن ، ئىزدىنىشقا كىرگۇزمەپتىمەن. كەچۇرۇڭ.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 18:58:11

مىنىڭ تەسەۋۋۇرۇمچە ھەرقانداق بىر پەيتلىك ئالەمگە نىسبەتەن يۇرۇقلۇق تىزلىكى ئالەمنىڭ ئەڭ چېتىنىڭ تىزلىكگە تەڭ بۇلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئېشىپ كىتەلمەيدۇ ، يۇرۇقلۇق تىزلىكىنىڭ قىممىتى ئالەمنىڭ چىگىراسىدىكى ئاسمان جىسمىنىڭ مەركەزگە نىسبەتەن تىزلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ ، يەنى ئۇمۇ دەۋىرى ھالدا ئوزگىرىدۇ!.
ئۇشبۇ تەسەۋۋۇرىڭىزنىڭ ئاساسى نېمىكىن؟...ھەر قانچە پەرەز تەسسەۋۋۇر بولغاندىمۇ ئۇنىڭ بىر ئىلمى ئاساسى ياكى كېلىش مەنبەسى بولۇشى كېرەكتۇ؟
بۇنىڭ ئاساسى ھازىرچە  ئىككى ، 1. ئالەمنىڭ كېڭىيىشى(تارىيىشى) غا ئەگىشىپ ھەقىقى بوشلۇقنىڭ ئىلىكتى ئوتكۇزۇشچانلىقى ۋە ماگىنىت ئوتكۇزۇشچانلىقىدا ئوزگىرىش بولىدۇ ، بۇ ئوزگىرىش يۇرۇقلۇق تىزلىكىنىڭ ئوزگىرىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
2. ئالەمنىڭ ئەڭ چىتىنىڭ سىزىقلىق تىزلىكىنىڭ يۇرۇقلۇق تىزلىكىگە تەڭ بۇلۇشى ئالەم چەكسىز ئەمما چىگىرىسى بار بۇلۇشىنىڭ ئالدىقى شەرتلىرىنىڭ بىرى .

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 19:03:47

ئەگەر بۇ مودىل توغرا بولسا ، ئالەمنىڭ ماگىنىت قۇتۇبى بۇلىدۇ!
ئەگەر توغرا بولمىسىچۇ؟
مىنىڭ بىلىشىمچە ۋە تەسەۋۋۇر قىلىشىمچە ئالەمدىكى كوپ قىسىم يۇلتۇزلار سېستىمىسى ماگىتنىت مەيدانىغا ئىگە . ماگىنىت مەيدانىغا ئىگە بولغان يولتۇزلار سېستىمىسىنىڭ قانۇنىيەتلىك ھەركىتى ۋە بوشلۇقتىكى  تەقسىماتى مۇقەررەر ھالدا ئۇمۇمى ماگىنىت مەيدانىنى شەكىللەندۇرىدۇ.
شۇڭا ، مەن  بۇ مودىلنى توغرا دەپ قارايمەن.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 19:16:34

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhakima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-21 19:19  

مىنىڭچە - پىلازما قەۋىتى بىلەن يەرشارى پوست قەۋىتى بۇلۇڭلۇق تىزلىك پەرقىدىن ۋە باشقا سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بارلىققا كىلىدۇ
سىزنىڭچە ؟ سىزنىڭچە بۇ جۈملىنىڭ ئاساسى نېمىكىن؟ باكادىن باكالا پىلازما قەۋىتى بىلەن يەرشارى پوست قەۋىتى بۇلۇڭلۇق تىزلىك پەرقىدىن ۋە باشقا سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بارلىققا كىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلمىغانسىز ؟ ئاندىن بۇيەردىكى باشقا سەۋەبلەر دېگىنى قايسى سەۋەب بولۇشى مۇمكىن؟
مىنىڭ ھىس قىلىشىم ۋە بىلىشىمچە ماگىنىت مەيدانى شەكىللىنىش ئۇچۇن تۇۋەندىكى ئىككى شەرتنىڭ بىرى قانائەتلىنىشى كېرەك ، 1 . ماگىنىتىلىق جسىم بەلگىلىك قانۇنىيەت بۇيىچە بىرلىشىشى كېرەك .
2. ئايلىنىۋاتقان ئىلىكتىر مەيدانى بۇلۇشى كېرەك .
يەرشارىنىڭ پوستىنى بىر ئوتكۇزگۇچ دىسەك پىلازما قەۋىتى زەرەتلىك روتۇرغا توغرا كىلىشى ۋە بۇنىڭ بىلەن يەرشارى ماگىنىت مەيدانى شەكىللىنىشى مۇمكىن.
باشقا سەۋەپلەر ، 1. ۋە 2. خىل سەۋەپنىڭ ئورتاق نەتىجسى ياكى مەن تىلغا ئالمىغان ياكى بىلمەيدىغان سەۋەپلەر بۇلۇشى مۇمكىن.


muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 19:31:37

ئاز بولسىمۇ ھازىرچە مۇشۇلارنى سوراپ تۇراي ، جاۋابىڭىزنى ئاڭلىسام دەيمەن ، بولمىسا بۇ مودىلنى مەنلا ياسىۋېتىدىغاندەك تۇرىمەن ....
يۇقۇرىدىكى بىر قاتار سۇئاللار سىزنىڭ بىلىم سەۋىيەرىڭىزنىڭ مىنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقۇرىلىغىنى ئىسپاتلىدى ، مەن ئالى مەكتەپتە دەرسخانىدا  ڧىزىكىنىڭ قارىسىنىمۇكورمىگەن، ماتىماتىكىدا بىئومىتىرىيەدىن باشقا ماتىماتىكا بىلەن تۇنۇشمىغان  ئالى مەكتەپ پوتتۇرۇپ 17 يىل مەمۇرى خىزمەت قىلىپ ، ماتىماتىكا ۋە ڧىزىكىغا دائىر  كەسىپ بىلەن ئوچىراشمىغان، بىر ئوزلۇگىدىن ئوگىنىپ بوۋاق بالىدەك ئۇمىلەپ كىتىپ بارغان ئادەممەن،   تەلىم بىرىشىڭىزگە موھتاجمەن.
، مەن مودىلنى مۇكەممەل دىگىنىم يوق ، مۇمكىن بولسا بۇ مودىلنى ‹‹ياساپ›› يىڭى مودىلنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن.
بىزنىڭ تەجىرىبە شارائىتىمىز ۋە يىتەرلىك تەتقىقات خىراجىتى قىلغىدەك ئىقتىسادىمىز يوق ، ئەمما ، نەزەرىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشتا كاللىمىزنى يوق دەپ ھىچكىم ئېيتالمايدۇ!.
ئاخىرىدا ، سىزگە سالامەتلىك ، ئۇتۇق ، تېخمۇ گۇزەل تىل ، بەخت ، تەپەككۇر تىلەيمەن ۋە نۇرۇزلۇق سالام يوللايمەن.
ھورمەت بىلەن : ‹‹مۇھاكىمە››
2014.3.21

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 19:51:17

Comeon يوللىغان ۋاقتى  2014-3-20 22:17 static/image/common/back.gif
مىنىڭ قارىشىمچە ئەڭ دەسلەپكى ئالەم ئىنتايىن يۇقۇرى تى ...

سىزنىڭ سورىغان سۇئاللىرىڭىزنىڭ يۇقۇرىدىكى جاۋابىنى مىسرانىمدىكى http://bbs.misranim.com/thread-121046-1-1.html  تىمىغا ئىزاھات بىلەن چاپلاپ قويدۇم ، خالىشىڭىزنى ئۇمىت قىلىمەن. رەھمەت.

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-3-22 19:37:46

مەنغۇ بۇنداق يۇقىرى سەۋىيەلىك ئاتالغۇلارنى چۈشەنمەيمەن.چۈشەندۈرگەنلىرىڭىزنىمۇ چۈشەنمىدىم...لېكىن بۇ مۇھىم ئەمەس ، مۇھىمى سىزنىڭ مۇشۇنداق پەننى تېمىلاردا ‹مېنىڭچە،قارىشىمچە،پەرىزىمچە ۋە تەسەۋۇرۇمچە›دەپ تۇرۇپ بىرنەرسىلەرنى يېزىشىڭىز كاللامدىن ئۆتمىدى.پەرەز قىلىش ياخشى ئىش لېكىن شۇ پەرەزنىڭ ئاساسى بولۇشى كېرەك ، سىزنىڭ بىر نەچچە تېمىلىرىڭىزنى ئوقۇسام ئاساسەن مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە يازىدىكەنسىز،باشتا تولۇقسىزنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئوخشايدۇ دەپ ئېرەنشىمەپتىكەنمەن،بىر تېمىدا ئۆزىڭىزنى مانچە يىل فىزىكا بىر نىمە جەمئىيتىنىڭ رەئىسى، يەنە مانچە يىل بىر نېمە پەن تېخنىكا جەمئىيتىنىڭ رەئىسى بولغان دەپ تونۇشتۇرۇپتىكەنسىز، ھەيران قالدىم . ئىلىم پەننى ھۆرمەت قىلىدىغان ئادەمدەك تۇرىسىز لېكىن يازمىلىرىڭىزنىڭ ئىلمىلىق دەرىجىسىنى ، سەۋىيەسىنى كۆتۈرمىسىڭىز ئىلىم پەنگە ھاقارەت قىلغان بوپ قالىسىز .

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-3-22 20:26:15

Comeon يوللىغان ۋاقتى  2014-3-22 19:37 static/image/common/back.gif
مەنغۇ بۇنداق يۇقىرى سەۋىيەلىك ئاتالغۇلارنى چۈشەنمەيم ...

مەن فىزىكا ئىلمى جەميىتىنىڭ ياكى باشقا بىرەر يېزا دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى پەن- ـ تېخنىكا جەميتىنىڭ باشلىقى ھەتتا كاتىپىمۇ بولۇپ باقمىغان ، خاتا كۇرۇۋالغان ئوخشايسىز  ، ناۋادا شۇنداق بۇلۇپ باققان بولساممۇ ئۇنى تورلاردا كوتىرىپ يورمەيمەن.
راست سىز دىگەندەك تەبئى پەن ، بۇلۇپمۇ فىزىكا پىنى قىلچە ساختىلىقنى ياكى ئاساسسىز قۇرۇق پەرەز ياكى مولچەرنى سېغدۇرمايدۇ ، ئەمما ، يىتەرلىك ئىلمى ئاساسى بولغان پەرەز ۋە مولچەر بولسا باشقا گەپ .
مىنىڭ كىملىكىم مۇھىم ئەمەس ، مۇھىمى مەيلى نەتىجىگە ئىرىشەي ياكى ئىرىشمەي مىنىڭ قاراشلىرىمنىڭ كوپچىلىككە پايدىسى بۇلۇشىنى ئۇمىت قىلىمەن ، مەن يازغان ماقالىلەر ھازىرغىچە ئىلان قىلىنمىغان بولسىمۇ ئالىملىرىمىز دەسلەپكى نوسخسىنى كورگەن ، ھەم مۇئەييەنلەشتۇرگەن ، مەن ھازىر ئىلمى ماقالىلەرگە تۇزىتىش كىرگۇزۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۇرۇپ يىزىۋاتىمەن.
ھەقىقەتەن مەن ئويلانغان مەسلىلەرنىڭ سالمىقى بەك ئېغىر ، ئەمما توغرا بولغان تەپەككۇر يۇلى ، مۇۋاپىق ماتىماتىكىۋى ئىپادىلەش ، ئىلىمى تۇردە فىزىكىلىق تەدبىر بىرىش بولغاندا نەتىجە قازانغىلى بولىدۇ.
سىزنىڭ تىمىلىرىمغا  دىققەت قىلغانلىقىڭىزغا رەھمەت.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-3-22 20:30:14

Comeon يوللىغان ۋاقتى  2014-3-22 19:37 static/image/common/back.gif
مەنغۇ بۇنداق يۇقىرى سەۋىيەلىك ئاتالغۇلارنى چۈشەنمەيم ...

مەن دىگەن پەرەز ۋە ھىس قىلىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بەلگىلىك ماتىماتىكىلىق ۋە فىزىكىلىق ئاساسى بار ، ئەگەر ئىشەنمىسىڭىز خەت يىزىڭ ، تەلىم بىرىشىڭىزگە بىر - ئىككى پارچە ئىلمى ماقالەمنى ئەۋەتىپ بىرەي ، كۇرۇپ باھا بەرسىڭىزمۇ كىچىكمەيسىز.
muhakima@Hotmail.com

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-3-22 20:33:18

Comeon يوللىغان ۋاقتى  2014-3-22 19:37 static/image/common/back.gif
مەنغۇ بۇنداق يۇقىرى سەۋىيەلىك ئاتالغۇلارنى چۈشەنمەيم ...

سىزنىڭ ئاساسسىز پاراڭلارنى توختىتىشىڭىزنى كۇچلۇك تەۋسىيە قىلىمەن .

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-3-22 20:35:07

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhakima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-22 20:45  

،بىر تېمىدا ئۆزىڭىزنى مانچە يىل فىزىكا بىر نىمە جەمئىيتىنىڭ رەئىسى، يەنە مانچە يىل بىر نېمە پەن تېخنىكا جەمئىيتىنىڭ رەئىسى بولغان دەپ تونۇشتۇرۇپتىكەنسىز، ھەيران قالدىم . ئىلىم پەننى ھۆرمەت قىلىدىغان ئادەمدەك تۇرىسىز لېكىن يازمىلىرىڭىزنىڭ ئىلمىلىق دەرىجىسىنى ، سەۋىيەسىنى كۆتۈرمىسىڭىز ئىلىم پەنگە ھاقارەت قىلغان بوپ قالىسىز .
.........................
يۇقۇرىدىكى سوزلىرىڭىزگە ئاساس كۆرسىتىشىڭىزنى كوچلۇك تەلەپ قىلىمەن ، ئەگەر ئاساس كورسىتەلمىسىڭىز كەچۇرۇم سوراشنى ئويلىشىپ بېقىڭ!.
يازمىلىرمنىڭ ئىلمى سەۋىيەسىنى كوتۇرۇش ئۇچۇن ئەلۋەتتە تىرىشىمەن .

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-3-22 23:19:02

ئەمدى ئۇ ئىنكاسنى نەدە كۆرگەن بولغىتىم دەپ ، ھەنىم بولسا ئاسانلا تېپىۋالدىم. سىزنىڭ ‹ماسسىنىڭ سىرى نەدە› دېگەن تېمىڭىزدا كۆرۈپتىكەنمەن يەنى مەزمۇنى(مەن تۇلۇق ئوتتۇرىنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىن باشلاپلا مەكتەپ پەن تېخنىكا كۇرژۇكىنىڭ رەئىسى ۋە مەكتەپ فىزىكا كورژۇكىنىڭ رەئىسى بولغان ئىدىم ، نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىپتىكەنمەن ئويلاپ باقسام.)
بۇ ئىنكاسنى مۇنداقلا ئوقۇپ ئۆتۈپ كەتكەن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دېگەن خەتكە دىققەت قىلماي بەك چوڭ يەرنىڭ رەئىسى دەپ ئويلىۋالغان ئوخشايمەن ، لېكىن يەنىلا خېلى شەرەپلىك ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپتىكەنسىز...ھارماڭ...قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن ياخشى يېزىپسىز ،ئاخىرىدا يەنىلا ئىلىم پەنگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ ، يازمىلىرىڭىزنى راۋۇرۇس پۈتۈرگەندە ئاندىن يوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 09:52:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhakima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-23 10:07  

Comeon يوللىغان ۋاقتى  2014-3-22 23:19 static/image/common/back.gif
ئەمدى ئۇ ئىنكاسنى نەدە كۆرگەن بولغىتىم دەپ ، ھەنىم بول ...

كورژوك بىلەن ئىلمى جەمىيەتنىڭ بولۇپمۇ سىز دىگەن جەميەتنىڭ كەسكىن پەرقى بار.
راست سىز دىگەندەك مەن مەيلى شىئىر يازاي ، ياكى نەسىر يازاي ۋە ياكى ماقالە (شۇنداق دىيىشكە شەرتى چۇشسە) يازاي ھەتتا تەرجىمە قىلاي بىۋاستە تور بەت يۇزىگە يىزىپ پوتكەن ھامان ئىلان قىلىدىغان ئادىتىم بار ، ئەمما ئىلمى ماقالىنى ھەتتا 20~ 30 قېتىم ئوزگەرتىپ يازغان ۋاقىتلىرىممۇ بولغان .
مىنىڭ ۋاقتىم قىس ، يازماقچى بولغان ئىلمى ماقالىلىرىم كوپ ، ئۇنى يىزىش ئۇچۇن ئوگىنىشكە تىگىشلىك بىلىملەر تېخىمۇ كوپ ، سالامەتلىكىمنىڭ قاچانغىچە يار بىرىدىغانلىغىنى ئاللا ئۇزى بىلىدۇ ، مەن ئالدىرىمىسام بولمايدۇ ، تورغا بىر نەرسە يىزىش ئەمەلىيەتتە ئىلمى ماقالە يىزىشقا ھەر جەھەتتىن تەييارلىق قىلىش . ماڭا نىسبەتەن ھىچقانداق ماقالە يىزىش ۋەزىپىسى يوق ، بىراق بىز ھەر جەھەتتە بولۇپمۇ تەبئى پەندە تىرىشمىساق قەتئى بولمايدۇ ، مىنىڭ يازغانلىرىمنى ھىچ بولمىغاندا بىرەر تورداش كۇرۇپ تەبئى پەنگە نىسبەتەن ئىزدىنىشقا قىزىقىشى قوزغالسا مەن شۇنىڭدىن رازى . يازمىنىڭ سوپىتىگە كەلسەك يۇقۇرى كوتۇرۇش مەن ئويلاشمىسام بولمايدىغان مەسلە.

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 11:51:12

سىز قىزبالىمۇ؟

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 12:21:49

Comeon يوللىغان ۋاقتى  2014-3-25 11:51 static/image/common/back.gif
سىز قىزبالىمۇ؟

ياق،ئەەر.
بەت: [1] 2
: مۇھاكىمە : مىنىڭ نەزىرىمدىكى ئالەم مودىلى