parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 12:34:12

Comeon يوللىغان ۋاقتى2014-3-25 11:51 static/image/common/back.gif
سىز قىزبالىمۇ؟

:lol

facebook يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 13:04:23

مەن بۇ روھىڭىزنى قوللايمەن.
مەيلى ئىسپاتلانغان ياكى ئىسپاتلانمىغان بولسۇن، نۇرغۇن نەرسىلەر ئەڭ ئاۋال پەرەز، خىيالدىن كېلىدۇ، پەرز بولمىسا ماتىماتىكا نىمىنى ئىسپاتلايدۇ؟ شۇڭا داۋاملىق تىرىشىڭ، ئادەتتە يېڭى نەرسىنى تەتقىق قىلىپ چىقىش ئۈچۈن ئوننەچچە يىل كەتسىمۇ، نەتىجىسى چىقسىمۇ-چىقسىمۇ بۇ دۇنياغا كەلگىنىمىز بىكارغا كەتمەيدۇ.
فىزىكىدىكى نۇرغۇن ئىشلار ئەڭ ئاۋال خىيالدىن كەلگەنغۇ دەيمەن، شۇڭا سىزمۇ ھېرىپ قالماي تىرىشىڭ!

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 14:30:54

رەھمەت،داۋاملىق تىرىشىمەن.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 15:23:51

Comeon يوللىغان ۋاقتى2014-3-25 11:51 static/image/common/back.gif
سىز قىزبالىمۇ؟

قىز بالا بولغان بولسا تۇزۇكچە دىيىشەمتىڭىز ؟:lol

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 16:21:47

{:87:} مۇنداقلا سوراپ باققان باشقا مەقسىدىم يوق...

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 16:34:02

muztag يوللىغان ۋاقتى2014-3-25 15:23 static/image/common/back.gif
قىز بالا بولغان بولسا تۇزۇكچە دىيىشەمتىڭىز ؟

شۇنى دىمەمسىز،چۇشىنىكسىزلا بىر سۇوراق بولدىغۇ

xadiman0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 17:03:25

تېما ئىگىسىنىڭ بۇنداق نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئاسان ئەمەس ، ئالەمنىڭ سىرى تۇلۇق يىشىلگىنى يوق ، دەرۋەقە بۇنى ئاسان يەشكىلى بولمايدۇ ، بۇنىڭ ئۈچۈن تېما ئېگىسىدەك ئىزدەنگۈچىلەر ھەرخىل پەرەزلەرنى ئوتتۇرغا قويىدۇ ، مۇشۇنداق قىلىپ نۇرغۇن پەرەزلەر مەيدانغا كېلىدۇ ، بەلكىم پەرەزنى ئوتتۇرا قويغۇچى بۇ ئۆمرىدە ئۆز پەرىزىنى ئىسپاتلاپ چىقالماسلىقى مۇمكىن ، قانداق قىلىش كېرەك ؟ يېڭىدىن چىققان ئىزدەنگۈچىلەر بۇرۇنقىلار ئوتتۇرىغا قويغان پەرەزلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۆگىنىپ مۇمكىنچىلىكى بولغان پەرەزلەر بويىچە ئىزدىنىدۇ ، مەلۇم دەرىجىدە ئىزدىنىپ ئۇمۇ يەنە تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ئاساستا بىر پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ، شۇنداق قىلىپ بارا-بارا مۇكەممەللىشىپ ،بارغانسېرى ئەمەلىيەتكە يېقىنلىشىپ ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئىسپاتى چىقىدۇ ، تېما ئېگىسى سىزكۆپ ئىزدىنىپسىز، ئىزدەنگەنلىرىڭىزنىڭ ئۆزىڭىز بىلەن كېتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن بۇ يەرگە قالدۇرۇپسىز ، سىزنىڭ ئەجرىڭىز ھەرگىزبىكار كەتمەيدۇ ، سىزنىڭ تېمىڭىز مۇشۇ ئىزدىنىشتا ئۇزۇنغىچە ساقلىنىدۇ ، كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى مەلۇم بىر كىشىلەر ئىزدەش تور بىكىتىگە كىرىپ ئالەم توغرىسىدا ئۇچۇرلارنى ئىزدىگەندە سىزنىڭ مۇشۇ تېمىڭىز شۇ قاتاردا كۆرۈنسە بۇ نىمە دىگەن پەخىرلىك ئىش ،
بىزنىڭ تور بايلىقىمىز ھەقىقەتەن ئاز ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۇيغۇرچە ئىزدەپ تاپالمايمىز ، ئامالسىز بەيدۇ دەپلا ئىشنى باشلايمىز ،
سىزنىڭ تېمىلىرىڭىز چۈشىنىكسىز بولسىمۇ مەيلى يېزىپ قويسىڭىز ،كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى مەلۇم بىرسىگە ئەسقاتىدۇ ،بۇنىڭ ئۈچۈن ئىزدىنىش تور بىكىتى چوقۇم سانلىق ئامبارنى يېڭىلىۋەتمەسلىكى كېرەك ،مېنىڭچە بولسا ئىزدىنىش تور بىكىتى 百度文库 غا ئوخشاش ئۇيغۇرچە بىر نەرسىلەرنى ئىزدىسە تاپقىلى بولىدىغان ئامبارغا ئايلانسىكەن دەيمەن ، چاتاق يېرى ئىزدىنىشتىن بىر نىمە ئىزدىسە تەڭگە تۇتىدىغان ئىشى بولمايدىكەن ،

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 21:58:34

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhakima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-3-25 22:01

xadiman0998 يوللىغان ۋاقتى2014-3-25 17:03 static/image/common/back.gif
تېما ئىگىسىنىڭ بۇنداق نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئاس ...

چۇشەنگىنىڭىزگە كوپ رەھمەت ، كوپچىلىكمۇ سىزدەك چۇشەنگەن بولسا نەقەدەر خوشال بولاتتىم ھە .
مىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرىمنى نەزەرىيە دىيىشكە تېخى يېراق ، فىزىكا ياكى باشقا كوپ قىسىم تەبئى پەنلەردە نەزەرىيەنى لوگىكا نوقتىسىدىن ئوتتۇرىغا قۇيىدىغان جاھان -مىنىڭ بىلىشىمچە- قالمىدى ، ھەتتا پەلسەپە جەھەتتىن ئوتتۇرىغا قۇيۇشمۇ ئوتتۇرىغا قويغانلىق ھىساپلانماسلىغى مومكىن .
تارتىشىش كۇچى مەيدان نەزەرىيەلىرى ئىچىدە ئېينىشتىيىننىڭ كەڭ مەنىلىك نىسبىيىلىك نەزەرىيەسى ھازىر نۇپۇزلۇق ئۇرۇندا تۇرىدۇ ، خاۋكىڭ قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى كۇۋانت ئالەم مودىلى تەرەپدارلىرىمۇ نىسبىيىلىك نەزەرىيەسىنى ئۇزۇل - كىسىل چەتكە قاقمايدۇ .
نوۋەتتە خەلقئارادا ئالەمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ھالىتىدىن چوڭ پارتلاشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئالەم ھالىتىنى كۇۋانت ئالەم مودىلى ئارقىلىق ئونىڭدىن كىيىنكى مەزگىلنى چوڭ پارتلاش نەزەرىيەسى ئارقىلىق چۇشەندۇرۇش ئاساسى ئېقىم بولۇپ تۇرماقتا .
لىكىن ھەر ئىككىلا نەزەرىيەلەردە ‹‹قاراڭغۇ ›› نوقتا بار .
مەن ئەسلى مىنىڭ ئىزدىنىش نەتىجىلىرىمنى ئاشكارىلايدىغان پەيت ۋە شارائىتىم پپىشىپ يىتىلگەندە راۋرۇس يىزىپ ئىلان قىلسام بولاتتى ، بىراق ، سالامەتلىكىم تۇپەيلىدىن ئالىمادىس بىر ئىشلار بۇلۇپ قالمىسۇن دەپ بىر باشتىن ئىلان قىلىۋاتىمەن. يەنە بىر تەرەپتىن ئىلمى ماقالىسىگە ئىشلەۋاتىمەن.
ئايىغىنى چىقىرالايمەنمۇ -چىقىرالمايمەنمۇبارلىق قانۇنىيەتلەرنى ياراتقۇچىغا ئايان ، مەن پەقەت تىرىشىشنىلا مۇۋاپىق كورىمەن ۋە شۇنداق قىلىمەن.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 22:03:57

ئالى مەكتەپتە فىزىكا ياكى ماتىماتىكا ئۇقۇمىغانلىقىم ۋە 16~17 يىل مابەينىدە ئىزچىل تۇردە كەسىپ بىلەن مۇناسىۋەتسىز مەمۇرى خىزمەت بىلەن شوغۇللانغىنىم ئۇچۇن ماتىماتىكىلىق مودىلنى تورغۇزۇش ماڭا نىسبەتەن ھازىرچە قىيىن توختايدۇ. ئەمما شارائىتىم يار بەرسە ئۇنىمۇ قىلىمەن.
سىزگە ۋە مىنىڭ تىمىلىرىمغا كوڭۇل بولگەن بارلىق قېرىنداشلارغا تەشەككۇر.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 22:22:04

ىى
بەت: 1 [2]
: مۇھاكىمە : مىنىڭ نەزىرىمدىكى ئالەم مودىلى