Yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 10:03:13

قىرىم خانلىقى

      قىرىم خانلىقى

      
   
         قىرىم خانلىقى 1441-يىلدىن 1783-يىلغىچە بولغان قىرىم تاتارلىرىنىڭ دۆلىتى بولۇپ ئالتۇن ئوردا خانلىقىدىن ھاسىل بولغان دۆلەتلەر ئىچىدىكى سەلتەنىتى ئەڭ ئۇزۇنى ھېسابلىندۇ.خانلىق يېرىم ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي يەنە شىمالىي كاۋكازدىن تامبوۋغىچە بولغان قىپچاق يايلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.باتۇخان ئالتۇن ئوردا  خانلىقنى 13 كە بۆلگەن بولۇپ،قىرىم تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ سۇيۇرغال يېرى بولغان.

          ئالتۇن ئوردا خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن چىڭگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى جۇچىنىڭ بىر ئەۋلادى قىرىمنىڭ سۇيۇرغاللىقىغا ئېرىشىپ قىرىم خانلىقى دەسلەپكى شەكىلگە ئىگە بولغان،قىرىم خانلىقىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى باشقۇرغۇچىسى تۇغلۇق تۆمۈر بولۇپ ئۇ باتۇنىڭ ئىنىسى ئىدى، ئۇ 1239-يىلى قىرىمنىڭ سۇيۇرغاللىقىغا ئېرىشكەن.1430-يىلى ئۇنىڭ ئەۋلادى ھاجى گىراي رەسمىي دۆلەت قۇرۇپ باغچەساراينى ئاستانە قىلغان.

        ھاجى گىراي ئۆلگەندىن كېيىن ئىككىنچى ئوغلى نۇردۆلەت بىلەن ئالتىنچى ئوغلى مېڭلى گىراي تەخت تالىشىپ ئاخىردا مېڭلى گىراي تەختكە ئېرىشكەن.1468-يىلى ئۇ كاففادا زىيارەتتە بولغاندا ،شۇ ۋاقىتتكى ئوسمان ئېمپىرىيەسى قوشۇن ئەۋەتىپ كاففانى تارتىۋالغان،ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ئوسمان ئېمپىرىيەسى تەرىپىدىن قاماققا ئېلىنغان.سىياسىي مۇددىئا بىلەن ئوسمان ئېمپىرىيەسى قىرىم خانلىقىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالغان ھەم ئۇنى ئىككى يىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىپ سۇلتاننىڭ ۋاسساللىقىغا تەيىنلىگەن.يېرىم ئارالنىڭ جەنۇبى قىسمىنى ئوسمان ئېىمپىرىيەسى ئىشغال قىلغان،قىرىم خانى بولسا قىرىم يېرىم ئارىلىنىڭ قالغان قىسمى ۋە شىمالدىكى يايلاق رايونىلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان،ئۆزىنىڭ پۇلىنى تارقاتقان،ئۇلار بىلەن بىللە ياشىغانلاردىن يەنە نوغايلارمۇ بار ئىدى.

        1502-يىلى ئالتۇن ئوردا خانلىقى تولۇق گۇمران بولغان،قىرىم خانلىقى رۇسسىيە بىلەن بىرلىشىپ ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خانى سەئىد ئەلىنى مەغلۇپ قىلىپ ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ ۋارىسى بولغان.1524-يىلدىن باشلاپ قىرىم خانى ئوسمان ئېمپىرىيەسى سۇلتانى تەرىپىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن،ئىسلام گىرايدىن باشلاپ ئوسمان ئېمپىرىيەسىنىڭ سۇلتانى نامىدا جۈمە نامىزى ئوقۇلغان.

        قىرىم خانلىقى شۈبىھسىزكى 18-ئەسىر شەرقىي ياۋروپادىكى كۈچلۈك ھەربىي دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ،ئىسلام خانلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن قىرىم تاتارلىرى ئىسلام دۇنياسىنىڭ چېگرىسىنى كېڭەيتىشكە بولۇپمۇ خىرىستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان سىلاۋىيانلارغا تاقابىل تۇرۇشتا مىسلىسىز تۆھپە قوشقان،ئۇلار قەرەلىك قوشۇن چىقىرىپ سىلاۋىيانلارنىڭ جەنۇبقا كۆچۈپ يايلاقتا ئولتۇراقلىشىشىنى توسقان،ئۇلارنىڭ جەڭگىۋارلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ بەزىدە ئوسمان ئېمپىرىيەسىگىمۇ ياردەم بەرگەن.ئىلگىرى يەنە پولشا-لىتۋانىيە فېدېراتسىيەسى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ رۇسسىيەگە قارشى تۇرغان.ئۇلارنىڭ ئۇرۇشقا ئاتلانغان قوشۇنلىرى ئەڭ يىراق بولغاندا ئاق قوي سۇلالىسى(تۈركمەن)، سافاۋى سۇلالىسى(پارس) ۋە ھۇنگىرىيەگىچە بارغان.

         قىرىم خانلىقىنىڭ بىر تۈرلۈك كىرىم مەنبەسى رۇس تۈزلەڭلىكىگە بېرىپ سىلاۋىيانلار(بولۇپمۇ ئۇكرائىنلار) ۋە رۇمىنلارنى تۇتۇپ قۇل قىلىش بولۇپ ،بۇنى "يايلاقنىڭ ئولجىسى" دەپ ئاتاشقان، بۇ ئەھۋال تاكى خانلىق گۇمران بولغىچە بولغان ئارىلىقتا ناھايىتى ئۇزاق داۋاملاشقان،يەنە ئوسمان ئېمپىرىيەسى ۋە ئوتتۇرا شەرق بىلەن بولغان غايەت زور قۇل سودىسىنى ساقلاپ كەلگەن،كاففا ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىق ھەم ئەڭ مۇھىم بولغان قۇل بازىرى بولۇپ قۇللارنى بۇ يەردىن ھەرقايسى جايلارغا سېتىپ چىقىرىش خانلىقنىڭ مۇھىم بىر كىرىم مەنبەسى بولغان.

       1558-يىلدىن 1596-يىلغىچە بولغان مەزگىلدە، موسكىۋا كىنەزلىكى رۇرىك سۇلالىسىنىڭ زېمىنىغا تەخمىنەن ئۈچ قېتىم زور كۆلەمدە ھۇجۇم قىلغان بولۇپ ھەريىلى ئەتىيازدا موسكىۋا كىنەزلىكى 65000 ئەسكەرنى سەپەرۋەر قىلىپ چېگرىنى قوغدىغان، بۇ كىنەزلىككە ناھايىتى ئېغىر يۈك بولۇپ قالغان. ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق ئۇرۇش 1572-يىلى يۈز بەرگەن بولۇپ قىرىم قوشۇنى دۆلەت گىرايخاننىڭ باشچىلىقىدا موسكىۋانى ئىشغال قىلىپ 150000  ئادەمنى قىرىپ تاشلىغان،جەسەتلەر موسكىۋا دەرياسىغا توشۇپ كەتكەن.

       ئوسمان ئېمپىرىيەسى زاۋالىققا يۈزلەنگەندىن كېيىن قىرىم خانلىقىمۇ زاۋاللىققا يۈزلەنگەن، نۇرغۇم مۇھىم سودا لىنىيەلىرى كازاكلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ نوپۇسى تېز ئازايغان. 17-ئەسىرنىڭ ئاخىردا رۇسسىيە بەكلا كۈچىيىپ كەتكەچكە ،قىرىم تاتارلىرىمۇ ھۇجۇم قىلىشنى توختاتقان،1774 –يىلى رۇسسىيە ئوسمان ئېمپىرىيەسىنىڭ قىرىم خانلىقىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.1777-يىلدىن باشلاپ قىرىم خانى شاھىيىن گىراي رۇسسىيەگە تەۋەلىك بىلدۈرگەن،ئۇزاق ئۆتمەن قىرىم ئاقسۆڭەكلىرى شاھىيىنگە قارشى تۇرغان ،شاھىيىن بولسا رۇسسىيەدىن ياردەم سورىغان،شۇنىڭ بىلەن پوتكىن 70000 رۇس ئەسكىرىنى باشلاپ قىرىمغا يېتىپ كەلگەن. 1783-يىلى ئوسمان ئېمپىرىيەسى ئاۋستىرىيە چوڭ كىنەزلىكى بىلەن ئۇرۇشىۋاتقان بولۇپ شەرققە قاراشقا چولىسى تەگمىگەن،شۇنىڭ بىلەن قىرىم خانلىقى يېكاتىرنا ھۆكۈمرانلىقىدىكى رۇسسىيە ئېمپىرىيەسىگە قوشۇۋېلىنغان، قىرىم خانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خانى رودوس ئارىلىغا(ئوتتۇرا دېڭىزدا) ئېلىپ بېرىلىپ تۈركلەر تەرىپىدىن كاللىسى ئېلىنغان.

      قىرىم خانلىقىنىڭ سىياسى تۈزۈمى ئاساسىي جەھەتتىن ئالتۇن ئوردا خانلىقىغا ئوخشاش بولۇپ خان جەمەتى ئۆزىنى جۇچىنىڭ ئەۋلادى دەپ قارايدۇ ھەم ئۆزىنى ئاقسۆڭەك دەپ ئاتايدۇ.قازان خانلىقىغا ئوخشاش تۆت چوڭ قاراچى(ئاقسۆڭەك) ھۆكۈمدارلىق قىلىدۇ.خانلىقتىكى نوغايلار ئاسىتىراخان خانلىقى گۇمران بولغان كېيىن قېچىپ كەلگەن، خانلىقتا شەرىئەت ۋە ياساق(چىڭگىزخان قانۇنى) تەڭ قوللىنىلغان، دېلولارنى قازى بىرتەرەپ قىلغان.

      قىرىم خانلىقىدىكى ئاساسلىق مىللەت قىرىم تاتارلىرى بولۇپ .يەنە باشقا مىللەتلەر(گوتلار،گىرىكلار،ئەرمەنلەر،چېركېسلار،يەھۇدىلار،كارايلار،گېنوۋالار)مۇ ياشىغان،ئۇلار قىرىم تاتارچىسىسنى ئىككىنچى تىل قىلغان،خانلىق ئۇلارغا قارىتا مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش(ئاپتونۇمىىيە) تۈزۈمى قوللانغان،ئوسمان ئېمپىرىيەسىگە ئوخشاش غەيرى مۇسۇلمانلار  جىزىيە بېجى تاپشۇرغان بىراق ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىمىگەن.

تەرجىمىدە:بىلگە ياغلاقار                   مەنبە: ۋىكىپېدىيە

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 11:27:02

قىرىمدا ئومىي خەلق بىلەت تاشلاش نەتىجىسى چىقتى  _  ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 82% تى بىلەت تاشلاشقا قاتنىشىپتۇ .مىنىڭچە بۇنىڭ ئىچىدە تاتارلار ،ئوكرائىنلار ئاز قاتناشقان  ئوخشايدۇ .
بىلەت تاشلىغانلارنىڭ 95.7% تى قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشىنى قوللاپتۇ .
ئەمدى شۇنداق ئاسانلا رۇسىيە قىرىمنى قوشۇۋالارمۇ ؟ ئىسىت تاتارلار ..............................:funk::o

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 12:33:20

تاتىرىستان ئىپادە بۈلدۈرمەمدىغاندۇ ؟

tamqa1 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 12:57:22

نۇر تورىدىكى خەبەرگە قارغاندا تاتارلارنىڭ رەھبىرى بىلەت تاشلاشقا قاتناشمايمىز دەپتۇ ھەم شۇنداق قىپتۇ ، مۇخبىر سەۋەبىنى سورسا ، بىز ئۇلارغا تەڭ كىپ بۇلالمايمىز ، ئەگەر روسلابىلەن ئوكرائىنلا سۇقاشسا 200 مىڭ تاتار سورلۇپ كىتىدۇ ، شۇڭا بۇنىڭغا قاتناشمىدۇق دەپ ئىپادە بىلدۈرۈپتۇ ........

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 13:04:53

يېرىمىدىن كۆپى ئورۇسلار تۇرسا روسىيە بار كۇچى بىلەن بىلەت تاشلاشنى قولايدۇدە . ئامرىكا - ياۋروپا قارشى تۇرۇپتۇ ، بولسا مۇشۇ ئورۇسلارنى يەرشارىدىن يوقلام قىلۋەتسە ! ھېتلىر ئىتقاندەك ، ئىتنىڭ بەدىندىكى پارازىت قۇرۇتتەك ھەممە يەردە سىڭلىسىنى *** بەرگەندەك يۇرگەن

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 14:19:39

مۇشۇ ئۇرۇسلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىرىمىغان بىرەر تۈركى قەۋىم بارمىدۇ

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 15:04:19

بىر پۈتۈن رايۇندىكى خەلققە بىر ئادەمگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلساق بولمايدۇ.قىرىم خەلقى ئۆزى روسىيەگە تەۋە بولۇشنى تاللىغان بولسا ئۇمۇ ئۆزىنىڭ تەقدىرى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى روسىيە ھۆكۈمىتىمۇ نىسبەتەن دىمۇكراتىك دۆلەت.يەنە كېلىپ بىزنىڭ تارىخنى دەستەك قىلىپ روسلارغا ئۆچمەنلىك ساقلىغىنىمىزنىڭ ھىچنىمىگە پايدىسى يوق.ھەرقانداق مىللەت كۈچەيگەن مەزگىلدە ئەتراپىدىكى مىللەتلەرنى بىسىۋالغان.ياكى ئۇلارنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغان.

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 15:04:23

بىر پۈتۈن رايۇندىكى خەلققە بىر ئادەمگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلساق بولمايدۇ.قىرىم خەلقى ئۆزى روسىيەگە تەۋە بولۇشنى تاللىغان بولسا ئۇمۇ ئۆزىنىڭ تەقدىرى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى روسىيە ھۆكۈمىتىمۇ نىسبەتەن دىمۇكراتىك دۆلەت.يەنە كېلىپ بىزنىڭ تارىخنى دەستەك قىلىپ روسلارغا ئۆچمەنلىك ساقلىغىنىمىزنىڭ ھىچنىمىگە پايدىسى يوق.ھەرقانداق مىللەت كۈچەيگەن مەزگىلدە ئەتراپىدىكى مىللەتلەرنى بىسىۋالغان.ياكى ئۇلارنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغان.

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 15:25:24

قىرىم مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بولدى غۇ{:87:}

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 15:42:11

man_sarang يوللىغان ۋاقتى  2014-3-18 15:25 static/image/common/back.gif
قىرىم مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بولدى غۇ

خاتا . قىرىم جۇمھورىيتى روسىيە فىدراتسىيسىنىڭ بىر يېڭى ئەزاسى بولماقچى .:@

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 15:46:00

Jengchi يوللىغان ۋاقتى  2014-3-18 12:33 static/image/common/back.gif
تاتىرىستان ئىپادە بۈلدۈرمەمدىغاندۇ ؟

راس ، دۇنيادىكى ھىچبىر تاراتقۇدا ،رۇسىيەنىڭ تاتارىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ قىرىم ۋەزىيتى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرگىنى توغۇرلۇق خەۋەر يوققۇ ؟؟؟ :dizzy:

bilhux يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 19:51:40

meyxor يوللىغان ۋاقتى  2014-3-18 15:04 static/image/common/back.gif
بىر پۈتۈن رايۇندىكى خەلققە بىر ئادەمگە مۇئامىلە قىلغا ...

لىكىن  بۇنداق دەپلا بۇرۇنقى ئىشنى يوق قىلۋەتكىلى بولمايدۇ ........
    ئازتولا رۇسلارنىڭ بىزگە قىلغان ناچارلىقلىرنى ئويلىمىساقمۇ بولمايدۇ ....
  ھېلىمۇ ئۇزاق زامان بوپ كەتتى بىز بۇنداق  ، توغرا چۈشنەيلى ،  رۇسلارغىمۇ ئامال يوق ، رۇسلارنى چۈشنەيلى دەپ يۈرگىلى   قاچان غىچە مۇشتا يۈرەمىزكى قېنى .......
ھەرقانداق  مىللەت ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا چىقسا مۇشتا بۇلدۇ  دەپ يۈرسەك  ، بۇ دۇنيادا ھېچقانداق مىللەت ھېچقانداق مىللەتتىن ئاغرىنمايدۇ ، ئەركىنلىك ئۇرۇشمۇ بولمايدۇ ، ئەركىنلىكمۇ بولمايدۇ ....  ئىزىلىپلام يۈردىغان ئىش چىقىدۇ ..
   بىز بۇنداق ئىشلارغا  ھۆكۈمران سىنىپ ئەمەس  ئۆزۈمىزنىڭ نۇقتىسىدىن تۇرۇپ باھا بىرىشىمىز كىرەك ..........  


   مېنىڭچە سىزنىڭ دىمەكچى بولغىنىڭىز   توغرا ئۇسۇلدا مىللىتىمىزگە زىيان يەتمىگەن ئاساستا رۇسلارنىڭ قىلغانلىرنى موھاكىمە قىلايلى دىمەكچىغۇ سىز دەيمەن ...   

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 20:23:52

bilhux يوللىغان ۋاقتى  2014-3-18 19:51 static/image/common/back.gif
لىكىن  بۇنداق دەپلا بۇرۇنقى ئىشنى يوق قىلۋەتكىلى بولم ...

تارىختا ئەجداتلىرىمىز ھىندىستانغا بىسىپ كىرگەندە ئاز بولمىغان قانلارنى تۆككەن.ئەقىدىلىك ھىندىستان ئاياللىرى ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتكەن ئەرلىرىگە ساداقىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنى ئوتقا تاشلىغان.شۇنداق بولغاندا ھىندىلار بىزگە ئۆچمەنلىك ساقلىسۇن،بىز روسلارغا ئۆچمەنلىك ساقلايلى،روسلا تاتارلارغا ئۆچمەنلىك ساقلىسۇن.ئاقىۋىتى سىزچە نىمە بولار.ئاجىزلارنى كۈچلەندۈرىدىغىنى ئۆچمەنلىك ئەمەس بەلكى مۇقەددەس ئېتىقادتۇر.

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 21:09:52

ماۋۇ تېمىنى ساقلاپ قوياي:)

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 21:10:48

meyxor يوللىغان ۋاقتى  2014-3-18 15:04 static/image/common/back.gif
بىر پۈتۈن رايۇندىكى خەلققە بىر ئادەمگە مۇئامىلە قىلغا ...

تاتارلار ئۆزى تاللىغان ئىش يوق.
سوۋىت ۋاقتىدا سىتالىن نېمىسلارنىڭ ياردەمچىسى دەپ تاتارلارنى قېرىمدىن قوغلىغان ئىكەن . شۇنىڭدىن كىيىن كۆچمەنلەر كېلىپ قېرىمنى ئاۋاتلاشتۇرۇپتۇ. بىر قىسىم تاتارلار قايتىپ كېلىپ قېرىمنىڭ نۇپۇس قۇرۇلمىسىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بايقاپ، ئۆزلىرىنىڭ قېرىمدا ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ يىتىپتۇ.
بۇ قېتىمقى بىلەت تاشلاشقا قارىغاندىمۇ تاتارلارنىڭ كۆپ قىسىمى قاتناشماپتۇمىش. ھەمدە بىلەت تاشلاشقا قاتناشقانلارنىڭ كۆپىنچىسى روسلاركەن .
دېمەك بۇ قېرىمدا ياشايدىغان روسلارنىڭ ئارزۇسى دەپ ئويلىدىم مەن .

bilhux يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 22:27:51

meyxor يوللىغان ۋاقتى  2014-3-18 20:23 static/image/common/back.gif
تارىختا ئەجداتلىرىمىز ھىندىستانغا بىسىپ كىرگەندە ئا ...

ئېتىقاد  كۈچلەندۈردۇ دەپ ئولتاغىلى بولماس ...............
   سىزنىڭ دېەىنىڭىزمۇ خاتا ئەمەس ....
   بىراق  ئىتقاد  مۇنداقچە ئېيتقاندا  ئاجىز مۇسۇلمانلارنى ئاللا  يۈلەيدۇ ، يۈلىگەندىمۇ سەۋەبى يەنىلا ئۆزىمىز بۇلىمىز .   قاراڭ  بۇرۇندىن تارتىپ  بىزنى بوزەك قىلغانلارنى كەچۈرۈپ كەلدۇق چۈنكى بىزمۇ قىلغان  بۇرۇن ، شۇ قىلغانلىرمىزنى ئاساسەن تۇللۇق ياندۇرۇپ بولدۇق دىسەكمۇ بۇلدۇ ....  
  بىزنىڭمۇ سەۋېر تاقىتىمىزنىڭ چىكى بار  بەلكىم مۇشۇ  ئۆچمەنلىكىمىزنىڭ ئۆزى ئاللا تەرىپىدىن بىزگە قىلغان شاپائىتىنىڭ پۇرىقى بولسا كىرەك .
   ئاللا قوللىغان شۇ بەندىنى  ھەرخىل سەۋەپ بىلەن كۆتۈردۇ ، يەنە كىلىپ شۇ قەۋېمنىڭ ئۆزىگە ئۆزىنى سەۋەپ قىلىدۇ ،  شۇ سەۋەپلەر ئارقىلىق ئۇرۇش قىلىدۇ  كاپېرلانىڭ قۇلىدىن قۇتىلىدۇ ، ھەرگىزمۇ  توككىدە ئالدىغا  بىرنەرسىلەرنى پەيدا قىلىپ ياردەم قىلمايدۇ ( شۇنداق قىلمەن دىسىمۇ قۇدرەتلىك ئاللا تامامەن قىلالايدۇ )   بىراق سەۋەپ؛ەر ئارقىلىق شۇنداق قىلدۇ .  مېنىڭچە بۇ دىننىي مەسلىنى سىز مەندىن بەرەك بىلسىز  ..
  ئويلاپ بېقىڭ بىز سىياسون ئەمەس . شۇڭا بىز ئىشلارغا سىياسونچە ئەمەس  ئاددىي پۇقرالىق سالايىتىدە باھا بەرسەك تامامەن خاتالاشمايمىز ،  سىياسونلارچە باھا بەرسەك  دۇنيادا ھېچقانداق ئۇرۇش ئادالەتسىز ئۇرۇش بولماي قالىدۇ .......
  ئۆزىڭىزمۇ دېدىڭىز  بولمىسا (( ئۇ مىللەت بۇ مىللەتتىن ئۆچ ئالسا ، بۇ مىللەت ئۇ مىللەتتىن ئۆچ ئالسا  ئاقىۋىتى سىزچە نىمە بولار.ئاجىزلارنى كۈچلەندۈرىدىغىنى ئۆچمەنلىك ئەمەس بەلكى مۇقەددەس ئېتىقادتۇر.))  بۇنى نۇرغۇن ئادەم چۈشەنگەن بولسا دۇنيادا ئىسلامدىن باشقا دىن بولمايتتى ، دۇنيادا يەنە باشقا دىندىكىلەرمۇ بار ، ئۇلار بۇخىل قاراشقا ھەرگىز قۇشۇلمايدۇ ، چۈنكى ئۇلار ئاخىرەتكە  ئىشەنمەيدۇ  ، شۇڭا دىنىمىز چەكلىمىگەن ئاساستا بۇ خىل قاراشتىن چىقىپ تۇرۇپ ، مىللەتچىلىك ئىدىيمىزنى قۇشۇپ تۇرۇپ  ،  شەخسىيەتچىلىكنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ تەپەككۇر قىلساق ، دەل مەندىگەندەك ،  نۇرغۇن ئىشلار غا  يۈزەكىي قارىماي ، ئۆچ بۇلۇشقا تىگىشلىك ئىشلارغا ، كىشلەرگە ئۆچ بۇلۇشىمىز كىرەك . ئەمدى يەنە يۇمشاق باشلىق بىلەن يۈرىۋەرسەك نۇرغۇن ئىشتىن زىيان تارتىمىز ... كىيىنچە باللىرمىز چوشقاگۈشى يەيدۇ ( رۇسلارنىڭ تەسىرىدە )  
قۇر ئاندا  بىر قانچىلغان سۈرىلەردە  ئۇرۇش قىلىش ، ئۇرۇشقا ئائىت  ئايەتلەرنى بايقايمىز .
ئۇندىن باشقا بەزىلەر مىللىتىمىزنىڭ ئىشلىرى بىلەن كارى يوق  ناماز ئۈتەپ قورسىقىمنى تويغازساملا بولدى ، ئاخىرەتلىكىم ياخشى بۇلدۇ . جەننەت ماڭا نىسىپ بۇلدۇ دەپ ئويلايدۇ ..ئەمەلىيەتتىمۇ ئىنساننىڭ ياشاش ئۇسۇلى شۇنداق بۇلىشى كىرەك ئىدى . ئەمما كاپىرلار  نۇرغۇن ياشاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىۋەتتى ھەم دىنىمىزغا قارىشى چىقتى شۇنىڭ بىلەن بىز مۇسۇلمانلارنىڭمۇ ياشاش ئۇسۇلى تامامەن ئۆزگەردى ،  شۇڭا دىنىمىزنى قوغداش شەرەپتۇر . ئەمدى قۇرئاندا مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز قەۋېمىنى قوغداشنىڭ شەرەپ ئىكەنلىكىنى سۆزلەيدۇ . دىمەك سىز دىنىڭىز بىلەن تەڭ مىللىتىمىزنىڭ بىرلىكىنى ساپلىقىنى كەلگۈسىنى قوغدىسىڭىز تامامەن ھازىرقىدىنمۇ كۆپ شەرەپكە ئىرىشىسىز ........
قۇر ئاندا  ئۆچ ئېلىشقا ئائىت مۇندا ئىبارەبار يەنى  ( لايىقىدا ئۆچ ئالسا گۇنا بولمايدۇ )    دىمەك ئۆچ ئېلىشنى دىنىمىزمۇ چەكلەپ كەتمەيدۇ ...
  ئاخىردا دىمەكچى بولغۇنۇم بىزگە نۇرغۇن مىللەت قەرىز ، بۇ قەرىزلەرنىڭ قايتۇرىلىشنى تەلەپ قىلمىساقمۇ بىراق بىزگە زىيانكەشلىك قىلغانلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كىرەك ، مۇشۇنداق بولغاندا دىنىمىزنى قوغدىشىمىزغا پايدىسى بار ھەم مىللىتىمىزنىڭ توغرا يۆلىنىشىنى بەلگىلىگىلى بۇلىشىغىمۇ پايدىسى بار ....
  كەچۈرۈڭ سەت بولدى   بىلىمەم چەكلىك شۇڭا جىق سۆزلەپ قالدىم  . باشقىلارنىڭمۇ ئڭقۇپ بېقىشى ئۈچۈن  جىق سۆزلەپ قالدىم ....
  مەن سەننەت ئىنىستۇتىدا ئۇقۇيمەن  ، ھېساپتا ئۆگەنگۈچى  شۇڭا مەندىن بىلىمىڭىزنى ئايىمىسىڭىز !

abux311 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 08:48:56

بۇ قېتىمقى بىلەت تاشلاشقا قارىغاندىمۇ تاتارلارنىڭ كۆپ قىسىمى قاتناشماپتۇمىش. ھەمدە بىلەت تاشلاشقا قاتناشقانلارنىڭ كۆپىنچىسى روسلاركەن .
دېمەك بۇ قېرىمدا ياشايدىغان روسلارنىڭ ئارزۇسى دەپ ئويلىدىم مەن .

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 09:07:20

بىلخۇش ئۇكام دۇنيادا قايسى دىن ئاخىرەتلىككە ئىشەنمەيدىكەن.سىز ماڭا بىر دەپ بىرىڭە.

welld يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 14:30:50

UyghurBaligh يوللىغان ۋاقتى  2014-3-18 21:10 static/image/common/back.gif
تاتارلار ئۆزى تاللىغان ئىش يوق.
سوۋىت ۋاقتىدا سىتالىن ...

توغرا دەيسىز، قىرىمدىكى تاتارلارغا ئىستالىندىن بىر قېتىم، پۇتىندىن بىر قېتىم كەلگۈلۈك كەلدى.

köksöy يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 16:53:52

meyxor يوللىغان ۋاقتى  2014-3-18 15:04 static/image/common/back.gif
بىر پۈتۈن رايۇندىكى خەلققە بىر ئادەمگە مۇئامىلە قىلغا ...

قىرىم مەسىلىسى ئۇنچىلىك ئاددى مەسىلە ئەمەس،قىرىم خەلقى ئۆزى رۇسىيەگە تەۋە بۇلۇشنى تاللىغان دىگەندە شۇنداق تاللاۋاتقان كىشىلەرنىڭ مىللەت تەركىۋىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كىرەك.قىرىم تاتارلىرى مۇستەقىل دۆلەتچىلىك ئەنئەنىسىگە ئىگە مەدەنىيەتلىك خەلق بولۇپ تارىختا يۈكسەك مەدەنىيەت ۋە بۈيۈك دۆلەتنىڭ  ساھىبى بولغان...مىلادى 1783-يىلى قىرىمنى رۇس باسقۇنچىلىرى بېسىۋالغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان 231يىل جەريانىدا قىرىم تاتارلىرىنىڭ تەقدىرى كۈلپەت ئىچىدە ئۆتتى.چار رۇسىيە دەۋرىدە قىرغىن،ئاسلىماتسىيە،يۇرتىدىن قوغلىنىش،خىرىستىيانلاشتۇرۇش،چەتكە قېقىش ئىزچىل داۋاملاشقان بولسا؛لېنىن ۋە سىتالىن دەۋرىدە ئاچ قۇيۇپ ئۆلتۈرۈش،پۈتۈن مىللەت بۇيىچە سۈرگۈن قىلىش،تازىلاپ يۇقۇتۇش قۇشۇلدى،سوۋېت ئىتتىپاقى ھالاك بولغاندىن كېيىنمۇ قىرىم تاتارلىرىنىڭ تەقدىرىدە چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولمىدى.سۈرگۈن قىلىش،يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىش،قىرىۋېتىش....قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن يەرلىك تاتارلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىپ،رۇس كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ رايۇننىڭ ئەسلىدىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىنى بۇزۇۋېتىش رۇسلارنىڭ قىرىمغا قاراتقان سىتراتىگىيىسى بولۇپ كەلدى.مانا ھازىر مەقسىدىگە يەتتى،قىرىم ئاھالىسىنىڭ 60%دىن كۆپرەكىنى رۇسلار ئىگىلەيدىغان ھالەت شەكىللىنىپ بولغاندىن كېيىن قىرىمنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاتالمىش ‹‹ئومۇمى خەلق ئاۋاز بېرىش››ئېلىپ بېرىلىپ قىرىمنىڭ رۇسىيەگە تەۋە بۇلۇشنى خالايدىغانلىقى ‹‹قارار قىلىندى››.رۇسىيەگە تەۋە بولۇشنىڭ ئارقا كۆرىنىشى مانا شۇنداقتۇر.شۇڭا رۇسىيەگە قۇشۇلۇش قىرىمدىكى رۇسلارنىڭ تاللىشىدۇر،ھەرگىزمۇ قىرىمدىكى تاتارلارنىڭ ئەمەس.بۇرۇندىن تارتىپ ھازىرغىچە تاتار تۈركلىرى رۇسلارنىڭ دۈشمىنى بولۇپ كەلگەن،بۇنداق ھالەت ئاسان ئۆزگەرمەيدۇ....قىرىمدىكى تاتارلار رۇسىيەگە ئەمەس تۈركىيەگە ھېچ بولمىغاندا ئۇكرائىناغا تەۋە بولۇشنى خالايدۇ....
بۇ قېتىم پۇتىننىڭ قىرىمدىكى رېفىراندۇمنىڭ خەلقارا قانۇنغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كۈلگۈم كەلدى،شۇنداق سۇئاللارنى سورىغۇم كەلدى:1921-يىلدىكى قىرىم دېموكراتىك جۇمھۇريىتىنىڭ ئېلان قىلىنىشى خەلقارا قانۇنغا خىلاپمىدى؟تاتارلارنىڭ زىمىنىنى بېسىۋېلىپ ،يەرلىك خەلقنى ھەيدەپ چىقىرىپ ئۆزىنىڭ كۆچمەنلىرىنى ئەكىلىپ نۇپۇس قۇرۇلمىسىنى بۇزۇپ ئاندىن نوپۇس ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ رېفىراندۇم(ئاۋازغا قويۇش)ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق رايۇننىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەش قايسى خەلقارالىق قانۇنغا ئۇيغۇنكەن؟ ؟؟...ئۇنداقتا تاتارىستاندا  ئومۇمى ئاۋاز بېرىشتىن ئۆتكەن 1990-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى تاتارىستان مۇستەقىللىق باياناتى نىمىشقا رەت قىلىندى؟چەچىنىستان مۇستەقىللىق قارارىچۇ؟؟؟؟بۇنى نىمىشقا خەلقارا قانۇنغا ئۇيغۇن دىگىلى ئۇنىمىدى؟؟؟






تولۇقلىما مەزمۇن (2014-3-20 08:49):
قىرىم دېموكراتىك جۇمھۇريىتىنىڭ ئېلان قىلىنغان ۋاقتى خاتا بولۇپ قاپتۇ.توغرىسى 1917-يىلى12-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىك....
بەت: [1] 2
: قىرىم خانلىقى