Yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 19:42:18

قىرىم مەسىلىسىدە رۇسسىيە ئۆزىنىڭ نومۇسسىزلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى.

pasibaneli يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 09:22:39

دۇنيا ئەزەلدىن ئادىل ئەمەس، ئۆزىڭىز ئاجىزلاردىن تۇرۇپ، كۈچلۈكلەرگە ئادىللىق، باراۋەرلىكتىن سۆز ئاچسىڭىز كۈلكىلىك بولىدۇ. دۇنيادا ھەققاننيەت بار دىيسلە كۈچلۈكلەرنىڭ دىگىنى ھەققانىيەت. ئىنسانلار مەنپەئەت ئۈچۈن زۈرۈر تېپىلغاندا ‹‹ ھەققانىيەت›› ئۇيۇنىنى ئويناپ چىقىدۇ. دۇنيادا بىرلا فورما بار ئۇ بولسىمۇ مەڭگۈلۈك دوستلۇقمۇ، مەڭگۈلۈك دۈشمەنلىكمۇ مەۋجۈت ئەمەس، پەقەت مەڭگۈلۈك مەنپەئەتلا مەۋجۈت. بارلىق قىلمىشلارنىڭ ھەممىسى مەنپەئەت ئۈچۈن بولىدۇ. شوڭا كۈچلۈكلەرگە ئايلانماي تۇرۇپ، ھەققانىيەتتىن، مەنپەئەتتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. ئاجىزلار ھەققانىيەت تەلەپ قىلسا غەلىيانچى بولىدۇ. مەنپەئەت تەلەپ قىلسا ئىسيانچى بولىدۇ. ئۆزىنى قوغدىماقچى بولسا قارشىلىق كۆرسەتكەن بولىدۇ. سۈكۈتتە تۇرسا بوزەك بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ‹‹پېشانىسىگە›› ‹‹ ئاجىز›› بۇلۇش ‹‹ پۈتۈلگەن›› .
ئاقىللار قارىماققا ئاجىز بولسىمۇ پۇرسەت كۈتۈشنى ۋە ئۆزىنىڭ كۈچلەندۈرشنى، ھىچ بولمىغاندا ئۆز كۈچىنى ساقلاپ قېلىشنى بىلىدۇ.
قىرىمنى مىسالغا ئالسا تاتارلارغا نىسپەتەن نۆۋەتتە سۈكۈتتىن باشقا تاللىشى يوق. ھىچ بولمىغاندا ئۆزىنىڭ ھازىرقى كۈچىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك. قارىشلاشسا يەم بولىدۇ.

köksöy يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 09:51:12

pasibaneli يوللىغان ۋاقتى  2014-3-20 09:22 static/image/common/back.gif
دۇنيا ئەزەلدىن ئادىل ئەمەس، ئۆزىڭىز ئاجىزلاردىن تۇرۇپ ...

توغرا دىدىڭىز.ئەگەشتىم.

Western يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 10:08:22

  قىرىمدىكى تاتارلار شۇنداق قىلىۋاتىدۇ ، تاتارىستانىمۇ روسىيە بىلەن كىلشىم تۈزۈپ ھازىرقى ۋەزىيەتنى ساقلاپ قىلىشقا خېلى بۇرۇنلار قوشۇلۇپ بولغان ، بۇنداق تاللاش توغرا، چېچىنىيە ئۇرۇشى نۇرغۇن ساۋاقلارنى قالدۇرۇپ كەتتى ، ھازىر  چېچەنلەر نوپوسى يۇز پىرسەنىت كۆپيىپ 2 مىلىيونغا يەتتى ، 25 مىڭ كىشلىك يەرلىك ئارمىيىسىمۇ بار ، رامىزان قادىروۋ پۇتىنغا ھە دەپ قويۇپ پۇلىنى خەجلەۋاتىدۇ .  دۇنيادا بەزى يەرلەردە  ئادىللىق بار ،  شۇ ئادىللىق بولمىسا ، روسىيەدىن كۈچلۈك يەنە بىر دۆلەت بولمىسا روسلار باشقا مىللەتلەرنى قىرغىن قىلىشىنى توختىتىپ قويمايتى ، نۇرغۇن ئىشلارنى ۋاقىت بىر تەرەپ قىلىدۇ ، ۋەزىيەت پايدىلىق تەرەپكە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ .

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 10:54:09

تاتارىستاندىكى تاتارلار بىز ئۇيغۇرلارچىلىكمۇ گەپ قىلمىدا بۇ ئىشقا قارىتا.

Western يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 11:00:32

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2014-3-20 10:54 static/image/common/back.gif
تاتارىستاندىكى تاتارلار بىز ئۇيغۇرلارچىلىكمۇ گەپ قىل ...

شۇلارنىڭ تور بېتىگە كىرسىڭىز بىلىسىز .

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 12:14:46

pasibaneli يوللىغان ۋاقتى  2014-3-20 09:22 static/image/common/back.gif
دۇنيا ئەزەلدىن ئادىل ئەمەس، ئۆزىڭىز ئاجىزلاردىن تۇرۇپ ...

توغرا . بۇ بىزنىڭ تەڭسىز دۇنيايىمىزنىڭ ،تەڭسىز بىراق ئىتراپ قىلىش كېرەك بولغان قانۇنىيتى ...:(  قىرىمدىكى بۇ ئۆزگىرىشتە ئەڭ زىيان تارتقىنى  قېرىنداش تاتارلار بولدىدە ؟ ھەيييييييييييييييي ...............

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 12:17:36

Western يوللىغان ۋاقتى  2014-3-20 11:00 static/image/common/back.gif
شۇلارنىڭ تور بېتىگە كىرسىڭىز بىلىسىز .

موشۇ توغۇرلۇق بىزگە ئازراق سۆزلەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن . تاتارىستان تاتارلىرى قانداقراق گەپ قىلىۋاتقاندۇ؟

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 13:00:59

تەۋەلىك مەسلىسىنى ئاۋازغا قويۇپ ھەل قىلىش قانۇنلۇق ھىساپلىنىدىغان ئىش بولغاندىكىن نېمىشقا ئۆز ۋاختىدىكى يەنى دۇدايېۋ،ئارسلان ماسخادۇف لار ئېلىپ بارغان  ئومۇمى خەلق ئاۋاز بېرىش ھەرىكىتىدىكى99% خەلقنىڭ مۇستەقىللىق ساداسى نېمىشقا ئېتراپ قىلىنمىدى?

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 13:07:22

بۇ قېتىمقى قىرىم مەسلىسدە دۆلىتىمىز سەل ئالدىراقسانلىق قىلدىمۇ قانداق?يەنى بۇرۇنقى بىتەرەپ مەيدانىنى ئۆزگەرتىپ قىرىم خەلقىنىڭ ئاۋاز بېرىش ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، دىمەك ئەمدى تەيۋەن،شىياڭگاڭ بۆلگۈنچىلىرى ئاۋازغا قويۇش مەسلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ بېشىنى ئاغرىتىشى مۇمكىن، ئەگەر ئۇ رايۇنلاردا ئاۋازغا قويۇش ئېلىپ بېرىلسا ئېنىقلا مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ نوپۇزى تەھدىتكە ئۇچرايدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىپ قالارمۇ?

Western يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 14:23:03

orkexjan يوللىغان ۋاقتى  2014-3-20 12:17 static/image/common/back.gif
موشۇ توغۇرلۇق بىزگە ئازراق سۆزلەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن . ...

كۆز قاراشلار ئوخشاش ، تىل جەھەتتە ئازىراق پەرقى بار .

Western يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 14:35:54

alim012 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-20 13:07 static/image/common/back.gif
بۇ قېتىمقى قىرىم مەسلىسدە دۆلىتىمىز سەل ئالدىراقسانلى ...

  پۇتىن جۇڭگو بىزنى قوللىدى ، رەخمەت دىدى ! بىراق ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا ئەمىلىيەتتە جۇڭگو روسىيەنىڭ قىرىمدىكى قىلمىشىنى قوللىمىدى ، روسىيە ئىستىراتىگيەدە جۇڭگونى تامىنىڭ بۇلۇڭىغا مىخـتاپ قويدى ، قىرىم مەسىلىسىدە ،ئامىرىكا دوللىرىدىن ئەڭ كۆپ زىيان تارتقىنى  جۇڭگو ، ئىگىلىك ھوقوققا ھۆرمەت قىلىشنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان پۇتىن دائىم  بۇ جەھەتتە جۇڭگو بىلەن كۆز قارشىمىز ئوخشاش دەيتى ، بىراق بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىش قىلدى ، تەيۋەندە ئوقۇغۇچىلار قانۇن چىقىرىش پالاتاسىنى (پارلامىنىت ياكى خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن ئوخشاش ) ئىگىلىۋالدى ، ئۇلار ھۆكۈمەتكە تەيۋەن بىلەن چوڭ قۇرۇلۇق ئوتتۇرسىدىكى ئختىزاد كىلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەلپىنى قويدى ، لىكىن مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر كۆرۈنىشىدە ئېسىلغان پىلاكاتلاردىكى شۇئارلاردىن قىرىم مەسىلىسىنىڭ تەيۋەنگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ .

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 19:25:30

Western يوللىغان ۋاقتى  2014-3-20 14:35 static/image/common/back.gif
پۇتىن جۇڭگو بىزنى قوللىدى ، رەخمەت دىدى ! بىراق ئەڭ ي ...

ماۋۇ يېڭى خەۋەر بولدى .

Yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 20:39:54

رۇسسىيە قىرىمغا ئېرىشكەندەك قىلغان بىلەن ئۇكرائىنادىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قالىدىغان بولدى.

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 20:48:56

Western يوللىغان ۋاقتى  2014-3-20 14:35 static/image/common/back.gif
پۇتىن جۇڭگو بىزنى قوللىدى ، رەخمەت دىدى ! بىراق ئەڭ ي ...

چاۋشەن قىرىم مەسىلىسىدە نىمە دىگەندۇ  ، روسىيە يا يىغلىشىنى يا كۇلىشىنى بىلەممەي قالدى دىگەندەك  خەۋەر بارغۇ  ؟
بەت: 1 [2]
: قىرىم خانلىقى