irpan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 09:00:52

ئۇيغۇرلاردىكى ئۆلۈم-يىتىم ئىشلىردىكى ئادەتلەر

(»ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى»ناملىق كىتابتىن)



ئۇيغۇرلاردا ۋاپات بولغۇچى ئىنتايىن ھۆرمەتكە ئىگە. شۇڭا ۋاپات بولغۇچى ئەر بولسا «مەرھۇم»، ئايال بولسا «مەرھۇمە» دېگەندەك سۆزلەر ئىشىلىتىلىدۇ. ۋاپات بولغۇچىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇنىڭ تاۋۇتى قەبرىستانغا قەدەر كۆتۈرۈپ بېرىلىدۇ. ۋاپات بولغۇچىنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرى قارلىق تۇتۇپ ئەرلەر بېلىگە ئاق باغلايدۇ، ئاياللار بېشىغا ئاق ياغلىق سالىدۇ. تاۋۇت ئۇزىتىلغانغا قەدەر ئارىلىقتا ئۆلۈم پەتىسىگە كەلگەن ئاياللارغىمۇ ئاق ياغلىق  سېلىپ قويىدۇ. ۋاپات بولغۇچىنىڭ «يەتتە نەزىرىسى» بېرىلمىگۈچە بىۋاسىتە ئەر تۇغقانلار بېلىدىكى ئاقنى يەشمەيدۇ، ساقال-بۇرۇتىنى ئالمايدۇ. بىۋاسىتە ئايال تۇغقانلار ۋاپات بولغۇچىنىڭ قىرىقى بولمىغۇچە (بەزىدە يىلىغىچە) بېشىدىكى ئاقنى ئالمايدۇ. قىزىل-تىزىل كىيىم كىيمەيدۇ. «قىرىق نەزىر» دە، ياكى «يىل نەزىر» دە ياشانغان بىر ئايال تەسەللىي سۆزىنى قىلىپ ئاق سالغۇچىنىڭ بېشىدىكى ئاقنى ئېلىۋېتىپ، باشقا ياغلىق سېلىپ قويىدۇ. بۇ «قارىسىنى ئۇشتۇش» دەپ ئاتىلىدۇ. ھازىدار ئائىلىدە ئويۇن-كۈلكە ۋە باشقا تاماشا ئىشلىرى زادى بولمايدۇ. ھەتتا قولۇم-قوشنىلارمۇ ئۆز ئۆيىدە كۆڭۈل ئاچىدىغان پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارمايدۇ. ۋاپات بولغۇچىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇرۇق-تۇغقانلار ئىچىدە تەييار بولۇپ قالغان توي كېچىكتۈرۈلىدۇ. توينى قىلمىسا بولمايدىغان ئەھۋال بولسا ھازىدار ئائىلىنىڭ رازىلىقىنى ئالىدۇ.

     ۋاپات بولغۇچى ئۈچۈن بېرىلىدىغان «ئۈچ نەزىر»، «يەتتە نەزىر»، «قىرىقى نەزىر»، «يىل نەزىر» دېگەندەك نەزىرلەر پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا ئورتاق بولسىمۇ، لېكىن بەزى يەرلەردە (بولۇپمۇ تۇرپان رايونىدا) يۇقىرىقىدەك نەزىرلەرنى ئۆتكۈزۈشتىن تاشقىرى يەنە «سىپارە» (بەش نەزىر)، «يۈز كۈنلۈك نەزىر» دېگەندەك نەزىرلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. ھەتتا بەزى يەرلەر (خوتەن) دە «يىگىرمە كۈنلۈك نەزىر» چوڭ ئۆتكۈزۈلسە، بەزى يەرلەردە (تۇرپان رايۇنىدا) سىپارە چوڭ ئۆتكۈزىلىدۇ. «ئۈچ نەزىر» ئاساسەن مۇردىنى سۇغا ئالغۇچىنى رازى قىلىش مەقسەت قىلىنغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا پەقەت يۇغۇچىلار ۋە ئىمام-مەزىنلەر قاتنىشىدۇ. بۇلارنىڭ بىرى«باش يۇغۇچى»، يەنە بىرى «ئاياغ يۇغۇچى» قالغان ئىككىسى سۇ قۇيۇپ بەرگۈچى. «باش يۇغۇچى» مۇردىنىڭ بېلىنىڭ يۇقىرىقى قىسمىنى،«ئاياغ يۇغۇچى»بەلنىڭ ئاستىنقى قىسمىنى يۇيىدۇ. يۇغۇچىلار يالغۇز مېيىتنى يۇيۇپلا قالماستىن، يەنە كېپەننى تىكىپ تەييار قىلىدۇ ۋە مۇردىنى كېپەنگە ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىدار ئائىلە ئۇلارنى ئىمكان بار ياخشى رازى قىلىشقا تىرىشىدۇ. ۋاپات بولغۇچىنىڭ نىمكەش كىيىملىرىنى يۇيۇپ تازىلاپ، يۇغۇچىلارغا قۇيىدۇ. بەزىلەر بولسا ۋاپات بولغۇچىنىڭ كىيىم-كىچىكى ئاياغ ئاستى بولۇپ قالىدۇ، دەپ ئەن رەخت، پۇل قويىدۇ. قايسى خىلدىكى نەرسە قۇيۇلسۇن، «باش يۇغۇچى»، «ئاياغ يۇغۇچى» بىلەن سۇ قۇيۇپ بەرگۈچى پەرقلەندۈرۈلىدۇ. مۇردا يۇيۇلۇپ بولغاندىن كېيىن كېپەنگە ئېلىنىدۇ. كېپەنگە قىزىلگۈل سۈيى ياكى ئالدىن تەييارلاپ قۇيۇلغان زەمزەم سۈيى سېپىلىدۇ. باشقا نەزىرلەر ئۆز لايىقىدا ئۆتكۈزىلىدۇ. ئۆلگۈچىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى ئۆز ئالدىغا نەزىر بېرىدۇ. ھازىر بولسا ئائىلە باشلىقى پەرزەنتلەر نامىدىن بىرلا قېتىم نەزىر بېرىدىغان بولدى، بۇ ياخشى ئەھۋال. ئۇيغۇرلاردا ھەر پەيشەنبە كۈنى «ئەرۋاھ» لارغا ئاتاپ ياغ پۇرىتىدىغان ئەھۋال داۋاملاشماقتا. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ھەممە «ئەرۋاھ» لار جۈمە كۈنى مەككىگە توپلىنىپ ناماز ئوقۇيمىش، مەككىگە بېرىش ئۈچۈن «ئەرۋاھ» تېتىك بولۇشى لازىممىش، ھەر پەيشەنبە كۈنى ياغ پۇرۇتۇلسا «ئەرۋاھلار» تېتىكلىشىپ مەككىگە بالدۇرلا بارارمىش.

مۇردا يۇيۇلۇپ كېپەنگە ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن ۋاپات بولغۇچىنىڭ بالا-چاقىلىرى، يېقىن ئۇرۇق–تۇغقانلىرى مۇردا بىلەن ۋىدالىشىدۇ. ۋاپات بولغۇچى ئەر بولسا ئۇنىڭ ئايالى، ئەگەر ئايال بولسا، ئۇنىڭ ئېرى مۇردا بىلەن ۋىدالاشمايدۇ. سەۋەبى جان چىققاندىن كېيىن ئەر ئايالغا، ئايال ئەرگە يات بولۇپ كېتىدۇ-دە، بىر-بىرىنى كۆرۈش «نامەھرەم» بولىدۇ، دەيدىغان قاراش ئۇيغۇرلاردا ناھايىتى كۈچلۈك.

   ئېرى ئۆلگەن ئايال ياكى ئايالى ئۆلگەن ئەر ۋاپات بولغۇچىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، ئۆلگۈچىنىڭ يىلى بولمىغىچە ئەرگە تەگمەيدۇ ياكى ئۆيلەنمەيدۇ (ئايرىم ئەھۋاللار بۇنىڭدىن مۇستەسنا)، ئەگەر بۇنىڭغا رىئايە قىلماي ئەرگە تەگسە ياكى خوتۇن ئالسا، پەرزەنتلەر نارازى بولىدۇ، جامائەت تەگەيدۇ.  

جىنازا نامىزى مەسچىتتە ئۇقۇلىدۇ. ناماز چۈشۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن ناماز چۈشۈرگۈچىگە ناماز ھەققى، نامازغا قاتناشقان غېرىب-غۇرۋالارغا «ئىسقات» بېرىلىدۇ. ئىسقات ئالغۇچىلار ۋاپات بولغۇچى ئۈچۈن خالىسانە ناماز ئوقۇپ قۇيىدۇ، ناماز چۈشۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن تاۋۇتنى كۆتۈرۈپ، قەبرىستانلىققا بارىدۇ. جەسەت گۆرگە قۇيۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، جامائەت ئۇدۇل ھازىدار ئائىلىسىگە پەتىگە كېلىپ، قۇرئان-تىلاۋەت قىلىپ قايتىدۇ. ئەتىسى بامدات نامىزىدىن قايتقان جامائەت يەنە پەتىگە كىرىپ، قۇرئان-تىلاۋەت قىلىدۇ. جىنازىدىكى مۇردىنىڭ ئەر ياكى ئىكەنلىكىنى تاۋۇتقا يېپىلغان يوپۇقتىن بىلگىلى بولىدۇ. ئايالنىڭ تاۋۇتىغا گۈللۈك ئېسىل رەختلەردىن يوپۇق يېپىلىدۇ. ئەر بولسا ئاق ياكى قارا سىدام رەختتىن قىلىنغان يوپۇق يېپىلىدۇ.

    قەبرە ئۈچۈن قۇرۇق يەر تاللىنىدۇ. ئۆتمۈشتە ھەر بىر ئائىلە جەمەتىنىڭ ئۆز ئالدىغا قەبرىستانلىقى بولاتتى. چەتتىن كېلىپ قالغانلار ۋاپات بولسا «مۇساپىرلار قەبرىستانلىقى» دەپ ئاتىلىدىغان ئومۇمىي قەبرىستانلىققا كۆمۈلەتتى. قەبرە ئىگىلىرى قەبرىنى يوقلىغىلى چىقسا قەبرىنىڭ توپىسىنى يۆلەپ ئېگىزلىتىپ قۇيىدۇ ھەم ئۇچار قۇشلار يېسۇن دەپ، ئۈستىگە دان چېچىپ قويىدۇ. بەزىلەر قەبرىنىڭ توپىسى ئۇچۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن گۈمبەز ياساپ قويىدۇ. قەبرىنىڭ باش تەرىپىگە قەبرە تېشى ئورنىتىپ، ئۇنىڭغا ۋاپات بولغۇچىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى يېزىپ قويۇلىدۇ، بەزىدە قەبرىنى تۆمۈر ياكى رىشاتكا ئىچىگە ئېلىپ قويىدۇ. بەزىدە قەبرە ئەتراپىغا دەل-دەرەخ تىكىپ، گۈل-گىياھ تېرىپ ئۆستۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.

    بەزىلەر جەسەتنى ئىلاج بار يول بويىدىكى قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىدۇ. ئۇلار يولدىن ئۆتكۈچىلەر قەبرىستاندىكىلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىپ قويىدۇ، دېگەننى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق قوشاق پەيدا بولغان ۋە ساقلانغان:

مەن ئۆلەرمەن، مەن ئۆلەرمەن.

يولدا قويماڭلار مېنى.

يولدا قويساڭلار قويۇڭلار،

چۆلدە قويماڭلار مېنى.  

ۋاپات بولغۇچى ئۈچۈن بېرىلگەن نەزىر تۈگىگەندىن كېيىن ئائىلە جەمەتى قەبرىستانلىققا بېرىپ، قەبرىنى يوقلاش، شۇنداقلا ھەر بىر روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتلاردا نامازدىن كېيىن قەبرىستانلىققا بېرىپ قەبرە يوقلاش ئادىتى ھازىرمۇ داۋام قىلماقتا.

  ئۇيغۇرلاردا «ئاتا-ئانامنىڭ ئايىغىدا ياتىمەن» دېگەن ئارزۇ كۈچلۈك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ياقا-يۇرتلاردا ۋاپات بولغۇچىنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ جەسىتى يۇرتىغا ئېلىپ بېرىلىپ دەپنە قىلىنىدىغان ئەھۋاللار ياكى جان ئۈزۈشتىن ئىلگىرى ئۆز يۇرتىغا ئەكېتىدىغان ئەھۋالار ھازىرمۇ بار.

  بەزى ياشانغان ئادەملەر بالا-چاقىلىرىنى ئالدىرىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن، ھايات ۋاقتىدىلا ئۆلۈملۈكىنى ھازىرلاپ قويىدۇ، يەرلىكنى كولىتىپ تەييارلاپ قويىدۇ.

ئائىلە چوڭلىرىدىن بىرى (مەيلى ئاتا، مەيلى ئانا) ئاغرىپ قېلىپ ساقايمىسا، كېسەلنىڭ تەلىپى بويىچە شۇ ئائىلىدە تەييار بولۇپ قالغان توينى قىلىۋېتىدۇ. ئەگەر بۇنىڭغا ئۈلگۈرەلمەي كېسەل ۋاپات بولۇپ كەتسە، جەسەتنى دەپنە قىلماي تۇرۇپ نىكاھ ئوقۇتۇپ قويۇپ، ئاندىن جەسەتنى ئۇزىتىدۇ. بۇ ئاتا-ئانىنىڭ ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشقا قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ھازىدار ئائىلە ھازا بىلەن بولۇپ كېتىپ ئۆز ئائىلىسىدە تاماق يېيىش ئىمكانىيتى بولمايدۇ. ئۇرۇق-تۇغقان، قولۇم-قوشنا ۋە ئەل-ئاغىنىلەر ئائىلىسى بىرەر ھەپتە، ھەتتا بىرەر ئايغىچە تاماق ئېتىپ ئەكىلىپ تۇرىدۇ. كەلگەن تاۋاققا ھازىدارلار ۋە باشقىلار ئېغىز تېگىدۇ.

ئۇيغۇرلاردا ئىگە-چاقىسىز، يېتىم-يېسىرلار، مۇساپىرلار ئۆلۈپ قالسا، ئۇنى «خالىس ئۆلۈم» دەپ، يۇرت مەھەللە بىرلىكتە نامىزىنى چۈشۈرۈپ بارلىق رەسمىيەتلىرىنى جامائەت خالىسانە ياردەم قىلىپ دەپنە قىلىدىغان ئادەت بار. بۇنداق خالىس ئۆلۈمنى ئۇزىتىشنى ساۋابلىق ئىش دەپ ھېسابلايدۇ.



مەنبە: ئابدۇكېرىم راخمان قاتارلىقلار تۈزگەن،شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 2008-يىلى نەشىر قىلغان «ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى» ناملىق كىتابتىن.

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 10:13:05

ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار
ھەرقايسى يۇرتلارنىڭ نەزىر ئۆتكۈزۈش ئىشلىرى ئوخشىمايدىكەن،بولسا ئۆزۈڭلار ھىس قىلغان ئوخشىماسلىقنى
دەپ باڭساڭلار؟
ئاڭلىسام بەزى يۇرتلاردا نەزىر بەرمەي پۇلنى يىتىم-يىسىرلارغا بېردىغان ئىشلار ئۇمۇملىشىپتۇ؟ مەسلەن قايسى يۇرتلاردا
شۇنداق بۇلاۋاتىدۇ؟
___________________
مۇنبەردە ئىسلام دىنىنى ئوبدان چۈشىنىدىغان تورداشلار بولسا مۇشۇ جەھەتتە كۆزقارىشىڭلارنى دەپ باقساڭلار؟

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 10:43:13

ئەرۋاھ  ، مۇردا    دىمەي    روھ ، مىيىت دىيىشى كىرەكمۇ قانداق ؟

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 12:10:12

نەزىرنىڭ قانداق قىلىندىغانلىقى ۋە  يەتتە نەزىرى ، قىرىق نەزىرى …لارنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكى ، بۇلارنىڭ قىرىق ، يەتتە …سانلارنىڭ ئۇلۇغلىندىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ ، بۇ ھەقتە بىلىدىغانلار چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 15:31:57

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Muzepper تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-9 16:53  

.......................

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 15:34:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Muzepper تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-9 16:52  

.....................

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 16:00:22

muzepperسىز ۋاھابىيلىققا ئەمدى كىرىپسىز ھە ، كىيىن قاپسىز ، ئىزدىنىشتا ئاللا بۇرۇن ئۇلارنىڭ ئەبدى بەشرىسى ئىچىلىپ بولغان
    مۇشۇنداق مىڭىۋەرسىڭىز  ئۇيغۇرلىقىڭىزدىنمۇ چانىسىز

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 16:53:50

izqi1991 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-9 16:00 static/image/common/back.gif
muzepperسىز ۋاھابىيلىققا ئەمدى كىرىپسىز ھە ، كىيىن قاپسىز ...

كەچۈرۈڭ!

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 16:59:25

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Muzepper تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-9 17:00  

ھەممە ئادەمنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولمايدۇ، كۆرگەن بىلگىنى، قىممەت قارىشىمۇ ھەم شۇنداق. بىرسىنىڭ پىكىرى ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىگە ياقمىسىلا قاتتىق تىللار بىلەن رەدىيە بېرىپ سىسىق گەپتىن بىر ئىككىنى دەۋالمىساق ئىچىمىز بوشىمايدىغان ئادىتىمىزنى يوقايتساق ياخشى بولاتتى. خاتا بولسا ئىلمي ئاساس بىلەن سىلىق گەپ بىلەن دېسىمۇ قۇلاققا بەكىرەك خۇش ياقاتتى...
بولمىسا كىشى گەپ قىلىشتىنمۇ قورقۇپ قالىدىكەن.

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 17:27:06

نەزىرنىڭ ئۆرۈپ ئادەت ئىكەنلىكى ، ئۇنىڭ دىنغا مۇغالىپ ئەمەسلىكى ھەققىدە نۇرغۇن گەپلەر قىلىنىپ بولغان ، تورنى ئاغتۇرسىڭىز بەك كۆپ

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 18:22:41

izqi1991 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-9 17:27 static/image/common/back.gif
نەزىرنىڭ ئۆرۈپ ئادەت ئىكەنلىكى ، ئۇنىڭ دىنغا مۇغالىپ  ...

رەھمەت.
مېنى ئۆزىڭىزنىڭ قارىشى بىلەنلا مەزھەپكە تەۋە قىلىۋىتىپ ، دىن ،مىللەتتىن باھا بېرىۋەتمەي ، باشتىلا  ھازىرقىدەك دېسىڭىزمۇ  ئۈنىمى باشقىچە بولاتتى.
بولىدۇ ، مەن يەنە مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى ئاختۇرۇپ باقاي.  

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 20:33:16

كەچۈرۈڭ

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2014-3-9 21:59:56

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-3-10 07:57:28

baydowlat يوللىغان ۋاقتى  2014-3-9 21:59 static/image/common/back.gif
ھازىر بىز تەرەپتە ئاساسەن نەزىر ئۆتكۈزۈلمەيدۇ. بۇرۇن ب ...

سىز نەدىن بايدۆلەت

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-10 09:40:00

izqi1991 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-9 17:27 static/image/common/back.gif
نەزىرنىڭ ئۆرۈپ ئادەت ئىكەنلىكى ، ئۇنىڭ دىنغا مۇغالىپ  ...

نەزىرنىڭ دىنغا مۇخالىپ ئەمەسلىكى توغرىسدا قايسى داموللا فەتىۋا بىرىپتۇ؟ بۇ يەردىكى دىن ئىسلام دىنىمۇ ياكى باشقا دىننى دىمەكچىمۇ؟

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-10 10:32:39

ھەنەفىيە مەزھىپىدىكى ئۆلىمالار ئەزەلدىن ئاشۇنداق پەتىۋا بىرىپ كەلگەن     سىزدەك بەزى كىشلەر  ھەنبەلىيە مەزھىپىدىكى ۋاھابىيلارنىڭ پەتىۋالىرىغا ئاساسلىنىپ  ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىزنى بىدئەتكە چىقىرىۋاتىدۇ ،ئەجدادلىرىمىز مىڭ يىلدىن بىرى ھەنەفىنىڭ يولىدا مىڭىپ كەلگەن ، شۇڭا  نەزىر ، نۇرۇز، ناخشا ئۇسۇل لار بىدئەت  ، ھارام دىيىلمەي داۋاملىشىپ كەلگەن ، يىقىنكى يىللاردىن بۇيان ئەرەب مىللەتچىلىكىنى يادرو قىلغان ۋاھابىزىم دىيارىمىزغا تارقىلىپ  بىر قىسىم كىشىلەرنى قايمۇقتۈرۈپ قويىۋاتىدۇ
بۇلار ئىزدىنىشتا تولا دىيىلىپ كەتكەن گەپلەر ،   بۇ يەردە يەنە ۋاھابىيلارنىڭ  جىدىلىنى قىلىپ يۈرسەك بولمايدۇ

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-10 12:24:20

izqi1991 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-10 10:32 static/image/common/back.gif
ھەنەفىيە مەزھىپىدىكى ئۆلىمالار ئەزەلدىن ئاشۇنداق پەت ...

مەن ھىچقانداق مەزھەپتە ئەمەس، قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ھەدىسلىرىگە ئەگىشىمەن. بۇ يەردە ھىچكىم ۋاھابىچىلىق قىلمايۋاتىدۇ. يوق يەردىن پۇتاق چىقارماي، ئاشۇ فەتىۋانى بىر كۆرسىتىڭلار قىنى؟ قۇرئانغا ،ھەدىسكە ئاساسلىنىپ چىقارغان ئاشۇ فەتىۋالىرىنى بىر كۆرەيلى. نەزىرە-چىراغ ئۆتكۈزسەڭلەر بىر كېم توسمىدى، ئەمما ئىسلام نامىدا بولمايدىغان ئىشنى بولىدىغان قىلىپ تون پىچماڭلار، كىيىن ھۆددىسىدىن چىقالمايسىلەر.

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-3-10 14:23:36

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   koygandengiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-10 14:49  

   بىزنىڭ ئانا تەرەپ جەمەتىمىزدە نەزىر -چىراق ، ئۆلۈم  -يىتىم ، توي - تۆكۈن ، بالىغا ئىسىم قويۇشتىن تارتىپ بۆشۈككە سېلىشقىچە مىللىتىمىزنىڭ ئۇۈۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئۆرپ ئادەتلىرى ئىنتايىن مۇكەممەل ساقلانغان .
يېقىنقى بىرقانچە يىل مابەينىدە غۇلجا تەرەپلەردىمۇ ئەسلى دىن تەرىقەتچىلىكىگى ئىدىيىسىنىڭ تەسىرى بىلەن بۇ خىل ئەدەتلەرگە بارا - بارا ئۆزگەرتىلىش كىرگۈزىلىۋاتىدۇ ، ھەتتا  مەھەللىلەرنى بىرلىك قىلىپ بۇرۇنقى ئادەتلەرنى تامامەن تاشلاپ ، پۈتۈنلەي نەزىر - چىراق ئۆتكۈزمەيدىغان ، توي چېيى بەرمەيدىغان ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس .
  گەرچە ئەھۋال يۇقۇرىقىدەك بولسىمۇ رەھمەتلىك بوۋام ، موماملار ئۆلۈپ كېتىشنىڭ ئالدىدا بالىلىرىغا ھېچقانداق پەتىۋالارغا قولاق سالماي توي - تۆكۈن ، ئۆلۈم - يىتىمنى بۇرۇندىن داۋاملىشىپ كەلگەن ئۆرپ - ئادەت بويىچە قىلشىنى ۋەسىيەت قىپتىكەن . ( مومام تۈگەشنىڭ ئالدىدا بېشىدا ئۆزۈممۇ بار ) شۇڭا ئانا  تەرەپ جەمەتىمىز جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى ئاستىدىمۇ تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە مۇشۇ ئادەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ . ئەتراپىمدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قارىسام  بىر كۈنلەر كېلىپ بۇ ئادەتلىرىمىزمۇ ئۆزگىرىپ كېتىدىغاندەك ...شۇڭا ئۇنتۇلۇپ كەتكىچە دەپ « ئانا تەرەپ جەمەتىمىزدە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئادەتلىرىمىز » دىگەن تېما ئاستىغا كۆرگەن ، بىلگەنلىرىمنى خاتىرلەپ قويىۋاتىمەن . بۇ يەردە يەنە بىر نۇقتىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈپ كەتسەم ، دادا تەرەپ جەمەتىمىز خوتەندىن  ، ساۋاتلىق بولسىمۇ دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە ئۇنچە قاتتىق ئەمەس ، ، ئەمما ئانا تەرەپ بوۋام ، مۇمام ھەر ئىككىسى يەرلىك ( تارانچى دىگۈم كەلمىدى ، بوۋام تارانچى دىسە شۇنداق خاپا بولىدىغان ، ‹  مەن تارانچى ئەمەس ،300 يىللىق   ئىلىلىق دەپ ...›  ) ، ساۋاتسىز بولسىمۇ دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە خېلىلا كۈچلۈك . كىشىنى خوشال قىلىدىغىنى ئانا تەرەپ جەمەتىمىز پۈتۈن جەمەت بويىچە ئويۇن- تاماشىغا  كۈلكە - چاخچاققا ئامراق ، ئەمما ھاراق - شاراپتا قەتئى يوق . دىمەك ، ھازىرغىچە ئانا تارەپ جەمەتىمىزنىڭ كۈچلۈك  تەسىرى بويىچە بىز ھەم بالىلىرىمىز بولۇپ تىپىك ئۇيغۇرچە ياشاپ كېلىۋاتىمىز .......قىززىق يېرى بوۋام مومانلار گەرچە ساۋاتسىز بولسىمۇ كىملەردىن ئۈگەنگەنتىكىنتاڭ ، بەزىبىر ئايەتلەرنى بالىلىرىغا ئۇيغۇرچە ئۈگىتىپتىكەن ، ئاپام  كىچىكىمىزدە بىزگىمۇ ئۇيغۇرچە ئۈگىتىپتىكەن ، شۇڭا ھازىرغىچە بىزمۇ بەزى سۈرىلەرنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى بىلىمىز ئەرەپچىسىنى بىلمەيمىز .

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-10 15:30:09

مۇشۇ ئۇيغۇرنى ئى مەزەپكە  ما  مەزپكە  قېتىپ قويمىساڭلا  تۇققانلار  ... ئاق تاغ  قارا تاغ  يۇقاپ ئەمدى خەقنىڭ تېغىنى يۈدۈپ يۈرمەيلى دوسلا  ...
   مانا  گەپنىڭ بېشىدا سەن ما مەزەپتە  تۇرۇپ ئا  مەزەپ دىگەننى قىلدىڭ دىيىشىپ كىتىسىلە  ئاز  يىلدىنكىيىن ياقىدىن ئالدىغان ، كىيىنچە  دۈشمەننى تاماشبىن قىپ قۇيۇپ بومبا  ئاتىدىغان بوپ قالمايلى خەقتەك

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2014-3-10 20:16:09

بەت: [1] 2
: ئۇيغۇرلاردىكى ئۆلۈم-يىتىم ئىشلىردىكى ئادەتلەر