adiyat يوللانغان ۋاقتى 2014-3-10 21:09:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   adiyat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-3-10 21:12

ئەھلى سۈننىيلەرنىڭ فىھقە قارشى تۆت ئىمام ئىجدىھاتىغا مۇجەسەملەنگەن. ھەنەفىي مەزھىپى مۆتىدىللىك ۋە يىراقنى كۆرەرلىك جەھەتتىن مەزھەپلەرنىڭ چوڭى ھىساپلىندۇ.بىر يۇرتنىڭ مۇجتەھىدلىرى شۇ يۇرتتىكى مۇسۇلمانلار گەۋدىسى، ئەتراپتىكى خوشنىلىرى ياكى كەلگۈسىدە بىشىغا كىلىش ئىھتىمالى بولغان ۋەقەلىكلەرنى ئىتبارغا ئىلىپ كوللىكتىپ مۇراسىملىرىغا پەتىۋا چىقىرىدۇ،ھازىرقى دۇنيادا ئىنىق بولغان ئايرىم گۇرۇھتىن شىئەلەر بار ۋە يەنە قۇرئان ھەدىىسلەرگە پۈتۈنلەي ئۆز رايى بويىچە مەنا بىرىدىغان يالاڭ ئاياق پەتىۋاچىلار-مەزھەپسىزلەر گۇرۇھى ۋە پەتىۋالاردا سەئۇدىيلىق ئابدۇل ۋاھابى ئوغلىنىڭ ئىدىيەسىگە ئەگىشىدىغان ۋاھابىيلار گۇرۇھى بار. مەزھەپ ئەمىليەتتە مۇسۇلمانلارنى تەرتىپكە چۈشىرىدىغان ۋە چچىلاڭغۇلۇقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىردىن بىر قورال.
ئەمىليەتتەئاشقۇن دىننىي گۇرۇھلار ۋە سىياسىي ئولجىلار مەزھەپسىزلىكتىن كىلىپچىقىدۇ.
كۆيگەن دىڭىز تىلغا ئالغان بارلىق ئادەتلەر ئۇيغۇرلادا ئىسلام گۈللەنگەن، يۇرت چوڭلىرى تەقىپكە ئىلىنمىغان زامانلاردا ۋۇجۇدقا كەلگەن. دىن پەيغەمبەردىن يىراقلىغانچە سۇسىيىپ ماڭىدۇ، شۇڭا دىن ئىشىدا پەرھىزكار بولۇش ئەمىليەتتە ھەقىقى ئەسلىيەتچىلىك ھىساپلىنىدۇ.مەزھەپ ئۆلىمالىرى ۋە مۇجتەھىدلەرنى بىر ياققا قايرىپ قويوپ،قۇرئان ھەددىسكە ئاساسلىنىمىز دىگۈچى پەقەت ئۆز نەپسىگە ئەگەشكۈچىدۇر، ياكى ئۇ شەيتاننىڭ ئوۋ نىشانىدۇر.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-10 21:14:42

توغرا پىكىرلەرمۇ بار ئىكەن ، يۇقىرىدا ....



بىز ۋاپات بۇلۇپ كەتكەن ئادەمنى رەھمەتلىك دەيمىز

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-10 21:29:53

بەك ئېلىشىپ كەتتىغۇ.بىزنىڭ يۇرتتا پەيشەنبىسى ،قىرقى دىگەن ئىشلار ئەمەلدىن قالغىلى 20 يىلدىن ئارتۇق بولغاندۇ،لېكىن بۇنى تەشەببۇس قىلىپ ئىشقا ئاشۇرغان موللىمۇ ئادىيات تىللاۋاتقانلارنى ئادىياتتىنمۇ بەك تىللايدىغان ئادەم.مەنچە خاتا ئۇچۇر تارقىتۋاتىسىلەر.
يۇقارقى گېپىڭلار سۇمبۇل چاچلىرىمىزنى پۇلاڭلىتىپ گۈزەل ھۆسىنىمىزنى جەۋلان قىلايلى دىگەن گەپكە ئوخشاپ قالدى.

ئۆلگەن ئادەمگە بىرە جۈمە كۈننى تاللاپ نەزىر قىلىشنى قىلساڭمۇ بولا،قىلمىساڭمۇ بولا ،قىلساڭ قىلمىغاندىن ياخشىراق دىگەنمىش.

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-3-11 21:54):
بۇ ئادەم

adiyat يوللانغان ۋاقتى 2014-3-10 21:30:04


يىقىنقى يىللاردا دىننىي ساھەدىكى ‹بىد ئەد ئىزدەش› ، ئىجدىمائى ساھەدىكى ‹ئىللەتچىلىك ئەدبىياتى›دىكى كۆپ قىسىم مەزمۇنلار قانۇن تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بىر جەمىيەتتە جىنايەتكە ياتىدۇ.
مۇنداقچە ئىيتقاندا ‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى›نىڭ ھەر قانداق بىر بانا بىلەن داۋاملىشىشى بىز ئۈچۈن بەكمۇ ئىچىنىشلىق ھادىسە.

adiyat يوللانغان ۋاقتى 2014-3-10 21:46:34

نىفىت كىرىمى ۋە ئەۋزەل تەشۋىقات ۋاستىدىن پايدىلىنىپ دۇنيادا زورايغان ۋاھابىزىم ۋە ياخشى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر تۈپەيلى سەئۇدىيغا چىقىپ تۈركۈلەپ ئىلىم تەھسىل قىلغان موللىلار(مىنىڭچە زىيالىلار) پىكىر ئۇسلۇبى جەھەتتىن پۈتۈنلەي ۋاھابىيەتكە تەۋە بولسىمۇ لىكىن ئۆزىنى ھەنەفىي دەپ جاكارلىشى ۋە گەپتانلىق ۋە ناتىقلىق ئارقىلىق يەرلىك ئۆلمالارنى چەتكە قىقىشى تۈپەيلىدىن ھازىر ھەنەفىينىڭ چاپىنىنى كىيۋالغان ۋاھابىيلار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ.. ۋاھابىي دىسە كىيىم كىچەك مەسىلىسى ئەمەس..بەلكى پىكىردىكى مەسىلە. يۆگەنگۈچىلەرياكى ساقاللىقلار ۋاھابىلار ئاپىرىدە بولۇشتىن ئىلگىرىلا يۇرتىمىزدا بار ئىشلار.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-10 22:24:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-3-10 22:34

بەزىلەر مەن ئەقلىمى بىلسەم شۇ يۇرتتىكەن،باشقا جايغا بېرىپ ئوقۇغىنىنى ئاڭلىمىدۇق.بولدىلا،بىلمىگەن ئىشنى تالاشماي.ئىشقىلىپ تۈرككە بىر توقماق،موللىغا مىڭ توقماق دىگەننى ئۇنتۇپ قالماڭلار.
لېكىن ئادەم ئۆلسە يەنە بىر توپ ئادەم ئۇنىڭ ئۇيىگە بېرىپ گۆش بىلەن پولانى تويغىچە يەپ يوغان داشقازاندا قاينىتىپ دەملىگەن خۇنەننىڭ قارا چېينى ئىچىپ بىر دۇئا قىپ قويۇپ چىقىپ كەتسە ئۆلگەننىڭ گۇناسى ئازلاپ قالىدىغان ئىش يوقتۇ؟ بۇنداق ئىش بولسا بارلىق ئەمەللەرنى تاشلاپ پۇللا تېپىپ ئۆلگەندە نەزىرنى جىق بېرىپمۇنكىر -نەكىردىن قۇتۇلدىغان ئىشكەن ھە ئەمىسە ؟ئىگىسنى بۇنداق ئەخمەق چاغلىماڭلار.يا بۇنىڭ ئۇرنىغا سىلەرمۇ گۇنادىن ساقىت قىلىش تۇمارى ياساپ ساتامسىلەر يا؟
يامان جامائەت پىكرى پەيدا قىلىپ مۇقۇمسىزلىق ئامىللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش،توردا-پىتنە -پاسات پەيدا قىلىش،مەزھەپ جېدىلى قىلىش ۋە باشقا ئىشلارنىڭ بەزىلىرى قانۇنسىز،بەزىسى قانۇنسىز دىنى پائالىيەتنىڭ 23 تۈرلۈك ئىپادىسنىڭ ئىچىدە بار،ھۆكۈمەت نەزىر -چىراق،توي -تۆكۈننى ئاددى ئۆتكۈزۈڭلار، ئىسراپخورلۇق قىلماڭلار دەپ ئاساسى قاتلام كادىرلىرىنى ئۆي-ئۆيلەرگە ئەۋەتىپ خەقىنىڭ نەزىر قىلىشنى ،تويدىن كىيىن ئۆتكۈزىدىغان قىچقىرىق دىگەن بىر نەرسىلەرنى ئۆتكۈزۈشنى توسسا،سىلەر ئۆرپ-ئادىتىمىزنى ھۆرمەت قىلمىدى يەي،ئاقىلەي -كۆكىلەي دەپ كېتسىلەر،ئەسلى ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى ياخشى ئىش، جەنۇپتىكى دىخانلارنىڭ ھەريىلى پاختا تېرىپ كىرىمنى كۆپەيتىدىغان بىر پۇرسىتى بار،ئۇلار دۆم قوپاپ -دۆم يېتىپ تاپقان ئىككى تۆت تال پۇلىنى بىر تۇققىنى ئۆلسە ئۇ نەزىر پۇ پەيشەنبە دەپ تىرىكلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئىشلەتمەي ئۆلۈكلەرنىڭ گۇناھىغا خەجلىسە بولىدىكەندە؟ئىگىسنى پارىخور چاغلاپ قالمىغانسىلەر؟كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرىۋەرمەي يېزا-قىشلاقلارغا چۈشۈپ ئايلىنىپ بېقىڭلار،يا بولمىسا جەنۇپتا بولساڭلار ئاقسۇغا،شىمالدا بولساڭلار شىخەنزىگە بېرىپ بىر كۈن پاختا تىرىپ بېقىڭلار ياكى بىر كۈن ئىككى بىلىكىڭلارغا تاينىپ مەدىكار ئىشلەپ 100 كوي تېپىپ بېقىڭلار.
بەزىلەر بەش قولدەكلا ئايدىڭ بولغانتى.جىق گەپلەرنى ئىچىمگە يۇتۇۋەتتىم.ئەمما يوغان يەردىن چۈشۈپ نەزىر -چىراقنى تەشۋىق قىلماڭلار.

adiyat يوللانغان ۋاقتى 2014-3-10 23:16:58

ئاخىرى بىرىپ يەنە قوساقنىڭ گىپىغا چۈشۈپكەتتىڭلارما؟

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-10 23:23:51

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-3-10 23:26

بۇ تەس كەلگەن بولسا ئۆتكەندە سورىغان سوئالىمغا تېخىچە جاۋاپ بەرمىدىڭىز،ھازىر بىر جاۋاپ بېرىۋېتىڭە.
ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز يەنە بىر دەپ بېرەي.
سوپىلارنىڭ ئەنەلھەق يەنى مەن خۇدا دىگەن گېپى ياكى خۇدا مەندە مەن خۇدا دىگەن گېپى بىلەن ناسارالارنىڭ مەن ئاتامدا ئاتام مەندە دىگەن گېپىنىڭ قانداق پەرقى بار؟
بۇ گەپ قوساق بىلەن مۇناسىۋەتسىز.قوساقنىڭ گېپىگە چۈشكەن ئەسىلى سىز،نەزىرگە بارغاندا تاماقنى قوساققا يىگەنسىز؟ سىز يەيلى دىدىڭىز،مەن توغرا تاپمىدىم،قوساقنىڭ گېپىنى قىلغان كىم؟
سىز مۇنبەردىكى سوپىلىقنىڭ ھامسى بولغاندىكىن سىزنىڭ بۇ سۇئالغا جاۋاپ بېرىش مەجبۇرىيتىڭىز بار،ئەگەردە قايىل قىلارلىق جاۋاپ بېرەلمىسىڭىز،سىزنىمۇ ئۆزى بىلمىگەن نەرسىنى سۆزلەپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇدى دىيىشىكە بولىدۇ.بۇنداق ئادەملەرنى كاززاپ دەيمىزمۇ ياكى رىياكار دەيمىزمۇ؟

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-10 23:24:03

جاۋابىڭىزنى ساقلايمەن.

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-11 17:12:59

izchilar يوللىغان ۋاقتى2014-3-10 12:24 static/image/common/back.gif
مەن ھىچقانداق مەزھەپتە ئەمەس، قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەم ...

مەزھەپسىز ياشاش مومكىنمۇ؟http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=48222&highlight=%D9%85%DB%95%D8%B2%DA%BE%DB%95%D9%BE

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-11 17:14:46

بۇ 2 يىل بۇرۇن كەتمەنباي يوللىغان يازما ، تەپسىلى ئوقۇڭلار

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-11 21:51:26

   ماغدۇركەتكەندە دەپ بىر ئەسەربۇلدىغان تۇللۇق ئىككىنچى يىللىقنىڭ دەرسلىك كىتابنىڭ بىرنچى دەرسى ئىدى ...
   شەخسەن باشپۇرسىناژ باقىنىڭ خەقنىڭ سۆزچۆچىكىدىن قورقۇپ ئۇيلارنى سېتىپ نەزىربەرگەنۋەقەلىك بۇلدىغان .... ئاشۇ ئىشلارئەملىيەتتىمۇ بار.... نەق بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر ئەينى چاغداقەرىزئېلىپ نەزىرقىلغان .... نەزىرقىلىشدىگەن گەپ ،داشقازاننى ئېسىپ خەققەپوللو بىرىشدىگەن گەپ ئەمەستۇ ؟!   مىنىڭ كىيىن بىلگەن بىلشمىچە نەزىردىگەن يوخسۇللارغابېرلدىكەنغۇ .ئەمدى قۇپاپ جامائەتنامىزنى چۈشۈرۈپ بولغان ئادەمگە يەنەيەتتەقېتىم جامائەتچاقىرىپ پولو بىرشنىڭ نىمەھاجىتى ؟ !   


بىرئۇيغۇربىرخاڭسوغا:سەن   ئاتاڭ ئۆلسىمۇ پوجاڭ ، ئاپاڭ ئۆلسىمۇ پوجاڭ ، سىڭلىڭ توي قىلسىمۇ پوجاڭ ، بايرام قىلساڭمۇ پوجاڭ ...دىسە،
خاڭسو : سەن خەقمۇ ئاتاڭ ئۆلسىمۇ پولو ، ئاپاڭ ئۆلسىمۇ پولو ، ..........


نەزىرنى ئۇتى بۇتى دەپ چىڭ تۇرۋېلشماڭ !   
نىمەئۆرۈپ ئادىتىمىزدىتى ؟ج : مەدىنيەتتە -خەقنىكنى قۇبۇل قىلمايمىزئەمەسقۇبۇل قىملىزياخشسىنى !ھەممنى ساقلاپ قالمايمىز، بەزلىرنى شاللايمىزناچىرنى !
مەنچەزورلىماسلىق كىرەك ! خالىسائۆتكۈزسۇن ، خالىمىسامەيلى !
پۇلى يىتەرلىكبولغانلار ئۇرۇنسىز نەزىرنىڭ پۇلسىغاكىچىكرەك ئېرىققاكۆۋرۈك سالساساۋابى قانچىلىك !



مەيلى دىن نوختىسىدىن ياكى ئۆرۈپ ئادەتنوختىسىدىننەزىرمەنتىقنىڭ سسىرتىدادەپ قارايمەن ، تامام !
بەت: 1 [2]
: ئۇيغۇرلاردىكى ئۆلۈم-يىتىم ئىشلىردىكى ئادەتلەر