TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 10:55:25

تاشپولات: قايسىسى قايسىسىنى ئايلىنىدۇ؟

قايسىسى قايسىسىنى ئايلىنىدۇ؟

تاشپولات روزى

2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىلىم-پەن فوند (National Science Foundation) نىڭ ھەر 2 يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بارىدىغان خەلق رايىنى سىناش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. بۇ دوكلات ئامېرىكا پرېزىدېنت بىلەن پارلامېنتقا تاپشۇرۇلىدۇ. بۇ خەلق رايىنى سىناشقا قاتناشقان ئادەمنىڭ سانى 2200 نەپەر بولۇپ فىزىكا ھەم ھاياتلىققا مۇناسىۋەتلىك 9 سوئال چىقىرىلغان.  دوكلات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا بۇ قېتىم كىشىلەرنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى  قۇياش يەر شارىنى ئايلىنامدۇ ياكى يەر شارى قۇياشنى ئايلىنامدۇ  دېگەن سوئالنىڭ جاۋابى بولدى. رايە سىناش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا ئامېرىكالىق 4 ئادەمنىڭ ئىچىدە 1 ئادەم بۇ سورالغان سوئالغا توغرا جاۋاب بېرەلمىگەن. بۇ ئامېرىكالىقنىڭ ئاساسى بىلىم چۈشەنچىسىنىڭ ياخشى ئەمەسلىگىنى كۆرسىتىدۇ. مەن بۇ يەردە ھازىرچە سوئالنىڭ توغرا جاۋابنى دېمەي تۇراي. بۇنداق بۆلىشى قېرىنداشلارنىڭ يۇقىرىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسى بىلىم چۈشەنچىسىنى بىلىپ بېقىش. تۆۋەندىكى سوئالغا ھېچقانداق ماتېرىيالغا ياكى باشقىلارنىڭ جاۋابىغا قارىماي كالىڭىزدا قانداق جاۋاب بولسا شۇنى يېزىپ قويۇڭ. بۇ رايە سىناشقا قانچە كۆپ ئادەم قاتناشسا شۇنچە ياخشى.

سوئال: قۇياش يەر شارىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلامدۇ ياكى يەر شارى قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلامدۇ؟

nurqiz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 11:52:46

يەر شارى قۇياشنى ئايلىنىپ ھەركەت قىلىدۇ.

bytheway يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 11:53:59

يەرشارى قوياشنى ئايلىنىدۇ

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 12:03:24

يەر شارى قۇياشنى ئايلىنىدۇ، قۇياش تۇرغۇن يۇلتۇز دەپ ئۆگەتكەندەك قىلغان.

Faith يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 12:05:13

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Faith تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-18 12:23  

دۇنيادا پەقەت يەرشارى ۋە قۇياشلا بار دەپ پەرەز قىلساق ،ھەركەتنىڭ نىسپىيلىكىگە ۋە ھەركەت ئېنىقلىمىسىغا  ئاساسلانغاندا  يەرشارى قۇياشنى ئايلىنىپ ھەركەت قىلىدۇ دېسەكمۇ قۇياش يەرشارىنى ئايلىنىپ ھەركەت قىلىدۇ دېسەكمۇ بولىۋېرىدۇ.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 12:13:07

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-18 12:20  

بۇنداق ئاددى سوئاللار سورالسا ئادەم ئۆزىدىن سەل گومانلىنىپ قالدىكەن،يېقىنقى ۋاقىتلاردا يېڭى نەرسىلەر ئوتتۇرغا قۇيۇلدىمۇ دەپ ،خۇددى مەن قۇياش سېستىمىسىدىكى 9 چوڭ پىلانىتنىڭ ھازىر 8گە ئۆزگىرىپ قالغىننى يېقىندا بىلگەندەك.
ئوتتۇرا مەكتەپ جۇغراپىيەسىدە،ھەم تارىخى كىتاپلىردا يەر قۇياشنى ئايلىنىدۇ دەپ ئۆگەنگەن،ھەم ئوتتۇرا ئەسىردىكى بىر ئالىمىنىڭ يەر مەركەز تەلىمىتىغا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن دىننى جەمىيەت تەرىپىدىن كۆيدۈرۈلگەنلىكى بايان قىلىنغانلىقى ئىسىمگە كەلدى.
مۇشۇ كونا بىلىملىرىمگە ئاساسلانغاندا مىنىڭ جاۋابىم :  
يەر قۇياشنى ئايلىنىدۇ.

saray يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 13:00:46

يەرشارى قوياشنى ئايلىنىدۇ

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 13:36:57

يەرلا ئەمەس يەرگە ئوخشاش بىرمۇنچە شارلارنىڭ قۇياشنى ئايلىنىدىغانلىقىنى ئادىل مىجىتمۇ بىلىدىغۇ.

eliborisi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 14:33:20

يەرشارى قۇياشنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىدۇ ، ئەگەر قۇياش يەرشارىنى مەركەز قىلىپ قالسا قۇياش ئاي شارى بىلەن پىتىشالمايدۇ :lol:lol

قۇياش يەرشارىنى مەركەز قىلىشى ئۈچۈن يەرشارى قوياشتىن چوڭ ھەجىمگە ئىگە بولىشى ، قۇياشنىڭ ھەجىمى يەرشارىدىن كۆپ كىچىك بولىشى كېرەك، خۇددى ئايدەك  ، بولمىسا بىر بىرسىنى قانداقمۇ تارتىپ تۇرالىسۇن ..
قوياشنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىدىغان سەييارىلەردىن بىرسى يۇقاپ كەتسە يەرشارىمۇ يۇق بوپ كىتىشى مۇمكىن ، مەن ئويلايمەن مۇشۇ سىستىمىدىكى مەلۇم  بىر سەييارىدە چوڭراق دەرىجىدە يەرتەۋرەش دىگەندەك ئالامەتلەر بولسا يەرشارىغىمۇ تەسىر قىلىشى مۇمكىن , ھەم  بۇيەردىمۇ تەبىئى ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن...

marjan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 14:46:44

قۇياش يەرشارىنى ئايلىنىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەر شارىمۇ ئۆز-ئۈزىنى ئايلىنىدۇ

marjan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 14:51:44

ئەگەر قۇياشنى پايدىلنىش نوقتىسى دەپ قارىساق يەر شارى قۇياشنى مەرگەز قىلىپ ئايلىنىدۇ دىگەن جاۋاپ چىقىدۇ ، يارشارىنى پايدىلنىش نوقتىسى دېسەك قۇياش يەرشارىنى ئايلانغان بولىدۇ

musajan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 15:47:42

ئەلۋەتتە يەرشارى قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ.
قۇياش تۇرغۇن يولتۇز،قۇياش سېستىمىسىدىكى بارلىق سەييارىلەر قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ.
لىكىن قۇياش ئالەم نۇقتىسىدىن ئىلىپ ئېيىتقاندا تىنىچ تۇرمايدۇ.قۇياش قۇياش سېستىمىسىنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىدۇ،پۈتۈن قۇياش سېستىمىسى سامان يۇلى سىستىمىسىنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىدۇ.

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 16:09:49

يەر شارى قۇياشنى ئايلىنىدۇ

makansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 16:14:50

بۇ سوئالغا بۇ مۇنبەردە خاتا جاۋاپ بېرىدىغان ئادەم چىقماسمىكىن دەيمەن

boghlan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 16:21:15

ئاسترونومىيە قانونىيىتى بويىچە يەر شارى ئۆز ئوقىدا ئايلانغاچ (ئاينى ئەتراپىدا پىرقىراتقاچ) قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ، قۇياشمۇ ئۆز ئوقىدا ئايلانغاچ سامان يولىنىڭ مەركىزىنى بويلاپ ئايلىنىدۇ ...

ئەمما فىزىكىدىكى ھەرىكەتنىڭ نىسپىيلىكى ۋە پايدىلىنىدىغان جىسىمنىڭ ئوخشىماسلىقىغا نىسبەتەن ئېيتساق يەرشارى پايدىلىنىش جىسىمى بولغاندا قوياش يەرشارىنى «ئايلىنىپ» قالىدۇ

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 16:22:38

ئالەم ئاپىردە بولغاندىن بۇيان يەر شارى قۇياشنى ئايلىنىپ ھەركەت قىلىۋاتىدۇ،يەر شارىنىڭ قۇياشنى ئايلىنىش سىكۇنىتلۇق تىزلىكى 30كىلومىتىرغۇ دەيمەن ھەر سىكۇنتىغا،ناھايىتى بۇرۇن شۇنداقراق بىر ماتىريالنى كۆرگەنتىم .

boghlan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 16:28:11

dawanqi يوللىغان ۋاقتى  2014-2-18 16:22 static/image/common/back.gif
ئالەم ئاپىردە بولغاندىن بۇيان يەر شارى قۇياشنى ئايلىن ...

توغرا، سېكونتلۇق سىزىقلىق تېزلىكى شۇنداق
قوياشنىڭ سېكونتلۇق تېزلىكى 60 كېلومېتىرمۇ شۇنداقراق ئېسىمدە تۇرىدۇ

taptix يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 16:31:14

يەر شارىنى ئۆز ئوقىدا ئايلاندۇرۋاتقان زادى قانداق كۈچ؟
يەر شارى نىمە ئۈچۈن مۇئەللەقتە لەيلەپ تۇرىدۇ؟ ئۇنى لەيلىتىۋاتقان قانداق كۈچ ؟

alshah يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 16:39:19

يەر شارى قۇياشنى ئايلىنىدۇ شۇ ...
ھەممەيلەن شۇنداق جاۋاپ بېرىمىز، بۇيەردىكى ئاساسلىق ئابونتلار جۇڭگۇ مائارىپىدا تەربىيلەنگەن، ئۇنىڭدىن باشقا جاۋاپمۇ چىقمايدۇ.:lol:lol:lol

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 16:52:00

بۇ ئامىركىلىقلار مەكتەپتىمۇ ياخشى ئۇقۇمايدىغان ئوخشايدۇ جۇمۇ؟؟؟؟؟؟
مۇشۇ سۇئالنىمۇ سورامدۇ.
بەت: [1] 2 3
: تاشپولات: قايسىسى قايسىسىنى ئايلىنىدۇ؟