79588010 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 17:08:32

قۇياش مەركەز تەلىماتى

tayirT يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 17:26:35

يەرشارى قوياشنى ئايلىنىدۇ

pigan0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 17:33:50

يەرشارى قۇياشنى ايلىنىدۇ

xaqan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 18:10:56

يەر شارى ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ.
تاشپولاتكام:رايە سىناش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا ئامېرىكالىق 4 ئادەمنىڭ ئىچىدە 1 ئادەم بۇ سورالغان سوئالغا توغرا جاۋاب بېرەلمىگەن. بۇ ئامېرىكالىقنىڭ ئاساسى بىلىم چۈشەنچىسىنىڭ ياخشى ئەمەسلىگىنى كۆرسىتىدۇ.
توۋا مۇشۇنداق تۇرۇپ قانداق قىلىپ مۇشۇنداق تەرەققىياتلارغا ئېرىشەلىگەندۇ.
يا بولمىسا بىزگە ئوخشاش قاراقۇيۇق كىتابى بىلىمگە ئېسىلىۋالماي، زادى نېمە ئۈچۈن، زادى قايسىسى قايسىسىنى ئايلىنىدۇ دەپ تەتقىق قىلىپ ئاندىن جاۋاب بېرەمدىغاندۇ؟ {:87:}

tarimrose يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 18:20:30

يەر شارى قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ،قۇياشمۇ يەر شارىنى چۆرىدەپ ئەيلىنىدۇ

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 18:36:46

يەرشارى قۇياشنى ئايلىنىدۇ

doctor يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 18:39:02

يەرشارى نىمىشقىمۇ دائىم ئايلىنىدىغاندۇ جىم تۇرسا بولمامدىغاندۇ.

boss يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 18:48:43

بىزنىڭ تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن قېرىنداشلىرمىزمۇ بىلدۇ بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى ، تاشپولاتكام ھېلىقى تەڭلىمە توغرىسىدىكى تېمىسىدىمۇ 60 % ياپونىيەلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى توغرا جاۋاپ بىرەلمىگەنلىكىنى ئېيىتقان ، قارىغدا ياپونلار بىلەن ئامېركانلارمۇ تايىنلىقكەن ، ، ،

najib يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 20:11:44

يەرشارى قۇياشنى ئايلىنىپ ھەركەتقىلىدۇ

bigboy يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 20:18:22

قۇياش يەر شارىنى ئايلىنىدۇ.

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 20:51:22

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   boran0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-2-18 21:09

ئاي يەر شارىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، يەر شارى قۇياشنى ئايلىنىدۇ. ئاي شارىنىڭ يەر شارىنى تولۇق بىر قېتىم ئايلىنىشىدىن بىز «ئاي» دەپ ئاتاۋاتقان ۋاقىت ئۇقۇمى، يەر شارىنىڭ قۇياشنى بىر قېتىم تولۇق ئايلىنىپ چىقىشىدىن «يىل» دېگەن ۋاقىت ئۇقۇمى شەكىللىنىدۇ. ئەمدى يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىشىدىن «كۈن»دېگەن ۋاقىت ئۇقۇمى شەكىللىنىدۇ.
جۇغراپىيە مۇئەللىمىمىز بىزگە مەكتەپتە مۇشۇنداق ئۆگەتكەن.

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 22:29:39

قۇياش مەركەز تەلىماتىدا يەر قۇياشنى ئايلىنىدۇ دەپ ئۆگەنگەن .

biltap يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 22:42:31

ئەلۋەتتە يەر شارى قۇياشنى ئايولىنىدۇ. ئۇنداق بولمىسا يىلنى قانداق چۈشەندۈرىمىز؟

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 23:11:33

يەرشارى قۇياشنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىدۇ

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 02:11:41

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-2-19 02:19

باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بەشىنچى يىللىقىدىكى ۋاقىتتا، بىزنىڭ مالىم ئاغرىپ قېلىپ يوق بولغاچقا، (باشلانغۇچ مەلۇماتى بىلەن مالىم بولغان) شوجاڭ كىرىپ بىزگە دەرس ئۆتتى. ئەمەلىيەتتە، دەرسمۇ ئۆتمىدى، ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن گەپ قىلىپ بەردى. كىچىك ۋاقتىمىزدا مالىملارنىڭ گېپى بەك تەسىر قىلىدىغان. شوجاڭ راستىنلا بىلمەمدۇ ياكى بىزگە مۇنداقلا دەپ قويدىمۇ بىلمىدۇق، بالىلار سورىغان دۇنيا قانچىلىك چوڭ دېگەن سوئالغا: «دۇنيا مۇشۇ بىزنىڭ سىنىپتىن تۆت ئەتراپقا 500 كىلومېتىر كېلىدۇ، قايسىلا تەرەپكە بەش يۈز كىلومېتىر ماڭساڭ، دۇنيا تۈگەيدۇ» دېگەنىدى.
دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن، سىنىپتا «ئەسكى» دەپ نام ئالغان ئۈچىمىز باش قوشۇپ، شوجاڭنىڭ گېپىگە مۇتلەق ئىشەنگەن ئاساستا، يەرشارىنىڭ چېتىگە بېرىپ بېقىشنى مەسلىھەتلەشتۇق. 500 كىلومېتىر يولنى تەسەۋۋۇر قىلالمىغانىكەنمىز، بىر-ئىككى كۈندە بېرىپ بولىمىز دەپ ئويلاپتۇق. مەكتەپتىن قايتقاندا ئوبدان مەسلىھەتلىشىپ، ئەتىسى ئەتىگەندە ھەممىمىز ئىككى كۈن يەتكۈدەك نان-سۇ ئېلىپ چىقىدىغان بولدۇق. ئەتىسى يەنە ئىككى بالا بىزگە ئەگەشتى. بىز قايسى تەرەپكە بېرىشنى مەسلىھەتلەشتۇق. تۆۋىنىگە ماڭساق (بىز شىمالنى ئۈستۈن، جەنۇبنى تۆۋەن دەيتتۇق)، تۆۋىنى پەس، دۇنيانىڭ چېتىگە بارغاندا، تېيىلىپ، يەر شارىدىن چۈشۈپ كېتىپ قالمايلى... كۈن پېتىشتا دەريا بار، ئۆتمەك تەس، كۈن چىقىشتا شەھەر بار، ئۇ يەرنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ... ئەڭ ياخشىسى ئۈستۈنىگە ماڭايلى دەپ... شۇنداق قىلىپ شىمالغا قاراپ ماڭدۇق.
ماڭا-ماڭا بىر-بىرىدىن ئېگىز توپا تاغلاردىن ئۆتتۇق. كۈن كەچ بولدى... قورساق تويغۇزۇپ، يەنە مېڭىپ ھېرىپ قالدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر دۆڭدە ئۇخلىدۇق. ئۇ ياز ئىدى، ئەمما كېچىدە ۋەھشىي سوغۇق بولىدىكەن. ھەممىمىز كۆڭلەكجان، توڭلاپ ئۆلۈپ قالايلا دەپ قالدۇق. تاڭ ئاتقاندا، شىمال تەرەپكە قارىساق، بۇ تاغلار تۈگەيدىغاندەك ئەمەس.... ئەمما ناھايىتى ئېگىز توپا تاغ ئۈستىدە تۇرۇپ، كۈن چىققاننى كۆردۇق. ئۇ چاغدا كۈن يەرنى كولاپ كىرىۋالغان ئۇۋىسىدىن چىقتى، دەپلا ئويلايتتۇق. كۈن دەسلەپ چىققاندا بەكلا يوغان، سوقۇچاق، قىزغۇچ بولىدىكەن. بارا-بارا ئارقىرىپ كىچىكلەپ لېگەندەك بولۇپ قالىدىكەن.
ئوزۇق-تۈلۈك تۈگىدى. شۇنىڭ بىلەن قايتتۇق. قايتىپ ئۆيگە بارغۇچە يېرىم كېچە بولۇپ كەتتى... قاتتىق شېرىن ئۇخلاۋاتسام، ئاتام قۇلاقنى سوزۇپلا ئويغاتتى... سوراق باشلاندى.....
مەكتەپكە بارغاندىمۇ سوراق قىلىندۇق. راست گەپنى دېدۇق. شۇنىڭ بىلەن شوجاڭ بىردەم چىچاڭشىۋېتىپ... توختاپ قالغانىدى. بىز بەشىمىزمۇ بىر يىلغىچە «دۇنيانىڭ چېتىگە بېرىپ كەلگەنلەر» دەپ ئاتالدۇق...
بەشەيلەن... ھامان بىر كۈنى دۇنيانىڭ چېتىگە جىق ئوزۇق-تۈلۈك، كىيىم-كېچەك ئېلىۋېلىپ بارماقچى بولدۇق... ئەمما ئۇنىڭغىچە ئوتتۇا مەكتەپكە چىقىپ كەتتۇق... جۇغراپىيە دەرسى بىز بارماقچى بولغان دۇنيانىڭ چېتىنى يوققا چىقاردى.

alwun يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 11:07:55

پىلانت(يەرشارى) يۇلتۇز(قۇياش)نى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ.

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 14:46:45

Birhon يوللىغان ۋاقتى2014-2-19 02:11 static/image/common/back.gif
باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بەشىنچى يىللىقىدىكى ۋاقىتتا، بىز ...

ماۋۇ پەيزى ھېكايىكەن.
كىچىك بالىلارنى دۆت دەپ ئويلاپ، نېمە دېسەم بولىۋېرىدۇ دەپ ئويلايدىكەنتۇق. ھېلىھەممۇ بارغۇ بۇنداق ئىشلار.
كىنولاردىن كۆرگەن ئامېرىكا تەربىيەسىدە، ئەگەر بىر ئوقۇغۇچى دەرستىن كىيىن يەنە قۇياش يەرشارىنى ئايلىنىدۇ دېسە دەپ ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويالىسا، ئەقىللىق بالا بولىدىكەن. ھالبۇكى، بىزنىڭ ئالغان مائارىپتا، شۇ دەرستىن كىيىن يەنە بىرەر ئوقۇغۇچى موشۇنداق گەپ قىلىپ قالسا، ئوقۇتقۇچىسى قۇلاقتىن چۈجىمىسىمۇ، تىللاپ پوسكايتىۋېتىدۇ-دە.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 17:15:20

پايدىلنىلغان بەلگىگە ئاساسەن ھۆكۈممۇ نىسبى بولىدۇ . زادى كەسكىن بىر نىمە دە دىسەڭلار دەيمەنكى - يەر شارى قۇياشنى ئايلىنىدۇ .
بىر سۇئال سوراپ باقسام ،قۇياشمۇ ئۆز ئوقىدا ئايلىنامدۇ ، ئايلانسا دەۋرىيلىكى بىزنىڭ ھىسابىمىزدا قانچىلىك ؟

Faith يوللانغان ۋاقتى 2014-2-19 17:19:41

ھەركەتنىڭ نىسپىيليلىكى دەيمىز، سوئال سوراپ باقسام پويىز رېلىس ئۈستىدە ھەركەت قىلامدۇ ياكى رېلىس پويىزچاقىدا ھەركەت قىلامدۇ.ئەمەلىيەتتە ھەركەتنىڭ ئېنىقلىمىسدا بەلگە جىسىم بولمىسا ھەركەت بولمايدۇ دېگەنلەر توغرا ئەمەستەكلا بىلىندۇ ماڭا. ئەمەلىيەتتە ھەركەتنى ئېنىرگىيە بىلەن باغلاپ ئېنىقلىما بەرسە توغرىدەكلا.خۇددى بەلگە جىسىم بولمىغان شارائىتتا ئېنىرگىيە سەرىپ قىلسىمۇ ھەركەت قىلمىدى دېسە بىمەنىلىكتەك بىلىندىكەن.

TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 09:42:56

xaqan يوللىغان ۋاقتى2014-2-18 18:10 static/image/common/back.gif
يەر شارى ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ...

مەن بۇ توغرىلىق بىر يازما يېزىشنى ئويلىنىپ ھازىر ماتېرىيال توپلاۋاتىمەن. پات يېقىندا يازغىنىمنى ئېلان قىلىمەن. شۇڭا بىرئاز ساقلاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
بەت: 1 [2] 3
: تاشپولات: قايسىسى قايسىسىنى ئايلىنىدۇ؟