Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 02:44:33

دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي مەسچىتلەر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-12 03:17  

(مۇزتاغنىڭ ھەج تاۋاپ قىلىش ھەققىدىكى تېمىسىغا يازغان ئىنكاسىمغا غەلىتە پىكىرلەر چۈشكەچكە، ئايرىم تېما شەكلىدە يېزىشنى لايىق تاپتىم)
بۇ تېمىدا مۇھەممەد ئەلەيھسالامدىن باشلانغان مەسچىتلەرنىڭ سېلىنغان ۋاقتى بويىچە رەتكە تۇرغۇزىمىز.
1. قۇببە مەسچىتى، ئورنى مەدىنىدە، 622-يىلى سېلىنغان
2. پەيغەمبەر مەسچىتى، ئورنى مەدىنىدە، 622-يىلى سېلىنغان
3. قىبلەتەين مەسجىدى، ئورنى مەدىنىدە، 623-يىلى سېلىنغان
4.گۇاڭجۇ خۈەيشېڭ مەسچىتى، 627-يىلى سېلىنغان، ئورنى جۇڭگو گۇاڭجۇدا (广州市越秀区光塔路56号)
5. كىلاكارى مەسچىتى، ئورنى ھىندىستاندا، 628-يىلى سېلىنغان
6. ئەلقىلابىيە مەسچىتى، ئورنى سەئۇدىي ئەرەبىستاندىكى بىر كەنتە، ھازىر يوق، ئورنى بار، 629-يىلى سېلىنغان
7. ھەرەم مەسچىتى (ھەجگە بارىدىغان مەسچىت)، ئورنى مەككىدە، 638-يىلى سېلىنغان
8. چېرامان مەسجىدى، ئورنى ھىندىستاندا، 639-يىلى سېلىنغان
9. كۇفا مەسجىدى، ئورنى ئىراقتا، 639-يىلى سېلىنغان
10. ئۇقبە مەسجىدى، ئورنى تۇنستا، 670-يىلى سېلىنغان
......
.....
15. شىئەن مەسچىتى، ئورنى جۇڭگو شىئەندە، 742-يىلى سېلىنغان
....
....
....
ئارىلىقتا قانچە مەسجىد سېلىنغانلىقىنى ساناپمۇ تۈگىتەلمەسلىكىمىز مۇمكىن
.......
....
ھېيتگاھ مەسجىدى. قەشقەر ھېيتگاھ مەسجىدى 1442-يىلى سېلىنغان
....
...
...
ئەمدى مۇھەممەد ئەلەيھسالامنىڭ ساھابىلىرى سالغان گۇاڭجۇ خۈەيشېڭ مەسجىدى ھەققىدە توختىلىمىز.
گۇاڭجو پەيغەمبەر خاتىرىسى مەسچىتى (广州怀圣寺) بۇ يەردىكى خۇەيشېڭ دېگەن گەپ «پەيغەمبەرنى ئەسلەش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
مۇھەممەد ئەلەيھسالامنىڭ تاغىسى، ساھابە، مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ئەڭ يېقىن ياردەمچىلىرىنىڭ بىرى سەئىد ئىبنى ئابدۇلۋاققاس (الصحابي سعد ابن أبي وقاص) مىلادى 620-يىلى مۇھەممەد ئەلەيھسالامنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن جۇڭگونى ئىسلامغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن، ۋە شۇ كەلگەندە ئۆزى ئىسلامغا كىرگۈزگەن مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە 广州怀圣寺 نى سالغان. ئابدۇلۋاققاس مۇسۇلمان قىلغان جۇڭگولۇقلار ھازىر ئۆزىنى، سىنگاپورلۇق ياكى ھىندونوزىيەلىك دەپ ئاتىشىدىغانلارنىڭ ئارىسىدا كۆپ. ئۇلار مالايسىيا، سىنگاپور، نىڭشيا ۋە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى باشقا جايلارغا تارقالغاندىن باشقا يەنە جەنۇبىي ئاسىيانىڭ باشقا رايونلىرىغا كېڭەيگەن.
گۇاڭجوۇ پەيغەمبەر خاتىرىسى مەسچىتى (گۇاڭجۇ خۈەيشېڭ مەسجىدى)
http://a4.att.hudong.com/01/40/01300000014811118794018115401.jpg

بۇ مەسجىد مىلادى 627 - يىلى سېلىنغان بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي مەسچىتنىڭ بىرى. شۇنداقلا، ھەرەم مەسچىتى، مەدىنەدىكى پەيغەمبىرىمىز سالغان مەسچىت، ئەقسا مەسچىتى قاتارلىقلاردىن قالسىلا، پەيغەمبەرنىڭ يېنىدىكى ئادەملەر سالغان مۇقەددەس مەسچىتلەرنىڭ بىرىدۇر. ساھابە ئابدۇلۋاققاس ئۆز قولى بىلەن قوپۇرۇپ چىققان مەسجىد مۇنارىنىڭ ئېگىزلىكى 36 مېتىر كېلىدۇ.
گۇاڭجۇ خۈەيشېڭ مەسجىدى مۇسۇلمانلار ھەج قىلغىلى بارىدىغان «ھەرەم مەسچىتى» دىن 10 يىل بۇرۇن سېلىنغان (ھەرەم مەسجىدى 638-يىلى سېلىنغان، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ھەج پائالىيىتى كەبە ئەتراپىدىكى بوشلۇقتا قىلىناتتى)...
گۇاڭجۇغا بارغانلارنىڭ ساھابىلار سالغان مەسجىتنى بىر قېتىم كۆرۈپ كېلىشى تولىمۇ سۆيۈملۈك ئىش، ئۇ يەردە ناماز ئوقۇپ كېلىشى....
تۆۋەندىكى مەنبەدىن تەپسىلاتىنى كۆرەلەيسىز:
http://en.wikipedia.org/wiki/Huaisheng_Mosque
خەنزۇچە
http://zh.wikipedia.org/wiki/%E6%80%80%E5%9C%A3%E5%AF%BA

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 09:15:54

ئۆتكەندە، جوڭگۇدىكى تۈنجى مەسجىد زادى قايسى توغرىلىق  مۇنازىرە بولۇپ قېلىپ، خۇيزۇ قېرىنداشلار خۇەي شېڭ مەسجىدىنى  دىگەن ئىدى. مەن ئاتۇشتىكى مەسجىدمىكىن دەپ پەرەز قىلسام، تارىخى ئۇ مەسجىدكە يەتمەيدىكەن .

function يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 09:45:00

قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىگە قارىغاندا ئاتۇشتىكى بىر مەسچىت خېلىلام بالدۇر سېلىنغانغۇ دەيمەن

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 11:59:23

مىنىڭ بىلىشىمچە؛
شىنجاڭدىكى ئەڭ ئاۋۋال سېلىنغان مەسجىد ئاتۇشتىكى مەسجىد....
ئەمما ئاۋۇ گۇاڭجودىكى پەيغەرمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدىدىن سەل خاۋاتىرلىنىپ قالدىم...
چۈنكى مىنىڭ ئىسىمدە قالغىنى بويىنچە بولغاندا مىلادىيە 618~709 يىل ئارلىقدا جوڭگونى تاڭ تەيزۇڭ سورىغان...
دىمەك تاڭ سۇلالىسى قۇرۇلۇپ 2يىلدىن كىيىن سەئىد جوڭگوغا كەلگەن بولسا....  بۇ ئىشلار قانداق بوپ كەتتى....
ئاشۇ يىل مەسىلىدە مەسىلە يوقتۇ ھە؟

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 12:52:23

كەچۈرۈڭلار ، ئاۋۇ ساھابىنىڭ ئىسمى ئابدۇۋەققاس ئەمەس، ئەبىۋەققاس ئىدى. يازغاندا دىققەت قىلىنماپتۇ.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 13:43:23

مۇھەممەد ئەلەيھسالامنىڭ تاغىسى، ساھابە، مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ئەڭ يېقىن ياردەمچىلىرىنىڭ بىرى سەئىد ئىبنى ئابدۇلۋاققاس (الصحابي سعد ابن أبي وقاص) مىلادى 620-يىلى مۇھەممەد ئەلەيھسالامنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن جۇڭگونى ئىسلامغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن، ۋە شۇ كەلگەندە ئۆزى ئىسلامغا كىرگۈزگەن مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە 广州怀圣寺 نى سالغان.
+++++++++++++++++++++++++
ھەدىسلەردە بارمۇ مۇشۇنداق بايانلار.

matu يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 14:01:44

يىلنامىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭلار. بۇ گەپنى ئاڭلىغىلى ئۇزۇن بولغان، جوڭمۇ تورىدىمۇ بۇ توغرىسىدا تېما جىقتى، ئۆز كىشىلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ باقاي دەيمەن.
تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدا سېرىق ياغلىقلىقلار توپىلىڭىنى قوزغىغان خۇاڭ چاۋ گۇاڭجۇ شەھىرىنى ئالغاندىن كېيىن شەھىردىكى مۇسۇلمان، مانى دىنى مۇرىتى،خىرىستىيانلاردىن 300مىڭ كىشىنى قەتلى قىلىدۇ. ئەينى دەۋىردە ئەڭ ئېچىۋېتىلگەن كاتتا شەھەر شۇنىڭ بىلەن ۋەيران بولىدۇ.
300مىڭنىڭ ئىچىدە كەم دىگەندە 150مىڭ مۇسۇلمان بولۇشى مۇمكىن دەپ تەسەۋۋۇر قىلىمەن.

Uyghuri يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 14:04:04

بىر ھون بۇرادەرنىڭ يازمىسىدىن شۇنداق خۇرسەن بولدۇم. ، ئەمما بىر نۇقتىنى ئەسكەرتمەي بولمايدۇ ، ئاۋۇ ساھابە بۇ تەرەپلەرگە كەلگەن ئەمەس ، بەلكى تارىخچى ئىماملارنىڭ رىۋايەت قىلىشچە بۇ كىشى جەننەت بىلەن ھاياتىدا ئالدىن خۇش بىشارەت بېرىلگەن 10  كىشىنىڭ بىرى بولۇپ  ، بۇ كىشىنىڭ مەدىنەدە 70 ياكى 74 يېشىدا ھېجرىيە 54 ياكى 55 ياكى 58 يىلى مەدىنەدىن 7 مىل يىراقلىقتىكى ئەقىيق دىگەن ئورۇندا ئۆز ئۆيىدە  ۋاپات تېپىپ كەتكەنلىكى ۋە مەدىنەدىكى بەقىيئ قەبرىستانلىقىغا يەرلىكىگە قويۇلغانلىقى قەيىت قىلىنغان ،
ئۇ كىشىنىڭ ئۆمەرنىڭ خىلافەت دەۋرىدە پارىس ۋە رۇملۇقلارغا قىلىنغان جەڭدە قوماندان بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ، ھەرگىزمۇ ماۋۇ دۆلەتكە كەلگەن ئەمەس ، يەنە بىر مەسىلە سىز ھەرەم مەسچىتى دىگەندىن نىمىنى مەقسەت قىلىپ دىدىڭىزكىن ، ھازىر كىشىلەر بېرىپ تاۋاپ قىلىپ ھەج قىلىدىغان ھەرەم  بەيتۇللاھ نى دىمەكچىمۇ ياكى شۇ ئەتراپتىكى باشقا مەسچىتنىمۇ ؟ ئەگەر بىرىنجىسىدەك بوپ قالسا پەيغەمبىرىم سالغان مەسچىت ئەمەس ، بەلكى ئەينى ۋاقىتتىكى بۇتلاردىن تازلىغان ، كىيىنكى ساھابىلەر دەۋرىدە قايتا رىمۇنت قىلىنغان ، پەيغەمبىرىم ياش ۋاقىتلاردا بىر قېتىم يېڭىلانغان ئەمما ئۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەمەس ئىدى، پەيغەمبىرىم پەيغەمبەر  ھاياتىدا كەئبە ھەرەم بەيتۇللا يېڭىلاپ سېلىنغان ئەھۋال يوق ،  

Uyghuri يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 14:09:45

Birhon يوللىغان ۋاقتى  2014-2-12 12:52 static/image/common/back.gif
كەچۈرۈڭلار ، ئاۋۇ ساھابىنىڭ ئىسمى ئابدۇۋەققاس ئەمەس،  ...

‏ساھابە گۇۋاڭجۇغا كەلمىگەن

‏ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ، ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﮔﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﻼﺭ: ﮔﯘﯕﺠﯘﺩﺍ ﺳﻪﻳﺪ ﯞﺍﻗﻘﺎﺱ، ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭﻛﻪﻥ.ﺟﯘﯕﮕﻮﻏﺎ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﭘﺘﯩﻜﻪﻥ. ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﭘﺘﯩﻜﻪﻥ، ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺷﯜﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ: ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﯘﻛﯩﺸﻰ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﺪﻩ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ،ﺟﯘﯕﮕﻮﻏﺎ ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ، ﺩﻩﭖ ﺭﻩﺩﺩﯨﻴﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﮬﺎﺭﻣﯩﺪﯨﻢ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭘﺎﻛﯩﺘﺘﻪ؟ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻱ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﭗ ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﺪﯨﻢ:
ﺳﻪﺋﺪ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﻪﺑﻰ ﯞﻩﻗﻘﺎﺳﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﺋﯩﺴﻤﻰ: ﺳﻪﺋﺪ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﺎﻟﯩﻚ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﺎﺑﺪﯨﻤﻪﻧﺎﻑ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺯﯗﮬﺮﻩ/ ﻗﯘﺭﻩﺷﯩﻲ/ ﺯﯗﮬﺮﯨﻲ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 17 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘ  ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻼ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻮﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ. ﺋﯘ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﺋﯚﻣﻪﺭﻧﯩﯔ  ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﺳﺎﻳﻼﺵ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ. ﺋﯘ: ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﺋﯧﺘﻰ،ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ. ﺋﯘﮬﯘﺩ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﭼﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ﺑﻪﺭﺩﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ: ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺳﺎﯕﺎ ﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺋﺎﺕ! ﺩﻩﯞﻩﺗﻜﻪﻥ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ: ﺑﯘ، ﺗﺎﻏﺎﻡ، ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺭﯨﭙﻠﯩﮕﻪﻥ.  
ﯞﯨﺪﺍﻟﯩﺸﯩﺶ ﮬﻪﺟﺠﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻪﺋﺪ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯜﺯ، ﻛﯚﺯ، ﻗﯘﺭﺳﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯩﻴﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ: ﺋﻰ ﺋﺎﻟﻼﮬ، ﺳﻪﺋﺪﻧﯩﯔ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺑﻪﺭﮔﯩﻦ، ﮬﯩﺠﺮﯨﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﭖ ﺑﻪﺭﮔﯩﻦ! ﺋﻰ ﺋﺎﻟﻼﮬ، ﺳﻪﺋﺪﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﻨﻰ، ﺟﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﻼﮬ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ! ﺩﻩﭖ ﺩﯗﺋﺎﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
ﺋﯘ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﺋﯚﻣﻪﺭﻧﯩﯔ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﺩﯨﺴﯩﻴﻪ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭘﺎﺭﺱ ﯞﻩ ﺋﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﭘﻪﺗﮭﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺮﺍﻗﻘﺎ ﯞﺍﻟﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﻛﯘﻓﻪﮔﻪ ﯞﺍﻟﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ !

ﺋﯘ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﺋﯚﻣﻪﺭﻧﯩﯔ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﺩﯨﺴﯩﻴﻪ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭘﺎﺭﺱ ﯞﻩ ﺋﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﭘﻪﺗﮭﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺮﺍﻗﻘﺎ ﯞﺍﻟﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﻛﯘﻓﻪﮔﻪ ﯞﺍﻟﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ  ﺗﯜﮔﻪ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ، ﺳﯩﻔﻔﯩﻦ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ، ﺋﻪﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻴﻪ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﯩﺘﻨﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻤﯩﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺳﺎﮬﺎﺑﻪ ﮬﯩﺠﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 75 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﻗﯩﻴﻖ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻣﯧﻴﯩﺘﻰ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ. ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﺷﯘﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﯞﺍﻟﻰ ﻣﻪﺭﯞﺍﻥ ﮬﻪﻛﻪﻡ ﭼﯜﺷﯜﺭﮔﻪﻥ. ﻣﻪﺩﯨﻨﻪ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭﻩﺩﯨﻜﻰ ﺑﻪﻗﯩﺌ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﯩﺮﻯ:
   
http://www.ibb7.com/vb/showthread.php?t=543
http://www.mor3ben.com/mawso3a/index1198.htm
ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺧﯘﻳﺰﯗﻻﺭ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎ.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 14:14:10

abdrtt يوللىغان ۋاقتى  2014-2-12 11:59 static/image/common/back.gif
مىنىڭ بىلىشىمچە؛
شىنجاڭدىكى ئەڭ ئاۋۋال سېلىنغان مەسجى ...

ئابى ۋەققاس جوڭگۇغا ئۈچ قېتىم كەلگەن ئىكەن، بىرى 616- يىللىرى ، 637- يىللىرى ۋە  651- يىللىرى .
http://en.wikipedia.org/wiki/Islam_in_China

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 14:17:03

ئاۋۇ ئەبۇ ۋاققاس دىگەن ئىسىم خاتا بۇلۇپ قالدىمۇ نىمە.بۇرۇن dilaraنىڭ بىر يازمىسىدا تۇركىيەدىكى بىر تەتقىقاتچىنىڭ مۇشۇ توغۇرلۇق يازغان ئىلمى ماقالىسى توغۇرلۇق تىمىسى بار ئىدى،ئۇنىڭدا پەيغەنبەر ئەلەيىھسالامنىڭ تاغىسى ئەمەس باشقا بىر ساھابە ئىسمى باشقىچە دىگەن،،لىكىن خەنلەر ۋەققاس ۋەققاس دەۋىرىپ مۇشۇنىڭغا ئۆزگەرگەن دىگەن توغۇرلۇق مەزمۇن ئىدى ئىزدەپ بىقىڭلار.لىكىن تاغىسى ئەمەس.

Uyghuri يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 14:34:01

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-2-12 14:14 static/image/common/back.gif
ئابى ۋەققاس جوڭگۇغا ئۈچ قېتىم كەلگەن ئىكەن، بىرى 616- ي ...

تۆت كۈننىڭ ئالدىدىكى ۋېكىپىدىياغا قاراپ بىر نېمە دىيىشكە قەتئى بولالمايدۇ ، چۈنكى ساھابىلار توغرىسىدا يېزىلغان توپلام ، توپلام قول يازمىللىرىمىز بار ، بىز ساھابىلەرنىڭ ھاياتى ۋە ئىش پائالىيەتلىرىنى ئەڭ ئىشەنچىلىك مەنبەلەردىن تەكشۈرۈمىز ، ئەگەر ئىمكانىيتىڭىز بولسا ۋېكىپىيادىن ئۇلىنىش قىلماي ، ساھابىلار ۋە تابىئىنلار توغرىسىدا يېزىلغان اسد الغابە فى معرفە  الصحابە ،  ۋە الاصابە فى تمييز الصحابە يەنە اسد الغابە  يەنە الاستيعاب فى معرفە الاصحاب يەنە تهذيب الكمال ، تهذيب التهذيب ، تقريب التهذيب ، حياە الصحابە ، دىگەندەك  ھەقىقى ئىشەنچىلىك  مەنبەلەردىن نەقىل ئالغايسىز ، ۋېكىپىدىيا پەقەت بىر پايدىلنىش قورالى خالاس ،
يەنە بىرى :ۋېكىپىيادا  دېڭىز يولى بىلەن كىرگەن دەپتۇ ، 1500 يىل ئىلگىرى دېڭىز يولى تېخى ئېچىلماي ، ئاساسلىق قاتناش يولى  يىپەك يولى تۇرسا قانداقمۇ ئۇنداق كىرگەن دىگىلى بولىدۇ ، ئەگەر شۇنداق كىرگەن دىيىلسە تاڭ راھىب شۇ يول بىلەن نومغا ماڭماي يالقۇنتاغ نېمە ئىش قىلىدۇ ،
يول ئېچىلغانمۇ دەپ تۇرايلى ، ئەمما ساھابىلەرنىڭ قەدىمى يەتكەن  دىيىش ئەقلىگە سىغمايدۇ ، ھەتتا قەشقەرگە ھېجرىيە 95 يىلى كىرگەن كىشى ساھابە ئەمەس بەلكى تابىئىن  قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىم باھىلى تۇرسا ،

ALMAS333 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 14:37:41

مېنىڭچە ئۇيغۇرى ئەپەندىنىڭ ئىنكاسىنىڭ جېنى بار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام تۇغۇلۇش ھارپىسىدا ھىجاز رايۇنى تېخىچە قەبىلە تۈزىمىدە بولۇپ، دۇنيادىكى كەينىدە قالغان رايۇنلارنىڭ بىرى ئىدى. شۇۋاقىتتىكى ئەرەپلەرنىڭ ئىگەللىگەن كېمىسازلىق تېخنىكىسىدىن قارىغاندىمۇ ئەرەپلەرنىڭ سودا -سېتىق ياكى باشقا سەۋەپلەر بىلەن نەچچە مىڭ كىلومىتىر يىراقلىقتىكى چىن ئېلىنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرىغا بېرىپ  دىن تارقىتالىشى ئەقىلغا سىغمايدۇ.     شۇنداقلا كۈچلۈك تاڭ ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر چوڭ شەھىرىدە قىسقا مەزگىلدە  تەرەققى قىلىپ مەسچىد سالغىدەك ھالغا يېتىشىمۇ مۇمكىنچىلىكى تولىمۇ تۆۋەن بىر ئىش.  ئارىلىقىمۇ بىر قەدەر يېقىن بولغان كۇفەدىكى مەسچىدمۇ ھەزىرىتى ئۆمەرنىڭ دەۋرىدە سېلىنىپتىكەن.

ALMAS333 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 14:37:51

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 15:16:25

ALMAS333 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-12 14:37 static/image/common/back.gif
مېنىڭچە ئۇيغۇرى ئەپەندىنىڭ ئىنكاسىنىڭ جېنى بار. پەيغە ...

ئابى ۋەققاس سالغان مەسجىد ئەمەس ئۇ خۇەيشېڭ مەسجىدى دىگىنى . ئۇنىڭ ئوغلى سالدى دىيىلىپتۇ .
http://darulilm.forumotion.com/t931-the-tomb-of-sad-ibn-abi-waqqas-radhiallahu-anhu
ماۋۇ مۇنازىرىدە، بىر  كىشى ۋەققاسنىڭ  كۇفاغا دەپنە قىلىنغانلىقىنى ئېيتىپتۇ، ئىشقىلىپ بۇ  قەبرەنىڭ ۋەققاس قەۋرىسى ئىكەنلىكىدە گۇمان بار .

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 15:35:39

Uyghuri يوللىغان ۋاقتى  2014-2-12 14:34 static/image/common/back.gif
تۆت كۈننىڭ ئالدىدىكى ۋېكىپىدىياغا قاراپ بىر نېمە دىي ...

ئابى ۋەققاسنىڭ جوڭگۇغا كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىك توغرىسىدىمۇ ، ۋىكى تورىدا ئېيتىلىپتۇ ، بەزىلەر ئۇنىڭ كەلگىنى ئىشەنچىلىك ئەمەس دەپ قارايدۇ دىيىلىپتۇ . مىنىڭچە بۇلارنى بىر
رىۋايەت دەپ قارىساق بولىدۇ

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 16:17:22

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-12 16:22  

Uyghuri يوللىغان ۋاقتى  2014-2-12 14:09 static/image/common/back.gif
‏ساھابە گۇۋاڭجۇغا كەلمىگەن

‏ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ، ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﮔ ...

ساھابە گۇۋاڭجۇغا كەلمىگەن

‏ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ، ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﮔﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﻼﺭ: ﮔﯘﯕﺠﯘﺩﺍ ﺳﻪﻳﺪ ﯞﺍﻗﻘﺎﺱ، ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭﻛﻪﻥ.ﺟﯘﯕﮕﻮﻏﺎ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﭘﺘﯩﻜﻪﻥ. ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﭘﺘﯩﻜﻪﻥ، ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺷﯜﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ: ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﯘﻛﯩﺸﻰ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﺪﻩ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ،ﺟﯘﯕﮕﻮﻏﺎ ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ، ﺩﻩﭖ ﺭﻩﺩﺩﯨﻴﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﮬﺎﺭﻣﯩﺪﯨﻢ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭘﺎﻛﯩﺘﺘﻪ؟ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻱ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﭗ ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﺪﯨﻢ:
ﺳﻪﺋﺪ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﻪﺑﻰ ﯞﻩﻗﻘﺎﺳﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﺋﯩﺴﻤﻰ: ﺳﻪﺋﺪ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﺎﻟﯩﻚ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﺎﺑﺪﯨﻤﻪﻧﺎﻑ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺯﯗﮬﺮﻩ/ ﻗﯘﺭﻩﺷﯩﻲ/ ﺯﯗﮬﺮﯨﻲ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 17 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘ  ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻼ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻮﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ. ﺋﯘ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﺋﯚﻣﻪﺭﻧﯩﯔ  ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﺳﺎﻳﻼﺵ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ. ﺋﯘ: ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﺋﯧﺘﻰ،ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ. ﺋﯘﮬﯘﺩ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﭼﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ﺑﻪﺭﺩﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ: ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺳﺎﯕﺎ ﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺋﺎﺕ! ﺩﻩﯞﻩﺗﻜﻪﻥ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ: ﺑﯘ، ﺗﺎﻏﺎﻡ، ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺭﯨﭙﻠﯩﮕﻪﻥ.  
ﯞﯨﺪﺍﻟﯩﺸﯩﺶ ﮬﻪﺟﺠﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻪﺋﺪ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯜﺯ، ﻛﯚﺯ، ﻗﯘﺭﺳﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯩﻴﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ: ﺋﻰ ﺋﺎﻟﻼﮬ، ﺳﻪﺋﺪﻧﯩﯔ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺑﻪﺭﮔﯩﻦ، ﮬﯩﺠﺮﯨﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﭖ ﺑﻪﺭﮔﯩﻦ! ﺋﻰ ﺋﺎﻟﻼﮬ، ﺳﻪﺋﺪﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﻨﻰ، ﺟﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﻼﮬ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ! ﺩﻩﭖ ﺩﯗﺋﺎﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
ﺋﯘ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﺋﯚﻣﻪﺭﻧﯩﯔ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﺩﯨﺴﯩﻴﻪ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭘﺎﺭﺱ ﯞﻩ ﺋﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﭘﻪﺗﮭﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺮﺍﻗﻘﺎ ﯞﺍﻟﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﻛﯘﻓﻪﮔﻪ ﯞﺍﻟﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ !

ﺋﯘ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﺋﯚﻣﻪﺭﻧﯩﯔ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﺩﯨﺴﯩﻴﻪ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭘﺎﺭﺱ ﯞﻩ ﺋﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﭘﻪﺗﮭﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺮﺍﻗﻘﺎ ﯞﺍﻟﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﻛﯘﻓﻪﮔﻪ ﯞﺍﻟﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ  ﺗﯜﮔﻪ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ، ﺳﯩﻔﻔﯩﻦ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ، ﺋﻪﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻴﻪ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﯩﺘﻨﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻤﯩﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺳﺎﮬﺎﺑﻪ ﮬﯩﺠﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 75 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﻗﯩﻴﻖ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻣﯧﻴﯩﺘﻰ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ. ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﺷﯘﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﯞﺍﻟﻰ ﻣﻪﺭﯞﺍﻥ ﮬﻪﻛﻪﻡ ﭼﯜﺷﯜﺭﮔﻪﻥ. ﻣﻪﺩﯨﻨﻪ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭﻩﺩﯨﻜﻰ ﺑﻪﻗﯩﺌ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﯩﺮﻯ:
   
http://www.ibb7.com/vb/showthread.php?t=543
http://www.mor3ben.com/mawso3a/index1198.htm
ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺧﯘﻳﺰﯗﻻﺭ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎ.

بۇ مەسىلىنى ئالدىراپ يالغانغا چىقىرىشقا ئۇرۇنماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن
مەن ۋىكىپىدىيەدىن مىسال ئالغان، سىزمۇ ئىشەنچىلىك دەرىجىسى ۋىكىپىدىيەگە يەتمەيدىغان توربېكەتتىن مىسال ئېلىپسىز.
ۋىكىپدىيەنىڭ ئەرەبچە نۇسخىسىدىمۇ ئۇنىڭ جۇڭگوغا بارغانلىقى تەكىتلەنگەنىكەن. ۋىكىپىدىيەنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسى بۇ گەپنى دېيىشتە جوناسون لىپماننىڭ جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇسۇلمانلار تارىخى دېگەن كىتابىدىن نەقىل ئېلىپتۇ.
ئەرەبچە نۇسخىدا بولسا، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى تارىخچى ئابدۇسالام تىرمانىززىي يازغان «ئىسلام تارىخ يىلنامىلىرى» ناملىق كىتابتىن نەقىل ئاپتۇ. شۇڭا بۇنداق كىتابلاردىن نەقىل ئېلىنغان تور يازمىلىرى بىر قەدەر ئىشەنچىلىك بولىدۇ. (ئەگەر كىتابتىكى مەلۇماتلار ئىشەنچىلىك بولسىلا)
------------------
ئۇنىڭدىن باشقا (بىرەر ھەدىس، كىتابتىن مىسال كەلتۈرەلمەيمەن)، ئەمما مۇھەممەد ئەلەيھسالام مەدىنىدە ئىسلام ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇلىنى تىكلىگەندىن كېيىن، ياۋروپا، ئافرىقا، ئاسىيادىن ئىبارەت يەرشارىدا ئىنسان ياشايدىغانلىقى قۇرۇقلۇقلارنىڭ ھەممىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ئىمانغا دەۋەت قىلغانلىقى ھەققىدە كۆپ خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان. (ئاخىرقى پەيغەمبەر دېگەن كىنودىمۇ بۇ نۇقتا گەۋدىلىنىدۇ.)
مەن ئەڭ دەسلەپ بۇ گەپنى مەسجىتتە ئىمامدىن ئاڭلىغان، كېيىن توردىن ئىزدەپ باقساممۇ شۇنداق چىقتى.....
لېكىن ھازىرچە، سىز يازغان ئەھۋاللارغا كۆرە، بۇ ھەقتە يەنىلا كۆپرەك ئىزدىنىپ بىر نەرسە دېمىسەك بولمىغۇدەك...
رەھمەت....

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 16:44:12

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parakende تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-12 16:48  

گۇاڭجۇدىكى ئاۋۇ مەسجىتتە ماڭا 2007 - يىلى ناماز ئۇقۇش نىسىپ بولغانىدى .
خېلى چوڭكەن ئۇ مەسجىد . قايتىپ كىلىپ مەلىدىكى چوڭلارغا مۇشۇنداق ئىسىملىك مەسجىد بار ئىكەن ، خۇيزۇلار سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاسقا نىسبەت بىرىدىكەن دىسەم ، چوڭلار ماڭا سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاس مەدىنىدە ۋاپات بولغان . بەلكىم تابىئىن ۋە ياكى تەبى تابىئىنلاردىن سەئىد ئىسىملىك بىرەرسى كەلگەن بۇلىشى مۇمكىن دىگەنىدى .

بەقىئ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغانلىقىغا ئالاقىدار دەلىلنىمۇ ماڭا كۆرسىتىپ قويغانىدى .
‹مىشكاتۇلمەسابىھ› دىگەن كىتابنىڭ ئاخىرىدا باركەن .

Uyghuri يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 17:19:28

Birhon يوللىغان ۋاقتى  2014-2-12 16:17 static/image/common/back.gif
بۇ مەسىلىنى ئالدىراپ يالغانغا چىقىرىشقا ئۇرۇنماسلى ...

ئاۋۇ نەقىل قىلغان تور بەتنى مەن قىلمىدىم . ئۈستىدىكى قىسقا ئىنكاس مېنىڭ ئىدى ، ئاتايىن تارىخى مەنبە كىتابىغا قاراپ ، ۋاپاتى ۋە يېشىدىكى ھەر خىل قاراشلارنى ئۆز پېتى  قىسقىلا قىلىپ نەقىل قىلغان ،
كىيىن قارىسام باشقىلار ئۈندىداردا يوللاىغان ئۇچۇر ئىكەن ، مەن يازغان ئىنكاستىن سەل تەپسىلى ئىكەن ، ئۆزۈم يازغان نەرسە بولمىغىنى ئۈچۈن تور بەت ئادرىسى بىلەن يۇقۇردىكى ئىنكاسىمغا تولۇقلىما قىلىپ قويدۇم ، ئەمما مېنىڭ قىسقا ئىنكاسىم بايا كىتابقا قاراپ تۇرۇپ يازغان ئىنكاس

shatmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 17:32:52

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shatmurat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-12 17:36  

ئۇ ساھابە نىمىدە كەپتىكەن جوڭگوغا ، ئايروپىلاندىما ؟ ئۇ چاغدا  ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىن شەرقى جەنۇبى جوڭگۇ غا بولغان دېڭىز يولى ئېچىلمىغان تۇرسا ( تارىختىكى ئەڭ بۇرۇنقى دېڭىز سەپىرى نى  1400 -يىللىرى جېڭخى غەربكە يۇرۇپ ئاچقان دەيدىكەنغۇ ، يەنە بىرسى يۇەن سۇلالسىدىكى بىر ئۇيغۇر دېڭىزچى ئۇنىڭدىن بۇرۇن غەربكە دېڭىز يۇرۇشى قىلغانمۇ دەيدىكەن .).. ئەگەر قۇرۇقلۇق بىلەن كەلگەن بولسا ، نىمىشقا ئارلىقتا بېسىپ ئۆتكەن نۇرغۇن جايلاردىكى كىشلەرنى ئىسلامغا دەۋەت قىلماي ئاۋۋال ئەڭ شەرقتىكى گۇاڭجۇغا بېرىپ مەسچىت سالىدۇ ؟
بەت: [1] 2
: دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي مەسچىتلەر