tuzchi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 19:14:36

بۇ مەسجىدنى ئالدىنقى يىلى مەنمۇ بېرىپ زىيارەت قىلغان. تارىخىغا كەلسەك تېخىمۇ ئىزدىنىشكە توغرا كىلىدۇ.

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 19:21:19

shatmurat يوللىغان ۋاقتى  2014-2-12 17:32 static/image/common/back.gif
ئۇ ساھابە نىمىدە كەپتىكەن جوڭگوغا ، ئايروپىلاندىما ؟ ئ ...

دېڭىز يولىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتىنى مەن ئېنىق ئۇقمايدىكەنمەن....
ئەمما مېنىڭچە، جۇڭگو-ھىندىستان-ئەرەيبىيە-ياۋروپا دىن ئىبارەت بۇ دېڭىز يولى مەسىلىسىدە «ئېچىلىش-ئېچىلماسلىق» دېگەن گەپ پەقەت ئوسمانىيلار توسۇۋالغان ياۋروپا-ئوتتۇرا دېڭىز رايونىغا قارىتىلغان. ياۋروپالىقلار ئوسمانىيلاردىن بۇرۇن يۇقىرىقى لىنىيە ئارقىلىق ھىندىستان ۋە جۇڭگوغا كېلەتتى.
لېكىن جۇڭگو-ھىندىستان-ئەرەب-ئافرىقا دېڭىز يولى بۇرۇندىنلا ئوچۇق.
جۇڭگودا «يەھۇدىي» دەپ بىر مىللەت بار. مىللەت تىزىملاشتا بۇلار چۈشۈپ قالغان، ئەمما ھازىر 57-مىللەت بولۇش ھەققىدە غىڭشىۋاتىدۇ.
中国的犹太人 دېگەن كىتابتا دېيىلىشىچە، جۇڭگونىڭ كەيفېڭ شەھرىدىكى بۇ يەھۇدىلارنىڭ بىر قىسىمى مىلادى 76-يىلى رىملىقلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قېچىپ، دېڭىز يولى بىلەن ھىندىستانغا، ئاندىن جۇڭگوغا كەلگەن؛ يەنە بىر قىسىمى قۇرۇقلۇق بىلەن ئىراندىن ئۆتۈپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا، سىبىرىيەگە، ئاندىن جۇڭگوغا كەلگەن.
-----------------
قىسقىسى، مەن ئوقۇغان كىتابلاردا جۇڭگو-ھىندىستان-ئەرەب-ئافرىقا دېڭىز يولىنىڭ ھېچقاچان تاقىلىپ قالغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات كۆرمىدىم.
مىلادىي 76-يىلى يەھۇدىلار كەلگەنىكەن، 7-ئەسىردە دېڭىز يولى ئېچىلمىغان دېسەك توغرا بولمايدۇ.

Uyghuri يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 19:32:23

shatmurat يوللىغان ۋاقتى  2014-2-12 17:32 static/image/common/back.gif
ئۇ ساھابە نىمىدە كەپتىكەن جوڭگوغا ، ئايروپىلاندىما ؟ ئ ...

مەنمۇ ئىنكاسىمدا شۇ مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويدۇم ،

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 20:40:29

ماركو پولو چېغىدا 1300-يىللاردا ئۈچ يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئىتالىيەدىن كەپتىكەن جوڭگوغا. 600-يىللاردا دىڭىز قاتنىشى ئۇنچىلىك راۋان بولغان بولسا خەق يىپەك يولىدا كارۋان تارتىپ جاپا تارتىپ يۈرمەس بولغىيتتى...

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 21:58:26

مەن بەزى مەنبەلەردە كۆرسەم ئەينى زاماندا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسالام 4 كىشىنى چىنغا دىن تارقىتىشقا ئەۋەتىپتىكەن ، بۇ كىشىلەر دىن تارقىتىش داۋامىدا گۇاڭجۇدىكى ئەرەپ سودىگەرلەرنىڭ ئىقتىسادى ياردىمى بىلەن گۇاڭجۇدا خۇەيشىڭ مەسجىدىنى بىنا قىلىپتىكەنتۇق ...

absalam334 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 22:04:46

kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى  2014-2-12 20:40 static/image/common/back.gif
ماركو پولو چېغىدا 1300-يىللاردا ئۈچ يىل ۋاقىت سەرىپ قىلى ...

مۇھتەرەم قېرىنداشلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مىلادى 622- يىلى ھىجرەت قىلغا مەدىنىگە بېرىپ  3يىلغىچە دەۋەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان ھىجرەتنىڭ 3-يىلى بەدرە ئۇرىشىنى قىلغان 4-يىلى ئوھۇت ئۇرىشىنى قىلغان 5-يىلى خەدەك ئۇرۇشىنى قىلغان 6-ياكى 7-يىلى ھۇدەيبىيە سۇلھىسىنى تۇزگەن بۇسۇلھىنى تۇزۇپ بولۇپ مەككىدىكى دۇشمەنلەردىن خاتىرجەم بولغاندىن كىيىن ئاندىن چورىستىكى بەزى قەبىلە ئاقساقاللىرى ۋە بەزى پادىشالارغا مەكتۇب يازغان تارىخنى تەپەككۇر قىغان ئادەم 628-يىلى بۇ مەسچىتنى سالدى دىگەن گەپنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 05:39:44

خەرىتىگە قارىۋېتىپ گەپ قىلىڭلار، ئەرەب يېرىم ئارىىلىدىن دېڭىز يۇلى گۇاڭجۇغا كىلىش قورققىدەك ئىش ئەمەس،  ئارىلىقتا نەچچە يەردە توختاپ قورۇقلۇققا چىقىپ لازىمەتلىكلەرنى تۇلۇقلاپ ماڭسا بۇلىۋىرىدۇ.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 09:27:27

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pis-pas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-13 09:36  

بەزى تورداشلار ئۇ چاغلاردا دېڭىز يولى يوقتى دەپ ئېيتىپتۇ، بۇ مىنىڭچە خاتا :

http://nabataea.net/msroute.html
ئۇ چاغلاردا يىپەك يولىدىن باشقا يەنە دېڭىز يولىمۇ بولغان ئىكەن، بۇنى دېڭىز يىپەك يولى دەپ ئاتايتتىكەن  :
http://zh.wikipedia.org/wiki/%E6%B5%B7%E4%B8%8A%E4%B8%9D%E7%BB%B8%E4%B9%8B%E8%B7%AF

http://people.hofstra.edu/geotrans/eng/ch2en/conc2en/silkroad.html

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 13:38:28

ئۇ دەۋلەردە يەلكەنلىك كېمە ياكى پالاقلىق كېمە بىلەن ماڭىدىغان گەپ. دېڭىز يولى بولغان بىلەن شامال ئوڭ كەلسە ئاندىن ماڭالايدۇ. ئەرەپلەر ئۇ يولدا قاتنىغان بىلەن ماتورلۇق كېمىدە بېرىپ كەلگەندەك ئۇدۇل بېرىپ ئۇدۇل يېنىپ كەلمەيدۇ. بېرىپ-كېلىشكە ئارىلىقتا نۇرغۇن ۋاقىت ئۆتىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايلى.

matu يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 13:59:49

ئەمدى ئىشەنچ قىلدىمكى،  تارىخ دەپ ئاتالغانلا نەرسىنىڭ مۇشۇ خەققە مۇناسىۋەتلىك قىسمىدا زادى يالغانچىلىق بولىدىكەن.

tuprakbag يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 14:28:51

matu يوللىغان ۋاقتى  2014-2-13 13:59 static/image/common/back.gif
ئەمدى ئىشەنچ قىلدىمكى،  تارىخ دەپ ئاتالغانلا نەرسىنىڭ  ...

ئەمدى ئىشەنچ قىلغان بولساڭلا تولىمۇ كىچىكىپ ئىشەنچ قىلىپسىلەر

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-2-21 13:23:37

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdrtt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-21 13:27  

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-2-12 14:14 static/image/common/back.gif
ئابى ۋەققاس جوڭگۇغا ئۈچ قېتىم كەلگەن ئىكەن، بىرى 616- ي ...

مەن ئۇنى ۋېكىپىدىياغا قاراپ يۈرمەيلا دىگەن ئىدىم... دېمىسىمۇ ئۇنىڭغا قاراش ئارتۇقچە....  سەۋەبى تۆۋەندىكىچە:
1-ھەممىمىز باشلانغۇچتا ئوقۇغان بولغىيتتۇق؟ باشلانغۇچنىڭ جەمىيەت كىتابىدا تاڭ سۇلالىسىنىڭ قۇرۇلغان ھەم زاۋال تاپقان ۋاقتى بار..... (مەكتەپتە زىھىن سىناش پائالىيتىدە مۇشۇ سۇئال چىقىپ، مەن توغرا جاۋاپ بېرىپ، دەپتەر مۇكاپات ئالغىنىم بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىل بۇرۇنقى ئىش!).
2-ھەممىمىز مۇسۇلمان، ئانداق بولغاندىكىن پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قاچان تۇغۇلۇپ قاچان دۇنيادىن كەتكەنلىكىنى؟ قاچان پەيغەمبەلىك كېلىپ، قاچان ھېجرەت قىلغانلىقىنى.... بىلسەكلە يۇقارقى مەسىللەر ئۆزلىكىندىنلا «مانا مەن» دەپ چىقىدۇ....
يۇقاردا سىز دىگەن يىل نامى بويىنچە بولغاندا سەئىد ئىبنى ۋەققاسنى رەسۇلۇللاھ مەدىنگىمۇ ھېجرەت قىلماي تۇرۇپ جوڭگوغا مەسجىد سالغىلى ئەۋەتكەن بولۇپ قالىدۇ... (616-يىلى بولسا تاڭ سۇلالىسى قۇرۇلۇشتىن ئىككى يىل بۇرۇن ئەۋەتكەن بولىدۇ تېخى؟)...
بىر دۆلەتتە بىر پادىشاھلىق ۋەيران بولۇپ، يەنە بىر پادىشاھنىڭ ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان ئارلىقتا بىر-ئىككى يىل جەرياندا  ئۇيەر-بۇيەرلەردە ئۇششاق توپىلاڭ، قىر چاپ دىگەن بولۇپ تۇرىدۇ....
بەت: 1 [2]
: دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي مەسچىتلەر