TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 12:16:05

تاشپولات: بىر كۈن ئىچىدە دۇنياغا تونۇلغان قىز

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-31 12:17  

بىر كۈن ئىچىدە دۇنياغا تونۇلغان قىز

تاشپولات روزى



ياپونىيەلىك 30 ياشلىق قىز Haruko Obokata يېڭى تىپتىكى STAP "stimulus triggered acquisition of pluripotency"  دەپ ئاتىلىدىغان ھۈجەيرە ئىشلەپ چىقىرىپ, بىئولوگىيە ئالىملىرىنى ھەيران قالدۇردى. ئۇ قىزنىڭ ماقالىسى تەبىئەت ژۇرنىلىدا 1-ئاينىڭ 29 كۈنى ئېلان قىلىندى. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ياپونلۇق ئالىم Shinya Yamanaka iPS تىپتىكى ھۈجەيرىنى ئىشلەپچىقىرىپ نوبېل مۇكاپاتى ئالغان ئىدى. بىراق ئالىملار iPS ھۈجەيرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى مۇرەككەپ ھەم بىخەتەرلىكى ياخشى ئەمەس دەپ قارايدىكەن. Haruko Obokataنىڭ ئىشلەپچىقارغان STAP ھۈجەيرىسىنى ناھايىتى ئاسانلا ئىشلىگىلى بولىدىكەن ھەم ئۇ بىخەتەر ئىكەن.  ئادەتتەiPS ھۈجەيرىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ئۈچۈن  ئەڭ كەم دېگەندە ئىككى ھەپتە كېتىدىكەن. بىراق بۇ يېڭى ھۈجەيرە STAP بولسا ئىككى كۈندىلا ئىشلەپ چىقىرىلىدىكەن.

تۈنۈگۈن باشلاپ ياپونىيەنىڭ بارلىق خەۋەر ئاخباراتلىرى مۇشۇ خەۋەرنى بېرىش بىلەن بولۇۋاتىدۇ. ياپونىيە تۈنۈگۈندىن باشلاپ شاتلىققا چۆمۈپ، بۇ قىزنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇبارەكلەۋاتىدۇ. ياپونىيەلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئۇنۇڭ ئېرىشكەن زور نەتىجىلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇۋاتىدۇ. مەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇنيادا ئەڭ كۆپ ماگىستىر ھەم دوكتورلارنى تەربىيىلەپ بېرىۋاتقان ياپون خەلقىگە ھەم بۇ قىزغا كۆپ مۇبارەكلەر ئوقۇيمەن! بۈگۈن بۇ قىزنىڭ نەتىجىلىرى توغرىسىدا بىزنىڭ ھاياتلىق ئىلمى ياش ئالىمىمىز تۇرسۇنجان نۇرمەمەت ئۇكام بىلەن پاراڭلاشتىم. ئۇمۇ بۇ قىزنىڭ نەتىجىلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇدى.  بۇ كۈن پەخىرلىك ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپ بۇلتۇر دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان كۈنگە ئوخشاپ قالدى. بۈگۈن ياپونىيە مائارىپ مىنىستىرى بۇ قىزنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى ماختاپ، ئۇنۇڭ پات ئارىدا نوبېل مۇكاپاتىنى ئېلىشىنى ھەم ياپونىيەدە بۇنداق قىزلارنىڭ كەينى كەينىدىن تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

بۇ قىز بۇ قېتىم ئېلان قىلغان ماقالىسىنى بۇلتۇر باھاردا تەبىئەت ژۇرنىلىغا ئەۋەتىپتىكەن. بىراق تەبىئەت ژۇرنىلى ئۇنۇڭ ماقالىسىنى بېسىشنى رەت كىپتىكەن. بۇ قىزنىڭ تۈنۈگۈن مۇخبىرلارغا دېيىشىچە، تەبىئەت ژۇرنىلىدا ماقالىسىنىڭ بېسىلمىغانلىقىنى ئاڭلاپ قاتتىق يىغلاپتۇ. ئۇ نەچچە قېتىملاپ بۇ تەتقىقاتنى توختىتىشنى ئويلاپتۇ. بىراق ئۇ قىز بۇ تەتقىقات چوقۇم ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشىدۇ دەپ ئۆزىگە يەنە ئىشەنچ باغلاپ، يەنىمۇ كۆپ سانلىق مەلۇماتلارنى يىغىپتۇ. مانا ئۇنۇڭ ئۈمىدسىزلەنمەي تىرىشىپ ياراتقان نەتىجىسى تۈنۈگۈن ئاخىرى تەبىئەت ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىپ دۇنيانى ھەيران قالدۇردى. تىرىشىپ بەلنى قويۇۋەتمىگەن ئادەم مېنىڭچە چوقۇم ئاخىرقى غەلىبىگە ئېرىشىدۇ!

بۇ قىز ياراتقان ئۇسۇلنى 5 يىلدىن بېرى ئويلاپ كەپتىكەن. ئۇ ئامېرىكانىڭ Harved ئۇنىۋېرسىتېگە كېلىپ 2 يىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئويىنى باشقىلارغا دېسىمۇ ئىشەنمەپتۇ. بىللە تەتقىقات ئېلىپ بارايلى دېسىمۇ ئۇنۇڭغا قوشۇلماپتۇ. بۇنداق بولۇشتىكى ئاساسلىق سەۋەب بۇ قىزنىڭ ياش بولغانلىقى، تەتقىقات تارىخىنىڭ ئاساسەن يوقلۇقى بولغان. بۇ قىز باشچىلىقىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى 5 ئادەمنىڭ ھەممىسى ئايال ئىكەن. ئۇ قىزنىڭ دېيىشىچە بۇ تەتقىقاتىنى مۇنچىغا چۈشكەندە ھەم مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتلىرىدىمۇ داۋاملىق ئويلاپ كەپتۇ.

بۇلتۇر تەبىئەت ژۇرنىلىنىڭ ئۇ قىزنىڭ ماقالىسىنى باسماسلىق سەۋەبى مۇنداق ئىكەن: "過去何百年の生物細胞学の歴史を愚弄している"(نەچچە يۈز يىلدىن بۇيانقى ھاياتلىق ھۈجەيرە ئىلمى تارىخىنى مازاق قىلغانلىق) دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بىر ژۇرنالنىڭ مۇشۇنداق يەكۈن چىقىرىشىغا ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.

بۇ قىزنىڭ بۇ نەتىجىسى ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن قېلىشمايدىغان كاللىغا ئىگە ئىكەنلىكىنىلا ئىسپاتلاپ قالماستىن، ھەتتا ئاياللارنىڭ ئەرلەردىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ قىزنىڭ نەتىجىسى يەنە ئايال-قىزلارنى توۋەن كۆرىدىغان، ئاياللارنى ئوينىڭ ئىشىنىلا قىلسا بولىدۇ دەيدىغان ئەقىلسىزلەر، خۇراپاتچىلار جەمئىيەتلىرىگە ئېتىلغان ئوقتۇر.

مەن ئاخىرىدا بۇ ئىرادىلىك ياپونلۇق قىزنىڭ ھەم پەخىرلىك ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بىرلىكتە بۇ يىللىق نوبېل مۇكاپاتىنى ئېلىشىنى چىڭ كۆڭلۈمدىن ئارزۇ قىلىمەن! شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىلىم-پەن يولىدا ئۆزىنى بېغىشلىغان ئەقىللىق قىزلىرىمىزنىڭ يېڭى-يېڭى تەتقىقاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنىمۇ ئۈمىد قىلىمەن.

ئۇ  قىز يازغان ماقالىنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا:

http://www.nature.com/nature/journal/v505/n7485/full/nature12968.html

ئۇ قىزنىڭ تەرجىمالى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا:

http://en.wikipedia.org/wiki/Haruko_Obokata

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 13:08:44

پۈتۈن دۇنيا بىلەن بىللە بۇ قىزنى موبارەكلەشكە بىزمۇ ھەقلىق! تاشپولات ئاكىمىزنىڭ بىزنى مۇنداق تېز خەۋەردىن خەۋەردار قىلغىنىغا كۆپ تەشەككۈر!
مەيلى ئۇ كىم بولسۇن، ئىنسانىيەتكە پايدىلىق نەتىجە ياراتسىلا ئۇنى قۇتلۇقلاش، موبارەكلەش كېرەك.
بۇ قىزنىڭ قەتئىي بوشاشماس ئىرادىسى بىزگە يەنە بىر قېتىملىق جانىق دەرس بولۇشى كېرەك.

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 13:40:53

   ئالدى بىلەن بىزنى بۇ ئۇچۇردىن خەۋەردار قىلغان تاشپولات ئاكىغا تەشەككۈر !
خۇددى يۇقۇرىدىكى ئىنكاستا ئېيتىلغاندەك پۈتۈن دۇنيا بىلەن بىللە بىزمۇ بۇ قىزنى تەبرىكلەشكە ھەقلىق . گەرچە ئۆز قەۋمىمدىن بولمىسىمۇ ياش بىر قىزنىڭ ئالەمشۇمۇل نەتىجىسىدىن پەخىرلەندىم ، ئۇنىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە تەئەللۇق بۇ نەتىجىسى ئۇنىڭغا ئۇنىڭدىن كۈتكىنىدىنمۇ ئارتۇق شان - شەرەپ ئېلىپ كەلگەي !

mamnun يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 13:43:59

ئاتوم دېگىنى خېمىيەنىڭ ، زەرىچە دېگىنى فېزىكىنىڭ ، ھۈجەيرە دېگىنى بىئولىگىيەنىڭ ، يەنە مولىكىلا دەپ بىر نەرسە بار غۇ دەيمەن .
شۇنداق بولغاندا بۇ قىز بىئولىگىيە تەتقىقاتچىسى ئىكەن ھەم يېڭى بىر خىل ھۈجەيرە ئىشلەپچقىپتۇ ياكى ئالىملار تېخى بىلمىگەن بىر ھۈجەيرىنى بايقاپتۇ . مەن مۇشۇنداق چۈشەندىمغۇ . ئالىملارنى ھەيران قالدۇرغانغا قارىغاندا بۇ بەك چوڭ بايقاش بولسا كېرەك .

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 13:44:47

   تاشپۇلات ئاكا ، ئىمكان بولسا  ئىككىنجى ئۇلىنىشتىكى ئاۋۇ قىزنىڭ تەرجىمىھالىنى تەرجىمە قىلىپ  يوللاپ قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن ...

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 13:46:19

  موبارەك بولسۇن! تېرىشچانلىق ۋە ئىجتىھات ئادەمنى ھېچقاچان يەردە قويمايدۇ، ئىنسانىيەت ئېرىشىۋاتقان تەرەققىيات ۋە مۆجىزىلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق تېرىشچانلىق ۋە ئىجتىھاتنىڭ نەتىجىسى. بارلىق ئۆز غايىسى ئۈچۈن تېرىشىۋاتقان ئىجتىھات ئىگىلىرىگە موبارەك بولسۇن!

  تاشپولات ئاكىمىزنىڭ تېمىدا «‹تەبىئەت›ژورنىلىدا 1-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلان قىلىندى»دىگىنىگە دىققەت قىلدىم. «تەبىئەت» ژورنىلى كۈندىلىك ژورنالمۇ؟

Jewlaniy يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 13:52:55

تەپسىلاتىنى تېخىمۇ ئىنىقراق  بىلگەن بولسا بۇ ھۈجەيرە قانداق ھۈجەيرە؟ قايسى تەتقىقاتقا ئىشلىتىلىدۇ؟ دېگەندەك

alshah يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 14:18:45

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alshah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-31 14:22  

Elqvn يوللىغان ۋاقتى  2014-1-31 13:46 static/image/common/back.gif
موبارەك بولسۇن! تېرىشچانلىق ۋە ئىجتىھات ئادەمنى ھېچق ...

بەلكىم تور نۇسقىسىمۇ باردۇ...

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 15:20:53

قانداق ھۈجەيرىدۇ

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 15:48:47

نوبىل مۇكاپىتىغا كىملەر نامزات كۆرسىتىدۇ؟   بىزنىڭمۇ نامزات كۆرسىتىش ، سايلاش ھوقۇقىمىز بولامدۇ؟

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 16:24:25

سۈرىتىدىن قارىغاندا مېھرى ئىسسىقلا قىز ئىكەن . ياپون خەلقىدىن مۇشۇنداق بىر ئالىمەنىڭ بارلىققا كەلگىنىنى ، ھەم ، ئۇنىڭ ئۇتۇقلىرىنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن . مۇشۇنداق بىر قىزنى تەربىيەلىگەن ئاتا - ئانىسىغا بارىكاللا !

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 18:40:02

izqi1991 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-31 15:48 static/image/common/back.gif
نوبىل مۇكاپىتىغا كىملەر نامزات كۆرسىتىدۇ؟   بىزنىڭمۇ ن ...

نوبېل مۇكاپاتىدا تەبىئىي پەنلەرگە نامزات كۆرسەتمەيدۇ، ئۆزىنىڭ ياراتقان نەتىجىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ بولىدۇ، بىراق ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئەدەبىيات ئورگانلىرى، تىنچلىقنى ھەرخىل تەشكىلات،  ھۆكۈمەتلەر، ئىقتىسادنى ئىقتىساد ئورگانلىرى كۆرسىتىدىغۇ دەيمەن.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 20:50:43

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-31 21:27  

تاشپولاتكا، بۇ تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت! تۈنۈگۈن سىزدىن بۇ قىز توغۇرلۇق ئاڭلاپ ناھايتى تەسىرلەندىم ۋە زور ئىلھام ئالدىم. ئۇ ئىجاد قىلغان بۇ يېڭىچە غول ھۆجەيرە يىتىشتۈرۈش ئۇسۇلىغا مەن ئازراق قوشۇمچە چۈشەنچە بىرەي ھەم بۇنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىمنى دەپ باقاي:

ھۆجەيرە دىگىنىمىز ۋىرۇستىن باشقا بارلىق جانلىق سانالغان مەۋجۇداتلارنىڭ تىنىنى تەشكىل قىلىدىغان ھاياتلىق بىرلىكى بولۇپ، بىز ئىنسانلارنىڭ بەدىنىدە تىرىليۇنلىغان ھۆجەيرىلەر بار. ھەر بىر ھۆجەيرە بەدىنىمىزدىكى مەلۇم ئەزالاردا مەلۇم فۇنكىسىيەگە ئىگە بولۇپ، شۇ ھۆجەيرىلەر بىزنىڭ ساغلاملىقىمىز ۋە ھايات تۇرالىشىمىزدىكى ئاچقۇچتۇر. مەسىلەن: ئاشقازان ئاستى بېزىدىكى بىتا ھۆجەيرە دەپ نام ئالغان مەخسۇس ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىدىغان ھۆجەيرىلەر توپىنىڭ سانى ئازلاپ كەتسە ياكى نورمال فۇنكىسىيىسى ئاجىزلاپ كەتسە، ئۇ ھالدا بىز دىئابىت كېسىلىگە گېرىپتار بولىمىز يەنى بەدىنىمىزگە كىرگەن قەنتىلەرنى ئۈنۈملۈك ھالدا ئەزالارغا سۈمۈرۈشكە ئامالسىز قېلىپ قەنىتلەردىن پايدىلىنىپ ئېنىرگىيە ئىشلەپچىقىرىشىمىز توسالغۇغا ئۇچرايدۇ؛ ياكى مېڭىنىڭ مەلۇم قىسمىدىكى دوپامېن ئىشلەپچىقىرىغان نېرۋا ھۆجەيرىلىرى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ ھالدا بىز پاركىنسون كېسىلى ياكى مېڭە يىگىلەش كېسىلىگە گىرىپتار بولىمىز. دىمەك، ھۆجەيرىلەرنىڭ ساغلام ياشىيالىشى ۋە فۇنكىسىيىسىنىڭ نورمال يۈرۈشىشى بەدىنىمىزدىكى ھۆجەيرىلەرگە باغلىق.

بىلگىنىمىزدەك، ئىنسان ئەمەليەتتە كۆپىيىش ھۆجەيرىلىرى دەپ ئاتىلىدىغان تۇخۇم ھۆجەيرىسى ۋە ئىسپىرما ھۆجەيرىسىنىڭ بىرىكىپ بىر ئۇرۇقلانغان تۇخۇم (زېگوتا) ھاسىل قىلغاندىن كىيىن مۇشۇ بىر تال ھۆجەيرە توختىماي بۆلۈنۈش ئارقىلىق بىرى ئىككى، ئىككىسى تۆت، تۆتى سەككىز.....بولۇپ توختىماي كۆپىيىپ بارىدۇ ۋە ئاخىرىدا بالياتقۇ ۋە ھامىلىنىڭ بارلىق ھۆجەيرىلىرىگە ئايلىنىپ ئاخىرىدا بىر بوۋاق بولۇپ تۇغۇلىمىز. ئەمىسە نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ بەدىنىمىزدىكى باشقا ھۆجەيرىلەرمۇ توختىماي بۆلۈنۈپ كۆپىيىپ بىز تېخىمۇ يوغان بولۇپ كەتمەيمىز؟ نېمىشقا بىزنىڭ بەدىنىمىزدىكى بار بولغان ھۆجەيرىلەرنى كۆپەيتىپ ئازلاپ كەتكەن ھۆجەيرىلەرنى تولۇقلاش ئارقىلىق دىئابىت كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالالمايمىز؟ نەق مۇشۇ يەردە غول ھۆجەيرە ۋە ھۆجەيرىنىڭ پوتىنسىئالى دىگەن ئۇقۇملار بىلەن تونۇشۇشقا توغرا كىلىدۇ. ئۇرۇقلانغان تۇخۇم پوتىنسىئالى چەكسىز بىر ھۆجەيرە بولۇپ ئۇ ئىنسان تېنىدىكى ۋە شۇنداقلا بالياتقۇنى ھاسىل قىلىدىغان بارلىق ھۆجەيرىلەرگە ئايلىنىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ۋە چەكسىز قېتىم بۆلۈنۈپ كۆپىيىش خۇسۇسىيىتى بار، ئەمما ھەر قېتىملىق بۆلۈنۈش جەريانىدا دەسلەپكى ئانا ھۆجەيرە تېنىدە ئاكتىپ ھالەتتە ئىپادىلىنىپ تۇرغان مەلۇم گېنلار ئۆزى تۇرۋاتقان مۇھىتتىكى ئامىللار تەرىپىدىن  ئېتىۋىتىلىدۇ، يەنى ئىپادىلىنپ چىقىشتىن توختايدۇ، دە قانچە كىيىنكى قەدەمدە ھاسىل بولغان ھۆجەيرىلەر شۇنچە ئاز يوشۇرۇن كۈچىنى ساقلاپ قالىدۇ. ئاشۇ خىل تۆرەلمە يىتىلىش جەريانىدىكى كۆپ خىل ھۆجەيرىلەرگە ئايلىنالىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ھۆجەيرىلەرنى غول ھۆجەيرە دەپ ئاتايمىز.
بىز تۇغۇلىدىغان ۋاقىتتا مۇتلەق كۆپ قىسىم ھۆجەيرىلەر پەقەت بىرلا ھۆجەيرە شەكلىگە يەنى بۆلۈنۈپ ئۆزىگە ئوخشاش ھۆجەيرىلەرگىلا ئايلىنالايدۇ ياكى بىر نەچچە خىل ھۆجەيرىلەرگىلا ئايلىنالايدىغان ناھايتى چەكلىك يوشۇرۇن كۈچنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، بەدىنىمىزدە پەقەت ئاز ساندىكى چوڭلار غول ھۆجەيرىلىرىلا مەۋجۇت بولىدۇ. غول ھۆجەيرىنىڭ ئاشۇ خىل غايەت زور يوشۇرۇن كۈچى بىزنى جەلىپ قىلىدۇ چۈنكى بىز ئاشۇ غول ھۆجەيرىلەرنى ئىشلىتىپ ئۆزىمىز خالىغان ھۆجەيرىلەرگە ئايلاندۇرۇپ كېسەل داۋالاشتا ئىشلىتىشىمىز، شۇ ئارقىلىق ھازىر داۋاسى يوق سانسىز كېسەللەرنى ئۈزۈل-كېسل ساقايتىشىمىز نەزەرىيە جەھەتتىن تامامەن مۇمكىن.

ئەمىسە بۇ خىل ھۆجەيرىلەرگە قانداق ئېرىشىمىز؟ گەپ نەق مۇشۇ يەردە! ئىنسان بەدىنى ئىممۇنىت ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاچقا ئۆز تېنىدىن كەلمىگەن ھۆجەيرىلەرنى چەتكە قاقىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنىدۇ (ئەزا كۆچۈرگەندىكى يەكلەش مۇشۇ سەۋەپتىن بولىدۇ). دىمەك، بىر بىمار ئاغرىپ قالغان بولسا، ئۇنىڭغا خاس بولغان غول ھۆجەيرىلەرنى ئايرىپ ئىلىپ ئۇنىڭغا لازىم بولغان ھۆجەيرىگە ئايلاندۇرۇپ بەدىنىگە سېلىپ قويغاندا، كېسەل داۋالاپلا قالماستىن ھىچقانداق يەكلەش يۈز بەرمەيدۇ. بىمارغا خاس غول ھۆجەيرىلەرنى ئايرىپ ئىلىش بۇ نەزەرىيەنىڭ دەسلەپكى قەدىمى بولۇپ، بۇ مۇھىم تەتقىقات تېمىسدا ئالىملار ئىزدىنىۋاتقىلى يېرىم ئەسىردىن ئاشتى، ۋە نۇرغۇن ئىلگىرلەشلەر مەيدانغا كەلدى. ئاتاقلىق ئالىمىمىز دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ۋە ياپونيە ئالىمى ياماناكا بۇ جەھەتتە ئەڭ زور ئىلگىرلەشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. ياماناكا بىمار تېنىدىن خالىغان بىر ھۆجەيرىنى ئايرىپ ئىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم ئۇخلاۋاتقان گېنلارنى قوزغىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق iPS دەپ ئاتىلىدىغان بىر يېڭى تىپتىكى غول ھۆجەيرىلەرنى ئايرىپ ئالدى ۋە بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن 2012-يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ئۆتكەن يىل بىمار تىنىدىكى بىر ھۆجەيىنى يادرو كۆچۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىنسان غول ھۆجەيرىسىنى ئايرىپ ئالدى ۋە بۇ تۆھپىسىگە يارىشا ئۆتكەن يىللىق دۇنيادىكى ئەڭ زور نەتىجە قازانغان 10 ئالىمنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئەمدى گەپ، بۇ ياپونلۇق قىز نېمە قىلدى؟ سىلەرگە بۇنچە كۆپ ئارقا كۆرۈنۈشلەرنى بىرشىم تۆۋەندە دىمەكچى بولغانلىرىمنى سىلەرنىڭ ئاسان ۋە توغرا چۈشىنەلىشىڭىلار ئۈچۈن بولدى، بەك كۆپ گەپ قىلىپ كەتكەن بولسام كەچۈرۋىتەسىلەر.

بۇ ياپون ئالىمى Obokata ئۆلۈشكۈن غول ھۆجەيرە ياساشنىڭ ئەڭ ئاسان بىر ئۇسۇلىنى ياراتقانلىقىنى دۇنياغا جاكارلىدى. ئۇ يېڭى تۇغۇلغان چاشقان تېنىدىكى ھۆجەيرىلەرنى ئايرىپ ئىلىپ ئۇنى تۆۋەن pH قىممىتىدىكى كېسلاتالىق ئېرىتمىگە ئۇچراشتۇرغاندا بۇ ھۆجەيرىلەر ئويلىمىغان يەردىن غول ھۆجەيرىگە ئايلىنىپ قالغان! ئۇنىڭ ئۇسۇلى شۇنچىلىك ئاددى بولۇپ، ھۆجەيرىلەرنى ئادەتتە يىتىشتۈرۈش جەريانىدا خۇسۇسىيتىنى بايقاش ئۈچۈن دائىم كېسلاتاغا ئۇچراشتۇرۇش مەشغۇلاتىنى سانسىز قېتىملاپ قىلغاندىمىز، ئەمما ھېچكىم بۇنداق نەتىجە كىلىپ چىقىشىنى ئويلاپ يەتمىگەن بولغاچقا بۇ ئاددى ئۇسۇل ھازىرغىچە سىر پىتى قالغان ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاددى نەرسىلەنى سىناپ بىقىشقا سەل قارىماسلىق يېڭى بايقاشلارنىڭ ئاچقۇچى بولسا، كىرەك دەپ ئويلاپ قالدىم. بۇ قىز 1983-يىلى ياپونيەدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئەمدىلا 30 ياشقا كىرگەن. ياپونيەدە تولۇق كۇرۇس ۋە ماگىستىرلىقنى تۈگىتىپ ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋىرستېتىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇپ ئىككى يىل ئاۋۋال ئوقۇش پۈتتۈرگەن. ياپونيەگە قايتىپلا ئۆزىنىڭ تەجىرىبخانىسىنى قۇرۇپ دوكتۇرلۇق ئوقۇشى جەريانىدىكى ئويلىغانلىرىنى سىناپ باققان ۋە مۇشۇنداق زور نەتىجە ياراتقان.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 20:55:38

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-31 21:24  

بۇ ھۆجەيرىلەر چاشقان بەدىنىدە تولۇق پوتىسىئاللىق غول ھۆجەيرىلەرنىڭ بارلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن تۆۋەندىكى سۇئاللار يەنىلا جاۋاب كۈتمەكتە:
1. بۇ نەتىجىنى باشقا تەجىرىبىخانىلار تەكرارلىسا ئوخشاش نەتىجە چىقامدۇ-يوق؟
2. بۇ ئۇسۇل ئىنسان ھۆجەيرىلىرىدە ئىشلەمدۇ، يوق؟
3. بۇ يېڭى تۇغۇلغان چاشقان ھۆجەيرىسىدە ئىشلىگەن بىلەن چوڭلار تېنىدىن ئېلىنغان ھۆجەيرىلەردە ئىشلەمدۇ،يوق؟
4. بۇنداق بولۇشنىڭ مولىكۇلا بىئولوگىيلىك مىخانىزىملىرى قانداق؟
5. بۇ ھۆجەيرىلەرنىڭ گېنومى ۋە ئېپىگېنومى نورمالمۇ؟ قانداق توساتتىن ئۆزگىرىشلەر ۋە نورمالسىزلىقلار مەۋجۇت؟
6. بۇ ھۆجەيرىلەر راك كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ، يوق؟

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 21:50:38

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ATLAN111 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-31 21:55  

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2014-1-31 20:50 static/image/common/back.gif
تاشپولاتكا، بۇ تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت! تۈنۈگۈن سىزدىن بۇ ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان، «كەچۈرۈۋېتەسىلەر»دەيسىزغۇ،خۇددى خاتا ئىش قىپ قويغان ئادەمدەك! ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ ئىزاھاتىڭىز تېمىغا «ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز» قويغاندەكلا يارىشىپتۇ. بىز سىزگە رەھمەت ئېيتساق بولىدۇ تېخى. ئەر كىشى دېگەن ئۇنداق كەمتەر بوپكەتسە بولمايدۇ دەيمەن.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 21:56:04

دېمىسىمۇ ئاياللار ئەرلەردىن ئەقىللىق، شۇنىسى ئاياللار ئاسان ھېسىياتقا بېرىلىپ كېتىدۇ، ھەمدە دىققتىنى ئەرلەدەك يىغالمايدۇ.
مەن شۇنى ھېس قىلىپ قالدىمكى، بىرەرسى «پو» ئېتىپ پالانى ئىشنى قىلالايمەن دېسە، ئەمىسە قىلە دەپ شارائىتنى ئىمكانقەدەر ھازىرلاپ بېرىش كېرەك ئىكەن.
قايسىدۇر ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ماتورىنى، قاسىم سىدىق ئاكىمىزنىڭ فىزىكىدىكى شەكىل نەزىرىيىسى ۋە ئاللا قانداقتۇر بىرەرسىنىڭ غەلىتە خىياللىرىنى زاڭلىق قىلمىساق بولغۇدەك!

Rohimiz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 21:58:30

BBC دىمۇ سۈرەتلىك خەۋەر بىرىپتۇ   http://www.bbc.co.uk/news/science-environment-25967136     

elikaram يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 22:02:42

ھۈجەيرىلەر شۇ قەدەر ماسلىشىشچان بولۇپ ئاجىز تولۇقلاش كۈچىگە ئىگە.يەنى بىر ھۈجەيرىدە ئۆزى بىلەن ئەڭ يېقىن ھۈجەيرىنىڭ ئەڭ ئاز نىسبەتتە ئالاھىدىلىكى بار.بىر ھۈجەيرە تامامەن ئۆلگەندە ئۇنىڭ بىلەن ئەڭ يېقىن ئارلىقتىكى ھۈجەيرە ئۇنىڭ ئۈچۈن تاكى ئۆزىدىكى ئوخشاشلىق بولغان ھۈجەيرە ھالىدىن كىتىپ ئۆلگۈچە ياردەم خىزمىتىدە بولىدۇ.لىكىن ئۇ ئەزانى قۇتۇلدۇرۇش مۇمكىنچىلىك يوق دىيەرلىك.
غول ھۈجەيرىنىڭ ئەڭ سەرخىلى ئەلۋەتتە ئېسىل نەسەبلىك ئادەملەردە ساقلانغان بولىدۇ.نەسەبنى ئېسىل قىلغىنىمۇ دەل ئاشۇ غول ھۈجەيرىدۇر.غول ھۈجەيرىنىڭ پوتېنسىيالى دەل ئادەمنىڭ ئېغىرلىق مەرگىزىدۇر.ھۈجەيرە نىمە ئۈچۈن بۆلىنىدۇ؟چۈنكى ھۈجەيرىدە ئىپادىلىگۈسىز ۋە بىلگۈسىز دەرىجىدىكى چەكسىز كىچىك ھۈجەيرىلەر ئەزەلى مەۋجۇت.بۇ كىچىك ھۈجەيرىلەر زاۋۇتقا ئوخشايدۇ،زاۋۇتتىن تەرتىپلىك مەھسۇلات چىققىنىغا ئوخشاش بۇ ھۈجەيرىلەردىنمۇ تەرتىپلىك ھۈجەيرىلەر ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ.رەڭ ،شەكىل،ھەجىم ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلار كىيىن بۆلۈنۈپ مۇستەقىل گەۋدىگە ئايلىنىدۇ،ھەر قانداق ھۈجەيرە مۇستەقىل گەۋدىگە ئايلانغاندىن كىيىن رېتىملىق ئىشلەپچىقىرىشنى باشلاپ گۈزەل بىر ھۈجەيرە سانائىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
ھۈجەيرىنى غول ھۈجەيرىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ تەجىربىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغىنى بىلەن بۇ غول ھۈجەيرە قانداق ئىقتىدارلىق تەن ھاسىل قىلىدۇ؟بۇ بىر مەسىلە.چۈنكى بۇ ھۈجەيرە ئۆزىنىڭ توپلامىدىكى پۈتۈنلەي ماس كىلىدىغان توپلام بىلەن رېئاكسىيەلەشتىمۇ يوق؟ئەگەر بۇ توپلام قىسمەن ماس كىلىش مۇناسىۋىتىدە رېئاكسىيەلەشكەن بولسا يېڭى تەنچىدە مەسىلە كۆرىلىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ياپۇنىيىلىك خانقىزنىڭ ھاياجانلىنىشىغا تېخى سەل بالدۇرلۇق قىلىدۇ.لىكىن ئۇنىڭ ئاددىيلىقتىن غول ھۈجەيرە ھاسىل قىلغىنى يېڭى ھۈجەيرە ئىنقىلابىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.يېڭىدىن ھاسىل قىلىنغان غول ھۈجەيرىلەر ئىنسانىيەتكە يېڭى كۈچ بېغىشلايدۇ.شۇ نوختىدىن مەن بۇ قىزنى ھۈجەيرە ساھەسىدە ئىنقىلاپ قوزغايدۇ دەپ قارايمەن.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 22:08:29

elikaram يوللىغان ۋاقتى  2014-1-31 22:02 static/image/common/back.gif
ھۈجەيرىلەر شۇ قەدەر ماسلىشىشچان بولۇپ ئاجىز تولۇقلاش  ...

بىر ھۈجەيرىدە ئۆزى بىلەن ئەڭ يېقىن ھۈجەيرىنىڭ ئەڭ ئاز نىسبەتتە ئالاھىدىلىكى بار.بىر ھۈجەيرە تامامەن ئۆلگەندە ئۇنىڭ بىلەن ئەڭ يېقىن ئارلىقتىكى ھۈجەيرە ئۇنىڭ ئۈچۈن تاكى ئۆزىدىكى ئوخشاشلىق بولغان ھۈجەيرە ھالىدىن كىتىپ ئۆلگۈچە ياردەم خىزمىتىدە بولىدۇ
=========
بۇنى نەدىن بىلدىڭىز؟ بولسا مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىغا ئائىت پايدىلىنىش ماتىرىيالىنى تەمىنلىسىڭىز.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 22:11:43

elikaram يوللىغان ۋاقتى  2014-1-31 22:02 static/image/common/back.gif
ھۈجەيرىلەر شۇ قەدەر ماسلىشىشچان بولۇپ ئاجىز تولۇقلاش  ...

غول ھۈجەيرىنىڭ ئەڭ سەرخىلى ئەلۋەتتە ئېسىل نەسەبلىك ئادەملەردە ساقلانغان بولىدۇ.
=====================
بۇ پۈتۈنلەي خاتا ۋە ئاساسسىز جۆيلىمە. غول ھۆجەيرىنىڭ سەرخىلى دىگەن قاندىقىنى كۆرسىتىدۇ؟ ئېسل نەسەبلىك ئادەملەر دىگەن قانداق ئادەملەر؟
بەت: [1] 2 3 4
: تاشپولات: بىر كۈن ئىچىدە دۇنياغا تونۇلغان قىز