bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 22:13:54

elikaram يوللىغان ۋاقتى2014-1-31 22:02 static/image/common/back.gif
ھۈجەيرىلەر شۇ قەدەر ماسلىشىشچان بولۇپ ئاجىز تولۇقلاش...

ھۈجەيرە نىمە ئۈچۈن بۆلىنىدۇ؟چۈنكى ھۈجەيرىدە ئىپادىلىگۈسىز ۋە بىلگۈسىز دەرىجىدىكى چەكسىز كىچىك ھۈجەيرىلەر ئەزەلى مەۋجۇت.
================
ھۆجەيرىدە چەكسىز كىچىك ھۆجەيرىلەر بولىدۇ؟!!!!!!!! ئەمدى بۇ گەپنى نەدىن تاپتىڭىز؟ بۇ گەپنىڭ ئىلمىيسىزلىكى مەن ھازىرغىچە ئاڭلىغان ھەر قانداق گەپتىن ئېشىپ كەتتى….

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 22:15:21

elikaram يوللىغان ۋاقتى2014-1-31 22:02 static/image/common/back.gif
ھۈجەيرىلەر شۇ قەدەر ماسلىشىشچان بولۇپ ئاجىز تولۇقلاش...

بۇ كىچىك ھۈجەيرىلەر زاۋۇتقا ئوخشايدۇ،زاۋۇتتىن تەرتىپلىك مەھسۇلات چىققىنىغا ئوخشاش بۇ ھۈجەيرىلەردىنمۇ تەرتىپلىك ھۈجەيرىلەر ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ.رەڭ ،شەكىل،ھەجىم ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلار كىيىن بۆلۈنۈپ مۇستەقىل گەۋدىگە ئايلىنىدۇ،ھەر قانداق ھۈجەيرە مۇستەقىل گەۋدىگە ئايلانغاندىن كىيىن رېتىملىق ئىشلەپچىقىرىشنى باشلاپ گۈزەل بىر ھۈجەيرە سانائىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
===================
نېمىدىگەن گۈزەل بىر چۆچەك...

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 22:17:22

elikaram يوللىغان ۋاقتى2014-1-31 22:02 static/image/common/back.gif
ھۈجەيرىلەر شۇ قەدەر ماسلىشىشچان بولۇپ ئاجىز تولۇقلاش...

ھۈجەيرىنى غول ھۈجەيرىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ تەجىربىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغىنى بىلەن بۇ غول ھۈجەيرە قانداق ئىقتىدارلىق تەن ھاسىل قىلىدۇ؟بۇ بىر مەسىلە.چۈنكى بۇ ھۈجەيرە ئۆزىنىڭ توپلامىدىكى پۈتۈنلەي ماس كىلىدىغان توپلام بىلەن رېئاكسىيەلەشتىمۇ يوق؟ئەگەر بۇ توپلام قىسمەن ماس كىلىش مۇناسىۋىتىدە رېئاكسىيەلەشكەن بولسا يېڭى تەنچىدە مەسىلە كۆرىلىدۇ.
===================
ئاپلا… ئەمدى گەپمۇ قالمىدى…..

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 22:19:42

elikaram يوللىغان ۋاقتى2014-1-31 22:02 static/image/common/back.gif
ھۈجەيرىلەر شۇ قەدەر ماسلىشىشچان بولۇپ ئاجىز تولۇقلاش...

ئاخىرقى سۆزۈم: بىئولوگىيە فانتازىيەلىك ھېكايە ئەمەس، ئۆزى ئويلىغان بويىچە توقۇۋالغىلى بولمايدۇ. چوقۇم توقۇمىسام بولمايتتى دىسىڭىز، بۇنىڭ ھىچبولمىغاندا ھېكايە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئۆزىڭىزنىڭ ھېكايە سۆزلىگىنىڭىزنىمۇ بىلمىسىڭىز، مەن ئەسكەرتسەم كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ چۈنكى بىئولوگىيە پېنىدە سىز دىگەن گەپلەر قۇرۇلمايدۇ ۋە ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسىي يوق.

kangasman يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 22:22:05

koktash يوللىغان ۋاقتى2014-1-31 21:56 static/image/common/back.gif
دېمىسىمۇ ئاياللار ئەرلەردىن ئەقىللىق، شۇنىسى ئاياللا ...

نۇرغۇن كاشپىياتلار خىيالدىن ئەمىليەتكە ئايلانغانغۇ .

elikaram يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 22:33:45

بۇ تەجىربە ئەزاغا كۆچۈرۈلۈپسىناقتىن ئۆتكۈچە ھەممىمىز ھاياجىنىمىزنى باسالمايمىز،ھاسىل قىلىنغان يېڭى غول ھۈجەيرىنىڭ مولىكۇلا بىئولوگىيىلىك مىخانىزىمى تەنچىدىكى غول ھۈجەيرە تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنامدۇ يوق؟تەنچىدىكى غول ھۈجەيرە بۇ غول ھۈجەيرىنى پارچىلىۋىتەمدۇ يوق؟ھەركەت پىرىنسىپى قانداق؟بۇلارتەجىربە قىلىنغاندىن كىيىن ئايان بولىدۇ.لىكىن مۇشۇنداق غول ھۈجەيرىنىڭ سۈنئى ھاسىل بولىشى دۇنيادا كومپىيوتېر پەيدا بولغاندىن كىيىنكى يەنە بىر غايەت چوڭ ئۆزگىرىشنىڭ مەيدانغا كىلىشىدىن بىشارەت بىرىدۇ.ئەگەر بۇ غول ھۈجەيرە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدە تەنچە ھاسىل قىلالىساتەتقىقاتچىلار ‹‹سۈنئى ئادەم ››تەتقىقاتىنى باشلاپ كىتىدۇ.ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىگە ئۇ چاغدا بىر نىمە دىمەك تەس.
ئادەم تىنىدە چەكسىز ھۈجەيرە ماشىنىللىرى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ،ئېرسىيەت غول ھۈجەيرىنىڭ (مەلۇم قىسمىنىڭ )يۆتكىلىش جەريانى،بۇ مەلۇم قىسىمدا ئەسلىدىكى غول ھۈجەيرىنىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكى ساقلانغان بولىدۇ.ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن ئەجدادى بىلەن ئەۋلادى تامامەن ئوخشاش بولمايدۇ؟چۈنكى ئەرنىڭ كۆپىيىش غول ھۈجەيرىسىگە ئاياللارنىڭ كۆپىيىش غول ھۈجەيرىسى ئاجىز تەسىر قىلغاندىن باشقا مەينەت يىمەكلىكلەرمۇ تەسىر قىلىدۇ.شۇ سەۋەپ ئەجداد بىلەن ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدا تۈپتىن ئوخشىماسلىق كۆرىلىدۇ.غول ھۈجەيرىنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ تۇرىدىغان غول ھۈجەيرىلەر بۇ يېڭى غول ھۈجەيرىنى قوللامدۇ يوق؟غول ھۈجەيرىلەرنى قوغدايدىغان ھۈجەيرىلەرنىڭ تەلىۋىنى قانائەتلەندۈرىدىغان غول ھۈجەيرىلەرنى ھاسىل قىلغىلى بولامدۇ يوق؟مىنىڭچە بۇ ئىش ئەمدى باشلىنىپتۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرگۈچە بىزنىڭ تىنىمىزئاللىقاچان تۇپراققا ئايلىنىپ بولغان بولىدۇ.
بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ كاللام تۇيۇقسىزلا سەگەكلىشىپ كەتتى.ئىنسانىيەتنىڭ ‹‹سۈنئى دەۋرى››مۇشۇنىڭ بىلەن باشلاندىمۇ؟ئاددى گېن ئۆزگەرتىشتىن ‹‹سۈنئى ئادەم››ياساش مۇمكىنچىلىكىگە قەدەم قويغىلى بولامدۇ؟
ۋاي نىمە بولسا بولمامدۇ؟ھاھھاھاھ...
كاللام ھەجەپ قالايمىقانلىشىپ كەتتى.
لىكىن بۇ ئويلىنىشقا تىگىشلىك،تەرەققىياتىغا ئىزچىل دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك تەجىربە ئىكەن.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 22:37:54

elikaram يوللىغان ۋاقتى2014-1-31 22:02 static/image/common/back.gif
ھۈجەيرىلەر شۇ قەدەر ماسلىشىشچان بولۇپ ئاجىز تولۇقلاش...

بۇ يۇمۇرمۇ ياكى؟!

elikaram يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 22:43:54

تولۇقسىزدا ئوقۇغانلىرىم شۇنچىلىك يادىمدا قاپتۇ،مەن بۇ ساھەنىڭ كەسىپ ئەھلى ئەمەس،مىنىمۇ ئازراق جان باققىلى قويۇڭلا؟ھاھاھھھا...
لىكىن بۇ گەپلىرىمنىڭ ھېچقايسىسى ئاساسسىز ئەمەس.چۈنكى ھۈجەيرىنىڭ ئىچىدە يەنە چەكسىز كىچىك ھۈجەيرىلەر بارمۇ؟ياكى چەكلىك ھۈجەيرىنىڭ تەسىر قىلىشىدىن تەنچە ھاسىل بولغانمۇ؟بۇنىسى ھازىرغىچە نامالۇم دە؟

elikaram يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 22:46:12

يەنىلا پەلسەپە سۆزلىسەم بولغۇدەك.يامىداپ دىگەن گەپلىرىمنى ئۇستاملار ئېتىراپ قىلمىدى ئەماسما؟ئەسلى مانداقلا دەپ قويغان گەپلەرتى.
ۋەھشى قىززىق گەپتىن تۆت-بەشنى قلىۋىتەيمۇ يا؟

elikaram يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 22:48:57

koktash يوللىغان ۋاقتى2014-1-31 22:37 static/image/common/back.gif
بۇ يۇمۇرمۇ ياكى؟!

ئۆزەم تاپقان بالا؟خاپىلىقنى ئىزلەپ يۈرۈيدىغان بوپكەتتىم مۇشۇ كۈنلەردە...ھاھاھاھھا.،.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 22:50:00

elikaram يوللىغان ۋاقتى2014-1-31 22:33 static/image/common/back.gif
بۇ تەجىربە ئەزاغا كۆچۈرۈلۈپسىناقتىن ئۆتكۈچە ھەممىمى ...

ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن ئەجدادى بىلەن ئەۋلادى تامامەن ئوخشاش بولمايدۇ؟چۈنكى ئەرنىڭ كۆپىيىش غول ھۈجەيرىسىگە ئاياللارنىڭ كۆپىيىش غول ھۈجەيرىسى ئاجىز تەسىر قىلغاندىن باشقا مەينەت يىمەكلىكلەرمۇ تەسىر قىلىدۇ.شۇ سەۋەپ ئەجداد بىلەن ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدا تۈپتىن ئوخشىماسلىق كۆرىلىدۇ.
===========================
دىگەنلىرىڭىزنى پۈتۈنلەي جۆيلۈش! ئەجداد بىلەن ئەۋلادتا ئوخشىماسلىق كۆرۈلۈشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى خىروموسۇملارنىڭ قايتا گۇرۇپپىلىشىشى تۈپەيلىدىن بولىدىغانلىقى دۇنياغا ئايان بولغىلى ئۇزۇن يىللار بولدى.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 22:50:05

شۇنداق قىلىڭە سىز يەنىلا پەلسەپە سۆزلىسىڭىز بولغۇدەك...

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 22:53:04

elikaram يوللىغان ۋاقتى2014-1-31 22:46 static/image/common/back.gif
يەنىلا پەلسەپە سۆزلىسەم بولغۇدەك.يامىداپ دىگەن گەپلىر ...

باشتا يۇمۇر سۆزلەۋاتىمەن دەپ ئەسكەرتىپ قويسىڭىز بولماسمىدى قان بېسمىمنى ئۆرلەتكۈچە؟ ئۆزەمنى ئاسرىسام بولغۇدەك…. :lol

elikaram يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 22:56:24

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elikaram تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-1-31 22:57

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-1-31 22:50 static/image/common/back.gif
ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن ئەجدادى بىلەن ئەۋلادى تامامەن ئو ...
بولدى گەپ قىلماي،يەنىلا قۇچقاچنى قاسساپ سويسۇن

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 23:03:05

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-1-31 23:05

koktash يوللىغان ۋاقتى2014-1-31 21:56 static/image/common/back.gif
دېمىسىمۇ ئاياللار ئەرلەردىن ئەقىللىق، شۇنىسى ئاياللا ...

ئاياللار ئاسان ھېسىياتقا بېرىلىپ كېتىدۇ، ھەمدە دىققتىنى ئەرلەدەك يىغالمايدۇ.
=================================
قىزىل رەڭدە بويالغان سۆزىڭىزگە بىر ئىسپات كۆرسەتسىڭىز بوپتىكەن.

بىزلەر ئاياللار ئۇنداق قىلالمايدۇ،ئاياللارنىڭ چوڭ مېڭىسى ئەرلەردەك ئىشلىمەيدۇ، قىز بالا دىگەن چوڭ بولغانسېرى دىققىتى چېچىلىپ كاللىسى ئىشلىمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، يەي…. دىگەندەك ئاللىقانداق قىزلارنى كەمسىتىدىغان گەپلەرنى ھىچ ئىسپاتسىز، ھىچ ئۇيالماي قىلىشىمىز ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قاپتۇ.
مۇشۇ تېما باھانىسدە ئاياللار ئەرلەردىن ئەقىلسىز، ئاياللار ئەرلەردەك دېققىتىنى يىغالمايدۇ دىگۈچىلەر بار ئىسپاتىڭلارنىڭ ھەممىنى تۆكۈڭلار، ئاندىن راست شۇنداق بولسا ھەممىمىز بۇندىن كىيىن بۇ گەپلەرنى ھىچ ئىككىلەنمەستىن خالىغانچە دەيلى. بولمىسا قىز-ئاياللارنى ئەقىل جەھەتتىن كەمسىتىدىغان گەپلەرنى ئاستا يىغىشتۇرايلى، قانداق؟

elikaram يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 23:07:26

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-1-31 22:53 static/image/common/back.gif
باشتا يۇمۇر سۆزلەۋاتىمەن دەپ ئەسكەرتىپ قويسىڭىز بولم ...

بىر نەرسە بىلەرمەنمىكى دەپ مانداقلا دەپ قويغان گەپتى ئۇ،لىكىن ‹‹سۈنئى ئادەم››ئۇقۇم دەۋرىمۇ پات ئارىدا كەپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ.
سىلىنىڭمۇ ئۆپكەڭلىنىڭ يېرىمىنى كىچىكىڭلىدە دوختۇر ئېلىۋەتكەندەك تۇرىدۇ جۇما؟شۇنداقمۇ جىددى پوزىتسىيە تۇتقان بارمۇ؟ھاھاھاھھا...
بىر نەرسە ئويلاپ قالدىم،فىزىكا،ئاتوم،مولىكۇلا دىگەندەكلەرگە قىزىقىشىم بار،تونۇشۇممۇ خېلى ياخشى.ئۈچ ئاي ئۆگۈنۈپ سىللى بىلەن تۇتۇشۇپ باقايمىكى؟بۇ جەرياندا مەن سورىغان سوئاللارغا جاۋاپ بىرىسىلە.ئۈچ ئايدىن كىيىن ھۈجەيرە توغرىسىسدا سىللى بىلەن مۇنازىرلىشىمەن.(ئالدىنقى كۈنى بېل گەيتېسمۇ بىر بالىدىن شاھماتتا يېڭىلدىغۇ؟مەن يېڭلىسام نىمە بوپتۇ؟)
مىنى بوش چاغلىماڭلا،ئۆگىنىش سۈرئىتىم ئاۋاز تىزلىكىدىن يۇقىرى،ئەتە كەچكىچە سىللى بىر تېما بەلگىلەڭلا،مەن شۇ تىمىنى چۆرىدەپ ئىزدىنەي.بۇ تەلىۋىمگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭلا.ئەسلى ئۆگىنىشنىڭ يولى مۇشۇ.

elikaram يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 23:09:54

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-1-31 23:03 static/image/common/back.gif
ئاياللار ئاسان ھېسىياتقا بېرىلىپ كېتىدۇ، ھەمدە دىقق ...

قىز-ئاياللارنى سەزگۈر دىسە ئىشىنىمەن،لىكىن ئەقىللىق دىسە سەل گۇمانىم بار.ئەمما ئايال زاتى بىر دۇنيادە.....خۇشاللىق شۇلاردا.....

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 23:13:03

elikaram يوللىغان ۋاقتى2014-1-31 22:43 static/image/common/back.gif
تولۇقسىزدا ئوقۇغانلىرىم شۇنچىلىك يادىمدا قاپتۇ،مەن ب ...

شۇ پەقەت كەلمىدى بۇ گەپلەر بىرەر مۇقامغا، مەن تېخى قىزىقچىلىق قىلىپ يۇمۇر ئېيتىۋاتامدىكىن دەپتىمەن.
ئادەم ئىنتايىن كىچىك ئادەملەردىن تۈزۈلگەن دېگەندەك گەپ بولۇپ قالدى بۇ. ھۆجەيرە ئېسىل نەسەبلىك كىشىنىڭ ياكى تۆۋەن نەسەبلىك كىشىنىڭ دەپ ئايرىلمايدۇ. ھۈجەيرە دېگەن ئەزا توقۇلمىلارنى تۈزۈگۈچى ئەڭ كىچىك فۇنكىسسىيلىك بىرلىك، ھۆجەيرە- تومتاق قىلىپ ئېيتقاندا ھۈجەيرە يادرۇسى، ھۈجەيرە ئارىلىق ماددىلىرى ۋە ھۈجەيرە پەردىسىدىن تەشكىل تاپىدۇ، ھۈجەيرە ئارىلىق ماددىلىرىنىڭ تەركىبى مۇرەككەپرەك، لېكىن ھۆجەيرە يادرۇسى ئەڭ مۇھىم، بارلىق ئېرسىي ئامىللار ھۈجەيرە يادرۇسىدا ساقلانغان بولىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھۈجەيرە يادرۇسى شۇ ھۈجەيرىنىڭ ياكى شۇ ئەزانىڭ ئىقتدارىنى بەلگىلەيدۇ، بۇ بەلگىلەيدىغىنى ھۈجەيرە يادرۇسى ئىچىدىكى ئرسىي ماددا بولغان خرومۇسۇمدىن ئىبارەت. ئىنسانلاردىكى خرۇمۇسۇم 23 جۈپ، يەنى 46 دانە بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 22 ىسى ئادەتتىكى خرۇمۇسۇم، پەقەت بىر جۈپى ئەر- ئاياللىقنى بەلگىلەيدىغان جىنسىي خرۇمۇسۇم ھېساپلىنىدۇ.
دەپ كەلسەك گەپ جىق، بۇ بىر چوڭ ئىلىم.
شۇڭا ئىنكاس يېزىشتىن بۇرۇن ئازراق بولسىمۇ ماتېرىيال كۆرىۋېتىپ يازارسىز، بولمىسا يۇمۇر ئوخشايدۇ دەپ كۈلۈپ سالىدىكەنمىز!

elikaram يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 23:18:46

koktash يوللىغان ۋاقتى2014-1-31 23:13 static/image/common/back.gif
شۇ پەقەت كەلمىدى بۇ گەپلەر بىرەر مۇقامغا، مەن تېخى قى ...

ھۈجەيرە يادروسى دىگەن گەپنى تاپالماي جىق قىينىلىپ كەتكەنتىم،سىز تىلغا ئالدىڭىز.دەل ئاشۇ ھۈجەيرە يادروسى نەسەبنى داۋاملاشتۇرغۇچىدۇر.
بولدى مەن چىكىنەي ،باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىش قابىلىيىتىم سەل يۇقىرى.ئەڭ ياخشىسى قۇلاق موللىسى بولاي.

Estami يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 23:20:01



http://v.youku.com/v_show/id_XNjY3ODg2NDEy.html
بەت: 1 [2] 3 4
: تاشپولات: بىر كۈن ئىچىدە دۇنياغا تونۇلغان قىز