nijat يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 16:27:02

سىزمۇ تېلېسكوپ قۇراشتۇرالايسىز (Nijat)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nijat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-30 16:30  



M42 يۇلتۇز تۇمانلىرى (توردىن ئېلىندى)


     باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمىدا جۇغراپىيە ، تەبىئەت دەرسلىرىگە باشقىچە ئىشتىياقىم بار ئىدى، ئازراق پۇل يىغساملا كىتابخانىغا بېرىپ شۇ تۈردىكى كىتابلارنى سېتىۋىلىپ ئوقۇپ چىقاتتىم.تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا فىزىكا دەرسىگە باشىقىچىلا بېرىلىپ كەتتىم، كىتابخانىدىن ئاددى تەجرىبىلەرنى ئىشلەشكە ئائىت كىتابتىن بىرنى سېتىۋالدىمدە ، ئۇنىڭدىكى تېلېسكوپ ياساش دېگەن تەجرىبىگە بەك قىزىقىپ قالدىم.  ئۇنىڭدا ئادەتتىكى تېلېسكوپنىڭ پىرىنسىپى ۋە قۇراشتۇرۇش ئۇسۇللىرى شۇنداق ئاددى چۈشىنىشلىك سۆزلەنگەن ئىدى.
ئەتىسىلا گىرادۇسلۇق كۆزئەينىڭ ئەينىكىدىن بىرنى تاپتىم، ۋە قۇياشقا تۇتۇپ نۇر يىغىپ فوكوس ئارىلىقىنى ئۆلچىۋالدىم، ۋە ئۆزۈمدە بار بولغان كىچىك بىر لوپا ئەينەك (سائەت رىمونتچىلىرى ئىشلتىدىغان) ،كىتاب مۇقاۋىلاشقا ئىشلتىدىغان سېرىق قەغەز (سمونت قەغىزى) قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ تېلېكسپتىن بىرنى ياساپ چىقتىم. ئۇ كۈنى شۇنداق ئېسىمدە ،ھاۋا شۇنداق سۈزۈك بولۇپ كەچقۇرۇنلىقى ئاسماندىكى ئاي شۇنداق يورۇق ئىدى. ئۈچ تال تاياقنى باغلاپ ئۈچپۇتتېرەك ياسىدىمدە تېلېسكپنى باغلاپ ئايغا قاراتتىم، فوكوس تەڭشەش ئارقىلىق ئاينى  ئوپموئوچۇق كۆردۇم،ئەينى چاغدا شۇنداق خوش بوپ كەتكەن.خەجلىگەن پۇلۇم كۆپ بولسا 1 سوم ياكى 2 سوم ئەتراپىدا ئىدى.

    ئارىدىن نەچچە يىللار ئۆتتى، ئالى مەكتەپتە ئوقۇپتىمەن، خىزمەتكىچمۇ چىقىپتىمەن، كىچىك چىغىمدىكى ھەۋەسلىرىمنى توختېتىپ قويمىدىم، قىزىقىش دائىرەم ئىچىدە كىتاب ماتېرىيال ،تور بەتلەرنى كۆرۈپ تۇردۇم. خىزمەتكە چىقىپ 4 يىل بولاي دېگەندە،2004-يىللىرىغۇ دەيمەن. بىر خىزمەتدىشىم، EachNet دەپ بىر تور بېتى باركەن، بۇ تور بەتتىن لازىملىق نەرسىلەرنى سېتىۋالغىلى بولىدىكەن دەپ تەۋسىيە قىلدى . بور تەر بەتكە كىرىپ باقسام بەك ياخشىكەن، ئەتراپىمىزدىن تاپقىلى بولمايدىغان كۆپ نەرسىلەرنى سېتىۋالغىلى بولىدىكەن، دەرھال تېزىملىتىشقا باشلدىم، كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخسىنى ئەۋەتىپ بەردىم. 15 كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىتتا ھېساباتتىن بىرنى بېجىرىۋالدىمدە ، 195 سومغا بىر سىفىرلق ئاپىرات،  260 سوم غا ئادەتتىكى ئەرزان تېلېسكوپتىن بىرنى سېتىۋالدىم. مالنى نەخ 20 كۈندە تاپشۇرۇپ ئالدىم، مال ئىشخانا ئادرېسىمغا كەلگەنلىكتىن ئىشخانامدىلا قۇراشتۇرۇپ سىناپ باقتىم. مەسىلە يوق، كەچ بولغاندا ئايغا توغرىلاپ كۆرۈپ باقتىم، ئاي  يۈزىدىكى كونۇسسىمان تاغلار شۇنداق ئېنىق كۆرۈنۈشكە باشلىدى. باشقا سەييارىلەرگە توغرىلاپ باقتىم، لېكىن ئىنىق بىر نەرسە كۆرەلمىدىم.

    كېينچە ماتېرىيال كۆرۈش جەريانىدا يۇلتۇز تۇمانلىرى، گالاكسىي، قۇياش سېستىمىسىدىكى سەييارىلارنى كۆرۈش ئۈچۈن چوڭ ئېغىزلىق تېلېسكوپ بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. يەنى تېلېسكوپنىڭ رولى جىسىمنى يېقىنلىتىش (ئارىلىق نېسبى يېقىن بولغاندا) بولماستىن، بەلكى ئاجىز نۇرنى كۆزىمىزگە كۈچەيتىپ بېرىشتىن ئىبارەت بولغاچقا تېلېكسكوپنىڭ چوڭايتىش ھەسسىلىكىگە ئالدىنىپ كېتىشكە بولمايدىكەن . مەن دەسلەپتە توردىن سېتىۋالغان تېلېسكوپنىڭ ئوبيېكتىۋ دىئامېتىرى 8سانتىېمېتىر،فوكوس ئارىلىقى  80 سانتېمىر، ئوكولىيار فوكوسلىرى 0.5 سانتىمىردىن تارتىپ 4 سانتمېتىرغىچە بولۇپ ، 3 ھەسسلىك بارلو لېنزىسىدىن بىرسى بار ئىدى، شۇنداق ھېسابلىساق ئەڭ چوڭ چوڭايتىش ھەسسلىكى 480 ھەسسە بولاتتى. ئەينى چاغدا بۇ سانغا سەل ئالدىنىپ كېتىپتىكەنمەن.

    ھەر قانچە ئالى تېلېسكوپ بولسىمۇ نەچچە نۇر يىلى يىراقلىقتىكى يۇلتۇزنى تىكتاكتوپ چوڭلىقىدا كۆرسىتىپ بېرەلىشى ناتايىن، لېكىن كۆزىمىز پەرق ئېتەلمەيدىغان، ھەتتا بەزى تېلېسكوپلارمۇ پەرق قىلالمىغۇدەك نۇرلارنى كۈچەيتىپ بېرەلىشى مۈمكىن. شۇڭا تېلېسكوپتا نۇر يېغىش كۈچى بىر مۇھىم كۆرسەتكۈچ.

    نۇر يېغىش كۈچى ئادەم كۆزنىڭ نۇر يىغىش كۈچىگە نىسبىي ئېيتىلغان ئۇقۇم بولۇپ تېلېسكوپ ئاساسىي لېنزىسىنىڭ مەيدان يۈزى بىلەن ئادەم كۆزى مەيدان يۈزىنىڭ نىسبىتىدۇر ، ئادەتتە ئادەمنىڭ كۆزنىڭ قارچۇغى تولۇق ئېچىلسا دىئامېتىرى 7 مېللىمىتىر چوڭلۇقتا  ئېچىلىش مۈمكىن، دىئامېتىرى 305 مېللىتىرلىق تېلېسكوپنىڭ نەزەرىيە بوىيچە نۇر يىغىش كۈچى تەخمىنەن  (305X305) /7X7=1898 . شۇڭا تېلېسكوپنىڭ ئاساسىي لېنزا (ئەينەك)  قانچە چوڭ بولسا نۇر يېغىش كۈچى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ.

    شۇنداق قىپ يۇلتۇز تۇمانلىرى، سەييارىلەر، گالاكسىيلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ بېقىش ئىستىكىم تېخىمۇ يۇقرىلىدى. توردىن چوڭ ئېغىزلىق تېلېسكوپلارنى كۆرۈپ باقتىم. تۆۋەنلىرى 10 نەچچە مىڭ سوم يۇقرىلىرى نەچچە يۈز مىڭدىن ئاشاتتى. باھاسى ھەتتا يەتتە خانىلىق سانغا بارىدىغانلىرىمۇ تۇراتتى. ئويلا ئويلا ، ئۆزەم قۇراشتۇرۇپ باقسام بولمامدۇ دېگەن خيال كاللامغا كېلىۋالدى. توردىن كېتەرلىك ماتېرىياللارنى ئىزلەشكە باشلدىم. ئەلۋەتتە دەسلەپتە ئاساسىي ئەينەك(لېنزا) نى ئويلىشىمىزدە، دېئامىېتىرى 310 مېللىمىتېر كېلىدىغان لېىنزىغا كۆزۈم چۈشتى ، باھاسى 20نەچچە مىڭ سوم، بەك قىممەت. كىچىكرەك لېنزىلارنى كۆرۈپ باقتىم، 154 مىللمېتىرلىقى 1500 سوم. ئاخىرى 305 مىللىمتېرلىق ھەم ئەرزان توختايدىغان، ھەم نۇر يېغىش كۈچى كۈچلۈك بولغان رېفىلېكتورلۇق (نيۇتون شەكىللىك) تېلېسكوپ قۇراشتۇرۇش ئويىغا كەلدىم.

    بۇ يەردە تېلېسكوپ ھەققىدە ئازراق توختىلاي: تېلېسكوپ ئادەتتە ئوپتىك قۇرۇلمىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ بىر نەچچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ، لېكىن كۆپ ئىشلىتىدىغىنىمىز ئاساسەن ئىككى خىل،يەنى رېفراكتورلۇق تېلېسكوپ ۋە رېفىلېكتورلۇق تېلېسكوپ.

    رېفىراكتورلۇق  تېلېسكوپ بولسا ئادەتتە  نۇر سۇندۇرىدىغان ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق پەردىلەنگەن لېنزا گورۇپپىسى  ئوبيېكتىۋ قىلىنغان تېلېسكوپتۇر، ئادەتتە دىئامېتىرى 10 سانتىمېتىر ئىچىدىكى تېلېسكوپلار كۆپ ئۇچرايدۇ، دىئامېتىرى چوڭلىرىنى ياساش سەل قېىين بولۇپ باھاسىمۇ بىر  قەدەر يۇقرىراق.

    رېفىلېكتورلۇق تېلېسكوپ بولسا ،ئەگرى يۈزلۈك نۇر قايتۇرغۇچى ئەينەك  ئوبيېكتىۋ قىلىنغان تېلېسكوپ بولۇپ، كىرگەن نۇر ئاساسى ئەينەكتىن قايتىپ تېلېسكوپ گەۋدىسىنىڭ ئالدىدىكى بىر 45 گىرادۇسلۇق ئەينەكتىن قايتىپ تېلېسكوپ گەۋدىسىدىكى ئوكۇلىيارغا چۈشىدۇ. بۇخىلدىكى  چوڭ ئېغىزلىق ئەينەكنى ياساش ئوڭاي بولۇپ ، نۇرى ئىنتايىن ئاجىز ئاسمان جىسىملىرىنى گۈزىتىش ئۈچۈن مۇشۇ خىلدىكى تېلېسكوپ ئشىلىتىلىدۇ.  
2008-يىلى يىلنىڭ بېشىدا پىلانلاشقا باشلىغان چوڭ ئېغىزلىق تېلېسكوپ ياساش پىلانىم  ئاخىرى 2009-يىلى يىل بېشىدا تاۋباۋ تورىدىن زاپچاسلارنى سېتىۋىلىش بىلەن باشلاندى.

«دۇڭكېدا» 305 مىللمېتىرلىق ئاساسى ئەينەك

    تېلېسكوپ ئوبيېكتىۋىغا "دۇڭكېدا" شىركىتى ياسىغان دىئامېتىرى 305 مىللىمېتر، فوكوس ئارىلىقى 1220 مېللىمتېرلىق ئەگرى يۈز ئەينەكنى تاللىدىم، ئەلۋەتتە 45 گىرادۇسلۇق قوشۇمچە ئەينىكىمۇ بىللە، دىئامتېرى 305 مىللىمېتىردىن ئاشىدىغانلىرىمۇ باركەن، بۇنداق بولغاندا ياسىماقچى بولغان تېلېسكوپ سەل ئېغىر ھەم سەل قىممەت توختاپ قالغۇدەك، شۇڭا مۇشۇ چوڭلۇقتىكىنى مۇۋاپىق كۆردۇم، بۇ ئەينەكنىڭ ئەينى چاغدا تاۋباۋدىكى باھاسى 2000 سوم ئەتراپىدا ئىدى. ھازىر كۆرۈپ باقسام 3000 سوم  ئەتراپىدىكىدەك  قىلىدۇ.


2 دىيۇملۇق فوكوس تەڭشەش دەستىسى

    فوكوس تەڭشەش دەستىسىنى تاللىغاندا، بۇنىڭغا 2 دىيۇملۇق ئوكۇلىيار سەپلىگىلى بولىدىغان چىشلىق چاقسىز دەستىسى تاللدىم، 2 دىيۇملۇق ئېغىزنى 1.25 ديىۇملۇققا ئالماشتۇرۇش ئېغىزىمۇ سەپلەكلىك بولۇپ 2 دىيۇملۇق ۋە 1.25 دىيۇملۇق ئوكۇلىيارلارنى سەپلىگىلى بولىدۇ. ،باھاسى 350 سوم ئەتراپىدا.


فوكۇس ئارىلىقى 25 مىللمىتېرلىق ئوكۇلىيار

    ئوكۇلىيارلارغا بولسا 6 مىللمېتىر، 1.1 مىللمېتىر (كەڭ بۇلۇڭلۇق) ، 25 مىللىمېتىر،40 مىللمېتىرلىقلارنى سەپلىدىم. بۇمۇ 300~400 سوم ئەتراپىدا.
تېلېسكوپ گەۋدىسىگە داتلاشماس پولات تۈنكىدىن سىلىندىر ياساپ، زاپچاسلارنى مۇشۇ سېلىندىر ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرماقچى بولدۇم. پولات تۈنكىنى قۇرۇلۇش ماتېرياللىرى بازىرىدىن سېتىۋالدىم. 200 سوم ئەتراپىدا.


كۆكتات توغراش تاختىسى

    ئاساسىي ئەينەك دەستىسى ئۈچۈن ئىشىلىتىغان يۇمىلاق تاختاي ئۈچۈن تاللا بازىرىدىن كۆكتات توغراش ئۈچۈن ئشىلىتىدىغان تاختاينى تاللىدىم، بۇرمىلىق مىخ، پۇرژىنا دىگەندەكلەر ماشىنا رېمونت دۇككانلرىرىدىن تېپىلدى. 200 ~300 سوم ئەتراپىدا.
تاۋباۋدا بۇيرىتىپ قويغان زاپچاسلارنى 1-ئاينىڭ  ئوتتۇرلىرىدا تاپشۇرۇپ ئالدىم.


MyNewton دېتالى ئارقىلق  سىزىپ چىققان چىرتىيۇژ

    خوش ئەمدى مەسىلە بۇ زاپچاسلارنى دەل جايىغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىدى. ئازراق خاتالىق كۆرۈلسە تەسۋېر سۈرەت ياخشى چىقمايتتى، ياكى فوكوس نوقتىسى فوكوس تەڭشەش دەستىسىنىڭ ئىچىدە قىلىپ فوكوس تەڭشىگىلى بولمايتتى.شۇڭا توردىن  مۇشۇ خىلدىكى تېلېسكوپ لاھىيەلەشتە ئشىلىتىدىغان يۇمشاق دېتال ئىزلدىم ، راستىنلا باركەن. MyNewton دەيدىغان بىر دېتال بولۇپ،  ئاساسىىي ئەينەك كۆرسەتكۈچلىرىنى كىرگۈزسەك ،ياسىماقچى بولغان تېلېسكوپىمىزنىڭ پارامىېترلىرىنى ھېسابلاپ چىقىرىپ بېرىدىكەن. بۇ دېتال ئارقىلىق بارلىق زاپچاسلارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان بارلىق  پارامېتىرلارنى ھېسابلاپ چىقتىم.


ھېسابلاپ چىققان پارامېتىرلار (ئەينى چاغدىكى سان سىفىرلار پەرقلىنىدۇ)
















    بۇ پارامېتىرلار بويىچە ئاۋۋال ئاۋۇ سېلىندىرنى قەشقەر ئۆستەڭبويى كوچىسىدىكى تۇنكىساز ئۇستامغا ياساتقۇزدۇم، ئاساسىي ئەينەك دەستىسى ئۈچۈن تاللىغان تاختايلارنىمۇ قاسقان ياسايدىغان ئۇستامغا مۇشۇ پارامېتىر بويىچە تۆشۈك تەشكۈزىۋالدىم.( بۇ جەرياندا يېقىندىن ھەمكارلاشقان دوستلارغا ، ھۈنەرۋەن ئۇستاملارغا ئالاھىدە رەخمىتىنى ئېيتىمەن) نىمە ئۈچۈن ئاساسىي ئەينەك دەستىسىنى بۇنداق لايىھىلىدىڭىز دېگەندە، رېفىلېكتورلۇق تېلېسكوپ نۇرنىڭ قايتىش رولىدىن پايدىلىنىپ ياسالغاچقا ئاساسىي ئەينەك ئازراقلا قىيپاش بوپ قالسا نۇر ئوقىدا مەسلە كۆرۈلۈپ تېلېسكوپ مەغلۇپ بولىدۇ. بۇ لايىھە بويىچە بولغاندا تېلېسكوپنى  ياساپ بولغاندىن كېيىن نۇر ئوقىنى قايتا تەڭشىگىلى بولىدۇ.


    بىر نەچچە كۈنلۈك قۇراشتۇرۇش ئارقىلىق 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇ تېلېسكوپ پۈتكەنمۇ بولدى ، ئالدى بىلەن نۇر ئوقىنى كۆرۈپ باقتىم ئازراق قىيپاش بولغانچا ئاستىدىكى بۇرما مىخ ئارقىلق بىر دەمدە تەڭشەپ بولدۇم. ئوكۇليارنى چېتىپ فوكوس تەڭشەپ باقتىم. ئەڭ يېقىن ئارىلىق بىلەن چەكسىز يىراقتىكى فوكوس تەڭشەش دائىرىسى نورمال چىقتى.

    قۇراشتۇرۇش ئىشلىرى ھەممىسى دېگۈدەك ئۆستەڭبويى قاسقان بازىرىدا  بولدى. پۈتكەندىن كېيىن ئۆيگە ئېلىپ كەتتىم، پۈتۈن ئېغىرلىقى 20  كېلوگىرام ئەتراپىدا ئېگىزلىكى 1مېتىر 20 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ ئېلىپ يۈرۈش ئانچە ئەپسىز بولمىدى.

    بىر نەچچە كۈندىن كېىيىن ئاسماندا 4 كۈنلۈك ئاي چىقىتى تېلېسكوپنى ئۆيدىن ھويلىغا ئەپچىقىپ ئاينى گۈزەتتىم. ئالامەت!!! چوڭ كۆزلۈك تېلېسكوپ راستىنلا قالتىسكەن. ئوكۇلىيار ئۈستىدىن بىر پارچە سۈرەتكىمۇ تارتىۋالدىم.

    يازمۇ بولدى ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى تېلېسكوپنى ھويلىغا ئەپچىقىپ يۇلتۇز تۇمانى M42 ، ۋېىنرا، ساتورىن، يۇپىتېر قاتارلىقلارنى گۈزەتتىم. ۋە ساتۇرىننى گۈزەتكەن ۋاقتىمدا بىر قانچە پارچە سۈرەتكە تارتىۋالدىم.

تۆۋەندىكىسى ئۆزەم تارتىۋالغان بىر قىسىم سۈرەتلەر

مۇشۇ تېلېكسكوپتا گۈزەتكەن تۆت كۈنلۈك  ئاي (2009-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى)


مۇشۇ تېلېسكوپتا گۈزەتكەن يۇپىتېر ( يۇپىتېر يېنىدىكى ئىككى يورۇق داغ بولسا يۇپىتېر ھەمراسى2009-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى)


قوياشنىڭ چولپان يۇلتۇزنى يۇتۇۋېىلىشى ( قوياش ئۈستىدىكى ئاۋۇ يۇمىلاق قارا چىكىت چولپان يۇلتۇزدۇر يەنى ۋېىنىرا 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى )


ئۆتكەن يىلى ساياھەتكە چىققاندا كۇچا چوڭ كۆل ئەتراپىدا تارتىۋالغان سامان يولى (2013-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى)


    ئەينى چاغدا تېلېسكوپ ئۈچۈن بىر تېرەك بىكىتىۋالماپتىكەنمەن،شۇڭا نىشاننى بېكىتىۋېلشىمغا ۋاقىت سەل كۆپ كېتىدۇ. ھازىر ئويلاپ باقسام بۇ خىلدىكى تېلېسكوپقا تېرەك ۋە نىشان بىكەتكۈچ زادى بەك زۆرۈكەن مۇشۇ يازدا  پۈتمىگەن جايلىرىنى بىر پۈتكۈزىۋېتىش ئويۇم بار.
قىززىقسىڭىز قېنى سىزمۇ سىناپ بېقىڭ، سىزمۇ ياسىيالايسىز
زاپچاسلارنى تاۋباۋدىكى مۇنۇ دۇكاندىن تاپالىشىڭىز مۈمكىن:
http://shop36252483.taobao.com/?spm=0.0.0.0.KXZSUH

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 17:08:41

ۋەھشىكەنسىزغۇ سىز، نىيوتون نۇر يىغقۇچ تېلېسكوپنى ياسىغاندىمۇ مۇشۇنداق قىلغان بولغايدى..

izdinix يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 17:18:50

Baqka يوللىغان ۋاقتى  2014-1-30 17:08 static/image/common/back.gif
ۋەھشىكەنسىزغۇ سىز، نىيوتون نۇر يىغقۇچ تېلېسكوپنى ياسى ...

مېنىڭ ئالى مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم:lol

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 17:22:25

تەرجىمەھالىڭىزغا قوشۇپ قويسا بولغۇدەك :lol

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 17:23:10

ئىشقىلىپ بىر كۈنلەردە مەنمۇ ياسايمەن مۇشۇ نەرسىنى {:112:}

function يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 17:51:48

ۋوججججووووو ما باللانى، ئالى مەكتەپنىڭ فىزىكا كەسپىدا 4 يىل ئوقۇغان باللامۇ قىلالماس بۇلارنى...

izdinix يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 17:56:56

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2014-1-30 17:22 static/image/common/back.gif
تەرجىمەھالىڭىزغا قوشۇپ قويسا بولغۇدەك

ئۇ تەرجىمالىمنى پارول يازغاندەك تۇرىدۇ:'(  ئىزدىنىشقا كىرىپ قالسا بەك ئۇرىۋېتىمەن:Q

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 18:05:15

ئۇرۇشقىلى كىرەمدىكىن ئەمدى :lol

Estami يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 19:56:21


خو ، قوللىڭىز ئەپچىلىكەن .چىرايلىق قوراشتۇرۇپىسىز.

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 20:27:52

قاشقادىن مۇشۇنداق قولى ئەپچىل ئوغا باللا جىق چىقىدا.....{:92:}

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 20:36:05

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2014-1-30 18:05 static/image/common/back.gif
ئۇرۇشقىلى كىرەمدىكىن ئەمدى

تادۇبەگ ، ئىزىدنىشنىڭ تەرجىمھالىنىڭ پارول نۇسخسىنى يوللاپ قويۇڭلار   (ئەڭ بولمىغاندا ۋېيشىندا  بەھىرلەپ قويۇڭلار )  ، كۆرەپ باقاي ...

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 20:49:40

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumaq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-30 20:55  

بۇدۇ قېتىم سۈنئىي ھەمرادىن بىرنى ياساڭلا، قەشقەر شەھەر ئىچىنىلا ئايلىنىدىغان قىلىپ.:lol

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 21:23:30

tumaq يوللىغان ۋاقتى  2014-1-30 20:49 static/image/common/back.gif
بۇدۇ قېتىم سۈنئىي ھەمرادىن بىرنى ياساڭلا، قەشقەر شەھە ...

http://bbs.izdinix.com/thread-56873-1-1.html
ما كىتاپتىن بىرنى سېتىۋىلىپ ، ئۆگىنىپ بولغاندا ، ماندا ئۇچقۇلارنى ئۇچۇرتۇپ ئوينايدىغان بولىسىلەر ....

flashboy يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 21:37:25

تېلىسكوپتا تارتىلغان سۈرەتلەر ھەقىقەتەن پەيزى تارتىلىپتۇ ، ساقلىۋالدىم ،ھەقىقەتەن پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە تېمىكەن ، ئۆزقولىدا ياسىغان تېلىسكوپتا يۇلتۇزلارنى كۈزەتسە ،يەنە تېخى شۇنداق پەيزى رەسىملەرنى تارتىپ خاتىرە قىلىپ ساقلاپ قويسا نىمدىگەن cool... ئىستىداتىڭلىغا  ۋە تۇرمۇش شەكلىڭلىگە قايىل بولماي تۇرالمىدىم ..
يەنە تېلىسكوپتا تارتقان يۇقارقىدەك سۈزۈك سۈرەتلەرنى كۆپرەك يوللاپ تۇرغايسىلە..سىلىگە ئۇتۇق يار بولسۇن !

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 21:38:25

بۇنداق ئىلغار نەرسىلەرنى بىزلا ياساپ ئۆتۈپ كەتمەيلى، خەقمۇ ياساپ باقسۇن ھەي.:lol

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 22:25:13

شۇنداق قىلىپ ، ئۈسكۈنە ، ماتىرىيال ، ئىش - ھەققى بولۇپ ھەممىسىگە جەمئى نەچچە پۇل كەتكەن بوپتۇ ؟  
تېمىڭىزنى كۆرۈپ ، مېنىڭمۇ بىرنى قوراشتۇرغۇم كېلىۋاتىدۇ ،  لېكىن بۇنىڭ تېخنىكىلىق ئۆلچەملىرى بىلەن پۈتكۈزۈش قولۇمدىن كەلمىگۈدەك  ... ،  
تېلىسكۇپ ئارقىلىق  دۇربۇندا كۆرگەندەك ، يىراق ئارىلىقنى كۆرگىلى بولمامدۇ ؟  مەن تېخى خىيالىمدا تېلىسكۇپتا تېخىمۇ يىراق ( دۇربۇندا كۆرگىلى بولمايدىغان ) نوقتىلارنى كۆرگىلى بولىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن.

TILSIMAT يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 22:26:45

ئىسىل تېما،ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق يۇقۇرى سەۋىيەلىك تېمىلارنى يازسا بەك ھاياجانلىنىمەن!!

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 22:39:34

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2014-1-30 22:25 static/image/common/back.gif
شۇنداق قىلىپ ، ئۈسكۈنە ، ماتىرىيال ، ئىش - ھەققى بولۇپ ھ ...

نىجات بۇ ھەقتە تىخىمۇ  تەپسىلىي يازماپتۇ ، مەسىلەن نۇر پىتىنقى ئەينەكتىن قايىتقاندىن كىيىن قايسى ئۇسكىنىلەردىن ئۆتۇپ  ئاندىن ئاسمان جىسىملىرىنى كۇزەتكىلى بولىدۇ ، توردىن سېتىۋالغان  ياكى بارلىق كېتەرلىك سايمان ۋە ماتىرياللارنىڭ تېپى ، باھاسى دېگەندەك  ...

قىلالمايمەن دەپ تۇرىۋالماڭلا نەسىن . سىللە قىلالايسىلە .

نىجات :   مەن كۆرگەن (توردا ) تىلىسكوپنىڭ يۇلتۇز ئىزدىگۇچ ( 寻星镜 ) دەيدىغان بىر يېرى بولىدىغان ،
يەنى تۆۋەندىكى رەسمىدىكى تىلىسكوپنىڭ ئۇستىدىكى بالا تىلىسكوپ ، بۇنىڭ رولى ھەقىقىدىمۇ چۇشەنچە بەرگەن بولسىڭىز ....

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 22:44:59

radiofan يوللىغان ۋاقتى  2014-1-30 22:39 static/image/common/back.gif
نىجات بۇ ھەقتە تىخىمۇ  تەپسىلىي يازماپتۇ ، مەسىلەن نۇ ...

مەن نەسىن ئەمەس ،  نەسىننىڭ قولىدىن كېلىشى مومكىن ، ئەمما مېنىڭ قولۇمدىن راسلا كەلمەيدۇ ،  ئەلۋەتتە نىجاد تېخىمۇ تەپسىلىرەك پارامېتىرلارنى قالدۇرسا شۇنىڭغا ئاساسەن شەكلىنى كەلتۈرۈپ قوراشتۇرالىشىم مومكىن ،  لېكىن ئۆلچەملىك ھالەتتە پۈتتۈرۈپ چىقالىشىم تەس ،  چۈنكى مەندە بۇنىڭغا قىزىقىش بولغان بىلەن ،  ئوپتىكا بىلىملىرىدىن راسلا خەۋەرسىزمەن ...

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 22:47:42

تېلىسكۇپتا راسلا يەر يۈزىدىكى يىراق نوقتىلارنى كۆزەتكىلى بولمامدۇ ؟

مەن بۇرۇن ، دۇربۇندا بىر نەچچە كىلومىتىر يىراقلىقنى كۆرگىلى بولسا ، تېلىسكۇپ ( تېخىمۇ چوڭ دۇربۇن بولغاندىكىن )  نەچچە ئون ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يىراق ئارىلىقنى كۆرگىلى بولىدۇ دەپ ئويلايتىم ،   بۇ راس ..
بەت: [1] 2
: سىزمۇ تېلېسكوپ قۇراشتۇرالايسىز (Nijat)