nur يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 23:45:30

شىئەندە خەنسۇ يولداشلار تېلېسكوپتا ئاينى كۆرسۈتۈپ ئادەم بىشىغا 10 كويدىن پۇل ئىلىپ تاپاۋەت قىلىدىكەن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 12:30:07

ماۋۇ ئوبدان سودا ئىكەن.. كېيىنكى تەتقىقاتقا مەبلەغ توپلاشنىڭ ياخشى ئامالىكەن.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-2-1 13:16:53

ئاپىرىن مۇشۇنداق ئىقتىدارلىق كىشىلرىمىز باركەندە سىزگە ئۇتۇق ۋە ئامەت ،بەرىكەت ۋە ھېكمەت تىلەيمەن .

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2014-2-1 16:37:31

بۇ ئۇسۇل نوچىكەن! :)

9-سىنىپ ئوقۇۋاتقاندا مەنمۇ بىرنى ياسىغان، لىكىن كېپلىر تىپىدىكىسى. ئۇ چاغلاردا ئىنتېرنېت يوق، ئەينەكنى نەدىن تىپىشنى بىلمەيتتىم. 100 گرادۇسلۇق قېرىلار ئەينىكى (دىئامىتىرى تەخمىنەن 5 سانتا، دۈگلەك بولىدىكەن، 老花镜 دەپ قوياتتىكەن) دىن بىرنى تاپتىم، فوكۇسى 80 سانتا ئۆپچۈرسىدە. رەخت دۇكانلىرىدىكى رەخت ئورايدىغان ئىچى كاۋاك نوغۇچقا ئوخشايدىغان قاتتىق كارتۇننى ئىشلەتتۇق. يەنە بىرىگە 5x, 10x, 16x لىك تەجىربىخانىلاردا ئىشلىتىدىغان مىكروسكوپنىڭ لىنزىسىنى ئىشلەتتىم. ئەسكى دۇربۇننى بۇزۇپ يۇلتۇز ئىزدىگۈچ قىلدىم يىنىغا قوشۇپ.

ئەپسۇس، 100 گرادۇسلۇق ئەينەكنىڭ ئوپتىك سۈپىتى بەكلا ناچار (نەچچە سومىغلا ئالغان) بولغاچقا، ھەسسىلىكىنى بەك چوڭايتقاندا تۇتۇقلىشىپ قالغانتى. شۇ پىتى تاشلاپ قويغان

pansat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-1 17:09:52

يامان ئەمەس توربېكەتتىن ئىزدىنىشلا قالغان ئوخشايدۇ ھازىر

nijat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-1 21:27:48

mohsin يوللىغان ۋاقتى2014-1-30 22:25 static/image/common/back.gif
شۇنداق قىلىپ ، ئۈسكۈنە ، ماتىرىيال ، ئىش - ھەققى بولۇپ ھ ...

ئەينى چاغدا پۈتۈن زاپچاسلارنىڭ باھاسىنى بىر قەغەزگە يېزىپ قويغان ئىدىم.تاپالمايۋاتىمەن. 3200 سوم ئەراپىدا پۇل كەتكەنغۇ دەيمەن. مۇشۇ خىلدىكىنى ھازىر قۇراشتۇرۇش توغرا كەپ قالسا 4500~5000سوم ئەتراپىدا پۇل كېتىشى مۈمكىن. نيۇتون شەكىللىك تېلېسكوپنىڭ200 مىللىمېتىرلىقنى قۇراشتۇرسائەرزانراق توختىشى مۈمكىن.

nijat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-1 21:32:27

radiofan يوللىغان ۋاقتى2014-1-30 22:39 static/image/common/back.gif
نىجات بۇ ھەقتە تىخىمۇتەپسىلىي يازماپتۇ ، مەسىلەن نۇ ...

يۇلتۇز ئىزدىگۈچ (نىشان بىكەتكۈچ) نىڭ رولى بولساگۈزەتمەكچى بولغان نىشاننى تەخمىنىي بېكىتىۋىلىشتىن ئىبارەت، تېلېسكوپنىڭ چوڭايتىش ھەسسىلىكى قانچىكى چوڭ بولسا كۆرۈش بۇلۇڭى شۇنچە تار بولىدۇ، شۇڭا نىشاننى بېكىتىش سەل قىينغا توختايدۇ. ئاۋۇ نىشان بىكەتكۈچ بولسا چوڭايتىش ھەسسلىكى كىچىكرەك بولغان بالا تېلېسكوپ بولۇپ ، كۆرۈش بۇلۇڭى سەل چوڭراق، ھەم ئانا تېلېسكوپ بىلەن ئاساسەنبىر ئوقتابولۇپ، بۇ ئارقىلىق نىشاننى تىز سۈرئەتتە بىكەتكىلى بولىدۇ.

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-4 23:40:29

nur يوللىغان ۋاقتى2014-1-30 23:45 static/image/common/back.gif
شىئەندە خەنسۇ يولداشلار تېلېسكوپتا ئاينى كۆرسۈتۈپ ئاد ...

ئۈرۈمچىدە يۇلتۇز كۆرگىلى بولمىسا،بۇ سودىنى قىلغىلى بولماس

azmat0991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-5 20:55:15

سىناپ باقساق بولغۇدەك ...تىمىڭىزنى ساقلىۋالدىم..

uyghura يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 21:41:55

قالتىسكەنسىلە ، مەن قاراپ ئولتۇرۇشتىن باشقىنى قىلالمىدىم:dizzy:

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 16:18:08

قەشقەردە تۇرۇپ بايغا توغىرلاڭلا تېلكىسوپىڭلىنى،بىر كۈرۈنىۋالاي مەن سىلى ياسىغان ئاۋۇ نەرسىگە{:87:}{:87:}{:87:}{:87:}

kaisar136 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 18:25:19

رادىئو اەن قېرىندىشىم مۇشۇ نەرسىنى ياساش ۋە تەڭشەش توغرىسىدىكى توربەت ئادرىسىنىتەمىنلەپ بېرەلەمسىز؟

kaisar136 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 18:27:37

كەچۈرۈڭ،تۇنجى قېتىم ئىنكاس يېزىشىم بولغاچقا ،ئىملا خېلىلا خاتاكەن.تۈزۈتۈپ قويدۇم.
رادىئوفەن قېرىندىشىم مۇشۇ نەرسىنى ياساش ۋە تەڭشەش توغرىسىدىكى توربەت ئادرىسىنى تەمىنلەپ بېرەلەمسىز؟

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 09:03:58

kaisar136 يوللىغان ۋاقتى2014-2-14 18:27 static/image/common/back.gif
كەچۈرۈڭ،تۇنجى قېتىم ئىنكاس يېزىشىم بولغاچقا ،ئىملا خې ...

مەنمۇ ھازىرغىچە ئەمەلىي بويۇمىنى كۆرۇپ باقمىدىم ،توردىن خەقنىڭ ئۇچۇرغىنى كۆردۇم .ئەمما بۇ نەرسىنى( 单片机) مىكرو كونتىرۇللىغۇچبىلەن كونتىرۇل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىمەن ، مەنمۇ تىخى تولۇق ئۆگىنىپ بولالمىدىم ...

tarimrose يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 18:32:42

بەك يامانكەنسىز،ئاي چىققاندا قەشقەرگە بىرىپ قالسام ،تىلكوسوپنى بىرىپ تۇرۇڭ ھە:P

hezret يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 13:00:55

ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر!
مۇبارەك بولسۇن!

magma يوللانغان ۋاقتى 2014-4-30 10:13:28

nijat يوللىغان ۋاقتى2014-2-1 21:27 static/image/common/back.gif
ئەينى چاغدا پۈتۈن زاپچاسلارنىڭ باھاسىنى بىر قەغەزگە ...

تىلىسكوپنىبازاردىن سىتىپ ئالسا بەك قىممەتمىدۇ؟   ئۆزى ياساپ قۇراشتۇرۇش بەك كۆپ بىلىم تەلەپ قىلدىغان مۇرەككەپ ئىشكەنئاددى كاللا بىلەن پۇتكۇزۇش تەستەك قىلدۇ

dixwari يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 17:24:27

فاقاءتبى
بەت: 1 [2]
: سىزمۇ تېلېسكوپ قۇراشتۇرالايسىز (Nijat)