jewlan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 10:51:15

سىلەرمۇ شۇنداقمۇ

توۋا دەيمەن دە ، تۇرمۇشتىكى بەزى كىچىك ئىشلارغا .......

داۋاملىق  ئوڭ قولۇمدا بىر نەرسە كۆتۈرۋالغاندا سول قولۇمدا  ئاچقۇچنى ئالماقچى بولسام بىرەر قېتىممۇ ئاچقۇچنىڭ سول يانچۇقۇمدىن چىققىنىنى بىلمەيمەن ،  شۇنىڭدەك سول قولۇمدا بىر نەرسە كۆتۈرۋالغاندا ئوڭ قولۇم بىلەنمۇ ئوڭ يانچۇقۇمدىن ئاچقۇچۇمنى ئېلىپ باقمىدىم ، ئالدىرغاندا  يا قاملاشمىغان ھالدا ئوڭ قولۇم بىلەن سول چاپان يانچۇقۇم ياكى ئىشتان يانچۇقۇمنى ئىزدەيمەن ، ياكى كۆتۈرۋالغان نەرسىنى سول قولۇمغا ئالماشتۇرۇپ ئاندىن بەھۇزۇر ئىزدەيمەن:L

مانچىستېر بىرلەشمىسىنىڭ ۋە تۈركيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى پۇرسەت بولسىلا كۆرۈپ قويىمەن ،  مېنى ھەيران قالدۇردىغىنى بولسا ئەڭ ئامراق بۇ ئىككى كوماندام داۋاملىق مەن تازا تەييارلىق قىلىپ يىمەك ئىچمەكلەرنى تەييارلاپ ئاغىنلىرىمنى چاقىرىپ تازا ئولتۇرۇپ كۆرگەندە ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ ، كۆرمىسەم ياكى ئاندا مۇندا باش ئاخىرىنى كۆرەپ قالغان مۇسابىقىلەردە بولسا ۋەھشەت ئوينىشىپ قويىدۇ:Q

يىغىنلاردا ئولتۇرسام نەدىن كېلىدىكىن ، شۇنداق تاتلىق بىر ئۇيقۇلۇرۇم كېلىپ ، كۆزلىرىم يۇمۇلۇپ  بىرسى يەلكەمدىن يەرگە بېسىۋاتقاندەك ئېغىرلىشىپ كېتىمەن ، ئو ھوش... قۇرۇق گەپنى ئاڭلىغۇچە غىپپىدە ئۆيگە بېرىپ ئۇخلايچۇ دەپ غىپپىدە سۇغۇرلۇپ چىقىپ ئۆيگە بېرىپ ياتسام ئاسماندىمۇ يەردىمۇ يوق ھە ھېلىقى ئۇيقۇ....:dizzy:

ئەقلىم يەتمەيدىغان يەنە بىر ئىش ، بۇ قاتناش ساقچىلىرى نەدە ئاشۇ كېنىشكىلەر ئۆيدە قالغاندا تاللاپ تۇرۇپ مېنى تەكشۈرۈپ باقىدۇ ، 364 كۈن كېنىشكەم تولۇق ماڭغاندا بىرەر قېتىم تەكشۈرۈلۈپ باقمايمەن ،  بىر كۈن ئېگىز پەس بولۇپ قالغان كۈنى  زادى بىر ساقىچى توسۇپ باقىدۇ ، ئادەمنى يالۋۇرتۇپ :'(

سىلەرنى بىلمىدىم ، لېكىن مەن كىچىگىمدىن مۇشۇنداق پالاكەت :(  ئاق بولسۇن دىگىنىم قارا بولۇپ قېلىۋاتقان ، كۆك بولسىكەن دىگىنىم قىپ قىزىل:L  
بۇ قانۇنىيەتنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن مەن قارمۇقارشى ئارزۇ قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپمۇ باقتىم ،   مەسىلەن شۇنداق مۇھىم ۋاقىتلاردا كۆڭلۈمدە شۇنداق دەم ئالغۇم بار بولسىمۇ قەستەنگە  ما ھەپتە ئاخىرى بىر دىجورنى تۇرسام بولىتى دەپ يالغاندىن ئارزۇ قىلىپ باقىمەن :P  نەتىجىدە ........
نەتىجىدە راستىنلا  دىجورنى بوپ قالىمەن:curse:  ھاياتنىڭ زادى مېنىڭ نىمە ئويلاۋاتقىنىمنى بىلىپ تۇردىغان بۇ كارامەتلىرىگە  قايىل بولماي دىسەممۇ ئامال يوق مۇشۇنداق ، قايىل بولۇنۇپ كېتىمەن .....
ھەي ، نىمە دەيمىز ئەمدى ،  ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق ، سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق دىسە ھەقراست دەپ يۈرۈپتىمىز ، يېقىندىن بۇيان ئۈندىداردىكى پەيلاسوپ بۇرادەرلىرىمنىڭ  « تۇرمۇش ساڭا كۈتكەننى ئەمەس ، كۈتمىگەننى ئەكىلىپ بېرىدۇ :) ........›› دىگەن ھېكمەتلىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن بىر ئاز تەسەللى تېپىپ قالدىم دىسە ....
سىلەرچۇ دوستلار ، سىلەرمۇ قايىلمۇ ھاياتنىڭ بۇ تەرەپلىرىگە;P

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 10:58:32

  دۇككاندا قاتتىق ئالدىراش گۆش سېتىۋاتقاندا تۇيۇقسىز پىچىقىمنى نەگە قويغىنىمنى بىلمەي ئىزدەپ كىتىمەن بىر ھازا.  بىردەمدىن كىين ئۆزىچىلا قولۇمغا چىقىپ قالىدۇ.  تۈنۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى. سەھەردە دۇككاننى ئېچىپ ئىككى پىچاقنىڭ بىرىنى پەقەت تاپالمىدۇق.  دادام ئىككىمىزنىڭ ئىزدىمىگەن يېرىمىز قالمىدى. خېرىدارلار ئۆچۈرەت تۇرۇپ كەتتى.  دادام كىسىپ بولسا مەن ئېلىپ كىسىپ بىر پىچاقتا قاتتىق ئالدىراش گۆش سىتىۋاتساق ئۆزىچىلا بىر يەرلەردىن قولۇمغا چىقىپ قالدى يەنە بىر پىچاق. ئىككىمىز تەڭ كۈلۈشۈپ كەتتۇق. توۋا دىيىشىپ.  {:87:}

mux يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 10:59:15

ۋەھشى توغرا كىلىشتە بۇ :L

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 11:12:01

بىر ئىشنىڭ 1000خىل نەتىجىسىنى پەرەز قىلسام دائىم 1001-خىل نەتىجىگە ئېرىشىمەن...

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 11:18:28

نەچچە قېتىم سىرىتقا چىققاندا ئاچقۇنى ئالماي ئىشىكنى ئېتىپ قويۇپ قايتىپ كەلگەندە يانچۇقنى ئاختۇرۇپ تاپالماي ، قۇلۇپ ئاچىدىغانلارنى چاقىرىپ ئاچقۇزدۇم :o

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 12:02:48

مۇشۇ ئىشلارنىڭ مۇشۇنداق بولۇۋاتقىنى ئۈستىدە ئويلىنىپ تېما يازغانلىقىڭىزنىڭ ئۆزىلا سىز زىيادە سەزگۈرلۈك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىنىۋاتقانلىقىمىكىن دەيمەن ، چۈنكى مەنمۇ بەزىدە ئۇششاق تەپسىلاتلارنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە زېھىن قاتۇرىدىغان بولۇپ قالغانلىقىمنى ئاغىينىلەرگە  ئېيتسام ئۇلار شۇنداق دىيىشكەن ئىدى.
بەزىدە قۇچاقتىكى قىزىمنى ئاپا دەپ چاقىرىپ سالىمەن ، ساقچى ئاغىينەممۇ بەزىدە جىددى مۇنازىرلىشىپ قالساق پاراڭ ئارلىقىدا مىنى خۇتۇن دەپ چاقىرىپ سالىدۇ {:90:} شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ ئىشلارنىڭ يەنە يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن ئاتايىتەن ئۆزەمنى ۋا ئاغىينەمنى ئەسكەرتىپ تۇرىمەن .

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 12:30:47

مەنمۇ كۆپىنچە ئوڭ قولۇمدا نەرسە كۆتۈرىۋېلىپ، سول قولۇمنى ئوڭ يانچۇقۇمغا تىقىپ ئاچقۇچ ئىزدەيمەن.{:101:}

gewala يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 12:32:35

مىنىڭچە بىغەم  ۋە پەرۋاسىز ئادەملەردە بۇنداق ئەھۋال يوق دەپ ئويلايمەن ،
بىر مەزگىل ئۆيدىن چىقىپ بولۇپ ئىشىكنى تاقىدىممۇ تاقىمىدىممۇ دەپ دەر گۇمان بولىدىغان بولۇپ قالغان ، قايتىپ قارىسام  ھەر قېتىم تاقىغان چىقاتتى، كىيىن مۇشۇنداق ئەھۋاللاردا  ئوھۇش كىمنىڭ كارى ، تاقىدىم  دەپ كىتىۋىردىغان بولدۇم .

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 12:39:53

ئادىل مىجىت باما :lol:lol

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 12:43:22

مەندىكى تەكرارلىنىۋاتقىلى 12 يىل بولغان بىر ئەھۋال...بەك ئازاپلىق
ئىشىككنىڭ قۇلپىسىنى ئەتكىنىم ئىنىق ئىسىمدە تۇرسىمۇ 1-قەۋەتكە چۈشۈپ بولغاندىن كىيىن
ئۇنتۇپ قالغانتىمەنمۇ! دەپ 4-قەۋەتكە قايتا چىقىپ ئىشىكنى تارتىپ باقىمەن...
ئىزچىل شۇنداق.. بۇ نىمە  ئىشتۇ!؟:)

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 13:09:42

يۇقارقى قەۋەتتىكى بۇرادەر ئىككىمىز ئوخشاش ئىكەنمىز،  راستىنلا بەك ئازاپلىق

بىزنىڭ مەكتەپ بىر ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى سىزغۇچنى قولدا تۇتىۋىلىپ يىرىم كۈن ئىزدىگەن،  ھىلى بار ئىىدى، تاپالمايۋاتىمەن،  پۇتۇن ئىشخانىنى ئالا قويماي ئىزدەپ چىققان،  بۇ ئىش ھازىرغىچە مەكتەپتە يۇمۇر بۇلۇپ سۆزلىنىدۇ.

1-يىللىققا ئىلىپبە دەرس بىردىغان بىر ئوقۇتقۇچى بىر قىتىمىلىق ئۇچۇق دەرستە ‹‹ ئى›› ھەرپىنى ئۆتكەندە ،  ھۇدۇقۇپ كىتىپ  مۇشۇك ئىيىقتىكى  ئى،   مۇشۇك ئىيقتىكى ئى   دەپ ئۆتۈپ چىقىپتىكەن.

يەنە بىر ئوقۇتقۇچى ئۇچۇق دەرسىتە،   ‹‹ سىلكىش›› دىگەن خەتنى دوسكىغا يازدىم دەپ ‹‹ل ›› ھەرپىنى چۇشۇرۇپ قويۇپتىكەن،  ئۇ ھەرپ چۇشۇپ قالسا نىمە دەپ ئوقۇلدىكىن ئۆزۈڭلار ئۇقۇپ بىقىڭىلار،    بۇلارنىڭ ھەممىسى راست بولغان ئىشلار

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 13:37:13

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Kanji تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-29 13:38  

مەن يۈزدە توقسەن تۇققۇز ۋاقىتتا (مەيلى ئۆي،مەيلى ئاغىنلەر بىلەن ئولتۇرغان سۇرۇن)ئۇبۇرنىغا كىرگەندە 3 مىنۇت بولسىمۇ ھىچكىم ئىشىك چەكمەسلىكنى (ئىشىكنى ئىتتىرمەسلىكنى) خۇدايىمدىن تىلەپ كىتىمەن،لىكىن  ھەر قېتىم 30 سىكنۇت بولا بولماي دەخلىگە ئۇچۇرغىنىم ئۇچۇرغان..:'(

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 13:38:21

uqkun1 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-29 12:02 static/image/common/back.gif
مۇشۇ ئىشلارنىڭ مۇشۇنداق بولۇۋاتقىنى ئۈستىدە ئويلىنىپ  ...

بەلكىم سىز دىگەندەكتۇر بۇرادەر...
ئىشقىلىپ ،  مەن ئەزەلدىن ئۇششاق تەپسىلاتلارغا بەك زەڭ سالىمەن دەپ ئۆزەمنى چارچىتىۋالىمەن ، بۇمۇ بولمايدىغان ئىشكەن ...

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 13:42:44

چۈش كۆرۈپ ئويغىنىپ، كۆرگەن چۈشىڭىز ھەققىدە سائەتلەپ ئويلىنىپ كېتىسىز «نىمە ئىشتۇ بۇ؟» دەپ، ئاندىن يەنە ئۇخلاپ قالىسىز. ئەتىگىنى ئويغىنىپ ئەسلىسىڭىز چۈشىڭىز تۈگۈل ئويلىغان ئويلىرىڭىزنىمۇ تاپالمايسىز. ئارىدىن ھەپتە- ئون كۈن ئۆتكەن بىر كۈنى، بىر ئىشلارغا شاھىت بولىسىز. قارىسىڭىز بۇ ئىشنى بۇرۇن بىر يەردە بىر قېتىم كۆرگەندەك، ئىشنىڭ راۋاجىغا ماسلىشىپ «ئانداق بولىدۇ، مانداق بولىدۇ، ئاۋۇ ئولتۇرىدۇ، ماۋۇ سەكرەيدۇ» دەپ خىيال سۈرسىڭىز، ئىشلار دەل سىز ئويلاۋاتقاندەك بولۇۋاتقان....
ھەقىچان مانداق جىلە بولدىغانلارمۇ كۆپقۇ دەيمەن{:88:}

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 13:50:00

ئويلاپ  باقساق ، ئىنساننىڭ مېڭىسى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار  «ھىساپلىغۇچ» كەن ، بۇ يەردىكى پىكىر قىلىش جەريانى ھىساپلاش جەريانى بولۇپ ،  مېڭىمىز كۈندە قىلىپ كۆنۈپ كەتكەن ئىشلارغا نىسبەتەن خۇددى كومپيوتېردەك خەق تۈزۈپ قويغان فۇنكىسىيە  ، ئۇسۇللارنى بىۋاستە قوللىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدىكەن ، يېڭى ، مۇھىم ئىشلارغا ئۇچرىغاندا بولسا ئاندىن ئۆزىدە ئەسلىدە بار بولغان ھىساپلاش ئىقتىدارىنى قوزغىتىدىكەن ، يۇقىردا بىز مىسال ئالغان ئىشلار ھەممىسى تۇرمۇشتىكى ئەقىل ئىشلتىش ھاجەتسىز ئۇششاق ئىشلار بولغاچقا ، مېڭىمىزنىڭ بۇ ئىشلارغا نىسبەتەن تۇتقان سەزگۈرلۈك دەرىجىسى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدىكەن ،  شۇڭلاشقا بەزىدە يېرىم كېچىدە چىقىپ ئىتىكلىك ماشىننى يەنە بىر قېتىم ئىتىۋېتىپ توڭلاپ يۈگرەپ كىرىپ كېتىدىكەنمىز :funk:

balahor يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 13:56:28

boran0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-29 13:42 static/image/common/back.gif
چۈش كۆرۈپ ئويغىنىپ، كۆرگەن چۈشىڭىز ھەققىدە سائەتلەپ ئ ...

توۋا دەيمە .... سىزگە ئوخشاش بوپ قالىمە تولا ......

function يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 14:10:36

ماڭا ئەڭ جىق ئۇچرايدىغىنى: بىر ئىشلارنى قىلىۋتسام ياكى بىر ئىشلارغا ئۇچرىسام بۇرۇن بىر چاغلاردا دەل ھازىقىدەك قىلىۋاتقان ياكى ئۇچراۋاتقاندەك تۇيغۇ بولۇپ قالىدۇ.

pigan0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 14:27:46

بۇرۇن بىرئوغرى باركەنتۇق باشقىلارنىڭ ئۆيىگە ئۆي ئىگىسى ئۇخلاپ بولغىچە بىرئاماللانى قىپ كىرىۋىلىپ ئۆيدىكىلە ئۇخلايدىگەندە مۇشۈكنىڭ مىياۋلىغىننى دورايدىكەن،شۇنىڭ بىلەن ئەرئايال گۈشنى ئۇبدان جايلاشتۇغان جايلاشتۇرمىغىنىنى دىيىشىپ ئۆيدىكى باشقا پۇلمېلىنىڭمۇ گىپىنى قىلىشىپ سالىدىكەن ،ئوغرى ئۇلارنىڭ دەپبەرگىنق بۇيىچە قېينالمايلا ئالىدىغىننى ئەپ چىقىپ كىتىدىكەن.بىركۈنى بۇئوغرى ئادىتى بۇيىچە بىرئۆيگە كىرىپ ئۆيدىكىلەرنىڭ ئۇرۇن لىرىنى سېلىپ يېتىشىنى ساقلاپتۇ بىركەم بولغاندا ئۆيدىكىلەر يېتىشى مىياۋ دەيمەندەپ مۈشۇك دەپ قۇيۇپ تۇتۇلۇپ قالغان ئىكەن :)

makansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 14:50:19

مىنىڭ ئوڭ يانچۇقۇمدا ئاچقۇچ، سول يانچۇقۇمدا تېلىفۇن تۇرىدۇ. ياز كۈنلىرى پورتمال كەينى يانچۇقۇمدا تۇرىدۇ، باشقا ۋاقىتلاردا ئاساسەن چاپىنىمنىڭ سول تەرەپتىكى مەيدە يانچۇقىدا تۇرىدۇ. باشقا مۇھىم نەرسىلەرنى يانچۇقۇمغا سېپ قويساممۇ قەيەرگە سالغىنىمنى ئوبدان بىلىمەن. شۇڭا باشقىلارنىڭ بىر نىمىلەرنى ئىزدەپ ھەممە يانچۇقلىرىنى تەڭ ئاختۇرۇپ يۈرگىنىنى كۆرسەم ھەيران قالىمەن.
ئەمما زە ماڭىمۇ نەچچە يىل بولدى، ئىشىكنى تاقىدىممۇ تاقىمىدىممۇ دەپ كەينىمگە يېنىپ قاراپ باقىدىغان ياكى يېرىم كېچىدە يوتقاندىن سۇغۇرۇلىدىغان بوپ قالدىم:Q
مەن تېخى نېرۋام سەل ئاجىزلاپ دىققىتىم چېچىلىدىغان بوپ قالغان چېغى دەپ يۈرۈپتىمان، قارىسام كۆپۈنچىڭلاردا باركەن ئەمەسمۇ بۇنداق ئىش
بەت: [1] 2 3
: سىلەرمۇ شۇنداقمۇ