tanha19 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 08:39:01

مەن پورتمالنى ئىشتاننىڭ ئوڭ يانچۇقىغا، تىلفۇننى سول يانچۇقىغا، ئاچقۇچلارنى بىرلەشتۈرۈپ كاسا يانچۇققا سېلىپ قويىمەن، بۇنىڭدا ئازمايمەن. لىكىن ئىشىكنى تاقىغان تاقىمىغانلىقىمدىن ئەنسىرەيمەن. ئەڭ مۇھىمى نۇرغۇن ئىشلارنىڭ يامان تەرىپىنى ئويلىۋالىدىكەنمەن... شۇنىڭ بىلەن يوق غەملەرنى يەپ يۇرگەن...

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 12:20:29

تازا قىززىق تېما بوپتۇ بۇ ... قىزىقارلىق ئىنكاسلارنى كۆرىۋېتىپ بىر ئىش ئېىسمگە كېلىپ قالدى ...
نەچچە يىلنىڭ ئالدىدائۆيدىن بىر قولۇمدا تىكتۈرمەكچى بولغان ئايىقىمنى، بىر قولۇمدا ئەخلەتنى كۆتىرىپ چىقىپ ، موزدۇزنىڭ ئالدىغا بارغاندا قارىسام قولۇمدا ئۆيدىن كۆتىرىپ چىققان ئەخلەت تۇرىدۇ . ئەسىلىدە قولۇمدىكى ئاياقنى ئەخلەت دەپ ئولتۇراق رايوننىڭ ئەخلەت تۇڭىغا تاشلىۋېتىپ ،ئەخلەتنى مۇزدۇزنىڭ ئالدىغىچە كۆتىرىپ بېرىپتىكەنمەن ...:lol

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 14:25:19

قىزىق تېمىكەن بۇ .
بەزىدە كوچىلاردا تۇنۇش بىرسى ئۇچرايدۇ ،چاقىرماقچى بولمەن ئەمما دەمالىققا ئىسمىنى تاپالمايمەن ،شۇنىڭ بىلەن چاقىرماي ئۈتۈپ كىتىمەن .ئاندىن نەچچە كۈن ئويلاپ كىتىمەن بۇنىڭ ئىسمى نىمىدۇ دەپ

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 14:26:04

مەن كۆرگەن چۈش دائىم ئەمليىتىمدە يۈز بېرىدۇ، توۋا ھەيرانلا قالىمەن. تۈنۈگۈن كەچ بىرەر يەرگە بېرىپ چۈش كۆرسەم ئۇزۇن ئۆتمەي شۇ يەرگە بېرىپ قالىمەن. دەل شۇ مەنزىرىلەنى چۈشۈمدىكى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ياقامنى تۇتىمەن.

يەنە بىرسى مەن پېشكەلچىلىككە ئۇچراشتىن ئاۋال قۇلىقىم مىدىرلاپلا تۇرۋالىدۇ. نەچچە قېتىم قۇلقىمنىڭ مىدىرلىغىنىنى ئەينەككە قاراپ ئۆز -كۆزۈم بىلەن كۆردۇم.

rakita يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 14:42:23

ئوڭشۇلۇپ كېتىسىلەر:P{:88:}

jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 16:36:40

ئىشىكنى سولاش مەسىلىسىدە @تۇماق نىڭ ئۇسولى ئەڭ ئىلمىي ئۇسول، ئىشىكنى سولاشقا قوشۇمچە بىر ھەرىكەتنى ئادەت قىلىۋالساق يېڭىلىشمايمىز
مەنيانفۇننى سول يانچۇقىمغا سالىمەن، پورتمالنى ئوڭ يانچۇقىمغا سالىمەن ، ئاچقۇچنى ئىشتاننىڭ ئوڭ تەرەپ كەينىگەرەك ئىلغۇچىغا ئاسىمەن. شۇنداق ئادەت بولۇپ كەتتىكى ، مۇشۇلار بىرى كەم بولسا بىئاراملىقسېزىم پەيدا بولىدۇ، ئاسانلا سېزەلەيمەن. ئەڭ ھەيران قالغىنىم پورتمال بىلەن يانفۇنىمنڭ ئورنى ئالمىشىپ قالساىمۇ بۇ خىل سېزىم بەك كۈچلۈك
نېمىڭ ئەڭ ئاسان ئۇنتۇپ قالدىغىنىم كۆزەينىكىم:'( بەزىدە ئاشخانىلاردا تاماق يەپ بولۇپ، ئۈستەلگە تاشلاپ قويۇپلا ماڭىمەن

barna123 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 17:19:16

4 كۈن ئۇدا يىغىن ئاچمىغاندىكىن بەشىنچى كۈنىمۇ ئاچماس دەپ بادۇر قايتقان كۈنلىرىم چۇقۇم يىغىن ئېچىپ قالىدۇ زادى،ئەمدىبۈگۈن يىغىن ئاچىدىغۇ دەپ مىدىرلىماي ئىشخانىدا ئولتۇرسام دەل شۇ كۈنى يىغىن ئاچمايدۇ.
بازاغا مەخسۇ بىر كىيىم ئالايچۇ دەپ چىققان كۈنلىرىم زادى بىر تال پايپاقمۇ ئالالمايمەن،مانداقلا ئارىلاپ قويغان كۈنلىرى خىلى كۆڭلۈمدىكىدەك نەرسىلەر ئۇچراپ قالىدۇ،توۋا دەيمەن.

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 17:40:46

مان تۇيۇقسىز ئەرلەر بىلەن قول ئىلىشىپ كۆرىشىۋىتىپ، ئىسىمدە يوق ئاياللارغىمۇ قولۇمنى ئۇزىتىپ بولۇپ چاندۇرماي قايتۇرۋالىمەن. :lol

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 19:39:07

مەن ئەتتىگىنى ئويغۇنۇپلا بەزى يۈز بەرگەنئىشلارنى رىئاللىقتا بولغان ئىشلارمىدۇ ياكى چۈشۈمدە كۆرگەندىمەنمۇ دەپ بىر ھازا ئويلىنىپ كىتىمەن.

ئادەتتە مىنىڭ دوستلىرىم كۆپ،قايسى گەپنى قايسى دوستۇمنىڭ دىگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىپ ماۋۇ گەپنى كىم دىگەن بولغىيدى دەپ ئويلىنىپ كىتىمەن.

raziman يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 23:07:56

‏مەن دائىم چوڭلارغا سالام بەرگەندە تولا ئالماشتۇرۇپ سالام بىرىپ قويۇپ خىجىل بولۇپ كىتمەن دەيمە ! مۇشۇ ئاكلارنى ياخشىمۇ ئاچا ، ئاچىلارنى بولسا ياخشىمۇ سىز ئاكا ....ھەي ...:L

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 00:32:49

raziman يوللىغان ۋاقتى2014-1-30 23:07 static/image/common/back.gif
‏مەن دائىم چوڭلارغا سالام بەرگەندە تولا ئالماشتۇرۇپ س ...

ئوخشاشكەنمىز قېرىندىشىم،،مەنمۇ كۆپ قېتىم مەندىن چوڭ ئەرلەرنى تىشلىقمۇ ئاچا،ۋاي ئاچا تۇرۇپ تۇرسىلا دىگەندەك،،شۇنداق دەپ بۇلۇپ بەك خىجىل بوپ كىتىمەن دىسە.

kumbah يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 12:31:24

function يوللىغان ۋاقتى2014-1-29 14:10 static/image/common/back.gif
ماڭا ئەڭ جىق ئۇچرايدىغىنى: بىر ئىشلارنى قىلىۋتسام ياكى ...

مەنمۇ شۇنداق. بەزى ئىشلارنى بۇرۇنمۇ بىر قېتىم قىلغاندەك ھىسياتقا كەپ قالىمەن.

tureli يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 14:34:42

بىر ئىشلارنى كۆرسەم بۇ ئىشلارنى بۇرۇن بىر يەرلەردە كۆرگەندەك ھېس قىلىمەن ،قەلىمىمنى قۇلۇمدا تۇتۇىۋېلىپ بىرەر سائەت ئىزدەپ كېتىمەن .

batman يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 15:58:46

سىز ئاندا بوپ قالسىڭىز بولمايدۇجۇمۇ، ۋەزىپىنى خاتا ئىجرا قىپ قاسسىڭىز ...;P

tayker يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 16:22:07

مەنمۇ دەرھال ئېسىمگە بىر ئىش كىلىپ ، شۇ ئىشنى قىلىۋىتىش ئۈچۈن ئۆيگە ئالدىراپ بارسام ، ئۆيگە نېمىگە كەلگەنلىكىمنى ئۇنتۇپ ، گاڭگىرغېنىمچە ئۆينى بىر ئايلىنىپ ئىختىيارسىزلا ئۆيدىن قايتىپ چىقىمەن .

hazritili يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 21:30:16

مەنمۇ ئەڭ كۆپ ئىزدەيدىغان نەرسەم كۆزەينەك ئىكەن. :lol
ئىككى ئىش ئىسىمگە كىلىپ قالدى
تېخنىكومدا ئوقۇيدىغان بىر ساۋاقدىشىم بولىدىغان ئۇ شۇنداق دەپ بەرگەن : قىشتا ئانىسى تاماق ئىتىۋېتىپ ئۇنىڭغا    ھازىر ئاشنى سالىمەن ، مەشكە كۆمۈر سېلىۋىتە بالام    دەپتۇ. ئۇھە   دەپلا كۆمۈرگە مېڭىپتۇ   ۋە كۆمۈرنى ئېلىپ كىرىپ   مەشنىڭ ئاغزىنى ئاچتىم دەپ قازاننىڭ تۇۋىقىنى ئېچىپلا كۆمۈرنى تۆكۈۋىتىپتۇ. :lolئۇنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ ياتاقتا شۇنداق كۇلۇشۇپ كەتكەن.

قوشنىمىزنىڭ ئوغلى بولىدىغان . بىر كۈنى دادىسى كەچتە ئۇنىڭغا بالام ئىشەكنى ئېغىلغا سولىۋىتە دەپتۇ. ئۇمۇ ھە دەپ ئىشەكنى باغلاقتىن يىشىپ نېمە ئويلىغانكىن يۆتىلەپ كىتىۋاتسا ئىشەك ماڭماي تۇرىۋالغان ،ئىسىگە كەلسە ئۇ بالاڭزا ئىشەكنى ئۆيگە يۆتىلەپ كىرگەن جانۋار ماڭغىلى ئۇنىماي ، ئۇ ئۆيگە تارتىۋاتقان .:lol
ھەر قېتىم ئىسىنى بىلمەسلىككە دائىر ئىش بولسلا مۇشۇ ئىككى ئىش ئىسىمگە كىلىدۇ. شۇنىڭغا قارىغاندا ھازىرغىچە مۇنىڭدىنمۇ ۋەھشىيراقىنى ئاڭلىمىغان بولسام كېرەك.
ئىش قىلىپ مۇنداق ئىشلارمۇ ھاياتنىڭ بىر قىزىقى ۋە ھېكىمىتى.

hankez1314 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-3 19:51:27

بەزدە تلفۇننى ئۇرۋىتىپ كىمگە تىلفۇن قىغانلىقمنى ئۇنتۇپ قالمەندە ئاران ئاۋازدىن تونۇپ بولغاندا نىمە دەپ تىلفۇن قىغنىمنى ئۇنتۇپ قالمەن ۋاي تۇۋە.....

KALANDAR يوللانغان ۋاقتى 2014-3-18 12:40:09

ماڭا ئەڭ جىق ئۇچرايدىغىنى: بىر ئىشلارنى قىلىۋتسام ياكى بىر ئىشلارغا ئۇچرىسام بۇرۇن بىر چاغلاردا دەل ھازىقىدەك قىلىۋاتقان ياكى ئۇچراۋاتقاندەك تۇيغۇ بولۇپ قالىدۇ
بەت: 1 2 [3]
: سىلەرمۇ شۇنداقمۇ