TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 06:54:51

تاشپولات: قارا ئۆڭكۈر مەۋجۇت ئەمەس

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-27 07:02  

قارا ئۆڭكۈر مەۋجۇت ئەمەس

تاشپولات روزى

سالام قېرىنداشلار ياخشى تۇرغانسىلەر! مەن تورغا 3 ھەپتىدەك چىقالمىدىم. ھەر ھەپتە يېزىۋاتقان يازمىلار يېزىلماي توختاپ قالدى.  بۇنداق بۆلىشى مەكتىپىمىز ئۇنۋەرسىتى ئوف ئانتەلوپە ۋاللېي ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ مائارىپ ئورگىنىغا كىرمەكچى بولۇپ، ئۇنۇڭغا بۇلتۇر ئىلتىماس قىلغان ئىدۇق. 1-ئاينىڭ 22-، 23-، 24- كۈنلىرى بۇ ئورگاننىڭ ماۋىن پرېزىدېنتى باشچىلىقىدىكى 7 كىشىلىك ئۆمەك مەكتىپىمىزگە كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. مېنىڭ مۇشۇ 3 كۈنلۈك تەكشۈرۈشتە ئالاھىدە رولۇم بولغاچقا 3 ھەپتىدىن بېرى تەييارلىق بىلەن بولۇپ باشقا بارلىق ئالاقىلەرنى ئۈزۈپ قويدۇم. مەن ئامېرىكاغا 2000-يىلى كەلگەن ۋاقتىمدا ئىككى يىل دوستلار بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، پۈتۈن زېھنىمنى تىل ئۆگىنىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆزۈم يەتمەكچى بولغان مەقسىتىمگە يەتكەن ئىدىم.

مۇشۇ جۈمە  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە، بۇ تەكشۈرگەن ئورگان مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالدىدا تەكشۈرۈش خۇلاسە دوكلاتى بەردى. ئۇلارنىڭ خۇلاسىسى بىزنىڭ بۇ ئورگانغا كىرىشىمىزگە قوشۇلىدىغانلىقىنى شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار بىزگە بىرنەچچە تەكلىپنى بەردى. ئەڭ كېچىككەندە بىر يىل ئىچىدە، ئۇلار مەكتىپىمىزگە يەنە بىر قېتىم كېلىپ، ئۇلار قويغان تەكلىپنى تەكشۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى، بۇ تەكلىپلەرنى ئورۇنلىغان بولساق بىزنىڭ بۇ تەشكىلاتقا تولۇق كىرىدىغانلىقىمىزنى ئۇقتۇردى. ئادەتتە بىرىنچى قېتىملىق تەكشۈرۈشتىن كېيىن مەكتەپلەرنىڭ بۇ ئورگانغا كىرىشى ئۈچۈن ئاز دېگەندە 4 يىل كېتىدىكەن. بىراق بىز بۇ قېتىم رېكورت ياراتتۇق.

مۇشۇ 3 ھەپتە ئىچىدە ماڭا ۋەتەندىن كەلگەن خەت 43 پارچىغا، <> دىكى خەت 26 پارچىغا بېرىپتۇ. ماڭا ئادەتتە ھەر ھەپتىدە 10 پارچىدەك خەت ۋەتەندىن كېلىدۇ. بۇ خەتلەرنىڭ ھەممىسى ئوقۇش ھەم ئوقۇتۇش توغرىلىق بولۇپ خەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ۋەتەندىكى ئوقۇغۇچىلاردىن كېلەتتى. بىراق بۇ قېتىم مۇشۇ 3 ھەپتە ئىچىدە كەلگەن خەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ۋەتەندىكى ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن كەپتۇ. مەن بۇ خەتلەرگە جۈمە كۈنى كەچتىن باشلاپ جاۋاب يازدىم. ماڭا كەلگەن خەتلەر كوپ بولغانلىق سەۋەبىدىن بەزى قېرىنداشلارغا خەت قايتۇرالماسلىق ئەھۋاللىرى يۈز بەردى. ئەگەر سىز ماڭا خەت يېزىپ ئۇنۇڭ جاۋابنى ئۆز ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ ئالمىغان بولسىڭىز قايتا خەت يېزىپ ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

مۇشۇ ئاي ياخشىراق دەم ئېلىپ كېلەر ئايدىن باشلاپ مەن بۇرۇن بىر يازمامدا دېگەن مەكتىپىمىزدە ئېچىلماقچى بولغان ئىنگلىزچە سىنىپىغا ماڭىمەن. ئەمدى تۆۋەندىكى قارا ئۆڭكۈر توغرىلىق يېزىلغان خەۋەرنى ئوقۇڭ.

ئاتاقلىق فىزىكا ئالىمى Stephen Hawking مۇشۇ ئاينىڭ 24-كۈنى تەبىئەت ژۇرنىلىدا قارا ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى توغرىلىق ماقالە ئېلان قىلدى. بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئۇ فىزىكا دۇنياسىنى  تەۋرىتىپ فىزىكا ئالىملىرىنى ھەيران قالدۇردى. Stephen Hawking بولسا ئەنگلىيەنىڭ مېيىپ فىزىكا ئالىمى بولۇپ 1942-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەنگلىيەدە تۇغۇلغان. ئۇ ئومۇمى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى تەرەقى قىلدۇرۇپ، 1963-يىلى قارا ئۆڭكۈرنىڭ غەيرىي نۇقتا تېئورېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن دۇنياغا تونۇلغان.


قارا ئۆڭكۈر دېگەن نېمە؟ قارا ئۆڭكۈر دېگىنىمىز ناھايىتى يۇقىرى زىچلىققا ھەم زور ماسسىغا ئىگە بولۇپ، كۈچلۈك تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە ھەرقانداق ماددا ھەم نۇرمۇ ئۇنۇڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان جىسىمدىن ئىبارەت. بۇ يەردە دېيىلگەن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ دېگەنلىك كلاسسىك تېئورېمىدا ئورۇنلۇق بولغان بولسىمۇ بىراق كۋانت تېئورېمىسىغا ئاساسلانغاندا ئېنېرگىيە ھەم ئۇچۇر قېچىپ چىقىدىكەن. ئۇنۇڭ بۇ قېتىم تەكلىپ بەرگىنى قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئېنىقلىمىسىنى قايتا يېزىش. قارىغاندا قارا ئۆڭكۈر توغرىلىق مۇنازىرە ئەمدى قايتا يەنە بىر بالداققا كۆتۈرۈلىدىغاندەك قىلىدۇ.

تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ.

http://www.nature.com/news/stephen-hawking-there-are-no-black-holes-1.14583

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 09:20:38

توۋا ... ئەگەر مۇشۇ يازمىنى باشقا بىرسى يازغان بولسا ، ... ئىزدىشتا تىل دەشنامغا قالاتتى ...
سىتىفىن خاۋكىڭ ئۆزى شۇنداق دېگەن بولسا ، .... ئەمدى بۇنىڭغا بىر نېمە دىمەك تەس بولدى .
نەچچە يىلدىن بىرى بار دەپ قارىساق ، ئەمدى يوق دەپ قارالسا ... بارلىقىنىڭ ئىسپاتلىرىنى كۆرگەن ، ئەمدى يۇقلۇقى ھەققىدە ئىسپات كۆرسەك بولغۇدەك ...

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 10:36:54

تۈنۈگۈن 黑洞 يوق، 灰洞 بار دەپ خەۋەر چىققاندەك قىلغان. تەپسىلاتىنى ئوقۇماپتىمەن. {:90:}

http://it.gmw.cn/dzb/2014-01/27/content_2825319.htm

olive يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 10:39:09

ئا چولاق قېرىپ ئالجىپتۇ:lol
ۋە ياكى ئەسلىدىنلا ئالجىقلىق ئىدى
ھىم
بەلكىم بۇرۇن ساق ھازىر ئالجىغان ۋە ياكى بۇرۇن ئالجنغان ھازىر ساق بولىشىمۇ مومكىن:lol
بۇ خۇددى سىلەرنىڭ قارا ئۆڭكۈرنى دىگىنىڭلارغا ئوخشايدۇ.

بار دىدىڭلا ھە دىدۇق:lol
يوق دىسەڭلامۇ يەنە ھە دەۋېرىمىز:lol
بار ئىدى يوقاپ كەتكەن ياكى يوق ئىدى پەيدا بولىۋاتىدۇ دىسەڭلامۇ يەنە ئوخشاش:lol
ھە دەۋېرىمىز……
مەن سەل قالاق
بىۋاستە كۆرگىلى تۇتقىلى ھېچ بولمىغاندا ھېس قىلغىلى بولمايدىغان نەرسىنى ئاسان قۇبۇل قىلمايمەن
قارا ئۆڭكۈرنى بار دىگىنىدىمۇ تۈزۈك قىزىقمبغان ئىدىم.
ئەمدى يوق دىسە تېخىمۇ قىزىقمايمەن
ئىشقىلىپ ئۆگەنمەي زىيان تارتماپتىمەن:lol

UQKUN28 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 10:41:18

راس، خاۋكىڭنىڭ بىر قىسىم تەرجىمە ئەسەرلىرىدىن قارا ئۆڭكۈر ھەققىدە ئانچە مۇنچە چۈشەنچە ھاسىل قىلغان ئىدۇق، ئەمدى باشقا بىرى ئەمەس دەل مۇشۇ ئادەم ھەممىنى ئىنكار قىلماقچى بولغانلىقىنى سەل تاساددىبيىلىقتەك ھىس قىلۋاتىمەن.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 10:42:10

تۈنۈگۈن بۇ خەۋەرنى سۇمرۇغ تورىدا كۆرۈپ ئازراق ھەيران قالغانتىم.ئۇ ‹‹كۈلرەك ئۆڭكۈر››دىگەن بىر يېڭى ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويغاندەك قىلىدۇ.خاۋكىڭ- فىزىكىدىكى مىتافىزىكىچى .

kartanesi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 10:55:02

مۇشۇ گەپنى قاسىم سىدىقكام دېگەن بولسا، نېمە كۈنگە قالار ئىدى، دەپ تەسەۋۋۇر قىلالمايۋاتىمەن.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 11:02:48

تەبئى پەن ئوتتۇرىغا قويغان نەرسىلەرنىڭ تەجرىبە ياكى توغرا سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئىسپاتلانغانلرىدىن باشقىلىرىنىڭ ھەممسى پەرەز،ھەتتا سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئىسپاتلانغانلىرىمۇ پەرەز بولۇشى مومكىن،ئېنىق ئىسپاتلانغانلىرىدىمۇ كۆپ خىل مەنا بار،بۇ مەنىنى ھەممە ئادەم ئۆز ئىھتياجى بىلەن چۈشىنۋالىدىكەن.ھەتتا بارلىق تەجرىبە پەنلىرىنىڭ ئاساسىمۇ بىر پەرەز ۋە قىياستىن تۈزۈلگەن بولۇشى مومكىن ئىكەن.
ئەمىلىيەتتە بۇ ئادەم قارا ئۆڭكۈر مەۋجۇت ئەمەس دىمەپتۇ،پەقەت قار ئۆڭكۈرگە ئازراق ‹‹تۈزۈتۈش››كىرگۈزگەندەك قىلىدۇ.لېكىن كىيىن قارا ئۆڭكۇر مەۋجۇت ئەمەس دىسىمۇ ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەسكەن مەنچە.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 11:03:30

رەھمەت تاشپولاتكا، ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن..

ھازىرقى تەقلىدىي ئالەم مودىلىنى قاراڭغۇ ئۆڭكۈر ئېنىقلىمىسى بىلەن قوشۇپ چۈشەندۈرگەن ئىدى، ئەمدى يوق دېسە، يىراق بوشلۇقتىكى يۇلتۇز نۇرىنىڭ بىزگە نەچچە يۆنىلىشتىن كېلىدىغانلىقىنى قانداق چۈشەندۈرەر. ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدە قاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە دائىر مەزمۇن بارمۇ- يوق؟

olive يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 11:04:46

جۇڭگونىڭ بايانات ئېلان قىلغۇچىسى كەچتە بايانات ئېلان قىلىدۇ.
قارا ئۆڭكۈر ئەلمىساقتىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى.ئامرىكا ۋە ئەنگىلىيەدىكى ئۈزىنى فىزىك داۋالغانلارنىڭ بۇ توغۇرلۇق داۋاملىق تارتىش قىلىشىغا قاتتىق ئېتراز بىلدۈرىمىز.بىز يېقىن كەلگۈسىدە مۇۋاپىق شارائىتنى تاللاپ قارا ئۆڭكۈر ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى ئېلان قىلىمىز.:lol

misal يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 11:53:05

مېنىڭچە قارا ئۆڭكۈر ئالەمدىكى بارلىق مەۋجۇداتنىڭ مەنپىي تەرىپى، يەنى ئالەم يوقلۇقتىن بارلىققا كەلگەن دېيىلگەندە مەۋجۇد شەيئىلەرنىڭ يەنە بىر مەنپىي ھالىتى بولىدۇ. بۇ خۇددى بىر تۈز يەرگە ئورەك كولانسا بىر دۆۋە توپا بىلەن بىر ئازگال قالغاندەك ئىش، ئاشۇ ئازگالنى تۇپا دۆۋىسى بىلەن تىندۇرسا ئەسلىدىكى تۈزھالەتكە قايتىدۇ. دېمەك ئالەمدىكى بارلىق مەۋجۇداد بىلەن قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ يىغىندىسى يەنە يوقلۇق بولىدۇ.

flashboy يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 12:04:28

بىر چاغلاردا قۇرئان قارا ئۆڭكۈردىن يىپ ئۇچى ۋە بىشارەت بېرىدۇ دەپ  قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنى شېپى كەلدۈرۈپ ،قارا ئۆڭكۈر توغرۇلۇق تەپسىر ئېلىپ بېرىۋاتقان ،ئەمدى يوق بولدىما؟ قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ  يوقلۇقى ھەققىدە يەنە تەپسىر قىلىدىغان ئىلاستىكىلىق تەپسىرشۇناسلار يوقما ؟

http://bbs.izdinix.com/thread-17881-1-75.html

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 12:24:01

فىلەشبوي ئەپەندىم،دىنى ئەقىدىلەرنى تەجرىبە پەنلىرنىڭ بىلىملىرى بىلەن ئىسپاتلاش ئىسلام دىنىدا بەزىلەر سىناپ باققان لېكىن قوللاشقا ئېرىشەلمىگەن ئۇسۇل.بۇنى خاتا چۈشىنىۋالسىڭز بولمايدۇ.تەبئى پەنلەرنىڭ نەتىجىلىرى يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ،دىنى ئەقىدىلەرنى يېڭىلانمايدۇ،ھەم ھەممە ئادەمنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارى ۋە چۈشىنىش خاھىشى ئوخشىمايدۇ.ئىلىم ئىسپاتلاشنىڭ ئۆزىدىمۇ كۆپ خىل مەنىلەر بولىدۇ.
بۇ يەردىكى چۈشىنىش خاھىشى بەك مۇھىم،ھەم سىز بۇ خەۋەرنى خاتا چۈشىنىۋاپسىز،خەنزۇچە مەنبەلەرگە كىرىپ تەپسىلى بىر ئوقۇپ چىقىڭ.
خاۋكىڭ ئەپەندى قارا ئۆڭكۈر مەۋجۇت ئەمەس دىمىدى .لېكىن قارا ئۆڭكۈر مەۋجۇت بولامدۇ ياكى مەۋجۇت بولمامدۇ،بۇنداق نەرسىلەر بىلەن دىنى ئەقىدىلەرنى ئىسپاتلاشنى مەن ئەزەلدىن ياقتۇرمايمەن.
يەنە بىرسى ھارماي چاۋا تەرمەڭ،سىز مۇنبەردىكىلەر بىلەن تالىشۋاتقان نەرسىنى ئادەم بالىلىرى تالاشقىلى 1400 يىلدىن ئاشتى.بۇنىڭ نەتىجىسى چىقمايدۇ،بەك باشقىلارنى تىللىغۇڭىز بولسا دانتىنىڭ ‹‹ئىلاھ كومىدىيسى››ياكى  توماس ئاكۇينانىڭ كىتاپلىرىنى ئوقۇڭ،شۇنىڭدا يەتكۈدەك تىللىغان يەرلىرى بار،خۇماردىن چىقىسز.قىچىشقاقلىرىڭىز پەسلەيدۇ.

flashboy يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 12:29:41

windows100 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-27 12:24 static/image/common/back.gif
فىلەشبوي ئەپەندىم،دىنى ئەقىدىلەرنى تەجرىبە پەنلىرنىڭ ...

مەن ئۇ سۆزنى ئاشۇنداق ماقالىلارنى يېزىپ زورمۇ زور قۇرئانغا چېتىپ تەپسىر قىلىدىغانلارغا قاراتتىم ،بەك ئۆزىڭىزگە ئېلىۋالماڭ ،سىز ئۇ ماقالىنىڭ ئاپتۇرى بولمىغاندىكىن ..

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 12:31:08

‹قارا ئۆڭكۈر› ئۇقۇمى بارا-بارا قىززىق نوقتا ھىسابلانماس بولۇپ قالغاندا مۇشۇنداق قالايمىغان گەپ قىلىپ كىشىلەرنى قايتىدىن بۇ ساھەگە قىززىقتۇرۋاتقان ئوخشايدۇ ،
قارا ئۆڭكۈر يوق كۈلرەڭ ئۆڭكۈر بار دىگەن گەپ ‹قارا ئۆڭكۈر›نىڭ بار يوقىدا ئەمەس ئىنقىلىمىسىدا ئۆزگۈرۈش بولدى دىگەنلكقۇ شۇ ...

doctor يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 13:01:56

مەن يەنىلا بۇكىشىگە قايىل قارا ئۆڭكۈرگە پۈتكۈل دۇنيانى ئىمان ئېتقۇزۋېتىپ ئەمدىلىكتە ئۈزى ئۈزىنىڭ سۆزىنى ئىنكار قىلۋېتىپتۇ . ئەملىيەتتىمۇ قارا ئۆڭكۈر نەزرىيەسىنى ئۈزىدىن باشقا ئىنكار قىلالايدىغان ئادەم يوق .

doctor يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 13:10:27

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   doctor تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-27 13:11  

سەمىمى كىشىكەن ، ئۈزىنىڭ خاتا قىلغان گىپىگە ئەمەس ئۆتكۈزۈپ بولغان ياكى خاتا قىلغانلىقىنى كىيىن بىلسىمۇ بۇرۇن توغرا دەپ قارغانلىقى ئۈچۈنلا ھازىرغىچە جاھىل كىبرانە خۇلقى بىلەن خاتالىقىنى بوينىغا ئالمايدىغان كىشىلەرنى كۆپ كۆردوق .
  
ماڭا تەسىر قىلغان ئىلىمدىكى ھەققى سەمىيمىيلىك ....!@

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 13:44:43

flashboy يوللىغان ۋاقتى  2014-1-27 12:04 static/image/common/back.gif
بىر چاغلاردا قۇرئان قارا ئۆڭكۈردىن يىپ ئۇچى ۋە بىشارەت ...

جاھاندا نېمىلا ئىش يۈز بەرسۇن ، قۇرئاننىڭ ھەقلىقى ئۆچۈپ قالمايدۇ. ئىنسان نۇقسانلىق ،ئەمما قۇرئان نۇقسانسىز كىتابتۇر. ھىچ شەك شۈبھە يوقكى ، ئىنجىل تەۋراتلار بولسا ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىۋىتىلگەن .
مانا مۇشۇنداق ، قانچە چايقالسىڭىزمۇ يۇقارقى ھەقىقەتلەر ھېچنىمە بوپ كەتمەيدۇ . خەير خوش.

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 14:16:51

ھەقىقىي ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ مۇشۇنداق روھى بەك ئېسىلدە،ئۆزى ئوتتۇرغا قويغان نەزەرىيەنىڭ خاتالىقىنى بايقىغان ھامان قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئوتتۇرغا قويۇپتۇ،بولۇپمۇ تەبىئىي پەندە ئۆزى ئوتتۇرغا قويمىسا ھامان باشقىلار بايقايدىغان گەپ.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 18:08:56

قارا ئۆڭكۈر يوق بولسا چوڭ پارتلاش نەزەرىيەسىمۇ پۇت دەسسەپ تۇرالماسمىكىن...
بەت: [1] 2
: تاشپولات: قارا ئۆڭكۈر مەۋجۇت ئەمەس