bibaris يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 20:02:37

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bibaris تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-1-27 20:19

,قايسى كۈنى ھېلىقى خائىن جاسۇسمۇ ئامىرىكا ھۈكۈمىتىنى تاشقى پىلانىتلىقلاركونتىرول قىلىدۇ.گىتلىر كىلونلىنىۋاتىدۇدەمدۇ, يا كىلونلانغان دەمدۇ,بىرنەرسىلەرنىدەۋاتاتتى, ئەمدى ماۋۇ ئاداش قوپۇپتۇ

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 23:53:54

   ئىلگىرى قارا ئوڭكۈر مەۋجۈت دەپ نەم چىقارغان ، ئەمدى مەۋجۈت ئەمەس نام چىقارغۇدەك بۇ ئادەم .قاراڭغۇ ئوڭكۈر ، چوڭ پارتىلاش ........دىگەندەك نەزىريەلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك يىتەرلىكئىسپاتى بىر يوق پەرەز، بۇنى ياقىلىغۇچىلارمۇ باشقىلار ئېنىق چۈشەنمەيدىغان ئىبارىلەر بىلەن چۈشەندۈرىدۇ ، باشقىلار بولسا بۇنىڭغا ئېنىق بىر نىمە دىيەلمسىمۇ شۇ پەرەزنى ئوتتۇرغا قويغان ئالىمنىڭ ئىلىم پەندىكى نۇپۇزى تۈپەيلىدىن قارشى پىكىردە بۇلۇشتىنئۈزىنى تارتىپنۇپۇزلۇقلارغائەگىشىپ كىتىدۇ .   

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-1-28 09:50:53

تاشپۇلاتكا ، ئۇتۇقلىرىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن . تىمىڭىزغا رەھمەت !
سېتفىن خاۋكىڭ نۇۋەتتە خەلقئارادا  ئېينىشتىيىندىن كىيىنكى ئەڭ ئۇلۇغ ئالىم دەپ قارىلىۋاتقان فىزىكا ئالىمى بۇلۇپ ، قارا ئۇڭكۇر تىرمۇدىنامىكىسىنى بەرپا قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ رول ئۇينىغان ، مەشھۇر بايقاشلىرىدىن قارا ئۇڭكۇر رادىئاتسىيىسى يەنى خاۋكىڭ رادىئاتسىيىسى قاتارلىقلار بار ، خەنزوچە مەنبەلەردىن قارىغاندا خاۋكىڭ بۇ قېتىم قارا ئۇڭكۇر مەۋجۇت ئەمەس ، قارا ئۇڭكۇر قارا ئەمەس بەلكى كۇلرەڭ دەپ ھىساپلاپ كۇلرەڭ ئۇڭكۇر دىگەن ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئەگەر خاۋكىڭنىڭ بۇ قارىشى پۇت تىرەپ تۇرالىسا ھازىرقى زامان ئاستىرۇنۇمىيىسى  جۇملىدىن كۇۋانت ئاستىرۇنۇمىيىسى قاتارلىق پەنلەرگە غايەت زور تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي يەنە ئالەمنىڭ پەيدا بۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدىكى نەزەرىيەلەرنى قايتىدىن ئويلىنىشقا توغرا كىلىدۇ .
مەن ئالدىنقى قېتمقى قارا ئۇڭكۇر توغرىسىدىكى غەيرى نوقتا مەۋجۇت ئەمەس دىگەن يازمامدا قارا ئۇڭكۇر ۋە غەيرى نوقتا  توغرىسىدا توختالغان ۋە ئىلمى ماقالىسىنى مۇناسىۋەتلىك ئالىملارغا سۇنغان  ئىدىم ، نۇۋەتتە بىر قىسىم پىكىر ۋە ئويلىنىشلىرىمغا ئاساسەن ئىلمى ماقالىنى قايتا يىزىشقا تۇتۇش قىلدىم ، بۇنى بۇ يەردە تىلغا ئېلىشىمدىكى سەۋەپ خاۋكىڭنىڭ كۇلرەڭ ئۇڭكۇر توغرىسىدىكى بىر قىسىم تەسۋىرى بىلەن مەن ئىرىشكەن بىرقىسىم نەتىجىدە قىسمەن ئوخشاشلىق بار ئىكەن .
كۇلرەڭ ئۇڭكۇر بولسۇن ياكى قارا ئۇڭكۇر بولسۇن ۋە ياكى باشقا ھەرقانداق جىسىم بولسۇن زىچلىقنىڭ يۇقۇرى چىكى بۇلىدۇ。
(بۇ مىسرانىمدا بىر تورداشنىڭ ئىنكاسىغا قارىتا يىزىلغان ئىنكاس)سىز دىگەندەك خاۋكىڭ مىڭە يىگىلەش كېسىلى  ، پاركىنسۇن قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بۇلۇپ ، دوختۇرنىڭ دىئاگنۇزىغا ئاساسلانغاندا ئاللىبۇرۇن ‹‹ئۇلۇپ ›› بۇلۇشى كېرەك ئىدى . ئۇنىڭ شۇ ھالەتتە تۇرۇپ شۇنچىلىك نەتىجىلەرنى قازىنىشى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغىماي قالمايدۇ!.

ئەمدى سىزنىڭ يۇقۇرىدىكى بايانلىرىڭىزغا كەلسەك قىسمەن بىتەرەپلىمىلىك بار :
جىسىم مۇلكۇلىسىدىكى ئارىلىق قانچىكى كىچىك بولسا زىچلىق شۇنچە چوڭ بۇلىدۇ دىگەن قارىشىڭىز توغرا بىراق ، ماسىسى ئاشىدۇ دىگىنىڭىزدە سەۋەنلىك بار ، سەۋەبى ماسسا دىمەك ئىنىرگىيە دىمەكتۇر .1 مۇل سۇيۇقلاندۇرۇلغان ئوكسىگىننى گازغا ئايلاندۇرۇش ئۇچۇن سىرتتىن ئىنىرگىيە بىرىش كېرەك ، بۇ ئىنىرگىيە مۇلكۇلا (ئاتۇم) ئىنىرگىيىسى سۇپىتىدە ئۇلاردا مۇقىملىشىدۇ دە ماسسىسى ئاشىدۇ ، ئەكىسچە بولغاندا كېمىيىدۇ.
قارا ئۇڭكۇر -قۇياش ماسىسىدىن چوڭ جسىملارنىڭ ئالەملىك تارتىشىش كۇچى (ماكان-زامان ئەگىرىلىكى)نىڭ تەسىرىدە ئىلىكتىر ماگىنىت كۇچى ۋە مەركەزدىن قاچما كۇچ (جىسىم ئوز ئۇقىدا ئايلىنىشىدىن كەلگەن ئىنىرتىسىيلىك كۇچ) نى يىڭىپ ، يىغىلىشىدىن شەكىللىندۇ ، ئادەتتە قارا ئۇڭكۇر (يۇشۇرۇن ئۇڭكۇر دەپمۇ ئاتالغان) ھاسىل بۇلۇش ئۇچۇن رادىئوسى ( قۇياشنىڭ رادىئوسى 3 كىلۇمىتىردىن كىچىك بۇلۇشى كېرەك)ۋە ماسىسى بەلگىلىك شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك. ئۇ تارتىشىش كۇچىنىڭ ئېنىقراقى ماكان زامان ئەگرىلىكىنىڭ تەسىرىدە نۇرمۇ سىرتقا قېچىپ كىتەلمىگەچكە سىرتقى دۇنياغا نىسبەتەن كۇرۇنمەيدۇ ، ئەمما ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جىسملار ۋە بوشلۇقنىڭ ھەرىكىتىگە كورسەتكەن تەسىرىگە ئاساسەن بارلىقى ئىسپاتلىنىدۇ.
خاۋكىڭ رادىئاتسىيىسى يەنى قارا ئۇڭكۇر رادىئاتسىيىسى دىگىنىمىز ۋاقىت چەكسىز ئاستا ئۇتىدىغان ۋە چەكسىز قىزىلغا كۇچۇش يۇز بىرىدىغان شىۋازچىلىد ھۇرىزۇنى (شىۋازچلىد رادىئۇسى ھاسىل قىلغان شارسىرتى )دائىرىسدە كۇۋانت مىخاينىكىسىغا ئاساسلانغاندا كۇۋانت داۋالغۇشى يۇز بىرىدۇ. بۇ جەرىياندا ئوزلۇكسىز  ھاسىل بۇلۇپ ۋە ئۇچۇپ (يوقىلىپ ) كۇۋانت جۇپى ئۇچۇش (يوقىلىش) تىن بۇرۇن بىرسى قارا ئۇڭكۇر دائىرىسىگە چۇشۇپ كىتىدۇ يەنە بىرسى ھۇرىزۇندىن قۇتۇلۇپ تاشقى ئالەمگە تارقايدۇ ، مانا بۇ خاۋكىڭ رادىئاتسىيىسىدۇر .
خاۋكىڭنىڭ بۇ قېتىم دىگىنى قارا ئۇڭكۇرنى پۇتۇنلەي يوق دىگىنى ئەمەس بەلكى ئاشۇ رادىئاتسىيلەر ۋە باشقا نەزەرىيەلەرگە ئاساسەن قارا ئۇڭكۇر قارا كۇرۇنمەيدۇ بەلكى قارىغا مايىل كۇلرەڭ كۇرۇنىدۇ دىگىنى . قارا ئۇڭكۇر مەۋجۇت ئەمەس دىگىنىڭ سەۋەبى بولسا قارا ئۇڭكۇرلا بۇلىدىكەن خاۋكىڭ رادىئاتسىيىسى شەكىللىنىدۇ دىگىنى .
مىنىڭ چۇشىنىشىم مۇشۇنداق ، يەنە بىر نوقتىنى ئەسكەرتىپ قويسام بىزنىڭ ئالەممۇ ماھىيەتتە بىر قارا ئۇڭكۇردۇر- مىنىڭ قارىشىم.
يۇقۇرىدىكى قاراشلىرىم ۋە بايانلىرىمدا خاتالىق بولسا تۇزىتىپ بىرىشڭلارنى ئۇمۇت قىلىمەن. رەھمەت.

TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 12:35:43

radiofan يوللىغان ۋاقتى2014-1-27 09:20 static/image/common/back.gif
توۋا ... ئەگەر مۇشۇ يازمىنى باشقا بىرسى يازغان بولسا ، ... ...

Stephen Hawking دېگىنى ھازىرغىچە بىز ئويلاپ كېلىۋاتقان قارا ئۆڭكۈر مەۋجۇت ئەمەس دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئېنىقلىمىسىنى قايتا يېزىپ چىقىشقا تەكلىپ بېرىدۇ.

TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 12:39:26

Baqka يوللىغان ۋاقتى2014-1-27 11:03 static/image/common/back.gif
رەھمەت تاشپولاتكا، ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن..

ھازىر ...

1916-يىلى گېرمانىيەلىك ئالىم Karl Schwarzschild ئېينىشتېينىڭ تارتىش كۈچ تەڭلىمىسىنىڭ بىر ئالاھىدە يېشىمىنى تاپىدۇ. ئۇ مۇشۇ تەڭلىمىنى يەشكەن ماقالىسىدە، ئەگەر بىر بوشلۇقتا ناھايىتى زور ماسسا مەۋجۇت بولغاندا، مۇشۇ بوشلۇقنىڭ ئۆزى تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە بۇرمىلىنىپ ئالاھىدە بىر شار شەكىللىك ساھە پەيدا بولۇپ، مۇشۇ شارنىڭ ئەتراپىدىكى نۇر تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە سۈمۈرۈلىدۇ ھەمدە ئۇنۇڭ ئىچىدىكى نۇر قېچىپ كېتەلمەيدۇ دەپ، قارا ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىپادىلەيدۇ. بىراق كلاسسىك تېئورېمىدا بۇ ئىپادىلەش ئورۇنلۇق بولغان بولسىمۇ بىراق ھازىرقى كۋانت تېئورېمىسىغا ئاساسلانغاندا قۇرۇلمايدىكەن.

Hawking يۇقىرىدىكى قىيىنچىلىقنى توزۇتۇش ئۈچۈن Karl Schwarzschild ئىپادىلىگەن قارا ئۆڭكۈر مەۋجۇتلۇقىغا توزۇتۇش بېرىدۇ. بۇ دېگەنلىك بىز ئويلاپ كېلىۋاتقان قارا ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 12:43:20

ھەممە نىمىنى سۈمۈرۈپ يالماپ يۇتىدۇ دەيدىغان قارا ئۆڭكۈر ئەسلىدە 99%نەرسىنى ياندۇرۋېتىدۇ دەيدىغان ماقالە ئوقىغان بىر ئاي بۇرۇن.
شۇ بايقاشتىن قارا ئەمەس كۈلرەڭ دىگەن خۇلاسىگە كەلمىگەندۇ ھە:lol

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 12:44:23

قارا ئۇڭكۇر تىرمودىنامكىسىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ زور تەسىر كورسەتكۇدەك.

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 12:47:33

قارا ئۆڭۆۈر دىگەن چەكسىز كائىنات شۇمىدا،
ئالەمنىڭ چىكى بارمىدۇ؟ چىكى بولمىسا.....«خۇدا گۇناھىمنىكەچۈرگىن»
ئەگەر چىكى بولسا ئەشۇ چەكنىمە بىلەن چىگىرلىنىدۇ. بۇ دۇنيادىكى
ئەڭ قورقۇنۇشلوق سىرلىق سان سىپىر بولىشى مۇمكىن{:101:}

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 12:48:57

مەن قارا ئۇڭكۇر مەركىزىدە غەيرى نوقتا بار دەپ قارىمايمەن . بۇنىڭ ئەڭ ئىپتىدائى ئىسپاتى بولسا ئىككى دانە ھەر بىرى بىر قۇياش ماسىسىغا تەڭ ئاسمان جسىمى بىرىكىپ بىر تارتىشىش كۇچى مەنبەسىگە ئايلانغاندىكى يىغىندا ماسسا ھەرگىزمۇ ئىككى قۇياش ماسسىسىغا تەڭ بولمايدۇ ! يەنى ئىككى قۇياش ماسسىسدىن كىچىك بۇلىدۇ ، ئۇنداق ئەمەس دىگۇچىلەر بارمىكىن؟

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 12:50:26

شىۋازچىلىد قارا ئۇڭكۇرى ، كىر قارا ئۇڭكۇرى ئەمدى كۇلرەڭ ئۇڭكۇر -ئۇڭكۇرلەرنىڭ تۇرىمۇ كوپىيىۋاتىدۇ.
بەت: 1 [2]
: تاشپولات: قارا ئۆڭكۈر مەۋجۇت ئەمەس