تاشپولات: يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-8 13:09يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
تاشپولات روزى
ئەسسالام ئەلەيكۇم ئىزدىنىش تورىدىكى بارلىق قېرىنداشلار! ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن! يېڭى يىلدا تېنىڭىزلارغا سالامەتلىك، تۇرمۇشۇڭلارغا بەخت، كەسپىڭلاردا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!
بۇ رەسىم دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئويىنىڭ 2-قەۋىتىدە تارتىلدى. رەسىمدىكى گىلەمنى دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ 6 يىلنىڭ ئالدىدا ۋەتەنگە بارغان ۋاقتىدا، قەشقەردىن ئاپتىكەن.
بۇ يىلقى ئۇيغۇرلارنىڭ خۇشاللىق تەرىپىنى دېگىنىمىزدە، پەخىرلىك ئالىمىمىز دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا، دۇنيادا تۇنجى بولۇپ ئىنسان تېرە ھۈجەيرىسىنى «تەن ھۈجەيرە يادروسىنى كۆچۈرۈش» تېخنىكىسى بىلەن تۆرەلمە غول ھۈجەيرىگە ئايلاندۇرغانلىقى بولۇپ،ئۇ دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى. ئۇنۇڭ بۇ نەتىجىسى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ژۇرناللار "دەۋر"، "تەبىئەت"، "ئىلىم-پەن"، "ھۈجەيرە"، "دۆلەتلىك جۇغراپىيە"، "بايقاش" قاتارلىقلاردا يېزىلىپ، بۇ ژۇرناللار تاللىغان 2013-يىلىدىكى دۇنيادىكى 10 ئالىمنىڭ بىرى بولدى! دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بۇ نەتىجىلىرىدىن ۋەتەن ئىچى ھەم سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلار خۇشاللىققا چۆمدى. ئۇنۇڭ نەتىجىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادا ماختىلىپ يۈرگەن ھەرقانداق بىر مىللەتتىن كېيىن ئەمەسلىكىنى كۆرسەتتى!
2013-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە بىزنىڭ ياش ئالىمىمىز تۇرسۇنجان نۇرمەمەت ئۇكام بىلەن مېنىڭ 3 كۈنلۈك <
چەتئەلدىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن يۇتۇپتا كۆرۈش ئادرېسى:
http://www.youtube.com/watch?v=6yiPgFMz3yM
360 تىن چۈشۈرۈش ئادرېسى :
http://aw5yicewef.l33.yunpan.cn/videoPlayer/playShare?nid=13887682733922214&type=3&shorturl=QD7SwN3rhUnby
بەيدۇدىن چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=4107050200&uk=3056404588
2013-يىلى مەن ئىزدىنىش تورىغا تىزىملىتىپ كىرىپ، قېرىنداشلىرىمغا ئىلىم-پەندىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم. ھەم ئاز بولمىغان قېرىنداشلار بىلەن بىۋاسىتە خەت ئالاقە قىلىشىپ كەسىپ جەھەتتىكى ئورتاقلىشىشلارغا ئىگە بولدۇق. بۇنۇڭ ئۈچۈن مەن ئىنتايىن خۇشال! بۇ يىل يەنە داۋاملىق ئەڭ يېڭى ئىلىم-پەن ئۇچۇرلارنى ۋاقتىم يار بەرسىلا بۇ تور بەتتە ئېلان قىلىمەن.
مەكتىپىمىز (University of Antelope Valley)، 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ھەم خىزمەتچىلەرگە يېڭى يىللىق زىياپەت بېرىپ، بىر يىلدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى مۇكاپاتلىدى. بۇ مۇكاپات 3 خىلغا بولىنىدىغان بولۇپ، ئۇلار <
2014-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى مېنىڭ ئوغلۇم ئويناۋاتقان ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن ئاۋسترالىيە (Australia) ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاسكېتبول كوماندا مۇسابىقىسى ئامېرىكانىڭ Riverside شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ شەھەر مەن تۇرۇۋاتقان شەھەردىن 135 كىلومېتىر يىراقلىقتا تۇرىدۇ. مەنمۇ ئۇ شەھەرگە بېرىپ ئوغلۇمنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆردۈم. ئوغلۇمنىڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى ئاۋسترالىيە كوماندىسىنى 30 قارشى 48 نەتىجە بىلەن ئۇتۇپ چىقتى! مەن ئۈچۈن بەكمۇ خۇشاللىنارلىق كۈن بولدى! رەسىمدىكى ئاق مايكا كىيگەن 21 نومۇرلۇق تەنھەرىكەتچى مېنىڭ ئوغلۇم بولىدۇ! ئوغلۇم ھازىر 9-سىنىپتا ئوقۇيدۇ، ئۇنۇڭ نەتىجىسى مەكتەپ بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. مېنىڭ ئوغلۇمغا قويغان شەرتىم ئەگەر ئۇ بېرە دەرستە 95 دىن توۋەن نومۇر ئالسا توپ ئويناشقا بولمايدۇ!
مېنىڭ بۇ يىللىق يەنە بىر قىلىدىغان مۇھىم ئىشىم مەكتىپىمىزدە 1 يىللىق ئىنگلىزچە ئۆگىنىش سىنىپى ئاچماقچى. ئىشلار مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا مۇشۇ يىل 3-ئايلاردا ئۇ سىنىپنى ئاچىمىز. بۇ سىنىپقا ۋەتەن ئىچىدىن كىم ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئوقۇش پۇلىنى باشقا مەكتەپلەردىن توۋەن قىلماقچى. مەكتىپىمىزنىڭ 250 تەك ياتىقىمۇ بار ھەم ئاشخانىلىرىمۇ بار. مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئىشى تەستىقلانغاندا ئۇقتۇرۇشنى مەن بىلىدىغان تور بەتلەردە ئېلان قىلىمەن.
ھۆرمەت بىلەن تاشپولات روزى تاشپولاتكامدەك ، شۆھرەتكامدەك ، تۇرسۇنجاندەك كىشىلىرىمىز ئىزدىنىش مۇنبىرىمىزنىڭ شۇنداقلا پۈتۈن مىللىتىمىزنىڭ بايلىقى ، مۇنبىرىمىز خىزمىتىڭىزلاردا بولۇشقا ھەرقاچان تەييارمىز ...
ۋەتەن سىرتىدىكى بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن !
http://bbs.izdinix.com/data/attachment/forum/201401/08/124427uwwc5oua9q9s5pso.jpg
سىلەر بىلەن دەۋرداش بولغىنىمىزدىن پەخرلىنىمىز ! ياشاڭلار ئوغلانلار !!! ۋەتەن سىرتىدىكى تاشپولاتكام،شۆھرەتكام قاتارلىق بارلىق ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك .................
تاشپولاتكامنىڭ ئىزدىنىش مۇنبىرىنى ئاۋات قىلىۋاتقان تېمىلىرىغا رەھمەت !
بىلگەجاننىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت .......................... يىڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ئائىلىڭىز بەركەت تاپقاي . .. . . يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولغاي، كىچىككەن بولسىمۇ.
تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەر ھەر قايسىڭىلاردەك ئىلىم تۇلپارلىرىغا كۆپلەپ نىسىپ بولغاي. مۇشۇ تەبى پەنچىلە گەپ قىلىپ بەسە خوش ياقىدۇ ئەدەمگە ھېس قىلدىڭلامىكىن. گەپ دۆۋىسى يوق ئىشقىلىپ.
بولسا تۇرمۇشتىكى قېيىنچىلىقىڭلارنىمۇ ئاڭلاپ باقساق، مەن شۇ تاپتا سىلەرگە ئوخشاش ھۆرمەتلىك كىشىلەرگە ھەۋىسىم كېلىپ، سىلەرنى جەننەتتە ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلىپ باش ئاخىرى يوق خىياللارنى تولا قىلىپ ...
سىلەرسىز ئۇيغۇر ئۇيغۇر بولمايدۇ، ئامان بولۇڭلار. تاشپۇلاتكاممۇ يىڭى يىلنى تەبرىكلەپتىغۇ ئەنە، يىڭى يىلغا قارشى تۇردىغانلارغا بىر زەربە بولدىدە!
ئاللادىن يىڭى يىلدا سىزگە يىڭى ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن تاشپولات ئاكا ، شۆھرەت ئاكا ۋە ئىنىمىز تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەدلەرنىڭ ، شۇنداقلا ، ۋەتەن ئىچى - سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن . جانابى ئاللاھ بۇ يېڭى يىلدا ھەممىمىزگە تىنچلىق ، سالامەتلىك ، ئاسايىشلىق ۋە ئۇتۇقلار ئاتا قىلسۇن . شۆھرەت مۇتەللىپ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن سىندىن سىزنى كۆردۈم ،گەپگە ئۇستا ئادەمكەنسىز .
ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر بىر چاقنىشى، ھەر بىر ئۇتۇقلىرى بىزنى ئۇلاردىنمۇ بەك خۇش قىلىدۇ، كەيپىياتىمىزنى كۆتۈرىدۇ. شۇڭا يۇقىرىقىدەك خۇش خەۋەرلەر بولسا، ئائىلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشى دەپ تۇرۇۋالماي، ۋەتەن ئىچىدىكىلەرنى ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. 21- نومۇرلۇق تەنھەرىكەتچى بىزنى يەنە تالاي قېتىم خۇش قىلىدىغان چىراي. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !
يېڭى يىلدا تېخىمۇ چوڭ مۇۋاپىيەتلەرگە تىلەكداشمەن.
ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولغاي... تاشپولاتكامنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يېڭى يىلى قۇتلۇق بولغاي...:lol ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق بولغاي، يېڭى يېڭى نەتىجىلەر يار بولغاي. ئامىرىكا جاھانگىرلىكى تەرەققىياتتا ئالدىدا بولغىنى بىلەن ۋاقىت جەھەتتە بىزدىن بىرھەپتە كىيىنكەنغۇ تايىنلىق...ئۇلارنىڭ سوتسىيالىزىمغا يىتەلمىگىنى بىكار ئەمەسكەندە...:P
سىلەرگە ئامەت تىلەيمەن! ئوغلىڭىزنىڭ ۋاسكىتبول ئوينىغىنىنى كۆرۈپ، مەنمۇ خۇش بولۇپ قالدىم.
مەنمۇ بىر ۋاسكىتبول ھەۋەسكارى، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىمدا، بىزنىڭ قارارنىڭ ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ توپ ئوينىغان ئىدىم، لېكىن قاراپ باقسام ئوغلىڭىز مەندىن ياخشى ئوينايدىغاندەك قىلىدۇ.
ئاللاھ خالىسا، ئوغلىڭىز NBA غا كىرىپ ئويناپ كەتكەي!
مىللىتمىز ئىچىدىن چىققان، ئىلىم-پەن ساھەسىدە نەتىجە ياراتقان كىشىلەرنىڭ ئىش ئىزلىرى، كىشىنى بەكمۇ ئىلھاملاندۇرىدۇ .سىلەرنىڭ ئىش -ئىزلىرىڭلار نۇرغۇن كىشىلەرگە ئىلھام بولدى ۋە ئوزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇردى. رەھمەت سىلەرگە يىڭى يىللاردا سىلەرگە سالامەتچىلىك ۋە ئوتۇق تىلەيمىز. يېڭى يىللىق سوۋغاتلىق رەسىمنى تاپشۇرۇۋالدۇق تاشپولاتكا، رەھمەت!.. شۆھرەتكام، ئەركىنكام، ئىككى تۇرسۇنجان قاتارلىق ھەممەيلەنگە يېڭى يىللىق سالام يوللايمىز، يېڭى يىلدا تېنىڭلار سالامەت، ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق، تۇرمۇشۇڭلار كۆڭۈللۈك بولسۇن!..
بەت:
[1]
2