شۇنچە ئۇتۇق ،ئېتىراپ ۋە ھۆرمەتكە ئېرىشكەن ئالىمىلىرىمىزنىڭ ئائىلە تاۋابائاتلىرى بىلەنمۇ تونۇشقۇمىز با ،ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئۆيىدىكى سىندىمۇ ئائىلىسىدىكىلەر كۆرۈنمىدى ،پەقەت باللىرىنڭ ئىسمى تىلغا ئېلىندى (ئوغلى ئادىلجان ،قىزى نەرگىزە ) لىكىن ئايالنىڭ ئىسمىنى كىملىكىنى (مىللىتىنى ) شۇنچە بىلگۈمىز بار ھەر بىرىمىزنىڭ . مۇمكىن بولسا بۇ ئۇچۇرلاربىزنى يەنىمۇ خاتىرجەم قىلسىكەن دېگەن ئۈمىدتەمەن ،ھەممىڭلارنىڭ ئارقىسىدا سىلەرنى قوللاپ كېلىۋاتقان شۇ مىھرىبانلىرىمىزبىلەن (ئائىلە بويىنچە ) چۈشكەن سۇرىتىڭلارنى بەكلا كۆرگۈمىز بار ،ئۇلارغىمۇ چوڭقۇر ھۆرمىتىمىز ،رەھمىتىمز بار ... سىلەرنىڭ سىن فىلىمڭلارنى 65 ياشقا كېرىپ قالغان پىشقەدەم مائارىپچىئانام بىلەن ئولتۇرۇپ كۆزگە ياش ئالغان ھالدا كۆردۇق، ھارمىغايسلەر...
سىلەرنىڭ ماڭغان يولۇڭلاردىن تۈمەن ئەۋلادلارغا نۇر ياغقۇسى... sawr55 يوللىغان ۋاقتى2014-1-8 20:42 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئۇستاز ئالىملىرىمىزنىڭ مۇبارەك ئ ...
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
مەن پات ئارىدا يوللىماقچى بولغان تەپسىلىي سۆھبەت خاتىرىسىدە شۆھرەتكامنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۈشكەن سۈرەتلەر ئاشكارىلىنىدۇ. تەخىر قىلىپ تۇرغايسىلەر. شۆھرەتكام زىيارەت فىلىمىمىزدە ئۆزى تونۇشتۇرغاندەك ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسىمى گۈلنۇر ناسىروۋا، ئالمۇتادا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۇيغۇر قىزى. ئىككى ھەپتە ئىچىدە بۇ سۆھبەت خاتىرىسى جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ، تەخىر قىلىپ تۇرغايسىلەر. سىزنىڭ ھەم ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ يىڭى يىلىڭىزلارغا مۇبارەك :lol تاشپولات ئاكىمىز، ئەركىن ئاكىمىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ بىزلەر بىلەن تور يۈزىدە ئەسرالىشىپ تۇرۇشى بىزنى تولىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ، شۆھرەت مۇتەللىپ ئاكىمىزنىڭ ئۇتۇقلىرىدىن خۇددى بىز ھەممىمىز شۇ ئۇتۇققا شېرىكتەك ھېسسىياتتا ئالەمچە خۇشال بولدۇق. بىلگەجاننىڭ ئەجىرلىرىگە تەشەككۈر.
يېڭى يىل مۇبارەك! سزلەرگىمۇ كۆپ رەھمەت! ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولغاي! ئەڭ گۈزەل تىلەكلىرىمىز دائىم سىلەر بىلەن بىللە.
2014 دە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلىرىڭلارنى ئاڭلاشقا تەشنامىز. Uyghun يوللىغان ۋاقتى2014-1-8 20:21 static/image/common/back.gif
2008-يىلى شۆھرەتكامنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغان قۇربان ...
پەرىزىڭىز توغرا. قۇربانجان مېنىڭ 3-ئىنىم بولىدۇ. بىزنىڭ ئائىلىدە 6 جان بولۇپ 3 ئوغۇل 3 قىز. 3 ئوغۇلنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا كالىفورنىيە Los Angeles شەھىرىدە تۇرىدۇ. 3 قىزنىڭ ھەممىسى ۋەتەندە. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ھازىر خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. atella يوللىغان ۋاقتى2014-1-8 21:08 static/image/common/back.gif
سىلەرنىڭ سىن فىلىمڭلارنى 65 ياشقا كېرىپ قالغان پىشقەدە ...
رەھمەت خېتىڭىزگە! ئاپىڭىزغا بىزدىن سالام ئېيتىپ قويارسىز. ئۇلار مىللىتىمىزنىڭ ئالتۇنىدۇر! يېڭى يىللىق سالامدىن شۇ قەدەر سۆيۈندۇق !
سىز ۋە ئائىلىڭىزگە بەرىكەت ھەم ئامەت تىلەيمىز ! bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-1-8 21:09 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
مەن پات ئارىدا يوللىماقچى بولغا ...
رەھمەت ئىنىم ،سىندىكى شۇ ئايالىنىڭ ئىسمىنى دېگەن يېرىنى قايتا-قايتا ئاڭلاپمۇ تازا ئېنىق بىلەلمىگەن ئىدىم ، باشقىلاردىن سوراپمۇ باققان ،ئۇلارمۇ ماڭا ئوخشاشلا شۇ جاينى ئېنىق ئۇقالماپتىكەن ،بۇ ئۇچۇرىڭىزدىن مىننەتدارمەن ،ئەمدى خاتىرجەم بولدۇم ،ئاجايىپ ھاياجانلىنىۋاتىمەن ،ئالىمىلىرىمىزدىن ئىپتىخارلىنىمىز . ياۋپانا ، نىمە دىگەن ھاياجانلىق مىنۇتلار ھە .
ۋەتەندىكى قېرىنداشلار سىلەردىن سۈيۈنىدۇ .
شۆھرەتكامنىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشىشىگە تىلەكداشمىز ،
ناۋادا شۆھرەتكام كىيىنچە نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشىپ قالسا خوشاللىقتا يۈرەكلەر يېرىلىپ كىتەرمۇ ؟
سىلەرنىڭمۇ يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ، يېڭى يىلدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشڭلارغا تىلەكداشمىز ،
خوشال ياشاڭلار ئەركىن قۇشلار .
پەن كۆكىدە ھارماي قانات قېقىڭلار . ھەمىمىزنى ھاياجانغا سالىدىغان ،پەخىرلەندۈردىغان خەۋەرلەرنى يەتكۈزگۈنىڭىزگەرەخمەت،مەن ئاڭلىمىدىممۇ ياكۆرمىدىممۇ ،شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تېلىۋېزور ياگېزىتتە ،پەخىرلىك ئالمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپ توغرىسىدا ھېچقانداق خەۋەريوق. تېلۋېزور ،رادىيولاردا تەشۋىق قىلىنغان بولسا تورغا چىقالمايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇنەتىجلەرنى ئاڭلاپ پەخرلىنىش ھەقىقى باردەپ قارايمەن .
بەت:
1
[2]