تېمىنى چەكسە يىڭى بەتتە ئېچىلسۇنمۇ ياكى ئەسلى بەتتىمۇ؟
تېخى تۈنۈگۈنلا ماۋۇ تىمىدا باللا قايناپ كەتتى، تىمىنى چەكسە يېڭى بەتتە ئېچىلسا دەپ، شۇڭا كۆنەلمەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ يېڭى بەتتە ئېچىلماي، ھازىرقى بەتتە ئېچىلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ قويغان.بۇنداق تالىشىدىغان ئىش بولسا، بىلەت تاشلاپ قارار قىلايلى. بىز كۆپچىلىكنىڭ پىكىرى بويىچە ئۆزگەرتىمىز.
دىققەت: بۇ يازمىدا پەقەت مۇشۇ مەسىلىلا قارار قىلىنىدۇ. بىلەت تاشلاش ۋاقتى 15 كۈن. دەسسىۋەتتىم، تېخى مېنىڭ ئوخشايدۇ دەپتىمەن :lol يېڭى بەتتە ئېچىلىشى ئۈچۈن بىر بېلەت تاشلاپ قويدۇم.
كۆك كەپتەر بىكەت مەسئۇلى دەيدىغۇ ...
ئىزدىنىشنى فەتىھ قىلدىڭلارما ؟{:92:} مەن ئۇچۇن بەرىبىر ، قاندا ئېچىلسا شۇ پېتى ئېچىپ كورىدىغان گەپ.........مىنىڭ قىزىقىدىغىنىم قۇلاق كەستىلىك قىلىپ ،لۇكچەكلىك قىلىپ زىندانغا تاشلانغانلارنىڭ جازا مۇدىتىنى بىلىش ...دىمەكچى بولغىنىم بۇرۇنقىدەك بەش كۇن ،ئون كۇن ، يۇقۇرى بولغاندا ئوتتۇز كۇن جىنايىتىگە قارىتا جازا بېرىلسە .... قۇلاق كەستىلەرمۇ ئوزىنىڭ زىنداندىن قاچان چىقىدىغانلىغىغا نىسبەتەن كوڭلىدە بىر سان بولسا ، بۇندا بولغاندا قايتا تىزىملىتىپ ئەزا سانىنىڭ كوپىيىپ كېتىشىىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولدۇ .بولمىسا جازا مۇددىتىنى بىلمىگەنلە قايتا تىزىملىتىپ كىرىشى مۇمكىن...بىزمۇ جازانىڭ ئېغىر يىنىكلىكىنى بىلىپ تۇرالايمىز. بولسا بۇرۇنقى ئوزىنىڭ ئىنكاسىنى ئوچۇرەلەيدىغان ئىقتىدارنى ئەسلىگە كەلتۇرسەڭلا ، بىزمۇ ئوزىمىزنىڭ قاملاشمىدى دىگەن ئىنكاسلىرىمىزنى تازلاپ ماڭساق......... يېڭى بەتتە ئېچىلسا ياخشى تۈنۈگۈن دەرىجىڭىز شاد دەۋاتاتتى ، بۈگۈن مىڭ بېشى بۇلۇپ قاپتىمەن ، تۇدۇن بۇلۇپ يۈرگىلىمۇ بىر ئىككى يىل بولغان :lol:lol:lol discuz نىڭ ئەدەپسىزلەرنى ئەدەپلەشكە كۈچى تامامەن يىتىدۇ، تۈرمە ئىقىدارىنى قوشۋاتىمىز.
باشقۇرغۇچىلار ھەر بىر يازمىلارغا قاراپ بولالماسلىقى مومكىن، ھەر بىر ئىنكاس ئاستىدا «پاش قىلىش» دەيدىغان كۇنۇپكا بار، ھەر قانداق ئەزا ئاشۇنداق قالايمىقان يازمىلارنى ئۇچىراتسا، «پاش قىلىش»نى بىسىپ قويسا، باشقۇرغۇچىلارغا ئۇچۇر بارىدۇ-دە باشقۇرغۇچىلار دەرھال بىر تەرەپ قىلىدۇ.
دىققەت: بۇ تېمىدا پەقەت باش تىمىدا دىيىلگەن مەسىلىلا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. باشقا پىكىر تەكلىپلەرنى يەنە بىر تىمىدا ئوتتۇرغا قويغايسىزلەر. يېڭى بەتتە ئاچىدىغان ئىشنى مائۇسقا قىلغۇزىلى، ئەسلىدىكى بەتتىلا ئېچىلىدىغان قىپ بەسىلە، ھاۋارەڭ كەپتەر! ھازىرقى بەتتە ئېچىلىدىغان بولسۇن، بىر تېما ئاچسا بىر يېڭى بەت، كۆپرەك ئاچسا ئىكران ئاستى توشۇپ كەتكەن، ئىچى پۇشۇپ كېتىدۇ ئادەمنىڭ. نىمە قىلساڭلا مەيلى ماۋۇ خەت شەكلىنى بۇرۇنقى خەت شەكلىگە ئوڭشاپ قويساڭلا بۇرۇنقى مۇنبەردەك ئىنىق تىنىق چىقسا بىرخىل رەڭسىزلا كۈرنىۋاتىدۇ . بۇرۇنقى مۇنبەرگە چۇقۇم ئوخشىتىپ بىرىڭلا كەپتەرجان ئىككى كۈن بولدى كەيپىياتىم بەكلا تۈۋەن ئۇچرىغانلا كىشى بىلەن غۇدۇرشىپلا يۈرۋاتىمەن ئامراق بىرنەرسەمنى تارتىۋالغان كىچىك بالىدەك . مىنىڭ چۈشىنىشىمدە ھازىرقى بىر مەۋجۈت بولۋاتقان تۇر مۇھىتىدا قايسى خىل شەكىل كۆپ ئىشلىنىۋاتىدۇ،شۇنىڭغا دىققەت قىلىپ ،شۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغان ياخىشى،بۇ پەقەت ئادەت مەسىلىسى ،توربەتكەياكى ئابوتقا ھەل قىلغۇچ خارەكتىرلىك تەسىر ئېلىپ كىلەلمەيدۇ.مەن دائىم باش بەتنىڭ ئۆزىدە ئېچىلدىغان تور بەتلەردە دائىم ئۆتكۈزىدىغان خاتالىقىم ،تېمىنى كۆرۈپ بۇلۇپ شۇ بەتنى بىۋاستە ئۈچۈرۋىتىش،ئاندىن باش بەت ئادرىسىنى قايتىدىن كىرگۈزۈپ باش بەتنى ئاچىمەن.باش بەت بارغۇ دەپ ،تېمىنى ئۈچۈرۈش ماڭا ئادەت بۇلۇپ قاپتۇ. بەت نۆۋەتتىكى كۆزنەكتە ئېچىلسۇن، يېڭى كۆزنەكتە ئاچماقچى بولسا Ctrl نى بېسىپ تۇرۇپ چەكسىلا بولىدىغۇ. لىكىن شۇ Ctrl بىسىش ئۇسۇلىنى قانچىلىك ئادەم بىلىدۇ، جىق ئادەملەرنىڭ كۈنى ئىزدىنىش بىلەنلا ئۆتمەيدۇ.بولسا پۈتۈن تور بىكەتلەرنىڭ مەشخولات قىلىش ئۇسۇلى بىرلىككە كەلسە ئابوتقا تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتى. قايسى بەتتە ئېچىلسا بولىۋىرىدۇ بولسا، مۇنبەرنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويغان بولساڭلار.
مۇنبەرنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىنى بەكلا مۇكەممەل دېيىشكە بولاتتى. نەدىن پەيدا بولدى، دىسكازغا كۆچتۇق، يېڭىلىققا كۆچتۇق دەپ يا بىر ئىزدىنىشقا ئوخشىمىغان.
جۇگۇ، جۇگۇ خوش بولاپ كېتەي.مۇشۇ تەلىپىمنى بىر ئويلىشىپ باققان بولساڭلا.
كونا مۇنبەرگە كۆچۈپ كېتىلى دېگەنلەرگە: كونا مۇنبەردە شۇنچە كۆپ خاتالىق كۆپ بېرىپ، بەت ئېچىلمىسا نېمىسى ياخشى ئۇنىڭ، ئادەمنىڭ ئىچىىنى سىقىۋېتىد، ئادەم چىداپ بولالمىغۇدەك دەرىجىدە،بىر ئوبدان مۇنبەرگە كۆچسەك نىمىسى يارىمايدىغاندۇ، بىخەتەرلىك قولايلىق، ئىقتىدار جەھەتتە كونا مۇنبەر بۇ مۇنبەرگە ھەرگىز يېتىپ بولالمايدۇ، كونا مۇنبەرنىڭ بەزەن خاسلىقلىرىنى بۇ مۇنبەردىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بولدى بەس ئەمدى تالاشمايلى! مۇشۇ بولىۋەرسۇن يېڭى بەتتە ئېچىلسۇن . بولمىسا ئاۋارچىلقكەن يىڭى كۆزنەكتە ئىچىشنى قوللايمەن، ھازىر كۆپ قىسىم تور كۆرگۈچەرنىڭ ھەممىسى يىڭى خەتكۈچتە ئىچىشنى قوللايدۇ، شۇڭا ۋەزىپە ئىستونىنىڭ توشوپ كىتىشىدىن ئەنسىرمىسەكمۇ بولىدۇ. مەنمۇ باش بەتنى تولا ئۆچۈرۈپ سېلىۋاتىمەن، ئۆزگەرتىپ بېرىڭلا ئاندا قىمماي...:'(