uzghun يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 10:48:56

باشقىلار ھىس قىلمىدىمۇ قانداق مۇشۇ ئىزدىنىشنىڭ يېڭى نەشىرىنىڭ بەت يۈزى ئادەم چىدىغۇسىز دەرىجىدە سەت كۈرۈندىكەن،بولسا كۆك رەڭگە ئۆزگەرتىپ قۇيۇلسا

nasin يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 11:14:03

مەن كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە تور بەت كۆرۈشتىكى قولايلىقنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاساسلىقى كەينىگە مېڭىش بىلەن تازا خوشۇم يوق بولغاچ،  يېڭى بەتتە ئېچىشقا بېلەت تاشلىغان ئىدىم. FinalFantasy@ نىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى كۆرگەندىن كىيىن ئەسلى بەتتە ئېچىشقا مايىل بولۇپ قالدىم. تاشلىغان بېلىتىم ئىناۋەتسىز بولسۇن:lol

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 11:17:40

مائوسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ  يېڭى كۆزنەكتە ئېچىش دىسەڭلار بولدىغۇ.

uzghun يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 11:21:07

يەنە بىر ئۈتۈنۈش بولسا مۇشۇ مۇنبەرنىڭ كۈرۈنۈشىنى گۈزەللەشتۈرۈپ قويساڭلار ئۈتۈنەي

qalbim يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 11:21:09

مېنىڭچە يېڭى بەت ئېچىلىغان ياخشى، تور كۆرگۈچلەرنىڭ  ئىلغارلىرنى ئىشلىتىپ يېڭى بەت ئېچىلىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويسا باش بەتتىكى  ئۆزىمىزگە ياققان تېمىلارنىڭ ھەممىنى  چېكىپ ناھايتى تېزلىكتە  شۇ تېمىلارنى كۆرۈپ بولۇپ  ئۆزىمىزنىڭ باشقا ئىشلىرىنى قىلىساق بولىدۇ.
ئەسلىدىكى بەتتە ئېچلىدىغان قىلىپ قويسىڭىز  بىر تېمىنى چېكىپ   ئۇ تېمىنى كۆرۈپ بولۇپ يەنە باش بەتكە قايتىپ يەنە بىر تېمىنى ئېچىپ كۆرۈپ   قىلىساق بىر خىل قولايسىز بولۇپ قالدىكەن.  
باشقا خالىغان تور بېكەتكە كىرىپ باقساق بولىدۇ. ھەرقانداق تېمىنى باش بەتتە چەكسە ئايرىم بەت ئېچلىدۇ.

FinalFantasy يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 11:22:45

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   FinalFantasy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-30 11:39  

turbo يوللىغان ۋاقتى  2013-12-30 08:28 static/image/common/back.gif
ئەلۋەتتە يېڭى بەتتە ئېچىلغىنى ياخشى ، بولمىسا تېمىنى ك ...

«ئىزدىنىش»نىڭ ھازىرقى يېڭى سىستېمىسىغا نىسبەتەن، بۇنىڭدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، Back كۇنۇپكىسى بېسىلغاندا، تور كۆرگۈچلەر ئالدى بىلەن ئۆزىدىكى غەملەك (cache) نى تەكشۈرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئالدىدا زىيارەت قىلىنغان تور بەتلەرنىڭ ۋاقىتىنىڭ ئۆتكەن-ئۆتمىگەنلىكىنى (page expiration) ئېنىقلايدۇ، ئەگەر ۋاقىتى ئۆتمىگەن بولسا (يەنى يېڭىلاش ھاجەتسىز بولسا،) بۇ تور بەتلەرنى ئۆزىنىڭ غەملىكىدىن ئېلىپ چىقىپ كۆرسىتىدۇ (بۇنىڭغا دەقىقە ۋاقىتمۇ كەتمەيدۇ)؛ ئەگەر دەرۋەقە ۋاقىتى ئۆتكەن بولسا (يەنى يېڭىلاش كېرەك بولسا،) مۇلازىمىتېرگە يېڭى ئىلتىماس يوللاپ يېڭىلانغان تور بەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، بۇ خىل ئۇسۇلدا، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ باش بەتنى قەرەللىك تۈردە يېڭىلاپ تۇرۇپ، يېڭى تېمىلارنىڭ بار-يوقلىقىنى تەكشۈرۈشى ھاجەتسىز: يېڭى تېما يوللانغان بولسا، باش بەت چوقۇم يېڭىلىنىدۇ؛ بولمىسا، يېڭىلانمايدۇ، تۆۋەندىكى سۈرەتتە «ئىزدىنىش»نىڭ باش بېتى بىلەن مۇشۇ تېما مىسالغا ئېلىنغان:



بۇ مىسالدا پەقەت Back (كەينى) ۋە Forward (ئالدى) كۇنۇپكىلىرى ئىشلىتىلىپ بەت ئالماشتۇرۇلغان. قارىسىڭىز، Back كۇنۇپكىسى ئارقىلىق باش بەتكە قايتىشقا يېرىم سېكوند ۋاقىتمۇ كەتمىگەن. ئاندىن one.gif دېگەن سۈرەت ھۆججەتنىڭ Size (چوڭلۇقى) دېگەن ستوندىكى قىممىتىگە قاراڭ، يەنى «from cache». بۇ دېگىنى بۇ سۈرەت مۇلازىمىتېردىن كەلتۈرۈلگەن بولماستىن، بەلكى Google Chrome نىڭ غەملىكى (cache) ىدىن ئېلىنغان. بۇنىڭغا كەتكەن ۋاقىت ئۇنىڭدىكى كېيىنكى ستون (Time) دا كۆرسىتىلگەن بولۇپ، قىممىتى 0ms (نۆل مىللىسېكوند، بىر دەقىقەمۇ ئەمەس).

مۇشۇ باھانىدە، يەنە بىر نەرسىنى قىستۇرۇپ قويغۇم كەلدى.

تېمىلارنى يېڭى خەتكۈشتە ئاچماقچى بولغان ئەزالار تور كۆرگۈچلەرنىڭ سۈكۈتتىكى تەڭشەكلەر ھالىتىدىمۇ ئۆز مەقسىدىگە يېتەلەيدۇ، چۈنكى بۇ ئەزەلدىن تەمىنلەنگەن ئىقتىدار. يەنى، ئۇلىنىشلارنى چەككەندە، مائۇس سول كۇنۇپكسىنى باسماي، ئوتتۇرا كۇنۇپكىسى (ياكى مائۇس غالتىكى) نى باسسىلا، ئۇلىنىشلار (تېمىلار) نۆۋەتتىكى خەتكۈش ئەمەس، يېڭى بىر خەتكۈشتە ئېچىلىدۇ.

يۇقىرىدىكى تۈردىكى ئەزالارغا دەيدىغىنىم ئاخىرىقى بىر گېپىم: سىزنىڭ ئۇلىنىشلارنى يېڭى خەتكۈشتە ئېچىش ئەركىنلىكىڭىز ھازىرقى تور كۆرگۈچلەر تەرىپىدىن ئاللا-بۇرۇنلا كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان، ھېچكىم ئۇنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ ياكى تارتىۋالالمايدۇ؛ ئەمما لېكىن، سىز «ھەممە ئۇلىنىشلار يېڭى خەتكۈشتە ئېچىلسۇن» دا چىڭ تۇرۇۋېلىپ، بېكەت مەسئۇللىرىنى شۇنداق تەڭشەپ قويۇشقا مەجبۇرلىسىڭىز، سىز ئۇ ھالدا بىلىپ-بىلمەي ئۆزىڭىزدىن باشقا بىر قىسىم ماڭا ئوخشاش ئەزالارنىڭ «ئۇلىىنىشلارنى نۆۋەتتىكى خەتكۈشتە ئېچىش»تەك ئەركىنلكىنى تارتىۋالغان بولىسىز، بىز (يەنى پەقەت Google Chrome ۋە ياكى Mozilla Firefox ئىشلىتىدىغانلار) شۇنىڭ بىلەن ئارتۇقچە قىستۇرمىدىن بىرنى ئورنىتىپ «ئىزدىنىش»نى نورمال ئىشلەيدىغان قىلىشقا مەجبۇر بولىمىز (قىستۇرما قوللىمايدىغان Microsoft Internet Explorerنى ئىشلىتىدىغان بىچارە ئەزالارغا ئامال يوق.)

شۇڭا... ئويلاپ بېقىپراق بىر ئىش قىلارسىز...:D

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 11:32:08

ئەمدى مەن شەخسەن پىكىرىمنى دەپ باقاي. يېڭى بەتتە ئېچىش ئىقتىدارى قولايلىقتەك بىلىنسىمۇ، لىكىن ھەممە ئادەمنىڭ كومپيۇتېر سەپلىمىسى ئوخشاش بولمايدۇ، سەل تۆۋەن سەپلىمىلىك كومپيۇتېر بولسىلا، بەت قىتىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ تور بىكەتنىڭ كاشىلىسى ئەمەس، تور بىكەتنىڭ دىگەندىمۇ، ئىشلىتىلمىسە بولمايدىغان ئۈنۈم ۋە JS ھۆججەتلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مومكىن.
بەتنىڭ زىيارەت ئەھۋالىدىن قارىغاندا، يەنە مۇتلەق كۆپ قىسىم ئەزالارنىڭ Internet Explorer 6.0 ئىشلىتۋاتقانلىقى مەلۇم، بەلكىم بۇ ئەزالار ئىمكانسىزدۇ، شۇڭا مۇشۇنداق ئەزالارنىمۇ ئويلىشىپ، بەتنىڭ css نىمۇ ئەڭ زور دەرىجىدە ماسلاشتۇرۇپ تەڭشىگەن.

مېنىڭ شەخسەن پىكىرىم بولسا، «ئەڭ يېڭى ئىنكاسلىق تىمىلار» بىلەن «ئەڭ يېڭى تىمىلار» ئايرىم يېڭى بەتتە ئېچىلسا، قالغىنى ئەسلى بەتتە ئېچىلسا، ياكى مۇشۇ ئىككىسىدىن بىرنىلا تاللىساقمۇ بولىدۇ. كۆپچىلىك خالىسا، بىلەت تاشلاش تۈرىنى كۆپەيتىپ، قايتا بىلەت تاشلىساقمۇ بولىدۇ.

Typography يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 11:34:58

باش سۈرىتىگە ئەكەلسە بۇرۇنقىدەك تېمىسى كۆرۈنسە بۇلاتتى بۇرۇنقى يازغانلىرى ......لىكىن ماۋۇنىڭغا مەن ئۈچۈن بەرىبىرنى تاشلىۋەتتىم بىلەتتىن بىرنى

qassap يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 12:12:54

beribir

sazguri يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 12:22:14

يېڭى بەتتە ئېچىلسۇنا

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 15:47:26

بېلەت تاشلايدىغان ئىشكەنغۇ،ئاۋامنىڭ رايى بويىچە بولغىنى بەرھەق

Batush يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 15:52:11

يېڭى بەت ئېچىلىدىغان قىلىپ تەڭشەلسە ھەر ئىككىلا خىل كۆز قاراشتىكىلەرنى رازى قىلغىلى بولىدىكەنغۇ.
ئىچكى ساقلىغۇچنى بەك ئىگەللىۋالىدىكەن دېسەك شۇ بىر بەتتىن بىر بەتتىن ئاچساقلا بولىدىكەنغۇ.

uzghun يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 17:10:26

بۇ مىنىڭ ئۈچۈنچى قېتىم ئېنكاس بىلدۈرۈشۈم ئەگەر يەنىلا تەلپىم نەزەرگە ئىلىنمىسا قايتا تەلەپ-پىكىر بىرىپ يۈرمەيمەن،چۈنكى ئۇيغۇرچىدا ئۈزىنى بىلىش دەيدىغان سۆز بۇلۇپ مەن بۇ سۆزنى ناھايتى ياخشى ئۆگەنگەن.

ئاخىرقى قېتىم :مۇنبەر گۈزەللەشتۈرۈلسۇن

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 17:40:05

يېڭى بەتتە ئېچىلسۇن.

eldos يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 17:42:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   eldos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-30 17:44  

her bir temigha yengi bet echilsun .
andin keyin ezalar munerde bar bolsa, bash suriti renglik bolidighan , bolmisa rengsiz bolidighan jilip qoyunglar :shutup:

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 18:17:33

bilet tashlash netijisi ni ilan qilip ,,,qarar chiqiringlar deymen mustebitlik qilmay

_oylan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 18:21:58

ئەسلى بەتتە ئېچىلسۇن{:143:}

muhammatali يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 19:28:57

تىما ماۋزۇسىنىڭ ئۈستىگە مائۇسنى ئەكەلسە تىما يوللىغۇچىنىڭ ئىسمى چىقمايدىكەن  

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 19:47:59

muhammatali يوللىغان ۋاقتى  2013-12-30 19:28 static/image/common/back.gif
تىما ماۋزۇسىنىڭ ئۈستىگە مائۇسنى ئەكەلسە تىما يوللىغۇچ ...

تىما ماۋزۇسىنىڭ سول تەرىپىدە بارغۇ؟  :funk:

muhammatali يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 20:12:06

kokkaptar يوللىغان ۋاقتى  2013-12-30 19:47 static/image/common/back.gif
تىما ماۋزۇسىنىڭ سول تەرىپىدە بارغۇ؟

بۇرۇنقى مۇنبەر بەك كۈنۇپ كەتكەچكە دىققەت قىلماپتىمەن :(
بەت: 1 2 3 [4] 5 6
: تېمىنى چەكسە يىڭى بەتتە ئېچىلسۇنمۇ ياكى ئەسلى بەتتىمۇ؟