sayramboy يوللانغان ۋاقتى 2013-12-24 17:13:30

2013-يىلىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيتىگە نەزەر

بىز بۇ قىسىمدا، خەلقئارادىكى ۋە جۇڭگۇدىكى ئوخشاش تۈردىكى باھالاش شەرتلىرى ۋە ئوسۇلىدىن پايدىلىنىپ،سىناق تەرەقىسىدە ئىقدارىمىزنىڭ يىتىشىچە شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىنى كۈزەتتۇق . باھالاش باسقۇچىدا ئىمكان قەدەر ئادىل بۇلىشىغا كۈچەپ جامائەت پىكىرىنى گەۋىلەندۈرۈشكە تىرىشتۇق. نامزاتلىققا كىرگەنلەر ئاساسەن تېلىۋىزور، ئىنتېرنىتتا بىر قەدەر كۈپ كۈرۈلگەن ئاممىۋى شەخىسلەر قاتارىدىن نامزات تاللىدۇق، مۇشۇ يوللار بىلەن ئىرىشكەن ماتىريالنى بىر قانچە تۈرگە ئايرىپ باھالاپ، ئەڭ ياخشى دەپ قارالغان نامزاتنى بېكىتتوق.  باھالىشىمىزنىڭ نەتىجىسى كوپ قىسىم ئۇيغۇرلارغا ۋەكىلىك قلسىكەن دىگەن پىرىنسىپ نىشان قىلىندى، نىشانغا يېتەلىدۇقمۇ يۇق يەنىلا كەڭ جامائەتنىڭ ئېتراپ قىلىشى ئەڭ مۇھىم  . ئەلۋەتتە بىز بۇ پائالىيەتنى پۇقراۋىلىق  سالاھىيىتى بىلەن ئېلىپ بارغاچقا  ھىچقانداق نۇپۇزلۇق ئۇرۇنغا ۋەكىلىك قىلمايمىز،كوڭۈل ئېچىش مەقسىدى ئاساسى سالماقنى ئېگەلىگەشكە تورداشلارنىڭ ئەمگىگىمىزنى ھۆرمەتلىگەن ئاساستا بىزنى توغرا چۈشىنىشىنى ۋە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز!


  ئەسكەرتىش :جېك بلوگىدىن مەلۇم دەرىجىدە پايدىلىنىلدى

باھالاشلار تۈۋەندىكىچە:


  1.ئىلىم -پەن  مۇۋاپىقىيەت مۇكاپاتى(تەبئىي پەن ): شۆھرەت مۇتەللىپ


   


ئۇيغۇر ئالىمى دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى 2013-يىلى دۇنيادىكى «مىدىتسىنادىكى 10 چوڭ بۆسۈش» نىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى! ئالىمىمىزغا مۇبارەك بولسۇن!




2.ئىلىم -پەن مۇۋاپىقىيەت مۇكاپاتى (ئىجتىمائىي پەن ):ئەسئەت سۇلايمان


   ئۇنىڭ شىۋىتسىيە ئۇلىم ئونىۋېرسىتىدا ئېلىپ بارغان قەدىمىي ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت تەتقىقات نەتىجىلىرى بىزنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرشىمىزگە ئەرزىيدۇ.


ئۇيغۇر دوكتۇر ئەسئەت سۇلايمان _ گىرمانىيە پارلامېنىت بىناسى ئالدىدا


3.يىللىق ئەڭ ياخشى كارخانا ۋە كارخانىچى :ئۆز تۈرك شىركىتى ۋە ئابدۇلئىەزىز ئەپەندى



  ئۆز تۈرك شىركىتى گەرچە بۇ يىلدا ئالاھىدە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمىگەن بولسىمۇ ،<<ئاسپىرانت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى >>نى تەسسىس قىلىپ دىيارىمىزنىڭ مائارىپ ساھەسىگە مۇئەييەن دەرىجىدە تۆھپە قوشتى .


  4.يىللىق مۇنەۋەر ئوقۇغۇچى:بېيجىڭ ئونىۋېرسىتىدىن كامالتۈرۈك يالقۇن


كامالتۈرۈك يالقۇن ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان بولۇپ ،ھازىر بېيجىڭ ئونىۋېرسىتنىڭ خىمىيە كەسپىدە ئوقۇۋاتىدۇ ،ئۇ مەكتەپتە ئەلا ئوقۇش بىلەن بىرگە بىر قاتار ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ ،ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ نۇرلۇق سىماسىنى نامايان قىلماقتا .


5.يىللىق زەپەر قۇچقان ئۈمىدلىك ياش :ماسساچۇستىس تېخنىكا پەنلىرى


ئىنىستۇتى  :فەررۇخ پەرھات



http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=55293


6.بۇ يىلدىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتچى : تاھىر ئىمىن



<<ئاسپىرانت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى>>،<<ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرى >>قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ مەدەنىيەت ساھەسىگە مۇئەييەن تۆھپە قوشتى.


7.بۇ يىلدىكى جەمئىيەتتىكى يېڭى ھادىسە :ئىلىم چېيى



ئىلىم چېيى بۇ يىل ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى بىر جەمئىيەت ھادىسسى بولۇپ ،رېستۇرانلاردا بولغىچە يەپ -ئىچىپ قاتار چاي ئويناۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىزغا تەسىر كۆرسەتسە ئەجەپ ئەمەس!


8.يىللىق ئەڭ ياخشى كىنو :ئانارخان


بۇ تىلۋىزىيە تىياتىرى مەركىزى تىلۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ ئالتۇن ۋاقىتتا قۇيۇلۇپ ،زور تەسىر قوزغىدى .


ئانارخان


9.بۇ يىلدىكى چوڭ يۇقىتىش :يازغۇچى مۇھەممەت باغراش



ئىزاھات: بۇ تۈردە ھەر يىلى قۇربان بۇلغان مەشھۇر ئۇيغۇر شەخىسلىرى خاتىرلىنىدۇ. بۇ يىل ئۇيغۇرلار ئىچىدە بىز دەماللىقا ئەسلىيەلىگەن ياكى ئەسلىيەلمىگەن نۇرغۇنلىغان مەشھۇر ئادەملىرىمىز ۋاپات بولدى. ھەممىنى تىزىپ چىقىشقا ئىمكانىيەت بۇلمىغاچقا ۋەكىللىك خاراكتېردە 3 نى تىزىپ چىقتۇق. بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرىنىڭ ئۈلۈمى بەك ئېچىنىشلىق بولدى. مۇرات ناسىروۋنى بىنادىن سەكرەپ ئۈزىنى ئۆلتۈرۋالدى دىيىشتى. ئۈلۈم سەۋەبى تېخىچە ئىنىق ئەمەس. يازغۇچى باتۇر روزى 10 نەچچە يىللىق جاپا مۇشەققەتلەردىن كىيىن ئەمدىلا بىر مۇقىمراق خىزمەت تاپقاندا كوچىدا كىتىپ بارغاندا تۇيۇقسىز كىسىلى تۇتۇپ تاكسىغا ئولتۇرغۇدەك پۇلى يوق كوچا ئاپتۇۋۇزىغا  ساقلاۋاتقان يەردە  يىقىلىپ يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ياتقان بۇلسىمۇ كوچىدا ھىچكىم كارى بۇلماي بېشىدا كىچىك بالىلار ئويناپ ئاخىر بىر خەنزۇ موماي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىرىپ دوختۇرخانا خادىملىرىنى چاقىردى…

بىز بۇ تىمىمىز ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بارلىقىنى بېقىشلاپ بۇ يىل ۋاپات بۇلغان بارلىق ئەزىز قىرىنداشلىرىمىزغا ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.


10. يىللىق مۇنەۋەر نۇمۇر ، سەھىپە، مەخسۇس تۈر:  شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسسىنىڭ ”ئىستىقبال سەھنىسى“ پىروگراممىسى








  • kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-12-24 20:03:31

    2013-يىلى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھېچ ئىش بولمىدىما؟ مىنىڭ كومپۇتېرىمدا ھېچقانداق بىر خەت كۆرۈنمەيدىغۇ بۇ تېما توغرىلىق؟

    Kangasman يوللانغان ۋاقتى 2013-12-24 20:13:34

    ئۇيغۇر جەمىيىتنى گەجلىۋەتتىڭىزما ؟ ئۇپپاقلام تۇردىغۇ

    tanhatikin يوللانغان ۋاقتى 2013-12-24 20:15:49

    بىزنىڭ تىزىپ چىقىشىمىزغا قويدىڭىزمۇيا؟!!

    oygan0 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-24 20:17:23

    ئازراق بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم ، مەن جىق ئويلاپ كەتمىگەنلا بولسام .

    paltahun يوللانغان ۋاقتى 2013-12-24 20:20:38

    ھېچنىمە دېمەكچىمۇ يە؟  {:92:}

    Gewala يوللانغان ۋاقتى 2013-12-24 20:22:55

    پادىشاھنىڭ يېڭى كىيمىدەك ھەركىم ھەرخىل پەرەز قىلىۋالامدا؟

    kanjebatur يوللانغان ۋاقتى 2013-12-24 20:24:14

    2013-ئۇيغۇر جەمىيىتىدە تىلغا ئالغىدەك ھىچ ئىش بولمىدى دىمەكچىما \"\"

    مىنىڭچە 2013-يىلى خۇشاللىق بىلەن قايغۇ ئارلاشقان بىر يىل بولدى.5-ئايلاردا شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ مۇۋاپىقىيىتى ھەممەيلەنگە خۇشاللىق ئەپ كەلدى،7-ئايلا ئەتراپىدا گۇلەن ئەپەندىنىڭ قولغا ئىلىنغانلىق خەۋرىنى ئاڭلىدۇق.كىيىن ھىسامكام توغرىسىدا شۇم خەۋەر ئاڭلاپ قايغۇرۇپ تۇرساق ئۇ خەۋەر يالغان چىقتى،خۇش بولايلى دەپ بولغىچە ،راسىتقا ئايلاندى.مانا يىل ئاخىرىدا يەنىلا ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپتىن خۇش خەۋەر كەلدى.

    uqkuri يوللانغان ۋاقتى 2013-12-24 20:24:33

    جەۋھەر \"\" \"\" \"\" \"\"

    gewala يوللانغان ۋاقتى 2013-12-24 22:36:34

    -بىلمەپتىمە , ئۇقماپتىمە .

    -ھە...

    (مۇشۇ كۇپايە , ئارتۇقى ئارتۇق )

    function يوللانغان ۋاقتى 2013-12-25 00:06:22

    2013-يىلى ئۇيغۇر ئۈچۈن تارىخقا يېزىلىدىغان يىل بولدى. مەسلەن، شۆھرەت مۇتەللىپ...يەنە جىق ئىشلار

    GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-12-25 07:11:53

    ھىشنىمىنى بىلمىگەندەك بىر نەرسىلەرنى جىجاپ يۈرگەنلەر راست بىلمەمىلەر يا بىلمەس قىياپەتكە كىرىۋالدىڭلىمۇ؟

    ئادەم موتۇرۇلا قىلىمىز دېسەڭلا چوڭ سورۇنكەن دېمەن ئاغزىمىزنى بۇزۇپ سالىمىز.

    mustapa يوللانغان ۋاقتى 2013-12-25 09:41:52

    بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى . بۇ بىر يىلدا ئۇيغۇر ئۈچۈن قانچىلىك نەتىجىلىك ئىشلار بولدى قانچىلىك يوقىتىشلار بولدى ؟ نەدىكى لاۋزا گەپلەرنى قىلىپ ۋاقىت ۋە زېھنىڭلارنى ئىسراپ قىلماي تېمىغا قايتىپ كېلىڭلار !

    tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-12-25 10:44:58

    بۇ سايرامبوينىڭ ئىزدىنىشتىكى بىر يىلى ئوخشايدۇ.

    koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-12-25 11:07:10

    قايسى كۈنى ساھىپجامال دۆلەت ھەققىدە بىر ماقالىنى تەرجىمە قىلغان ئىدىم، ئۇ ئاچىمىز ئېرىشكەن نەتىجە ئەمەلىيەتتە بوش نەتىجە ئەمەسكەن، فىزىكا ساھەسىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە يارىتىپتۇدەك. ئاللاھ خالىسا بىرەر كۈنى ئىزدىنىشقىمۇ يوللاپ قويارمەن.

    بۇ يەردىمۇ ياپونىيەدە ئوقۇغان ئۇيغۇر دوكتورنىڭ خەۋىرى بار ئىكەن، بۇ يىل 4- ئايلاردا بولغان مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئىكەن.

    http://www.cnsphoto.com/NewsPhoto/ShowNewsDetail.asp?ID=916720

    koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-12-25 11:29:51

    1- ئايدا، قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە قايتا تەرجىمىسى تەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

    7-ئاينىڭ 9-كۈنى، ۋىدوس دۇكىنىدا تۈنجى ئۇيغۇرچە ئەپ ئېلان قىلىندى.

    7-ئايدا، ۋىندوس دۇكىنى يەنە ئۇيغۇرچە- ئۆزبەكچە ئالماشتۇرۇش ئەپىنى ئېلان قىلدى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى تىل ۋە ئىككى مىللەتنىڭ كېلىپ چىقىشى بىر بولۇپ، بىر يېزىقنى ئىككى خىل ئىملادا يېزىۋاتقانلا يېرى بار. بۇنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، ئۆزبەكلەر ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنى، ئۇيغۇرلار ئۆزبەكچە ئەسەرلەرنى مۇشۇ ئەپ ئارقىلىق ئالماشتۇرۇپ كۆرەلەيدۇ، ھەم ئۆز-ئارا تەسىرى بارغانسېرى كۈچىيىدۇ.

    Windows 8.1 ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىندى.

    شۆھرەت مۇتەللىپنى دېمىسەممۇ ھەممەيلەنگە ئايان. مۇشۇنداق يېزىپ ماڭساق، 2013-يىلى ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر پۈتۈپمۇ قالىدىغان ئوخشايدۇ....

    يەنە بىر قانچە داڭلىق كىشىلىرىمىزنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىمۇ بار راست!

    lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2013-12-25 14:21:44

    2013-يىلى پەرھات تۇرسۇن ئەپەندىم مۇكاپاتقا ئېرىشتى،ئەمما بۇ مۇكاپات نۇرغۇن بەس-مۇنازىرە قوزغىدى. بەس-مۇنازىرە قوزغىمايدىغان ھېچقانداق ئىشنىڭ قىزىقى يوق.  {:92:}

    jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-25 15:19:00

    2013-يىلى يىل بىشىدىن يىل ئاخىرغۇچە ئۇيغۇر جەمىيىتىدە قانچە قىتىملاپ تىرورلۇق ۋەقەسى يۈز بىرىپ

    جەمىيەتتە ئىغىر ۋەھىمە پەيدا بولۇپ كىشلەر خەۋىپ سىرەش تۇيغۇسىدا ئۆتكەن بىريىل بولدى ۋە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى

    تىررورلۇق قىلمىشلىرغا قاتتىق نەپرەتلەنگەن بىر يىل بولدى ....

    Parakende يوللانغان ۋاقتى 2013-12-25 15:33:29

    orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-25 20:29:56

    بۇ ھىچنىمىزىمكەندە ؟؟؟ \"\"
    بەت: [1] 2
    : 2013-يىلىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيتىگە نەزەر