مەسلەن ئىسمى ئون توققۇز بولغان گەپنى باشقا ياققا قەستەن بۇراپ ئىشتىرىيدىغانلار مەن بۇ يىل 26 يىللىق بويتاقلىق ھاياتىمىغا خاتىمە بىرىپ، توي قىلۋالدىم{:92:}
21- قەۋەتتىكى jesurmenنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن بۇ يىل 26 يىللىق بويتاقلىق ھاياتىمىغا خاتىمە بىرىپ، توي قىلۋالدىم
مۇبارەك بولسۇن!
ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدىكى مۇھىم مىسال ئىكەن. راست دەۋاتىمەن، ھەرگىز كىنايە دەپ چۈشەنمەڭ. ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە 18 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان بويتاقلار ھېچ بولمىغاندە بىرەر مىليون چىقىشى مۇمكىن، ئەگەر بۇلار توي قىلىپ قالسا، ئۇلاردىن يەنە بىرەر مىليون بالا تۇغۇلسا، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 11 مىليوندىن ئېشىپ 12 مىليونغا قاراپ يۈزلەنگەن بولاتتى (سانلىق مەلۇماتتا شۇنداق، لېكىن ئەمەلىي نوپۇسنىڭ سانى خۇداغا ئامانەت).
يەنە بىرسىگە، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ توي قىلماسلىقى ۋە قىلالماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەب يەنىلا ئىقتىساد! يىگىت يېشىغا يەتكەن، سۆيگىنى بار، لېكىن توي قىلالمايۋاتقانلار كۈرمىڭ، سەۋەبى يەنىلا شۇ ئىقتىساد! قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزىنى مۇنداقلا ئاددىي توي قىلىپ قويۇشنى خالىمايدۇ، لېكىن يىگىت تەرەپنىڭ نەچچە تۈمەنلىك تويلۇققا ۋە ھەشەمەتكە كۈچى يەتمەيدۇ. سىزدەك 26 ياشتا توي قىلالىغان يىگىتلەر ئاز ئۇچرايدۇ. ئاللاھ بېشىڭلارنى باش، ئايىغىڭلارنى تاش قىلغاي، بەختلىك بولغايسىزلەر!
يېقىندا بىر يىگىت ئىقتىسادى يوق سەۋەبلىك توي قىلالمىغىلى تاس قالدى. لېكىن مېنىڭ مېھمانلار تاشلىغان خېنىلىقلار ئارقىلىق توينىڭ خىراجىتىنى چىقىرىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىشىم بىلەن، ئاخىرى توينى قىلدى. تويدا 8000 يۈەندىن كۆپرەك خېنىلىق چۈشۈپتۇ، گىرىم، رېستۇران ۋە باشقا چىقىملار بولۇپ، 6000 يۈەندىن كۆپرەك چىقىم بوپتۇ، يەنە قولىغا بىرەر مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل ئېشىپتۇ (تويلۇق ۋە باشقا سەرەمجانلارنى ئۆيىدىكىلەر قىلىپ بەردىغۇ دەيمەن).
شۇڭا، بىرەرسى توي قىلىپتۇ دەپ باغاق كېلىپ قالسا، ئامال بار تويغا بېرىپ، خېنىلىقنى يازدۇرۇپ قويىدىغان بولدۇم. بىزلەر خېنىلىق قىلغان ئازراق پۇل بىلەن، ئىككى ياش بەختلىق ئائىلە قۇرىۋالسا نېمە بوپتۇ!؟
لېكىن پۇلدارلار، بايلار، ئارتىسلار، داڭلىق يازغۇچىلار، موللاملار خېنىقلىق قىلىشنى چەكلەش تەرەپدارى بولغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە خېنىلىق بىزنىڭ ياشلىرىمىزنىڭ مۇرادىغا يېتىشىگە خېلى ئىجابىي رول ئوينىماقتا دەپ قارايمەن، بولۇپمۇ ئىشسىزلىق ۋە ئىش- ئوقەتلەر تازا ئاقمايۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە. ئورگاندىكى خىزمەتچىلەر، باشلىقلار، ئارتىسلار ۋە يازغۇچىلار نەچچە تۈمەن كوينى بىرەر ئاي ياكى بىرەر يىلدىلا تاپقان بىلەن، ئاددىي پۇقرالار بىر ئۆمۈر ئاران تېپىشى، ئاندىن ئوغلىنى ئۆيلەپ بىراقلا ئەسلىدىكى ھالىتىگە كېلىشى، ھەتتا تۈمەنلەپ قەرزلەرگە بوغۇلۇشى مۇمكىن.
تېمىغا قايتىپ كەلسەك، 2013-يىلى ھەممەيلەن قورقماي تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 10 مىليوندىن ئاشىدۇ دىيەلەيدىغان يىل بولدى.
20- قەۋەتتىكى amrakcnنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
باشقۇرغۇچىلاردىن ئۆتۇنۇشۇم بەزەن ئەزالارنى پەقەتلام چەكلىۋەتسىڭىز بوپتىكەن
مەسلەن ئىسمى ئون توققۇز بولغان گەپنى باشقا ياققا قەستەن بۇراپ ئىشتىرىيدىغانلار
ئۇنداقتا سەندەك خەقنىڭ ئىنكاس يېزىش ، مۇنبەرگە ئەزا بۇلۇپ مۇنازىرە قىلىش ھۇقۇقىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغانلارنى قانداق قىلىش كىرەك !
ئىزدىنىشتا ھەركىمنىڭ پىكىر قىلىش ئەركىنلىكى بۇلىدۇ .
بۇ يازمىنى nasin دا 2013-12-27 15:47 تەھرىرلىگەنماۋۇ تىمىنى يازغان ئادەمنى ماڭا ئوخشاش قارا خەتنى ئاق رەڭ قىلىپ بىرەر قۇر نەرسە يوشۇردىمىكىن دەپ مائۇسنى ماڭدۇرۇپ كىتىپتىمەن.
1- ئايدا، قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە قايتا تەرجىمىسى تەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
7-ئاينىڭ 9-كۈنى، ۋىدوس دۇكىنىدا تۈنجى ئۇيغۇرچە ئەپ ئېلان قىلىندى.
7-ئايدا، ۋىندوس دۇكىنى يەنە ئۇيغۇرچە- ئۆزبەكچە ئالماشتۇرۇش ئەپىنى ئېلان قىلدى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى تىل ۋە ئىككى مىللەتنىڭ كېلىپ چىقىشى بىر بولۇپ، بىر يېزىقنى ئىككى خىل ئىملادا يېزىۋاتقانلا يېرى بار. بۇنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، ئۆزبەكلەر ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنى، ئۇيغۇرلار ئۆزبەكچە ئەسەرلەرنى مۇشۇ ئەپ ئارقىلىق ئالماشتۇرۇپ كۆرەلەيدۇ، ھەم ئۆز-ئارا تەسىرى بارغانسېرى كۈچىيىدۇ.
Windows 8.1 ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىندى.
شۆھرەت مۇتەللىپنى دېمىسەممۇ ھەممەيلەنگە ئايان. مۇشۇنداق يېزىپ ماڭساق، 2013-يىلى ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر پۈتۈپمۇ قالىدىغان ئوخشايدۇ....
يەنە ئۈستىدىكى ئىنكاسىمنىڭ ئۈستىدە مائۇسنىڭ ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ يورغىلىتىپ باقساڭلار نۇرغۇن گەپلەر بار.{:92:} resimge tartqantim, emmayoliyalmidim nesinning inkasini ...
قاچان بىر يىلى زىيەك ئىزدىنىشنىڭ شۇ يىللىق مودا سۆزىنى يېزىپ يۇرەتتى،ئىزدىنىشنىڭ2013-يىللىق مودا سۆزلىرىما بۇ{:134:} {:134:} {:134:}
20- قەۋەتتىكى amrakcnنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
باشقۇرغۇچىلاردىن ئۆتۇنۇشۇم بەزەن ئەزالارنى پەقەتلام چەكلىۋەتسىڭىز بوپتىكەن
مەسلەن ئىسمى ئون توققۇز بولغان گەپنى باشقا ياققا قەستەن بۇراپ ئىشتىرىيدىغانلار
سۇمبۇل بىگى بۇيەردىمۇ باركەنسەندە ئۆردەك ئاكىمىز ۋاپات بولۇپتۇ
29- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۆردەك ئاكىمىز ۋاپات بولۇپتۇ
بىز ئاللاھ ئۈچۈندۇرمىز ، ئاللاھ تەرەپكە قايتقۇچىلارمىز .
ئاللاھ ئاخىرەتلىكىنى ياخشى قىلسۇن !
ئۆردەك ئاكامنىڭ ئىنكاسلىرى ئادەمنى قايىل قىلاتتى . مەرھۇمنىڭ ئېغىر بېسىقلىق ھەم دەلىللەر بىلەن يازغان ئىنكاس ، ھەم ئېلىپ بارغان مۇنازىرىسى كىشىنى قايىل قىلاتتى مۇشۇ تېمىدا نەچچە كۈن بۇرۇن گۈلەن ئەپەندى توغرىسىدا ئىنكاس يېزىلغاندەك قىلىۋىدى...گۈلەن ئەپەندىنىڭ تىنىچ-ئامان بولىشىنى تىلەيمەن .