bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 09:25:41

ھەرىكەت راستىنلا كىشىنى خۇشال قىلامدۇ؟

ھەرىكەت راستىنلا كىشىنى خۇشال قىلامدۇ؟



ئاپتۇرى: بىلگەجان









مەكتىپىمنىڭ
ھەر ۋاقىت چېنىقىۋاتقانلار بىلەن توشۇپ تۇرىدىغان تەنتەربىيە سارىيى تېمىغا
"ھەرىكەت - ھايات دىمەكتۇر" دەپ يىزىلغان بولۇپ، بۇ ئامىرىكا مائارىپىدا
تەنھەرىكەتكە نەقەدەر ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرسە كېرەك. تەنھەرىكەتنىڭ
ساغلاملىق ۋە زىلۋالىقنى ساقلاشتىكى تەڭداشسىز كۈچى ۋە جىسمانىي ساغلاملىققا
بولغان ساناپ تۈگەتكۈسىز پايدىسى بەلكىم كۆپچىلىككە ئايان، لىكىن تەنھەرىكەتنىڭ
كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئۈنۈمىنىڭ بارلىقىنى بىر قىسىم كىشىلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن.
  ئامرىكىلىقلارنىڭ
چېنىقىشىدىكى سەۋەبىنى سورسىڭىز، نۇرغۇنلىرى «خۇشال بولۇش ئۈچۈن» دەپ جاۋاب
بىرىشىدۇ. پرافىسور دوراشۇناسلىق دەرىسىدە مەيۈسلىنىش
كېسىلىگە
ئىشلىتىدىغان دورىلارنى تونۇشتۇرىۋىتىپ، دائىم بەدەن چېنىقۇرىدىغان كىشىلەردە بۇ
خىل كېسەلنىڭ تۆۋەنرەك نىسبەتتە كۆرۈلىدىغانلىقىنى، ھەتتا بەزى دورا تەسىر
قىلمىغان كىشىلەرنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق روھىي ساغلاملىقىنى ئەسلىگە
كەلتۈرىدىغانلىقىنى تىلغا ئىلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بۇنىڭ نېمە ئۈچۈن
ئىكەنلىكىنى بىلىشكە قىزىقىپ قالدىم ۋە بۇ توغۇرلۇق ئىلان قىلىنغان ئىلمي
ماقالىلەرنى كۆرۈپ چىقىپ سەۋەبىنى بىلىۋالدىم. تۆۋەندە مەن سىلەرگە بۇنىڭ ئىلمي
ئاساسىنى سۆزلەپ بىرەي:


مېڭىدە
«مۇكاپات سىستىمىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر مىخانىزىم بويىچە (خىروئىنغا خۇمار
بولغاندىمۇ مۇشۇ سىستىما رول ئوينايدۇ) مۇۋاپىقىىيەت، ھاياجان ۋە رازىمەنلىك
تۇيغۇسى پەيدا بولغاندا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان نېرۋا خېمىيىلىك ماددىلىرى كۆپلەپ
ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. بۇ خىلدىكى خېمىيىلىك ماددىلار دوپامىن، سېروتونىن، ئېندورفىن
ۋە ئېپىنېفىرىن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خېمىيىلىك ماددىلارنىڭ
بەدەندىكى مىقدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندە، ئادەمنىڭ كەيپىياتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ؛
بەدەندىكى مىقدارى تۆۋەنلىگەندە بولسا، ئەكسچە بولىدۇ. شۇنىمۇ قوشۇپ قويايكى،
ئېندورفىن ئادەم بەدىنىدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان
  تەبئىي
مورفىن دىگەن نامغا ئىگە بولۇپ، ھاياجانلىنىش ۋە ئازاپلىنىشنى كونتىرول قىلىشتىكى
ئەڭ كۈچلۈك تەبئىي خېمىيىلىك ماددىدۇر. ھەرىكەتلىنىش جەريانىدا، ئادەم بەدىنىدە
يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان ماددىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مىقدارى ئاشىدىكەن. دەل شۇنداق
بولغاچقا كىشىلەر ھەرىكەتتىن كىيىن خۇشال كەيپىياتتا بولىدىكەن.




ئۇنىڭدىن باشقا، تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغاندىن كىيىن،
كىشىدە رازىمەنلىك تۇيغۇسى ئېشىپ مېڭىدىكى مۇكاپات سىستىمىسىنى يەنىمۇ قوزغىتىدىكەن.
تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، چېنىقىدىغان كىشىلەر ھەتتا ھەرىكەتتىن توختاپ 12
سائەتكىچە بولغان ئارىلىققىچىمۇ ھەرىكەن قىلمىغان كىشىلەردىن ئومۇمەن خۇشال
كەيپىياتنى ساقلايدىكەن. دېمەك، بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ پايدىسى جىسمانىي ساغلاملىقنى
ئاشۇرۇشتىلا ئىپادىلىنىپ قالماي، روھىي ساغلاملىق ۋە كەيپىياتنى تەڭشەشتىمۇ
ئىپادىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز چوقۇم ئىزچىل بولغان بەدەن چېنىقتۇرۇش ئادىتى
يىتىلدۈرۈشىمىز بەكمۇ زۆرۈر.


ئەمەلىيەتتە مەيلى قايسى
خىلدىكى چېنىقىش تۈرىنى تاللىماڭ، پەقەت ئىزچىللىقنى ساقلىسىڭىزلا، ھەممىسىنىڭ
سالامەتلىك ۋە كەيپىياتنى ياخشىلاشتا ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز. ئەگەر سىز ئاساسلىقى
كەيپىياتىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە چېنقماقچى بولسىڭىز، زىچلىقى يۇقىرى،
ئېغىر ۋە كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى (مەسىلەن، ئېغىرلىق مەشىقى دىگەندەك؛
قانچە ئېغىر بولسا، بەدەندە شۇنچە كۆپ مىقداردىكى ئەپيۇن تۈرىدىكى كەيپىياتنى
يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ئېندورفېن قاتارلىق نېرۋا خېمىيىلىك ماددىلىرى ۋە ئەرلىك
جىنسىي ھورمۇن تېستوستېرون ئىشلەپچىقىرىلىدۇ) قىلسىڭز ئۈنۈمى ئەڭ كۆرۈنەرلىك
بولىدۇ.


يەنە بىر مۇھىم بولغىنى، مەيلى قايسى تۈردىكى ھەرىگەت بولمىسۇن
ئاز دىگەندە 30 مىنۇتتىن 60 مىنۇتقىچە داۋاملىشىشى، ئوخشاش ھەرىكەتنىڭ ھەر قىتىمدا
بۆلەككە بۆلۈپ تەكرار ئىلىپ بىرىلىشى ئەڭ زور ئۈنۈم بىرىدۇ. ھەرىكەت تۈرلىرى چوڭ
جەھەتتىن ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت، ئوكسىگېنسىز ھەرىگەت ۋە ئىلاستىكىلىق ھەرىكەتلەرنى
ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


ئوكىسىگېنلىق ھەرىگەت سۇ ئۈزۈش، ئاستا يۈگۈرۈش، ئارغامچا
سەكرەش، ۋېلىسپىت مىنىش، گىمناستىكا ئويناش، مىڭىش، تاغدا سەيلە قىلىش، تېننىس
توپ، تىكتاك توپ ئويناش.. قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خىلدىكى ھەرىكەت
تۈرلىرى ئاساسلىقى ئوكىسىگېنلىق مۇسكۇللارنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، بىر قەدەر يەڭگىل
ھەرىكەتلەر ھېساپلىنىدۇ. ئوكىسىگېنلىق ھەرىكەت يۈرەك سوقۇشنى تىزلىتىدۇ،
مىتابولىزىمنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماينىڭ پارچىلىنىشىنى تىزلىتىدۇ، ئېنىرگىيە
سەرپىياتىنى يۇقىرلىتىدۇ ۋە چىدامچانلىقنى ئاشۇرىدۇ
.
  


ئوكسىگېنسىز ھەرىكەت ئېغىرلىق مەشىقى، مۇسكۇل ۋە پەينى چىڭىتىش
ۋە بوشىتىش مەشىقلىرى، يۇقىرى تىزلىك مەشىقى ۋە يۇقىرى زىچلىقتىكى بۆلەككە بۆلۈپ
كۈچلەندۈرۈش مەشىقى... قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خلىدىكى ھەرىكەت
تۈرلىرى ئاساسلىقى ئوكىسگېنسىز مۇسكۇللارنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، مۇسكۇلنى
چوڭايتىپ، مۇسكۇل ۋە پەينى چىڭىتىپ بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ
.
  


ئىلاستىكىلىق ھەرىكەت ئاساسلىقى مۇسكۇل. پەي ۋە بوغۇملارنىڭ
ھەرىكىتى بولۇپ، كۆپىنچە يىنىڭ ئاتلىتكا تۈرىدىكى ھەرىكەت شەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە
ئالىدۇ. بۇ خىلدىكى ھەرىكەتلەرنى باشقا تۇردىكى ھەرىكەتلەرنى ئىشلەشتىن بۇرۇن ياكى
كىيىن قوشۇپ قىلغاندا ئۈنۈمنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.




ئومۇمەن ئوخشىمىغان مۇسكۇللارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدىغان
ھەرىگەت تۈرلىرى، مەسىلەن تىز سۇ ئۈزۈش مەشىقى، توپ ئويناش (ۋاسكىتبول، ۋالىنول،
پۇتبول، زەيتۇن توپ، كالتەك توپ ...)، ئۇسۇل ئويناش قاتارلىقلارنى ۋە ياكى ساغلام
كىشىلەر ئوكسىگېنلىق ۋە ئوكسىگېنسىز
  ھەرىكەت تۈرلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ
قىلغاندا سالامەتلىككە بولغان پايدىسى يۇقىرى بولىدۇ. ھەرىكەتنىڭ ساغلاملىققا بولغان
پايدىسى بارلىق ئەزا، ئورگانلاردا ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ، بولۇپمۇ يۈرەك، قان-تومۇر،
مېڭە، ۋە ئىممۇنىت سىستىمىسى قاتارلىقلارنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاشقا بولغان پايدىسى
ئەڭ كۆرۈنەرلىك
.





2013-يىلى قەھىرىتان (ئامرىكا)


ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 09:41:38

تەر چىقىش ياخشى ئىش.

ئەمما مۇسابىقە ئويناپ ئۇتتۇرۇپ قويساق نەچچە كۈنگىچە قۇرسۇقۇم كۈپىدۇ مىنىڭ \"\"

matu يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 10:30:25

چىدىماس گۇي.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 10:34:54

\"\"

بۇ دىگەن ئۇرۇش

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 10:36:41

مۇۋاپىق ھالدا كەتمەن چېپىشمۇ ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ، بىراق ھازىر دېھقانچىلىقتا كەتمەن چاپىدىغان ئىشلار ئازلاپ كەتتى

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 10:39:04

ۋاھ،مەن بىرىنجى بۇلۇپ ئەلانى بېسىۋالدىم!

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 10:49:57

بىر ھىكايەت يادىمغا كەلدى، شەيخ ئىبىنسىنا ياش ۋاقىتلىرىدا گۇرجان (شۇنداراق ئىسىمدە قاپتۇ) تەرەپتىكى  تاغدا دورا يىغىپ ۋە تەتقىق قىلىۋاتقان كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ،بىر پادىشاھلىقنىڭ لەشكەرلىرى ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپتۇ. ئەسلىدە ئۇ پادىشاھ ئېغىر بىر كىسەلگە مۇپتىلا بولغان بولۇپ ،داۋالىنىش ئۈچۈنمۇ ياكى بىر ئۈچۈنمۇ شۇ تاغ تەرەپتىن كېتىۋاتقان ئىكەن. پادىشاھ ئۇنىڭ نېمە ئادەملىكى ۋە بۇ تاغدا نېمە قىلىۋاتقىنىنى سورىغاندا ،مەن تىۋىپ ، دورا يىغىۋاتىمەن دەپ جاۋاب بەرسە ھېلىقى پادىشاھ : سەن راس تىۋىپ بولساڭ ،كېسىلىمنى داۋالا، قىرىق كۈن مۆھلەت بەرگەيمەن، مېنى ساقايتالىساڭ ئامان قالىسەن ۋە ئىنئامغا ئېرىشىسىەن،داۋالىيالمىساڭ كاللاڭدىن جۇدا قىلىمەن دەپ پەرمان قىلىپتۇ.

شەيخ پادىشاھنىڭ تۇمۇرىنى تۇتۇپ بىرەر كېسەلنى بايقىيالماپتۇ ، قانداق چارە قىلىشنىمۇ بىلمەي بېشى قېتىپتۇ. ئاخىرى ئويلاپتۇكىن ، مۆھلەتكە يەنە قىرىق كۈن بار ئۇنىڭغىچە دورا تەتقىقاتىمنى قىلىۋالاي دىگەن نىيەتكە كەپتۇ ۋە ئىشىغا كىرىشىپتۇ. دورا يىغقاچ لەشكەرلەرگە پادىشاھنى ئاۋۇ تەرەپكە ئاپىرىڭلار دەپ تاغنىڭ بىر تەرىپىگە بۇيرۇپ قويىدىكەن، ئەتىسى يەنە بىر تەرەپكە ئاپىرىڭلار دەپ بۇيرۇپ قويىدىكەن، دورا بەرمەيدىكەن. شۇ تەرقىدە قىرىق كۈن ئۆتۈپ يىغىدىغان دورىلىرىنى يىغىپمۇ بوپتۇ ، پادىشاھمۇ ساقىيىپ قاپتۇ.

توغرىسىنى بىلىدىغانلار تۈزىتىپ قويارسىلەر.

ulukjan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 10:54:21

كۈندە دىبادىن چىقماي ئۇسۇل ئوينايدىغانلارنى نېمانداق خۇشال ياشايدىكىن دەپتىمەن.  {:92:}  (چاقچاق)

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 11:01:28

ياخشى تېما ئىكەن، پايدىلىق بىلىم، بالام سىرىتتا يۈگىرەپ ئويناپ، نىمىشقا ھارمايدىغاندۇ دىسەم، ئەسلى خوشاللىق، ھاياجاندا ئىكەن ئەمەسمۇ. \"\" بالام قېيداپ رەنجىپ قالسا، سىرىتقا ئېلىپ چىقىپ يۈگۈرتسەم بولغىدەك.

ئەلانى بېسىپ قويدۇم.

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 11:18:57

مەن توپ تىپىپ شۇنداق ھاياجان خۇشال يۈرسەم، مۇھاببەتتىم سۇلغۇن يۈرگەن ھەم ئەمدى بىلۋالدىم .

ھى ھى  كىر يۇيۇشمۇ ھەركەتكە كىرە ھە \"\"

eldos يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 11:23:16

ناھايىتى پايدىلىق بىلىمكەن . رەھمەت . مەنمۇ ئەلادىن بىرنى بېسىپ قويدۇم .



كىشىلەرنىڭ ياش پەرقىگە قارىتا قانداق ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللانسا ياخشى بولىدىغانلىقى ، ھەرىكەت قىلىپ ساغلام بولۇشنىڭ بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى پەيتى دىگەندەك مەسىللەرنى بىلىدىغانلار تاشلاپ قويساڭلار بىلىۋالساق بوپتىكەن ؟



ھەركەت قىلىپ ئورۇقلاش توغرىسىدا ياخشى تەجىربىسى بارلار ، مۇشۇ ھەقتا ئوبدانراق پاراڭلار بولسا قىلىپ بەرسەڭلارمۇ بوپتىكەن ؟

eldos يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 11:29:30

ئۆزۈمغۇ بەك سېمىزمۇ ئەمەس ، نورمال ئېغىرلىقتىن 10 كىلو ئەتراپىدا ئېغىرلاپ كەتتىم دەپ ھىس قىلىۋاتىمەن . سېمىزلىق بولمايدىغان ئىشكەن ، ئادەمنى بەك ئېغىر قىلىپ قويغاندەك ، ئۇششاق - چۈششەك كېسەللەر چىرمىۋالغاندەك ھىس قىلىپ قالىدىكەن . تاماكا تاشلىغىلى يېرىم يىلدىن ئاشتى . تاشلىغاندىن بۇيان سەمرىپ قالدىم . شۇڭا ئۇرۇقلاش ئارزۇيۇم بار . ھازىر تاماقتىن ئۆزۈمنى قىلىسىۋاتىمەن .

matu يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 11:30:34

بولۇپمۇ جىددى ھەرىكەت قىلسا بەك خوش بولىدۇ.  {:92:}

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 11:31:17

1- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تەر چىقىش ياخشى ئىش.

ئەمما مۇسابىقە ئويناپ ئۇتتۇرۇپ قويساق نەچچە كۈنگىچە قۇرسۇقۇم كۈپىدۇ مىنىڭ \"\"



ھە بىلدىم.


شۇڭا مىنى توپقا تولا قاتمايدىكەن دە.........ئوينالمايدىكەنسەن دەپ....


خۇشاللىق ئەمەسمۇ، ئوينايلى دىسە ياق چوقۇم ئۇتۇشقا ئوينايمىز دەپ توپنى خاتا تىپ سالسا خاپا بولاپ كىتىدۇ.


تېخى قاتمايلا قويىدۇ دىسە.


ياش چوڭ بولاپ قالغاندا يەنە نىمە مۇسابىقە، تە چىقسىلا بولمىدۇ دىسە ئۇنمىغان....


بارا بارا يېقىن بامايدىغان بولدۇم، سەت كۆڭلۈمگە كەلدى دەپ ئويلىسام ئەسلى سەۋەبى مانداق كەندە.....


بولدى توغرا چۈشەندىم.

matu يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 12:01:13

ياش ۋاقىتلىرىمىزغۇ ھېلىھەم، ئۇنىڭغا مەيلى، توپ دىگەنلەرنى چوقۇم ئۇتۇمەن دەپ ئوينايدىغان نەرسە. خېلى ئۆزىنى توختاتقان ئادەملەرمۇ شاھماتتا ئۇتتۇرۇپ تېرىكىپ رەنجىپ قېلىشى قىزىق....  {:92:}   {:92:}

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 12:35:41

مەتۇ بىر چاغدا كىتابقا قاراپ ئۈگىنىۋاتىمەن دېگەندەك قىلغان. خەقنى ئۇتۇپ تېرىكتۈرۈپ يۈرگەن ئوخشىمامسىز قارىغاندا. ئىشقىلىپ شاھماتتا ئۇتتۇرىۋەتسە ئادەمگە سەل ئېغىر كېلىدۇ.

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 13:51:33

شاھماتنى بىلمەيدىغان چاغدا بىر ساۋاقدىشىم شاھمات كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ، ئوينايمىز دەپ. بىلمەيمەن دېسەم ئۆگىتىپ قويىمەن بىردەمدىلا ئۆگىنىۋالىسەن دەپ. بىرىنجى قولدا شاھماتنى تىزىپ ئۇرۇقلارنى قانداق مېڭىش دېگەندەك قائىدىلەرنى چۈشەندۈرگەچ ئوينىدۇق. ئىككىنجى قولدا سەل بىلىۋالدىم. ئۈچۈنجى قولدا قانداق بولدى ئۇنى ئۇتىۋالدىم. ئۇ ساۋاقدىشىم بىر ماڭا، بىر شاھمات تاختىسىغا قاراپ بىردەپ تۇرۇپ كېتىپ شاھماتنى پاققىدە بىرنى ئۇرۇپ ئۆرۈۋېتىپ، ئۇياقتىن ئۆگىتىپ قويسا، بۇ ياقتىن ئادەمنى مات قىلدىغان ئىش نەدە باركەن دەپ چىقىپ كەتكەنتى. \"\"

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 16:11:49

9- قەۋەتتىكى uchkur1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن توپ تىپىپ شۇنداق ھاياجان خۇشال يۈرسەم، مۇھاببەتتىم سۇلغۇن يۈرگەن ھەم ئەمدى بىلۋالدىم .

ھى ھى  كىر يۇيۇشمۇ ھەركەتكە كىرە ھە \"\"

تازلىقنى سۈيۈشكە كىرىدۇ.\"\"

choice يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 16:55:08

11- قەۋەتتىكى eldosنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۆزۈمغۇ بەك سېمىزمۇ ئەمەس ، نورمال ئېغىرلىقتىن 10 كىلو ئەتراپىدا ئېغىرلاپ كەتتىم دەپ ھىس قىلىۋاتىمەن . سېمىزلىق بولمايدىغان ئىشكەن ، ئادەمنى بەك ئېغىر قىلىپ قويغاندەك ، ئۇششاق - چۈششەك كېسەللەر چىرمىۋالغاندەك ھىس قىلىپ قالىدىكەن . تاماكا تاشلىغىلى يېرىم يىلدىن ئاشتى . تاشلىغاندىن بۇيان سەمرىپ قالدىم . شۇڭا ئۇرۇقلاش ئارزۇيۇم بار . ھازىر تاماقتىن ئۆزۈمنى قىلىسىۋاتىمەن .



كەچلىك تاماققا يەڭگىل، مايسىز، سۇيۇق سېلەڭ تاماق يىيىشنى ئادەت قىلى،پ كەچلىك ئولتۇرۇشتىن يىراق تۇرۇڭ، كەچلىك تاماق ۋاقتى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 6دىن كېيىن قالمىسۇن ،ئەگەر كېيىن قالسا يىمەيلا قويۇڭ. كۈندە ئەتىگەندە 1 سائەت كەچتە 1 سائەت تېز سۈرئەتتە پىيادە يول مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ، 6 ئايغىچە چوقۇم ئۈنۈمىنى كۆرىسىز. ئەمەلىيەتتىن سىناق قىلىپ ئۆتكەن تەجرىبە بۇ .(مۇھىمى سىجىللىق)




Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 18:57:19

ئېغىرلىقىم ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ، تىۋىپقا تومۇرۇمنى تۇتقۇزسام بەدەن ئاجىزلاپ كېتىپتۇ، ھەر كۈنى شورپا ئىچىڭ، گۆش يەڭ دەيدۇ. تىۋىپنىڭ دىگىنىدەك قىلسام ئېغىرلىقىمغۇ چۈشمىدى بىراق ئۆزەمنى يىنىكلەپ قالغاندەك ھىس قىلدىم.



ھەرىكەت قىلىدىغانغا نەدە ۋاقىت، ۋاقىتنىڭ قىسلىقىدا 100 مىتىردىن يىراق يەرگە پىيادە ماڭمايمەن.
بەت: [1] 2
: ھەرىكەت راستىنلا كىشىنى خۇشال قىلامدۇ؟