bariber يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 19:55:16

30مو يەرنى شېرىك ئىجارە ئېلىپ ئىشلەۋاتقىنىمغا ساق8ئاي بولدى،بىراق ئېغىرلىغىم 5كىلوگىرام ئېشىپ كېتىپتۇ.تەر چىقىرىشنى مەقسەت قىلىپ تىنىمسىز ئىشلەيمەن،تاماقمۇ بەك سىڭىدۇ،خۇدا بۇيرۇسا كېلەر يىلى تاماقنى ئازايتىپ بۇ يىلقىغا ئوخشاش ئىشلەپ باقمىسام.

eldos يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 21:10:30

18- قەۋەتتىكى choice نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

11- قەۋەتتىكى eldosنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۆزۈمغۇ بەك سېمىزمۇ ئەمەس ، نورمال ئېغىرلىقتىن 10 كىلو ئەتراپىدا ئېغىرلاپ كەتتىم دەپ ھىس قىلىۋاتىمەن . سېمىزلىق بولمايدىغان ئىشكەن ، ئادەمنى بەك ئېغىر قىلىپ قويغاندەك ، ئۇششاق - چۈششەك كېسەللەر چىرمىۋالغاندەك ھىس قىلىپ قالىدىكەن . تاماكا تاشلىغىلى يېرىم يىلدىن ئاشتى . تاشلىغاندىن بۇيان سەمرىپ قالدىم . شۇڭا ئۇرۇقلاش ئارزۇيۇم بار . ھازىر تاماقتىن ئۆزۈمنى قىلىسىۋاتىمەن .



كەچلىك تاماققا يەڭگىل، مايسىز، سۇيۇق سېلەڭ تاماق يىيىشنى ئادەت قىلى،پ كەچلىك ئولتۇرۇشتىن يىراق تۇرۇڭ، كەچلىك تاماق ۋاقتى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 6دىن كېيىن قالمىسۇن ،ئەگەر كېيىن قالسا يىمەيلا قويۇڭ. كۈندە ئەتىگەندە 1 سائەت كەچتە 1 سائەت تېز سۈرئەتتە پىيادە يول مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ، 6 ئايغىچە چوقۇم ئۈنۈمىنى كۆرىسىز. ئەمەلىيەتتىن سىناق قىلىپ ئۆتكەن تەجرىبە بۇ .(مۇھىمى سىجىللىق)




رەھمەت ، 10 كۈنلەر بولدى ، مەنمۇ تاماقتىن سەل ئۆزۈمنى قىسىۋاتىمەن ،

كەچتە مېڭىشنى بىر باشلىۋالمىسام بپلمىدى ، ئەمما ئەتىگەندە بىرەر سائەت مېڭىش خۇشياقمايدۇ ھەم ۋاقتىممۇ يوق .




bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 09:17:38

10- قەۋەتتىكى eldosنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ناھايىتى پايدىلىق بىلىمكەن . رەھمەت . مەنمۇ ئەلادىن بىرنى بېسىپ قويدۇم .



كىشىلەرنىڭ ياش پەرقىگە قارىتا قانداق ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللانسا ياخشى بولىدىغانلىقى ، ھەرىكەت قىلىپ ساغلام بولۇشنىڭ بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى پەيتى دىگەندەك مەسىللەرنى بىلىدىغانلار تاشلاپ قويساڭلار بىلىۋالساق بوپتىكەن ؟



ھەركەت قىلىپ ئورۇقلاش توغرىسىدا ياخشى تەجىربىسى بارلار ، مۇشۇ ھەقتا ئوبدانراق پاراڭلار بولسا قىلىپ بەرسەڭلارمۇ بوپتىكەن ؟

==============


سېمىزلىك توغرىسىدا يازغان تۆۋەندىكى تىمامدا مۇناسىۋەتلىك ئىنكاسلار بار ئىدى، شۇنى كۆرۈپ بىقىڭ:


http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=52683

jesurmen يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 09:45:14

بوي ئىگىزلىكىگە قانداق نىسبەت بولسا نۇرمال بەدەن ئېغىرلىقى بولىدۇ؟

مىنىڭ ئىگىزلىكىم 186، ئېغىرلىقىم 78 كىلو

ئۆيۈمدە چېنىقىش ئۈسكىنلىرى خېلى تولۇق، 50 كىلولىق ئىگىدىغان پۇرژۇن، 5 تاللىق سوزىدىغان پۇرژۇن، 25 كىلولىقتىن 2 دانە كۆتۈردىغان نەسە ( ئىسمىنى بىلىدىم ) قوساق قاتلايدىغان نەسە دىگەندەك.

كۈندە ئەتىگەن، كەچتە چېنىقىپ قويمە 30 مىنۇتلار ئەتراپىدا، دەسلەپ پايدىسى بولغاندەك قىلىمىغان. رامىزاننىڭ ئالدىدا 86 كىلو كىلەتتىم. 2 ئاي مۇنداقلا چېنىقىم قويسام، 8 كىلو ئورۇقلاپتىمەن. لىكىن ئۇسقان خېلى چىقتى.{:92:}



دەسلەپ باشلىغاندا 50 كىلولۇق ئىگىدىغان نەرسىنى 10 نى قىلغۇچە جېنىم قالمايتى، ھازىر 80 نى قىلالايمەن. 50 دە بىر توختاپ قىلسام 100 نى قىلىۋىتىمەن

ئاۋۇ كۆتۈردىغان نەسە بەك ياخشىكەن، ئىشقىلىپ بىرسىدىن زىرىكسەم بىرسىنى قىلىپ دىگەندەك.



ئاندىن يوۋكۇدىن سۈرەتلىك چېنىقىش ئۇسۇلىنى كۆرۈپ، ئۈسكىنىسىز چېنىقىشنىمۇ ئۈگنىۋالدىم. ئورۇقلايمەن دىگەنلەر چېنىقىڭلار، تاماقنى ئاز يەپ ئورۇقلايمەن دىمەي قىزلاردەك{:92:}



bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 09:57:21

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئوتتۇرغا قويۇلغان سېمىزلىكنىڭ ئۆلچىمى «بەدەن ئېغىرلىق ئىندىكىسى، BMI» ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ. بەدەن ئېغىرلىق ئىندىكىسى بىر فورمۇلا ئارقىلىق ھېساپلىنىدىغان بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ كىلوگرام سانى ئېگىزلىك مىتىر سانىنىڭ كۋادراتىغا بۆلۈنىدۇ. مەسلەن: بىر كىشىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 50 كىلوگرام، ئېگىزلىكى 1.5 مىتىر بولسا، بۇ ھالدا بۇ كىشىنىڭ بەدەن ئېغىرلىق ئىندىكىسى 22.2 بولىدۇ. ئادەتتە، بەدەن ئېغىرلىق ئىندىكىسى 18.5 تىن 25 كىچە بولسا نورمال ھېساپلىنىدۇ؛ 25 تىن 30 غىچە بولسا «ئېغىرلىقى ئىشىپ كەتكەن» ھېساپلىنىدۇ؛ 30 دىن ئىشىپ كەتكەن بولسا سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولغان بولىدۇ؛ ئەگەر 18.5 تىن تۆۋەن بولسا «ئېغىرلىقى تۆۋەن» بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

BMI=m/h*h

kg/m2

يەنى، 50 كىلولۇق ئادەمنىڭ بوي ئىگىزلىكى 1.5 مىتىر بولسا، ئۇ ھالدا BMI نى مۇنداق ھېسابلايمىز:

BMI=50/1.5*1.5=22.2


bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 09:57:55

ورۇقلاشتا ئاساسلىقى ھەرىكەت ۋە يىمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. داۋاملىق چېنىقىپ بىرىش ۋە تاماق مىقدارىنى ۋە تۈرلىرىدە پەرھىز تۇتۇش ئارقىلىق بەلگىلىك دەرىجىدە ئورۇقلۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولسىمۇ، بۇ سېمىز كىشىلەر ئۈچۈن بىر قەدەر قېيىن بولغان جەرياندۇر.



ئۇنىڭدىن باشقا، دورىمۇ يەنە بىر تاللاش بولۇپ، 90-يىللاردا بازراغا سېلىنغان ئامرىكىنىڭ بىر قىسىم ئورۇقلاش دورىلىرى ئەكىس تەسىرىنىڭ ئېغىرلىقى تۈپەيلى بازاردىن قايتۇرۋىلىنغان. ئۆتكەن يىل بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خىل ئورۇقلاش دورىسى ئامرىكا يىمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى (FDA) تەرىپىدىن بازراغا سېلىشقا تەستىقلانغان بولۇپ، Belviq ۋە Qsymia دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ دورىلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئىشتىھانى تۆۋەنلىتىپ تاماق مىقدرىنى ئازايتىش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، بىمارنىڭ ئازاپسىز ھالدا تاماق مىقدارىنى كونتىرول قىلىشىغا ياردەم بىرىدۇ. بۇ دورىلارنىڭ ئەكىس تەسىرى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، بولۇپمۇ بۇرۇنقى دورىلاردەك يۈردك كىسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى يوق دىيەرلىك. بۇ دورىلار سىناق قىلىنغاندا بىمارلار %15~ ئەتراپىدا ئېغىرلىق يوقۇتۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشكەن.



نۆۋەتتە دۇنيادا كۆرۈنەرلىك ئورۇقلاشنىڭ تېخى ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى تىپىلغىنى يوق. شۇڭا، ھازىرچە ئورۇقلاشنىڭ بىخەتەر لىكىن ئۈنۈمى سەل تۆۋەنرەك چارىسى يەنىلا ئېنىرگىيەنى كېمەيتىش، يەنى تاماقتىن كىلىدىغان ئېنىرگىيەنى ئازايتىپ، ھەرىكەت ئارقىلىق ئېنىرگىيە سەرپىياتىنى يۇقىرلىتىشتىن ئىبارەت. ھازىر سىمىزلىك كېسىلى تەتقىقاتى ئىنتايىن يۇقىرى مەبلەغ سېلىنغان تەتقىقات تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بەلكىم كەلگۈسى 5-10 يىل ئىچىدە ئۈنۈملۈك ئورۇقلىتىش دورىسىنىڭ مەيدانغا كىلىشىدە ئۈمىد بار.

jesurmen يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 10:10:20

ۋوييۇ، مەن بەك نۇرمالكەنمەن، ھىسابلاپ باقسام 22.28 چىقتى، مۇشۇ ھالىتىمنى ساقلاشقا تىرشىمەن

elikaram يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 10:37:46

ھەركەت،ھەركەتتە بەركەت،بىكارچىلىقتىن نېرى كەت!

YUWAX0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 16:09:53

مۇۋاپىق چىنىقىش،كەيپىياتنى ياخشى تۇتۇش،ئۇزۇقلىنىش ئىلمىي بولوش قاتارلىقلارنىڭ سالامەتلىككە پايدىلىق ئىكەنلىگىنى كۆپ قىسىم ئادەملەر بىلىدۇ لىكىن تولوق ئەمەل قىلمايدۇ.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 16:43:33

3- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

\"\"

بۇ دىگەن ئۇرۇش



مانا، زىيالىينى چەتئەل يەپ كېتىپتۇ... ھا..ھا..

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 16:46:26

بىلگەجان، ئاۋۇ مۇكاپات سىستېمىسى دېگەن بەك مۇھىمكەن، ئەسلى كومپيۇتېر ئۇيۇنىدا كۈنلەپ ئولتۇرۇپ كېتىشىمىزمۇ شۇنىڭ رولىكەندە.. يەنە بوكىسمۇ شۇ.

ayalman77 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 17:34:21

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 21:42:39

@baqka،



شۇنداق، مۇكاپات سىستىمىسى ناھايتى مۇھىم. ئايرىلىپ كەتكەنلەرنىڭ ئازاپلىنىپ ئۆزىنى تاشلىۋىتىشىمۇ «ياخشى كۆرىمەن» دىگەن كىشىنى كۆرگەندە مۇكاپات سىستىمىسى قوزغىلىپ تۇرىدىغان بولغاچقا كەيپىياتنى خۇشال قىلىدۇ، لىكىن ئۇزۇن ئايرىلغاندا كۆنۈپ قالىدىغان بولغاچقا مۇكاپات سىستىمىسى شۇ كىشىنى تەلەپ قىلىپ ئازاپلىق كەيپىياتنى ھاسىل قىلىدۇ. كومپىۇتىرنىڭ ئالدىدا ئۇزۇن ئولتۇرۇشتىمۇ بۇنىڭ مۇئەييەن رولى بولۇشى مۇمكىن.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 21:45:58

@ayalman77،

بۇ گەپنى نېمىشقا دوختۇرنىڭ ئۆزىدىن سورىمىدىڭىز؟ بۇ مۇنبەردە جۇڭيى تىبابىتى بىلەن ھەپىلىشىدىغانلار يوقمىكىن....

eldos يوللانغان ۋاقتى 2013-11-6 21:33:08

22- قەۋەتتىكى bilgejanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

10- قەۋەتتىكى eldosنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ناھايىتى پايدىلىق بىلىمكەن . رەھمەت . مەنمۇ ئەلادىن بىرنى بېسىپ قويدۇم .



كىشىلەرنىڭ ياش پەرقىگە قارىتا قانداق ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللانسا ياخشى بولىدىغانلىقى ، ھەرىكەت قىلىپ ساغلام بولۇشنىڭ بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى پەيتى دىگەندەك مەسىللەرنى بىلىدىغانلار تاشلاپ قويساڭلار بىلىۋالساق بوپتىكەن ؟



ھەركەت قىلىپ ئورۇقلاش توغرىسىدا ياخشى تەجىربىسى بارلار ، مۇشۇ ھەقتا ئوبدانراق پاراڭلار بولسا قىلىپ بەرسەڭلارمۇ بوپتىكەن ؟

==============


سېمىزلىك توغرىسىدا يازغان تۆۋەندىكى تىمامدا مۇناسىۋەتلىك ئىنكاسلار بار ئىدى، شۇنى كۆرۈپ بىقىڭ:


http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=52683



رەھمەت .




بەت: 1 [2]
: ھەرىكەت راستىنلا كىشىنى خۇشال قىلامدۇ؟