Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 08:05:31

ئۈچ رىسالە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!


بۈگۈن يېزىلماقچى بولغان بۇ ئۈچ رىسالە ئىلگىرى مەن ۋە دوستلىرىم تەرىپىدىن كۆپ قېتىم سىنىلىپ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغان ھەمدە كۆپچىلىك تەرىپىدىن قىزغىن ئالقىشلانغان. شۇڭا بۇ يەردە تۇرمۇشتا رەڭدارلىققا ئىنتىلىدىغان ئىزدىنىش ئەھلى بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئويلىدىم، ئەر- ئايال تورداشلارنىڭ ئۆيلىرىدە سىناپ بېقىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. (ئەڭ ئالدى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ سەمىگە سالىدىغىنىم: مەنبەنى ئەسكەرتمەستىن تېمىنى تور بەت- تۇرالىرىڭىزغا كۆچۈرمەڭ! كۆرسەم قاتتىق رەنجىيمەن.)


ئاۋال ئاسىنىدىن باشلاي:


1. دوخۇپكىدا پىشۇرۇلغان توخۇ كاۋىپى



خۇرۇچلىرى:


1. توخۇ قانىتى ياكى پاچىقى (قانچىلىك يېيىشنى خالىسىڭىز شۇنچە دانە)


2. بەرەڭگە (توخۇنىڭ مىقدارىغا ئاساسەن قوشىۋېرىڭ)


3. كۆك ۋە قىزىل مۇچ : مۇچ قوشۇش بەك مۇھىم، چۈنكى كاۋاپ قىلىنغان مۇچ بۇ تاماققا ئۆزگىچە تەم بېغىشلايدۇ، گۆش ۋە بەرەڭگىنىڭ قۇرغاقلىقىنى باسىدۇ، ئاچچىق تاتلىقىنى بايقاپ ئىشلىتەرسىز، ئېغىزغا ئالغىلى بولمايدىغان ئاچچىق مۇچتىن ھەزەر ئەيلەڭ، ئىككى خىل رەڭدىكى مۇچ تاماققا ھۆسىن قوشىدۇ، پەقەت تاپالمىسىڭىز ياكى كۆك، ياكى قىزىل بىرلا خىل، سۈرەتتىكىدەك ئانچە- مۇنچە ئاچچىقى بار مۇچ تاپالمىسىڭىز قاپاق مۇچ بولسىمۇ مەيلى... دېگەندەك.


4. بىر باش پىياز: ياخشىسى قىزىل پىياز بولسۇن، بىرى رەڭگىنىڭ چىرايلىق چىقىشى ئۈچۈن، يەنە بىرى قىزىل پىيازنىڭ تەمى ئاق پىيازنىڭكىدىن كۈچلۈكرەك كېلىدۇ مېنىڭ بىلىشىمچە.


5. سامساق: بىر باش.


زەيتۇن مېيى: لېسنىڭ تېگىنى مايلاشقا ۋە بارلىق خۇرۇچلارغا 2-3 قوشۇق تېمىتىپ ئارىلاشتۇرۇشقا يەتكۈدەك بولسا بولىدۇ.


6. تۇز ۋە دورا- دەرمەك: بۇ ئاساسلىق يېرى، قانداق دورا- دەرمەكلەرنى تېپىشىڭىز سىزنىڭ كاۋىپىڭىزنىڭ تەمىنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. مەسىلەن: تۇزنى ئالساق، بۇ تۈردىكى تاماققا تاپالىسىڭىز دېڭىز تۇزى ئىشلەتسىڭىز ياخشى، چۈنكى دېڭىز تۇزى ئادەتتىكى ئاشتۇزىدەك قىرتاق تەمى كۈچلۈك ئەمەس، مەلۇم بىر يەرگە جىراق تۆكۈلۈپ كەتكەن بولسىمۇ تەمنى بۇزمايدۇ.


باشقا دورا- دەرمەكلەردىن چوقۇم قوشۇلىدىغىنى دانىچە زىرە ۋە قىزىلمۇچ قېقى، قارا مۇچ ۋە قۇرۇتقان رەيھان كۆكى، بۇندىن باشقا يەنە مەن ئېنگىلىزچىسىگە ئاساسەن «يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى» (خەنچىسى芫荽籽 ئىكەن) دەپ ئاتايدىغان دورا قاتارلىقلارنى بىللە ھاۋانچىدا ئېزىپ تەييارلىۋالىمىز، بەك ئېزىۋەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، (دورا- دەرمەكلەر بۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، ياقتۇرۇشىڭىزغا ئاساسەن يەنە قوشسىڭىز بولىدۇ). ئاندىن بۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردىكى تۇزنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييار قىلىۋالىمىز.


تائام تەييارلاش ئۇسۇلى:


1. دوخۇپكىنى 180 گرادۇستا قىزىتىپ قويۇپ تەييارلىقنى باشلايمىز.


2. دوخۇپكا قىزىۋاتقان مۇشۇ ۋاقتتا لېس يۈزىنى زەيتۇن مېيىدا بىرەر قۇر مايلاپ ئاندىن گۆش ۋە بەرەڭگىلەرنى رەتلىك تىزىمىز، بوش يەرلىرىگە مۇچنى ئورۇنلاشتۇرىمىز. ئاساسلىق ئىستىمال قىلىنىدىغىنى مۇشۇ ئۈچ نەرسە، قالغان بارلىق نەرسىلەر تەم تەڭشەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، بۇلارنى لېستىكى نەرسىلەرنىڭ ئۈستىگە تەكشى ئورۇنلاشتۇرىمىز ۋە تەييارلىغان دورا- دەرمەكنى چاچىمىز. دىققەت: پىياز قەلەمچە شەكىلدە توغرىلىدۇ، سامساقنى ئاقلاپلا بىر چىش- بىر چىشتىن ئاجرىتىپ پۈتۈن پېتى قويۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.


3. دوخۇپكا 10-15 مىنۇت قىزىغاندىن كېيىن لېسنى ئىچىگە قويۇپ، 230 گرادۇستا 15 مىنۇت پىشۇرۇشقا تەڭشەڭ. 15 مىنۇتتىن كېيىن گۆش ۋە بەرەڭگىلەرنىڭ بىر يۈزى قىزىرىپ بولغان بولىدۇ، شۇڭا لېسنى چىقىرىپ، بۇلارنى بىر- بىرلەپ ئۆرۈيمىز. يەنە 15- 20 مىنۇت پىشۇرغاندىن كېيىن كاۋاپ تەييار بولىدۇ. گۆش بەكرەك قىزىرىپ قورۇلۇپ پىشسا، بەرەڭگە ۋە مۇچنىڭ سىرتى كۆيۈپ دېگۈدەك پىشسا ئەڭ ياخشى. زىيادە كۆيدۈرېۋېتىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ، بەك خاتىرجەم بولالمىسىڭىز دوخۇپكىنى سىرتتىن پات- پات تەكشۈرۈپ تۇرسىڭىز بولىدۇ.


كاۋاپ پىشقاندىن كېتىنكى سۈرەت مانا، توخۇنىڭ شورپىسى ۋە باشقا خۇرۇچلارنىڭ تەمى بىلەن پىشقان ياڭيۇ ۋە مۇچ بەكمۇ يېيىشلىك. بۇ تائام مەيلى تەم، مەيلى ھۆسىن جەھەتتىن بولسۇن، رېستورانلاردىكى پالان پۇللۇق «تاباكا» دېگەن تاماقتىن ھەرگىز كەم ئەمەس، مېھمانغا تىزىشقا يارايدۇ.


patrol يوللانغان ۋاقتى 2013-9-8 17:16:37

ھىندىلارنىڭ تامىقىنى ياقتۇرمۇدۇم...ئەمما، ئاۋۇ سامسىلارنى دەل ئەكسىچە...

قۇلاققا يېقىشلىق پاراڭ قىلىۋېتىپسىلەر خانىملار...داۋاملاشتۇرىۋىرىڭلار..

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 15:00:02

2. قات- قات پوستلۇق سامسا


\"\"


\"\"


بۇ سامسىنىڭ بازاردىكى سامسىدىن پەرقلىق يېرى- خېمىرى قات- قات ھەم چۈرۈش بولۇپ، بەكمۇ يېيىشلىك.


خۇرۇچلار ۋە قەدەم باسقۇچلىرى:


1. سامسا خېمىرى ئۈچۈن:


ئۇن، سۇ، سېرىقماي (بولمىغاندا ئۆسۈملۈك مېيى)، ئازغىنە تۇزنى ئارىلاشتۇرۇپ يۇغۇرۇپ، تىندۇرۇپ، يەنە يۇغۇرۇپ، يەنە تىندۇرۇپ... تەييارلىنىدۇ. 2 پىيالە ئۇنغا 350 گرامچە سېرىقماي بولسا يېتەرلىك. سۇنى ئۆزىمىز تەڭشەپ قۇيساق بولىدۇ، خېمىر بەك چىڭ ياكى بەك بوش بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.


خېمىرنى تەييارلاشقىلا بىر نەچچە سائەت ۋاقت كېتىدۇ. قانچە ئۇزۇن يۇغۇرۇپ، تىندۇرۇپ ئىشلىسىڭىز خېمىرىڭىز شۇنچە چۈرۈش ۋە قات- قات چىقىدۇ. بولدۇرمايمىز.


2. قىيمىسى:


قىيمىنى ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن كۆكتات ۋە دورا- دەرمەكلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىسىڭىز بولىدۇ. مېنىڭ ئادەتتە كۆپ قىلىدىغىنىم: قوي گۆشى ۋە كۈدە ئارىلاش قىيما، تۇز، ئازراق زىرە، كۆپرەك قارىمۇچ سېپىپ تەييارلايمەن. بۇنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن.


3. خېمىرنى يايىمىز، بۇ جەرياندىمۇ يېيىپ، قاتلاپ، بىردەم تىندۇرۇپ، يەنە يېيىپ قاتلاشنى داۋاملاشتۇرىمىز. گۆشناننىڭكىدىن نېپىزرەك قىلىپ يايساق بولىدۇ، ئەمما بەك نېپىزمۇ بولۇپ كەتمىسۇن. ئاندىن ھەر تەرىپى 15 سانتا مۆلچەردە كۋادراتچە قىلىپ كېسىۋالىمىز.


4. دوخۇپكىنى 180 گرادۇستا قىزىتىپ قويۇپ سامسىنى تۈگۈشكە باشلىسىڭىز بولىدۇ.


\"\"


\"\"


ئۈچ بۇرجەك شەكىل چىقىرىپ قاتلاپ، چۆرىسىنى يېپىشتۇرىمىز. ۋېلكىدا بېسىپ يېپىشتۇرسىڭىز ھەم قولاي ھەم كۆركەم بولىدۇ.



\"\"


\"\"



دوخۇپكا قىزىپ بولغاندا سامسىلارنى سۈرەتتىكىدەك سىملىق لېسقا ئورۇنلاشتۇرىمىز، ئېسىڭىزدە بولسۇن، چوقۇم سىملىق لېس ئىشلىتىسىز، تەخسە لېسقا قويسىڭىز تونۇر سامسىسىدەك بولۇۋېلىپ قات- قات كۆپۈشمەيدۇ. سامسىلارنىڭ شورپىسى ئېقىپ دوخۇپكىنى مايلاشتۇرماسلىقى ئۈچۈن ئەڭ ئاستىنقى قەۋەتكە تەخسە لېسنى قويۇپ قويۇڭ.


\"\"


\"\"


سامسىلار سىملىق لېستىن ئېقىپ چۈشۈپ كەتمىسۇن ئۈچۈن، دوخۇپكىغا مەن سۈرەتتە تىزغاندەك تىزىپ سېلىشقا دىققەت قېلىڭ.


ئاخىرىدىكىسى پىشۇرۇش جەريانى:


سامسىنى ئ‍الدىنئالا قىزىغان دوخۇپكىغا سېلىپ تېمپراتۇرىنى 200 گرادۇسقا تەڭشەيمىز، 20 مىنۇتچە پىشۇرغاندىن كېيىن دوخۇپكىدىن چىقىرىپ، سامسىلارنى بىر قۇر ئۆرۈپ 15- 20 مىنۇتلاردا دوخۇپكىدىن چىقىرىۋالساق بولىدۇ.



بۇ تاماق ئادەمنىڭ سەۋر- تاقىتىنى قاتتىق سىنايدۇ، ئالدىرىمىغان، ئۆيدە قىلىشقا ئانچە- مۇنچە ئۇششاق ئىش يىغىلىپ قالغان كۈنلىرى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئەمما مۇۋەپپىقىيەت قازانسىڭىز ئەمگىكىڭىزدىن رازى بولۇپ كېتىسىز.


سامسىغا قاراپ ئېغىزىڭىزغا سېرىق سۇ يىغىلغان بولسىمۇ، مەشغۇلات جەريانىنى كۆرۈپ بېشىڭىز قايغان بولسا بۇنىڭمۇ ئامالى بار، ھورۇنلار ۋە ئالدىراش كىشىلەر شۇنداقلا شارائىتى بارلار قوللانسا بولىدۇ، يەنە ئەرلەرمۇ بار. تاللا بازارنىڭ مۇزلىتىلغان يېمەكلىك بۆلۈمىدە دەل مۇشۇ سامسىنىڭ تەييار خېمىرى سېتلىدۇ. (چەتئەللەردىكى ئەھۋال، دۆلەت ئىچىدىكىسىنى بىلمەيمەن،)


نامى: Flaky puffy pastry sheet، مېنىڭ بىلىشىمچە تەركىبى شۈبھىلىك ئەمەس، شۇنداقتىمۇ تەكشۈرۈپ ئېلىڭ. مۇشۇ مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىپ، قىيما ۋە باشقا مەشغۇلاتلارنى مەن يازغاندەك قىلىپ پىشۇرۇپ يېسىڭىز بولىدۇ. ياقتۇرۇشىڭىزغا ئاساسەن ھەر خىل قىياملار بىلەن ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 15:01:08

ئۈچىنچى رىسالە: ھىندىچە تاماق- بىريانى (chicken biryani)



\"\"



\"\"


بەزى كۈنلىرى ئولتۇرۇپ شۇنداق ئالاھىدە بىر نەرسە يېگۈڭىز كېلىپ قالىدۇ: ئاچچىق- چۈچۈك، ئەمما قورساقنى راست تويغۇزىدىغان، سوغۇق- سالتاڭ ئەمەس، ئىسسىق باستۇرىدىغان. بۇ تاماق دەل مۇشۇ خىلدىكى خۇمارنى باسىدۇ، ئېتىش ئۇسۇلى بىزنىڭ پولورىمىزغا ئوخشىشىپ قالىدۇ، دېمەك، تەس ئەمەس.



3-4 كىشىلىك تاماققا كېتەرلىك خۇرۇچلار:


1. يېرىم توخۇ ياكى يېرىم كىلو ئەتراپىدىكى پارچە توخۇ گۆشى


2. ئۈچ پىيالە ئۇزۇنچاق گۈرۈچ. جوڭگۇدا «تايلاند گۈرۈچى» دەپ ئاتىلىدۇ، ياخشىراق تاللا بازارلىرىدا ئاساسەن دېگۈدەك بار. چەتئەلدە بولسىڭىز «باسماتى (basmati rice)» نى سېتىۋېلىڭ.


ئۇزۇنچاق گۈرۈچنىڭ بىزنىڭ ئادەتتىكى گۈرۈچىمىزدىن پەرقلىنىدىغان يېرى- خۇشپۇراق ھەم سۇ كۆتۈرۈشلۈك، دۈملىسىڭىز گۈرۈچ ئالاھىدە تىرىك بولۇپ، چېچىلىپ تۇرىدۇ.


3. باش پىيازدىن ئىككى- ئۈچ دانە


4.  ئىككى سانتىمىرچە ئۇزۇنلۇقتا بىر بوغۇم زەنجىۋىل


5. بىر باش سامساق


6. ئۈچ دانە قىزىرىپ پىشقان شوخىلا


7. كىشى بېشىغا بىردانىدىن كەلتۈرۈپ قارىئۆرۈك


8. خالىسىڭىز بىر دانە بەرەڭگە


9. بىر- ئىككى قوشۇق تۇز ۋە ئۈچ پىيالە سۇ


10. يېرىم چۆمۈچ ماي (دىققەت، پولودەك مايلىق بولمايدۇ).


11. پالەك ياكى يۇمران كۆك بەسەي دېگەندەك يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتتىن 4-5 كاللەك.


12. دورا- دەرمەك- (ھالقىلىق مەسىلە) ھەر پىيالە گۈرۈچ ئۈچۈن بىر ئاش قوشۇقى.


دۆلەت ئىچىدە بولسىڭىز تاۋباۋدا، يىۋۇ قاتارلىق جايلاردا ياكى چەتئەللەردە بولسىڭىز ھىندىستان ماللىرى سېتىلىدىغان دۇكانلاردا «بىريانى ماسالا (بىريانى دەرمىكىchicken biryani masala) دەيدىغان قەغەز قاپلىق تېتىقۇ بار، شۇنى سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.


بۇ دەرمەكنى ئۆيدە سوقۇپ تەييارلىغىلىمۇ بولىدۇ. كونكىرىت ياسىلىش ئۇسۇلى رىسالە ئارقىسىدا يېزىلماقچى، ئەگەر بۇ تاماقنى داۋاملىق ئېتىپ يېيىشنى قارار قىلغان بولسىڭىز كۆپرەك سوقتۇرىۋېلىپ، ھەر قېتىمدا شۇنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. كۆپ ئەرزان توختايدۇ.



تائام تەييارلاشنىڭ تەييارلىقى:


ئۆزىڭىزنى ئوبدان ئوراڭ، ئاشخانىڭىزنىڭ ئىشىكلىرىنى ھىم يېپىڭ. بۇ تاماقنىڭ پۇرىقى شۇ قەدەر ئالاھىدىكى، پىياز ۋە دورا- دەرمەكنىڭ خۇشبۇي پۇرىقى ئالامەت كۈچلۈك، ئىشتىھانى غىدىقلايدۇ، قورساقنىڭ ئېچىدا ئوبدان پۇرىغان بىلەن قورساق تويغاندا كىيىم- كېچەككە سىڭگەن پۇراقتىن بىزار بولۇپ قالىسىز. «دەپ قويماپتۇ» دەپ مەندىن رەنجىپ قالمىسۇن دەپ، ئاۋال ئەسكەرتتىم، قازان بېشىدا كىيگەن كىيىمنى كىيگەن پېتى سىرتقا چىقىپ كېتىپ قالماڭ.\"\"


قەدەم باسقۇچلىرى:


1. قازاننى قىزىتىپ، ماي قۇيىمىز، ماي ئوبدان چۈچۈگەندە كۇبسىمان توغرالغان پىيازنى سېلىپ «ئەمدى كۆيۈپ كېتىدۇ» دېگۈچە قورۇيمىز.


ھىندىچە تاماقلارنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى، پىيازنىڭ تەمىنىڭ مايغا تولۇق چىقىشىغا بەك ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.


2. پىيازنىڭ ئۈستىگە توغرالغان توخۇ گۆشىنى سېلىپ قورۇيمىز. گۆشلەر ئاساسەن توخۇ قورۇمىسىغا توغرالغان چوڭلۇقتا بولسا مۇۋاپىق.


3. گۆشمۇ سارغىيىپ قورۇلغاندا زەنجىۋىل، سامساقنى سېلىپ قورۇيمىز، بىر قوشۇق تەييار دەرمەكنى مۇشۇ چاغدا سېلىۋەتسىڭىز بولىدۇ.


4. ئىككى قورۇپلا كەينىدىن شوخىلىنى توغراپ سالىمىز، ئاندىن قالغان ئىككى قوشۇق دەرمەكنى سېلىۋېتىمىز، ئارىلاشتۇرۇپ قورۇپ شوخىلا پۈتۈنلەي ئېزىلگەندە سۇنى قۇيۇپ تۇزىنى تېتىيمىز.


5. سۇ قاينىغاندا ئىككى سانتىمېتىرچە كۇبچە قىلىپ توغرالغان بەرەڭگىنى ۋە قارىئۆزرۈكنى گۈرۈچ بىلەن بىللە سالىمىز. قارىئۆرۈك تەمى ئوبدان نەرسە، ئەمما ئامراقلىق قىلىپ جىق سېلىۋالسىڭىز ئاشقا چۈچۈمەل تەمى ۋە قارامتۇل رەڭگى بەك چىقىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئېھتىيات قىلىڭ. تاپالمىسىڭىز سالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.


6. ئۇندىن كېيىنكى جەريان بىزنىڭ پولو دۈملىشىمىزگە ئوخشايدۇ، مەن ئادەتتە گۈرۈچنى سۈيى يوقالغۇچە ئاۋالقىدەك يۇقىرى ئوتتا ئارىلاشتۇرۇپ قورۇپ، سۈيى تۈگىگەندە ئوتنى سۇسلىتىپ تۇۋاقنى يېپىپ دۈملەيمەن. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت- گۈرۈچ قازاندىكى باشقا نەرسىلەر بىلەن تولۇق ئارىلىشىشى ۋە تەمنى سۈمۈرۈشى كېرەك.


7. 20 مىنۇت دۈملىنىپ بولغاندا ئاش ئاساسەن پىشقان بولىدۇ. بۇ چاغدا توغراپ تەييار قىلىپ قويغان كۆكتاتنى گۈرۈچنىڭ يۈزىگە يېيىتىپ، تۇۋاقنى يېپىپ، دۈملەشنى يەنە بەش مىنۇت داۋاملاشتۇرىمىز.


ئاش پىشقاندا قازاننى چۈشۈرۈپ ئۇسىمىز. تاماقنىڭ قىزىلى قىزىل، يېشىلى يېشىل، بەك چىرايلىق، قىزلارنىڭ ئامراق تامىقى بولالايدۇ. ئۇيغۇر تىبابىتى بويىچە بۇ تاماقنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق، مىجەزگە ئومۇمەن ياقىدۇ.




Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 17:17:03

نۆۋەتتە تونۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز بىريانى دەرمىكى (بىريانى ماسالا) نى تەييارلاش ئۇسۇلى. بۇ دەرمەكلەرنى سوقۇۋېلىپ قۇتىغا قاچىلاپ، قۇرۇق جايدا ساقلاپ، بىريانى ۋە باشقا قورۇمىلارنى قورۇغاندا بىرەر قوشۇقتىن قوشۇپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. چوڭ تەخسىلىك قورۇمىلارغا ئالاھىدە تەم قوشىدۇ.



\"\"



كۆپىنچىمىز دورا- دەرمەكنى كۆرسەك تونۇغىنىمىز بىلەن نامىنى بىلىپ كەتمەيدىكەنمىز ۋە لازىم بولغاندا دەماللىققا ئىسمىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ سورىيالمايدىكەنمىز، بۇ رېتىسىپنى مەنمۇ توردىن تاپقان، ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈش ۋە ئۇيغۇرچە- ئېنگىلىزچىنى ماسلاشتۇرۇش جەھەتلەردە خېلى قىيىنچىلىقلارنى تارتتىم. بۇ يەردە كيۇ- كيۇ توپىدا بۇ ئىشتا ماڭا يېقىندىن ياردەمدە بولغان ئايتۇغ @Ay^Tugh، تۈمەن @Tvman، خورما قىز @Horma ۋە باشقا بارلىق دوستلارغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.


  پايدىلىنىشقا ۋە بازاردىن سۈرۈشتۈرۈپ تېپىشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن دورا- دەرمەكلەرنىڭ ئېنگىلىزچە- ئ‍ۇيغۇرچە سېلىشتۇرما نامى بىللە بېرىلدى(«ئۇن ھالەتتە» دەپ ئەسكەرتىلمىگەن بولسا پۈتۈن شەكىلدىكى دەرمەكنى كۆرسىتىدۇ):



Black cumin ئارپا بەدىيان: بىر قوشۇق                           


Cinnamon sticks قوۋزاق دارچىن: تۆت دانە


Cloves قەلەمپۇر (مىخ دارچىن): سەكككىز دانە


Nutmeg جۇزبۇۋا: يېرىم قوشۇق


Bayleaf لائوز دەرىخى يوپۇرمىقى: تۆت يوپۇرماق


Black/ Green cardamon لاچىندانە (قارىسى ۋە يېشىلى ھەر ئىككى خىلىدىن): قارىسىدىن ئىككى دانە، يېشىلىدىن 10 دانە


Coriander powder قۇرۇتۇپ سوققان يۇمغاقسۈت: ئىككى ئاش قوشۇقى


Cumin powder زىرە ئۇنى: بىر ئاش قوشۇقى


Pepper corns قارىمۇچ: 10 دانە


Star anise شاكال بەدىيان: ئىككى دانە


Red chilli powder قۇرۇتقان قىزىلمۇچ ئۇنى: بىر بال قوشۇقى


Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 17:38:07

سۈرەتلەر سىلەردىمۇ كۆرۈنمىدىما؟

yigana.yigit يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 18:09:49

سۈرەتلەر كۆرۈنمەپتۇ

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 18:25:59

رەسىم كۆرەنمىدىيا؟

رەخمەت تېمىڭىزغا، خوتۇن كەلسە بىر ئەتكۈزمىسىەم...

sherqi يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 18:27:05

پاھ ! ئىيسىل تاماقلاركەنغۇ بۇ ، رەسىم چىقماپتۇ ئەمەسمۇ ، رەسىمنىمۇ بىر كۆرۇپ باققان بۇلساق .

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 19:10:49

رەسىم كۆرىنمىدىيا ،،،سىز ئاشپەزما ؟ \"\"

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2013-9-7 15:19:35

@jangqi19 دىلرۇبا ئاشپەز، لىكىن ئۆيىنىڭ ئاشپىزى! كەسپى باشقا ئالاھىدە كەسپ  {:136:}  ... ئاجايىپ ئايالدە بۇ... \"\"

ئويلايمەن، ھەر قانداق ئايال ئائىلىسىنىڭ ئۇستا ئاشپىزى بولۇشى كېرەك!

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-7 16:53:18

@tumaris

قانداقئالاھىدەكەسىپ  {:92:}

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2013-9-7 17:45:29

11- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@tumaris

قانداقئالاھىدەكەسىپ \"\"

ما بالىنى دەيمەن، قازان قۇمۇشنىڭ گىپىنى قىلماي تاپانچا مىلتىقنىڭ گىپىنى قىلىڭە جەڭچى بولغانكىن \"\"


ھە ئىشقىلىپ شۇ ئاشۇنداق، رازۋىدچىك بولمىغانكىن ئۇنداق كوچىلاپ سورىمايدىغان ماقۇلما؟ ئىتىپ بەرگەن تاماقنى جىم ئولتۇرۇپ يىمەي يامان كۆپ پاراڭ سالىدىكەنسىز \"\"



دىلرۇبا جېنىم، ئەجرىڭىزدىن بەرىكەتلەر بولسۇن، بەك خۇرسەن بولدۇم جۇمۇ! خۇددى مەن ئۈچۈنلا تەييارلىغاندەك، مۇشۇنىڭ بىلەن ئىككى قېتىم بولدى ھەممىسىنى تاماق رىسالەمگە تىزىۋالدىم... \"\"\"\"

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2013-9-8 11:52:21

10- قەۋەتتىكى tumarisنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@jangqi19 دىلرۇبا ئاشپەز، لىكىن ئۆيىنىڭ ئاشپىزى! كەسپى باشقا ئالاھىدە كەسپ \"\" ... ئاجايىپ ئايالدە بۇ... \"\"

ئويلايمەن، ھەر قانداق ئايال ئائىلىسىنىڭ ئۇستا ئاشپىزى بولۇشى كېرەك!


رىسالىلەرنى ياقتۇرغىنىڭىز ئۈچۈن سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت.

ئېيتقىنىڭىزغا قوشۇلىمەن. ‏بىزدە «ئاپىسى ئۆيدە تاماق ئېتىپ بېرىپ چوڭ قىلمىغان بالا ۋاپاسىز بولۇپ قالىدۇ» دەيدىغان گەپ بار، ئۆيدە بىر نەچچە خىل ئەنئەنىۋى تاماقنىلا ئېتىپ يەپ، ئالاھىدىرەك غىزالىنىش توغرا كەلگەندە رېستورانغا چاپقاندىن، تائام تەييارلاش ھەققىدە كۆپرەك ھۈنەر ئۆگىنىپ، ئائىلىدە ئىللىققىنە ئولتۇرۇپ يېيىشكەنمۇ ياخشى.

‏  بىر ئايالنىڭ ئەڭ چىرايلىق ۋە ئېسىل نەرسىسى كىيىم ئىشكاپىلا بولماستىن بەلكى ئاشخانىسى بولۇشى كېرەك، جابدۇقلار تولۇق، مۇھىت پاكىز ئاشخانىدا سەرخىل تاماقلارنى تەييارلاپ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئالدىغا قويالىغان ئايال تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىنى چۈشەنگەن ۋە باشقىلارغىمۇ ھېس قىلدۇرالايدىغان ئايالدۇر.

‏ھەممەيلەنگە بەختلىك تۇرمۇش يار بولسۇن.


tumaris يوللانغان ۋاقتى 2013-9-8 13:59:56

13- قەۋەتتىكى Dilrubaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

10- قەۋەتتىكى tumarisنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@jangqi19 دىلرۇبا ئاشپەز، لىكىن ئۆيىنىڭ ئاشپىزى! كەسپى باشقا ئالاھىدە كەسپ \"\" ... ئاجايىپ ئايالدە بۇ... \"\"

ئويلايمەن، ھەر قانداق ئايال ئائىلىسىنىڭ ئۇستا ئاشپىزى بولۇشى كېرەك!



رىسالىلەرنى ياقتۇرغىنىڭىز ئۈچۈن سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت.

ئېيتقىنىڭىزغا قوشۇلىمەن. ‏بىزدە «ئاپىسى ئۆيدە تاماق ئېتىپ بېرىپ چوڭ قىلمىغان بالا ۋاپاسىز بولۇپ قالىدۇ» دەيدىغان گەپ بار، ئۆيدە بىر نەچچە خىل ئەنئەنىۋى تاماقنىلا ئېتىپ يەپ، ئالاھىدىرەك غىزالىنىش توغرا كەلگەندە رېستورانغا چاپقاندىن، تائام تەييارلاش ھەققىدە كۆپرەك ھۈنەر ئۆگىنىپ، ئائىلىدە ئىللىققىنە ئولتۇرۇپ يېيىشكەنمۇ ياخشى.

‏  بىر ئايالنىڭ ئەڭ چىرايلىق ۋە ئېسىل نەرسىسى كىيىم ئىشكاپىلا بولماستىن بەلكى ئاشخانىسى بولۇشى كېرەك، جابدۇقلار تولۇق، مۇھىت پاكىز ئاشخانىدا سەرخىل تاماقلارنى تەييارلاپ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئالدىغا قويالىغان ئايال تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىنى چۈشەنگەن ۋە باشقىلارغىمۇ ھېس قىلدۇرالايدىغان ئايالدۇر.

‏ھەممەيلەنگە بەختلىك تۇرمۇش يار بولسۇن.




توغرا دەيسىز جېنىم، نۇرغۇن خانىم- قىزلىرىمىز بازارنىڭ تەييار تائاملىرىنى ئەكىرىپلا ئون مىنۇتتا تاماقنى قاچىغا راسلايدىغان قولى چاققان بولۇپ كىتىۋاتىدۇ. ئاددىيسى لەغمەن پىلتىسىنى ئەرزان يەنە كىلىپ خېمىر يۇغۇرۇپ پىلتە قىلىشقا كىتىدىغان ئاۋارىچىلىك ۋە ۋاقىتنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ دەپ ھەرگىز ئۆزى ئۇنغا قولىنى سېلىپ تاماق قىلمايدۇ. ھەمىشە ئالدىراش ۋاقىت يەتمەي شۇنداق بولىدۇ دەپ ئۆزلىرىگە باھانە ئىزدىشىدۇ. بۇ پۈتۈنلەي ھورۇنلۇق، قازان بېشىغا بولغان مېھىرسىزلىكنىڭ ئىپادىسى دەپ ئويلايمەن. بۇ ھەرگىزمۇ ئۆزىنى ئاقلاشتىكى ئورۇنلۇق سەۋەپ بولالمايدۇ. بۇ يەردە ئۇنتۇلۇپ كىتىۋاتقىنى بىر ئائىلە ئۈچۈن تاماق ئىتىشتەك كۈندىلىك ئادەتكە ئايلانغان مەسئۇلىيەت ئەمەس بەلكى ئائىلىگە بولغان ھەقىقىي مېھىر- مۇھەببەت! ئۆز قولىمىز بىلەن ئوخشىتىپ بىر قاچا ئىسسىق تاماقنى ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ئالدىغا مېھىر بىلەن قويۇپ باقايلى بۇنىڭدىن ئارتۇق بەختىيارلىق، يېقىملىق كەيپىيات، ئىللىقلىق بولماس!


نۇرغۇن ئاياللىرىمىز ھە دىگەندە ئىرىم ئۆيگە بالدۇر كەلمەيدۇ، دائىم تالا- تۈزدە يۈرۈيدۇ، رېستۇران، قاۋاقلاردىن كەلمەيدۇ دەپ جاڭجاللىشىدۇ. سەۋەنلىكنى ئىرىدىن ئىزدەيدۇ ھەرگىزمۇ نىمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟ مەن ئىرىمنى ياخشى كۈتەلىدىممۇ؟ كۆڭۈل بۆلەلىدىممۇ؟ مىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىم يېتەرلىك بولغانمىدۇ؟ دىگەنلەرنى ئەسلا ئويلاپ قويمايدۇ.


خوتۇننى نىمىگە ئالىدۇ؟ ئىزىمىزنى باسقىدەك ياراملىق ئەۋلادلىرىمىز قالسىكەن، پەرزەنتلىرىم ئايالىمنىڭ تەربىيىسىدە ئىسىل چوڭ بولسىكەن، ئىللىق بىر كىچىك دۇنيارىمىز بولسىكەن، پۈتكۈل خوشاللىقىم ئارزۇلىرىم ئۈمۈدلىرىم ئائىلەمگە باغلانسىكەن، شۇ ئائىلەمدىن ئىللىقلىق ھېس قىلسامكەن، ئاددىي تۇرمۇشۇمدىن ئالەمچە بەختكە چۆمۈلسەمكەن.... دىگەنلەرنى ئارزۇ قىلىدۇ ئەمەسمۇ؟! ئوخشىغان بىر قاچا تاماق، ئىسسىق، ۋايىغا يەتكۈزۈپ دەملەنگەن بىر پىيالە چاي، ئازادە مۇھىت، ئىپتىخارلىق يېقىملىق سىمالار، ئارامبەخش ئازادە ئۆي شۇ ئەرنىڭ خوشاللىقى ئەمەسمۇ... ئادەم ئىرىشىشنىلا بىلىپ بېغىشلاشنى بىلمىسە بولمايدۇ، ئەر بىزگە پۈتۈن بىر ئائىلىنى، خاتىرجەملىكنى، مۇھەببەتنى، بەخىتنى بېغىشلىدى شۇنىڭغا يارىشا بىزمۇ بېغىشلاشنى بىلىشىمىز كېرەك. پەرزەنتلىرىمىزمۇ ئانىنىڭ مېھرىگە تولۇق قېنىپ پۈتۈن بىر ئائىلىنىڭ قىممىتىنى تونۇپ ئادىمىيلىك بىلەن چوڭ بولىشى كېرەك، ئوغۇللىرىمىز ئوغۇلدەك قىزلىرىمىز قىزدەك چوڭ بولسا ئۆزىمىزلا ئەمەس ئەرلىرىمىز ۋە بارلىق يېقىن يورۇقلارنىڭ ھەممىسى ئىپتىخارلىنىدۇ...


گەپ ئۇزىراپ كەتتى، قىسقىسى: ئىرىنمىسەك، ئەستايىدىل، ئەقىللىقراق بولساقلا شۇ ئالدىراش ۋاقىتنىمۇ ئۇتۇپ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ...


دىلرۇبا سىزنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىڭىز ھەقىقەتەن بىز قىز- ئاياللارغا ئۈلگە بولغۇدەك ئۆزگىچە بىر تۇرمۇش ئۇسلۇبى. بارا- بارا تېخى نۇرغۇن ئورتاقلىقلاردىن تەڭ بەھىر بولىمىز ئاللاھ خالىسا!... تۇرمۇشىڭىزغا خوشاللىق ۋە بەختلەر يار بولسۇن جېنىم!

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-9 12:05:12

\"\"

choice يوللانغان ۋاقتى 2013-9-9 16:31:05

تۇمارىست بىلەن دىلرۇبانىڭ سۆھبتىدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم، ھەممە خانىم قىزلىىرىمىزغا تەربىيە بولغىدەك سۆزلەر بولۇنۇپتۇ. ئاپىرىن قەدىرلىكلەر.

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2013-9-9 17:49:56

17- قەۋەتتىكى choiceنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تۇمارىست بىلەن دىلرۇبانىڭ سۆھبتىدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم، ھەممە خانىم قىزلىىرىمىزغا تەربىيە بولغىدەك سۆزلەر بولۇنۇپتۇ. ئاپىرىن قەدىرلىكلەر.

قەدىرلىك تۇمارىست ئەمەس تۇمارىس... \"\"

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-9-9 20:17:39

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،


خومۇسنىمۇ چىقىرىپ قويۇڭە بولسا، يېيىشلىك تاماقتى ئۇمۇ. ئاتايىن ئېتىش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇلغان سىنلارنى چۈشۈرۈپ كەلسەم، بۇ يەردىن نوقۇت تاپالمىدۇق، يۇرتنىڭ نوقۇتلىرى بولىدۇ بەلكىم.



\"\"

بەت: [1] 2
: ئۈچ رىسالە