ھىندىچە تاماق- بىريانى دېگەننى سىز يازغان بويىچە بىر ئەتكۈزۈپ باقمىسام.
بىرىيانى ئەتكەندە : زەنجىۋىل ۋە سامساقنى ئۇششاق توغرىۋېتىپ ياكى سوقۇپ يۇمشىتىپ ئاندىن سالامدۇ ؟
« 7. 20 مىنۇت دۈملىنىپ بولغاندا ئاش ئاساسەن پىشقان بولىدۇ. بۇ چاغدا توغراپ تەييار قىلىپ قويغان كۆكتاتنى گۈرۈچنىڭ يۈزىگە يېيىتىپ، تۇۋاقنى يېپىپ، دۈملەشنى يەنە بەش مىنۇت داۋاملاشتۇرىمىز. » دىگىنىڭىزدىكى كۆكتات پالەك ، كۆكبەسەي ... دىگىنىڭز شۇ ھەقىچان ، بۇ كۆكتاتلارنى ئۇششاق توغراپ ئاندىن يېيىتامدۇق ؟ mohsin يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 14:16 static/image/common/back.gif
@Dilruba
زەنجىۋىل ۋە سامساقنى گالدىن ئۆتۈپ كەتكۈدەك چوڭلۇقتا توغراش ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارايمەن، چۈنكى بۇ نەرسىلەر سالامەتلىككە بەك پايدىلىق. ياقتۇرغىنىڭىز بويىچە سوقۇپ سېلىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ، تاماققا تەمى چىقسىلا بولغىنى.
مەن يوپۇرماقلىق كۆكتاتنى تەخمىنەن بەش سانتىمېتىرچە ئۇزۇنلۇقتا توغرايمەن، سەل يوغان توغرالسا ئاش چىرايلىق چىقىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mohsin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-28 22:25
@Dilruba
جاۋاب قايتۇرغىنىڭزغا رەھمەت دىلرۇبا ،
بۇ تاماق رىسالىسىنى كۆرۈپ قىزىقىپ قالدىم ، قاراپ باقسام قىلغىلى بولمىغۇدەكمۇ تاماق ئەمەسكەن بۇ ، ئايالىممۇ رىسالىڭىزنى كۆرۈپ سىناپ باققىسى كېلىپ قالدى ، پولۇغا ئۇستا ئىدى ، بۇنىمۇ قاملاشتۇرۇپ كېتەر ،
تاۋباۋدىن كۆرسەم سىز تەۋسىيە قىلغان تەييار خالتىلىق « بىرىيانى ماسالا » باركەن ، يۈز گىراملىقىنى 13 يۈەن باھادا چىقىرىپ قويۇپتۇ ،
بازاردىكى بۇ تەييار ماسالا نى سىز ئىشلىتىپ باققانمىدىڭىز ؟ ، ھېندىستاننىڭكىنى ، تەركىۋى ئىشەنچىلىكتۇ ھە ، ياكى بولمىسا سىز تېما ئاستىدا قالدۇرغان ئۆلچەم بويىچە سوقتۇرسام بولامدىكىن ، تەركىۋىدىكى نەرسىلەر ئاساسەن 80 خالتىلاردا بار نەرسىلەركەن ... يەنە يېڭىلىقلار بولسا تونۇشتۇرمامسىز ... جىددىي قوشۇمچە:
سامسا خېمىرىنى يېيىپ نىپىزلىتىپ بولۇپ بىر قەۋەت سېرىق ماي ياكى زەيتۇن مېيى، ياكى ئۆسۈملۇك مېيى ھېچ بولمىسا ئەبجۇش ماي بىلەن مايلىغاي، ئاندىن سامسا جىلتىسى تېخىمۇ قەۋەت-قەۋەت، تىترەپ ئۇۋۇلۇپ چىققاي!!! @xahla91، كۆپ رەھمەت.
@mohsin، بىريانى ئەتمەك راستىنلا تەس ئەمەس، رىسالىنى بەك تەپسىلى يازدىم، بىر- ئىككى قېتىم مۇشۇ بويىچە ئەتسە سەللىمازا ئۆگىنىپ كەتكىلى بولىدۇ.
تاۋباۋدىكى بىريانى ماسالانىڭ تەركىۋى ئىشەنچىلىك، خۇددى بىزدىكىگە ئوخشاشلا ساپ ئىسسىقلىق دورىلارنى سوقۇپ تەڭشەپ خالتىغا قاچىلانغان. مەنمۇ بۇ تاماقنى ئەڭ دەسلەپ شۇ تەييار ماسالا بىلەن ئېتىپ ئۆگەنگەن. ھەقىقى باھاسى جوڭگۇ پۇلىغا ئىككى- ئۈچ يۈەنلىك نەرسە، تاۋباۋدا شۇنداق قىممەت سېتىلىدۇ.
لېكىن مەن ۋە دوستلىرىمنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا ھىندىستاندا ئىشلەنگىنى بىلەن پاكىستاندا ئىشلەنگىنى تەم جەھەتتىن خېلىلا پەرقلىنىدىكەن، يەنى ھىندىستاننىڭكىسى بىزگە بەك يېقىپ كەتمىدى. شۇڭا پاكىستاننىڭكىنى ئېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
بىرەر قاپنى ئېلىپ تەمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالغاندىكىن كېيىن ئۆزىڭىز دەرمەك سوقتۇرۇپ، تەمىنى شۇنىڭغا يېقىنلاشتۇرۇپ تەييارلاتسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ مېنىڭچە. بۇ دەرمەك قورداقنىمۇ بەك ئوخشىتىدىكەن.
يېڭىلىقلار كۆپقۇ:P، ئاستا- ئاستا دېيىشكىلى نېسىپ بولار ئىنشاللاھ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Dilruba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-30 03:20
mohsin يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 22:23 static/image/common/back.gif
@Dilruba
جاۋاب قايتۇرغىنىڭزغا رەھمەت دىلرۇبا ،
تېمىغا پىكىر قاتناشتۇرغىنىڭىز ئۈچۈن سىزگىمۇ رەھمەت.
تاۋباۋدىكى National ماركىلىق ماسالا پاكىستاننىڭ، تەمى ياخشى. chicken biryani masala ئاۋالقى تاللاش.
ئۇتۇق تىلەيمەن.:) ... مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئېتىپ باقماقچى ، يەپ بېقىپ ، يەنە ئىنكاس يازىمەن ... تاۋباۋدىن كېلىپ بولغىچە ، ئاۋال سىز قالدۇرغان ئۆلچەم بويىيچە دەرمەكچىلەردە سوقتۇرۇپ ئىشلىتىپ باقاي ...
بەت:
1
[2]