bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-8 21:48:13

نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىئولوگىيە ئالىملىرى

بۇ تىما ئۇيغۇر ياشلىرىدا ئىلىم-پەن قىزغىنلىقى قوزغاش، دۇنياۋى بىلىملەرگە تەلپۈنۈش ئىستىكى ھاسل قىلىش ۋە ئىلىم پەن ساھەسىدە دۇنياۋى شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرگەن تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرىنى ئۇيغۇرلارغا تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئىلىم پەن ھەۋەسكارلىرىنى ئېلھاملاندۇرۇش ۋە شۇنداقلا ئانا تىلىمىزدا پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇش مەقسىتىدە يىزىلغان. بۇ تىمىدىكى نوبېل مۇكاپاتىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەزمۇنلار شىۋىتسىيە خان جەمەتى نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان نوبىل مۇكاپاتى تورى (http://www.nobelprize.org) دىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى، شۇڭا بۇ مەزمۇنلار مۇتلەق توغرىلىققا ۋە مۇشۇ ساھەدىكى ئۇچۇرلار ئىچىدە ئەڭ ئالىي نوپۇزغا ئىگە. مەن بىئولوگىيەگە ئائىت بىلىملەرنى پەقەت تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچىلا ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەن بولغاچقا ئاتالغۇلاردا ۋە شەخىسلەرنىڭ ئىسمىنى قېلىپقا چۈشۈرۈپ ئۆزلەشتۈرۈشتە بەزى خاتالىقلارنى سادىر قىلمىغان بولسام ھەيران قالىمەن. ئەگەر يىتەرسىزلىكلەر بولسا تورداشلارنىڭ سەمىمىي تەكلىپ-پىكىر، تۈزۈتۈش بىرىشلىرىنى سورايمەن.



                                              -بىلگەجان (2013-يىلى سەپەر ئېيىنىڭ 30-كۈنى، ئامرىكا)



بۇ ماقالە تۆۋەندىكى ئالتە بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:



1. ئەلفىرەد نوبېل ۋە  نوبېل مۇكاپاتىنىڭ تەسىس قىلىنىشى

2. نوبېل مۇكاپاتى توغرىسىدا پاكىتلار

3. نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىئولوگىيە ئالىملىرى تىزىملىكى

4. نوبېل خېمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىئولوگىيە ئالىملىرى تىزىملىكى

5. بىر نوبېل مۇكاپاتى ئىگىسىنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئىككى كەلىمە ھېكايە

6. ئاپتورنىڭ ئاخىرقى سۆزى




1 .ئەلفىرەد نوبېل ۋە نوبېل مۇكاپاتىنىڭ تەسىس قىلىنىشى





ئەلفىرەد بېرنخارد نوبېل 1833-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى شىۋىتسىيەنىڭ سىتھوكلىم شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ياش ۋاقتىدا دادىسىنىڭ قورال-ياراق زاۋۇتىدا ئىشلىگەن. ئۇ ئىلىم-پەنگە بولغان قىزىقىشى تۈپەيلى، خېمىيىلىك پارتلاتقۇچ دورىلارنى سىناق قىلغان. 1864-يىلى بىر قىتىمىلىق ئەجەللىك پارتلاشتا ئۇنىڭ ئېنىسى ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ ئىش ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغاچقا، ئۇ بىخەتەرلىكى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان پارتلاتقۇچ دورا - دىنامىتنى كەشىپ قىلغان. نوبېل ئۆزىنىڭ غايەت زور بايلىقىنى نوبېل مۇكاپاتى تەسىس قىلىشقا ئىشلەتكەن.

1888-يىلى نوبېلنىڭ ئىنىسى لۇدۋېگ فىرنسىيەدە ئۆلۈپ كەتكەن. فىرانسىيەدىكى بىر گېىزىت خاتالىشىپ لۇدۋېگ نوبېلنىڭ ئورنىغا ئەلفىرەد نوبېلنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى گېزىتكە باسقان ۋە ئۇنىڭ دىنامىتنى كەشىپ قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىگەن.  ئەلفىرەد نوبېل بۇنىڭدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن باشقىلار تەرىپىدىن قانداق ياد ئېتىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنى فىزىكا، خېمىيە، مىدىتسىنا ياكى فىزىئولوگىيە، ئەدەبىيات قاتارلىق پەنلەر ۋە تىنچلىق ئىشلىرىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقانلارنى مۇكاپاتلاشقا سەرپ قىلىشنى قارار قىلغان. ئۇنىڭ بۇ ساھەلەردىكى نەتىجە قازانغانلارنى مۇكاپاتلىشى ئۇنىڭ دۇنيا قارىشىنى ۋە نىمىنى ئەڭ مۇھىم دەپ قارىغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.

ئۇ 1896-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىتالىيەنىڭ سان رېمو شەھرىدە ۋاپات بولغان. ئۇ ئۆلۈپ كىتىش ئالدىدا باج ۋە مىراسنى چىقىرىۋەتكەندە جەمئىي 31 مىليۇن 225 مىڭ شىۋىت كروناسىنى (بۇ پۇل 2008-يىلىدىكى 250 مىليۇن ئامرىكا دوللىرىغا تەڭ بولغان)  نوبېل مۇكاپاتىغا ئىشلىتىشكە قالدۇرغان.

نوبېل 1895-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى پارىستىكى بىر شىۋىتلار-نورۋېگىيلىكلەر قاۋاقخانىسدا ئۇنىڭ ئۈچىنچى شۇنداقلا ئەڭ ئاخرىقى ۋەسىيتىگە ئىمزا قويغان. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ ۋەسىيتى ئوقۇلغاندا شىۋىتسىيە ۋە خەلقىئارادا زور بەس-مۇنازىرىلەرنى قوزغىغان چۈنكى ئۇ مال مۈلكىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى بىر مۇكاپات تەسىس قىلىشقا ئىشلەتكەن. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ بۇ ۋەسىيتىگە قارشى چىققان ۋە ئۇ مۇكاپاتنى تارقىتىشقا تاللىغانلار بۇ مۇكاپاتنى تارقىتىشنى رەت قىلغان. ئۇ ۋەسىيىتىدە «ئىنسانلار جەمئىيتى ئۈچۈن ئەڭ زور تۆھپە قوشقان كىشىلەرنى مۇكاپاتلايمەن» دىگەن. ئاخىرى 1901-يىلى نوبېلنىڭ ۋاپاتىدىن 5 يىل ئۆتكەندە ئاندىن تۇنجى قېتىملىق نوبېل فىزىكا، خېمىيە، فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا، ئەدەبىيات ۋە تىنچلىق مۇكاپاتلىرى تارقىتىلغان. نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى ۋە نوبېل خېمىيە مۇكاپاتى شىۋىتسيە پەنلەر ئاكادىميىسى تەرىپىدىن، نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى سىتھوكلىم كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى سىتھوكلىم ئاكادىمىيىسى تەرىپىدىن، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نورۋېگىيە پارلامىنتى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ. 1968-يىلىدىن باشلاپ شىۋىتسىيە مەركىزى بانكىسى Sveriges Riksbank نوبېلنى خاتىرلەش يۈزسىدىن نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىنى تارقىتىشنى قارار قىلغان. شۇنداق قىلىپ ھازىرغىچە نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى، نوبېل خېمىيە مۇكاپاتى، نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ۋە نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىدىن ئىبارەت ئالتە تۈرلۈك مۇكاپات تارقىتىلىدىغان بولۇپ، ھەر بىر نوبېل مۇكاپاتىنىڭ سوممىسى 8 مىليون شىۋىتسىيە كروناسى (تەخمىنەن 1.2 مىليون ئامرىكا دوللىرى ياكى 7 مىليون 350 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ) بولۇپ، ئەگەر بىردىن كۆپ كىشى بىر قېتىملىق نوبېل مۇكاپاتىغا تەڭ ئېرىشسە ئۇلارغا بۇ پۇل بۆلۈپ بىرىلىدۇ.



2. نوبېل مۇكاپاتى توغرىسىدا پاكىتلار



نوبېل مۇكاپاتى 1901-يىلدىن 2012-يىلغىچە جەمئىي 555 قېتىم 862 كىشىگە تارقىتىپ بىرىلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاران 44 كىشى ئاياللاردۇر. بىرىنچى دۇنيا ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىللىرىدە نوبېل مۇكاپاتى بىر نەچچە يىل تارقىتىلمىغان. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 59 ياش بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياش كىشى 25 يىشىدا (William Lawrence Bragg ،1915) نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. يېشى ئەڭ چوڭى بولسا 90 ياش بولۇپ، بۇ كىشى 2007-يىللىق نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا نائىل بولغان ئامرىكا مىنېسسودا ئۇنۋىرستىتى ئىقتىساد پەنلىرى پىرافىسورى Leonid Hurwicz.  بۇلارنىڭ ئىچىدە 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ۋە 3-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇغۇلغانلار ئەڭ كۆپ. تۇغۇلغان دۆلىتى بويىچە تىزغاندا ھىندىستاندا تۇغۇلغانلاردىن 8 كىشى، ياپونيەدە تۇغۇلغانلاردىن 17 كىشى، ئىتالىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 17 كىشى، شىۋىتسىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 28 كىشى، روسىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 37 كىشى، فىرانسىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 49 كىشى، گىرمانىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 74 كىشى، ئەنگىلىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 79 كىشى، ئامرىكىدا تۇغۇلغانلاردىن 247 كىشى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ مەكتەپ تەۋەلىكى (رەسمىي) بويىچە تىزغاندائەڭ كۆپ نوبېل مۇكاپاتى ساھىبخانى چىققان 5 ئۇنىۋىرستىت: ئەنگىلىيە كامبىرىج ئۇنىۋىرستىتى (89 كىشى)، ئامرىكا چىكاگو ئۇنىۋىرستىتى (87 كىشى)، ئامرىكا كولۇمبىيە ئۇنىۋىرستىتى (82 كىشى)، ئامرىكا ماسساچۇستىس تېخنىكا ئۇنىۋىرستىتى (78)، ئامرىكا كالىفورنىيە ئۇنۋىرستىتى - برىكلىي (71). بۇ كىشىلەر ئىچىدە دۇنيادا ئەڭ قارشى ئىلىشقا ئېرىشكەن، ئەڭ مەشھۇر 10 كىشى:

1.Martin Luther King Jr مارتىن لۇسىر كېڭ:  تىنچىلىق مۇكاپاتى (1964)



2.Albert Einstein ئالبېرت ئېينىشتېيىن: فىزىكا مۇكاپاتى (1921)



3.Mother Teresa تېرىسا ئانا: تىنچلىق مۇكاپاتى (1979)



4.Rabindranath Tagore رابىندراناس تاگور: ئەدەبىيات مۇكاپاتى (1913)



5.Nelson Mandela نېلسون ماندېلا: تىنچلىق مۇكاپاتى (1993)



6.Ernest Hemingway ئېرنېست ھېمىڭۋاي: ئەدەبىيات مۇكاپاتى (1954)



7.Marie Curie مارىي كىيۇرى: فىزىكا مۇكاپاتى (1903)



8.John Steinbeck جون ستېينبېك: ئەدەبىيات مۇكاپاتى (1962)



9.Winston Churchill ۋېنىستون چىرچېل:تىنچلىق مۇكاپاتى (1953)



10.William Faulkner ۋىللىيام فاۋلكىنېر: ئەدەبىيات مۇكاپاتى (1949)



3. نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى ۋە بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بىئولوگىيە ئالىملىرى تىزىملىكى



نوبېل ۋەسىيتىدە ئىيتقىنىدەك، بايلىقىنىڭ بىر قىسىمىنى ئىشلىتىپ «فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا ساھەسىدە ئەڭ مۇھىم بايقاشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشىنى مۇكاپاتلايمەن» دىگەنلىكى ئۈچۈن 1901-يىلىدىن باشلاپ «نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى» تارقىتىلىپ كەلگەن. بۇ مۇكاپات ھەر يىلى 10-ئايدا تارقىتىلىدىغان بولۇپ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ئېلان قىلىنىدىغان كۈنى ئەتىگىنى سىتھوكلىم كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتى نوبېل مۇكاپاتى كېڭەش ئەزالىرى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق قارار چىقارغاندىن كىين دەرھال بايانات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ مۇكاپاتقا ئېرشكۈچىنى دۇنياغا جاكارلايدۇ. 1901-يىلىدىن باشلاپ 2012-يىلغىچە جەمئىي 103 نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى تارقىتىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 38 نوبېل مۇكاپاتى يالغۇز بىر كىشىگە، 32 نوبېل ئىككى كىشىگە (يەنى ئىككى كىشى بىر مۇكاپاتتىن تەڭ بەھرىمان بولىدۇ)، 33 نوبېل 3 كىشىگە (يەنى ئۈچ كىشى بىر مۇكاپاتتىن تەڭ بەھرىمان بولىدۇ) تارقتىپ بىرىلگەن. شۇنداق قىلىپ ھازىرغىچە 201 كىشى بۇ مۇكاپاتتىن بەھرىمان بولغان. بۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 57 ياش بولۇپ، ئەڭ ياش نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى بولسا Frederick G. Banting فىرەدرىك بانتىڭ بولۇپ ئۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ۋاقىتتا ئەمدىلا 32 ياشتا (1923) ئىدى. بۇ 201 نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ئىچىدە پەقەت ئون كىشىلا ئايال بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 3 كىشى 2004-يىلدىن 2009-يىلغىچە 6 يىل ئىچىدە بۇ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1974-يىلىدىن بۇيان نوبېل مۇكاپاتى پەقەت ھايات كىشىلەرگە ياكى ئۆلۈمى تېخى ئاشكارىلانمىغان كىشىلەرگە بىرىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. 2011-يىلى نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، بۇ قېتىملىق مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ بىرى بولغان ئامرىكا روكىفېللفېر ئۇنىۋىرىستىتىنىڭ ئىممۇنولوگىيە ئالىمى Ralph Steinman راف سىتەيىنمەننىڭ 3 كۈن بۇرۇن ۋاپات بولغانلىقى ئاشكارىلانغان، لىكىن نوبېل كومىتېتدىكىلەر بۇ ئىشتىن خەۋەرسىز بولغاچقا، بۇ مۇكاپات ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا بىرىلگەن.



نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى سىتھوكلىم كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتى نوبېل كىڭىشى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ. ttp://www.nobelprize.org/nobel_prizes/medicine/prize_awarder

بۇ كېڭەشنىڭ 50 ئەزاسى بار بولۇپ، ئۇلار 5 ئەزا ۋە بىر سېكىرىتاردىن تەشكىل تاپقان فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا نوبېل كومىتېتى تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن كاندىداتلار ئىچىدىن ئەڭ كۆپ بېلەتكە ئېرىشكەن بىر كىشىنى تاللاپ چىقىدۇ. بۇ بېلەتنىڭ نەتىجىسى قانداق بولمىسۇن قەتئىي سۈلھى قىلىنمايدۇ. نوبېل كومتىتىدىكىلەرمۇ كاندىداتلارنى ئۆزى ياكى سالاھىيىتى توشىدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەرگە قاراپ چىقىپ ئاندىن ئۇلارنى ئەڭ ئاخىرقى قارار چىقىرىدىغان ئورۇن كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتى نوبېل كىڭىشىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىدۇ. نوبېل مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىش ھوقۇقىغا ئىگە كىشىلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1. سىتھوكلىم كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتى نوبېل كىڭىشى ئەزالىرى؛

2. شىۋىتسىيە خانلىق پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ مىدىتسىناغا مۇناسىۋەتلىك ئەزالىرى ياكى چەتئەللىك ئەزالىرى؛

3. نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرشكەن كىشىلەر؛

4. بىرىنچى تارماقتا دىيلگەن توپقا تەۋە بولمىغان فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا نوبېل كومىتېتى ئەزالىرى؛

5. شىۋىتسيە ئۇنىۋىرستىتلىرى مىدىتسىنا فاكۇلتىتىنىڭ غوللۇق پىرافېسورلىرى ياكى ئوخشاش دەرىجىدىكى دانىيە، فېنلاندىيە، ئىسلاندىيە ۋە نورۋېگىيەلىك پىرافېسورلار؛

6. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندىن باشقا دۆلەتلەردىكى ئوخشاش سالاھيەتتكى، مۇكاپاتنىڭ دۆلەت ۋە ئۆز تەتقىقات ساھەلىرىدە مۇۋاپىق تەڭپۇڭلاشتۇرۇلۇپ تارقىتىلىشىنى كۆزلىگەن، نوبېل كومتىتىدىكىلەرنىڭ تاللىشىغا مۇيەسسەر بولغان 6 دىن ئارتۇق پىرافىسورلارنىڭ بىرلەشمىسى؛ ۋە

7. باشقا تەبئىي پەن كەسىپلىرىدىكى نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتىدىكىلەر مۇۋاپىق دەپ قارىغان تەتقىقاتچىلار.

يۇقىرىدىكى 6 ۋە 7-تارماقلاردىكى كىشىلەرنى نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتىدىكىلەر ھەر يىلى 5-ئاينىڭ ئاخرىدىن بۇرۇن ئېنىق بىكىتىپ بولىدۇ.



نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر تۆۋەندىكى جەريانلار بويىچە بېكىتىلىدۇ:



9-ئاي: نامزاتلىققا كۆرسىتىش جەدىۋىلى تارقىتىلىدۇ. نوبېل كېڭىشىدىكىلەر 3000 غا يىقىن جەدۋەلنى ئۆزلىرى تاللىغان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇنىۋىرستىت پىرافېسورلىرى ۋە ئىلگىرىكى نوبېل مۇكاپات ئىگىلىرىگە ئەۋەتىدۇ.



2-ئاي: جەدۋەلنى تاپشۇرۇش ئاخىرقى چېكى. كىلەر يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن بارلىق توشقۇزۇلغان جەدۋەللەر نوبېل كومىتېتىغا تاپشۇرۇلىشى لازىم. نوبېك كومىتېتى نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن كىشىلەر ئىچىدىن دەسلەپكى نامزاتلارنى تاللاپ چىقىدۇ.



3-ئايدىن 5-ئايغىچە: مۇتەخەسېسلەرنىڭ مەسلىھەتىگە سېلىش. نوبېل كومىتېتى دەسلەپكى نامزاتلار تىزىملىكىنى ماس ھالدا ئالدىن تاللانغان ھەر قايسى تەتقىقات يۆنىلىشلىرىدىكى مۇتەخەسىسلەرگە ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ باھالىشىغا تاپشۇرىدۇ.



6-ئايدىن 8-ئايغىچە: دوكلاتلار يىزىلىدۇ.



9-ئاي: نوبېل كومىتېتى تەۋسىيە قىلىدىغان نامزاتلارنى نوبېل كېڭىشىگە تاپشۇرىدۇ. نوبېل كومىتېتى ئەڭ ئاخىرىدا تاللانغان نامزاتلار تىزىملىكىنى نوبېل كېڭىشىگە تاپشۇرىدۇ.  نوبېل كېڭىشىدىكىلەر ئىككى قېتىملىق مەجلىستا بۇ نامزاتلار ئۈستىدە مۇزاكىرە ئىلىپ بارىدۇ.



10-ئاي: نوبېلغا ئېرىشكۈچى تاللىنىدۇ. ئوغۇز (ئۆكتەبىر) ئېيىنىڭ بېشىدا كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتى نوبېل كېڭىشى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ئەڭ كۆپ بېلەتكە ئېرشكۈچى(لەر) نى تاللاپ، ھىچقانداق مۇرەسسەسىز دەرھال جامائەتكە تاللانغۇچى (لار) نىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلىدۇ.

(ئادەتتە ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن ئۇلار نوبېلغا ئېرىشكۈچىگە كېچىسى تېلىفۇن قىلىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن نوبېلغا ئېرىشكۈچىلەر ناھايتى ھەيرانلىقتا بۇ خەۋەرنى ئاڭلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇنىڭ ئوغۇزدا قارار قېلىنىشىدىكى سەۋەب نوبېل ئوغۇزدا تۇغۇلغان)



12-ئاي: نوبېل ئىگىلىرى مۇكاپاتنى تاپشۇرۋالىدۇ. نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى ھەر يىلى كۆنەك (دىكابىر) نىڭ 10-كۈنى   (نوبېل ۋاپات بولغان كۈن) شىۋىتسىيەنىڭ سىتھوكلىم شەھرىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، نوبېلغا ئېرىشكۈچىلەر نوبېل مۇكاپاتى (نوبېل مېدالى، نوبېل دىپلومى ۋە مۇكاپات سوممىسى يىزىلغان رەسمىي ھۆججەتتىن تەركىب تاپىدۇ) نى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.



نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ئاخىرقى تىزىملىكىدە نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەرنىڭ ئىسمى 50 يىلغىچە ئاشكارىلانمايدۇ.







تۆۋەندە نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىملار ۋە ئۇلارنىڭ بايقاشلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز:

http://www.nobelprize.org/nobel_ ... aureates/index.html



2012

Sir John B. Gurdon (جون گۇردون، ئەنگىلىيە) ۋە Shinya Yamanaka (شىنيا ياماناكا، ياپونىيە): پىشپ يىتلگەن ھۆجەيرىلەرنىڭ تولۇق پوتىنسىئاللىق غول ھۆجەيرە ھالتىگە قايتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



2011

Bruce A. Beutler (بېرۇس بىيۇلتېر، ئامرىكا) ۋە Jules A. Hoffmann  (جۇلىز خوفمەن، فىرانسىيە): ئۇلارنىڭ تۇغما ئىممۇنىت سىستىمىسىنىڭ قوزغىلىشى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.

Ralph M. Steinman (راف سىتەينمەن، ئامرىكا ۋە كانادا): دىندرتىك (دەرەخسىمان ئۆسۈكچە) ھۆجەيرىلىرىنى بايقىغانلىقى ۋە ماسلىشىشچان ئىممۇنىت سستىمىشى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.



2010

Robert G. Edwards (روبېرت ئېدۋارد، ئەنگىلىيە): تەن سىرتىدا ئۇرۇقلاندۇرۇش تېخنىكىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن.



2009

Elizabeth H. Blackburn (ئېلزابىت بلەكبېرن، ئاۋىستىرالىيە)، Carol W. Greider ( كارول گرېيدېر، ئامرىكا)  ۋە Jack W. Szostak (جەك سوستاك، ئامرىكا ۋە پولشا): خىروموسوملارنىڭ تىلومېر ۋە تىلومېر ئېنزىمى تەرىپىدىن قوغدىلىدىغانلىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



2008

Harald zur Hausen (خارالد زۇر خاۋسېن، گېرمانىيە): ئىنسان ئەمچەك توپچىسىمان ۋىرۇسى (HPV) نى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

Françoise Barré-Sinouss (فىرنچويىس باررېي-سىنوس، فىرانسىيە) ۋە Luc Montagnier  (لۇك مونتاگنىيېر، فىرانسىيە): ئىنسان ئىممۇنىت كەملىكى ۋىرۇسى (HIV، ئەيدىز ۋىرۇسى) نى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



2007

Mario R. Capecchi (مارىيو كاپېچى، ئامرىكا)،  Sir Martin J. Evans (سىر مارتىن ئېۋان، ئەنگىلىيە) ۋە Oliver Smithies (ئولىۋېر سىمىتىيىز، ئامرىكا): تۆرەلمە غول ھۆجەيرىنى ئىشلىتىپ چاشقان بەدىنىگە مەلۇم گېنلارنى توغرا ھالدا كىرگۈزۈپ گېنى ئۆزگەرتىلگەن چاشقانلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ پىرىنسىپلىرىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



2006

Andrew Z. Fire (ئاندېرۇ فايىر، ئامرىكا) ۋە Craig C. Mello (كرەيگ مېللو، ئامرىكا): RNA ئىنتېرفېرىيىنىس - يەنى قوش زەنجىرلىك RNA نى ئىشلتىپ گېنلارنى ئاكتىپسىزلاشتۇرۇش (تىنچلاندۇرۇش) نى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



2005

Barry J. Marshall (باررىي مارشال، ئاۋىستىرالىيە) ۋە J. Robin Warren (ج روبېن ۋوررېن، ئاۋىستىرالىيە): باكتېرىيە Helicobacter pylori نى ۋە ئۇنىڭ ئۈچەي ۋە ھەزىم قىلىش سىستىمىسى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىكى رولىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



2004

Richard Axel (رىچارد ئاكسېل، ئامرىكا) ۋە Linda B. Buck (لىندا باك، ئامرىكا): ئۇلارنىڭ پۇراق قوبۇللىغۇچى ئاقسىلى ۋە پۇراش سىستىمىسىنىڭ تۈزۈلۈشىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



2003

Paul C. Lauterbur (پول لاۋتېربېر، ئامرىكا) ۋە Sir Peter Mansfield (سىر پىتىر مانسفىيلد، ئەنگىلىيە): ماگېنىتلىق رېزونانىس سۈرەتكە تارتىش ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.



2002

Sydney Brenner (سىيندىي برېننېر، ئەنگىلىيە)، H. Robert Horvitz (خ روبېرت ھورۋېت، ئامرىكا) ۋە John E. Sulston (جون ئې سۇلسىتون، ئەنگىلىيە): ئۇلارنىڭ ئەزالارنىڭ يىتىلىشى ۋە پىراگراممىلانغان ھۆجەيرە ئۆلۈشى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.



2001

Leland H. Hartwell (لېلاند ھارتۋېل، ئامرىكا)، Tim Hunt (تىم ھانت، ئەنگىلىيە) ۋە Sir Paul M. Nurse (سىر پول نېرس، ئەنگىلىيە): ئۇلارنىڭ ھۆجەيرە دەۋرىيلىكىنى باشقۇرغۇچى ئامىللار ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.



2000

Arvid Carlsson (ئارۋىد كارىلسون، شىۋىتسىيە)، Paul Greengard (پول گرىنگارد، ئامرىكا) ۋە  Eric R. Kandel (ئېرىك كەندېل) : ئۇلارنىڭ نېرۋا سىستىمىسىدىكى ھۆجەيرىلەرنىڭ سېگنال يەتكۈزۈشى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.



1999

Günter Blobel (گۈنتېر بلوبېل، ئامرىكا): ئاقسىللارنىڭ ھۆجەيرە ئىچىدە ئورۇنلىشىشى ۋە توشۇلۇشىدا ئىچىكى سېگناللارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1998

Robert F. Furchgott (روبېرت فېرچگوت، ئامرىكا)، Louis J. Ignarro (لۇيىس ئىگناررو، ئامرىكا) ۋە Ferid Murad (فەرىد مۇراد، ئامرىكا): نېيترىك ئوكسىدنىڭ يۈرەك-قان تومۇر سىستىمىسىدا سېگناللىق رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1997

Stanley B. Prusiner (سىتەنلى پرۇسىنېر، ئامرىكا): پىرىئون - يېڭى بىئولوگىيلىك يۇقۇملۇق جانلىق، نى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1996

Peter C. Doherty (پىتىر دوئىرتى، ئاۋىستىرالىيە) ۋە Rolf M. Zinkernagel (روف زىنكېرنەيگېل، شىۋىتسارىيە): ھۆجەيرە ئىممۇنىت مۇداپىئەسىنىڭ خاسلىقى ھەققىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.



1995

Edward B. Lewis (ئېدۋارد لۇۋىس، ئامرىكا)، Christiane Nüsslein-Volhard (كرىستىيانا نۈسلېيىن-ۋولخارد، گېرمانيە)،  Eric F. Wieschaus (ئېرىك ۋىيساۋۇس، ئامرىكا): تۆرەلمە دەسلەپكى يىتىلىشىنىڭ گېنتىكىلىق كونتىرول قىلىنىشى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.



1994

Alfred G. Gilman (ئەلفىرەد گېلمەن، ئامرىكا) ۋە Martin Rodbell (مارتىن رودبېل، ئامرىكا): G-ئاقسىلى ۋە ئۇلارنىڭ ھۆجەيرىدە سىگنال يەتكۈزۈشتىكى رولىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1993

Richard J. Roberts (رىچارد روبېرتس، ئەنگىلىيە) ۋە Phillip A. Sharp (فېلىپ شارپ، ئامرىكا): يارما (split) گېنلىرىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1992

Edmond H. Fischer (ئېدموند فېشېر، شىۋىتسارىيە ۋە ئامرىكا) ۋە Edwin G. Krebs (ئېدۋېن كرەب، ئامرىكا): تەتۈرىگە قايتۇرغىلى بولىدىغان ئاقسىلنىڭ فوسفاتلىنىشنىڭ بىئولوگىيلىك رولىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1991

Erwin Neher (ئېرۋىن نېخېر، گېرمانىيە) ۋە Bert Sakmann (بېرت سەكمەن، گېرمانىيە): ھۆجەيرىلەردىكى يەككە ئىئون قاناللىرىنىڭ رولى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.



1990

Joseph E. Murray (جوسېف مۇررەي، ئامرىكا) ۋە E. Donnall Thomas (دونال توماس، ئامرىكا): ئىنسانلار كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئورگان ۋە ھۆجەيرە كۆچۈرۈش ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.



1989

J. Michael Bishop (مايكول بېشىپ، ئامرىكا) ۋە Harold E. Varmus (ھارولد ۋارمۇس، ئامرىكا): رىترو-ۋىرۇسلۇق (retroviral) راك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى گېنلارنىڭ ھۆجەيرىدىكى كىلىپ چىقىشىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1988

Sir James W. Black (جەيمىس بلەك، ئەنگىلىيە)، Gertrude B. Elion (گېرترۇد ئېلىيون، ئامرىكا) ۋە George H. Hitchings (جورج خىچىڭ، ئامرىكا): دورا بىلەن داۋالاشنىڭ مۇھىم پىرىنسىپلىرىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1987

Susumu Tonegawa (سۇسۇمۇ تونىگاۋا، ياپونىيە): ئانتىبىئوتىكلارنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى گېنتىكىلىق پىرىنسىپلارنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1986

Stanley Cohen (سىتەنلى كوھىن، ئامرىكا) ۋە Rita Levi-Montalcini (رىتا لېۋى-مونتالچىنى، ئىتالىيە ۋە ئامرىكا): ئۆستۈرگۈچى ھورمونلارنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1985

Michael S. Brown (مايكول براۋون، ئامرىكا) ۋە Joseph L. Goldstein (جوسېف گولدسىتەيىن، ئامرىكا): خولېسىتىرول مىتابولىزىمىنىڭ كونتىرول قىلىنىشى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.



1984

Niels K. Jerne (نېيىل جېرن، دانىيە)، Georges J.F. Köhler (جورج كۆخلېر، گېرمانىيە) ۋە César Milstein (سېزار مىلستەيىن، ئارگېنتىنا ۋە ئەنگىلىيە): ئىممۇنىت سىستىمىسىنىڭ يىتىلىش خاسلىقى ۋە كونتىرول قىلىنىشى ئۈستىدىكى نەزەرىيىلىرى ۋە مونوكلونلۇق ئانتىبىئوتىكلارنىڭ ئشىلەپچىقىرىلىش پرىنسىپلىرىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1983

Barbara McClintock (باربارا مىككلنتوك، ئامرىكا): يۆتىكىلىشچان گېن ئېلىمىنىتىلىرىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1982

Sune K. Bergström (سۇنى بېرگستروم، شىۋىتسىيە)، Bengt I. Samuelsson (بەڭت سەمىئۇلسون، شىۋىتسىيە) ۋە John R. Vane (جون ۋەين، ئەنگىلىيە): پروستاگلاندىنلار ۋە مۇناسىۋەتلىك بىئو-ئاكتىپ ماددىلار ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.



1981

Roger W. Sperry (روجىر سپېررى، ئامرىكا): چوڭ مېڭە فۇنكىسىيىسىنىڭ خاسلاشتۇرۇلۇشى ئۈستىدىكى بايقىشى ئۈچۈن.

David H. Hubel (داۋىد ھۇبېل، ئامرىكا) ۋە Torsten N. Wiesel (تورىستېن ۋىيسېل، شىۋىتسىيە): كۆرۈش سىستىمىسىنىڭ ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىشى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.



1980

Baruj Benacerraf (بارۇي بېناسېراف، ۋېنسىۇئىلا)، Jean Dausset (جىيىن دائۇسېت، فىرانسىيە) ۋە George D. Snell (جورج سىنەل، ئامرىكا): ھۆجەيرە يۈزىدە ئىممۇنىت رىئاكسىيىسىنى كونتىرول قىلىدىغان ماددىلارنىڭ تۈزۈلۈشىنى گېنتىكىلىق ئۇسۇلدا ئېنىقلاپ چىققانلىقى ئۈچۈن.



1979

Allan M. Cormack (ئالېن كورمەك، ئامرىكا) ۋە Godfrey N. Hounsfield (گودفرېي ھاۋنىسفىيلد، ئەنگىلىيە): كومپىيۇتىرنى ئاساس قىلغان توموگرافىيە (دوختۇرخانىلاردا ئىشلتىدىغان CT ئاپپاراتى) نى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن.



1978

Werner Arber (ۋېرنېر ئاربېر، شىۋىتسارىيە)، Daniel Nathans (دانىيال نەيسىن، ئامرىكا) ۋە Hamilton O. Smith (ھامىلتون سىمىس، ئامرىكا): چەكلىگۈچى ئېنزىم (restriction enzyme) نى بايقىغانلىقى ۋە ئۇنى مولىكۇلالىق گېنتىكا مەسلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا قوللانغانلىقى ئۈچۈن.



1977

Roger Guillemin (روجېر گىلېمىن، ئامرىكا) ۋە Andrew V. Schally (ئاندىرۋ سكەلىي، ئامرىكا): مېڭىدىكى پىپتىد ھورمۇنلىرىنىڭ ئىشلەپچقىرىلىشىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

Rosalyn Yalow (روزېلىن يالوۋ، ئامرىكا): ھورمۇنلارنى ئۆلچەيدىغان رادىئوئاكتىپلىق-ئىممۇنىت ئانالىزىنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن.



1976

Baruch S. Blumberg (بارۇش بلامبېرگ، ئامرىكا) ۋە D. Carleton Gajdusek (كارلېتون گاجۇسېك، ئامرىكا): يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ كىلىپ چىقىشى ۋە يۇقۇش مىخانىزىملىرى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.



1975

David Baltimore (داۋىد بالتىمور، ئامرىكا)، Renato Dulbecco (رىناتو دۇلبېچو، ئىتالىيە ۋە ئامرىكا) ۋە Howard Martin Temin (ھوۋارد مارتىن تىمىن، ئامرىكا): ئۆسمە ۋىرۇسلىرى ۋە ھۆجەيرىنىڭ گېن ماتىرىياللىرى ئارىسىدىكى ئالاقە ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.



1974

Albert Claude (ئالبېرت كلاۋۇد، بىلگىيە)، Christian de Duve (كرىستىئان دى دۇۋ، بىلگىيە) ۋە George E. Palade (جورج پالەيد، رومىنىيە): ھۆجەيرىنىڭ فۇنكىسىيىسى ۋە قۇرۇلما تۈزۈلۈشى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.



1973

Karl von Frisch (كارل ۋون فىرېش، ئاۋىستىرىيە)، Konrad Lorenz (كونرەد لورېىنىز، گېرمانىيە) ۋە Nikolaas Tinbergen (نىكولاس تىنبېرگېن، ئەنگىلىيە): ئىندىۋىدۇئال ۋە كوللىكتىپ قىلمىش شەكىللىرى ۋە تۈزۈلۈشىنى يورۇتۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن.



1972

Gerald M. Edelman (جېرالد ئېدىلمەن، ئامرىكا) ۋە Rodney R. Porter (رودنىي پورتېر، ئامرىكا): ئانتىبىئوتىلارنىڭ خېمىيلىك تۈزۈلۈشى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.



1971

Earl W. Sutherland, Jr (ئېرىل سۇزىرلەند، ئامرىكا): ھورمۇن پائالىيتنىڭ مىخانىزىملىرى ئۈستىدىكى بايقىشى ئۈچۈن.



1970

Sir Bernard Katz (بېرنارد كاتز، ئەنگىلىيە)، Ulf von Euler (ئۇلف ۋون يۇلېر، شىۋىتسىيە) ۋە Julius Axelrod (جۇلىيۇس ئاكىسېلرود، ئامرىكا): قاندىكى نېرۋا تېرمىناللىرى (ئۇچلىرى، ئاخرقى نۇقتىلىرى) دا ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى ماددىلارنى بايقىشى ۋە ئۇلارنىڭ ساقلىنىشى، قويۇپ بېرىلىشى ۋە ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلۇشىنىڭ مىخانىزىملىرىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1969

Max Delbrück (ماكىس دېلبرۈك، ئامرىكا)، Alfred D. Hershey (ئەلفىرەد ھېرشىي، ئامرىكا) ۋە Salvador E. Luria (سالۋادور لۇرىيا، ئامرىكا): ۋىرۇس گېنلىرىنىڭ كۆپيىىش مىخانىزىمى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.



1968

Robert W. Holley (روبېرت ھوللىي، ئامرىكا)، Har Gobind Khorana (ھار گوبىند كورانا، ھىندىستان) ۋە Marshall W. Nirenberg (ماشال نىرېنبېرگ، ئامرىكا): گېن سىغىرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاقسىل سېنتىزلەشتىكى رولىنى چۈشەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن.



1967

Ragnar Granit (راگنار گرانىت، فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيە)، Haldan Keffer Hartline (ھالدان كەففېر ھارتلىن، ئامرىكا)، George Wald (جورج ۋالد، ئامرىكا): كۆزنىڭ فىزىئولوگىيلىك ۋە خېمىيىلىك سېزىش جەريانلىرى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.



1966

Peyton Rous (پەيتون رائۇس، ئامرىكا): ئۆسمە پەيدا قىلغۇچى ۋىرۇسلارنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

Charles Brenton Huggins (چارلىز برەنتون ھاگگىنىز، ئامرىكا): مەزى بېزى راكىنى ھورمۇنلۇق داۋالاش ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.



1965

François Jacob (فرانچويس جەيكوب، فرانسىيە)، André Lwoff (ئاندېرەي لۋوف، فرانسىيە) ۋە Jacques Monod (جەكىيىز مونود، فرانسىيە): ئېنزىملار ۋە ۋىرۇس سېنتىزلىنىشىنىڭ گېنتىكىلىق كونتىرول قىلىنىشى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.



1964

Konrad Bloch (كونرەد بلوك، ئامرىكا) ۋە Feodor Lynen (فىئودور لېنىن، گېرمانىيە): خولېستىرول ۋە ماي كېسلاتاسى مىتابولىزىمىنىڭ كونتىرول قىلىنىشى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.



1963

Sir John Carew Eccles (جون كارىۋ ئىكلىس، ئاۋىستىرالىيە)، Alan Lloyd Hodgkin (ئالەن لويد ھاجكېن، ئەنگىلىيە) ۋە Andrew Fielding Huxley (ئانجىرۇ فىيلدىڭ ھاكىسلى، ئەنگىلىيە): نېرۋا ھۆجەيرىلىرنىڭ ئوتتۇر ۋە يان قىسىملىرىنىڭ ئىئونلۇق قوزغىلىشى ۋە بېسىقىشىنىڭ مىخانىزىملىرى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.



1962

Francis Harry Compton Crick (فرانسېس ھەررى كومپتون كرىك، ئەنگىلىيە)، James Dewey Watson (جەيمىس دېۋى ۋاتسون، ئامرىكا) ۋە Maurice Hugh Frederick Wilkins (ماۋرېس ھاف فرەدرېك ۋېلكىنز، يېڭى زېللاندىيە ۋە ئەنگىلىيە): يادرو كېسلاتاسىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئۇنىڭ ھايات جانلىقلارنىڭ ئۇچۇرنى ئەۋلادقا يەتكۈزۈشتىكى مۇھىملىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1961

Georg von Békésy (گىئورگ ۋون بېكېسىي، ئامرىكا): قۇلاقنىڭ ئاڭلاش سېزىمى غىدىقلىنىشىنىڭ فىزىكىلىق مىخانىزىمىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1960

Sir Frank Macfarlane Burnet (فرانك مافارلەين بېرنېت، ئاۋىستىرالىيە)، Peter Brian Medawar (پىتىر برايېن مېدېۋار، بىرازىلىيە ۋە ئەنگىلىيە): ئېرىشىلگەن ئىممۇنىت قارشىلىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.  



1959

Severo Ochoa (سىۋىرو ئوكوئا، ئىسپانىيە ۋە ئامرىكا) ۋە Arthur Kornberg (ئارتۇر كورنبېرگ، ئامرىكا): رىبوكسى نۇكلىئىك كېسلاتاسى (RNA) ۋە دىئوكسى رىبوكسى نۇكلىئىك كېسلاتاسى (DNA) نىڭ بىئولوگىيلىك سېنتىزلىنىش مىخانىزىمىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1958

George Wells Beadle (جورج ۋېللز بىيدېل، ئامرىكا) ۋە Edward Lawrie Tatum (ئېدۋارد لاۋرىي تاتۇم، ئامرىكا): گېنلارنىڭ بەلگىلىك خېمىيلىك جەريانلىرىنى كونتىرول قىلىش ئارقىلىق رو ئوينايدىغانلىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

Joshua Lederberg (جوشۇئا لېدېربېرگ، ئامرىكا): گېنتىكىلىق قايتا گۇرۇپپىلىشىش ۋە باكتېرىيەنىڭ گېن ماتىرىياللىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1957

Daniel Bovet (دانىيال بوۋېت، ئىتالىيە): بەدەندىكى مەلۇم بىئولوگىيىلىك ماددىلارنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەيدىغان سېنتىزلانغان خېمىيىلىك ماددىلار، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ تومۇر سىستىمىسى ۋە سۆڭەك مۇسكۇللىرىدىكى ھەرىكىتى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.



1956

André Frédéric Cournand (ئاندېرىي فرىيدرىك كوۋرناند، ئامرىكا)، Werner Forssmann (ۋېرنېر فورسمەن، گېرمانىيە) ۋە Dickinson W. Richards (دېكىنسون رىچارد، ئامرىكا): ئۇلارنىڭ يۈرەككە نەيچە كىرگۈزۈش تېخنىكىسى ۋە قان ئايلىنىش سىستىمىسىدىكى پاتولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.



1955

Axel Hugo Theodor Theorell (ئاكسېل ھىيۇگو تىئودور تىئورېل، شىۋىتسىيە): ئوكسېدلىغۇچى ئېنزىملارنىڭ ھەرىكەت مېخانىزىمى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1954

John Franklin Enders (جون فرانكىلىن ئەندېرىز، ئامرىكا)، Frederick Chapman Robbins (فرەدرىك چامپان روبېنز، ئامرىكا) ۋە Thomas Huckle Weller (توماس ھاكېل ۋېللېر، ئامرىكا): پولىيو ۋىرۇسىنىڭ ئوخشىمىغان يىتلىدۈرۈلگەن توقۇلما مىدىيالىرىدا ئۆسەلەيدىغانلىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1953

Hans Adolf Krebs (ھانز ئادولف كرەب، ئەنگىلىيە): لېمون كېسلاتاسى دەۋرىيلىكى (قەنتىلەرنىڭ پارچىلىنىش مىتابولىزىمى، كرەب دەۋرىيلىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

Fritz Albert Lipmann (فرىتز ئالبېرت لىپمەن، ئامرىكا): ئارىلىق مىتابولىزىمىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان قوشۇمچە-ئېنزىم A نى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1952

Selman Abraham Waksman (سېلمان ئېبراھام ۋاكسمەن، ئامرىكا): تۇنجى تۇبىركوليۇزغا قارشى ئانتىبىئوتىك - تىرىپتومىسىننى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1951

Max Theiler (ماكىس تېيلېر، جەنۇبىي ئافرىقا): سېرىق قىزىتما (پاشا چاققاندا بەدەنگە ۋىرۇسنى يۇقتۇرىدىغان كېسەل) ۋە ئۇنى يىڭىش ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.



1950



Edward Calvin Kendall (ئېدۋارد كالۋىن كېندال، ئامرىكا)، Tadeus Reichstein(تادىئۇس رېىيشتىيىن، شىۋىتسارىيە ۋە پولشا) ۋە Philip Showalter Hench (فىلىپ شوۋالتېر ھېنچ، ئامرىكا): بۆرەك ئۈستى بېزى قاسرىقىدىكى ھورمۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ تۈزۈلۈشى، بىئولوگىيلىك فۇنكىسىيسى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.



1949

Walter Rudolf Hess (ۋولتېر رۇدولف ھېس، شىۋىتسارىيە): ئىچكى ئەزالارنىڭ پائالىيىتىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان ئوتتۇرا مېڭە فۇنكىسىيىلىك تۈزۈلۈشلىرىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

Antonio Caetano de Abreu Freire Egas Moniz (ئانتونىيو كاتانو دى ئابرىيۇ فرېيرى ئىگاس مونىز، پورتۇگالىيە): ئالدى مېڭىنى كېسىۋىتىش ئوپراتسىيسىنىڭ مەلۇم پىسخىكىلىق كېسەللەرنى داۋالاشتىكى قىممىتىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1948

Paul Hermann Müller (پول ھېرمان مۈللېر، شىۋىتسارىيە): DDT نىڭ بىر نەچچە خىل بوغۇم تەنلىك ھايۋانلار (قۇرت-قوڭغۇزلار) غا ئۇچرىشىش خارەكترلىك يۇقىرى ئۈنۈملۈك زەھەر رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1947

Carl Ferdinand Cori (كارل فېردىناند كورى،ئامرىكا)، Gerty Theresa Cori, née Radnitz (گېرتىي تېرىسا كورى - كارل كورىنىڭ ئايالى، ئامرىكا): گلۇكوگېننىڭ كاتالىزلىنىپ پارچىلىنىش مىتابولىزىمىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

Bernardo Alberto Houssay (بېرناردو ئالبېرتو ھوززەي، ئارگېنتىنا): ھىپوفىز بېزى ئالدى بۆلۈمچىسىدىكى ھورمۇنلارنىڭ قەنىت مىتابولىزىمىدا بىر ئۆلۈش رول ئوينايدىغانلىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1946

Hermann Joseph Muller (ھېرمان جوسېف مۇللېر، ئامرىكا): X-رېنتىگېن نۇرىدا بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق توساتتىن ئۆزگەرگەن گېنلارنى ھاسىل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1945

Sir Alexander Fleming (ئالىكساندىر فلەمىڭ، ئەنگىلىيە)، Ernst Boris Chain (ئىرنىست بورىس چەيىن، ئەنگىلىيە) ۋە Sir Howard Walter Florey (ھوۋارد ۋولتېر فلورىي، ئاۋىستىرالىيە): پېننىسېلىن ۋە ئۇنىڭ ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللەرنى داۋالاشتىكى رولىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1944

Joseph Erlanger(جوسېف ئېرلانگېر، ئامرىكا) ۋە Herbert Spencer Gasser (ھېربېرت سپەنسېر گاسسېر، ئامرىكا): يەككە نېرۋا تالالىرىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئىندۇكسىيەلەنگەن فۇنكىسىيەلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1943

Henrik Carl Peter Dam (ھېنرىك كارل پىتىر دەم، دانىيە): ۋىتامېن K نى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

Edward Adelbert Doisy (ئېدۋارد ئادېلبېرت دويسى، ئامرىكا): ۋىتامېن K نىڭ خېمىيلىك خۇسۇسىيىتىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1940-1942

نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى تارقىتىلىمىغان.



1939

Gerhard Domagk (گېرھارد دوماك، گېرمانىيە): پروتوسېلىنڭ باكتېرىيەگە قارشى ئۈنۈمىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1938

Corneille Jean François Heymans (كورنىيل جىيىن فرانچويىس ھېيمەنز، بىلگىيە): نەپەسلىنىشنىڭ كونتىرول قىلىنىشىدىكى سىنۇسلۇق ۋە ئائورتا (غول تومۇر) لىق مېخانىزىملارنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1937

Albert von Szent-Györgyi Nagyrápolt (ئالبېرت ۋون سېنت-گيۆرگىي ناگىيراپولت، ۋېنگىرىيە): بىئولوگىيلىك نەپەسلىنىش ۋە ۋىتامىن C بىلەن فۇمىرىك كېسلاتاسىنىڭ رولى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.



1936

Sir Henry Hallett Dale (ھېنىرى ھاللېت دەيل، ئەنگىلىيە) ۋە Otto Loewi (ئوتتو لىئوۋى، ئاۋستىرىيە): نېرۋا ئىمپۇلىسىنىڭ خېمىيلىك تارقىلىشىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1935

Hans Spemann (ھانز سپېمەن، گېرمانىيە): تۆرەلمە يىتىلىشىنىڭ «تەشكىللىگۈچى ئېففىكىتى»نى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1934

George Hoyt Whipple (جورج ھويت ۋىپپل، ئامرىكا)، George Richards Minot (جورج رىچارد مىنوت، ئامرىكا) ۋە William Parry Murphy (ۋىللىيام پېررى مېرفىي، ئامرىكا): بىر قىشىم قان ئازلىق كېسىلەللىرىنى جىگەرنى داۋالاش ئارقىلىق ساقايتقىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1933

Thomas Hunt Morgan (توماس ھانت مورگان، ئامرىكا): خىروموسومنىڭ ئېرسىيەتتىكى رولىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1932

Sir Charles Scott Sherrington (چارلىز سكوت شېررىڭتون، ئەنگىلىيە) ۋە Edgar Douglas Adrian (ئېدگار دوگلاس ئادرىيان، ئەنگىلىيە): نىۋرونلارنىڭ رولىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1931

Otto Heinrich Warburg (ئوتتو ھېينرىچ ۋوربارگ، گېرمانىيە): نەپەسلىنىش ئېنزىملىرىنىڭ ھەرىكەت مېخانىزىمى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1930

Karl Landsteiner (كارل لەندستەينېر، ئاۋستىرىيە): ئىنسان قان گۇرۇپپىلىرىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1929

Christiaan Eijkman (كرىستىيان ئىجكمان، گوللاندىيە): مېڭە ياللۇغىغا قارشى ۋىتامىننى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

Sir Frederick Gowland Hopkins (فرەدرىك گوۋلەند خوپكىنز، ئەنگىلىيە): ئۆسۈشنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ۋىتامىنلارنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1928

Charles Jules Henri Nicolle (چارلىز جۇلىز ھېنرى نىكول، فرانسىيە): قارا كېزىك ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.



1927

Julius Wagner-Jauregg (جۇلىيۇس ۋاگنېر-جاۋرېگ، ئاۋستىرىيە): بەزگەك ۋىرۇسى چېكىشنىڭ پالەچلىكتىن بولىدىغان گومۇشلۇقنى داۋالاشتىكى ئۈنۈمىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1926

Johannes Andreas Grib Fibiger (جوھاننىس ئاندرىيىس گرىب فىبىگېر، دانىيە): يىپچىسىمان قۇرتلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۆسمىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1925

نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىلىمىغان.



1924

Willem Einthoven (ۋىللېم ئىنتخوۋىن، گوللاندىيە): ئېلېكترو كاردىئوگرامما (يۈرەك سوقۇشنى تەكشۈرىدىغان) نى مېخانىزىمنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1923

Frederick Grant Banting (فرەدرىك گرانت بانتىڭ، كانادا) ۋە  John James Rickard Macleod ( جون جەيمىس رىكارد مەكلىئود، كانادا): ئىنسۇلىننى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1922

Archibald Vivian Hill (ئاركىبالد ۋىۋىيىن ھىل، ئەنگىلىيە): مۇسكۇلدا ئىسسىقلىق ھاسىل بولۇشقا ئائىت بايقاشلىرى ئۈچۈن.

Otto Fritz Meyerhof (ئوتتو فرىتز مېيېرخوف، گېرمانىيە): ئوكسىگېن سەرپىياتى بىلەن سۈت كېسلاتاسى مىتابولىزىمىنىڭ تۇراقلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1921

نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىلمىغان.



1920

Schack August Steenberg Krogh (شەك ئاۋگۇست ستىينبېرگ كروف، دانىيە): قىل تومۇرلار ھەرىكىتىنى كونتىرول قىلىدىغان مېخانىزىمنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1919

Jules Bordet (جۇلىز بوردېت، بىلگىيە): ئىممۇنىتقا ئائىت بايقاشلىرى ئۈچۈن.



1915 - 1918

نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىلمىغان.  



1914

Robert Bárány (روبېرت بارانىي، ئاۋسىتىرىيە): دالانچە ئەزاسى فىزىئولوگىيسى ۋە پاتولوگىيسى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.



1913

Charles Robert Richet (چارلىز روبېرت رىچېت، فرانسىيە): ئانافىلاكسىيە (ھەددىدىن زىيادە سەزگۈلۈكى ئىشىپ كىتىش) ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.



1912

Alexis Carrel (ئالېكسىس كاررېل، فرانسىيە): ئوپراتسىيە يىپى، تومۇر ۋە ئەزالارنى كۆچۈرۈش ئۈستىدىكى خىزمەتلىرى ئۈچۈن.



1911

Allvar Gullstrand (ئالۋار گۇلسترەند، شىۋىتسىيە): كۆز دىئوپترىكىسى (نۇر سۇندۇرۇشى) ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.



1910

Albrecht Kossel (ئالبرىچ كوسسېل، گېرمانىيە): ئۇنىڭ يادرو ماددىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاقسىل ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرىنىڭ بىزنىڭ ھۆجەيرە خېمىيەسى ئۈستىدىكى بىلىشلەرگە قوشقا تۆھپىسىگە تەشەككۈر بىلدۈرۈش يۈزسىدىن.



1909

Emil Theodor Kocher (ئىمىل تىئودور كوچىر، شىۋىتسارىيە): قالقەنبەز فىزىئولوگىيسى، پاتولوگىيىسى ۋە ئوپراتسىيىسى ئۈستىدىكى خىزمەتلىرى ئۈچۈن.



1908

Ilya Ilyich Mechnikov (ئىليا ئىليىچ مېچنىكوۋ، روسىيە) ۋە Paul Ehrlich (پول ئېرلىچ، گېرمانىيە): ئىممۇنىت ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرىغا تەشەككۈر بىلدۈرۈش يۈزسىدىن.



1907

Charles Louis Alphonse Laveran (چارلىز لۇيىس ئالفونس لاۋېران، فرانسىيە): پروتوزوئا (يەككە ھۆجەيرىلىك مىكرو جانلىقلار) نىڭ كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىشتا ئوينايدىغان رولى ئۈستىدىكى خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن.



1906

Camillo Golgi (كامىللو گولگى، ئىتالىيە)، Santiago Ramón y Cajal (سانتىياگو رامون كاجال، ئىسپانىيە): نېرۋا سىستىمىسىنىڭ تۈزۈلۈشى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.



1905

Robert Koch (روبېرت كوك، گېرمانىيە): ئۇنىڭ تۇبىركۇليوز ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلىرى ۋە بايقاشلىرى ئۈچۈن.



1904

Ivan Petrovich Pavlov (ئىۋان پتروۋىچ پاۋلوۋ، روسىيە): ھەزىم قىلىش فىزىئولوگىيىسى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ۋە بۇ بىلىملەر ئارقىلىق مەزكۇر ساھەنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىلىرىدا دەۋىر بۆلگۈچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلگەنلىكى ئۈچۈن.



1903

Niels Ryberg Finsen (نىيىلز رىبېرگ فىنسىېن، دانىيە): كېسەل داۋالاشتا، بولۇپمۇ نۇر رادىئاتسىيسىنى ئاساس قىلىپ بۆرىسىمان تېرە تەمرەتكىسىنى داۋالاپ، مىدىتسىنا ئىلىمىدە يىڭى سەھىپىلەرنى ئاچقانلىقى ئۈچۈن.



1902

Ronald Ross (رونالد روس، ئەنگىلىيە): بەزگەك كېسىلى (مالارىيا) ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئارقىلىق، بەزگەك كېسلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى پروتىستا مىكروبلىرىنىڭ بەدەنگە قانداق كىرىدىغانلىغىنى كۆرسىتىپ بىرىپ بەزگەك ئۈستىدە ئۈنۈملۈك تەتقىقات ئىلىپ بىرىشقا ئاساس سالغانلىقى ئۈچۈن.



1901

Emil Adolf von Behring (ئىمىل ئادولف ۋون بېرىڭ، گېرمانىيە): ئاق قان ئارقىلىق كېسەل داۋالاش، بولۇپمۇ ئۇنىڭ بوغما كېسىلىنى داۋالاشتىكى رولىنى بايقاش ئارقىلىق مىدىتسىنا ساھەسىدە يىڭى يوللارنى ئىچىپ دوختۇرلارنىڭ قولىغا كېسەل ۋە ئۆلۈمگە قارشى تۇرىدىغان غالىبىيەت قورالىنى تۇتقۇزغانلىغى ئۈچۈن.



4. نوبېل خېمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىئولوگىيە ئالىملىرى تىزىملىكى



بىئولوگىيەنىڭ خېمىيە بىلەن يىقىن مۇناسىۋىتى بولغانلىقى، بولۇپمۇ بىئوخېمىيلىك بايقاشلار ھەر ئىككىلى پەنگە ئورتاق تەۋە بولغانلىقى ئۈچۈن كۆزگە كۆرۈنگەن بىئولوگىيە ئالىملىرى ئاساسلىقى نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا لايىق بولۇشتىن باشقا يەنە نوبېل خېمىيە مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشكەن. تۆۋەندە نوبېل خېمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىئولوگىيە ئالىملىرىنىڭ تىزىملىكى بىرىلىدى:



2012

Robert J. Lefkowitz (روبېرت لېفكوۋىز، ئامرىكا) ۋە Brian K. Kobilka (برايېن كوبېلكا، ئامرىكا): G-ئاقسىلىغا ئۇلانغان رىتسېپتور (قوبۇللىغۇچ) (G-protein-coupled receptors) ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.



2009

Venkatraman Ramakrishnan (ۋىنكاترامان راماكرىشنان، ئامرىكا)، Thomas A. Steitz (توماس ستېيتىز، ئامرىكا) ۋە Ada E. Yonath (ئادا يوناس، ئىسرائىلىيە): رىبوسومنىڭ فۇنكىسىيىسى ۋە تۈزۈلۇشى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.



2008

Osamu Shimomura (ئوسامۇ شىمومارۇ، ياپونىيە)، Martin Chalfie (مارتىن چالفىي، ئامرىكا) ۋە Roger Y. Tsien (روجېر تىيىن، ئامرىكا): يېشىل نۇر چاچىدىغان ئاقسىل (green fluorescent protein, GFP) نى بايقىغانلىقى ۋە بارلىققا كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن.



2006

Roger D. Kornberg (روجېر كورنبېرگ، ئامرىكا): يادرولۇق جانلىقلار گېن كۆچۈرۈشىنىڭ مولىكۇلالىق ئاساسلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.



2003

Roderick MacKinnon (رودېرىك مېككىنون، ئامرىكا): ھۆجەيرە پەردىسىدىكى ئىئونلۇق قاناللارنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە مېخانىزىملىرى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.



1997

Paul D. Boyer (پول بويىر، ئامرىكا) ۋە John E. Walker (جون ۋوكېر، ئەنگىليە): ئادىنوزىن ترى فوسفاتنىڭ سېنتىزلىنىش مېخانىزىمىنىڭ ئېنزىملىق ئاساسلىرىنى تىىپىپ چىققانلىقى ئۈچۈن.

Jens C. Skou (جېنز سكوۋ، دانىيە): ئىئون توشۇغۇچى ئېنزىم  Na+, K+ -ATPase نى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1993

Kary B. Mullis (كاررىي مۇللىس، ئامرىكا): پولىمىرىس زەنجىرسىمان رىئاكسىيسى (PCR) نى ئىجاد قىلغانلىقى ئۈچۈن.

Michael Smith (مايكول سىمىس، كانادا): ئولىگونۇكلىئوتىدنى ئاساس قىلغان، ئېنىق ئورۇنلۇق گېننى توساتتىن ئۆزگەرتىش تېخنىكىسى ۋە ئۇنىڭ ئاقسىل تەتقىقاتىدا ئىشلىتىلىشىگە قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن.



1989

Sidney Altman (سيندى ئالتمەن، كانادا ۋە ئامرىكا) ۋە Thomas R. Cech (توماس كېك، ئامرىكا): RNA نىڭ ئېنزىملىق (كاتالىزاتورلۇق) خۇسۇسىيىتىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1980

Paul Berg (پول بېرگ، ئامرىكا): قايتا-بىرىككەن DNA نى مەركەز قىلغان يادرو كېسلاتاسى بىئو-خېمىيەسى ئۈستدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.

Walter Gilbert (ۋولتېر گىلبېرت، ئامرىكا) ۋە Frederick Sanger (فرەدرىك سانگېر، ئەنگىلىيە): يادرو كېسلاتاسىنىڭ ئىشقار تەرتىپىنى ئېنىقلاشقا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن.



1970

Luis F. Leloir (لۇيىس لېلويىر، ئارگېنتىنا): قەنىت نۇكىلىئوتىدلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كاربوھېدرىد (قەنت-سۇ بىرىكمىلىرى) بىئو-سىېنتىزلىنىشىدىكى رولىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1962

Max Ferdinand Perutz (ماكىس فېردىناندا پېرۇتز، ئەنگىلىيە) ۋە John Cowdery Kendrew (جون كوۋدېرى كېندرۇ، ئەنگىلىيە): شارچىسىمان ئاقسىلنىڭ تۈزۈلۈشىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.



1961

Melvin Calvin (مېلۋىن كالۋىن، ئامرىكا): ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كاربون IV-ئوكسىدنى ئاسسىمىلاتسىيەلىشى ئۈستىدىكى تەتقىقاتى ئۈچۈن.



1958

Frederick Sanger (فرەدرىك سانگېر، ئەنگىليە): ئاقسىللار، بولۇپمۇ ئىنسۇلىننىڭ تۈزۈلۈشىنى ئېىنقلىغانلىقى ئۈچۈن.



1957

Lord (Alexander R.) Todd (لورد تود، ئەنگىلىيە): نۇكلىئوتىدلار ۋە نۇكىلىئوتىد قوشۇمچە ئېنزىمى ئۈستىدىكى تەتقىقاتىلىرى ئۈچۈن.



1955

Vincent du Vigneaud (ۋىنسېنت دۇ ۋىگنىيئۇد، ئامرىكا): بىئوخېمىيىلىك جەھەتتىن مۇھىم بولغان سۇلفات بىرىكمىلىرىنى، بولۇپمۇ پولىي پىپتىد ھورمۇنلىرىنى تۇنجى بولۇپ سېنتىزلىگەنلىكى ئۈچۈن.



1954

Linus Carl Pauling (لىنۇس كارل پولىڭ، ئامرىكا): خېمىيىلىك باغنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئاقسىلنىڭ تۈزۈلۈشنى ئېنىقلاشتا قوللىنىشى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.



1946

James Batcheller Sumner (جەيمىس باتچىللېر سامنېر، ئامرىكا): ئېنزىملارنىڭ كرىستاللىنالايدىغانلىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

John Howard Northrop (جون ھوۋارد نورتروپ، ئامرىكا) ۋە Wendell Meredith Stanley (ۋېندېل مىرىدىس ستەنلى، ئامرىكا): ئېنزىم ۋە ۋىرۇس ئاقسىللىرىنى ساپ شەكىلدە تەييارلىغانلىقى ئۈچۈن.



1939

Adolf Friedrich Johann Butenandt (ئادولف فرىيىدرىك جوھان بۇتېناند، گېرمانىيە): جېنىسىي ھورمۇنلار ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.



1938

Richard Kuhn (رىچارد كۇن، گېرمانىيە): كاروتىنوئىدلار ۋە ۋىتامىنلار ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.



1937

Walter Norman Haworth (ۋولتىر نورمان ھاۋورز، ئەنگىلىيە): ۋىتامىن C ۋە قەنتىلەر ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلىرى ئۈچۈن.

Paul Karrer (پول كارېر، گوللاندىيە): كاروتىنوئىدىلار، فىلاۋىنلار، ۋىتامىن A، ۋىتامىن B2 ئۈسـتىدىكى تەتقىقاتىلىرى ئۈچۈن.



1930

Hans Fischer (ھانز فىشېر، گېرمانىيە): ھامىن ۋە خلورفىلنىڭ تەركىبى، بولۇپمۇ ھامىننىڭ سېنتىزلىنىشى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.



1915

Richard Martin Willstätter (رىچارد مارتىن ۋىلستاتىر، گېرمانىيە): خلوروپىل ۋە باشقا ئۆسۈملۈك پېگمىنتىلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.



5. بىر نوبېل مۇكاپاتى ئىگىسىنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئىككى كەلىمە ھېكايە



2009-يىللىق نوبېل خېمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىسرائىليەلىك بىر ئايال بىئولوگىيە ئالىمى ئادا يوناس (Ada Yonath) بىزگە ئۆزىنىڭ ناھايتى تەسىرلىك ھېكايسىنى سۆزلەپ بىرىدۇ. قېنى قۇلاق سالايكى، ئۇ نىمە دەيدىكىن:



مەن 1939-يىلى ئېرۇسالىمدا ناھايتى نامرات بىر ئائىلىدە تۇغۇلدۇم. ئائىلىمىز نامرات بولغاچقا بىر تۆت ئېغىزلىق بىنا ئۆيدە باشقا ئىككى ئائىلە ۋە ئۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرى بىلەن بىللە ئىجارە ئىلىپ تۇراتتۇق. مېنىڭ بالىلىق ئەسلىمىلىرىم دادامنىڭ كېسىلى ۋە مېنىڭ ئەتراپىمدىكى تەبىئەتنىڭ سىرلىرىنى چۈشىنىشكە بولغان ئىشتىياققا مەركەزلىشىدۇ. ناچار شارائىت مېنىڭ غايەت زور قىزىقىشلىرىمنى ئاجىزلاشتۇرالمىغان ئىدى. بەش يېشىمدىلا، مەن دۇنيانى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان ئىدىم. بىر قېتىملىق سىناقتا مەن بىزنىڭ كىچىككىنە بالكونىمىزنىڭ ئېگىزلىكىنى ئۆي ئىچىدىكى جاھازلار ئارقىلىق ئۆلىچىمەكچى بولدۇم. مەن بىر ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر ئۈستەلنى قويدۇم، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر يۆلەنچۈكلۈك ۋە يۆلەنچۈكسىز ئورۇندۇقنى قويدۇم، شۇنداقتىمىۇ يەنىلا ئۆگزىگە تاقاشمىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۈستىگە يامىشىپ چىقتىم ۋە يەر ئاستى قەۋەت بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغان ئارقا ھولىغا يىقىلپ چۈشۈپ بېلىكىمنى سۇندۇرۋالدىم...قېرىشقاندەك، ھازىر بۇ ئۆيدە تۇرۋاتقانلار ئۆينىڭ ئۆگزىسىنى قايتىدىن ياسىغان بولغاچقا، بۇ سىناقنىڭ نەتىجىسى تا ھازىرغىچە نامەلۇم پېتى قالدى.



مېىنىڭ ئاتا-ئانام دىننىي ئائىلىلەردە ئۆسكەن ئىدى، دادام ئاساسلىقى جۇدىزىمدا، ئانام بولسا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشتا تەربىيەلەنگەن. مەھەللىمىزنىڭ يىقىن ئەتراپىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى خۇددى ئاتا-ئانام تەربىيەلەنگەندىكىگە ئوخشاش پىرىنسپنى ئاساس قىلاتتى. بىراق، ئائىلىمىزنىڭ نامراتلىقى ۋە ئاتا-ئانامنىڭ رەسمىي مائارىپ تەربىيىسى كۆرمىگىنىگە قارىماي، ئۇلار مېنى ناھايتى داڭلىق بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۈچۈن بۇرۇنقى مەھەللىمىزدىن كۆچۈپ كەتكەن ئىدۇق.



دادام دائىملا ئاغرىپ قالاتتى ۋە كۆپ قېىتم ئوپراتسىيە قىلىنغان ئىدى. ئاخىرى مەن 11 ياشقا كىرگەن يىلى ئۇ تۈگەپ كەتتى. ئانام ئارانلا قالغاچقا مەن شۇ يېشىمدىن باشلاپ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ تۇرمۇشىمىزنى قامدىدۇق. مەن ئۆي تازىلاش، بالا بېقىش دەمىسز ياكى مەندىن كىچىك بالىلارغا ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇش دەمسىز، ئشىقىلىپ ھەممىنى قىلىپ باققان. ئىككىمىز شۇنچە ئىشلەپ تۇرۇپمۇ يەنىلا ئائىلىمىزنى قامدىغۇدەك پۇل تاپالمىغاچقا بىر يىلدىن كىين بىزئانامنىڭ ئاچا-سڭىللىرىغا يىقىنراق تۇرۇش ئۈچۈن تىل ئاۋىۋ شەھرىگە كۆچۈپ كەتتۇق.  ئۇ يەردە ئانامنىڭ ئېغىر كۈنلەردە قىلىشى بىلەن كارى بولماي مېنى قوللىشى بىلەن مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى تاماملىدىم.



مەن مەجبۇرى ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىمنى بىر ھەربىي دوختۇرخانىنىڭ «ئەڭ مەخپىي ئىشخانا» سىدا ئۆتكۈزدۈم،  تەليىمگە يارىشا، ئۇ يەردە مەن ھەرخىل كىلىنىكىلىق ۋە مىدىتسىنا مەسلىلىرىگە دۇچ كەلگەن ئىدىم. شۇنداق بولغاچقا كىيىنچە مەن ئېرۇسالىم ئىبراي ئۇنىۋىرستىتىغا قوبۇل قىلىندىم. مەن شۇ مەكتەپتە خېمىيە، بىئوخېمىيە ۋە بىئوفىزىكا كەسىپلىرىدە تولۇق كۇرس ۋە ماگىستىرلىق ئوقۇشلىرىنى تاماملىدىم. مەن دوكتۇرلۇق ئوقۇشۇمنى ۋېيىزمان ئېنىستىتۇتىدا پۈتتۈردۈم. مەن كوللاگېننىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تۈزۈلۈشىنى ئېنىقلاشقا تېرىشتىم.  مەن پوستدوكتۇرلۇق تەتقىقاتىمنىڭ بىرىنچى يىلىدا پېنسىلۋانىيە شىتاتى (ئامرىكا) پىتىسبۇرگ شەھرىدىكى مېللون ئىنىستىتۇتىدا مۇسكۇلدىكى تالالىق ئاقسىللار ئۈستىدە تەتقىقاتنى داۋاملاشتۇردۇم. ئۇنىڭىدىن كىين ماسساچۇسېتىس تېخنىكا ئۇنىۋىرستىتىغا كۆچۈپ بىرىپ شارچىسىمان ئاقسىل ستافىلوكوكوس يادرو ئېنزىمى ئۈستىدە تەتقىقات ئىلىپ باردىم. مەن پوستدوكتۇرلۇق تەتقىقاتىنى تاماملىغاندىن كىيىن 1970-يىلى ۋېيىزمان ئېنىستىتۇتىغا قايتتىم. شۇ جايدا مەن ئىسرائىليەدىكى تۇنجى بىئولوگىيلىك كراستاللوگرافىيە تەجىرىبىخانىسىنى قۇردۇم ۋە تەجىرىبخانام ئۇدا ئون يىلغىچە بىردىبىر شۇ تۈردىكى تەجرىبىخانا بولۇپ قالدى.

1970-يىللارنىڭ ئاخىرىدا، مەن ۋېيىزمان ئىنىستىتۇتىدىكى ھايات ھۆجەيرىلەر ئۈستىدىكى بىر مۇھىم مەسلىنى يىشىپ چىقىمەن دىگەن غايىدىكى بىر ياش تەتقىقاتچى ئىدىم، بۇ سۇئال بولسا: ھۆجەيرىلەردە ئاقسىلنىڭ قانداق بىئو-سېنتىزلىنىشى ئىدى. بۇ مەقسىتىمنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەن رىبوسوم - يەنى ھۆجەيرىنىڭ گېنتىكىلىق سېفىرلارغا يىزىلغان ئۇچۇرلارنى تەرجىمە قىلىپ ئاقسىل ياسايدىغان زاۋۇت، نىڭ بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشىنى ئايدىڭلاشتۇرماقچى بولدۇم. شۇنداق قىلسام بۇ جەريانغا يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان مېخانىزىمنى تىپىپ چىقالايتتىم. بۇ بىر 20 يىلدىن ئارتۇق ئۇزاق يىللىق كۆرەشنىڭ ئەمدىلا باشلىنىشى ئىدى. مەن بۇ جەرياندا خەلىقئارا ئېلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىشەنمەسلىكى، ھەتتا مېنى ساراڭ دەپ ئويلىشىدەك قيىنچىلىقلارغىمۇ يۈزلەندىم. مەن بۇ مۇساپىنى چومۇلاڭما چوققىسىنىڭ ئۇچىغا چىققاندا، يەنە بىر چومۇلاڭما چوققىسىنىڭ قەد كۆتىرىپ تۇرغىنىنى كۆرگەنگە ئوخشىتىمەن.



مەن بۇ تەتقىقاتلىرىمنى بېرلىندىكى مولىكۇلا گېنتىكىسى ماكىس پلانك ئىنىستىتۇتىدىكى پرافىسور ۋىتمان بىلەن بىللە باشلىغان. ئۇ بۇ تەتقىقاتلارنى ئىلمىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن قوللىغان ئىدى. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا مەنمۇ ۋېيىزمان ئىنىستىتۇتىدىكى تەجىرىبخانامنى ساقلاپ قالدىم. دەسلەپتە تەتقىقات مەبلىغىم ناھايتى ئاز ئىدى، شۇ مەزگىللەردە ئامرىكا دۆلەتلىك ساغلاملىق ئىنىستىتۇتى (US National Institute of Health, NIH) تىن بىر تەتقىقات تۈرى مەبلىغىغە ئېرىشتىم. بەش يىللىق تېرىشىش ئارقىلىق، ھېلىن كىممېل خانىم ۋېىيزمان ئىنىستىتۇتىدا بىر ماكرومولېكۇلا قوراشتۇرۇش مەركىزى قۇرۇپ چىقتى، شۇنىڭدىن باشلاپ مەن يەر شارىنىڭ ھەممە بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدىكى تەتقىقاتچىلارنى بۇ ساھەدە يىتەكلەيدىغان كىشىگە ئايلىنىپ قالدىم. گەرچە مېنىڭ تەتقىقاتلىرىم بىر ھاياتلىقنىڭ ئەڭ ئاساسىي تەركىبىنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇشتىن باشلانغان بولسىمۇ، لىكىن ئۇلار دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ بىرىلىدىغان ئانتىبىيوتىكلارنىڭ (باكتېرىيەنى ئۆلتۈرگۈچى دورىلار) قانداق مىخانىزىمدا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ بەردى. مېنىڭ تەتقىقاتلىرىم پەقەت ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان باكتېرىيەگە قارشى دورىلارنى ياساشقا ئاساس سېلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە 21-ئەسىردە مىدىتسىنادىكى ئەڭ جىددى مەسلىلەرنىڭ بىرى دەپ قارالغان ئانتىبىئوتىكلارغا قارشىلىق قىلالايدىغان باكتېرىيەلەرگە قارشى تۇرۇشتىكى يېڭى قورالنى ئالىملارنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.



رىبوسوم ھاياتلىق ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغاچقا، دۇنيادىكى نۇرغۇن ئالىملار رىبوسومنىڭ فۇنكىسىيەسىنى قانداق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لىكىن رىبوسومنىڭ بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشىنى ئېنىق چۈشەنمەي تۇرۇپ بۇ مەسلىگە قارىتا چوڭ جەھەتتىن بىر ئېنىق خۇلاسە چىقىرىشتا ئۈمىد يوق دىيەرلىك ئىدى. مولېكۇلا سەۋىيىسىدە بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشنى ئېچىپ بىرىش ئۈچۈن، ئادەتتە كرىستاللاشقا توغرا كىلىدۇ، لىكىن رىبوسومغا كەلگەندە ئىشلار تېخىمۇ بىر بالداق مۇرەككەپلىشىدۇ. چۈنكى رىبوسوم بولسا ئاقسىل ۋە RNA زەنجىرلىرىدىن تۈزۈلگەن مۇرەككەپ بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشكە ئىگە. ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ رىبوسومنىڭ ھەددېدىن تاشقىرى ئېلاستىكىلىقى، تۇراقسىزلىقى ۋە ئىچكى تۈزۈلۈشىدە سېممىتىرىكلىكىنىڭ كەمچىللىكى ئۇنى كىرىستاللاشنى ئىنتايىن قېيىن بىر ئىشقا ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى.



1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا، بىز ئىسرائىليەدىكى ۋېيىزمان ئىنىىستىتۇتى ۋە گېرمانىيەدىكى ماكىس پلاك ئىنىستىتۇتىدا ھەمكارلىشىپ ئىشلەپ، رىبوسومنىڭ تۇنجى مىكرو كرىستالىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردۇق. مەن نەق مۇشۇ ئىش ئۈچۈنلا تەتقىق قىلىپ چىققان ئۇسۇللار ۋېيىزمان ئىنىستىتۇتىدىكى پرافىسورلار ئادا زامىر، رۇس مىسكىن ۋە دەيۋىد ئېللىسونلار بارلىققا كەلتۈرگەن رىبوسومنى كرىستاللاشنىڭ تەييارلىق ئۇسۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ماڭا ئېلھام بولغىنى ئۈچەككە (قىشلىق ئۇيقۇ) كىرگەن ئېيىقلارنىڭ ئۈچەككە كىرىشتىن بۇرۇن رىبوسوملىرىنى ناھايتى رەتلىك بىر شەكىلدە تىزىشى ۋە بۇ رىبوسوملارنىڭ مۇشۇ تۇرقىنى ئۆزگەرتمەي ئايلارچە تۇرۇشى ۋە يەنىلا فۇنكىسىيەسىنى داۋاملاشتۇرلۇشى ئىدى. بۇنى مەن رىبوسومنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاشتىكى بىر تەبىئىي سىتراتىگىيە دەپ چۈشىنىپ، ئىنتايىن قاتتىق (رادىكال) شارائىتتا ياشايدىغان جانلىقلارنى ئىزدىدىم. بۇلارنىڭ تۇنجىسى دوكتۇر ئېردمان تەقدىم قىلغان يېرىم قىزىققا چىدامچان باكتىرىيە ئىدى. كىينچە مەن ئۆلۈك دېڭىزنىڭ زىيادە ناچار مۇھىتلىرىدا، قىززىق بۇلاقلاردا ۋە ئاتوملۇق دۆۋىلەردە ياشايدىغان چىداشچان باكتېرىيەلەرنىڭ رىبوسومىنى ئاساس قىلىپ بىر يېڭىچە تەجىرىبە سىستىمىسىنى بەرپا قىلدىم. شۇنداق قىلىپ بىز بىر قەدەر قىسقا مۇددەتتە رىبوسومنىڭ تۇنجى مىكرو كرىستالىنى ياساپ چىقالىدۇق. بىراق، بىز دەسلەپكى دىففراكسىيەلىك بېشارەتلەرگە ئېرىشكەندىن كىينمۇ، مەن رىبوسومنىڭ تۈزۈلۈشىنى بەلگىلەش پىلانىمنى ئوتتۇرىغا قويغىنىمدا نۇرغۇن داڭلىق ئالىملار ماڭا ئىشەنمەسلىك ۋە تەنە بىلەن قارىدى. شۇنداق قىلىپ مەن «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خام خىيالچى»، «سەھرالىق ئەخمەق»، «ئاتالمىش ئالىم» ۋە «چۈشلىرى بىلەن ئالغا ئىلگىرلەيدىغان كىشى» دىگەندەك "شەرەپلىك" ناملارنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدىم.



1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، بىز رىبوسومنىڭ بىر چوڭ بۆلىكىگە سوزۇلغان بىر تونېلنى كۆردۇق. بۇنىڭىغا قاراپ ۋە بۇرۇنقى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسەن (Malkin & Rich, 1967, Blobel & Sabatini, 1970) ئامىنو كېسلاتالىرىدىن ياسىلىۋاتقان بېخ ئاقسىل دەل مۇشۇ ئۆتەڭ ئارقىلىق ئالدىغا قاراپ ئىلگىرلەپ ئاخىرى پىشىپ يىتىلگەن ئاقسىلغا ئايلىنىدۇ ۋە رىبوسومدىن ئايرىلىدۇ، دەپ پەرەز قىلدۇق. مېنىڭ تەتقىقات ھاياتىمدا، نۆۋەتتە دۇنيادىكى ھەر قايسى تۈزۈلۈش بىئولوگىيە تەجىرىبخانىلىرىدا دائىم ئىشلىتىلۋاتقان بىر قانچە تېخنىكىلارنى ئىجاد قىلدىم. بۇلارنىڭ بىرى سوغۇق-بىئو-كرىستاللوگىرافىيە (cryo-bio-crystallography) بولۇپ، بۇ بىر خىل كرىستالنى ھەددېدىن زىيادە سوغۇق تىمپراتۇردا، يەنى -185 سىلسىيە گرادۇستا سوۋۇتۇش ئارقىلىق،  X-نۇردا بومباردىمان قىلغاندا كرىستالنىڭ تۈزۈلۈشىنى ئۆزگىرىپ كىتىشىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرىدىغان تېخنىكا ئىدى. شۇنداق بولغاچقا بىز ئىشلىگەن تەجىرىبىلەر ئۆزگىچە ۋە ئالاھىدە ئىدى. بۇ بىر «مانا تاپتىم! ئاخىرى تاپتىم!!» دەپ سەكرەپ كىتىدىغان ئىشلاردىن ئىدى. ئەمەليەتتە، بۇ ئەمەليەتتە مەن ئۈچۈن 12 يىلدىن كىيىن تۇنجى قېتىم رىبوسومنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تۈزۈلۈشىنى كۆرگەن ۋاقتىمدىكى ھاياجانىمدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان كىشىنى ھاياجانغا سالدىغان مىنۇتلاردىن ئىدى. گەرچە بىز مۇرەككەپ، جەڭ ئېلان قىلىدىغان مەسلىلەرنى ھەل قىلىشتىن خۇشاللىق تىپىپ تۇرغان بولساقمۇ، لېكىن بۇنداق «مانا تاپتىم! ئاخىرى تاپتىم!!» دىگۈزىدىغان مىنۇتلار كەمدىن-كەم نېسىپ بولاتتى...



90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە، رىبوسومنى كرىستاللاشنىڭ قىلغىلى بولىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغىنىمىزدا، بىر نەچچە داڭلىق ئۇنىۋىرستىت ياكى تەتقىقات ئىنىستىتۇتلىرىدىكى ئالىملارمۇ ئوخشاش تەتقىقاتنى باشلىۋەتتى. ئۇلارمۇ بىز كۆرسەتكەن نەتىجىلەرنى قايتىلاپ ئوخشاش نەتىجىگە ئېرىشكەچكە، مەن ئەمدى بۇ ساھەدە يالغۇز ئەمەس ئىدىم. 90-يىللارنىڭ ئاخرىدا، كراستاللاشتىكى ئىلگىرلەشلەرنىڭ ياردىمى بىلەن، بىز ۋە بىز بىلەن ئوخشاش تەجىرىبە سىستىمىسىنى ئىشلەتكەن بىر قانچە گۇرۇپپا X-نۇر دىففراكسىيسى ۋە دىففراكسىيەنى چۈشەندۈرۈشتىكى يۇقىرى ئېنىقلىق توسىقىنى مۇۋاپىققىيەتلىك بۇزۇپ تاشلىدۇق. رىبوسومنىڭ كىچىك بۆلەكلىرىنىڭ ئېلىكتىرون زىچلىق خەرىتىسى ھەقىقەتەنمۇ بىر بۆسۈش بولدى، بولۇپمۇ بۇ بۆسۈش مېنى ئاجايىپ تەسۋىرلىگۈسىز ھاياجانلارغا سالدى. ئۇنىڭدىن كىيىن، 2000 ۋە 2001-يىللىرى بىز باكتېرىيە رىبوسومىنىڭ چوڭ ۋە كىچىك ئىككىلى بۆلىكىنىڭ تولۇق بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشىنى ئېلان قىلدۇق.http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pubmed/11007480

http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pubmed/12762007



بۇ بايقاشلار ئېنىقكى 20 يىللىق تەتقىقاتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ئىدى، لىكىن مېنىڭ رىبوسومنى چۈشىنىشتىكى ئىزدىنىشلىرىم تاماملىنىشتىن تېخى يېراق. رىبوسومنىڭ تۈزۈلۈشى توغرىسىدىكى يىڭى بىلىشلەر بىلەن قوراللانغاندىن كىيىنلا، مەن بۇ تۈزۈلۈشلەرنىڭ رىبوسومنىڭ فۇنكىسيەسى توغرىسىدا يەنە قانداق يېڭى بايقاشلارنى بىزگە ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى ۋە باكتېرىيەگە قارشى دورىلارنىڭ قانداق قىلىپ رىبوسومنىڭ بۇ فۇنكىسىيەلىرىنى توسالايدىغانلىقىنى قېدىرىپ چىقىشقا قاراپ ئىلگىرلىيەلەيتتىم. رىبوسوملار ھاياتلىق ئۈچۈن ناھايتى مۇھىم بولغاچقا نۇرغۇن ئانتىبىئوتىكلار ئۇلارنىڭ فۇنكىسىيەلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىش ئارقىلىق باكتېرىيەنى ئۆلتۈرۈش مەقسىتىگە يىتىدۇ. بىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىزدىنىشلىرىمىزدىن كەلگەن رىبوسومنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە فۇنكىسىيەسى ئۈستىدىكى بۇ ئىلگىرلەشلەر يەنە بىزنىڭ بار بولغان ئانتىبىئوتىكلارنى ياخشىلىشىمىز ۋە يېڭىلىرىنى ياسىشىمىزغىمۇ بىر يول ئاچتى. شۇڭلاشقا بىز بار بولغان 24 تىن كۆپرەك ئانتىبىئوتىكلار بىلەن بىرلەشكەن باكتېرىيە رىبوسومىنى كېسەللىك مودېلى سۈپىتىدە كرىستاللاپ چىقتۇق. بىز بۇنىڭدىن دورىلارنىڭ بىر ئېنىق بولغان فۇنكىيسەلىك مەركىزى ياكى شۇنىڭغا يىقىن جايدىكى «يانچۇق» قىلا باغلىنىدىغانلىقىنى بايقىدۇق ھەم دەل شۇنداق بولغاچقىلا بىز رىبوسومنىڭ باكتېرىيە ئاقسىللىرىنى داۋاملىق ئىشلەپچىقىرىشىنى توسۇش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش مەقسىتىگە يىتەلەيدىكەنمىز. 2001-يىلى بىز تەبىئەت Nature ژورنىلىدا بۇ بايقاشلىرىمىزنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، رىبوسومنى نېشان قىلغان ئانتىبىئوتىكلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دىگۈدەك تەسىر قىلىش مىخانىزىمنى تەپسىلىي ئېنىقلاپ چىقتۇق ۋە  بۇ تەتقىقاتلار ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا.



بارلىق ئالىملار ئۈچۈن بىر ھەقىقىي ئىلمىي بايقاش بولسا ئەڭ يۈكسەك نېشاندۇر. ئۆزەمنى مېسال ئالسام بىر ۋاقىتلاردا شۇنداق دىگەنلىرىم ھېلىھەم يادىمدا: «نېمە ئۈچۈن رىبوسوم ئۈستىدە تەتقىقات قىلىمەن، ئۇلار بەرىبر ئۆلۈكقۇ؟!..بىر ئۇلار توغۇرلۇق بىلىشكە تىگىشلىكنىڭ ھەممىنى بىلىمىزغۇ؟...» ۋە ياكى «بۇ بىر بارسا كەلمەس يول ئىكەن»، ياكى «سەن بۇ يولنى ئاخىرلاشتۇرغىچە ئۆلۈپ بولىسەن بەرىبىر...». شۇنداق، مېنى رازى قىلغىنى بۇ گۇمانلىرىم ھەممىسى خاتا بولۇپ چىقتى، رىبوسوملار ھايات ۋە (خۇددى مەندەكلا) ياشناپ تۇرۇپتۇ ھەم ئۇلارنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تۈزۈلۈشى نۇرغۇن يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقاتلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەبچى بولدى!



كەلگۈسىدىچۇ؟ بىز يىراق ئۆتمۈشتىكى ھاياتلىق ئۈستىدە ئىزدىنىشنى پىلانلاۋاتىمىز. رىبوسوملار بارلىق ھايات ھۆجەيرىلەردە، ئىشقىلىپ باكتېرىيەدىن تارتىپ سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارغىچە ھەممىسە رىبوسوم بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپ ئورۇنلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى تەدرىجىي تەرەققىيات داۋامىدا ئورتاق ساقلىنىپ قالغان. بىز ھازىرقى زامان جانلىقلىرىدىكى رىبوسوملاردىن پىپتىدا باغلىرىنى ھاسېل قىلىدىغان شۇنداقلا ھاياتلىقنى پەيدا قىلىدىغان ئىپتىدائىي ئاپپاراتلارنىڭ ئىزناسى بولغان بىر رايوننى تىپىپ چىقتۇق. تۇنجى رىبوسوملار قانداق قىلىپ ھاياتلىققا ئېرىشكەن؟ ئۇلار قانداق قىلىپ تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا ئاشۇ ئىپتىدائىي ھالەتتىن ھايات ھۆجەيرىلەردىكى بۈگۈن بىز كۆرۋاتقان ناھايتى پىشىقان ئاقسىل زاۋۇتىغا ئايلانغان؟ بىز مۇشۇ سۇئاللار ۋە باشقا ئالاقىدا سۇئاللارغا كەلگۈسى تەتقىقاتلىرىمىزدا جاۋاپ تاپىمىز.



نوبېل مۇكاپاتىنىڭ بۇ ساھەگە بېرىلىشى رىبوسومنى دۇنيا جامائىتىگە يۈزلەندۈردى ھەم ھەقىقىي ئىلىم-پەنگە بولغان قىزىقىشنى قوزغاپ ياشلاردا بىر تەسەۋۋۇرنى ئويغاتتى. مېنىڭ چېچىم بۈدرە بولغاچقا، ھازىر ئىسرائىلىيەدە مۇنداق بىر يېڭى  گەپ مەيدانغا چىقتى: بۈدرە چاچ دىمەك پۈتۈن باشتنى قورشىۋالغان رىبوسوملار توپىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، مېنىڭ تەتقىقاتلىرىمغا ئېلھام ئاتا قىلغان، نۆۋەتتە يەر شارى كلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن يوقىلىش گېردابىغا بىرىپ قالغان شىمالي قۇتۇپ ئېيىقى يۈزلىنىۋاتقان مەسلىنى يەنە بىر قېتىم دۇنيا خەلقىگە تاشلىدى.



بۇ تەتقىقاتلاردا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياردىمى ۋە ئاكتىپ قاتنىشىشى بولمىغان بولسا ھەرگىزمۇ بۈگۈنكى نەتىجىلەر مەيدانغا كەلمىگەن بولاتتى. مىنىڭ مۇشۇ پۇرسەتتە ۋېىيزمان ئېنىستىتۇتىغا، بولۇپمۇ ئېنىستىتۇت مەسئۇللىرىدىن 20 يىلدىن ئارتۇق مەن بىلەن بىر سەپتە ئىشلىگەن ۋە مېنىڭ ئىشلىشىمگە رۇخسەت قىلغان رەئىس مايكول سېلا ۋە ھايىم ھارارىغا؛ ماكىس پلاك جەمئىيتىگە، بولۇپمۇ بۇ تەتقىقاتلارنى مەن بىلەن بىللە باشلىغان مەرھۇم پرافىسور ۋىتمان ۋە كىممېلمەن مەركىزىنى قۇرغان ۋە ساقلاپ قالغان شۇ ئارقىلىق تەتقىقاتلىرىمىزنىڭ دەسلەپكى باشلىنىشىغا كۈچ چىقارغان ھېلېن كىممېل خانىمغا؛ ۋە ياخشى-يامان كۈنلەردە مەن ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان ھامبۇرگ ۋە ئىسرائىليەدىكى خىزمەتداشلىرىمدىن فرانك شىلۇزېن، ھېيكى بارتلېس، جورگ ھارمس، ئانتې توچىل، ئانات باشان، ئىلىنا ئاگمون، تامار ئاۋېربەچ، زىۋا بېركوۋېچ-يېللىن، رھز زارىۋاچ ۋە شۇلامېت ۋېينستەيىنلەرگە؛ شۇنداقلا بېرلىندىكى ھەمكارلاشقۇچىلىرىمغا تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.



ھەممىدىن مۇھىمى، مېنىڭ دائىم يوقاپ كېتىشلىرىم ۋە كاللامنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە ئەمەسلىكىنى بىلىپمۇ قاقشىماي ۋە سۇئال قويماي مېنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن ئائىلەمگە ئەڭ زور تەشەككۈر ئېيتىمەن. ئۇلار مېنىڭ ئىلىم-پەندىن ناھايتى يىراقتا چوڭ بولغان ئاتا-ئانام، بولۇپمۇ بالىلىق ۋاقتىلىرىمدا دادام ۋاپات بولغاندىن كىيىن ھەممە قېينچىلىقلارنى يېڭىپ مېنى قاتارغا قوشقان ۋە تەربىيلىنىشمگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن ئانام، سېڭلىم نۇرىت، يىنىدا بار ۋاقتىلىرىمدا ۋە يېنىدا بولالمىغان كۈنلەردە ماڭا چىداپ كەلگەن قىزىم ھاگىز ۋە مېنى بەش يېشىدا باغچىسىغا باشلاپ بىرىپ كىچىك دوستىلىرىغا رىبوسوم توغۇرلۇق سۆزلەپ بىرىشكە تەكلىپ قىلغان نەۋرە قىزىم نوئالاردۇر.



6. ئاخىرقى سۆز



قەدىرلىك ئوقۇرمەن، نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ نوبېل مۇكاپاتى توغرىسىدا بۇنداق ھەجىمى چوڭ، نۇرغۇن ئىزدىنىشلەرنى تەلەپ قىلىدىغان بىر يازمىنى تەييارلاپ ھوزۇرىڭىزغا سۇنۇشۇم بىر تەرەپتىن بۇ دۇنياغا مەشھۇر  مۇكاپات توغرىسىدا سىزگە ئازراق چۈشەنچە بىرىش ئۈچۈن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن مۇشۇنى ئاساس قىلىپ تۆۋەندىكى ئىككى كەلىمە سۆزۈمنى قىلىۋىلىش ۋە سىزنىڭمۇ بۇ توغرىدىكى قاراشلىرىڭىزنى ئاڭلاپ بىقىش ئۈچۈن ئىدى.



نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر تىزىملىكىگە قاراپ بەلكىم بۇ مۇكاپاتنى كۆپىنچىسى پەقەت ئامرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئالىملارنىڭ ئالغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتىڭىز ۋە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىر ئالىمنىڭ ھېكايىسىدىن بىر ئالىمنىڭ بۇ مۇكاپاتقا لايىق بولغۇدەك تۆھپە قوشالىشى ئۈچۈن قانچىلىك زور قىزىقىش، تىرىشچانلىق، ھەمكارلىق ۋە ئىلمىي ئەمگەكنىڭ زۆرۈر بولىدىغانلىقىنى بەلكىم ھېس قىلىپ يەتتىڭىز. ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن بىرەرمۇ ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى بۇ تىزىملىكتە يوق؟ بۇنىڭدىن كىين بۇ تىزىملىكتە بىرەر ئۇيغۇرنىڭ ئىسمىنى كۆرەمدۇق؟ بىز ئىلىم پەندە دۇنيانىڭ قەيىرىدە كىتىپ بارىمىز؟



بۇ سۇئاللار مەن ئۈچۈن جاۋاب بىرىش ئىنتايىن قېيىن بولغان سۇئاللاردۇر. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىملارلا ئەڭ مۇنەۋۋەر ئالىملار دەپ ئېيتالمىساقمۇ، ئۇلار ھەقىقەتەن دۇنيا ئىلىم-پېنىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيسىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان كىشىلەردۇر. بۇ كىشىلەرنىڭ ئورتاقلىقى ئۇلار ناھايتى ياخشى مائارىپ تەربىيىسى قوبۇل قىلغان، ئۇلار ئۆزى تەتقىق قىلغان مەسلىگە ئىنتايىن قىزىقىدۇ ۋە بۇ قىزىقىشى ئۈچۈن  ئۆزى خالاپ نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى بىرىشكە تەييار، شۇنداقلا ئۇلار يۇقىرى بىلىم سەۋىيىسىگە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە ئۆزىگە ئىشىنىدۇ ۋە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىلگىرلەشنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇلار ياشاۋاتقان جايلاردا مائارىپ ئاللىقاچان تەرەققىي قىلغان، بىر ئىلمىي ئىستىل ئاللىقاچان ئومۇملاشقان بولغاچقا بۇمۇ ئۇلارنىڭ مۇۋاپىققىيەت قازىنىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئەلۋەتتە. بىز ھەممىمىز بىلگىنىمىزدەك كىشى پەقەت ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر خىزمەتنى قىلسا ئەڭ ياخشى ئۈنۈم يارىتالايدۇ ھەم ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلىش، ۋايىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن چەككەن جاپالار بىلىنمەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئالسا، شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر كۆپ چىققان دۆلەت خەلقىلىرىدە يۈكسەك دەرىجىدىكى ئىلىم-پەن قىزغنىلىقى، ئىلىم-پەن روھى مەۋجۇت.



مەن بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىزغا باھا بەرگۈدەك سالاھيەتتە بولمىساممۇ شۇنى كېسىپ ئېيتالايمەنكى، ئۇيغۇرلاردا ئىلىم-پەننى قەدىرلەش، ئىلىم-پەنگە قىزىقىش روھى بىر قەدەر كەمچىل. ئۇيغۇرلار ئىچىدىن ئىلىم-پەندە يىتىشىپ چىقىۋاتقانلار بار ھەم يىڭىدىن يىتىشىپ چىقىۋاتقانلار سانى كۈنسېرى ئېشىىپ بىرىۋاتقان بولسىمۇ، لىكىن ئومۇمىي نوپۇسقا سېلىشتۇرساق ئىلىم-پەن خادىملىرى سانى باشقا نۇرغۇن ساھەدىكىلەردىن كۆپ ئاز. ئۇنىڭدىن باشقا شۇ ئاز بولغان ئىلىم-پەن خادىملىرىنىڭ بالىلارنى، ياشلارنى يىتەكلىشى ناھايتى كەمچىل بولغاچقا، بىز مەيلى بىلىم ئىلىشىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى تەكىتلەيلى بالىلاردا، ياشلاردا بىلىمگە قىزىقىش يەنىلا يىتەرلىك بولمايۋاتىدۇ. بۇنىڭدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب ئومۇمىي مائارىپ تۈزۈلمىسىنىڭ بىر قەدەر قالاق، سىياسىلىقى كۈچلۈك، مەكتەپلەرنىڭ ئىلىمىي كەيپىياتى سۇس، ئومۇمىي ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات سەۋىيسى تۆۋەنلىكىدە بولسىمۇ، يەنە بىر ئىنتايىن مۇھىم سەۋەب جەمىئيەتنىڭ ئىلىم-پەن ئىشلىرىغا، ئەۋلادلارنىڭ بىلىم ئىلىشىغا يىتەرلىك كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئىلمىي ۋە ئۇنىۋىرسال ساپاسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن بىر قەدەر تۆۋەن ئىكەنلىكىدە، ئۇلارنىڭ باللار ۋە ياشلارنى بىلىم ئىلىشقا يىتەرلىك قىزىقتۇرالمىغانلىقىدا، دەپ ئويلايمەن. يۇقىرىدا نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى، ئاتاقلىق بىئوخېمىيە ئالىمى دوكتۇر ئادا يوناس خانىمنىڭ نەۋرىسىنىڭ يەسلىسىگە بىرىپ يەسلى بالىلىرىغا ئۆزىنىڭ تەتقىقاتلىرىنى سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، قېنى بىزنىڭ ئىلىم-پەن خادىملىرىمىز ئىچىدە ھېلىغۇ يەسلى بالىلىرىغا ئۆز تەتقىقاتلىرىنى سۆزلەپ چۈشەندۈرۈشكەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە بىرىپ ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز تەتقىقاتىنى سۆزلەپ ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ باققانلاردىن قانچىسى بار؟ ئادا يوناس خانىملا ئەمەس مەن ھاياتىمدا مۇشۇ ۋاقىتقىچە يۈز تۇرانە كۆرۈشكەن ۋە سۆھبەتتە بولغان ئۈچ نەپەر نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىملار ئىچىدە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە لىكسىيە سۆزلىمىگىنى يوق. ئۇلارلا ئەمەس، مېنىڭ ئامرىكىدىكى پرافىسورلىرىم ئىچىدىمۇ نۇرغۇنلىرى ئوتتۇرا مەكتەپئوقۇغۇچىلىرىغا، شەھەر ئاممىسىغا ۋە ئالىي مەكتەپتىكى باشقا كەسىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆز تەتقىقاتلىرىنى ناھايتى چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلەپ بەرگەنلىرىنى كۆپ كۆردۈم. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بالىلارنى ياشلارنى تەربىيلەشمۇ خۇددى ئۆزىنىڭ تەتقىقاتلىرىغا ئوخشاشلا مۇھىم. بۇ مەنچە بىزنىڭ تەتقىقات خادىملىرىمىز، ئالىي مەكتەپلەردىكى پرافىسورلىرىمىز بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولالايدۇ.



مائارىپ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش بىز ئاددى كىشىلەرنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ، بىزنىڭ قولىمىزدىن كىلىدىغىنى ئىلىم-پەن روھىنى قەدىرلەش، بالىلار ۋە ياشلارنىڭ بىلىم ئىلىشىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنى ئېلھاملاندۇرۇش بولۇشى مۇمكىن. شۇنى ئەسكەرتىمەنكى، قاقشاشنىڭ پايدىسى كۆپ ئەمەس.  مەن مۇشۇ يازمىنى ئوقۇغان ھەر بىر كىشنىڭ تۆۋەندىكى سۇئاللار ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ بىقىشىنى سورايمەن:



بىزدىن نېمىشقا نوبېل مۇكاپاتى ئالغانلار چىقمايدۇ؟ بىزدىن مۇشۇنداق كشىلەر كەلگۈسىدە چىقامدۇ؟ قانداق قىلغاندا دۇنياۋى تەتقىقاتلاردا ئالدىنقى ئوۇندا تۇرالايدىغان ئەۋلادلارنى يىتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ؟ بىزدىكى كەمچىل نەرسە نېمە؟ بىزدىكى ئىلىم-پەن روھى زادى قانچىلىك؟ بىز قانداق قىلىپ يىتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلايمىز؟ ئىلىم-پەن روھىنى ئۇرغۇتۇپ قەددىمىزنى كۆتۈرىشىمىز ئۈچۈن بىز ھازىرقى ۋاقىتتا نېمىلەرنى قىلالايمىز؟



بۇ سۇئاللارغا مەن جاۋابىمنى بىرىشتىن بۇرۇن، ئاۋۋال ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئويلىنىپ كۆرۈشىگە قالدۇراي.



بۇ يازما مۇشۇ يەردە ئاياغلاشتى. يۇقىرىدىكى مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلىشقا كاللا يۈگۈرتكەن، پىكىرلىرىنى بايان قىلغان ھەر بىرىڭىلارغا ئالدىنئالا رەھمەت ئېيتىمەن.



سالام بىلەن:



بىلگەجان (چېللە ئېينىڭ 12-كۈنى تاماملاندى)

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-13 03:39:19

6. ئاخىرقى سۆز



قەدىرلىك ئوقۇرمەن، نەچچە شەنبە-يەكشەنبە ۋە كېچىلەرنى سەرپ قىلىپ نوبېل مۇكاپاتى توغرىسىدا بۇنداق بىر ھەجىمى چوڭ، نۇرغۇن ئىزدىنىشلەرنى تەلەپ قىلىدىغان بىر يازمىنى تەييارلاپ ھوزۇرىڭىزغا سۇنۇشۇم بىر تەرەپتىن بۇ دۇنياغا مەشھۇر  مۇكاپات توغرىسىدا سىزگە ئازراق چۈشەنچە بىرىش ئۈچۈن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن مۇشۇنى ئاساس قىلىپ تۆۋەندىكى ئىككى كەلىمە سۆزۈمنى قىلىۋىلىش ۋە سىزنىڭمۇ بۇ توغرىدىكى قاراشلىرىڭىزنى ئاڭلاپ بىقىش ئۈچۈن ئىدى.



نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر تىزىملىكىگە قاراپ بەلكىم بۇ مۇكاپاتنى كۆپىنچىسى پەقەت ئامرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئالىملارنىڭ ئالغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتىڭىز ۋە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىر ئالىمنىڭ ھېكايىسىدىن بىر ئالىمنىڭ بۇ مۇكاپاتقا لايىق بولغۇدەك تۆھپە قوشالىشى ئۈچۈن قانچىلىك زور قىزىقىش، تىرىشچانلىق، ھەمكارلىق ۋە ئىلمىي ئەمگەكنىڭ زۆرۈر بولىدىغانلىقىنى بەلكىم ھېس قىلىپ يەتتىڭىز. ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن بىرەرمۇ ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى بۇ تىزىملىكتە يوق؟ بۇنىڭدىن كىين بۇ تىزىملىكتە بىرەر ئۇيغۇرنىڭ ئىسمىنى كۆرەمدۇق؟ بىز ئىلىم پەندە دۇنيانىڭ قەيىرىدە كىتىپ بارىمىز؟



بۇ سۇئاللار مەن ئۈچۈن جاۋاب بىرىش ئىنتايىن قېيىن بولغان سۇئاللاردۇر. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىملارلا ئەڭ مۇنەۋۋەر ئالىملار دەپ ئېيتالمىساقمۇ، ئۇلار ھەقىقەتەن دۇنيا ئىلىم-پېنىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيسىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان كىشىلەردۇر. بۇ كىشىلەرنىڭ ئورتاقلىقى ئۇلار ناھايتى ياخشى مائارىپ تەربىيىسى قوبۇل قىلغان، ئۇلار ئۆزى تەتقىق قىلغان مەسلىگە ئىنتايىن قىزىقىدۇ ۋە بۇ قىزىقىشى ئۈچۈن  ئۆزى خالاپ نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى بىرىشكە تەييار، شۇنداقلا ئۇلار يۇقىرى بىلىم سەۋىيىسىگە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە ئۆزىگە ئىشىنىدۇ ۋە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىلگىرلەشنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇلار ياشاۋاتقان جايلاردا مائارىپ ئاللىقاچان تەرەققىي قىلغان، بىر ئىلمىي ئىستىل ئاللىقاچان ئومۇملاشقان بولغاچقا بۇمۇ ئۇلارنىڭ مۇۋاپىققىيەت قازىنىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئەلۋەتتە. بىز ھەممىمىز بىلگىنىمىزدەك كىشى پەقەت ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر خىزمەتنى قىلسا ئەڭ ياخشى ئۈنۈم يارىتالايدۇ ھەم ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلىش، ۋايىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن چەككەن جاپالار بىلىنمەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئالسا، شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر كۆپ چىققان دۆلەت خەلقىلىرىدە يۈكسەك دەرىجىدىكى ئىلىم-پەن قىزغنىلىقى، ئىلىم-پەن روھى مەۋجۇت.



مەن بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىزغا باھا بەرگۈدەك سالاھيەتتە بولمىساممۇ شۇنى كېسىپ ئېيتالايمەنكى، ئۇيغۇرلاردا ئىلىم-پەننى قەدىرلەش، ئىلىم-پەنگە قىزىقىش روھى بىر قەدەر كەمچىل. ئۇيغۇرلار ئىچىدىن ئىلىم-پەندە يىتىشىپ چىقىۋاتقانلار بار ھەم يىڭىدىن يىتىشىپ چىقىۋاتقانلار سانى كۈنسېرى ئېشىىپ بىرىۋاتقان بولسىمۇ، لىكىن ئومۇمىي نوپۇسقا سېلىشتۇرساق ئىلىم-پەن خادىملىرى سانى باشقا نۇرغۇن ساھەدىكىلەردىن كۆپ ئاز. ئۇنىڭدىن باشقا شۇ ئاز بولغان ئىلىم-پەن خادىملىرىنىڭ بالىلارنى، ياشلارنى يىتەكلىشى ناھايتى كەمچىل بولغاچقا، بىز مەيلى بىلىم ئىلىشىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى تەكىتلەيلى بالىلاردا، ياشلاردا بىلىمگە قىزىقىش يەنىلا يىتەرلىك بولمايۋاتىدۇ. بۇنىڭدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب ئومۇمىي مائارىپ تۈزۈلمىسىنىڭ بىر قەدەر قالاق، سىياسىلىقى كۈچلۈك، مەكتەپلەرنىڭ ئىلىمىي كەيپىياتى سۇس، ئومۇمىي ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات سەۋىيسى تۆۋەنلىكىدە بولسىمۇ، يەنە بىر ئىنتايىن مۇھىم سەۋەب جەمىئيەتنىڭ ئىلىم-پەن ئىشلىرىغا، ئەۋلادلارنىڭ بىلىم ئىلىشىغا يىتەرلىك كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئىلمىي ۋە ئۇنىۋىرسال ساپاسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن بىر قەدەر تۆۋەن ئىكەنلىكىدە، ئۇلارنىڭ باللار ۋە ياشلارنى بىلىم ئىلىشقا يىتەرلىك قىزىقتۇرالمىغانلىقىدا، دەپ ئويلايمەن. يۇقىرىدا نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى، ئاتاقلىق بىئوخېمىيە ئالىمى دوكتۇر ئادا يوناس خانىمنىڭ نەۋرىسىنىڭ يەسلىسىگە بىرىپ يەسلى بالىلىرىغا ئۆزىنىڭ تەتقىقاتلىرىنى سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، قېنى بىزنىڭ ئىلىم-پەن خادىملىرىمىز ئىچىدە ھېلىغۇ يەسلى بالىلىرىغا ئۆز تەتقىقاتلىرىنى سۆزلەپ چۈشەندۈرۈشكەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە بىرىپ ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز تەتقىقاتىنى سۆزلەپ ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ باققانلاردىن قانچىسى بار؟ ئادا يوناس خانىملا ئەمەس مەن ھاياتىمدا مۇشۇ ۋاقىتقىچە يۈز تۇرانە كۆرۈشكەن ۋە سۆھبەتتە بولغان ئۈچ نەپەر نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىملار ئىچىدە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە لىكسىيە سۆزلىمىگىنى يوق. ئۇلارلا ئەمەس، مېنىڭ ئامرىكىدىكى پرافىسورلىرىم ئىچىدىمۇ نۇرغۇنلىرى ئوتتۇرا مەكتەپئوقۇغۇچىلىرىغا، شەھەر ئاممىسىغا ۋە ئالىي مەكتەپتىكى باشقا كەسىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆز تەتقىقاتلىرىنى ناھايتى چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلەپ بەرگەنلىرىنى كۆپ كۆردۈم. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بالىلارنى ياشلارنى تەربىيلەشمۇ خۇددى ئۆزىنىڭ تەتقىقاتلىرىغا ئوخشاشلا مۇھىم. بۇ مەنچە بىزنىڭ تەتقىقات خادىملىرىمىز، ئالىي مەكتەپلەردىكى پرافىسورلىرىمىز بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولالايدۇ.



مائارىپ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش بىز ئاددى كىشىلەرنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ، بىزنىڭ قولىمىزدىن كىلىدىغىنى ئىلىم-پەن روھىنى قەدىرلەش، بالىلار ۋە ياشلارنىڭ بىلىم ئىلىشىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنى ئېلھاملاندۇرۇش بولۇشى مۇمكىن. شۇنى ئەسكەرتىمەنكى، قاقشاشنىڭ پايدىسى كۆپ ئەمەس.  مەن مۇشۇ يازمىنى ئوقۇغان ھەر بىر كىشنىڭ تۆۋەندىكى سۇئاللار ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ بىقىشىنى سورايمەن:



بىزدىن نېمىشقا نوبېل مۇكاپاتى ئالغانلار چىقمايدۇ؟ بىزدىن مۇشۇنداق كشىلەر كەلگۈسىدە چىقامدۇ؟ قانداق قىلغاندا دۇنياۋى تەتقىقاتلاردا ئالدىنقى ئوۇندا تۇرالايدىغان ئەۋلادلارنى يىتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ؟ بىزدىكى كەمچىل نەرسە نېمە؟ بىزدىكى ئىلىم-پەن روھى زادى قانچىلىك؟ بىز قانداق قىلىپ يىتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلايمىز؟ ئىلىم-پەن روھىنى ئۇرغۇتۇپ قەددىمىزنى كۆتۈرىشىمىز ئۈچۈن بىز ھازىرقى ۋاقىتتا نېمىلەرنى قىلالايمىز؟



بۇ سۇئاللارغا مەن جاۋابىمنى بىرىشتىن بۇرۇن، ئاۋۋال ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئويلىنىپ كۆرۈشىگە قالدۇراي.



بۇ يازما مۇشۇ يەردە ئاياغلاشتى. يۇقىرىدىكى مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلىشقا كاللا يۈگۈرتكەن، پىكىرلىرىنى بايان قىلغان ھەر بىرىڭىلارغا ئالدىنئالا رەھمەت ئېيتىمەن.

سالام بىلەن:



بىلگەجان (چېللە ئېينىڭ 12-كۈنى، ئامرىكا)

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-9 08:08:29

ئاخىرى ئېچىلىپتۇدە،

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-9 08:10:26

ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلۋاتىسز

facebook يوللانغان ۋاقتى 2013-7-9 08:30:37

بۇ تېما بىلىم قۇيۇقلۇقى بەك قۇيۇق تەرجىمە بۇلۇپتۇ، ئاۋۇ ئىسرائىلىيىلىك ئايالنىڭ دىگەن گەپلىرىنى داۋاملىق دەپ بەرسىڭىز، بىز ئۇنچىلىك قىلالمىساقمۇ باشقىلارنىڭ قىلغانلىرىنى ئاڭلاپ تۇرايلى،

رەھمەت.

ئاندىن يەنە ،Osamu Shimomura (ئوسامۇ شىمومارۇ، ياپونىيە ،دىگەن ئىسىمدىكى ئوقۇلىشى ھەم ئورنى ئالمىشىپ قېلىنىپتۇ. توغرىسى شىمومۇرا ئوسامۇ.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-9 08:37:48

3- قەۋەتتىكى facebookنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ تېما بىلىم قۇيۇقلۇقى بەك قۇيۇق تەرجىمە بۇلۇپتۇ، ئاۋۇ ئىسرائىلىيىلىك ئايالنىڭ دىگەن گەپلىرىنى داۋاملىق دەپ بەرسىڭىز، بىز ئۇنچىلىك قىلالمىساقمۇ باشقىلارنىڭ قىلغانلىرىنى ئاڭلاپ تۇرايلى،

رەھمەت.

ئاندىن يەنە ،Osamu Shimomura (ئوسامۇ شىمومارۇ، ياپونىيە ،دىگەن ئىسىمدىكى ئوقۇلىشى ھەم ئورنى ئالمىشىپ قېلىنىپتۇ. توغرىسى شىمومۇرا ئوسامۇ.

==========


رەھمەت. خېىلى تەپسىلىي ئوقۇپسىز، ھە؟ \"\" كۆپىنچە كىشىلەر نوبېل مۇكاپاتى توغرىسىدىكى ئاممىباپ چۈشەنچىلەرنى ئوقۇپ قويۇپلا كىشى ئىسىملىرىنى ئوقۇماسلىقىمۇ مۇمكىن، دەپ ئويلىغانتىم. ئەلۋەتتە، مەن قەستەن خاتا يىزىپ قويمىغان جۇمۇ. \"\" مەن پۇرسەت بولغاندا تۈزىتىپ قوياي. كىشى ئىسملىرىنى ئېنگىلىزچىدىن توغرا بولۇشىنى كۆزلەپ چاپلىغان ئىدىم، بۇ كىشىنىڭ ئىسمىنىڭ ئالمىشىپ قالغىنىنى تۇيماپتىمەن، تۈزىتىش بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.

xaqan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-9 09:31:23

ئاپرېن، بەكتۈر تورىدىكى ئۆتكۈزگەن YY سۆھبەتنى ئاڭلىغان ئىدىم. بىز دەل مۇشۇنداق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تىپىدىكى ماقاللىلارغا بەكمۇ ئېھتىياجلىق. بىلىك بىلەن بىلگەجاننىڭ يازمىلىرىغا كۆپ رەھمەت. داۋامىغا تەشنامىز.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2013-7-9 09:52:51

نىمىشقا ماتىماتىكا ساھەسىدە نوبىل مۇكاپاتى تەسسىس قىلىنمىغان؟

ئەينى ۋاقىتتا نوبىلنىڭ سۆيگەن قىزى بىر ماتىماتىك بىلەن قېچىپ كېتىپ توي قىلغان شۇڭا ئەينى ۋاقىتتا نوبىلكام ئاچىچىقىدا ماتىماتىكا ساھەسىگە مۇكاپات تەسسىس قىلماپتىكەن \"\" \"\" \"\"

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-9 10:10:09

قىزىق گەپلەرنىڭ چىقىدىغانلىقىنى بىلەتتىم... \"\"




نېمە ئۈچۈن ماتىماتىكىغا مۇكاپات بىرىلمىگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق بىر ئېتراپ قىلىنغان قاراش يوق. ھازىرغىچە بىر قەدەر ئەمەليەتكە ئۇيغۇن بولغان ئېھتىماللىق - نوبېل \"ماتېماتىكىنى قوللىنىشچان پەن ئەمەس\" دەپ قارىغانلىقىدا.


لىكىن شۇنىسى مەلۇمكى «ئەينى ۋاقىتتا نوبىلنىڭ سۆيگەن قىزى بىر ماتىماتىك بىلەن قېچىپ كېتىپ توي قىلغان شۇڭا ئەينى ۋاقىتتا نوبىلكام ئاچىچىقىدا ماتىماتىكا ساھەسىگە مۇكاپات تەسسىس قىلماپتىكەن«دىگەن قاراشنىڭ ۋاقىت جەھەتتىن ماس كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن خاتا ئىكەنلىكى ئېتراپ قىلىنغان. نوبېل ھاياتىدا توي قىلمىغان، لىكىن بىر ئايال بىلەن «قويۇق مۇناسىۋەت» تە بولغانلىقى ئېنىق.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-9 10:13:58

مەن ئەسلى جۇڭگودا تۇغۇلغان نوبېلغا ئېرىشكەنلەرنىڭ سانىنىمۇ يازغانتىم، قارىسام يوقاپ كەتكەندەك تۇرىدۇ. نوبېل تورىدا خەۋەر قىلىشىچە جۇڭگودا تۇغۇلغانلاردىن 10 كىشى نوبېلغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت 2 ئادەم جۇڭگو پۇقراسى ۋە جۇڭگودا ياشاپ تۇرۇپ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. لىكىن بۇ ئىككەيلەننىڭ ئىچىدىكى لىيۇشىياۋبو تۈرمىدە بولغاچقا بۇ مۇكاپاتنى قوبۇل قىلالمىغان. شۇنداق قىلىپ جۇڭگۇ پۇقرالىرىدىن پەقەت مويەن دىگەن يازغۇچى ئۆتكەن يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ جۇڭگودا ياشاۋاتقان ئىنسانلار ئارىسدا بىردىنبىر نوبېل مېدالى ۋە نوبېل دىپلومى بار كىشى بولۇپ قالغان.

Abdurehman يوللانغان ۋاقتى 2013-7-9 10:25:30

نوبېل \"\" قانداقلىكىن بولمىسۇن بۇ سەپەر داۋاملىشىدۇ..

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-7-9 10:36:37

نادىر تىما،داۋامىنى ساقلايمىز.

iksak يوللانغان ۋاقتى 2013-7-9 12:40:45

ماۋۇ بىر زامانلاردا يازغان تېما ئىدى. نوبىلنىڭ نىمە ئۈچۈن ماتىماتىكا مۇكاپاتى تەسىس قىلمىغانلىق توغۇرسىدا....



ﺋﺎﻟﻔﯧﺮﺩ ﻧﻮﺑﯩﻞ (1833- 1896) ﺷﯩﯟﯨﺘﺴﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ.

ﻧﻮﺑﯩﻞ ﺋﯚﺯ ﯞﻩﺳﯩﻴﻪﺗﻨﺎﻣﯩﺴﯩﺪﺍ، ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ،ﺧﯩﻤﯩﻴﻪ، ﻓﯩﺰﯨﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﻣﯧﺪﯨﺘﺴﯩﻨﺎ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﻩ ﺯﻭﺭ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ، ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ < ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ> ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﯓ ﻧﺎﺩﯨﺮ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﯩﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﺎﻟﯩﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﯧﻨﯩﭽﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺯﻭﺭ ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﻜﻪﻥ.

ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻧﯩﻤﻪ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﻧﻮﺑﯩﻠﻨﻰ <ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ> ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﺘﯜﺭﮔﻪﻥ؟ ﺑﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﺯﺍﻗﻼﺭﻏﯩﭽﻪ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ.

ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻼﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻜﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻛﺘﻪ،ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﺎﻧﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﯨﺮ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﭘﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ.

ﻧﻮﺑﯩﻞ 16 ﻳﺎﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ،ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﻐﺎﻥ،ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺧﯩﻤﯩﻴﻪﺷﯘﻧﺎﺱ Zinin ﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ.ﻧﻮﺑﯩﻞ Zinin ﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ،ﺋﺎﺯﻭﺕ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ

ﮔﯩﻠﯩﺘﺴﯩﺮﯨﻨﻐﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ.

ﻧﻮﺑﯩﻞ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ 19-ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺗﯘﻏﻤﺎ ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﭽﻰ ﺑﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﯧﺰﯨﻤﻰ ﯞﻩ ﮬﻪ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ﺋﯩﺠﺎﺩﭼﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ.ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﺑﯘ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺸﺘﺎ، ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﺎﻏﺎ

ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﭼﯜﺷﻤﯩﮕﻪﻥ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﻘﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﺗﯚﺕ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﯩﻚ ﮬﯧﺴﺎﭘﻼﺵ ﯞﻩ ﺗﺎﻧﺎﺳﯩﭙﻠﯩﻖ ﻛﻮﺋﯧﻔﻔﯩﻨﺘﺴﯩﻨﺖ ﺩﺍﺋﯩﺮﺳﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﭗ ﻛﯩﺘﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ،ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ، 19-ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﻤﯩﻴﻪ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ.ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﯩﻨﯩﯔ

ﺧﯩﻤﯩﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﺭﻭﻟﻰ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﯘﻟﯘﭖ،ﺧﯧﻠﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺳﺘﺎ-ﺋﺎﺳﺘﺎ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ.ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﭘﻪﻧﻨﻰ ﻳﯜﻛﺴﻪﻟﺪﯛﺭﯛﺷﺘﯩﻜﻰ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯩﺘﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ.ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺗﻪﺱ ﺋﻪﻣﻪﺱ.

ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ،ﻧﻮﺑﯩﻠﻨﯩﯔ ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻥ.ﻧﻮﺑﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ 13 ﻳﺎﺵ ﻛﯩﭽﯩﻚ SophieHess ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﯘﻟﯘﭖ، ﻛﯩﻴﻦ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻗﯩﺰ ﺩﻭﺳﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯧﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺶ ﭘﻪﺵ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ،ﻛﯩﻴﯩﻦ SophieHess ﺋﯘ ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯧﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖ، ﻧﻮﺑﯩﻞ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻏﻪﺯﻩﭘﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﯚﻣﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻳﺘﺎﻕ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ.

ﻧﻮﺑﯩﻠﻨﯩﯔ ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ، ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻗﯩﺰﺯﯨﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﮬﯩﻜﺎﻳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺗﻪﺳﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ،ﻟﯩﻜﯩﻦ

20-ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﭘﻪﻥ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﻤﯘ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.





خەنزۇچە ماقالىدىن تەرجىمە قىلىندى -IKSAK

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-9 14:06:22

6- قەۋەتتىكى hoopeeloverنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نىمىشقا ماتىماتىكا ساھەسىدە نوبىل مۇكاپاتى تەسسىس قىلىنمىغان؟

ئەينى ۋاقىتتا نوبىلنىڭ سۆيگەن قىزى بىر ماتىماتىك بىلەن قېچىپ كېتىپ توي قىلغان شۇڭا ئەينى ۋاقىتتا نوبىلكام ئاچىچىقىدا ماتىماتىكا ساھەسىگە مۇكاپات تەسسىس قىلماپتىكەن \"\" \"\" \"\"

مانداق گەپنى تېخى بىزدىلا پەيدا بولامدىكىن دەپتىمەن. \"\"

jimjit يوللانغان ۋاقتى 2013-7-9 15:56:22

ئىسىل باشلىنىش !ئەجرىڭىزگە رەھمەت. بۇ تېمىنى جەۋھەر قىلالمىساق ،پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پىلانى توغرىسىدىكى پاراڭلار قۇرۇق گەپ بوپقالىدۇ.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2013-7-9 17:47:49

31مىليۇن 225 مىڭ شىۋىتسىيە كىروناسى، يەنى 250مىليۇن دوللەر، ھازىرغىچە 555 قىتىم مۇكاپات تارقىتىلغان بولسا، ھەرقېتىملىق مۇكاپات سوممىسى 8مىليۇن كىرونا، 1.2مىليۇن دوللەر .


ھىساپلاپ باقسام 555 قېتىملىق مۇكاپات ئۇچۇن، (8كوپەيتىسەك555) 4مىليارىت  440مىليۇن كىرونا دىگەن گەپ. ئەسلى سوممىسىنىڭ 142ھەسسىسگە باراۋەر بولىدىكەن


سىزدىن سوراپ باقسام بانكىنىڭ ئۆسىمى يۇز يىلدا مۇشۇنداق يۇقىرى بولامدۇ ؟ نوبىلنىڭ ئامانىتى مەڭگۇ تۇگىمەمدۇ ياكى باشقا جەميئەت نوبىل نامىدا پۇل ئىئانە قىلامدۇ ؟


ياۋۋۋپانا ، موھىم گەپنى قويۇپ تېمىنىڭ مەزمۇنىنى باشقا ياققا بۇراپتۇ دەپ يۇرمەڭلار، ئەمىلىيەتتە مەن مۇشۇ نوبىلنىڭ ئامانىتىگە بەك قىزىقىمەن .

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-9 18:31:47

.ىلكىتاپ قىلىۋەتكەن بولساڭلا ما تىمىنى

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-9 21:46:07

@muztag، ياخشى سۇئال سورىدىڭىز. مۇنداق ئىشكەن. نوبېل ئۆز ۋاقتىدا قالدۇرغان 31 مىليون شىۋىت كروناسى ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە 1 مىلياردتىن ئارتۇق شىۋىت كروناسىغا تەڭ بولىدىكەن. يەنى بۇ تىمىدا دىيلىۋاتقان ۋاقىت پەرقىگە ئاساسەن پۇلنىڭ ئۆز قىممىتى بويىچە تۇرمايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇش كىرەك. ئەمدى سىز دىگەندەك 5 مىلياردتىن ئارتۇق پۇل بولۇشى كىرەكمۇ دىگەندە، ياق. چۈنكى نوبېل مۇكاپاتى 1901 يىلى دەسلىپىدە 150،000 شىۋىت كروناسىدىن تارقىتىلغان (ئەينى دەۋىردە بۇ بەك كۆپ پۇل بولۇشى مۇمكىن)، ئارىلىقتا بىر مەزگىل ئازلاپمۇ كەتكەن. پەقەت 1946 يىلى شىۋىتسىيەدە، 1953-يىلى ئامرىكىدا نوبېل فوندىنىڭ باج تاپشۇرماي مەبلەغ سېلىشى قانۇنلاشقان. شۇنىڭدىن باشلاپ، بولۇپمۇ 1980-يىللاردىن بۇيان نوبېل فوندى مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق نوبېل مۇكاپاتىغا ئىشلىتىدىغان پۇلنى تىز سۈرئەتتە كۆپەيتكەن. 2007-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى نوبېل فوندى نوبېلنىڭ شۇ كۈندىكى مەبلىغىنىڭ 3 مىليارد 628 مىليون شىۋىت كروناسى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. نوبېل فوندى قانداق ئىشلارغا مەبلەغ سالىدۇ، بۇنىسى ئېنىق ئېيتلمىغان. قالغىنىنى ئۆزىڭىز تەكشۈرۈپ باقاسىز.

http://www.nobelprize.org/nobel_organizations/nobelfoundation/finan-manag.html

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-9 22:51:20

15- قەۋەتتىكى muztagنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

31مىليۇن 225 مىڭ شىۋىتسىيە كىروناسى، يەنى 250مىليۇن دوللەر، ھازىرغىچە 555 قىتىم مۇكاپات تارقىتىلغان بولسا، ھەرقېتىملىق مۇكاپات سوممىسى 8مىليۇن كىرونا، 1.2مىليۇن دوللەر .


ھىساپلاپ باقسام 555 قېتىملىق مۇكاپات ئۇچۇن، (8كوپەيتىسەك555) 4مىليارىت  440مىليۇن كىرونا دىگەن گەپ. ئەسلى سوممىسىنىڭ 142ھەسسىسگە باراۋەر بولىدىكەن





سىزدىن سوراپ باقسام بانكىنىڭ ئۆسىمى يۇز يىلدا مۇشۇنداق يۇقىرى بولامدۇ ؟ نوبىلنىڭ ئامانىتى مەڭگۇ تۇگىمەمدۇ ياكى باشقا جەميئەت نوبىل نامىدا پۇل ئىئانە قىلامدۇ ؟


ياۋۋۋپانا ، موھىم گەپنى قويۇپ تېمىنىڭ مەزمۇنىنى باشقا ياققا بۇراپتۇ دەپ يۇرمەڭلار، ئەمىلىيەتتە مەن مۇشۇ نوبىلنىڭ ئامانىتىگە بەك قىزىقىمەن .

===========


سىز ئەگەر بۇ ئىشقا بەكلا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى داڭلىق بىئولوگىيە ئىلمىي ژورنىلى FASEB تە ئېلان قىلىنغان مەخسۇس نوبېل مۇكاپاتنىڭ مەنبەسى ئۈستىدە توختالغان ماقالىنى كۆرۈپ بىقىڭ. قىزىقسىڭىز، ئۇ ماقالىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.


http://www.fasebj.org/content/24/5/1335.long



http://www.fasebj.org/content/24/5/1335.full.pdf+html

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-9 23:32:38

يۇناس خانىمنىڭ ھىكايىسىنى داۋاملىق يازسىڭىز مەن مۇشۇنداق ھىكايىلەرنى ئۇقۇشنى بەك ياقتۇرمە .
بەت: [1] 2
: نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىئولوگىيە ئالىملىرى