داۋامى بار....
1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، بىز رىبوسومنىڭ بىر چوڭ بۆلىكىگە سوزۇلغان بىر تونېلنى كۆردۇق. بۇنىڭىغا قاراپ ۋە بۇرۇنقى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسەن (Malkin & Rich, 1967, Blobel & Sabatini, 1970) ئامىنو كېسلاتالىرىدىن ياسىلىۋاتقان بېخ ئاقسىل دەل مۇشۇ ئۆتەڭ ئارقىلىق ئالدىغا قاراپ ئىلگىرلەپ ئاخىرى پىشىپ يىتىلگەن ئاقسىلغا ئايلىنىدۇ ۋە رىبوسومدىن ئايرىلىدۇ، دەپ پەرەز قىلدۇق. مېنىڭ تەتقىقات ھاياتىمدا، نۆۋەتتە دۇنيادىكى ھەر قايسى تۈزۈلۈش بىئولوگىيە تەجىرىبخانىلىرىدا دائىم ئىشلىتىلۋاتقان بىر قانچە تېخنىكىلارنى ئىجاد قىلدىم. بۇلارنىڭ بىرى سوغۇق-بىئو-كرىستاللوگىرافىيە (cryo-bio-crystallography) بولۇپ، بۇ بىر خىل كرىستالنى ھەددېدىن زىيادە سوغۇق تىمپراتۇردا، يەنى -185 سىلسىيە گرادۇستا سوۋۇتۇش ئارقىلىق، X-نۇردا بومباردىمان قىلغاندا كرىستالنىڭ تۈزۈلۈشىنى ئۆزگىرىپ كىتىشىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرىدىغان تېخنىكا ئىدى. شۇنداق بولغاچقا بىز ئىشلىگەن تەجىرىبىلەر ئۆزگىچە ۋە ئالاھىدە ئىدى. بۇ بىر «مانا تاپتىم! ئاخىرى تاپتىم!!» دەپ سەكرەپ كىتىدىغان ئىشلاردىن ئىدى. ئەمەليەتتە، بۇ ئەمەليەتتە مەن ئۈچۈن 12 يىلدىن كىيىن تۇنجى قېتىم رىبوسومنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تۈزۈلۈشىنى كۆرگەن ۋاقتىمدىكى ھاياجانىمدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان كىشىنى ھاياجانغا سالدىغان مىنۇتلاردىن ئىدى. گەرچە بىز مۇرەككەپ، جەڭ ئېلان قىلىدىغان مەسلىلەرنى ھەل قىلىشتىن خۇشاللىق تىپىپ تۇرغان بولساقمۇ، لېكىن بۇنداق «مانا تاپتىم! ئاخىرى تاپتىم!!» دىگۈزىدىغان مىنۇتلار كەمدىن-كەم نېسىپ بولاتتى...
90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە، رىبوسومنى كرىستاللاشنىڭ قىلغىلى بولىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغىنىمىزدا، بىر نەچچە داڭلىق ئۇنىۋىرستىت ياكى تەتقىقات ئىنىستىتۇتلىرىدىكى ئالىملارمۇ ئوخشاش تەتقىقاتنى باشلىۋەتتى. ئۇلارمۇ بىز كۆرسەتكەن نەتىجىلەرنى قايتىلاپ ئوخشاش نەتىجىگە ئېرىشكەچكە، مەن ئەمدى بۇ ساھەدە يالغۇز ئەمەس ئىدىم. 90-يىللارنىڭ ئاخرىدا، كراستاللاشتىكى ئىلگىرلەشلەرنىڭ ياردىمى بىلەن، بىز ۋە بىز بىلەن ئوخشاش تەجىرىبە سىستىمىسىنى ئىشلەتكەن بىر قانچە گۇرۇپپا X-نۇر دىففراكسىيسى ۋە دىففراكسىيەنى چۈشەندۈرۈشتىكى يۇقىرى ئېنىقلىق توسىقىنى مۇۋاپىققىيەتلىك بۇزۇپ تاشلىدۇق. رىبوسومنىڭ كىچىك بۆلەكلىرىنىڭ ئېلىكتىرون زىچلىق خەرىتىسى ھەقىقەتەنمۇ بىر بۆسۈش بولدى، بولۇپمۇ بۇ بۆسۈش مېنى ئاجايىپ تەسۋىرلىگۈسىز ھاياجانلارغا سالدى. ئۇنىڭدىن كىيىن، 2000 ۋە 2001-يىللىرى بىز باكتېرىيە رىبوسومىنىڭ چوڭ ۋە كىچىك ئىككىلى بۆلىكىنىڭ تولۇق بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشىنى ئېلان قىلدۇق. http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pubmed/11007480
http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pubmed/12762007
داۋامى بار.... ئەجىر قىپسىز
كۆپ رەھمەت، بۇ تېمىغا قىزىقىۋاتقانلار كۆپ، پەقەت ئىزدىنىشتا ئىنكاس جىق چۈشۈپ كەتمەيدۇ، بولۇپمۇ ماختاش ئىنكاسلىرى، توغرا چۈشىنىپ تۇرۇڭ بۇ بايقاشلار ئېنىقكى 20 يىللىق تەتقىقاتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ئىدى، لىكىن مېنىڭ رىبوسومنى چۈشىنىشتىكى ئىزدىنىشلىرىم تاماملىنىشتىن تېخى يېراق. رىبوسومنىڭ تۈزۈلۈشى توغرىسىدىكى يىڭى بىلىشلەر بىلەن قوراللانغاندىن كىيىنلا، مەن بۇ تۈزۈلۈشلەرنىڭ رىبوسومنىڭ فۇنكىسيەسى توغرىسىدا يەنە قانداق يېڭى بايقاشلارنى بىزگە ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى ۋە باكتېرىيەگە قارشى دورىلارنىڭ قانداق قىلىپ رىبوسومنىڭ بۇ فۇنكىسىيەلىرىنى توسالايدىغانلىقىنى قېدىرىپ چىقىشقا قاراپ ئىلگىرلىيەلەيتتىم. رىبوسوملار ھاياتلىق ئۈچۈن ناھايتى مۇھىم بولغاچقا نۇرغۇن ئانتىبىئوتىكلار ئۇلارنىڭ فۇنكىسىيەلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىش ئارقىلىق باكتېرىيەنى ئۆلتۈرۈش مەقسىتىگە يىتىدۇ. بىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىزدىنىشلىرىمىزدىن كەلگەن رىبوسومنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە فۇنكىسىيەسى ئۈستىدىكى بۇ ئىلگىرلەشلەر يەنە بىزنىڭ بار بولغان ئانتىبىئوتىكلارنى ياخشىلىشىمىز ۋە يېڭىلىرىنى ياسىشىمىزغىمۇ بىر يول ئاچتى. شۇڭلاشقا بىز بار بولغان 24 تىن كۆپرەك ئانتىبىئوتىكلار بىلەن بىرلەشكەن باكتېرىيە رىبوسومىنى كېسەللىك مودېلى سۈپىتىدە كرىستاللاپ چىقتۇق. بىز بۇنىڭدىن دورىلارنىڭ بىر ئېنىق بولغان فۇنكىيسەلىك مەركىزى ياكى شۇنىڭغا يىقىن جايدىكى «يانچۇق» قىلا باغلىنىدىغانلىقىنى بايقىدۇق ھەم دەل شۇنداق بولغاچقىلا بىز رىبوسومنىڭ باكتېرىيە ئاقسىللىرىنى داۋاملىق ئىشلەپچىقىرىشىنى توسۇش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش مەقسىتىگە يىتەلەيدىكەنمىز. 2001-يىلى بىز تەبىئەت Nature ژورنىلىدا بۇ بايقاشلىرىمىزنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، رىبوسومنى نېشان قىلغان ئانتىبىئوتىكلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دىگۈدەك تەسىر قىلىش مىخانىزىمنى تەپسىلىي ئېنىقلاپ چىقتۇق ۋە بۇ تەتقىقاتلار ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا.
بارلىق ئالىملار ئۈچۈن بىر ھەقىقىي ئىلمىي بايقاش بولسا ئەڭ يۈكسەك نېشان. ئۆزەمنى مېسال ئالسام بىر ۋاقىتلاردا شۇنداق دىگەنلىرىم ھېلىھەم يادىمدا: «نېمە ئۈچۈن رىبوسوم ئۈستىدە تەتقىقات قىلىمەن، ئۇلار بەرىبر ئۆلۈكقۇ؟!..بىر ئۇلار توغۇرلۇق بىلىشكە تىگىشلىكنىڭ ھەممىنى بىلىمىزغۇ؟...» ۋە ياكى «بۇ بىر بارسا كەلمەس يول ئىكەن»، ياكى «سەن بۇ يولنى ئاخىرلاشتۇرغىچە ئۆلۈپ بولىسەن بەرىبىر...». شۇنداق، مېنى رازى قىلغىنى بۇ گۇمانلىرىم ھەممىسى خاتا بولۇپ چىقتى، رىبوسوملار ھايات ۋە (خۇددى مەندەكلا) ياشناپ تۇرۇپتۇ ھەم ئۇلارنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تۈزۈلۈشى نۇرغۇن يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقاتلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەبچى بولدى!
داۋامى بار.... كەلگۈسىدىچۇ؟ بىز يىراق ئۆتمۈشتىكى ھاياتلىق ئۈستىدە ئىزدىنىشنى پىلانلاۋاتىمىز. رىبوسوملار بارلىق ھايات ھۆجەيرىلەردە، ئىشقىلىپ باكتېرىيەدىن تارتىپ سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارغىچە ھەممىسە رىبوسوم بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپ ئورۇنلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى تەدرىجىي تەرەققىيات داۋامىدا ئورتاق ساقلىنىپ قالغان. بىز ھازىرقى زامان جانلىقلىرىدىكى رىبوسوملاردىن پىپتىدا باغلىرىنى ھاسېل قىلىدىغان شۇنداقلا ھاياتلىقنى پەيدا قىلىدىغان ئىپتىدائىي ئاپپاراتلارنىڭ ئىزناسى بولغان بىر رايوننى تىپىپ چىقتۇق. تۇنجى رىبوسوملار قانداق قىلىپ ھاياتلىققا ئېرىشكەن؟ ئۇلار قانداق قىلىپ تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا ئاشۇ ئىپتىدائىي ھالەتتىن ھايات ھۆجەيرىلەردىكى بۈگۈن بىز كۆرۋاتقان ناھايتى پىشىقان ئاقسىل زاۋۇتىغا ئايلانغان؟ بىز مۇشۇ سۇئاللار ۋە باشقا ئالاقىدا سۇئاللارغا كەلگۈسى تەتقىقاتلىرىمىزدا جاۋاپ تاپىمىز.
نوبېل مۇكاپاتىنىڭ بۇ ساھەگە بېرىلىشى رىبوسومنى دۇنيا جامائىتىگە يۈزلەندۈردى ھەم ھەقىقىي ئىلىم-پەنگە بولغان قىزىقىشنى قوزغاپ ياشلاردا بىر تەسەۋۋۇرنى ئويغاتتى. مېنىڭ چېچىم بۈدرە بولغاچقا، ھازىر ئىسرائىلىيەدە مۇنداق بىر يېڭى گەپ مەيدانغا چىقتى: بۈدرە چاچ دىمەك پۈتۈن باشتنى قورشىۋالغان رىبوسوملار توپىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، مېنىڭ تەتقىقاتلىرىمغا ئېلھام ئاتا قىلغان، نۆۋەتتە يەر شارى كلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن يوقىلىش گېردابىغا بىرىپ قالغان شىمالي قۇتۇپ ئېيىقى يۈزلىنىۋاتقان مەسلىنى يەنە بىر قېتىم دۇنيا خەلقىگە تاشلىدى.
بۇ تەتقىقاتلاردا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياردىمى ۋە ئاكتىپ قاتنىشىشى بولمىغان بولسا ھەرگىزمۇ بۈگۈنكى نەتىجىلەر مەيدانغا كەلمىگەن بولاتتى. مىنىڭ مۇشۇ پۇرسەتتە ۋېىيزمان ئېنىستىتۇتىغا، بولۇپمۇ ئېنىستىتۇت مەسئۇللىرىدىن 20 يىلدىن ئارتۇق مەن بىلەن بىر سەپتە ئىشلىگەن ۋە مېنىڭ ئىشلىشىمگە رۇخسەت قىلغان رەئىس مايكول سېلا ۋە ھايىم ھارارىغا؛ ماكىس پلاك جەمئىيتىگە، بولۇپمۇ بۇ تەتقىقاتلارنى مەن بىلەن بىللە باشلىغان مەرھۇم پرافىسور ۋىتمان ۋە كىممېلمەن مەركىزىنى قۇرغان ۋە ساقلاپ قالغان شۇ ئارقىلىق تەتقىقاتلىرىمىزنىڭ دەسلەپكى باشلىنىشىغا كۈچ چىقارغان ھېلېن كىممېل خانىمغا؛ ۋە ياخشى-يامان كۈنلەردە مەن ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان ھامبۇرگ ۋە ئىسرائىليەدىكى خىزمەتداشلىرىمدىن فرانك شىلۇزېن، ھېيكى بارتلېس، جورگ ھارمس، ئانتې توچىل، ئانات باشان، ئىلىنا ئاگمون، تامار ئاۋېربەچ، زىۋا بېركوۋېچ-يېللىن، رھز زارىۋاچ ۋە شۇلامېت ۋېينستەيىنلەرگە؛ شۇنداقلا بېرلىندىكى ھەمكارلاشقۇچىلىرىمغا تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.
ھەممىدىن مۇھىمى، مېنىڭ دائىم يوقاپ كېتىشلىرىم ۋە كاللامنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە ئەمەسلىكىنى بىلىپمۇ قاقشىماي ۋە سۇئال قويماي مېنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن ئائىلەمگە ئەڭ زور تەشەككۈر ئېيتىمەن. ئۇلار مېنىڭ ئىلىم-پەندىن ناھايتى يىراقتا چوڭ بولغان ئاتا-ئانام، بولۇپمۇ بالىلىق ۋاقتىلىرىمدا دادام ۋاپات بولغاندىن كىيىن ھەممە قېينچىلىقلارنى يېڭىپ مېنى قاتارغا قوشقان ۋە تەربىيلىنىشمگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن ئانام، سېڭلىم نۇرىت، يىنىدا بار ۋاقتىلىرىمدا ۋە يىنىدا بولالمىغان كۈنلەردە ماڭا چىداپ كەلگەن قىزىم ھاگىز ۋە مېنى بەش يېشىدا باغچىسىغا باشلاپ بىرىپ كىچىك دوستىلىرىغا رىبوسوم توغۇرلۇق سۆزلەپ بىرىشكە تەكلىپ قىلغان نەۋرە قىزىم نوئالاردۇر.
مۇشۇ يەردە نوبېل ساھىبى ئادا يوناسنىڭ ئاغزاكى ھېكايسى ئاياغلاشتى. لىكىن بۇ تىمىنىڭ ئاخرىقى بۆلىكى بولغان «ئاخىرقى سۆز» پات ئارىدا ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇلىدۇ.
داۋامى بار.... بىلگەجان ،ھارمىغايسىز، ئىسىل ئىشنى باشلىدىڭىز ،داۋاملىق !
ماۋۇنى تەتۈر كۆرۈڭلار بىلگەجان......
مۇشۇ 线粒体توغرىسىدا سۇئاللىرىم بارتى، تېما ئاخىرىدىراق سورارمەن.
جۇدىزىم=يەھۇدى دىنى.
يەھۇدى موماينىڭ بىر ھۆججەتلىك فىلىمىنى كۆرۈپتىكەنمەن، نەدە يانار تاغ كۆللىرى، قەدىمقى مۇزلۇق بولسا بېرىپ ئەۋرىشكە ئىزدەيدىغانتى. @matu، ئۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى مەنمۇ كۆرۈپ باقايچۇ؟ خوندىرىئوسوم توغرىسىدا سۇئالىڭىز بولسا سوراۋىرىڭ. سۇئال دىگەننى ئەسكە كەلگەندە سورىغان ياخشى، مەن دائىم كىيىن سورايمەن دىسەملا ئۇنتۇپ قالىمەن..
قالغان ئۈچەيلەن:
John Bardeen (فىزىكا 1956 ۋە 1972)،
Linus Pauling (خېمىيە 1954، تىنچلىق 1962)
Frederick Sanger (خېمىيە 1958 ۋە 1980). كىم دەيدۇ ماتېماتېكىغا بەرمەيدۇ دەپ، JohnF Nash دەيدىغان ئاداشنىڭ ھېكايىسىنى كىنو قىلىپمۇ چىقتىغۇ، ئۇنىڭ تەتقىق قىغان بىرمىسى ئىقتىسادقا كارامەت چۈشۈپ كېتىپ، نوبىل ئىقتىساد مۇكاپاتىنى بېرىۋېتىدىغۇ. لېكىن كىنونىڭ ئىنچىكە يەرلىرى ئىسىمدە قالماپتۇ، قايتا بىر كۆرەي، سىلەرمۇ كۆرۈپ قويۇڭلا.
A Beautiful Mind 美丽心灵
http://www.yyets.com/resource/24460
http://www.imdb.com/title/tt0268978/
29- قەۋەتتىكى bilgejanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بىزدىن نېمىشقا نوبېل مۇكاپاتى ئالغانلار چىقمايدۇ؟ بىزدىن مۇشۇنداق كشىلەر كەلگۈسىدە چىقامدۇ؟ قانداق قىلغاندا دۇنياۋى تەتقىقاتلاردا ئالدىنقى ئوۇندا تۇرالايدىغان ئەۋلادلارنى يىتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ؟ بىزدىكى كەمچىل نەرسە نېمە؟ بىزدىكى ئىلىم-پەن روھى زادى قانچىلىك؟ بىز قانداق قىلىپ يىتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلايمىز؟ ئىلىم-پەن روھىنى ئۇرغۇتۇپ قەددىمىزنى كۆتۈرىشىمىز ئۈچۈن بىز ھازىرقى ۋاقىتتا نېمىلەرنى قىلالايمىز؟
مەن ئۆزۈمنىڭ ھالىغا باقماي ئازىراق بىلجىرلاپ باقاي.
بىزدىن نېمىشقا نوبېل مۇكاپاتى ئالغانلار چىقمايدۇ؟
چۈنكى نوبىل مۇكاپاتىنى تەسىس قىلغان ۋاقىت ۋە شۇ ۋاقتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنىشىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا بىزدىن نوبىل مۇكاپاتى ئالىدىغانلارنىڭ چىقمىغانلىقى نورمال ئىش دەپ قارايمەن. چۈنكى يېقىنقى بىر نەچچە يۈز يىل ئىچىدىكى تارىختىن ھەممىمىزنىڭ خەۋىرى بار. تارىخنى كەينىگە قايتۇرغىلى بولمايدۇ، بۇندىن كېيىن تېرىشساق بولىدۇ.
بىزدىن مۇشۇنداق كشىلەر كەلگۈسىدە چىقامدۇ؟
بىزدىنمۇ مۇشۇنداق كىشىلەر كەلگۈسىدە چوقۇم چىقىدۇ. چۈنكى مەيلى قانداقلا مائارىپ بولسۇن، مەكتەپ يۈزى كۆردۇق. ھەم شۇ مەكتەپنىڭ تەربىيىسدىمۇ زور ئۇتۇقلارنى قازانغا كىشىلىرىمىز چىقىۋاتىدۇ. ئۇندىن باشقا كومپيۇتېر تورىمۇ ھازىرقى مائارىپىمىزدىكى بەزى كەمچىللىك، توسالغۇلارنى تولۇقلاۋاتىدۇ. مەسىلەن ئەركىن ئاكىمىز، سىز ۋە سىلەرگە ئوخشىغان بىر تۈركۈم كىشىلەر ئەمەلىي تەجىرىبەڭلار ئارقىلىق نۇرغۇن يوللارنى قىستارتتىڭلا. ئۇندىن باشقا نۇرغۇن بىلىملەرنى ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمىسىزمۇ توردىن پايدىلىنىپ بىلىۋالغى بولىدۇ. بۇنىڭ تىپىك مىسالى مانا مۇشۇنداق ئىلمى ماقالە ۋە مۇنازىرىگە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قىزىقىشى ۋە ئاكتىپلىق بىلەن پىكىر قاتناشتۇرۇشى ھەم بۇنداق كىشىلەرنىڭ كۈندىن كۈنگە كۆپيىشى پاكىت بولالايدۇ.
قانداق قىلغاندا دۇنياۋى تەتقىقاتلاردا ئالدىنقى ئوۇندا تۇرالايدىغان ئەۋلادلارنى يىتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ؟
بۇ بەك چوڭ تېما. شۇنداقتىمۇ ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي. بۇنداق ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشتا مۇنداق بىر نەچچە ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولىدۇ.
1. مەرىپەتپەرۋەر بايلار مەخسۇس مەبلەغ ئاجىرىتىپ، ئالاھىدىلىكى بار بالىلارغا خاتىرجەم ئوقۇش ۋە تەتقىقات مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىش. بۇ مېنىڭچە ئەڭ ياخشى ئۇسۇل.
2. پارتىزانچە ئۆگىنىش ئۇسۇلى. يەنى توردىن پايدىلىنىپ، ھەر قايسى ئىلىم ئىگىلىرى توردا ھەقسىز ئىلمىي ماقالىلەر بىلەن تەمىنلەش، ھەقسىز ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش. بۇنىڭ ئۇچۇن ئىككى تەرەپتىن بەدەل تۆلەيدىغانلار مەيدانغا كېلىشى كېرەك.
يۇقىرىقى ئىككى ئۇسۇل بىر قەدەر تېز ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدىغان ئۇسۇللار.
3. ئاتا- ئانىلارنىڭ ئاڭ سەۋيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. بۇ ئۇزۇن مەزگىلىك جەريان. بىر نەچچە يۈز يىل مائارىپ تەربىيىسى كۆرمەي ياشاپ كەلگەن خەلقنىڭ تېزلا بۇ مەقسەدكە يېتىشى سەل تەس بولىدۇ. ئەمما شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ئۈچ ئەۋلاد ئىچىدە ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن. چۈنكى نەچچە يۈز يىل مائارىپتىن مەھرۇم قالغان خەلقنىڭ، نەچچە ئون يىلدىلا ھازىرقى سەۋىيەگە يېتىشى، بىزنىڭ ئەزەلدىن ئىلىم- مەرىپەتنى سۆيىدىغان خەلق ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ.
4. مۇشۇنداق ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان ئىلمىي مۇنازىرە، تەتقىقاتلارنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىش كېرەك. مەيلى قانچىلىك ئادەم قاتناشسۇن، قانچىلىك ئادەم قوللىسۇن ياكى قارشى چىقسۇن، قوبۇل قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن زېرىكمەي، ئۈمىدسىزلەنمەي ئېلىپ بېرىش كېرەك.
5. بالىلارنى كۆپىرەك نىشانلاش كېرەك. مەيلى ئىلم پەن تېمىسىدا بولسۇن ياكى ئېتقاد مەسىلى بولسۇن ياكى ئەخلەق، مەدەنىيەت، تارىخ... تېمىسىدىكى تالاش- تارتىشلار بولسۇن، ئەمەلىيەتتە ھەممىسى پەرزەنت تالىشىش جېڭىدۇر. چۈنكى ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئوي- پىكىر، ئىش- ھەرىكەتلىرنىڭ ھەممىسى تەربىيەنىڭ نەتىجىسىدۇر. شۇڭا ھەممىمىز بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە قاتتىق ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.
6. تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش كېرەك. مەسىلەن ناھايىتى ياخشى بولغان بىرەر كەلىمە سۆزلەرنى ناھايىتى چىرايلىق لايىھەلەپ ھەممە تور بېكەتلەردنىڭ كۆرۈنەرلىك ئورۇنلىرىغا قويۇپ قويۇش، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ئالماشتۇرغاندا ھەممە بىېكەت بىرلا ۋاقىتتا ئالماشتۇرۇش دېگەندەك. (كوچا- كويلاردا لوزۇنكا كۆتۈرۈپ تەشۋىق قىلغىلى بولمىغاندىكىن).
7. بىر تۈركۈم ئۈلگىلىك ئاتا- ئانا، ياشلار ۋە بالىلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى يەنى ئۆزىمىزنىڭ ئىچىدىن چىققان شۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىش- ئىزلىرىنى توختىماي تەشۋىق قىلىش كېرەك.
8. پاسسىپ پىكىر ۋە ئىدىيەلەرنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە يوقىتىش كېرەك.
9. مىللىي پەخىرلىنىش ھېسىياتىنى قوزغىتىش كېرەك. مەىسىلەن: توقۇلما بولمىغان ئەمەلىي ياخشى ئىشلارنى كۆپىرەك تەشۋىق قىلىش. يەنى پالىنى ئادەم مۇنداق نەرسە كەشىپ قىپتۇ، ئۇيغۇركەن. پوكۇنى كىشى مۇنداق نەتىجىگە ئېرىشپتۇ، ئۇيغۇركەن دېگەندەك.
بىزدىكى كەمچىل نەرسە نېمە؟
بىزدىكى كەمچىللىك ئۇزۇن مەزگىل مائارىپتىن مەھرۇم قېلىش ۋە شۇنىڭ بەدىلىگە بىر تۈركۈم خاتا ئەقىدىلەرنىڭ سىڭىپ قېلىشى. بۇنىڭغا يېقىنقى بىر مەزگىللىك مائارىپىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە شۇنىڭغا ماس ھالدا ئىلىم- مەرىپەتنى سۆيۈش قىزغىنلىقىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ئىسپات بولالايدۇ.
بىزدىكى ئىلىم-پەن روھى زادى قانچىلىك؟
بىزدىكى ئىلىم- پەن روھى بىخلىنىش باسقۇچىدا، چۈنكى مائارىىمىزمۇ ئەمدى بىخلاندى.
بىز قانداق قىلىپ يىتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلايمىز؟
يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش ئۈچۈن يۇقىرقى 9 تۈرلۈك ئۇسۇلنى قوللانساق بولىدۇ دەپ قارايمەن.
ئىلىم-پەن روھىنى ئۇرغۇتۇپ قەددىمىزنى كۆتۈرىشىمىز ئۈچۈن بىز ھازىرقى ۋاقىتتا نېمىلەرنى قىلالايمىز؟
مەرىپەتپەرۋەر بايلار ئەمەلىي مۇكاپاتلاش ۋە قوللاش ئارقىلىق ئىلىم- پەن قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرالايدۇ ۋە ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلالايدۇ. ئىلىم ئىگىلىرى توغرا ئۇسۇل ۋە يول كۆرسىتەلەيدۇ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق بىزنىڭ ھەر قانداق ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ ھەم روھى ئوزۇق بولالايدۇ. ماڭا ئوخشاش ياكى پۇلى ياكى بىلىمى يوق قۇرۇق گەپ ساتىدىغانلار قۇرۇق شۇئار توۋلاپ، ئاۋاز قوشۇپ، ماختاپ بولسىمۇ قوللاپ بېرەلەيدۇ.
ئۆزۈمنى چاغلىماي بىر نېمىلەرنى دەپ باقتىم، خاتا جايلىرىنى تۈزىتىشىپ بېرەرسىلەر.
بۇ يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرىنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىنغاندا مەن تور يوق جايدا بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇچۇرلاردىن خەۋەرسىز قالدىم. ئەمدى بۇ يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرىنى بۇ تىزىملىككە قوشۇۋەتسەم بولغۇدەك.
يەنە بىر تەكلىپ: بىئولوگىيەدىن باشقا ساھەلەردىمۇ مۇشۇنداق بىر تىزىملىك بولسا نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرى توغرۇلۇق ئۇيغۇرچە ماتىرىيال لازىم بولغانلار ياكى بىلىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن تولىمۇ قولاي بولار ئىكەن.