tangriqut يوللانغان ۋاقتى 2013-6-27 16:20:35

(تەڭرىقۇت)پۇتبول ۋە پۇتبولچىلىرىمىز ھەققىدە چولتا خىياللار

پۇتبول خەلقئارالىق مۇسابىقە تۈرى. مەستانىلىرى ئەڭ كۆپ بىر تۈر.ھازىرغىچە رويىخەتكە ئېلىنغان توپچىلارنىڭ سانى 40 مىليۇنغا.مەستانىلىرى800 مىليۇنغا يېتىدۇ. دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقە ۋاقتىدا كۆرگەنلەرنىڭ سانى 2مىليارتقا يېتىدۇ.


پۇتبولنىڭ كىلىپ چىقىشى توغرىسىدا ئىختىلاپلار كۆپ. پۇتبولنى ئەنگىلىيەدە پەيدا بۇلۇپ دۇنياغا تارالغان دىگەن قاراشلار ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەيدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا دۆلىتىمىز تارىخشۇناسلىرى پۇتبول جۇڭگودا پەيدا بۇلۇپ ئەرەبلەر ئارقىلىق دۇنياغا تارالغان دىگەن نوقتىنەزەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.ئۇلارنىڭ دىيىشىچە، بۇنىڭدىن 2300 يىل بۇرۇنقى جەنگو دەۋرىدىلا پۇتبول جۇڭگودا ئۇمۇملاشقانىكەن. شۇنىڭ بىلەن سوڭ سۇلالىسىدىكى گاۋچىيۇنىڭ توپ ئوينىغانلىغىنى، ساۋساۋ نىڭ پۇتبولغا ئامراقلىغىنى تىلىۋىزىيە فىلىملىرىگە كىرگۈزۈپ ، خەلقارا پۇتبول بىرلەشمىسىدىكىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپتۇ. بۇ مىجەزنى ھەممە ئادەم بىلگەچكە،ئامال بولماي قەدىمقى زامان پۇتبولى جۇڭگودا، ھازىرقى زامان پۇتبولى ئەنگىلىيەدە پەيدا بولغان دەپXXX تەك گەپتىن بىرنى قىلىپ، بۇ ئىشنى ھەل قىپتىمىش...



پۇتبول دۇنياۋى ھەركەت بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، ھەرقايسى ئەل خەلىقلىرى ياخشى كۆرىدۇ. دۆلىتىمىزدىمۇ بار بۇ قىزغىنلىق. ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقىتتا بىر قېتىم جۇڭگو كوماندىسى، ئىران كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، ئالدىدا ئىككى توپ ئۇرغان ھالەتتە ،ئارقا ئارقىدىن 4 توپ ئىستىمال قىلىۋىلىپ،98-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە شاللىۋىتىلدى. شۇ كۇنى كەچ، بىزنىڭ بىنادىكى بىر توپ مەستانىسىسى 6- قەۋەتتىن ئۆزىنى ئېتىپ ئۈلىۋالغان. بۇنداق مىساللار دىگەن بەك كۆپ. ھەر ھالدا ياپونىيە بىلەن كورىيە 2002 يىللىق مۇسابىقىغا ساھىبخانە سۈپىتىدە بىۋاستە قاتنىشىدىغان بولغاچقا، دۆلىتىمىز كوماندىسى تەلەي بىلەن دۇنيا لوڭقىسىغا كىرىپ قالدى. بولمىسا قانداق بولاركىنتاڭ. چۈنكى جۇڭگو پۇتبول ساھەسىدە ساختىلىق بەك ئېغىر. ئۆسمۈرلەر، ياشلار كوماندىلىرى خەلقارادا يامان ئەمەس ئوينايدۇ ، چوڭلارنىڭكىدە ھەممىسىگە بوزەك بولىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟ مەن سىلىگە دەپ بىرەي:باشقىلارنىڭ 13ياشلىقلىرىغا بىز ياشنى ئۆزگەرتىپ،15 ياشلىقلارنى سالىمىز.16 يشلىقلارغا 18 ياشلىقلارنى سالىمىز. 18 ياشلىقلارغا 23 ياشلىقلارنى سالىمىز. ئولىمپىك كوماندىسغا ئەڭ يىتىلگەن توپچىلارنى سالىمىز. دۆلەت كوماندىسىغا كەلگەندە بىزنىڭ كوماندا ئەزالىرىمىز ئاللىقاچان يېشى بىر يەرگە بارغان. ياش شىرمەت رەقىبكە قانداق تەڭ كەلگىلى بولسۇن؟پۇتبول قانداقتۇ شاھمات ياكى ياشنىڭ چوڭ كىچىكلىگىنىڭ ئانچە تەسىرى يوق تەنتەربىيە تۈرى ئەمەس. يۈگۈرۈپ ئوينايدىغان تەنھەركەت تۈرى بۇ!


ئۇستىخان تەكشۈرىدىغۇ دىمەڭلار، ئەينى ۋاقىتتا مىنىڭ ئۇستىخان يېشىمنى 3 ياش كىچىك چىقارغان.


قايسى كۈنى كىچىكىنە تايلاندىن كەلگەن ياشلار كوماندىسىغا 1: 5 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ، مەستانىلەرنىڭ قاتتىق ئاچچىغىنى كەلتۈردى. ھەر خىل ئوخشىتىشلار بىلەن دۆلەت كوماندىسىدىكىلەرنى رەسۋا قىلدى. جۇڭگو پۇتبولچىلارجەمىيىتى يانا كونا ئۇسۇل بۇيىچە مەشقاۋۇلنى ئالماشتۇرۇپ ئىشنى تۈگەتكەن بولدى.


شىنجاڭدا پۇتبول قىزغىنلىغى پۈتۈن مەملىكەت بۇيىچە ئۈستۈن دىسەك لاپ ئۇرغان بولمايمىز. ئۆزەمنى ئېلىپ ئېيتسام،كىچىگىمىزدە مەكتەپتىن قايتىپ كىلىپ ،مەھەللىدە سومكىمىزنى قاپقا قىلىپ ئىككى تەرەپ بولۇپ توپ ئوينايتۇق. گەرچە ياخشى تىپەلمىسەممۇ يۈگۈرەپ يۇرۇپ بىر نىمە قىلاتتىم. ئارىمىزدا ئالامەت ئوينايدىغان باللار بار ئىدى. سىنىپلار ئارا مۇسابىقىدە ئادەم يىتىشمىگەندە مەنمۇ چىقىپ ئوينايتىم بەزىدە بىر مەيدان مۇسابىقىدە پۇتۇمغا توپ تىگىپ باقمىغان ۋاقىتلارمۇ كۆپ بولاتتى. ئاغىينىلىرىم، سەنمۇ ئويناۋاتامسەن يا دەپ تەنە قىلىپ قويىتى. مەكتەپ كوماندىسىدىكى ئەزالار مىنىڭ نەزىرىمىزدە ئەڭ ھۆرمىتى چوڭ بالىلار ئىدى. بىزنىڭ مەكتەپ كوماندىسىغا كىرىشىمىز ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلىدىغان ئىش ئەمەس ئىدى.


چوڭ بولدۇق، ئوتتۇرا مەكتەپلەردىمۇ ئوينىدۇق. ئالىي مەكتەپكە بارغاندا پۇتبول ھاياتىمىزنىڭ بىر قىسمى بولدى دىيىشكىمۇ بولىدۇ.ئويناۋەرسە بىر نىمە بولىدىكەن. ئالىي مەكتەپ كوماندىسىغىمۇ تاللىنىپ ئويناپ كىتىپتىمەن تېخى.شىئەندە پۇتبول بەكرەك قىزىيتى. تەڭرىتاغ لوڭقىسى، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئارا ئۆتكۈزىلىدىغان ئېكىساق لوڭقىسى دىگەندەك.


تەڭرىتاغ لوڭقىسىنى ئۇدا ئۇچ قېتىم ئالسا شۇ مەكتەپكە تەۋە بولىدىكەنتۇق. بىز بارغاندا بىزنىڭ مەكتەپ ئىككى قېتىم ئېلىپتىكەن. ئۇچىنجى قېتىملىغىغا قاتنىشىشقا نىسىپ بۇلۇپتىكەن. مۇسابىقىدە بىز يېڭىپ شۇ لوڭقا بىزگە قالغان .شۇ ۋاقىتتا ئۇنى بۇنى قىلىپ سۇقۇۋالغانتىم . ھازىر ئۆيۈمدە بار.


ياشلىق دىگەن ئايرىم بولىدىكەن. ھەر مەيدان مۇسابىقىنى جان جەھلىمىز بىلەن ئوينايتۇق. 90 مىنۇت مۇسابىقىنى ئويناپ بۇلۇپ ، ئىككى يۇتۇم سۇ ئىچىۋېلىپلا يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىغا چۈشۈپ كىتەتتۇق. ئوپچە مۇش يىگەندە چىقمىغان ياش ، مۇسابىقىنى ئۇتتۇرىۋەتكەن ۋاقىتلىرىمىزدا چىقاتتى.


ئىشقىلىپ پۇتبول ماڭا ئاجايىپ گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان. نەزىرىمدە پۇتبول ئىرادىنى چىڭىتىدۇ.چۈنكى پۇتبولدا يېڭىش يېڭىلىش بۇلۇپ تۇرىدۇ. ھەقىقى ئەركەكتەك ياشاشقا ئۈندەيدۇ. ھازىرغىچە پۇتبول ئوينىغان باللىنىڭ ئىچىدىن خېنىم مىجەز چىقىپ قالغان بىرەرسىنى كۆرۈپ باقماپتىمەن.


توپ دىگەن ياشقا بېقىپ بولىدىكەن. ئۆتكەندە 35 ياشتىن ئاشقانلار بىر كوماندا بۇلۇپ باشقا بىر كوماندا بىلەن ئويناپتۇق. ئەيھانناس، 20مىنۇتقا بارماي، ئوپكىمىز ئاغزىمىزغا كەپلىشىپ، ئۇچ توت قېتىمدىن ئالماشتۇق. ھەر نىمە بولسا بىزگە ئالمىشىش چەكلىمىسى قويمايدىغان بۇلۇپ ئوينىغان. شۇنداقتىمۇ بىزنى پىقىرىتىۋەتتى. بىزنىڭ كوماندىدىكى باللار ئەينى ۋاقىتلاردا نۇرغۇن مۇسابىقىلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ۋەھشى باللار ئىدۇق. ئاخىرى 18 : 4 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ، مۇسابىقە تۇگىگەندە ئولتۇرغىدەك ھالىمىزمۇ يوق، دۆلەت ئەڭگۈشتىرىدەك يېتىپ كەتتۇق...


توپ ئوينىمىغان بىلەن توپ مۇسابىقىسىنى كۆرمەي بولامدۇ.دۇنيا لوڭقىسى ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى بولىدىغان بولسا يېرىم كېچىدە چىكەتكىدەك تۇرۇپ كۇرۇپ كىتەتتىم. توپ كىرسە ئورنىمدىن سەكرەپ تۇرۇپ ۋاقىراپ كىتەتتىم.ئايالىم توپ دىسە بېشى ئاغرىيتى ئۇنىمۇ پۇتبول مەستانىسى قىلىۋەتتىم. (بۇ بىر ئىلاجىسىز تاللاش ئىدى).



كىيىنچە شىنجاڭدا تەنتەربىيە لاتارىيىسى كوماندىسى مەملىكەتلىك ب دەرىجىلىك مۇسابىقىغا قاتناشتى. قاتتىق خوشال بۇلۇپ، ساھىپخان كوماندا ۋاقتىدا ئىرىنمەي كورلىدىن كىلىپ كۆرۈپ، شۇ كۇنى يەنە قايتىپ كىتەتتىم. مەيداندا تولا ۋاقىراپ ئاۋازىم پۈتۈپ قالاتتى.


ئۆتكەن يىل مۇسابىقە ئالاھىدىرەك بولدى. قايتىدىن تەشكىللەنگەن شىنجاڭ كوماندىسى يەنە ب دەرىجىلىك مۇسابىقىغا قاتناشتى. بىرىنجى ساھىپخان مەيداندا،35 مىڭ ئادەم مۇسابىقە كۆرۈپ رىكورت ياراتتى. ئىككىنجى قېتىملىق مۇسابىقىغا كىرگەن ئادەم تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا،48 مىڭ بولغان. بۇ ب دەرىجىلىك مۇسابىقە ساھەسىدە، جۇڭگودىلا ئەمەس ، دۇنيا مىقياسىدىمۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىش ئىدى. خىزمەت ،ئائىلە بېسىمى ۋە باشقا بېسىملار تۈپەيلى ، ئادەم دىگەن بەزىدە چىرايلىق تاغ يايلاقلارغا چىققاندا قاتتىق ۋاقىراپ ئىچىدىكى ئىچ پۇشۇغىنى چىقارغانغا ئوخشاش، نۇرغۇن كىشىلەر مۇسابىقە مەيدانىدا ھۇررا توۋلاپ بىر تەرەپتىن كوماندىغا مەدەت بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىچىدىكى بېسىمنى يىنىكلىتىۋاتاتتى...



بۇ مۇسابىقە پەسلىدە تەشۋىقاتمۇ ياخشى ئېلىپ بىرىلدى. مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانىسىسى <<مانا بۇ شىنجاڭ>> دىگەن 6 مىنۇتلۇق فىلىمنى تارقىتىپ ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى نۇرغۇن تاماشىبىننى ھەيران قالدۇردى. ئەلكۈيى ، چىمبۇلاق قاتارلىق تور بىكەتلەر ، نەق مەيدا فىلىمى تارقاتقان بولسا،ھۇررا تور بېتى، پۇتبول تور بېتى قاتارلىقلار، تور بەت ۋە ۋاي ۋاي قانىلىدىن پايدىلىنىپ، كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلدى. مىھمان مەيداندا ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى ۋە باشقا كىشىلەر جۇڭگو نىڭ ھەممە يىرى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ساھىبخان مەيدانى دىگەن پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ پۇتبولچىلىرىمىزغا مەدەت بەردى.ناخشىچىلاردىن ئەسقەر ، ئىبراھىم قۇربان،سەھەر گۇرۇپىسى قاتارلىقلار پۇتبول ئۈچۈن مەخسۇس ناخشا ئىشلىدى...



گەرچە كوماندىمىز ئا دەرىجىگە كىرەلمىگەن بولسىمۇ ھاردۇغىمىز چىقتى.


ئۇنىڭدىن سىرت پۇتبولغا ئائىت خوش خەۋەرلەر ئۈزۈلمەي كىلىپ تۇردى. غۇلجا تۇرپانيۇزى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى ۋە ئالتاي باشلانغۇچ كوماندىسى مەملىكەتتىكى پۇتۇن رەقىبلىرىنى يېڭىپ ،ئوغۇل ۋە قىز كوماندىلار بۇيىچە ئۇزغۇن بولۇپ شىۋىتسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە ئالاھىدە نەتىجە ياراتتى، پۇتبولچىللىرىمىزدىن بارى،مىرەھمەتجان، شەۋكەت،ئۆتكۈر،سالاھىدىن،ئەكرەم ئابدۇۋەلى ئىلھام...قاتارلىقلار دەرىجىدىن تاشقىرى ۋە ئا دەرىجىلىك مۇساربىقىلەردە كارامىتىنى كۆرسەتتى. ئۆتكەن يىلنى شىنجاڭ پۇتبولچىلىغىدىكى مولھۇسۇللۇق يىل دىيىشكە بولىدۇ.




ئەپسۇس...ئەپسۇس، بۇ يىل جىمىدى، ھەممىسى جىمىدى...


شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى بۇ يىل مۇسابىقىغا ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن قاتناشمىدى... ئاقكۆڭۈل ئەمما تولىمۇ سەبىي ساددا بەزى مەستانىلىرىمىز 3 مىليۇن پۇلنى يىغىش قىلماقچىمۇ بۇلۇشتى... بۇ يەردىكى گەپ پەقەت ئىقتىسادتىكىلا مەسىلە ئەمەس ئىدى...


بۇ يىل شىنجاڭ كوماندىسى تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە ئاران تەستە كىرگەننى ھېساپقا ئالمىغاندا باشقا ھىچقانداق خوشخەۋەر يوق ئەكسىچە قاملاشمىغان خەۋەرلەر ئارقا ئارقىدىن يىتىپ كىلىشكە باشلىدى



10 نۆۋەتلىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىدە كارامىتىنى كۆرسەتكەن، ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە ياپونىيە ناگويا گۇراڭپاس كوماندىسىغا دۇنياۋى توپتىن بىرنى ئۇرۇپ، بىر ياردەمچە پاس بىرىپ بىر كېچىدە دۇنياغا تۇنۇلغان، دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىدە قېنىمىزدىكى باتۇرلۇقنى نامايەن قىلىپ،مەيداندىكى روھىي داھى دەپ نام ئېلىپ، كەڭ تۈردە مۇئەييەنلەشتۇرۇشكە ئىرىشكەن بارى پىستان چاقتى!!!


ئالدى بىلەن خاڭجۇ يىشىل شەھەر كوماندىسى بارىنى تۇزۇمگە رىئايە قىلمىدى دىگەن سەۋەپ بىلەن توختامنى بىكار قىلدى. تەپسىلاتىنى سۈرۈشتۈرسەك بارى شاڭخەيگە بارىمەن دەپ قۇيۇپ ئۈرۈمچىگە كىلىپ سودا پائالىيىتىگە قاتنىشىپتۇ، ئەتىگەنلىك ناشتىلىققا چىقماپتۇ،كۇلۇبتىن مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بىرىشنى تەلەپ قىپتۇ...دىگەندەك ئىشلار ئىكەن.


مائاشىنى ئۆستۈرۈش ئىشىدە، كۇلۇپ ئەسلىي مائاشى ئاساسىدا يەنە 80% مائاش قۇشۇپ بىرەيلى دىسە ھېساپلاشنى ئۇقمىغان بارى ئاز كۆرۈپتۇ... ئەسلىي مائاشى 50 مىڭ يۈەنكەن. 80% مائاش قۇشۇلسا 90 مىڭ يۈەن بولىدۇ دىگەن گەپ.! مۇخبىر شۇلارنى ھېساپلاپ باقتىڭمۇ دەپ سورىغاندا، مۇخبىردىن قانچە پۇل بولىدىغانلىغىنى سوراپتۇ، مۇخبىر ھېساپلاپ چىقىرىپ بەرسە، بۇنداق بۇلىشىنى بىلگەن بولسام ماقۇل دەيتىم دەپتۇ...


بۇغۇ مەيلى بۇ يىل 6- ئاينىڭ 22 كۈنى ئېلىپ بېرىلغان دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىلەر مۇسابىقىسىدە، بارى قارشى تەرەپ ئەزاسى بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەندىن كىيىن، قىلىقسىز ھەركەتتىن بىرنى قىلىپ قارشى تەرەپنى ھاقارەت قىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمىيىتى تەرىپىدىن 5 مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلىنىپ،25مىڭ يۈەن جېرىمانە تۆلەشكە بۇيرۇلۇپتۇ.!



شەخسەن مىنىڭ قاتتىق غەزىپىم كەلدى: ھەي، ئەمدى كۆزگە كۈرىنىۋاتقان پۇتبولچىسەن. سەن تېخى نىمە؟ئۆزەڭنى رونالدۇ، بىكىھام چاغلاپ قالدىڭما؟!ھېلىغۇ سەنكەنسەن دۇنياۋى چولپانلارمۇ بۇنداق ئىشلارنى قىلمايدۇ.مۇسابىقىدىن كىيىن قارشى تەرەپ مىنىڭ ئاتا-ئانامغا ھاقارەت قىلدى دەپسەن، ھاقارەت قىلسا ساڭا ئوخشاش كۈلۈپ تۇرۇپ تىلىنى چىقىرىپ ئوتتۇرا بارمىغىنى كۆرسىتەمدا!؟قائىدە بۇيىچە بىزنىڭ مىجەزىمىزدە تۇمشۇققا بىرنى قويىدۇ ياكى زىدانىيدەك كاللا قويىدۇ.(ئەلۋەتتە بۇنداق دىيىشىم بۇندىن كىيىن مۇشۇنداق قىل دىگەنلىگىم ئەمەس)شۇڭا ئۇنىڭ بۇ ئاقلىشىغا ئىشەنمىدىم.



جىياڭسۇ كوماندىسىغا يۆتكەلگەندىن بۇيان ، بارى مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمىدى.مۇشۇ قېتىم بۇ كوماندىنىڭ يەنە بىر غوللۇق ئەزاسى يارىلىنىش سەۋەپلىك بارىغا مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى كەلدى. قائىدە بۇيىچە بۇنداق مۇسابىقىلەردە ناھايىتىمۇ ياخشى ئويناپ ،ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسىتىپ مەشقاۋۇلنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشىش كىرەك ئىدى، تولىمۇ ئەپسۇس بىزنىڭ بۇ قەھرىمانىمىز ئەكسىچە ئىش قىلدى. ساپا دىگەن بەك مۇھىم نەرسىكەن. تەنتەربىيە ۋە سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ كۆپىنچىسى مەدىنىيەت دەرسلىرىدىن ئاز بىلىم ئېلىپ قالىدىكەن، شۇنداقتىمۇ يەنىلا كۆپ ساندىكىلىرى تۇرمۇش ۋە باشقا جەھەتلەردىن بۇ بوشلۇقنى تولدۇرىۋالالايدىكەن.لىكىن بىزنىڭ بۇ بەڭۋاش باللىرىمىزغا قىلغان گەپلەرنى مايمۇنغا قىلسىمۇ ئادەمگە ئۆزگۈرۈپ بولار ئىدى بۇ كەمگىچە...


كوماندىدا بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدىغىنى تۈزۈم! ھەر قانچە دۇنياۋى چولپان بولسىمۇ تۈزۈمگە بويسۇنمىسا، مەشقاۋۇلنىڭ گىپىنى ئاڭلىمىسا سوغاق ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدۇ، باگگىيو ۋە باشقا نۇرغۇن چولپانلار بۇنىڭ تىرىك مىسالى.


ئالدىنقى قېتىم بىر سىننى كۆرۈپ قالدىم، بارى بۇ سىندا جۇڭچاۋ دىمۇ ئويناپ باقتۇق، خەلقارا مۇسابىقىلەردىمۇ ئويناپ باقتۇق، تايىنلىقكەن، شۇنىڭغا قارىغاندا ياۋرۇپادا ئوينىساقمۇ بولامدۇ نىمە دىگەن گەپلەرنى ئاڭلاپ قۇيقا چېچىم تىك تۇردى. ئادەم دىگەن كەمتەر بۇلۇشى كىرەك. بۇلۇپمۇ كەسپىي تەنھەركەتچىلەر بەكاراق شۇنداق بولۇشى كىرەك.


ئەمىلىيەتتە مىنىڭ قارىشىمدا بىزنىڭ پۇتبولچىلىرىمىز ئىچىدە ئەڭ چىرايلىق ئوينايدىغىنى مىرەھمەتجان. مىنىڭچە ئۆز قۇرداشلىرى ئىچىدە دۆلەت ئىچىدە ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان ماھىر يوق. نىمە ئۈچۈن ئەمىسە مۇسابىقىغا چىقىش پۇرسىتى ئاز ؟! مىرەھمەتجانمۇ ئۆزىنى تىڭشاپ ئوبدانراق ئويلىنىشى كىرەك.


2011 يىلى 4- ئاينىڭ 29 كۈنى شەندۇڭ لۇنىڭ كوماندىسى، شاڭخەي شېنخۇا كوماندىسىغا ئۇتتۇردى. مۇسابىقىدىن كىيىن مەشقاۋۇلنىڭ ئورۇنلاشتۇرىغا نارازى بولغان مىرەھمەتجان مىكرو بىلوگىدا <<ھەي .يەنە پەشتاختا ئولتاردىم، ھاھا>>دەپ ئۇچۇر چىقاردى. شەندۇڭلۇق بىر توپ مەستانىسىسىنىڭ نىمە ئۈچۈنلىگىنى ئۆزەڭ ئوبدانراق ئويلىغىن، دىگەن گىپىگە يەتمىش پۇشتىغىچە تويدىرىۋەتتى. ئۇ گەپلەرنى ئېغىزغا ئالغىلى بولمايدۇ.دۇنياۋى چولپان فېي گو نىڭ بېشىغا توپ مەستانىلىرى كىيىمنى پۇرلاپ ئاتقاندىمۇ ھىچنىمە قىلمىغان...



بۇمۇ ئوخشاشلا ساپا مەسىلىسىكەن...


ساپا دىگەن ئوقۇش تارىخى بىلەن ئوڭ تاناسىپ ئەمەس. ۋاقىت چىقىرىپ كىتاپ ئوقۇش ، ئوقىغانلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بۇلۇش ئارقىلىقمۇ نۇرغۇن ئەدەپ- ئەخلاق، قائىدە يۇسۇننى ئۆگەنگىلى بولىدۇ.


ئۆتكەن يىل مۇسابىقىدىن كىيىن ، شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئەزالار بىردىنلا جەمىيەتنىڭ قىزىق نوقتىسىغا ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى قويىدىغانغا يەر تاپالماي قالدى.ئىككى كۈندىن كىيىن مۇسابىقە بار دەۋاتسا، كابانادا كېچىدە پوق بامۇ ؟! تېخى كۆزگە كۈرۈنىدىغان يەردە ئولتۇرۇپ، ئىچىپ كىتىشلىرىڭ ھەرقايسىڭنىڭ؟! نۇرغۇن مەستانىلەر، ئارىلىقنى يىراق دىمەي، خىزمەتلىرىنى تاشلاپ ھەرقايسىڭلارغا مەدەت بەرگىلى كىلىۋاتسا،يېشى 60دىن ئاشقانلارمۇ كانىيى پۈتۈلگىچە سىلەر ئۈچۈن ۋاقىراۋاتسا، ھەرقايسىڭ مۇشۇنداق جاۋاپ قايتۇرامسەن؟!



تاماكا ھاراق دىگەنلەر پۇتبولچىنىڭ ئەشەددىي كۈشەندىسى. بۇنى ھەرقايسىللىرى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس.


قالغانلارنىڭ ئىشىنى تىلغا ئالماي، ئازدۇر كۆپتۇر ھەممىڭلاردا قىيىپ تاشلايدىغان ھارام شاخلار بار.


مىنىڭ بۇنداق قاقشاپ كىتىشىمدىكى سەۋەپ، سىلەر ھازىر تېخى كىچىك، ئالدىڭلاردا يول تېخى ئۇزۇن. سىلەر بۇندىن كىيىنكى كىچىكلەرگە يول ئېچىشىڭلار كىرەك!ھەرقانداق ۋاقىتتا سوغۇققان بۇلۇپ، سىلەر ئۈچۈن مەدەت تىلەۋاتقان قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىشىڭلار كىرەك. ناۋادا ھازىر سىلەرگە مۇشۇنداق دورا بەرمىسەك بۇنىڭدىن كىيىن، يەنە قىلىق چىقىرىشىڭلار مۇمكىن.ئۇيۇن دىگەن سىلەر كەسپىڭلارنى ياخشى قىلىپ بەلگۈلۈك دەرىجىگە يەتكەندە سىلەرنى ئىزدەپ كىلىدۇ. 30ياشتىن كىيىن ئوينىساڭلارمۇ بولىدۇ.شۇ چاغدا نىمە قىلساڭلار يارىشىدۇ. ھازىر سىلەرگە پەقەت ماس كەلمەيدۇ.


ئەلۋەتتە بۇ يەردە تىلغا ئالمىسا بولمايدىغان بىر ئىش بار.ئۇ بولسىمۇ


شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىدارىسى ۋە پۇتبولچىلار جەمىيىتى.ئۇلاردىمۇ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەتلەر بار!


مۇسابىقە جەريانىدا ئاڭلايدىغانسىلەر، بىز ئىزچىل شەۋكەت دەپ تۇنۇپ كەلگەن توپچىنىڭ رويىخەتتىكى ئىسمى مەمەتئەلى، نۇرۇمنىڭ ئىسمى مۇستاپا دىگەندەك. يېشىمۇ يالغان. بەزىدە بۇ پۇتبولچىلار تۆگىدەك 16 ئايدا بىر ياشقا كىرەمدىغاندۇ دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن. بۇنى كىم كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەل مەن بايا تىلغا ئالغان «پەدەرى بۈزرۈك« ئورۇنلار.مىنىڭچە ئۇلار مەنپەئەت ئۈچۈن ھەرنىمە قىلىشتىن يانمايدۇ، ئانىڭ دوپپىسىنى بۇنىڭغا كەيگۈزۈپ دىگەندەك، ئاخىرىدا پاش بۇلۇپ قېلىپ زىياننى پۇتبولچىلىرىمىز تارتىۋاتقان. يا ئۆزى قوپۇپ راۋرۇس بىر كوماندا تەشكىللەپ ئىزچىل ئىش قىلمايۋاتقان ،يا باشقىلارغا بەرمىگەن.كىنىشكىسىنى بەرمەي نابۇت قىلىۋاتقان پۇتبولچىلارمۇ بەك جىق. شۇنداق بولغاچقا ، 18 ياشتىلا بۇ ساھەدىن چىكىنىپ چىقىدىغان پۇتبول ساھەسىدىكى مۆجىزىلىك ۋە كۈلكىلىك ئىشلار بۇ يەردە يۈز بىرىۋاتىدۇ! بۇ بالىلار قولىغا ئوتتۇرا تېخنىكومنىڭ دىپلومىنى ئېلىپ، تەلىيى بولسا يېزا مەكتەپلىرىگە تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۇتبولغا قىزىقىپ، كىيىن پۇتبولدا نەتىجە قازىنىمەن دىگەن كىچىك نوتىلارنى شاپىلاق بىلەن بىرنى قويۇپ قۇڭاڭنى قىس گۇي دەپ ،ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى شانلىق تارىخلىرىنى ھىكايە قىلىپ بىرىدۇ.


گەپ قىلساق گەپ بەك تولا. ھازىرچە مۇشۇنچىلىك بىر نىمە دەپ تۇرىشىلى.ئارتۇق كەتكەن يەرلەر بولسا خاپا بولمىغايسىلەر،بىزمۇ سىلەرگە ياخشى بولسۇن ئۈچۈن بۇ گەپلەرنى دىۋاتىمىز.


ئاخىرىدا بارلىق پۇتبولچىلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق ، پۇتبول مەيدانىدىكى جەڭلىرىگە نۇسرات تىلەيمەن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-6-27 16:33:03

ساپادا ئولتۇرۋالاي ئاۋال

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-27 16:43:24

پۇتپول تەھلىل خارەكتىرلىك تىمىلار يوللانمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن. ئاۋال بىر ئەلانى دەسسەپ قوياي





بارى ، مىرئەخمەتلەر ئۇيغۇر پۇتپولچىقىغا مۇئەييەن يول ئاچقان دەپ قارايمەن ، لىكىن ئۇيغۇر پۇتپولچىلىقىنىڭ كەلگۇسىنى ھەرگىز بۇلاردىن كۇتمەيمەن،  

ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئىپادىسى ئۇيغۇر پۇتپول مەستانلىرىنىڭ كۇتكەن يىرىدىن خىلى يىراق، ئۇيغۇر پۇتپول مەستانلىرنىڭ ئۇسسۇزلىقىنى قاندۇرالمايدۇ.



ئارزۇيۇم ياش ئەزمەتلىرىمىزنىڭ بارى، مىرئەخمەتلەرنىڭ ئىزىنى بىسىپ، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن ئۈلگە كەمچىلىكىردىن ئىبىرەت ئىلىپ،  ئۇيغۇر پۇتپولچىلىرىدىن دۇنياۋى چولپانلارنىڭ چىقىشىنى ئۇمۇد قىلمەن.



بارسىلون خانلىق مادىرىت كوماندىرلىردىن تامايىم يوق،  پەقەت گوللاندىيەنىڭ ئاجاكىس، ئىيىخوۋىن ياكى باشقا كوماندىلىرى پورتىگالىيە كوماندىلىرىدا توپ تىپىدىغان ئۇيغۇر بالىلىرى چىقىسىكەن دىگەن تەشنادىمەن

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-6-27 17:13:41

ئىشقىلىپ ھاياجان پاراڭنى تولا قىلىپ كەتتۇق.

پات پات ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ قالىمەن،جۇڭگو پۇتبولىنىڭ كەلگۈسى ئۇيغۇردا ياكى شىنجاڭدا دىگەندەك.........

ب دەرىجىلىكتىنمۇ چىقماي تۇرۇپ،خەلىقارالىق مۇسابىقە ئوينايدىغان ئىش نەدە تۇرۇپتۇ؟





بارى يىڭى چاقنىغان ۋاقتىدا ھەقىقەتەن ئۈمىدلىك كۆرۈنگەن ئىدى.ناگويانى ساھىپخان مەيداندا بىر قوللۇق جايلىۋەتكەن ۋاقتىدا،گەرچە مىھمان مۇسابىقىدە ئۇتتۇرغان بولسىمۇ،ۋارتانىڭ تۈۋرۈكىنى ۋاڭ قىلىپ چەينىگەن ۋاقىتلىرىدا ھاياجىنىمنى باسالمىغانلىقىمنى ئېتراپ قىلىمەن.ئەپسۇس.....

بۇرۇنقى ئىشلارنىڭ سەۋەپ نەتىجىسى قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر بۇ قېتىم بارىنىڭ قىلغىنىنى مەنمۇ قۇبۇل قىلالمىدىم.

كەچۈرۈم سورىمىسا بۇندىن كىيىن بارىنى قوللاشتىن توختايمەن.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-6-27 17:29:14



پۇتبول ۋە پۇتبولچىلىرىمىز توغرىسىدا خېلى ئەتراپلىق تەھلىل يۈرگۈزۈپسەن جۇمۇ ، لېكىن بۇ ساھەگە ئۆزەڭنى زورلاپ قىستۇرىۋالغىنىڭ نىمىسى \"\" \"\" شۇنداق بولسىمۇ ئەلادىن بىرسى كەتتى

tangriqut يوللانغان ۋاقتى 2013-6-27 17:32:42

ئەينى ۋاقتىدا ئەرشلەشكىرى سەرلەشكەر ئىدىم دىگەندەك باجىدەك ماختىنىپ قوياي  {:92:}  

مەكتەپ كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىغى ئىدىم ياش ۋاقتىمدا مەن.

\"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-6-27 17:44:28

مەنمۇ ئالىي مەكتەپتە ۋارتادا تۇرغان.

بىر مەيدان مۇسابىقە تۈگەپ قارشى تەرەپنىڭ ۋارتاسى بەكلا قاقشاپ كەتتى مۇسابىقە ۋاقتىدا گىپىڭ بەك تۇلىكەن دەپ \"\"

ئاۋازىڭ تۈۋەن دەپ مازاق قىلىدۇ مىنى تېخى تەڭرىقۇتكام  {:107:}

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-27 18:21:18

كەچتە يىتىپ ئۇيقۇنى كەلتۇرگەچ پۇتپول چولپىنى بۇلۇپ خام خىيالنى سۇرۇپ كىتىدىغان بولسام،  رىئاللىقتا شۇنداق بولغان بولسام ، ھەممىڭىلار مىنىڭ ئىسمىم بىسىلغان مايكىنى كىيىپ يۇرەمتىڭلارمىكىن دەيمەن  {:92:}  \"\" \"\"   



we8 ياخشى ئۇيۇن ئىدى، بىزدەك خىيال پەرەس پۇتپول مەستانلىرنىڭ دورسى

tahirbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-6-27 18:25:40

زىتەيلاڭ بىلەن ئوخشاشكەنمە، مەنمۇ ۋارتاردا تۇراتتىم \"\"



   مەنمۇ پاتپات فىلىم تورلىرىدىن كائىن، كاسىلياس قاتارلىقلارنىڭ 精彩补球 لىرىنى كۆرۈپ ئاجايىپ خىياللارنى قىلىپ كىتەتتىم \"\"

Riwayetweb يوللانغان ۋاقتى 2013-6-27 18:59:44

2002-يىلدىكى گىرمانىيە كوماندىسىنى ھىچكىشى ھەل قىلغۇچقا كىرىدۇ دەپ ئويلاپمۇ باقمىغان، ھەتتا گىرمانىيەلىكلەرنىڭ ئۆزىمۇ خىيالمۇ قىلىپ باقماپتىكەن . شۇڭلاشقىمۇ ئۇلارنى ياپۇن-كورىيەگە ئۇزىتىپ قويغىلى بىر مۇزىكا ئەترىتىدىن باشقا ئادەم بولماپتىكەن . دېمىسىمۇ بىر دەۋىر گىرمان چولپانلىرى چىملىقتىن خوشلىشىپ يىڭىدىن ياش نوتىلاردىن تۈزۈلگەن گىرمان جەڭ ھارۋىسىنى ھىچكىممۇ ئوزغۇن قىززىق نوقتا دەپ قارىمايدۇ دە .

ئەمما ئۇلار قىلالىدى، كوماندىدا دۇنياۋى چولپان بولمىسىمۇ 11 ئادەم ئىتىپاقلىشىپ بىر گەۋدە بولالىغاندا ئاخىرقى پەللىگىچە بارالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى .

بارسىلونا چۈش كوماندىسىنى روياپقا چىقارغان تېرېنىر گۇئادىئولا ئاخىرقى ھىساپتا بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسىنى تاللىدى، ئۇنىڭ بايرىننى تاللىشى توغرىسىدىكى پەرەزلەر جىق، مەن بۇ پەرەزنى قۇۋۋەتلەيمەن، يەنى گىرمانلار يۈكسەك ئىنتىزامچان، بۇيرۇققا مۇتلەق بويسۇنىدۇ . گو تاز بارسىلونادا قالسا ھەممە نېمىگە ئىرىشەلەيدۇ ھەم ئىرىشكەن . كوماندىدىكى بەزى قۇلاق كەستىلەرنىڭ تۈزۈمگە بويسۇنماسلىقى، كۇلۇپ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ماسلاشماسلىقى ئاخىرى ئۇنى ھاردۇرۇپ قويدى ، ھەمدە بىر يىل ئارام ئالغاندىن كىيىن بايرىننى تاللىدى .



ئەتىگەنلىك ناشتىغا بىرەر قىتىم چىقمىغانغا نىمە بوپتۇ دەپ ئويلايدىغانلارغا ھەيرانمەن، كىچىك تەرەپتىن ئويلىغاندا بۇ بىر كوماندا تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلغانلىق، چوڭ تەرەپتىن ئويلىغاندا كوللىكتىپتىن ئايرىلغانلىق . 09-يىلدىكى ئېنتىردىكى بىرازىلىيەلىك بىر چولپاننىڭ ئىسمىنى پەقەت ئىسىمگە ئالالمىدىم، بەدەن ساپا، تىخنىكا جەھەتتىن ئەتراپلىق يىتىلگەن بولسىمۇ ئەمما كوماندا تۈزۈمىگە رىئايە قىلمىغانلىقى سەۋەپلىك كوماندىدىن ھەيدەلگەن .

بۇنداق مىساللار بەك كۆپ .



--------------------------------------------------



ئۆزىمىزگە قايتىپ كىلەيلى . ئۇيغۇردىن 11 ئادەمنى تەشكىللىسە ئانداق قىلىۋىتىدۇ مانداق قىلىۋىتىدۇ دېگەنلەر پۇتبول قائىدىسىنى پەقەت چۈشەنمەيدىغانلار ، ياكى بولمىسا بىزنىڭ بالىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ پۇت ئاستى تىخنىكىسى ياخشى ، بىرەر ئىككى ئادەمنى ئالداپ ئۆتەلىشىگە قاراپ ئىيتىلغان گەپ بولىشى مۇمكىن . بىزنىڭ بالىلار دەرۋەقە ئادەم ئالداشنى پۇتبولنى ياخشى ئوينىغانلىق دەپ بىلىدۇ، پۇتقا توپ چۈشكەن ھامان ئورنى ياخشى بولغان سەپدىشىغا پاس بېرىشنى ئەمەس ئادەم ئالداشنى ئالدىنقى تاللىشى قىلىدۇ. مەستانىللىرىمىزمۇ شۇ ئەجەللىك پاسقا ئەمەس ئادەم ئالدىغانغا چاۋاك چالىدۇ .



دەپ كەلسە جىق گەپ، ھازىر بىزگە ئەڭ ئىھتىياجلىقى بارى مىرئەخمەتلەرنىڭ جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىن چاڭ چىقىرۋىتىشى بولماستىن بەلكى خەلىقئارا دەرىجىلىك تېرېنىر ۋە تېرېنىرلار گورۇپپىسى بولسا كىرەك . ئالدىنقىسى بولغاندا بىزنىڭ 2 چولپىنىمىز بولسا كىيىنكىسى بولغاندا بەلكىم كەينىگە بىر نول قوشۇلۇشى مۇمكىن .


datman يوللانغان ۋاقتى 2013-6-27 19:18:12

مەنغۇ ھازىر پەقەتلا مۇسابىقە كۆرمەيمەن

لىكىن باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان چىغىمدىمۇ پۇتبولنى بەك ياخشى كۆرەتتىم ھەر 15مىنۇتلۇق دەمئىلىشتا مەيدانغا چىقىۋىلىپ توپ تىپەتتۇق ئىشقىلپ بىرەر سىنىپ ياكى

ئىشخانىنىڭ دەرىزە ئەينىكىنى چاقماي قويمايتۇق شۇنداق قىلىپ مەكتەپتە توپ تىپىشنى چەكلىگەن ئىدى مەكتەپتىن قايتقاندا ئارقا كوچىلاردا سومكىمىزنى تىزىپ ۋارتا قىلىپ

توپ تىپەتتۇق ئاياغ كىيىملىرىمىز يىرتىلىپ كەتكەن بىرسى بىرسىمىز بىلەن ئۇرشۇپ كەتكەن بۇگۇنى ئۇرشۇپ قالساق ئەتىسى يەنە بىللە توپ تەپكەن

لىكىن بىزنىڭ مەكتەپتە ئاجايىپ توپ تىپىدىغان بىر بالا بارئىدى ئۇ بالىنىڭ توپ تىپىش ماھارىتى راستىنلا يۇقۇرى ئىدى ھەتتا مۇئەللىملەرمۇ قايىل ئىدى

توپ ئالداش پاس بىرىش بەك ئۆلچەملىك ۋارتارغا تەپكەن توپى چۇشمەي قالمايتى توپنى نەگە تەككۇزىمەن دىسە شۇ يەرگە تەككۇزەتتى ئەگە شۇ بالا تەربىيلىنىپ قالغان بولسا

بۇ چاغقا خەلىقئاراغا تونۇلۇپ بولاتتى

elqut يوللانغان ۋاقتى 2013-6-27 19:39:50

تەڭرىقۇت ھەقنى سۆزلەپتۇ ئەلانى دەسسىۋەتتىم ،ئوتتۇرا مەكتەپتە مەنغۇ ئەسلىدە مەكتىپىمىزنىڭ خەلىقئاراچە چىلىشىش كوماندىسىدا ئىدىم ،ھەتتا ناھىمىزگە ۋاكالىتەن ۋىلايەتلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىپ مىدالمۇ ئالغان ،مەكتىپىمىزدىكى پوتبۇلغا ئۇستا كوماندا باشلىقى بىلەن ئاغىندارچىلىقىمىز بەك ياخشى بولغاچ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ قۇياتتىم ،ۋەزىپەم ھازىر بىلسەم بىككەنمەن توپنى ياخشى كونتىرول قىلالمايتتىم ئامما ئادەمنى دەھشەت ئۇسەتتىم توپ ئىپ ماڭغان ئادەمنىڭ پۇتىدىكى توپتا ئەمەس بەلكى ئۇزىگە ھۇجۇم قىلاتتىم .توپنى ئاساسەن تارتىۋالاتتۇق، چۈنكى كىچىك بولغاچقا قائىدىگە خىلاپ دەيدىغان گەپ يوقتى ،غوللۇق بىككەنمەن ئەسلى، قارشى تەرەپتىن خىلە توپچىلارمۇ مىنى كۆرسە ئۈزىنى ئاياپ توختاپ قالاتتىدە  {:90:}

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-27 19:45:49

كىۇيىف ماڭا پۇتىدىكى توپنى سەپدىشىگە يەتكۇزۇپ بىرەلەيدىغان ھەم سەپدىشى بەرگەن پاسنى قۇبۇل قىلالايدىغان توپچى بولسىلا بولدى دىگەن.  چىرايلىق پاس يەتكۇزۇپ بىردىغان پۇتپولچى ھەقىقەتەن كەم

kaplanqak يوللانغان ۋاقتى 2013-6-27 20:00:05

تىمىغا ئەلا كەتتى . ئەگەر رازى بولسىڭىز تىمىڭىزنى ئۆزەمنىڭ تاغ -تۇراسىغا يۆتكىۋالىمەن ، ئەلۋەتتە مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ .

بىزنىڭ بىر توپ +30لاردىن تەشكىللەنگەن كوماندىمىز ، بولسا دوستلىق مۇسابىقىسى ئوينايلى ، بىزنىڭ بالىلار مۇسابىقىغا ئىچىرقاپ تۇرىدۇ ھازىر .

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-27 20:04:56

مەن يەنە بىر قېتىم چۈچىدىم \"\"



ئوبزور دىگەن مۇشۇنداق بولسا مانا .....

ئەدەبىياتتا 118 ئالغان ئادەم نىمە دەپ توپقا چاپلىشىپ يۈرۈيدىغاندۇ ؟ \"\"



xxxx ، دۆلەت ئەنگۈشتىرى ..........قاچانغىچە كۈلەمەن ئەمدى \"\"

bardam يوللانغان ۋاقتى 2013-6-27 20:08:46

بارىغا پۇت سېلىپ يېقىتىۋەتكەندەك قىلغان ،ئەمما بارىنىڭ قىلغان قىلىقى ئۆزىنى ئاقلاش دائېرسىدىن جىق يىراق

ھەممىسىگە بوپ بىرىپتىكەن زادى.....

دائىملىق توپ ئوينايدىغان بىر پۇرسەت تاپالماي بەك ئىچىم پۇشىدۇ

kaplanqak يوللانغان ۋاقتى 2013-6-27 20:23:38

ئۇيغۇرلاردىكى ھازىرقى ئەڭ ئاساسلىق پۇتبولغا بولغان چۈشەنچە مەسلىسى يەنە بىرسى پۇرسەت مەسلىسى .



ئۇيغۇر بالىلارنىڭ پۇتبولغا بولغان سىزىمى ئىنتايىن ياخشى ، ھەتتا ياۋروپادىكى ھەر داڭلىق ھىساپلىنىدىغان دۆلەتدىنمۇ قىلىشمۇغۇدەك ياخشىمىكىن دەيمەن ، شۇڭلاشقا ئادەتتە تۆۋەن  ياشلىقلارنىڭ مۇسابىقىسىدا ئۇيغۇر بالىلارنىڭ نەتىجىسىنىڭ ياخشىلىقى ، 13ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا مەملىكىتىمىزدىكى باشقا بالىلارغا قارىغاندا تىخىنىكىسىنىڭ ياخشى كۆرىنىدىغانلىقى بۇنىڭ مىسالى .

لىكىن شۇ كوماندا نەچچە يىلدىن كىيىن قارىسا بۇرۇنقى رەقىپلىرىنى يىڭەلمەيۋاتقان ، بۇنىڭدا ئاساسلىقى شۇ بالىلارنى تەبىيلەيدىغان ، ئاساسى تىخىنىكىلا ئەمەس ، پۇتبول دىگەننى مۇنداق ئوينايدۇ دەپ كۆرسىتىدىغان ئادەملەر ئاز ، ئاساسى تىخىنىكا ئۈگىتىدىغان مەشقاۋۇللىرىمىزنىڭ سانى كۆپ ھەم سەۋىيىسى يۇقىرى ، لىكىن باشقا جەھەتتە باشقىلارغا قارىغاندا پەرق بەك چوڭ .

بۇرۇنمۇ دەيتىم ، ئىتالىيەنىڭ داڭلىق ئالدى ھوجۇمچىسى پىپپونى شىنجاڭ ئۇنۋىرىسىتىتىنىڭ پۇتبول كوماندىسىغا ئەكەلسە ، كوماندىغا كىرەلىشى ناتايىن .



يەنە بىرسى پۇرسەت مەسلىسى ، ئەھۋالىمىزنى بىلىسىلەر ، بىزگە پۇرسەت دىگەن قانچىلىك تەستە چىقىدۇ ، لىكىن ھازىر شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ ئەڭ پۇرسىتى كەلگەن ۋە بارىلار شۇ پۇرسەتنىڭ تەمىنى تىتىغانلار ئىدى ، ھازىر 2002-يىلىدىن كىيىنكى 10نەچچە يىل جەريانىدىكى جوڭگو پۇتبولچىلىقىدىكى سەتچىلىكلەردىن كىيىن ، جوڭگو پۇتبولىنىڭ زاپاس كۈچى ئىنتايىن ئازلاپ كەتتى ، يەنى توپچىغا ئىھتىياجلىق ھالەتكە چۈشۈپ قالدى . بۇنىڭ بىلەن بارى قاتارلىق بىر قسىىم ئىچكىرىگە بىرىپ ئۆزىنى سىناش نىيىتىگە كەلگەنلەرگە پۇرسەت كەلدى . (مىرئەخمەتجان بۇنىڭ سىرتىدا ) .

ئەگەر مۇشۇ چاغدا بارى قاتارلىق چولپانلىرىمىزنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولۇپ بەرگەن بولسا ، شىنجاڭ پۇتبولچىلىرىنىڭ بەرگەن تەسىرىمۇ ياخشى بولاتتى ھەمدە كىيىنكىلەر بازاردىكى تالىشىپ يۈرۈيدىغان تاۋارغا ئايلىناتتى .

مەسىلەن مىرئەخمەتجاننى مىسالغا ئالاي ، مىرئەخمەتجان شەندۇڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىپىدە ئوقۇغان ، گەرچە باشقا تەڭ بارغانلار ھەرخىل سەۋەپلەر بىلەن ئاخىرىغىچە ماڭالمىغان بولسىمۇ ، لىكىن مىرئەخمەتجاننىڭ تىرىشچانلىقكى ، لۇنىڭنى قايىل قىلدۇرغاچقا ، لۇنىڭ ھازىرغىچە شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى توختىتىپ قويمىدى ، خۇدايىم بۇيرىسا ، يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر پۇتبولچىلار لۇنڭ ئارقىلىق مەملىكەتلىك سەھنىلەردە ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ .



يەنە شۇ مىرئەخمەتجان ، ئەينى ۋاقىتتا خىنەن كوماندىسىدا بىر يىل ئىجارە شەكىلىدە ئوينىغاندا ، ئۆزىنىڭ ئىپادىسى بىلەن ھازىرغىچە ھكرمەتلەشكە ئېرىشىۋاتىدۇ ، ھازىرغىچە مىرئەخمەتجاننى سىتىۋالغۇسى بار .

يەنە بىر تەرىپى ئەينى ۋاقىتتا ئابدىۋەلى دىگەن توپچىمىز ئا دەرىجىدىكى شىنجىن كوماندىسىدىن قىسقارتىلغان ،دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمدىكى خىنەن كوماندىسى ئۇنى ئەكىلىۋالدى ، ئەلۋەتتە ئۇلار مىرئەخمەتجاندىن يەنە بىرگە ئېرىشكۈسى بولغاچقا ئاشۇنداق قىلدى .



يەنە بىر مىسال ئالدىنقى يىلى ب دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدە گۇيجۇغا ۋاكالىتەن توپ تەپكەن ئىلھامجاننىڭ ئىپادىسى بولغاچقا ، بۇ يىل ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرنىڭ سانى ئۈچ بولدى .

ھازىر ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىغا پۇرسەت كەلگەن ۋاقىت ، ئەمدىكى گەپ مۇشۇ بالدۇر يول تاپقان چولپانلىرىمىز كىيىنكىلەرنىڭ يولىنى كىڭەيتىپ بىرەمدۇ ياكى ئىتىپلاۋىتەمدۇ ، شۇنىڭدا قالدى ،

kaplanqak يوللانغان ۋاقتى 2013-6-27 20:28:51

15- قەۋەتتىكى bardamنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بارىغا پۇت سېلىپ يېقىتىۋەتكەندەك قىلغان ،ئەمما بارىنىڭ قىلغان قىلىقى ئۆزىنى ئاقلاش دائېرسىدىن جىق يىراق

ھەممىسىگە بوپ بىرىپتىكەن زادى.....

دائىملىق توپ ئوينايدىغان بىر پۇرسەت تاپالماي بەك ئىچىم پۇشىدۇ

ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز  تەڭ  ئوينايلى  ،  نەچچە ئايدىن  بىرى ياشلار  بىلەن  ئويناۋاتقان  ، لىكىن  ئۇلار تەتىل  قىلىپ  يۈرتلىرىغا  كەتكەندىن  كىيىن  ،  نەچچە  قېرى قالدۇق  ،  بىللە  ئوينايدىغانلار  بولسا  قارشى ئالىمىز .

uyghur0991 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-27 20:40:07

خوپ بوپتۇ بارى 25مىڭ يۈەن تۆلەپسەن ئۇيغۇرنىڭ يۈزىمى تۆكۈپ

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2013-6-27 20:45:47

ئەڭ ياخشى يېزىلغان پۇتبول ئوبزورى بوپتۇ.

بىزدە مۇشۇنداق سەمىمىي تەنقىتنىڭ بولىشى ئىنتايىن مۇھىم.
بەت: [1] 2 3
: (تەڭرىقۇت)پۇتبول ۋە پۇتبولچىلىرىمىز ھەققىدە چولتا خىياللار