مەن ئەمدى كۆرۈپتىمەن....
ياش پۇتبولچىلىرىمىز كۆرۈپ قويغۇدەك نادىر يازما بوپتۇ ، ئاشۇلار ئۆزى كۆرگەنمىدۇ ؟
پۇتبولچىلىق ھەققىدە پەخىرلىنىپ تۇرۇپ دىيەلەيمىزكى ، بىز ماۋۇ بەسەيلەردىن كۆپ ياخشى ، بەدەن ساپا ، توپ ۋە مەيدان سېزىمى ، ئەقىل پاراسەت ئىشلىتىش ، ھەتتاكى غەلبە ۋە مەغلۇبىيەتتىن كېيىنكى ئىپادىمىزمۇ باشقىلاردىن كۆپ ياخشى ، ئەمما يۇقارقى يازمىدا دىيىلگەندەك ، ئومۇمى ساپا ۋە بىلىم قۇرۇلمىمىز ۋە سان سۈپەت جەھەتتىن ئاجىزلىقىمىزمۇ يوق ئەمەس .
ئادەتتە مۇنداقراق ئادەم دائىم باشقىلار تەرىپىدىن ماختىلىۋەرسە ھەتتا ئۆزىمۇ ئۆزىنىڭ شۇنچىلىك ماختاشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىگە گۇمان قىلماس بولۇپ قالىدۇ ، قىلچە تەنقىد - تەربىيە قوبۇل قىلغۇسى كەلمەيدۇ ، قىسقىسى باشقىلارغا خوپ ، ماقۇل ، بولىدۇ دىگۈسى كەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ ، بەلكىم بارى دىگەن شوركىمۇ شۇنداق بىر ئەندىزىدە يۈرگەن بولۇشى مۇمكىن ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ خەتەرلىك ، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش بىلەن ئۆزىگە ئىشىنىش ئىككى ئىش ، ياشلىرىمىز كۆپىنچە ئۆزەمنى چوڭ تۇتتۇم دەپ باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدۇ ، ئاقمىغان پوچىلىق ، ئاقسالىق قىلدىغان دەۋىرلەر كەلمەسكە كەتتى ، ھەممە كىشى ئىدىيە ۋە كۆز قاراشلىرىنى توختىماي يېڭىلاپ زامانغا ماس ھالدا ياشاۋاتىدۇ ، كىمنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى ھەممە كىشىگە ئايان ، مېدىيالار ، تاراتقۇلار بۇ جەھەتتە ئاكتىپ رول ئويناۋاتىدۇ ، تېخى جۇڭگۇدىن چىقمىغان بىر شوركىنىڭ بۇنداق ئاقماس ئاقسالىقى پەقەتلا ۋە پەقەت بۇندىن كېيىنكىلەرنىڭ يولىنى ئېتىش ۋە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىشتىن باشقا رول ئۆتىيەلمەيدۇ ، ئوغانبالا بولساڭ گېپىڭ بولسا مۇسابىقىدىن يېنىپ ئىزدەپ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ سېنى قانداق ھاقارەتلىسە سەنمۇ شۇنداق ھاقارەتلەپ قورساق كۆپىگىڭنى چىقارساڭ بولىدۇ ، ئەمما ئۆزەڭنى مەركەز قىلىپ خۇددى سەنلا ئويناۋاتقاندەك ، باشقىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نەزەرگە ئالمىساڭ ئىككى ئۈچ تۈمەن كىچىكلا گەپ بولۇپ قالىدۇ ......
ئۇلۇغ خۇدايىم پۇتبولچى ئەزىمەتلىرىمىزگە ئۇ كۈنلەرنى كۆرسەتمىگەي!
تېمىدىن سىرتقى بىر گەپ ..
بارى دىگەن شوركا بىزنىڭ يۇرتقا كۈيئوغۇل بوپ كىرمەكچىكەن ، مابىتىگە 兰博基尼 سوغا قىپتۇ ، ئەھۋالدىن قارىغاندا كېلەر ھەپتىلەردە توي قىلىدىغان ئوخشايدۇ ، تويدا تۇتۇۋېلىپ ماۋۇ يازمىنى ئوقۇتۇپ ، ئىككى ئېغىز تەربىيە قىلىپ قويمىسام خەپ {:90:}غىدىڭ پىدىڭ قىلسا پاتتاڭلىرىغا سەپ تازا

گەرچە ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ ئۇنۋىرىسىتى كوماندىسى ئوبدانلا \"\"قىلىق\"\" چىقىرىپ ئاتۇشقا سۇ قۇيۇپ بەرگەن بولسىمۇ، ئۇمۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، مۇشۇنداق مۇسابىقىنىڭ ئۇشبۇ ۋەزىيەتتە ئۆتكۈزىلىشىمۇ چوڭ بىر ئىش دەپ قارايمەن. ھەمدە يۈسۈپ ئىمىن ھاجىمكام(شىنجاڭ پۇتبولچىلىغى ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق كۈيىنىدىغان يەنە بىر ئادەم بار دىسە مەن ئىشەنمەيمەن)ۋە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئابلەھەتكام بۇ مۇسابىقىنىڭ روياپقا چىقىشىغا كۆپ كۈچ چىقاردى. بەزى ئەھۋاللارنى ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا خەۋەردار بولدۇم. بۇ تىمىنىڭ ئاخىرىدا ئۇلاردىن نارازى بولغان يىرىمنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئارتۇق كەتكەنلىگىنى ھىس قىلدىم.
مانا بۈگۈن شىنجاڭ كوماندىسى رەقىبى بىلەن قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، 3:1 نەتىجە بىلەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، تارىخىي خارەكتىرلىك ھالدا مەملىكەتلىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ پۇتبول تۈرى بۇيىچە يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىغا بۆسۈپ كىردى.خوشاللىغىمدىن سەكرەپ كىتىپتىمەن. يارايسىلەر ئەزىمەتلەر، ياشاپ كىتىڭلار. بىزگە مۇشۇنداق ئىپادەڭلار كىرەك. شۇنىسى ئېنىق بولسۇنكى، ئۇتساڭلار خوشال بولىمىز، ئۇتتۇرساڭلار مەدەت بىرىمىز، روھىي جەھەتتىن تەسلىم بولساڭلارسىلەرگە لەنەت ئوقۇيمىز!!
يوقارقى ئىككى ئاكىمىز بىلەن بولغان سۆھبەتتە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئۈچۈن نۇرغۇن يەرگە قاتراپ يۈرۈپ پۇل ھەل قىلغانلىقىنى، ناۋادا ھەل قىلغۇچ مەيدان مۇسابىقىسىدە ئۇتسا نۇرغۇن پۇل بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىدىنمۇ خەۋەر تاپتىم.(دىمەك بۈگۈنكى مۇسابىقىدە پۇتبول كوماندىسى ئەڭ ئاز دىگەندە 150مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ) ھەمدە بۇندىن كىيىنكى بالىلارنىڭ ئىستىقبالى توغرىلىق ئۆزەم ھىس قىلغان مەسىللەرنى يەتكۈزۈپ قويدۇم.
ئاخىرىدا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىگە تىلەكداشمەن. شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىغا ، شىنجاڭ كوماندىسىغا ئۇتۇق تىلەيمەن ...
يۈسۈپ ئىمىن ھاجىمكام ، پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئابلەھەتكام ، يەنە مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن كۆرۈپ خەۋەر بەرگەن تەڭرىقۇتكام

43- قەۋەتتىكى jewlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىغا ، شىنجاڭ كوماندىسىغا ئۇتۇق تىلەيمەن ...
يۈسۈپ ئىمىن ھاجىمكام ، پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئابلەھەتكام ، يەنە مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن كۆرۈپ خەۋەر بەرگەن تەڭرىقۇتكاملاردەك پۇتبول ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلارغا ئالى سالام ، ئوتلۇق تىلەكلەر يار بولسۇن......
ئۈرۈمچىگە ئۆزلىشىپتۇقمۇ نىمە

44- قەۋەتتىكى tangriqutنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
43- قەۋەتتىكى jewlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىغا ، شىنجاڭ كوماندىسىغا ئۇتۇق تىلەيمەن ...
يۈسۈپ ئىمىن ھاجىمكام ، پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئابلەھەتكام ، يەنە مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن كۆرۈپ خەۋەر بەرگەن تەڭرىقۇتكاملاردەك پۇتبول ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلارغا ئالى سالام ، ئوتلۇق تىلەكلەر يار بولسۇن......
ئۈرۈمچىگە ئۆزلىشىپتۇقمۇ نىمە![]()