tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 11:30:07

ھەسەلنى پەرقلەندۈرۈش ھەققىدە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

بۇ يازمىمىزدا ھەسەلنى رەڭگى،پۇرىقى،تەمى ۋە قۇۋۋىتى قاتارلىق بىر قانچە تەرەپلەردىن پەرقلەندۈرۈش  ھەققىدە ئىخچامراق توختىلىمىز.

ھەسەل رەڭگى ،تەمى ۋە پۇرىقىنىڭ ھەر خىل بولۇشى ئۇ  ھەرە شورىغان گۈل-چېچەكلەرنىڭ خىلمۇخىل بولۇشىغا،ھەمدە ھەسەلنى چىقارغان پەسلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا باغلىق بولىدۇ.



ھەسەل رەڭلىرى جەھەتتىن : قارامتۇل،قىزغۇچ،سارغۇچ،ئاقۇچ،سېرىق،قىزىل،ئاق قاتارلىق بىر قانچە تۈرلۈك بولىدۇ.باشتىكى رەسىمدە 12تۈرلۈك ھەسەل رەڭگى كۆرسىتىلدى.



قىيامى جەھەتتىن : قۇيۇق، سۇيۇق، قاتتىق،نورمال،ئارىلاش بولىدۇ.



تەمى ۋە پۇرىقى جەھەتتىن  كۆپ ھاللاردا ھەسەل يېقىملىق ۋە خۇشپۇراقلىق بولىدۇ. لېكىن بەزى ھەسەللەر يېقىمسىز،ئۆتكۈر پۇراقلىق بولىشىمۇ مۇمكىن.بۇ شۇ ھەسەل يىغىۋېلىنغان چېچەكلەرگە قاراپ ھەر تۈرلۈكچە بولىدۇ،پۇرىقى كۈچلۈك،سۇس ياكى بىلگىلى بولمايدىغان.تەمى جەھەتتىن گالنى قورۇغۇدەك كۈچلۈك،تاتلىق بولۇشى ياكى پۇرىقى سۇس تەمىمۇ سۇس بولۇشى مۇمكىن.



ھەسەل ئىچىدە شېكەر دانچىلىرىنىڭ ئۇيۇۋېلشى : بۇ نورمال ئەھۋال بولۇپ ،بۇ شۇھەسەلنىڭ تەركىبىدە ئۈزۈم شىكىرى كۆپ بولغانلىقىنىڭ ئالامىتى. يەنە بىرسىگە قاينىتىلمىغان بەزى ھەسەللەرمۇ شۇنداق بولىدۇ.



ھەسەل ئۈستىدە كۆپۈكچىلەرنىڭ پەيدا بولۇشى: بۇمۇ نورمال ئەھۋال بولۇپ ،ئاساسلىقى ھەسەل يىغىش جەريانىدا باشقا نەرسىلەرنىڭ ئارىلىشىپ قالغانلىقى ۋە ياخشى سۈزۈلمىگەنلىكىنىڭ ئىشى بولۇپ،ھەسەلنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ.



ھەسەل يۇقىرىقىدەك بىر قانچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم بىر خىلىنى ساختا ھەسەل دەپ كىسىپ ئېيتىش قىيىن. كۆپىنچە كىشىلەر رەڭگىگە قاراپ شىكەر ئارىلاشتۇرۇلغان ھەسەل دەپ گۇمان قىلىشى مۇمكىن، بۇ تولاراق كىرىستاللاشقان ھەسەللەردە كۆرۈلىدۇ،ئەمما ھەسەلگە شېكەر قېتىلغاندا شىكەر ئىرىپ كېتىدىغان بولۇپ ئۇنداق تۇرمايدۇ.

ئەگەر شېكەر ئارىلاشتۇرۇلغان بولسا ھەسەل سۈزۈك بولماي سەل دۇغراق كېلىدۇ.



ھەسەلنىڭ باھاسى جەھەتتىن  ئېيتقاندا قىممەت پۇللۇق ھەسەل جىڭ،ئەرزىنى ساختا دەيدىغان قاراش بار،بۇ توغرا ئەمەس .ئادەتتە جىڭ دەپ قارالغان ھەسەللەرنىڭ ئەرزىنى توپ باھادا كلوگرامى 10-12يۈئەنلەر ئەتراپىدا ،قىممەتلىرى 100-120يۈئەن ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن. بۇ يەردە دىققەت قىلىدىغان  بىر قانچە مەسىلە ھەسەلنىڭ قايسى ئۆسۈملۈك ھەسىلى ئىكەنلىكى(مەسىلەن ئاپتاپپەرەس ياكى كىۋەزنىڭ ھەسىلىنىڭ قۇۋۋىتى تۆۋەن،باھاسى ئەرزان،جىگدە،يانتاقنىڭ قىممەترەك قۇۋۋىتى كۈچلۈك)قايسى يەرنىڭ ھەسىلى (يەنى رايونىمىزنىڭمۇ،چەتنىڭمۇ؟قۇرغاق يەرنىڭمۇ ھۆل يېغىنلىق يەرنىڭمۇ )قىيامى قانداق دېگەنلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك. قىيامى ۋە پۇرىقى ئۆتكۈر بولغان ھەسەللەر ئۆزىمۇ قۇۋۋەتلىك كېلىدۇ،سۇسراق كەلگەنلىرى بولسا قۇۋۋەتتىمۇ ئاجىزراق كېلىدۇ. قۇرغاق ۋە ئىسسىق رايونلارنىڭ ۋە بۇ رايوندىكى قۇرغاق،ئىسسىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھەسىلى شۇ ئۆسۈملۈك ۋە رايونى كېلىماتىنىڭ تەسىرىنى قۇبۇل قىلغان ھالدا قۇرۇقلۇقى ۋە ئىسسىقلىق كۈچلۈك،قۇۋۋىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا ھەسەلمۇ شۇنداق بولۇشى مۇمكىن.

ئۇنداقتا ھەسەلنىڭ ياخشىسىنى قانداق ئايرىيمىز دېگەندە بۇ تولاراق شۇ ئىستىمال قىلغۇچىنىڭ دىتىغا باغلىق. شۇنداقتىمۇ بەزى پايدىلانمىلارنى سۆزلەپ ئۆتەيلى:



ھەسەلنىڭ ياخشىسى تىلغا يېپىشمايدۇ.



ھەسەلنىڭ ياخشىسى گالنى قورۇيدۇ.



قايسى ئۆسۈملۈكنىڭ  ھەسىلى بولسا شۇنىڭ پۇرىقى كېلىدۇ.



پۇرىقى يېقىشلىق ياكى ئۆتكۈر بولىدۇ.



تەمى شىكەر ياكى كەمپۈت تەمىدەك تاتلىق بولماي قېرىق تاتلىق بولىدۇ.



سۇيۇق ھەسەل بولسا چوكىدەك نەرسىدە ئىلغاندا يىپتەك سوزۇلۇپ،شاردەك يىغىلسا بۇ ياخشى بولىدۇ.



تۆۋەندە يەنە بەزى ئۇسۇللارنى تۇنۇشتۇرىمىز سىناپ باقسا بولىدۇ.



ھەسەلدىن ئازراق ئېلىپ ئۇنىڭغا يود ئارىلاشتۇرۇلغاندا رەڭگى كۆكۈرۈۋالسا بۇھەسەلنىڭ تەركىبىگە كىراخمالدەك نەرسىلەر ئارىلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.



ھەسەل بىلەن سۇنى بەشتە بىر نىسبەت بويىچە ئارىلاشتۇرۇپ بىر كۈن قويۇپ قويۇلسا ،ھەسەل چۆكمىسە ياخشى،چۆكسە ناچار ھېسابلىنىدۇ.



تومراق سىمنى قىزىتىپ ھەسەلگە سېلىنغاندا گاز چىقسا ساپ ھەسەل،تۈتۈن چىقسا ناچار ھەسەل ھېسابلىنىدۇ.



بىر ھەسسە ھەسەلگە تۆت ھەسسە سۇغۇق چاي قۇيۇپ ئېلىشتۇرۇپ ئۈستىگە ئۈستىگە 3-5تامچە نىترات كىسلاتاسى قوشۇلغاندا پاختىلاشسا ھەسەلگە شىكەر ئارىلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.



ئەمدى قۇتيار تورىدىكى ساختا ھەسەل ياساش ئۇسۇلى دېگەن تىمىنى قوشۇمچە قىلىمىز.



ساختا ھەسەل ياساش مۇنداق ئۈچ خىل بولىدۇ: بىرىنچى خىلى، قەنتكە سۇ ۋە سولفات كىسلاتاسى ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ، سولفات كىسلاتاسىنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ، دىساخارىد مولېكۇلىسىنى پارچىلاپ، ئاددىي قەنتكە ئايلاندۇرۇپ ھەسەل ياساش. ئىككىنچى خىلى، سولور (ئارپا ياكى بۇغداي ئۈندۈرمىسى) شېكىرى، شېكەر قىيامى ئارقىلىق ھەسەل ياساش. ئۈچىنچى خىلى، ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن شىرنا (ئۈزۈم قىيامى) دىن ھەسەل ئىشلەش. ساختا ھەسەل ياسىغۇچىلار يەنە قويۇقلاشتۇرغۇچ، تاتلىق تەم كىرگۈزگۈچ، چىرىشتىن ساقلىغۇچى دورا، مۇئەتتەر، بوياق ماددىسى قاتارلىق خىمىيەۋى ماددىلارنى قوشىدۇ. ساختا ھەسەلنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى كۆپ خىل بولۇپ، ساختا ھەسەلنىڭ تەننەرخى ھەقىقىي ھەسەلگە قارىغاندا تۆۋەن، ساختا ھەسەلنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى: باھاسى ئەرزان، سۈپىتى ناچار، رەڭگى سۈزۈك. ھەقىقي ھەسەل تەركىبىدە ئاقسىل، جانلىقلار ئېنزىمى، مېنىرال ماددا، ۋىتامىن ۋە شىرنىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈل چېڭى قاتارلىقلار بولغاچقا، ئانچە سۈزۈك كۆرۈنمەيدۇ. ساختا ھەسەلدە خىمىيەلىك پۇراق ۋە مېۋە كەمپۈتى پۇرىقى بولغاچقا، تەمى بىر خىللا بىلىنىدۇ. ھەقىقىي ھەسەل ساپ ۋە تەبىئي، گۈل-گىياھ پۇرىقى كۈچلۈك، تەمى ئېغىزدىن ئۇزاققىچە كەتمەيدۇ، سۇس گۈل پۇرايدۇ. ساختا ھەسەل كىرىستاللاشسا چۆكمىگە ئايلىنىدۇ-دە، چوكا سانجىشمۇ تەسكە توختايدۇ، قول بىلەن تۇتسا قۇمنى تۇتقاندەك بىلىنىدۇ. ھەقىقىي ھەسەل يۇمشاق، ئاسان كىرىستاللاشمايدۇ، چوكىنىمۇ ئاسانلا سانجىغىلى بولىدۇ، قولغا قويسا ئاسانلا ئېرىپ كېتىدۇ. بەزى ساختا ھەسەللەر ھەقىقىي ھەسەلگە بەكلا ئوخشاپ كېتىدۇ، پەقەت ئېلېكتىرونلۇق ئانالىزاتورغا تايىنىپ پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا، ئىستېمالچىلار چوقۇم ئىشەنچلىك ئورۇنلاردىن ھەسەل سېتىۋېلىشى كېرەك. ھەسەلنىڭ تۈرى 40 خىلدىن ئاشىدۇ، ئۇ ئادەتتىكى ھەسەل، ئاز ئۇچرايدىغان ھەسەل دەپ ئايرىلىدۇ. بازاردا سېتىلىدىغان ھەسەلنىڭ تۈرى كۆپ، ئەمما ھەقىقىي ئاز ئۇچرايدىغان ھەسەل ئىنتايىن ئاز، ئاز ئۇچرايدىغان ھەسەل بىلەن ئادەتتىكى ھەسەل تۆۋەندىكىدەك پەرقلىنىدۇ:  

     بىرىنچىدىن، ھەسەل مەنبەسى ئۆسۈملۈكلەر مۇھىتى ئوخشىمايدۇ. ئاز ئۇچرايدىغان ھەسەلنىڭ مۇھىتقا بولغان تەلىپى كۈچلۈك بولۇپ، بۇلغانمىغان مۇھىتنى تەلەپ قىلىدۇ، پەقەت يېشىل مۇھىت ئۆلچىمىگە يەتكەن ئۆسۈملۈكلەردىن ئىشلەپچىقىرىلغان ھەسەل ئاز ئۇچرايدىغان ھەسەل ھېسابلىنىدۇ. بەزى شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى ئۆسۈملۈكلەر مەنبەسىدىنمۇ ھەسەل ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ، ئەمما ھەسەل مەنبەسى ئۆسۈملۈكلىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇلغىنىشقا ئۇچرىغاچقا، ئىشلەپچىقىرىلغان ھەسەلنىڭ سۈپىتى تۆۋەن بولۇپ، ئاز ئۇچرايدىغان ھەسەلگە يېتەلمەيدۇ.  

    ئىككىنچىدىن، ئوخشىمىغان ھەسەل مەنبەسى ئۆسۈملۈكلىرىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ھەسەللەرنىڭ رەڭگى، پۇرىقى، قويۇقلۇقى، تەركىبى ئوخشاش بولمايدۇ. ئاز ئۇچرايدىغان ھەسەل ئىشلەپچىقىرىشتا، ھەسەل مەنبەسى ئۆسۈملۈكلىرى چوقۇم بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە بولغان، ئۆلچەملەشكەن ئۆسۈملۈك مەنبەسى بولۇش كېرەك. بۇنداق بولغاندا ھەسەل ساپ بولىدۇ، ئارىلاشمىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئادەتتىكى ھەسەلنىڭ ئۆسۈملۈك مەنبەسىگە قويۇلىدىغان تەلىپى يۇقىرى ئەمەس، شۇڭا ساپ بولمايدۇ، ئوزۇقلۇق تەركىبىمۇ يېتەرلىك بولمايدۇ، شۇڭا ئاز ئۇچرايدىغان ھەسەل بىلەن ئادەتتىكى ھەسەل سۈپەت جەھەتتە ماھىيەتلىك پەرقلىنىدۇ.

مەنبە:http://www.qutyar.com/ud/thread-2913-1-1.html





---------------------------

بۇ تېما يەنە تۇلۇقلىنىشى مۇمكىن،تورداشلارنىڭمۇ ھەسەل پەرقلەندۈرۈش ھەققىدىكى تەجرىبىلىرىنى قالدۇرۇپ قويۇشىنى ئىستەيمەن.

http://www.4tadu.com/?p=397

durak يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 12:15:48

ئازراق مۇرەككەپ ئىكەن ، جىڭ ھەسەل سېتىۋالغىلى بولىدىغان مەنزىللەرنى ياكى ماركىلارنى تونۇشتۇرىۋەتكەن بولسىڭىز تېخىمۇ ساۋاپلىق بولىدىكەندۇق ، 80 خالتىنىڭ ھەسەللىرى بولىدىكەن شۇغىنىسى سېتىۋېلىش جەريانى ئاسان ئەمەس  .

durak يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 12:18:12

ئىنكاس يازغىلى بولدىغۇ ... مەن تېخى مېنى بىراقلا ئىزدىنىشقا چىققىلى بولمايدىغان قىلىپ قويغان ئوخشايدۇ دەپ ئېۋۇ زادىروشكا باشقۇرغۇچىدىن ئاغرىنىپ يۈرۈپتىمەن ... \"\"

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 13:09:05

بىزنىڭ ئۆينىڭ ئالدىدا ھۇسەنجىنكام ئاچىدىغان بىر تاللا دوكىنى بار ئو دۇكاندا ئاياللار ساغلاملىق ھەسىلى ،بالىلار ساغلاملىق ھەسىلى ،ئەرلەر ساغلاملىق ھەسىلى ،قىزلار ساغلاملىق ھەسىلى بار ،مەن ھۇسانجىنكامدىن ھەسەل زاۋۇتى ھەسەلنى قانداق قىلىپ ئاياللار ،بالىلار ،قىزلارغا خاس ئايرىپ چىقار دىسەم ھۇسەنجىنكام ،،زاۋۇت ئايرىمايدۇ ،،ئەركەك ھەرە چىچقان ھەسەل ئەرلەر ھەسىلى ،چىشى ھەرە چىچقان ھەسەل ئاياللار ھەسىلى ،ھەرىنىڭ بالىسى چىشقان ھەسەل بالىلار ھەسىلى ،ياش چىشى ھەرە چىچقان ھەسەل قىزلار ھەسىلى بۇلىدۇ دەيدۇ ...راسمىكىنا؟؟  {:107:}

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 15:43:29

ماۋۇ كوۋرۈكنىڭ ئىنكاسلىرىنى ئوقۇسا ھارغىنلىق، خاپىلىقلارمۇ كىشىدىن بىر مەزگىل يىراقلاپ قالىدىكەن \"\"

ئىشخانىدا ئاۋازلىق كۈلۈپ سالىمەن بەزىدە

tayanqimbar يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 16:21:30







    ماۋۇ تېما بولىدىغان تېمىكەن،مەنغۇ مەدرىستىكى شۇئەيىپ(خۇيزۇ)نىڭ ھەسىلىنى ‹‹خېلى بولىغان ھەسەل››دەپ قارايمەن.

tawlan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 17:28:15

مەلەڭزىكەشلەرنىڭ ھەسەلنى داڭلاشلىرىنى تۈنۈگۈن كۆرۈپ قالغانتىم

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 18:45:41

تۇتۇپ نەچچىنى سۈيىۋەتتىم مائېكىراننىڭ توپلىقىغا باقماي.  {:92:}

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 20:58:12

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 21:28:46

يىقىندا تونۇشلاردىن مانۇكا ھەسىلى توغۇرلۇق ئازىراق بىلىپ قالدىم. بۇ ھەسەل ئاساسلىق يىڭى زىنلاندىيەدىكى ھەرىلەرنى مانۇكا دەرىخىنىڭ چېچىكىنى يىگۈزۈش ئارقىلىق يىغىلىدىكەن (غەلىتە جۈملەم ئۈچۈن ئۈزۈر). باھاسى دەھشەت قىممەتكەن، يەنى ئادەتتىكى ھەسەلدىن ئاز دېگەندە ئون ھەسسە قىممەت. 250 گرامنى 40 ياۋرۇغا سېتۋالدىم، ئۈزەمگە تەجىربە ئىشلەۋاتىمەن، نەتىجىسى چىققاندا يەنە بىر ئىنكاس يازارمەن.



ھەسەل ئۆزى قارامتۇل بولىدىكەن، ھەم ھەسەللەر ئىچىدە ئەڭ يىپىشقاق بىرىمىش. بۇ ھەسەلنىڭ ئالاھىدە بىر خۇسۇسىيىتى تەركىبىدە MGO (Methylglyoxal) نىڭ تەركىبى يۇقۇرى بولۇپ، بۇ نەرسىنىڭ باكتېريە ئۆلتۈرۈش رولى باركەن، بازاردا ساتىدىغانلىرىدا تەركىبىدىكى شۇ نەرسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن بىر نەچچە تۈرى باركەن، MGO تەركىبى يۇقۇراراقى قىممەتىرەك بولىدىكەن (كۆۋرۈككامنىڭ سۇئالى يادىمغا كىلىپ قالدى، قانداق ياسايدىكىنە ئۇنداق قىلىپ؟). شۇ ئاشقازاندىكى باكتېريلەرلەر بەك ئىشىپ كىتىپ، ئاشقازاننىڭ خىزمىتى نورمال بولمىغاندا بۇ ھەسەلنى ئېستىمال قىلسا ياخشى بولارمىش.



شۇنىڭ بىلەن ئويلاپ قالغىنىم، بىزدىمۇ ھەسەلچىلىك خىلى تەرەققى قىلغاندۇ. تاغ ھەسىلى، ئالما ھەسىلى دەپ . ماڭا شۇ ياڭاق ھەسىلى بەك پايدا قىلامىكىن دەيمەن، ئۈزەم بەك سوغۇقچان بولغاندىكىن، ياڭاق ھەسىلى دەپ ھەسەل بارمۇ بىزدە؟ ئەتىرگۈل ھەسىلىچۇ؟ دەھشەت پەيزى پۇرايدۇ ھەقىچان؟ ئۆتكەندە ۋەتەندىن ئەتېرگۈل چېيى ئەكەلگەن، بەك تىز تۈگەپ كەتتى لىكىن. مۇشۇ ئىزدىنىشتىكى بىرەيلەننىڭ قاتتىق تەۋسىيەسى بىلەن كۇسمى چېيى دېگەننى سېتۋالدىم. ئالاھىدە يېرى يوق، شۇ *** ياكى ھىندىستاننىڭ چېيىغا پۇراقلىق نەرسىلەرنى قوشۇش ئارقىلىق ياسىلىدىكەن، خۇددى شۇ بىزنىڭ ئەتېرگۈل (قىزىلگۈل) چېيىدەك. 1867-يىلى رۇسىيەدە كارخانا بولۇپ قۇرۇلۇپ كېيىن بولشىۋىكلاردىن قىچىپ پارىژغا يۆتكىلىپ كەتكەن ئىكەن. ئامما بۇ چايمۇ خىلى قىممەتكەن، 150 گرامىنى 9 ياۋرۇ قانچە تېيىنغا ئالدىم ئەيتاۋۇر، 5 خىل تەملىك 5 قۇتا نۇسخىسى. تەجىربە ئىشلەۋاتىمەن، ئەگەر ئۇيقۇسىزلىقنى ئوڭشايدىغان ئىشى بولسا، ئالاھىدە ئىنكاس يازىمەن.



گېرماندىكى كىشمىشلەر ئاجايىپ لاۋزا، پەقەت تەمى يوق تۈزۈك. ئۆتكەندە ميۇنخىندىن، تەكلىماكان ئۇيغۇر رىستۇرانىغا ئۈچ چامدام يەردە، بىر ئافغانىستانلىقلارنىڭ دۇكىنىنى تېپىۋالغان، ئافغاندىن ئەكەلگەن كىشمىشى (ئۇلامۇ شۇنداق دەيدىكەن) باتتىكەن، ئامما تۇرپاننىڭىدەكلا تەمى، لېكىن تازا پاكىز ئەمەسكەن بەزى بولاقلىرى. يەنە زەفران قوشقان ساپسىرىق ناۋاتلىرى (نابات دەيدىكەن) بەك پەيزىكەن. كېچىك بىر قۇتىسىلا (400-500 گرام كىلەمىكىن) 7.5 ياۋرۇكەن (بىر كىلو قوي گۆشىنىڭ باھاسى).

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 22:14:08

باشقا يېشىل ئۈسۈملۈكلەر كاربون تۆت ئوكسىدنى سۈمۈرۈپ ئوكسىگىن چىقارسا، ياڭاق ئادەمدەك ئوكسىگىن سۈمۈرۈپ كاربون تۆت ئوكسىدى چىقىرىدۇ. شۇڭا ياڭاقنىڭ ئاستىدا باشقا ئوت-چۆپ ئۈسۈملۈكلەر ئۆسەلمەيدۇ، ھاشارەتلەر يېقىن كەلمەيدۇ. ھەتتا ئەڭ بېزەڭ چىۋىنمۇ ياڭاق ئەتراپىغا كەلمەيدۇ. كونىلار ياڭاق يۇپۇرمىقىنى ئۆيدىكى كىگىز-گىلەمنىڭ ئاستىغا سېلىپ قويسا چۇسا، بۈرگە... دېگەندەك ئۇششاق پارازىتلارنى ھەيدەيدۇ دەپ قارايدۇ.

شۇڭا ياڭاقنىڭ قېشىغا ھەسەل ھەرىسى كەلمىگەندىكىن ياڭاق ھەسىلى بولمامدىكىن دەيمەنغۇ.

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 22:28:00

ياڭاق كۆرمىگەنمۇ باللا سىلە؟

ياڭاق چىچەكلىمەيدۇ،ھېچكىم كۆرمىگەن،چېچىكى بولمىسا ھەسىلىمۇ بولمايدۇ-دە !

ھەسەلنى ئۇنچىۋالا سىرلىقلەشتۇرۇۋەتمەڭلا،

esma0999 كىم دەيدۇ ھەسەلنىڭ جىڭى يوق دەپ ، بىر تۇڭ ھەسەلنى بىر تال ھەرە چىچمايدۇ ، نەچچە ئون،نەچچە يۈز مىڭ ھەرە ، نەچچە يۈز ساندۇق ھەرە چىچىدۇ

ئاڭلىسام كۆك تاغ ھەسىلى بەك ياخشى ۋە بەك ساپكەن دەيدۇ

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 23:08:36

كۆۋرۈكباينىڭ پىكىرى توغرىمىكىن دەيمىنا!

يەنىلا جىگدە بىلەن قىچا ھەسىلى پەيزى. ئازقالدى دەڭلا، شاققىدە قېيىرغا چىقىپ 10كىلو قىچا ھەسىلى ئەپكىلىپ لەغمەنگە سېلىپ يەيمىز. چىقىدىغانلار ھايىت دەڭلا، نان-سۇ ئېلىۋېلىڭلا!  {:92:}  توخسۇن بىلەن قىزىل ئارلىقىدىكى بۈككىدە جىگدىلەردىكى ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ پوقى ئەر-ئايالغا دورا!

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 23:09:54

ئەرلەر ھەسىلى، ئاياللار ھەسىلى، چوكان-قىزلار ھەسىلى دېگەنلەرگە ھىچ ئۆزىمنى ئىشەندۈرەلمەي ئاۋارىمەن.

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 23:12:58

ئەلۋەتتە ياڭاقمۇ ئوكسىگىن چىقىرىدۇ ، لېكىن بىرلا ۋاقىتتا سىسىق پۇرايدىغان يەنە بىر خىل گازنىمۇ قويۇپ بېرىدۇ ، شۇڭا ياڭاق دەرىخىنىڭ قىشىغا بارساق بىر خىل سىسىق پۇرايدۇ .



ئەزەلدىنغۇ CCAV غا ئىشەنمەيىتتىم ، بۇدا كۈنى بىر خەن مۇتەخەسىس تەجرىبە قىلىپ مۇنداق يەكۇن چىقاردى : چوڭراق بىر تامچە (تەخمىنەن ئىشەك ھارۋىسىنىڭ چاقىغا بېكىتىدىغان شارەكچىلىك ) ھەسەلنى قول سۈرتىدىغان قەغەزگە تىمىتساق ، بەك ئتتىك يىيىلىپ ، سىڭىشىپ كەتكىنى ساختا ھەسەل(سۇ قوشۇلغىنى دېمەكچى ) ، جىڭ ھەسەل بولسا خىلى ئۇزۇنغىچە سىڭىپ كەتمەي تۇرىدىكەن ...

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 01:19:13

موشۇ سەئۇدىنىڭ‹‹ ئەلشىپاھ›› دەپ بىر ھەسلى بار موشۇ ھەسەل جىڭ ھەسەلمىكى دەيمەن !

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 02:30:40

ھەي، تاغلىقتا چوڭ بولغاچقا بەرەنگە، سەۋزىلەرنى قانداق تېرىپ قانداق ئىشلىتىشنى بىلگەن بىلەن، مىۋە-چىۋىلەردىن جىق خەۋرىم يوق، خۇددى ئانار دەرىخىگە يامىشىپ چىقىپ ئانار ئۈزۈپ يېدىم دېگەندەكلا پاراڭلارنى قىلىپ قويىمەن بەزىدە.



ياڭاق راستىنلا قىززىق دەرەخكەن ئەمسە. تەبئىتى ئىسسىق بولىدىغان ھەسەلمۇ بولارما؟ ئادەتتە ھەسەلنى تىبابىتىمىزدە مۆتىدىل دەيدىغۇ دەيمەن ھە؟



ھە راست، بىر ئىش ئېسىمگە كىلىپ قالدى. ھازىر ئۈرۈمچىدەك شەھەرلىرىمىزدە ماشىنا كىرا بىرىدىغان شېركەتلەرمۇ بارمۇ؟ بۇ تەرەپلەردە بەك كۆپ، ئادەتتىكى ماشىنىدىن تارتىپ يۈك ئاپتوموبىلىغىچە بار. خىلى جىق ئادەملەر بىر ئىكى كۈنلۈك ئىشلارغا شۇنداق كىرا ئىلىپ ئىشلىتىدۇ. ھەم ئەرزان توختايدۇ، ھەم يىپ-يىڭى، نوچى ماشىنىلار. ئېستىراخۇنىيەسى بولغاچقا سۇندۇرۇپ قويۇشتىنمۇ ئەنسىرمەيسىز. چوڭ يولدا 220 گە چىقىرىپ ماڭغاندا بىر ئاغىنىمىز، قوقاپ ئاران ئولتۇردۇم، سەن ئۆلسەڭ ئاتا-ئاناگ مەشەدە، مەن ئۆلسەم ئاتا-ئانام كىلەلمەيدىغان بىر يەردە، قىس بولدى دەپ.



ئۈرۈمچىدە شۇنداق شېركەتلەر يوق بولسا ۋاقتنى چىڭ تۇتۇپ شۇنداق ئىشلانرى قىلىپ قويساڭلار بولامدىكىن دەيمەن، كەلگۈسىدە خىلى پۇل تاپقىلى بولارمىكىن. ماشىنىنى سېتۋالماي چوڭ شېركەتلەردىن ئارىيەت ئىلىپ ياكى بۆلۈپ تۆلەپ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ ھەقىچان. (مۇناسىۋەتسىز بولۇپ قالدى، ئۆزۈرلەر)

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 05:14:44

ھەسەلگە شۇنداق ھەۋىسىم باتى، ئوقۇۋاتقىنمدا ھەر ماڭغىنىمدا باشقا نەرسە ئالمىسىاممۇ 3-5 كىلو ھەسەل ئېلىۋالاتتىم. ئاتايىن ھەسەل باقىدىغانلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئالغان «جىڭ»ھەسەللەر كۆپ ئۆتمەيلا سۇسىزلىنىپ قالاتتى، شەرقىي شىمالنىڭ سوغۇقىدا بىر قىشنى ئۆتكۈزسىغۇ كۈچىيىپ باشقىچە پۇراقلارمۇ پەيدا بولۇشاتتى.

ئالدىنقى يىل ئوماندا ئالامەت نوچى ھەسەلگە ئېغىز تەگدىم، بەئەينى ھەرىنىڭ چوڭراق پوقىنى قومۇرۇپ ئەكەلگەندەكلا ھەرە كۆنىگىسىدەك گىرەلەشمە شەكىلدە يېيىلغان، ئۆزگىچە سۈزۈك ھەم سەل قېتىشقان بىر ھالدا، ۋېلكىدا يېيشكىمۇ ئەپلىككەنتۇق.

يۇرتنىڭ ھەسەللىرىدىن يانتاق ھەسىلى بىلەن جىگدە ھەسلى بەك ياخشى بىلىنگەن، گاڭپەننى تولا يەپ ئاشقازىنى بۇزۇلغاندا، يامغۇرلۇق، نەم يەرلەردە تولا يۈرۈپ سوغۇق ئېشىپ قالغاندا يەب بەرسە ئوبدان مەنپەئەت قىلىدىكەن. سۈت ئىچسە سوغۇق كېلىدىغانلارمۇ ئىللاتقان سۈتكە ھەسەل قويۇپ ئىچسە ياخشىكەن، ئىچىنىمۇ سۈرمەيدۇ ئالدىراپ. ياۋروپا تەرەپلەردە ھە قاچان بۇنداق ھەسەللەر ئاسان تېپىلمايدۇ، ئافرىقىنىڭ شۇنداق ھەسەللىرى بارمىكىن بەلكىم.

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 08:01:26

16- قەۋەتتىكى oghuzkbنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەي، تاغلىقتا چوڭ بولغاچقا بەرەنگە، سەۋزىلەرنى قانداق تېرىپ قانداق ئىشلىتىشنى بىلگەن بىلەن، مىۋە-چىۋىلەردىن جىق خەۋرىم يوق، خۇددى ئانار دەرىخىگە يامىشىپ چىقىپ ئانار ئۈزۈپ يېدىم دېگەندەكلا پاراڭلارنى قىلىپ قويىمەن بەزىدە.



ياڭاق راستىنلا قىززىق دەرەخكەن ئەمسە. تەبئىتى ئىسسىق بولىدىغان ھەسەلمۇ بولارما؟ ئادەتتە ھەسەلنى تىبابىتىمىزدە مۆتىدىل دەيدىغۇ دەيمەن ھە؟



ھە راست، بىر ئىش ئېسىمگە كىلىپ قالدى. ھازىر ئۈرۈمچىدەك شەھەرلىرىمىزدە ماشىنا كىرا بىرىدىغان شېركەتلەرمۇ بارمۇ؟ بۇ تەرەپلەردە بەك كۆپ، ئادەتتىكى ماشىنىدىن تارتىپ يۈك ئاپتوموبىلىغىچە بار. خىلى جىق ئادەملەر بىر ئىكى كۈنلۈك ئىشلارغا شۇنداق كىرا ئىلىپ ئىشلىتىدۇ. ھەم ئەرزان توختايدۇ، ھەم يىپ-يىڭى، نوچى ماشىنىلار. ئېستىراخۇنىيەسى بولغاچقا سۇندۇرۇپ قويۇشتىنمۇ ئەنسىرمەيسىز. چوڭ يولدا 220 گە چىقىرىپ ماڭغاندا بىر ئاغىنىمىز، قوقاپ ئاران ئولتۇردۇم، سەن ئۆلسەڭ ئاتا-ئاناگ مەشەدە، مەن ئۆلسەم ئاتا-ئانام كىلەلمەيدىغان بىر يەردە، قىس بولدى دەپ.



ئۈرۈمچىدە شۇنداق شېركەتلەر يوق بولسا ۋاقتنى چىڭ تۇتۇپ شۇنداق ئىشلانرى قىلىپ قويساڭلار بولامدىكىن دەيمەن، كەلگۈسىدە خىلى پۇل تاپقىلى بولارمىكىن. ماشىنىنى سېتۋالماي چوڭ شېركەتلەردىن ئارىيەت ئىلىپ ياكى بۆلۈپ تۆلەپ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ ھەقىچان. (مۇناسىۋەتسىز بولۇپ قالدى، ئۆزۈرلەر)



ئۈرۈمچىدە ئۇنداق شىركەتلەر بار. ئاقسۇدىمۇ بار. ئىجارىسى  تاكسىى ئىجارىسىدىن قىممەتراق ئىكەن.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 11:00:12

يۇرتىمىزدىكى ھەسەللەر كۆپىنچە ئىسسىق بولىدۇ. بۇرۇنقى تېۋىپلار ھەسەلنى قۇرۇق ئىسسىق دەپ قارىغان.

لېكىن بىلىشىمىزچە بەزى ھەسەللەر سوغۇق بولۇشى مۇمكىن،مەسىلەن چىلان،لوپنۇر كەندىرى دېگەندەكلەرنىڭ ......

يەنە قۇرۇق ۋە ئىسسىق رايونلارنىڭ ھەسەللىرى ھۆل ۋە سوغۇق رايوندىكى ھەسەللەرگە قارىغاندا ئىسسىق بولۇشى مۇمكىن.

بەلكىم ھەسەل ئۆزى بىر جەۋھەر بولغاچقا ئىشلىنىش جەريانىدا سوغۇقلۇقى ئىسسىقلىققا ئۆزگىرىشىمۇ ھەم مۇمكىن.
بەت: [1] 2
: ھەسەلنى پەرقلەندۈرۈش ھەققىدە