tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 11:10:03

يەنە تېۋىپلار ياڭاق دەرىخى ئاستىدا سايىداشنى ۋە ئۇخلاشنى مەنئى قىلغان .

daduiyjang يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 16:43:51

يەنىلا ئاناتىل شىركىتىنىڭ كۆكتاغ ھەسىلى بەك ياخشىكەن

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 18:04:44

مەنمۇ ھەسەلنى سۇغا ئارىلاشتۇرغاندا ئارىلاشماي چۆكىۋالغىنىنىڭ ياخشى ھەسەل بولىدىغىنىنى بىلىدىكەنمەن. ئاندىن يېڭىدىن سېتىۋالغاندا سۇيۇق ھالەتتە بولۇپ، ئاغزىنى ئېچىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن قويۇقلىشىۋالغىنىمۇ ساختا ھەسەل. توغرىدۇ؟

ئوغۇزنىڭ ئۇچۇرىغا قوشۇمچە قىلىپ قوياي:

يېڭى زېلاندىيەنىڭ مانۇكا ھەسىلى «دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ھەسەل» دەپ تەرىپلەنگەن. باھاسى ئادەتتە ھەسەلنىڭ (UMF-(Unique Manuka Factor مانۇكا فەكتورى قىممىتىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەنلىكى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. تۆۋىنى 5+ تىن تارتىپ، ئەڭ يۇقىرىسىغا چىققىنى 20+ بولىدىكەن، شۇنىڭ  250 گراملىق بىر قۇتىسى 50 يېڭى زېلاندىيە دوللىرى، يەنى 260 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ.

زەھەردەك قىممەت بىر ماركا بار، سىز قارىغاندا شۇنى ئېلىپ قالغان ئوخشايسىز، دېمىسىمىغۇ ئېكىسپورتقا ئەڭ ئالدى بىلەن شۇ ماركا ماڭىدۇ، ئۈرۈمچىدە تەڭرىتاغ تۈرلۈك ماللار سارىيىدىمۇ باركەن. يەنى ئوخشاش UMF قىممىتىدىكى ھەسەل مۇشۇ ماركىدا بولۇپلا قالسا ئىككى يېرىم ھەسسە قىممەت.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 21:52:58

18- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

16- قەۋەتتىكى oghuzkbنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەي، تاغلىقتا چوڭ بولغاچقا بەرەنگە، سەۋزىلەرنى قانداق تېرىپ قانداق ئىشلىتىشنى بىلگەن بىلەن، مىۋە-چىۋىلەردىن جىق خەۋرىم يوق، خۇددى ئانار دەرىخىگە يامىشىپ چىقىپ ئانار ئۈزۈپ يېدىم دېگەندەكلا پاراڭلارنى قىلىپ قويىمەن بەزىدە.



ياڭاق راستىنلا قىززىق دەرەخكەن ئەمسە. تەبئىتى ئىسسىق بولىدىغان ھەسەلمۇ بولارما؟ ئادەتتە ھەسەلنى تىبابىتىمىزدە مۆتىدىل دەيدىغۇ دەيمەن ھە؟



ھە راست، بىر ئىش ئېسىمگە كىلىپ قالدى. ھازىر ئۈرۈمچىدەك شەھەرلىرىمىزدە ماشىنا كىرا بىرىدىغان شېركەتلەرمۇ بارمۇ؟ بۇ تەرەپلەردە بەك كۆپ، ئادەتتىكى ماشىنىدىن تارتىپ يۈك ئاپتوموبىلىغىچە بار. خىلى جىق ئادەملەر بىر ئىكى كۈنلۈك ئىشلارغا شۇنداق كىرا ئىلىپ ئىشلىتىدۇ. ھەم ئەرزان توختايدۇ، ھەم يىپ-يىڭى، نوچى ماشىنىلار. ئېستىراخۇنىيەسى بولغاچقا سۇندۇرۇپ قويۇشتىنمۇ ئەنسىرمەيسىز. چوڭ يولدا 220 گە چىقىرىپ ماڭغاندا بىر ئاغىنىمىز، قوقاپ ئاران ئولتۇردۇم، سەن ئۆلسەڭ ئاتا-ئاناگ مەشەدە، مەن ئۆلسەم ئاتا-ئانام كىلەلمەيدىغان بىر يەردە، قىس بولدى دەپ.



ئۈرۈمچىدە شۇنداق شېركەتلەر يوق بولسا ۋاقتنى چىڭ تۇتۇپ شۇنداق ئىشلانرى قىلىپ قويساڭلار بولامدىكىن دەيمەن، كەلگۈسىدە خىلى پۇل تاپقىلى بولارمىكىن. ماشىنىنى سېتۋالماي چوڭ شېركەتلەردىن ئارىيەت ئىلىپ ياكى بۆلۈپ تۆلەپ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ ھەقىچان. (مۇناسىۋەتسىز بولۇپ قالدى، ئۆزۈرلەر)



ئۈرۈمچىدە ئۇنداق شىركەتلەر بار. ئاقسۇدىمۇ بار. ئىجارىسى  تاكسىى ئىجارىسىدىن قىممەتراق ئىكەن.

نەدە باركەن؟ ىىريەرلەرگە ئۈستۈرۈپ بۇزۇپ سالساق تۆلەيدىغانغا ئىستىراخۇنىيەسى بارمىدۇ؟


ئىزدىنىش شۇنچە ئۇزۇن ئېچىلماي يەنە ئۆز پېتى ئېچىلىپتۇ، توۋا.............


مەن تېخى سېستىما يېڭىلاپ تېلغون نۇسخىسىنىمۇ ئېلان قىلامدىكىن دەپتىكەنمەن

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 03:44:49

24- قەۋەتتىكى tilmixنىڭ يازمىسىدىن نەقىل






ئىزدىنىش شۇنچە ئۇزۇن ئېچىلماي يەنە ئۆز پېتى ئېچىلىپتۇ، توۋا.............


مەن تېخى سېستىما يېڭىلاپ تېلغون نۇسخىسىنىمۇ ئېلان قىلامدىكىن دەپتىكەنمەن




ئىزدىنىشنىڭ يانفون نۇسخىسى مۇنبەر تاقىلىشتىن بۇرۇنلا بار ئىدى.


بۇ يەردىن كىرىڭ:


m.izdinix.com

بەت: 1 [2]
: ھەسەلنى پەرقلەندۈرۈش ھەققىدە