ھەممەيلەنگە تېنچ-ئامانلىق يار بولسۇن. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
كۈندە نەچچە ئېچىپ قاراپ بېقىپ يۈرەتتىم.
ئاخىرى ئېچىلىپتۇ. بىرەر نوچى تېما سەۋبلىك موللاق ئاتچان چاغۋا دەپتىمەن...ھەنىم بولسا ئەسسالامۇئەلەيكۇم باغداش چىگرىسىدىكى مۇساپىرلار لاگىرىدىن چىقمىغانلار يوقتۇ باللار؟ باغداشقا كىرىپ باقسام « بۇ يەرنىڭ سەھىرى جىمجىت » بولۇپ قاپتۇ. ئىزدىنىشنى سېغىنىپ يۇرگەن كۈنلەردە باشقا يەرلەردىمۇ مۇنبەرنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغانىدىم. ئىچىلدى دىگىلىمۇ خېلى كۈنلەر بولدى بۈگۈن ئاران ئاچتىم دىسە. تېما ئىنكاس يازمىساممۇ كۆرۈپ، ئارلاپ يۈرسەممۇ خۇش بۇلۇپ، كۆڭلۈم يايراپ قالاتتى. ياخشى بۇپتۇ مانا ئەمدى. @abdulehed@ قارىم يوقلىمىدىن ئۆتمەپتۇيا؟ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئالدىنقى ھەپتە ئاچسام discuzنىڭ مۇنبىرىدەك بىر مۇنبەر ئىچىلغانتى، ھەر نىمە بولسا يىڭى مۇنبەرگە كۆچۈپتۇ دەپ تىما كۆرەي دەپ تۇرسام يەنە ئىچىلمىغانتى، بۈگۈن يەنە كونا پىتى ئىچىلىپتىغۇ. ئەسسالامۇئەلەيكۇم جامائەت.
{:92:} {:92:} ئاخىرى ئېچىلىپتۇ ھە. ئېچىلامدۇ دەپ قاراپ باقسام ئېچىلىپ قالدى.
ئۆز ئۆيۈمنىڭ بوشلىقى، پۇت-قولۇمنىڭ خوشلىقى!
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئوتتۇز ئوغۇل،تۇققۇز قىز.
لېكىن ئېچىلىش سۈرئىتى ئاتتەك تېزلىشىپ كېتىپتۇ .سىلەرنىڭمۇ شۇنداقمۇ يا ؟
104- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
باغداش چىگرىسىدىكى مۇساپىرلار لاگىرىدىن چىقمىغانلار يوقتۇ باللار؟ باغداشقا كىرىپ باقسام « بۇ يەرنىڭ سەھىرى جىمجىت » بولۇپ قاپتۇ.
جەڭچىلەر بازىغا قايتىپ كەلدى-دە!
باغداشقا بىر نەچچە كىرگەن
بەك تىللاپ كىتىپتىكەنسىلەر ئىزدىنىشنى
ئەمدى قوپۇپ بۇنداق دەيدىغان گەپ دەڭلا {:92:}
ھىم
چاقچاق چاقچاق بولسا
بىر مۇنبەردە يەنە بىر مۇنبەر توغرىسىدا يامان بىر نىمە دىمىسەك
مۇنبەرلەرنىڭ تۇتقان يولىمۇ،شۇنىڭغا بېقىپ ئەزالىرىمۇ ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ.
سەن نىمە قىلدىڭ مەن نىمە قىلىمەن دىيىشمۇ بەكلا زورىغا بولۇپ قالىدۇ. يوۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋ.............
ئىزدىنىش ئېچىلىپتۇ-ھە........... ئەسسالام جامائەت، مەن كەلدىم ! ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم جامائەت،مەنمۇ كەپ قالدىمغۇ كەچ بولسىمۇ،سالامەت تۇرۇپسىلەر.خۇداغا شۈكىرى ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ئىزدىنىش ئەھلى! شۇنداق قىلىپ مەھەللىمىزنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىپتۇ دە.... ئېچىلىغىنىغا ئىشەنمەي نەچچە رەت قايتا قايتا ئېچىپ باقتىم.... كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم جۇمۇ.... قېنى مەھەللىنى بىر چۈرگىلەپ چىقاي... ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى، دىدار غەنىمەت!