Estami يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 09:25:45

ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم



قايتا ئېچلىشغا مۇبارەك بولسۇن ،شۇ ما بايەندە بۇ مۇنبەر ئۈچۈن تىرشىقان ھەر قايسى دوسىتلىرىمزىغا رەھىمتىمىنى بىلدۈرىمەن . جاپا چەكتىڭلار .


alip يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 09:27:03

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.

مۇنبەر سىستېمىسنى باشقىسىغا يۆتكەيمىز دېگەندەك قىلىۋاتاتتى، سانداننى دىسكازنىڭكىگە ئايلاندۇرۇشقا پۇل خەجلەشنى خالىماپسىلەر-دە

hebib يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 09:36:50

ئېچىلغىنى ياخشى بولدى.

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 09:38:07

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جامائەت، جايلىرىغا ئورۇنلىشىۋالدىلىما؟ كىگىزدە ئولتۇرۇپ قالغانلار ياكى كۆرپىنىڭ پاختىسى نىپىز يېرىدە ئولتۇرۇپ قالغانلار ۋاقتىدا مەلۇم قىلغايسىلەر.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 09:40:43

58- قەۋەتتىكى radiofanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

48- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىزدىنىشتىكى كونا بىرىنىڭ ئەتىكى تويىنى تەبرىكلىگەندەك ئېچىلىپتۇ بۇ ئىزدىنىش.

شۇنداقراق تۇرىدىغۇ ، ئاڭلىسام ، جاللات بۇگۇن (يەكشەنبە ) توي قىلىدىغان بولاپتۇ ...


ئەتىگەندە يامغۇر يېغىۋاتاتتى ...


سىللىمۇ يوقاپ كەتمەي پات پات كەپ تۇسىلا قۇتلانكا ...



كۆزگە كۆرۈنگەن  ئەدىبە رىزۋانگۈل يۈسۈپ بىلەن تويى بولىدۇ.




ئىزدىنىشنىڭ ئېچىلمىغان كۈنلىرىدە ئىزدىنشتىكى بالىلارنىڭ زور كۆپ قىسمى ئالىپ ئەپەندى قۇرغان ئىزدىنىشنىڭ سىكايپى توپىدا ھال مۇڭ بولىشتى. بۇ توپنى بىلمەيدىغانلار ئالىپ ئەپەندىگە ئىلتىماس قىلىپ قوشۇلىۋىلىڭلار، بۇ توپتا پىنيىنچەيەي، ئۇلايچىيەي دەپ جاپا تارتىپ ئولتۇرماي، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ھوزورىنى ھەقىقىي سۈرىسىزلەر.

kadir7448 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 09:41:20

ئۇلىنىشتىن كۈندە بىر ياكى ئىككى قېتىم كىرىمەن، يوق

بۈگۈن ھەنىم بولسا ئېچىلىپتۇ

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 09:43:36

مەن نەچچە كۈندىن بېرى كۈندە دىگۈدەك ئېچىپ كەلدىم بىرەر ئاي داۋاملاشتۇرۇپ ئېچىپ ئېچىلمىغاندىكىن قەيدەپ ئاچمىغانتىم تۈنۈگۈنئېچىپ باقسام ئېچىلىپ كىرگىلى بولمىغانتى بۈگۈن نورماللىشىپتۇ.

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 11:31:20



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 11:56:50

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 12:15:13

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم جامائەت،پېقىر گۇيتارفەندىن ھەرقايسىلىرىغا سېغىنىشلىق سالام.تېچ تۇرۇشلا......

toghrak731 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 12:16:28

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.

تىچ ئامان تۈرۈشقانلا!

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 12:22:18

ھەممىڭلار باكەنسىلە ... ھەنىم بوسا.



شىئېرغا ئۆزىنى ئاتاپ تەركى-دۇنيا بولماقنى ئىستىگەن جاللاتنى پەيلىدىن ياندۇرۇپ، قانلىق قېلىچىنى تاشلاتقۇزغان قايسى مەلىكە زاتى مۇبارەكتۇ-ئۇ ؟ مۇبارەك بولسۇن !

Batush يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 12:34:39

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جامائەت .

ئىزدىنىش نىڭ ئېچىلغانلىقىدىن بەك خوش بولدۇم .

قارىسام ، ماۋۇ ئىزدىنىشنىڭ مۇلازىمىتىرىنىڭ سۈرئىتى خىلى يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەندەك قىلىدىيا ؟

تىمىلارنى ئاچسا شاپ -شۇپ قىلىپلا ئېىچلىپ تۇرىدۇ.

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 13:02:21

ھەقاسىڭلار تىنچ تۇردۇڭلىمۇ؟؟

ئېتىزىدىن ھىرىپ كەلگەندە ،خوتۇن بىلەن قىزىرىشىپ قالغاندا ،مۇشۇ ئىزدىنىشتىكى بالىلار بىلەن سۇقۇشۇپ ،تىللىشىپ ئەدىۋىمنى يەپ تۇرۇشمۇ  مەن ئۇچۇن بىر ھۇزۇر بۇلۇپ قاپتىكەن ،خلى ۋاقىتلارغىچە ئىزدىنىشىنى مۇنبىرىنى چىكىپ يۈردۈم ،توۋۋا دەپ كىتىمەن پەرى ئالدىقى قېتىم ئاپىسىنىڭ ئۆيگە يامانلاپ كېتىپ 15كۇن يېتىۋالغاندا سىغىنىپمۇ قويماي كۇندە بالىلار بىلەن ماجاڭ ئويناپ ،كۇرىت ئويناپ يۈرسەم پەرى ئۇزى يېنىپ كەلگەن يۈزىنى داپتەك قىلىپ سەت ھىجاراپ ،،،لېكىن بۇ قېتىم ئىزدىنشىتىن ئايرىلىپ قىلىپ بەكلا ئېغىر كەلدى ،،،كۈڭلۈم بىر قىسىملا ..كۇندە بىر سوملۇق موخۇركا چېكىدىغان بولۇپ كەتتىم ھال -مۇڭ ئېيتىشىدىغان ئادەم يۇق ،مەھەللىدىكى بالىلارغا دەرد -ئەلەمنى ئېيتقىلى بولمىسا يا،،،ئۇ گۇيلارغا قىز بالا ،ھاراق ،شارابتىن باشقىنىڭ گىپى تىتىمايدۇ .........  {:92:}

koktikin يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 13:29:05

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام سالام يوللىغان بارلىق جامائەت . قايتا جەم بولغىنىمىزغا بەك خوش بولدۇم .

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇندىن كىيىن ئىزدىنىشقا كىردىغان جامائەت .

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 13:48:32

ئىزدىنىش تاقاق مەزگىللەردە مەرىكە قىلغانلار بولساڭلار دەۋىتىڭلار، قۇرۇق بولسىمۇ تەبرىكلەيلى \"\"

uzchi يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 14:09:03

توغراققا .... باشقا گەپ تىتىمايدۇ ... ئانداق ئىشلار بولسا تىزىملىكتىن چىقىرۋىتىدىغان گەپ . شۇڭا مەرىكە قىلغانلار دەپ قويۇڭلار

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 14:27:25

77- قەۋەتتىكى uzchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

توغراققا .... باشقا گەپ تىتىمايدۇ ... ئانداق ئىشلار بولسا تىزىملىكتىن چىقىرۋىتىدىغان گەپ . شۇڭا مەرىكە قىلغانلار دەپ قويۇڭلار



سۈننەت توي، بۈشۈك تويمۇ مەرىكىغۇ ھوي تۇزچى؟!

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 14:40:48

جاللاتنىڭ تويىغا مۇبارەك

ئاندىن مۇنبەر ئۈچۈن جاپا چەككەنلەرگە ھازىرچە قۇرۇق رەھمەت، دۇكان تەرەپكە ئۆتكەندە زەپە چاي.

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 14:47:36

قاتادىن قالغىچە خاتادىن قال دەپتىكەن، مەنمۇ ئەل قاتارى جامائەت بىلەن بىرمۇ -بىر قول ئېلىشىپ كورىشىۋېتەي. خۇداغا شۇكرى ! مەنمۇ ئىزدىنىش ئېچىلماي گاڭگىراپ قالغاننى دىمىگەندە ، يامان ئەمەس كېتىپ بارىمەن.
بەت: 1 2 3 [4] 5 6 7 8 9
: قېنى ھەقاسىللىرى؟