ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر!
راسلا كۆزۈمدىن ئۇچتى جۇمۇ بۇ ئىزدىنىش، نەچچە ۋاقتىن مېھمان سۈپىتىدە يوقلاپ تۇراتتىم، غەيرەتكە كېلىپ ئەزا بولسام نەچچە كۈندىن كېيىنلا ئېچىلماس بولدى بۇ مۇنبەر........مېنىڭ ئايىقىم ياراشمىغان ئوخشايدۇ دەپ قايغۇرۇپ كېتىپتىكەنمەن، ھەرنىم بولسا ساق-سالامەت تۇرۇپتۇ!

ئۇزۇن بوپتىكەن باشقا مۇنبەرلەرنىمۇ ئارىلىمىغىلى، جىق ئۇچۇرلاردىن بىخەۋەر قالدىم ھەقىچان..........خەپ ئىزدىنىش!!!!

ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم،ھە،باركەنمەن_دە! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت،ھەممىڭلارغا ئاللاھنىڭ بەركىتى،ئامانچىلىقى بولسۇن! مەنمۇ كەمپىرىمنى باشلاپ ئولانبايدىكى قورايىمغا چىقىپ،كۈندە كالا سېغىش ماشىنىسى بىلەن ئىككى ۋاق كالا سېغىپ، خام قايماق بىلەن ئوخشىتىپ ئەتكەن چاي ئىچىپ،شۇ قورادىكى كالا قويلارغا يەم سەپ،توغۇلغان قوزا،ئوغلاقلارغا قاراپ شاتلىنىپ.قورا ئىچىدىكى ئېتىزىمغا پەمىدۇر.كۆكمۇچ.ۋە ھەر خىل كۆكتاتلارنى تېرىپ،نەق ئونبەش كۈننى توشتۇرۇپ،بۈگۈن بۇ كومپىيۇتىرنىڭ ئالدىغا كەپ ئەمدى ئولتۇرۇپ،ئىزدىنىشنى ئېچىپ باقايچۇ دەپ ئاچسام ،ئاللاغا شۇكرى ئېچىلىپتۇ.خۇرسەن بولدۇم.ئۈمىدۈم:ئەمدى تاقالماي-تاقىلىپ قالماي مۇنبەر مۇلازىمىتى مېڭىپ تۇرغاي!!! ياۋۋۋۋ....ئىزدىنىشمۇ ماۋۇ ؟ دىدارىڭلىنىمۇ كۆرگىلى بولىدىكەن ھە ، كېلىڭلا بېشىڭلىدىن ياغاچ ئوشتىۋىتەي ، ئۆي ئىچى تىژلىقتۇ ؟ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قېرىنداشلار! ئاخىرى ئىچىلىپتۇ ھە شۇپىتى.. خۇددى ئىزدىنىش ئىچىلماي چۈش كۆرۈپ، ئاندىن چۈشتىن ئويغانغاندەكلا..
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئىزدىنىش ئاخىرى ئېچىلىپتۇ، تونۇش-بىلىشلەردىن تولىمۇ سوراپ كەتتىم. ئۇلارمۇ بىردەك ئۇقمايمىز دەيدۇ. ئۇ بۇ مۇنبەردە بىلىك، تۇماقلارنى ئۇچراتتىم. لېكىن ئىزدىنىشتە كۆپچىلىك بىلەن ئۇچرىشىش ھەقىقەتەن كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. مۇشۇ بىلىكنىڭ بارلىق يازمىلىرىنى سۈپەتلىك قىلىپ Pdf قىلىپ ئىشلەپ چىقساق تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بولاركەن. بىر-بىرىدىن ئېسىل يازمىلارنى يوللاۋاتىدۇ. ۋاي بىز بار دەيمەن.كۈندە نەچچە رەت يوقلاپ بۇ مۇنبەرنى يۈرۈپلا كەتتۇق.ھەممىنڭلا ئامان بولۇڭلا،قېرىنداشلا. ھەپتە ئون كۈندە بىر ئېچىپ قالاپ باقىتۇق، مانا بۈگۈن ئېچىلىپ قالدى، مۇبارەك بولسۇن ئىزدىنىشقا!!! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جامائەت! ئاخىرى ئېچىلىپتىغۇ ما كاساپەت! ۋاقىتسىز تاقىلىپ قالغاندىن بېرى كۆڭلۈم يېرىم بولغان، باشقا ئۇيغۇرچە مۇنازىرە بەتلىرى تۇزسىز تاماقتەك تېتىمىغان ئىدى، ھەرنېم بولسا ئېچىلىپتۇ، بەكلا خۇش بولدۇم.

ئىنكاسلىرىمنى كۇرۇپ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت.. ئەسسالامۇئەلەيكۇم قايداق ئەھۋالىڭلار تنىچ ئامان تۇرغانسىلەر ھىجرەت قىلغانلارمۇ قايتىپ كىلەسىلە باشقا مۇنبەرگە ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم! ھەممىڭلار تىنچلىق ئوبدان تۇرۇشۇپسىلەر!؟ ئەسسالامۇئەلەيكۇم جامائەت !!
ئاخىرى ئىچىلىپتۇ ، مۇبارەك بولسۇن !!