ilimzada يوللانغان ۋاقتى 2013-2-28 00:20:30

ئۇيغۇرلاردىكى سوپىزىم ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار دىننىي ئادەتلەر توغرىسىدا ياردەم سور

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،


    دوكتۇرلۇق ماقالەم ئۇيغۇرلاردىكى سوپىزىم ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار دىننىي ئادەتلەر مەزمۇن قىلىنغان تىما ئىدى. شۇڭلاشقا ماقالە يېزىشتىن بورۇنقى دالا تەكشۈرۈش ۋە بىرىنچى قول ماتىرىياللارغا ئېرىشىش مەقسىتىدە دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى پىلان قىلىۋاتىمەن. ئۇيغۇرلاردىكى سوپىلار جايلاشقان جايلار بىر قەدەر تارقاق ۋە چەت، ئولار بىلەن ئۇچرىشىش ۋە ئالاقە قىلىش بىر ئاز قىيىن، قولايسىز بولغاچقا، شۇنداقلا بۇ ھەقتە كەڭ ۋە ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئىستىكىنىڭ تۈرتكىسى كەڭ تورداشلارغا مۇراجەت قىلىشقا توغرا كەلدى. ئەلۋەتتە بۇ تېمىنىڭ چىقىش نوقتىسى ئولارنى دىن ۋە مەدەنىيەت نوقتىسىدىن ئانالىز قىلىشتۇر. ئولارنىڭ ماھىيىتى ۋە تارىختا ئارتقۇزغان ھەرخىل تەسىرلىرى ھەققىدە ئىلمىي مەيداندا تورۇپ باھا بېرىشتۇر.


    ئاللاھ خالىسا 4 – ئاينىڭ باشلىرى قومۇل، پىچان، تۇرپان، ئىلى، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈش قىلىشنى باشلىماقچىمەن. بەزى جايلارنىڭ ئىنچىكە ئەھۋالى ۋە كونكىرىت جۇغراپىيەسى بىلەن ئانچە تونۇشلۇقۇم بولمىغاچقا، تەكشۈرۈش داۋامىدا بەزى ئارتۇقچە يول ۋە بىھۇدە سەرپ قىلىۋېتىش، تەكشۈرۈشنىڭ ئۈنۈمسىز بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەكشۈرۈشتە كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىش، كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشىش، تەكشۈرۈشنى ئەتراپلىق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ھەرقايسى جايلاردىكى تورداشلارنىڭ ياردىمىگە ئىھتىياجلىقمەن. دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بۇ تەكشۈرۈش پائالىيىتىگە ياردەم بېرىشنى، ئالاقىدار ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشنى، كىرەكلىك مەسلەھەت، تەكلىپ ۋە كۆرسەتمە بېرىشنى خالايدىغان بۇرادەرلەرنىڭ تۆۋەندىكى ئىلخەت ئادرىسىمغا -   ablattug@gmail.com ئىسىمى، يۇرتى ( ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، بولسا كەنتلەرگىچە)، ئالاقىلىشىش نومۇرلىرى ۋە قايسى دائىرىدە ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر يېزىۋەتسە، مەن ھەربىر يۇرتقا مېڭىشتىن بورۇن مۇشۇ بۇرادەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئولار بىلەن شۇ يۇرتتا قىلىنماقچى بولغان تەكشۈرۈش ئۈچۈن پىكىرلىشىمەن شۇنداقلا ياردەملىشىشنى خالايدىغانلارغا ئولار تۇرغان يۇرتتىكى تەكشۈرۈش نوقتىلىرىم ۋە ئېرشمەكچى بولغان ئۇچۇرلىرىم ھەققىدە تەپسىلى جاۋاپ يازىمەن. ئەگەر خالايدىغانلار بولسا تەكشۈرۈش نوقتىلىرىغا ۋە ئوبيكىت قىلىنغان شەخىسلەر بىلەن سۆھبەتلىشىشكە مەن بىلەن بىللە بارساڭلارمۇ بولىدۇ. بۇ تەكشۈرۈش سوپىزىمنى نوقتا قىلغان تەكشۈرۈش بولغان بىلەن، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە مۇناسىپ دىققەت – ئېتىبارىنى قاراتقان بىر تەكشۈرۈش بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئېرىشىدىغان ھاسىلات خۇدايىم بۇيرۇسا خېلى مول بولىدۇ دەپ قارايمەن.


    كەڭ تورداشلارنىڭ بۇ قېتىملىق دالا تەكشۈرۈشكە ياردەمدە بولۇشنى، ئالاقىدار ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشىنى، كۆپچىلىكنىڭ بۇ ئىش ئۈچۈن ئىمكانىيىتى بولسا بىر ئاز كۈچ چىقىرىشىنى، كۆڭۈل بۆلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. خىي`ري بۇ ھەقتە باشقا ياخشى تەكلىپ ۋە تەلەپلەر بولسا، ئىلخەت ئادرىسىمغا يازساڭلارمۇ بولىدۇ.

chilan يوللانغان ۋاقتى 2013-2-28 01:46:56

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،

  دوكتۇرلۇق ماقالەم ئۇيغۇرلاردىكى سوپىزىم ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار دىننىي ئادەتلەر مەزمۇن قىلىنغان تىما ئىدى. شۇڭلاشقا ماقالە يېزىشتىن بورۇنقى دالا تەكشۈرۈش ۋە بىرىنچى قول ماتىرىياللارغا ئېرىشىش مەقسىتىدە دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى پىلان قىلىۋاتىمەن. ئۇيغۇرلاردىكى سوپىلار جايلاشقان جايلار بىر قەدەر تارقاق ۋە چەت، ئولار بىلەن ئۇچرىشىش ۋە ئالاقە قىلىش بىر ئاز قىيىن، قولايسىز بولغاچقا، شۇنداقلا بۇ ھەقتە كەڭ ۋە ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئىستىكىنىڭ تۈرتكىسى كەڭ تورداشلارغا مۇراجەت قىلىشقا توغرا كەلدى. ئەلۋەتتە بۇ تېمىنىڭ چىقىش نوقتىسى ئولارنى دىن ۋە مەدەنىيەت نوقتىسىدىن ئانالىز قىلىشتۇر. ئولارنىڭ ماھىيىتى ۋە تارىختا ئارتقۇزغان ھەرخىل تەسىرلىرى ھەققىدە ئىلمىي مەيداندا تورۇپ باھا بېرىشتۇر.

  ئاللاھ خالىسا 4 – ئاينىڭ باشلىرى قومۇل، پىچان، تۇرپان، ئىلى، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈش قىلىشنى باشلىماقچىمەن. بەزى جايلارنىڭ ئىنچىكە ئەھۋالى ۋە كونكىرىت ‎جۇغراپىيەسى بىلەن ئانچە تونۇشلۇقۇم بولمىغاچقا، تەكشۈرۈش داۋامىدا بەزى ئارتۇقچە يول ۋە بىھۇدە سەرپ قىلىۋېتىش، تەكشۈرۈشنىڭ ئۈنۈمسىز بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەكشۈرۈشتە كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىش، كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشىش، تەكشۈرۈشنى ئەتراپلىق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ھەرقايسى جايلاردىكى تورداشلارنىڭ ياردىمىگە ئىھتىياجلىقمەن. دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بۇ تەكشۈرۈش پائالىيىتىگە ياردەم بېرىشنى، ئالاقىدار ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشنى، كىرەكلىك مەسلەھەت، تەكلىپ ۋە كۆرسەتمە بېرىشنى خالايدىغان بۇرادەرلەرنىڭ تۆۋەندىكى ئىلخەت ئادرىسىمغا -  ablattug@gmail.com ئىسىمى، يۇرتى ( ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، بولسا كەنتلەرگىچە)، ئالاقىلىشىش نومۇرلىرى ۋە قايسى دائىرىدە ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر يېزىۋەتسە، مەن ھەربىر يۇرتقا مېڭىشتىن بورۇن مۇشۇ بۇرادەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئولار بىلەن شۇ يۇرتتا قىلىنماقچى بولغان تەكشۈرۈش ئۈچۈن پىكىرلىشىمەن شۇنداقلا ياردەملىشىشنى خالايدىغانلارغا ئولار تۇرغان يۇرتتىكى تەكشۈرۈش نوقتىلىرىم ۋە ئېرشمەكچى بولغان ئۇچۇرلىرىم ھەققىدە تەپسىلى جاۋاپ يازىمەن. ئەگەر خالايدىغانلار بولسا تەكشۈرۈش نوقتىلىرىغا ۋە ئوبيكىت قىلىنغان شەخىسلەر بىلەن سۆھبەتلىشىشكە مەن بىلەن بىللە بارساڭلارمۇ بولىدۇ. بۇ تەكشۈرۈش سوپىزىمنى نوقتا قىلغان تەكشۈرۈش بولغان بىلەن، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە مۇناسىپ دىققەت – ئېتىبارىنى قاراتقان بىر تەكشۈرۈش بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئېرىشىدىغان ھاسىلات خۇدايىم بۇيرۇسا خېلى مول بولىدۇ دەپ قارايمەن.

  كەڭ تورداشلارنىڭ بۇ قېتىملىق دالا تەكشۈرۈشكە ياردەمدە بولۇشنى، ئالاقىدار ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشىنى، كۆپچىلىكنىڭ بۇ ئىش ئۈچۈن ئىمكانىيىتى بولسا بىر ئاز كۈچ چىقىرىشىنى، كۆڭۈل بۆلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.بۇ ھەقتە باشقا ياخشى تەكلىپ ۋە تەلەپلەر بولسا، ئىلخەت ئادرىسىمغا يازساڭلارمۇ بولىدۇ.

kabana يوللانغان ۋاقتى 2013-2-28 08:18:07

1- قەۋەتتىكى chilanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،

...

مۇشۇ ئىزدىنىشتىلا بار


سوپى- ئىشانلار [كىنو]


ئۈرۈمچى سوپىلىرى      

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-2-28 08:23:42

http://bbs.bagdax.cn/thread-15664-1-1.html

nurahun يوللانغان ۋاقتى 2013-2-28 08:40:12

مۇنداق بىر قانچە تەرەپنى ئويلاندىڭىزمۇ يوق ئۇقمايمەن.

1. نۆۋەتتە بۇنداق تېمىلار تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدا بىر قەدەر زىل تېمىلار بولۇپ ھۆكىمەت تەرەپنىڭ قوللىشىغا، ھېچ بولمىغاندا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بىكاردىن بىكار ئارلىشىۋالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇ تەرەپلەرنى ياخشى بىجىرىپ كەتتىڭىز چوقۇم.

2. ھازىر ھەقىقىي سوپىلار ئومۇمەن قېرىپ بىر يەرگە باردى ياكى ئامانەتنى تاپشۇردى، بۇ ھەقتە يىغىلغان ماتېرىياللارنىڭ ئەڭ سەرخىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرستىتىدىكى راھىلە داۋۇت، ئوسمان ئىسمايىل قاتارلىق مۇئەللىملەردە بار بۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلەھەت ئېلىپ بېقىڭ. بەلكىم بۇنىمۇ قىلىپ بولغانسىز.

3. ۋاقىت تارتىپىنى ئۆزىڭىزگە قۇلاي بولۇش يۈزسىدىنلا ئورۇنلاشتۇرىۋالماي ئۇلارنىڭ مۇھىم پائالىيەتلىرى ۋە كۈنلىرىنىمۇ چىقىش قىلىپ ئورۇنلاشتۇرشىڭىزنى تاۋسىيە قىلىمەن.

...

بۇ ھەقتە سىز بىلەن پىكىرلىشىشنى خالايمەن. چ چ : 328604082

kabana يوللانغان ۋاقتى 2013-2-28 09:39:17

ئالكۇيى


تەكلىماكاندىكى سوپى - ئىشانلار ( فىلىم )


تەكلىماكاندىكى سوپى - ئىشانلار ( داۋامى )


تەكلىماكاندىكى سوپى - ئىشانلار ( تۈگدى )




86 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-28 09:50:13

http://v.youku.com/v_show/id_XNTE3MjgxODY0.html



http://v.youku.com/v_show/id_XNTE4OTM4MDc2.html


http://v.youku.com/v_show/id_XNTE3MjgwODUy.html



ماۋۇ ئادەملەر نىمە ئىش قىلۋاتقاندۇ؟  


qassap يوللانغان ۋاقتى 2013-2-28 14:29:10

مۇنازىرە قىززىيدىغاندەك تۇرىدۇ.

تەسەۋۋۇپتىن ئىلىمى بار باللار كىرىپ ھەلقە سامانىڭ كىلىش مەنبەسىنى چۈشەندۈرۈپ قويسا بوپتىكەن.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2013-2-28 14:32:28

@dilara

facebook يوللانغان ۋاقتى 2013-2-28 16:23:08

سوپىزىمنى تېما قىلىپ قاپسىز؟ ئۇنداقتا سوپىزىمنى دىن بىلەن باغلىنىشلىقى چوڭقۇر دەپ ئويلامسىز(قايسى دىن بىلەن)؟

qutghur يوللانغان ۋاقتى 2013-2-28 16:34:47

سوپىزم بىلەن تەرىقەتچىلىك بىرگەپمۇ ياكى ئىككى گەپمۇ تازا بىلمىدىم .لىكىن تەرىقەتچىلىكنى چۈشەنمەكچى بولغانلارغا http://www.musulmanlar.com/?cat=205 بۇ ئۇلىنىشتىكى \"\"تەرىقەتچىلىككە نەزەر\"\" ناملىق 16 قىسىملىق ماقالە ياخشى ئۇچۇر ،ياخشى ماتىريال بولالايدىكەن .

ئازراق ئۈزۈندە :

-----------------------

مۇرىد:سوپىلار تەشەببۇس قىلىۋاتقان تەرىقەت ۋە ھەقىقەت شەرىئەتنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، ئۇلار شەرىئەتنىڭ ئۈچىنچى تەركىبى قسىمى بولغان ئىخلاسنى كامالەتكە يەتكۈزىدۇ. ئۇ ئىككى نەرسىنىڭ ھەر بىرىنىڭ مەقسىدى شەرىئەتنى كامالەتكە يەتكۈزۈشتۇر، خالاس.»

بايىندىر: لېكىن سىلەرنىڭ قىلىۋاتقىنىڭلار بۇنىڭغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

مۇرىد: بىزنىڭ ئۇنىڭغا زىت ھېچقانداق ئىشىمىز يوق.

بايىندىر: سىلەر قۇرئاننىڭ ئوچۇق ئىپادىلىرىگە خىلاپ ئىشلارنى قىلىۋاتىسىلەر. بىز پەقەت شۇ ئىشلارغىلا قارشى چىقىۋاتىمىز. بولمىسا بىز ئاللاھقا ھېساب بېرەلمەيمىز.

مۇرىد: سەن «ئىشلىرىڭلاردا نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالساڭلار، قەبىرلەردىكى ئۆلۈكلەردىن ياردەم تىلەڭلار» دېگەن ھەدىسنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىڭنى ئېيتىپسەن، بۇنىڭ نېمىسىگە قارشى چىقىسەن؟ قەبىردىكى ئۆلۈكتىن ياردەم تىلەش دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىش دېگەنلىكتۇر.

بايىندىر: ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن «ئۆلۈكلەردىن ئىبرەت ئېلىڭلار» دېيىلمەستىن «ئۆلۈكلەردىن ياردەم تىلەڭلار» دېيىلىدۇ؟

ھەدىس دەپ توقۇپ چىقىلغان ئۇ سۆزنىڭ ئەرەپچىسىدە «استعينوا (ياردەم تەلەپ قىلىڭلار)» دېگەن ئەمىر بار. ھالبۇكى، پاتىھە سۈرىسىدە ئاللاھ تەئالانىڭ «سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز» دېگەن مەنىدە «وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ» دېگەن سۆزى بار. ئاللاھ تەئالانىڭ بۇ سۆزى بىزنى ياردەمنى پەقەت بىرلا يەردىن، يەنى يالغۇز ئاللاھدىنلا تىلەشكە بۇيرۇيدۇ. سىلەر ھەدىس دەۋاتقان ئۇ سۆز ئاللاھ تەئالانىڭ بۇ سۆزىگە ئوچۇقتىن-ئوچۇق زىت ئەمەسمۇ؟

پاتىھە سۈرىسىنى ھەر نامازدا ئوقۇپ، بۇ ئۇقۇمنى داۋاملىق ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىزنىڭ بىر سەۋەبى يوقمىدۇ؟

--------------------------------

  ئىزاھات : بۇ يەردىكى مۇرىد تۈركىيەدىكى ماھمۇت ئۇستا ئوسمان ئوغلۇ (ماھمۇت ئىشان) ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم مۇرىتلىرى ئىكەن .


   بايىندىر بولسا ھازىرقى زامان ئىسلام ئۆلىمالىرىدىن پروفېسسور، دوكتۇر ئابدۇلئەزىز بايىندىر بولۇپ مۇشۇ مۇسۇلمانلار تورىنى باشقۇرىدىغان سۇلەيمانىيە ۋەقپىسىنىڭ مۇدىرى ئىكەن .


  ئۇلانمىنى ئېچىشقا خۇش ياقمىغانلار \"\"نىمە گەپلەردۇ بۇ\"\" دەپ قالمىسۇن  دە مۇنازىرىدىن ئازراق ئۈزۈندە ئېلىپ قويدۇم .

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-2-28 16:44:52

يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ ھاراپ بازىرىدىمۇ كونا شەيىخلەر بار دەپ ئاڭلىدىم . قاغىلىقتا بۇرۇن بار ئىكەنمىش . ئەگەر قەشقەر يېڭىسارغا كەلسىڭىز ساغان ۋە ئىگىزيەر يېزىلىرىدىن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى تاپقىلى بولىشى مۇمكىن . زىيارەت جەريانىدا ئاۋارچىلىق ئىشلار سەل كۆپ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن .

مۇمكىن بولسا بىرەر ئورۇننىڭ تونۇشتۇرۇش خېتى بولسا ياخشىراق بولارمىكىن دەپ ئويلايمەن . مەسىلەن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتى دىگەندەك ئورۇنلارنىڭ ، ئۇنىڭدىن باشقا جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورۇنلىرىنىڭ ئىجازەتنامىسى بولسا تېخىمۇ ياخشى . چۈنكى مەن ئاڭلىغان بۇ سوپىلارنىڭ بەزىلىرى ئەشەددى ئەكسىلئىنقىلاپچى ئۇنسۇرلار بولۇپ ، كۆپ يىل ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلگەن ئىكەن ، ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىشتا يۇقۇردا دىيىلگەندەك تونۇشتۇرۇش ئىجازەتنامە بولمىسا ، مەخسەت ئىلمىي تەكشۈرۈش ، دوكتۇرلۇق ماقالىسى بولسىمۇ ، لىكىن بەزىبىر ئورۇنسىز ئاۋارچىلىقلاردىن خالى بولغىلى بولمامدىكىن دەپ ئويلايمەن . سەپىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-2-28 17:46:26

بىزنىڭ مەھەللىدىمۇ بىر قانچە دۇئاخانلار پەيدا بولغىلى تۇرۇپتۇ زامان تەتۈرىگە يىنىپ. ئەگەر مۇناجات لازىم بولسا ئاپام خېلى كۆپ مۇناجات بىلىدۇ.بىر خاتىرىسىمۇ بار ئارىسىدىكى بىر مۇناجاتنى ھېلىقى كىلاسسىكىمىز قۇل غۇجا ئەھمەد دىگەن شائىرىمىز يازغانىكەن. مازارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار، خەتمە-قۇرئان ئوقۇش دىگەندەك ئىشلارتۇرپان- پىچان تەرەپلەردە خېلى يىلتىزى چوڭقۇر ئادەتلەر. ئەگەر بارىمەن دىسىڭىز تۇيۇققا، بىزەكلىك مىڭ ئۆي قىشىدىكى مەۋلانا غۇجامغا، قۇمتاغ قىشىدىكى ئاقتېرەك غوجام مازارلىقىغا بارسىڭىز بولىدۇ. بولۇپمۇ بۇنداق جايلاردا جۈمە كۈنى بەزى دىنى پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

adolif يوللانغان ۋاقتى 2013-2-28 18:20:45

adolif يوللانغان ۋاقتى 2013-2-28 19:12:50

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2013-3-2 07:09:30

مەن مۇشۇ كەمگۈچەڭ ئۈچ خىل سوپىنى كۆردۈم ،

بىرىنچىسى كۈندە 70 تۆبە ۋە 100 دۇرۇد ئېيتىش ، تاھارەت بىلەن يۈرۈش ، غەيۋەت ياكى قۇرۇق گەپ قىلماسلىق ، دائىما ئاللاھنى زىكرى قىلىش . (بۇ كىشىلەر خېلى ساندا بارغۇ دەيمەن)

ئىككىنچى خىلى كۈندە بەلگىلەنگەن مىقداردا قۇرئان ئوقۇش ، نەچچە يۈزلىگەن دۇرۇد ۋە تۆبە ئېيتىش كېچىلىرى خېلى كۆپ مىقداردا (نىمەدەپ ئاتايدۇ) كېچىلىرى ئوقۇيدىغان ناماز ئوقۇش . (مېنىڭ بەزى تۇغقانلىرىم مۇش يولدا ئىدى)

ئۈچۈنچىسى كۈندە ساناپتۇرۇپ ئاللاھنى تۈمەننى زىكرى قىلىش ساۋاق دەپ ئاتلىغاندا ھەسسىلەپ ماڭىدىكەن .(بۇ يولدا خېلى سۆزمەن بىر ئاغىنە بار )

مەن كۆرگەن سوپىلار يۇقارقى ئەمەللەرنى ئىسلام شەرىئىتىدە بەلگىلىگەن ئەممەللەر بىلەن بىرگە ئورۇندايدىغانلىقىنى كۈچىۋەرەك سۆزلەييتى (بەلككىم ئۇلارغا قارىتىلغان چالما كېسەكلەرگە قارىتا ئۆزلىرىنى ئاقلىغىنىدۇ)



تۇرپانغا كەلسىڭىز سىزگە يۇقارقى ساھەلەردە ساھەلەنگەن كىشىلەرنىڭ مەنزىلىرنى دەپ بېرەلىشىم مۇمكىن !

nurahun يوللانغان ۋاقتى 2013-3-2 07:32:58

ilimzada@

قىززىق باللىكەنسىلەر، ئۆزۈڭلار ياردەم سوراپ تېما يازىدىكەنسىلە، ھە مانا ئەمسە دەپ بۇرمۇنچە ئۇچۇر مەنبەلىرىنى كۆرسىتىپ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلسا بىر ئېغىز لام جىم دېمەي يوقاپ كېتىدىكەنسىلە. خەخنى موللا دوقمۇش كۆرەمدىغاندۇ دەيمەن مۇشۇ خەخ. شۇڭا ئەزالار ئىنكاس يېزىشتىن، ياردەم قىلىشتىنمۇ يېنىپ كېتىدۇ.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-3-2 09:36:52

نۇرەك تازەي يېزىپ قويغان تۆت قۇر ئىنكاسىڭغا رىيا قىمماۋا \"\"

izdinixkakeldim يوللانغان ۋاقتى 2013-3-2 13:18:35

10- قەۋەتتىكى qutghurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

  ئىزاھات : بۇ يەردىكى مۇرىد تۈركىيەدىكى ماھمۇت ئۇستا ئوسمان ئوغلۇ (ماھمۇت ئىشان) ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم مۇرىتلىرى ئىكەن .


   بايىندىر بولسا ھازىرقى زامان ئىسلام ئۆلىمالىرىدىن پروفېسسور، دوكتۇر ئابدۇلئەزىز بايىندىر بولۇپ مۇشۇ مۇسۇلمانلار تورىنى باشقۇرىدىغان سۇلەيمانىيە ۋەقپىسىنىڭ مۇدىرى ئىكەن .


  ئۇلانمىنى ئېچىشقا خۇش ياقمىغانلار \"\"نىمە گەپلەردۇ بۇ\"\" دەپ قالمىسۇن  دە مۇنازىرىدىن ئازراق ئۈزۈندە ئېلىپ قويدۇم .





بايىندىر بىلەن جۈببەلى ئەخمەت خوجىنىڭ تېلېۋىزوردىكى نەق مەيدان مۇنازىرىسى، تىلى تۈركچە.


1-قىسىم


http://pan.baidu.com/share/link?shareid=319278&uk=1661944459


2-قىسىم


http://pan.baidu.com/share/link?shareid=319280&uk=1661944459


3-قىسىم


http://pan.baidu.com/share/link?shareid=319281&uk=1661944459

western يوللانغان ۋاقتى 2013-3-2 13:58:17

شىنجاڭدا سوپى - ئىشانلار كۆپىرەك يىغىلىدىغان مازارلاردىن پۇتكۈل تۈرك تارىخىدا ناھايتى مۇھىم ئورۇندا نۇرىدا سۇلتان ئارسلانخان مازىرى بىلەن يۈسۈپ قادىرخان مازىرى ( ياكى شۇ دەپ ئېيتىلغان مازارلار) بار ئىكەن ، نۇرغۇن كىشىلەر قاراخانلار سۇلالىسىنىڭ ئۇيغۇر ( ياكى تۈرك ) تارىخدىكى ئورنىنىڭ مۇھىملىقنى بىلىدۇ ، بىراق شۇ سۇلالىىنىڭ ئەڭ مەشھۇر سۇلتانلىرىنىڭ قەبىرىسى توغرىسىدىكى بەزى ئۇچۇرلارغا سەل قارايدۇ ، ئۇلارنىڭ قەبرىللىرىنىڭ ھازىرقى ھالىتى كىشىنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ ، بىرقانچە يىلغىچە خاراپ بولۇپ كېتەرمىكىن دىگەن ئەندىشىگە سالىدۇ ، سوپى - ئىشانلارنى تەتقىق قىلىشقا قىزىقىدىغان كىشىلەر ، سوپى ئېشانلار نېمە ئۈچۈن ئاپپاق غوجىدىن نەچچە يۈز يىل ياشىغان قارا خانلار سۇلالىسىنىڭ بۈيۈك سۇلتانلىرىنىڭ قەبرىسىگە يېغىلىدۇ ؟ ئەگەر مۇشۇ كىشىلەر ئاشۇ قەبرىلەردە پەيدا بولمىسا ،ئۇ قەبىرىلەر ئالبۇرۇن يوقۇلۇپ كەتكەن ياكى كىشىلەر تەرپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بولارمىدى ؟  قىزىقارلىق يېرى قاراخانلار سۇلالىسىنىڭ سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرىدىن باشقا بۈيۈك سۇلتانلىرىنىڭ مازىرىنى مۇشۇ كىشىلەر نەچچە ئەسىىرلەردىن بۇيان ساقلاپ رىمۇنىت قىلىپ كەپتۇ ، بۇلارنىمۇ تەتقىق قىلىپ باقسا بولغۇدەك !
بەت: [1] 2
: ئۇيغۇرلاردىكى سوپىزىم ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار دىننىي ئادەتلەر توغرىسىدا ياردەم سور