hezret يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 21:10:28

:lol

habibullayaghma يوللانغان ۋاقتى 2014-3-4 17:20:12

بۇ ھەقتە نىزامىدىن ھۈسىيىننىڭ جاھالەت پىرلىرى شىنجاڭدا دېگەن ماقالىلىرىنى كۆپرەك كۆرۈڭ.شىنجاڭ مەدەنىيىتى كونا سانلىرىدا 89-94كىچە .
ھۆرمەتجان پىكرەتنىڭ كىتابىنى كۆرۈڭ
جالالىدىن رۇمىنىڭ كىتاپلىرىنى كۆرۈڭ
ئاندىن يەكەن،قاغىلىق،پوسكام، تۇرپان ،تۇقسۇ ،گۇما ،خوتەن قاتارلىق جايلارنى كۆرۈڭ
يەكەندىن ياسىنجان سادىق چوغلاننىئىزلەڭ
يەكەندىكى چىلتەنلىرىم مازىنى كۆرۈڭ
لېكىن سوپىزىم ئىسلام ئەقىدىسى بىلەن قارشى تەتۈر ئەقىدە بەزى تەرەپلىرى بۇددىزىم تەلىماتىغا ئوخشاپ قالىدۇ.يانا بەزەن تەرەپلىرى شىئە مەزھىپىنىڭ ئادەتلىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ كاساندىن سۇزۇلغان سوپى ئىشانلار ئاخىرى تارىم باغرىنى قانغا بوياپ سەئىدىيە خانلىقىنى مۇنقەرز قىلدى. بۇلارنىڭ جىنايىتى ئونتۇلغۇسىزدۇر !
ئارتۇق گەپ ئېشەككە يۈك ! 824335035چچ

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-3-4 19:03:55

:o

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-4 19:36:06

مۇكەممەل تەكشۈرگەيسىسز :

مىنىڭ بىلگىنىمدىكى سوپىلار تەرىقەت يولىنى تۇتىدىغان بۇلۇپ ، قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىنىدا بار ئىشلار . زىكرى تەسبىھ ئېيتىش ، ناماز ئۇقۇش قاتارلىقلار .....

مىنىڭ بەزىبىر گۇمانلىرىم : 1. دۇئا قىلغاندا پىرنى ۋاستە قىلىش ۋە ئۇستازىنى پىرىم دەپ ئاتاش ، بۇنىڭدا شىرىكلىك ئەقىدىسى چىقىپ قالارمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن ...
2. زىكرى تەسبىھ ئېيتىشنى پەرز دەپ قاراش ۋە تەرىقەت يولىغا كىرمىگەنلەرنى ئىمان ئىيتمىدى دەپ قاراش ، بۇنىڭغا ئىسپات شۇكى ، يېڭىدىن تەرىقەت يولىغا كىرگەنلەر ، مەن بۈگۈندىن باشلاپ ئىمان ئېيتتىم دەپ قول بىرىدىكەن ، شۇنداق قىلغىنى قول بەرمىگەنلەرنى ئىمان ئېيتىمىغان دەپ قاراش بۇلىدۇ .....
3. يەنە بىرسى ئىزنى بىرىلمىگەن ئۇستازلارنىڭ دىنى تەلىم بىرىش ھۇقۇقىنىڭ يوقلۇقى ، بۇنىڭدا بىزنىڭ يۇرتلاردا ئىككى پىرقە تەرىقەت ئەھلى بۇلۇپ ، بىرەيلەن يەنە بىرسنىڭكىنى ئىزنى بىرىلمىگەن ، بەرگەن ساۋىقى ھىساپ ئەمەس ، ئۇنىڭدا ئالغان ساۋاق ھىساپ ئەمەس دەپ تۇرۇۋالىدۇ ، ئىسلام دىنىنى كىمدىن قۇبۇل قىلايلى ، زىكرى تەسبىھ ئاللاھقا ئېيتىلىدىغان تۇرسا ، نىمىشقا ئۇلارنىڭ ئۇقۇغان زىكرىلىرى ھىساپ بولمىغۇدەك ... بۇنوقتا مىنى قايىل قىلالمايدۇ .....

ساناپ كەلسەك بەك جىق ، ئەمما يۇقارقى ئۈچ نوقتا ، باشقا شەرىئەت ئۆلىمالىرىنىڭ ، مىنىڭ ھازىرغىچە ئىسلام دىنىنى چۈشىنىشىمدىن روشەن پەرقلىنىدۇ .....

دوكتۇرلۇق ماقالىسى تەييارلاشتا مۇشۇ مەسلىلەرنى ئىسلام ئۆلىمالىرىدىن ، تەرىقەت پىر ئۇستازلىرىدىن سوراپ كۈرۈپ ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىققان بولسىڭىز ياخشى بۇلارىدى .....

habibullayaghma يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 16:41:03

تارىخقا نەزەر سالساق، ھەر خىل دىنلاردا يامانلىقتىن ساقلىنىش، روھىي كامالەتكە ئېرىشىش تىرىشچانلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ دىنلار ھەق دىن بولسۇن ياكى باتىل دىنلار بولسۇن، ھەممىسىلا ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىنى شەكىللەندۈرۈش مېتودىنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاپ باققان. خىرىستىيان دىنىدا بۇنىڭ ئېنىق مىساللىرىنى كۆرەلەيمىز.
خىرىستىيان دىنىنىڭ ئىچكى دۇنياغا يۈزلىنىشكە ۋە پاكلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېيىنكى ۋاقىتلاردا رۇھبان(راھىبلار، يەنى يەھۇدىي ۋە ناسارا موللىلىرى) پىرقىسىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.بەزى يەرلەردە ئايرىم موناستىرلار سېلىنغان، ئۇ يەردە ئۆزىنى دۇنيا مەئىشەتلىرىدىن ئايرىۋەتكەن راھىپ ۋە راھىبەلەر ئاللاھبۇيرۇمىغان پاكلىنىش ئۇسۇللىرىنى خۇددى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنلىغاندەك ئورۇنلىغان. زاھىدلىق، تەپەككۇر، دۇئا، مۇناجات، ئۇزلەت (يالغۇزلۇققا چېكىنىش)، ئۆزىگە بېكىنىپ تەنھا ياشاش، نەپسىدىن ھېساب ئېلىش، ئۆزىنى دىنغا ئاتىۋېتىش ئۈچۈن ئۆمۈر بويى توي قىلماسلىق... دېگەندەك ئىشلار ھەقتائالاغا يېتىشنىڭ ئۇسۇلى دەپ قارالغان. خىرىستىئان دىنى بىلەن تەسەۋۋۇپنىڭ ئاساسى شۇكى، ھەر ئىككىسى ئەقىل ۋە ئىلىم بىلەن ھەقتائالاغا يەتكىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭغا پەقەت ئىشق يولى بىلەن، ئاللاھ تائالاغا ئۆزىنى ئاتاش بىلەن، پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھ ئۈچۈن ياشاش بىلەن يەتكىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
ئەمما قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلارنىڭ ئۆزى تاپقان، ئۆزىنى قىينايدىغان ئۇسۇللىرى بىلەن ئاللاھقايېتەلمەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 18:43:08

:lol،،،
سىيىپ بەرسەم سۈيدىكىمدە لاي ئىتىپ ئوينايدىغانلار بارمۇ :lol

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 19:34:08

Jengchi يوللىغان ۋاقتى2014-3-5 18:43 static/image/common/back.gif
،،،
سىيىپ بەرسەم سۈيدىكىمدە لاي ئىتىپ ئوينايدىغانلا ...

يوق . بالىلارغا ئۈتۈنۈپ بەردۇق...

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 01:21:35

بۇ سوپۇملارنىڭ خوتۇن ئالىدىغان، تاماق يەيدىغان، ئۇخلايغان ئادىتى قاتارلىق نۇرغۇن ئىشلىرى بۇددىستلار، خىرىستىيانلار ھەمدە يەھۇدىيلارنىڭكىگە ئوخشامدۇ نېمە؟

newayi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-8 01:43:17

بىچارە سوپىلار تۈگىشەپسىلەر سىلەرنى تىللاپ ۋەتۋەرىكىڭلانى چىقىرۋېتىپتۇ ، خوپ بوپتۇ كىم سىلەنى باشقىلار كۆرەلمەيدىغان يەرگە چىقۋالسۇن دەپتۇ ، بەك ئىگىز چىقۋالماي پەسرەك تۇرساڭلار بوممامتى ، ئىنسانغۇ ئاجىز گۇناھكار كېلىدۇ سىلەر قىلغان گۇنالارنى سىلەرنى تىللىغان غەيۋىتىنى قىلغان ئادەملەر ئۈستۈڭلاردىن ئۈستىگە ئېلىپلا سىلەرنى پاكىزلاپ قويىۋاتىدۇ ... ئۇنداق بوغاندىكى بوسا تېخىمۇ ئىگىزگە چىقىڭلار بولدى مەنمۇ قىتىلاي گۇناھلىرىم كۆپتى... {:92:}:lol
بەت: 1 [2]
: ئۇيغۇرلاردىكى سوپىزىم ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار دىننىي ئادەتلەر توغرىسىدا ياردەم سور