toghrak يوللانغان ۋاقتى 2013-2-10 15:22:03

خانىم-قىزلار دىققىتىگە

خانىم-قىزلار دىققىتىگە:


1 .سەھەر تۇرۇشنى مەجبۇرىيىتىم دەپ بىلىڭ!


ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن دەيدىغان گەپ بار.سەھەر تۇرۇش ئېنىقكى شۇ بىر كۈنلىك ئاپالىيىتىڭىزگە رۇشەن تەسىر كۆرسىتىدۇ.ئەگەر توي قىلمىغان بولسىڭىز ئاتا-ئانىڭىز بىلەن بىللە تۇرىۋاتقان بولسىڭىز ئۇلارنىڭ سىزنى ۋاققىچە ئۇخلىۋاسۇن، ئۇيقۇسىغا قېنىۋالسۇن، توي قىلغاندىن كىيىن سەھەر تۇرسىمۇ بولىدۇ دىيىشلىرىنى ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزگە كۆيۈنگەنلىك دەپ قارىماڭ. ئاتا-ئانىڭىز سىزنىڭ خىزمەتتىن ھېرىپ-چارچاپ كەلگەن تۇرقىڭىز، گەپ قىلىشمۇ خوشياقماي سالاملىشىپلا ياتاق ئۆيىڭىزگە كىرىپ كىتىشىڭىزگە قاراپ سىزگە ئىچ ئاغرىتىپ ئەتىسى سەھەر تۇرماسلىقىڭىزنى ئەيىپ كۆرمىگىنى بىلەن توي قىلىپ چوڭلار بىلەن بىللە تۇرسا قانداقمۇ كۆنەر؟ ئۇلارنىڭ ئەيىپلىشىگە  ئۇچراپ دىلى ئازار يىسە ............................قانداق قىلغۇلۇق دىگەننى ھەر ۋاقىت ئويلايدۇ،سەھەر تۇرىشىڭىزنى ئارزۇلايدۇ.لىكىن يەنىلا سىزنى ئايايدۇ.شۇڭا كىيىنلىكىڭىز ئۈچۈن، ئۆز ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن ،ئۇلارنى گۇناھكار قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەھەر تۇرۇڭ. سەھەر تۇرۇپ ئۆي ، ھويلا –ئارامنى پاكىز تازىلاڭ، ئەگەر بىنا ئۆيدە تۇرىۋاتقان بولسىڭىز   كارىدۇرنىىمۇ پاكىز تازىلاپ قويۇڭ،تازىلىق ئىشچىلىرى تازىلايدۇغۇ دەپ قاراپ تۇرماي.


2.ئىشىكنى سىپايىلىق بىلەن يېپىڭ!


ئۆيگە مىھمان كىرگەندە ۋە مىھمان قايتقاندا يارىشىغى بىلەن ئۇزۇتۇڭ،ئىشىكنى يېپىشقا ئالدىرىماڭ، ياپقاندىمۇ ئاۋايلاپ سىلىق يېپىڭ، بولمىسا مىھماننىڭ كۆڭلىگە كېلىدۇ.


ئەگەر بىرەرسىنى ئىزدەپ بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ ئىشخانىسىدىن ياكى تۇرالغۇسىدىن قايتماقچى بولغىنىڭىزدا ئۇنىڭغا ئارقىڭىزنى قىلىپ تۇرۇپ ئىشىكنى ياپماڭ،مۇمكىن بولسا ئۇنىڭغا قارىغان يۆنىلىشتە، بەك بولمىسا يانچە ھالەتتە چىققاچ يېپىڭ،بۇمۇ قارشى تەرەپكە قىلىنغان ھۆرمەت.


3.چاي قۇيغاندا پىيالە چايقاشقا دىققەت قىلىڭ!


تۈرلۈك يىغىلىش ۋە سورۇنلاردا ۋە ياكى تاماقخانىلاردا چاي قۇيۇش توغرا كەلسە چاي قۇيغاندا پىيالىنى ياكى ئىستاكاننى قايتا بىر قېتىم چايقاپ چىقىش ئادەت بولۇپ كەتتى. ئەمما چايقىدىم دەپ بىر پىيالىنى چايقاپ ئۇنى چايقىغان سۇنى 2-پىيالىگە.....قۇيۇپ داۋاملاشتۇرۇپ چىچەن پاكىز ئىش قىلماڭ،ئۇ ھەرگىزمۇ چايقىغانغا كىرمەيدۇ.مۇمكىن بولسا بىر پىيالىنى ھەممە پىيالىنى ئايرىم-ئايرىم چايقىغاندىكى سۇنى قۇيىدىغان قىلىڭ.ھازىر دىققەت قىلىدىغان بولساق تېز تاماقخانىلاردا 3 ئادەم تاماققا كىرسەك شىرەگە 4 پىيالە ئەكىلىپ قويىدۇ. مەخسۇس دېزىنفىكسىيىلەنگەن يۈرۈشلۈك قاچىلار بار تاماقخانىلاردا بولسا ئادەم بېشىغا بىردىن ئەكەلگىنى بىلەن شىرەنىڭ ئۈستىگە ياكى ئاستىغا مەخسۇس كىچىكرەك ئەخلەت چىلىگى قويۇپ قويىدۇ.


3.ئەرلەرنىڭ ئالدىدا يۇر ش تۇرۇشتا دىققەت قىلىڭ!


دادىڭىز، ئاكا-ئىنىڭىز سىزنىڭ ئەڭ ئەيمىنىدىغان ئادىمىڭىزدۇر.(توي قىلغان بولسىڭىز يولدىشىڭىزمۇ شۇنىڭ ئىچىدە).ئۇلار بار يەردە ئۇلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتىدىغان، ئۇلارنى بار-يوق دىمەي لالىيىپ يېتىۋالىدىغان ئىشلارنى قىلماڭ. ئىشتان كىيگەن بولسىڭىز سۆڭگىچىڭىزنى ياپقىدەك كوپتا ياكا مايكا كىيىۋېلىڭ.ئوماق يەلىرىڭىزنى گەۋدىلەندۇرۇپ ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ يۇرسىڭىز دىققەتنى تاتىپ قالىسىز ئاسانلا. قىسقا يوپكا كىيىگەن بولسىڭىز تارراق بولسىمۇ ئىشتان كىيىۋېلىڭ. پاچىقىڭىزنى يالىڭاچ قويۇپ ئەركىن ئازادە مېڭىپ يۈرمەڭ. ئەگەر دادىڭىز، ئاكا-ئىنىڭىز،يولدىشىڭىز نىڭ ئاز تولا غۇرۇرى بولسا سىزنىڭ بۇنداق يۈرىشىڭىزگە قارشى تۇرغان بولىدۇ.قارشى تۇرغان ھالەتتىمۇ گەپ يىمەي ئۆز ئەركىنلىگىڭىزنى پەش قىلىپ ھاياسىزلارچە يۈرىۋەرگەن بولسىڭىز سىرىتقا چىققاندا بۇنىڭدىنمۇ بەتتەررەك يۈرمەيدۇ دىگىلى بولمايدۇ. يەنە كىلىپ ئۆيىڭىزدە مۇشۇنداق ئۈگۈنۈپ قالسىڭىز كىلىن بولغىنىڭىزدا قېنيئاتا، قېينئاكىلىرىڭىزدىنمۇ ھېيىقماس بولۇپ كىتىسىز.ئۇلاربار يەردە يۇيۇنۇپ چىقىپ چاچ قۇرۇتىدىغان، چېچىڭىزنى تارايدىغان، ياكى گىرىم قىلىدىغان ئىشلارنى قىلماڭ.


ياقىسى ئويراق كىيىملەرنى كىيىش توغرا كەلسە ئەرلەر بار يەردە ئامال بار ئىڭىشىپ سالماڭ،شۇنىڭغا توغرا كەلگەندىمۇ بىر قولىڭىز بىلەن ياقىڭىزنى تۇتىۋېلىڭ.


4.يول ماڭغاندا سىلىقراق مېڭىڭ!


پەس پاشنىلىق ئاياق كىيگەندە قوپال ماڭسىمۇ ئانچە بىلىنىپ كەتمەيدۇ،ئېگىز پاشنىلىق ئاياق كىيگەندە بولسا سەل ئاۋايلاپ ماڭمىسا ئاياللىق لاتاپەتكە تەسىر يىتىدۇ.بولۇپمۇ چاق-چۇق ياتقۇزۇلغان يەرلەردە ماڭغاندا ياكى پەشتاقتىن چىقىپ-چۈشكەندە تېخىمۇ شۇنداق. پەشتاقتىن چىىقىپ چۈشكەندە قوپاللىق بىلەن مېڭىشىڭىزدىن، ئۆزىڭىزنى قويىۋېتىپ بار كۈچىڭىز بىلەن مېڭىشىڭىزدىن باشقىلار سىز ئىكەنلىگىڭىزنى ئاسانلا پەرىقلەندۈرىۋالىدىغان بولۇپ قالمىسۇن.


5.پەرتۇق تاتماي تۇرۇپ ئاشخانا ئۆيدە مەشغۇلات قىلماڭ!


پەرتۇق تاتساممۇ كىيىمىمنى مەينەت قىلىۋەتمەيمەن، ۋاي بولدىلا بۇ كىيىمىم يۇغىدەك بولغانتى پەرتۇق تاتماييا بولدى دەپ ئاشخانا ئۆيدە مەشغۇلات قىلسىڭىز تازىلىققا رىئايە قىلىمىغان بولىسىز. ئاشۇ كىيىمىڭىز بىلەن تازىلىق ئۆيىگە كىرمەيمەن دىيەلمەيسىز، كىر ئالغۇنىڭ يېنىغان بامايمەن دىيەلمەيسىز.ئەگەر شۇ ھالەتتە ئاشخانا ئويگە كىرسىڭىز تازىلىق ئۆيى بىلەن ئاشخانا ئۆينىڭ كۆپ پەرقى قالمىغان بولىدۇ.ئەگەر پەرتۇق تاتسىڭىز خاتىرجەم ھالدا ئىش قىلالايسىز.مۇمكىن بولسا ئاشخانا ئويدە ياغلىقمۇ بېشىڭىزدىن زادىلا چۈشۈپ قالمىسۇن.


6، چۈمۈچتە تۇز تېتىماڭ!


تاماقنىڭ تۇزىنى  تېتىغاندا قاچا ئىشلىتىڭ، چۈمۈچتىلا تېتىۋەمەيمۇ دەپ تېتىسىڭىز سىزنىڭ ئېغىزىڭىز تەكگەن شۇ چۇمۇچتە ئۇسسۇلغان تاماقنى قانچىلىغان ئادەم يەيدۇ بىلەمسىز؟ ئەگەر لەۋ سۇرۇق بار ھالەتتە شۇنداق قىلغان بولسىڭىز قانچىلىك ئادەمنى زەھەرلەيسىز؟ قارىماققا شۇنچىلىك ئاددى ئىشتەك قىلغان بىلەن تازىلىققا بېرىپ تاقىشىدىغان بۇنداق نازۇك ھەركەتلەردە چۇقۇمكى قاتتىق دىققەت قىلىش كىرەك.


شۇنداق بىر ئىش ئېسىمدە، بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىگە چايغا بارغىنىمدا  ياردەملىشىش ئۈچۈن ئاشخانا ئۆيىگە كىردىم. يەڭگىسى سەي قورىۋاتقان ئىكەن، قاراپ تۇرسام سەي پىشىپ كەلگەندە چۈمۈچتىلا تۇز تېتىشقا تەمشەلدى،«توختاڭ!» مىنىڭ بۇ گىپىمدىن ئۇ قاتتىق چۈچىدى بولغاي ھەيرانلىقتا قېتىپلا قالدى.شۇ ئان ئۇنىڭ قولىغا پىيالىدىن بىرنى ئېلىپ بەردىم.ئۇ مەقسىدىمنى چۈشەنگەن بولسىمۇ لىكىن پەرۋاسىزلا« ۋاي ھىچنىمە بولمايدۇ» دەپ تېتىۋەردى تۇزى سەل كەمكەن دەپ بىر ئاز تۇز سېلىپ يەنە شۇ چۈمۈچ بىلەن سەينى ئىلەشتۈرۈپ يەنە تېتىدى..ئۇ قىز ئادەتتىمۇ قېنىق گىرىم قىلىپ يۈرىدىغان قىزتى،شۇ كۈنىمۇ لېۋىدە قىنىق لەۋ سۇرۇق بار ئىكەنتۇق.ئۇنىڭ بۇ قىلىغىنىدىن بىر قىسما بولۇپ شۇ قېتىمقى چايدا ھىچنىمە يىيەلمىدىم........


7.ئۇننى تاسقىماي تۇرۇپ ئىشلەتمەڭ!


بەزىلەر بەلكىم ئۇن تاسقاشتا ئىشلىتىدىغان ئەلگەكنى ئۇنتۇپ قالايمۇ دىگەندۇ،چۈنكى ھازىر ئۇننى تاسقان ئىشلىتىدىغانلار ئىنتايىن ئاز. ئۇننى تاسقاپ بېقىڭە ئاندىن بىلىسىز تاسقاشنىڭ زۈرۈرلىگىنى.يەنە كىلىپ ئۆيىگە ئۇن ئالىدىغانلار تېخىمۇ ئاز.تەييار خېمىر ئىشلەش دۇكانلىرىدا پىلتىدىن تارتىپ جىلىتقىچە ھەممىسى بار بولغانكىن ئۇن سېتىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايدۇ. ئۆز قولى بىلەن تاسقاپ تۇرۇپ، مىھرى بىلەن خېمىر يۇغۇرۇپ تەمى بىلەن ئىتىپ يىيىلگەن تاماق نەقەدەر يىيشلىك-ھە! ئاڭلىسام بەزى قىزلىرىمىز قولىمىز سەتلىشىپ كىتىدۇ دەپ ئۆيىدە خېمىر يۇغاماسمىش، كۆپ كۈچ كىتىدىكەن دەپ خېمىرنى قولى بىلەن يايماي چۆپ كېسىش ماشىنىسىدا يېيىپ چۆپ كىسىدىكەن.بىزغۇ ئادەتتە مىھمان چاقىرغاندا ياكى ئۆيگە تۇيۇقسىز مىھمان كىلىپ قېلىپ ۋاقىت قىس بولۇپ قالغاندا ئانچە-مۇنچە ئىشلىتىمىز چۆپ كىسىش ماشىنىسىنى. تەييار خېمىرنىغۇ زادىلا ياراتقىم كەلمەيدۇ، پەقەتلا تەمى يوق.مەجبۇر بولۇپ قالغاندا ئامال يوق، لىكىن ئۇنىڭغا تايىنىۋېلىشنى تازا توغرا كۆرمەيمەن.


8.داستىخان،پەرتۇقلارنى ئايرىم يۇيۇڭ!


تازىلىق ئۆلچىمى تۆۋەن بولمىغانىكى   ئايال داستخان بىلەن پەتۇقنى ھەرگىزمۇ كىىم-كىچەك يۇيدىغان كىر ئالغۇدا يۇيۇپ يۈرمەيدۇ. بەزىلەرنىڭ ھەممىنى پاكىز قىلىدىنى سۇ، كىر ئالغۇدا يۇساق نىم بوپتۇ.پاكىز چايقالغاندىن كىيىن ھىچنىمە بولمايدۇغۇ دىگەن گىپىنى ئاڭلاپ ھەيرانلىقتا تۇرۇپ قالغانمەن. بىزنڭ ئۆيدە بۇرۇندىنلا داستىخان بىلەن پەرتۇق مەخسۇس جاۋۇردا يۇيۇلاتتى.(بىزغۇ داس دەپلا قويمىز ئادەتتە.) بۇ جاۋۇرنى ئۇنىڭدىن باشقا ھىچ ئىشقا ئىشلەتمەي شۇنداق ئېلىپ قوياتتۇق.


بەزىلەر ئاڭلىسام ھەتتاكى ئىچ كىيىمنىمۇ كىر ئالغۇدا يۇيدىكەن.شۇلارنى يۇغان كىر ئالغۇغا داستىخان بىلەن پەرتۇقنى قانداقمۇ سالغۇسى كېلىدىغاندۇ دەپ ئويلاپ كىتىمەن.


9.قاچا-قۇچىلارنى يۇغاندا تۈرى بىلەن يۇيۇڭ!


تاماقتىن كىيىن قاچىلارنى يىغىشتۇرغاندا  ماي قاچىلىرىنى، ۋە چاي قاچىلىرىنى ئايرىم يىغىشتۇرۇڭ،پىيالە بىلەن تەخسە ۋە چوڭ چىنىنى گىرەلەشتۈرۈپ يىغىشتۇرماڭ، بۇ يۇيۇشقىمۇ قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىدۇ.




يۇقارقىلار گەرچە تۇرمۇشتىكى ئىنتايىن ئاددى ساۋاتلار بولسىمۇ لىكىن سەل قارىلىشى مۇمكىن.مەنچە بولسا دىققەت قىلساقكەن دەيمەن.ئەگەر يەنە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ساۋاتلار بولسا قوشۇپ قويغان خانىم-قىزلىرىمىز.


balahor يوللانغان ۋاقتى 2013-2-10 16:10:42

ئاغزىڭىزغا ئون كىلو ناۋات.............

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2013-2-10 17:17:17

1- قەۋەتتىكى balahorنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاغزىڭىزغا ئون كىلو ناۋات.............



قاق چوڭلىقىدا بىر پارچە بولسىلا بولدى.رەھمەت!

balahor يوللانغان ۋاقتى 2013-2-10 17:22:58

2- قەۋەتتىكى toghrakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى balahorنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاغزىڭىزغا ئون كىلو ناۋات.............



قاق چوڭلىقىدا بىر پارچە بولسىلا بولدى.رەھمەت!


مەبەتكە ماۋۇ تېمىڭىزنى يادلىتىپ ئىمتاھان ئېلىپ ... 100 نۇمۇرلۇق ئۆتسە ئالىمەن ......

ئۆتەمىسە  ئىشىنى قىسۇن ..........

baltax يوللانغان ۋاقتى 2013-2-10 17:24:23

مەن مۇشۇ قىزنىلا ئالايمىكى ئېرى بامىدۇ يا؟ \"\"

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2013-2-10 17:26:05


3- قەۋەتتىكى balahorنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


مەبەتكە ماۋۇ تېمىڭىزنى يادلىتىپ ئىمتاھان ئېلىپ ... 100 نۇمۇرلۇق ئۆتسە ئالىمەن ......

ئۆتەمىسە  ئىشىنى قىسۇن ..........





ئەستا....لايىقىڭىزنى تەس كۈنگە قويۇپتىمەنمۇ نىمە!

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2013-2-10 17:27:20

4- قەۋەتتىكى baltaxنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن مۇشۇ قىزنىلا ئالايمىكى ئېرى بامىدۇ يا؟ \"\"



يىگىتلەر موماي ئالىدىغان زامان كەلدىما؟\"\"

baltax يوللانغان ۋاقتى 2013-2-10 17:44:55

6- قەۋەتتىكى toghrakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

4- قەۋەتتىكى baltaxنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن مۇشۇ قىزنىلا ئالايمىكى ئېرى بامىدۇ يا؟ \"\"



يىگىتلەر موماي ئالىدىغان زامان كەلدىما؟\"\"



يىگىت دەيدا 3- خوتۇننىڭ خېتىنى بەردىم يېقىندا \"\"

balahor يوللانغان ۋاقتى 2013-2-10 17:45:38

مۇنبەر سىستىمىسىنىڭ ئىلغار لىقىدىن  ئىنكاسىم ئەكىس -- سادا قايتۇرۇپتۇ....

balahor يوللانغان ۋاقتى 2013-2-10 17:49:31

5- قەۋەتتىكى toghrakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


3- قەۋەتتىكى balahorنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


مەبەتكە ماۋۇ تېمىڭىزنى يادلىتىپ ئىمتاھان ئېلىپ ... 100 نۇمۇرلۇق ئۆتسە ئالىمەن ......

ئۆتەمىسە  ئىشىنى قىسۇن ..........





ئەستا....لايىقىڭىزنى تەس كۈنگە قويۇپتىمەنمۇ نىمە!



بەخىت ئۇندا ئاسان قولغا كەممەيدۇ .........بىلىپ قالسۇن .........



تاز بولساڭ گەدەنگىچە دەپتىكەن .... قوساقتىكى تىقىپ قويغان ھۆنەرنىڭ ھەممىنى بىر تۆكمەمسىز ....!!!

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2013-2-10 18:10:43


7- قەۋەتتىكى baltaxنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


يىگىت دەيدا 3- خوتۇننىڭ خېتىنى بەردىم يېقىندا \"\"





بۇ ئۆلچەمگە چۈشۈرىمەن دىسىڭىز 4-خۇتۇندا ئۈمۈت يوق جۇمۇ.شەرتنى سەل تۆۋەنلىتەسىز ھە!

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2013-2-10 18:12:45

9- قەۋەتتىكى balahorنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



بەخىت ئۇندا ئاسان قولغا كەممەيدۇ .........بىلىپ قالسۇن .........



تاز بولساڭ گەدەنگىچە دەپتىكەن .... قوساقتىكى تىقىپ قويغان ھۆنەرنىڭ ھەممىنى بىر تۆكمەمسىز ....!!!





ھەممىنى يازسام لايىقىڭىزغا تېخىمۇ ئۇۋال قىلغىدەكمەن

balahor يوللانغان ۋاقتى 2013-2-10 18:29:50

11- قەۋەتتىكى toghrakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

9- قەۋەتتىكى balahorنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



بەخىت ئۇندا ئاسان قولغا كەممەيدۇ .........بىلىپ قالسۇن .........



تاز بولساڭ گەدەنگىچە دەپتىكەن .... قوساقتىكى تىقىپ قويغان ھۆنەرنىڭ ھەممىنى بىر تۆكمەمسىز ....!!!





ھەممىنى يازسام لايىقىڭىزغا تېخىمۇ ئۇۋال قىلغىدەكمەن


چاي دەملەشنىمۇ ئۈگەنمىگەن قىز بالىغا ئۇۋال بولمايدۇ .....

0996 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-10 18:32:06

خانشتەك كۈن كورەي دىسىڭىز، ئېرىڭىزنى پادىشاھتەك كورۈڭ.

(يەھۇدىلار پەندى_نەسىھەتىدىن).

aypaltam يوللانغان ۋاقتى 2013-2-10 18:55:00

نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئايالى بىر كۈنى ئېرىنى بىر تېرىكتۈرەي دەپ شورپىنى قىزىق پېتىلا ئەپەندىمنىڭ ئالدىغان قويۇپتۇ، ئۆزىگىمۇ بىر قاچا ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، شورپىنىڭ قىزىقلىقى ئېسىدە يوقلا بىر يۇتۇم ئوتلاپ ساپتۇ، ئاغزى كۆيۈپ كۆزلىرىدن ياش قۇيۇلۇپتۇ. نەسىردىن ئەپەندى، « نېمە بولدۇڭ ھوي، نېمىگە يىغلايسەن؟» دەپ سوراپتۇ. ئايالى چاندۇرماي:« رەھمەتلىك ئانام بۇنداق شورپىغا بەك ئامراقتى، ئېسىمگە كېلىپ يىغا تۇتتى» دەپتۇ ۋە ئەپەندىمنىڭ شورپا ئىچىشىنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ. ئەپەندىم قىزىق شورپىدىن بىر ئوتلام ئىچە-ئىچمەيلا ئاغزى ۋە كانىيى كۆيۈپ كۆزلىرىدىن پۇرقىراپ ياش ئېقىپ كېتىپتۇ. ئايالى نېمە بولغانلىقىنى سورىشىغا ئەپەندىم: « مەن سېنىڭ ھايات قېلىپ ؟؟؟؟؟؟؟ڭ ئۆلۈپ كەتكىنىگە يىغلاۋاتىمەن» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2013-2-10 19:04:28

دەپ قالماڭلار تىما ئىگسى توغراقنى،


چۈشەنمەستىن ،غول شاخلىرى دونايكەن.


يازغان مۇنۇ يازمىسىغا قاراڭلار،


مۇشتەك تورۇپ قېرىپ قالغان مۇمايكەن.\"\"

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-2-10 19:05:21

توۋا ............. مىنىڭ خوتۇنۇمنىڭ مىجەزى بىلەن ھەجەپ ئوخشايدىكىنا ما چوكاننىڭ مىجەزى  {:90:}   {:90:}

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2013-2-10 19:15:40

ئاللاھقا مىڭ قەتلە شۈكرىلەر!

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2013-2-10 19:24:12

15- قەۋەتتىكى paliwanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دەپ قالماڭلار تىما ئىگسى توغراقنى،


چۈشەنمەستىن ،غول شاخلىرى دونايكەن.


يازغان مۇنۇ يازمىسىغا قاراڭلار،


مۇشتەك تورۇپ قېرىپ قالغان مۇمايكەن.\"\"




موماي دىدىم لايىقى يوق يىگىتلەر،


قالمىسۇن دەپ مىنى بىر ئۇز جۇۋانكەن.


يەنە يازسام بار ئىدىغۇ ئۈچ-تۆت تۈر،


يازماي دىدىم قىزلارغا سەل ئۇۋالكەن.


قىز چىقمىسا تەلەپلەرگە لايىقتىن،


ئەڭ ئۇۋالى كۆپ ساندىكى يىگىتكەن.



toghrak يوللانغان ۋاقتى 2013-2-10 19:27:10

16- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

توۋا ............. مىنىڭ خوتۇنۇمنىڭ مىجەزى بىلەن ھەجەپ ئوخشايدىكىنا ما چوكاننىڭ مىجەزى \"\" \"\"



چوكانلىرى بىلەن ئىۋۇ بىر تال ناۋاتنى تەڭ يىسەم بولغىدەك
بەت: [1] 2 3 4
: خانىم-قىزلار دىققىتىگە