yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-18 11:44:39

ياغما قەبىلىسى[تەرجىمە]

ياغما قەبىلىسى



ياغمالار غەربى تۈرك خانلىقى
دەۋردىكى بىر تيېلې قەبىلە بولۇپ ،سىيانپى خانلىقى(شىمالى ۋېي) مەزگىلدىكى كۈسەن
ئەتراپىدا ياشىغان تۈركى قوۋم چۇبانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.


ياغمالار بۈگۈنكى
ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېكلەرگە ئورتاق مۇھىم كېلىش مەنبە ھېسابلىندۇ.ياغما قەبىلىسى
بۇغرا(ئەركەك تۆگە)نى ئۆزىگە توتېم قىلغان،ياغمالار نارىن دەريا ۋادىسى ۋە
قەشقەرنى ئىگەللىگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن،ئۇيغۇرلار غەربكە "كۆچكەن"دىن كېيىن سۇلىنى ئىگەللىگەن،كېيىن قاراخانىلارنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلانغان،بۈگۈنكى سۇلى يەنىلا ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاينىڭ بىرسى.



رۇس تارىخچىسى بارتولىد ئۇلارنى
ئوغۇزلارنىڭ بىر تارمىقى دەپ قارايدۇ.



تەرجىمىدە: ياغلاقار    مەنبە: http://zh.wikipedia.org/wiki/%E6%A0%B7%E7%A3%A8

qutghur يوللانغان ۋاقتى 2012-11-19 10:11:28

رۇس تارىخچىسى بارتولىد ئۇلارنى ئوغۇزلارنىڭ بىر تارمىقى دەپ قارايدۇ.



================================

تيېلى قەبىلىسى نەخ شۇ توققۇز ئوغۇزلا .ياغمىلار- ئوغۇزلارنىڭ بىر قەبىلىسى دىسىمۇ توغرا .

\"\"ياغمىلار توققۇز ئوغۇز قاغانلىرى بىلەن بىر خەلىق \"\"_‹‹ھۇدۇدۇل ئالەم››

بۇنىڭدىن ئورخۇن خانلىغىنىڭنىڭ قاغان جەمەتى بولغان ياغلارقار ئۇرۇقى بىلەن ياغمىلار بىر جەمەتتىن دىگەن يەكۈننى چىقىرىشقا ياكى ئورخۇن خانلىغىنى تەشكىل قىلغان توققۇز ئوغۇز قەبىلىرى بىلەن ياغمىلار بىر خەلىق دىگەن مەنا چىقىشى مۈمكىن .

ئىشىقىلىپ بۇ قەبىلەنىڭ تۇتىمى بولغان \"\"بۇغرا \"\"،قاراخانىلار قاغانلىرىنىڭ لەقەبى بولغاچقا بۇ قەبىلە تۈركلوگلارنىڭ نەزەرىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ .

qutghur يوللانغان ۋاقتى 2012-11-19 14:56:36

ياغلاقار ئەپەندى ،ئاۋۇ باشقۇرغۇچىلار تەستىقلىمىغان \"\"ئارغۇن قەبىلىسى\"\" دىگەن تەرجىمىڭىزنى مەن كۆرۈپ باقسام بوپتىكەن .بۇ قەبىلىنى پەقەتلا ئاڭلىماپتىكەنمە ،مالال كەلمىسە .

.qutghur@163.com

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-19 15:51:57

2- قەۋەتتىكى qutghurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ياغلاقار ئەپەندى ،ئاۋۇ باشقۇرغۇچىلار تەستىقلىمىغان \"\"ئارغۇن قەبىلىسى\"\" دىگەن تەرجىمىڭىزنى مەن كۆرۈپ باقسام بوپتىكەن .بۇ قەبىلىنى پەقەتلا ئاڭلىماپتىكەنمە ،مالال كەلمىسە .

.qutghur@163.com

ئارغۇن قەبىلىسى دېگەن بىز ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر قەبىلە ئىكەن،شۇڭلاشقا يوللىغانىدىم، بۈگۈن ئەتىگەندەيوللىغان ،باشقۇرغۇچىلارنىڭ ۋاقتى چىقمىدىمۇ ئۇقمىدىم تېخىچە تەستىقلانماپتۇ.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-11-19 17:31:44

يەنە تەستىقلىمىسا، ماڭىمۇ يوللىۋېتەرسىز

koktash@gmail.com

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-19 18:04:48

4- قەۋەتتىكى koktashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يەنە تەستىقلىمىسا، ماڭىمۇ يوللىۋېتەرسىز

koktash@gmail.com



تەستىقلاپتۇ.


http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=51372

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-19 18:25:53

1- قەۋەتتىكى qutghurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

رۇس تارىخچىسى بارتولىد ئۇلارنى ئوغۇزلارنىڭ بىر تارمىقى دەپ قارايدۇ.



================================

تيېلى قەبىلىسى نەخ شۇ توققۇز ئوغۇزلا .ياغمىلار- ئوغۇزلارنىڭ بىر قەبىلىسى دىسىمۇ توغرا .

\"\"ياغمىلار توققۇز ئوغۇز قاغانلىرى بىلەن بىر خەلىق \"\"_‹‹ھۇدۇدۇل ئالەم››

بۇنىڭدىن ئورخۇن خانلىغىنىڭنىڭ قاغان جەمەتى بولغان ياغلارقار ئۇرۇقى بىلەن ياغمىلار بىر جەمەتتىن دىگەن يەكۈننى چىقىرىشقا ياكى ئورخۇن خانلىغىنى تەشكىل قىلغان توققۇز ئوغۇز قەبىلىرى بىلەن ياغمىلار بىر خەلىق دىگەن مەنا چىقىشى مۈمكىن .

ئىشىقىلىپ بۇ قەبىلەنىڭ تۇتىمى بولغان \"\"بۇغرا \"\"،قاراخانىلار قاغانلىرىنىڭ لەقەبى بولغاچقا بۇ قەبىلە تۈركلوگلارنىڭ نەزەرىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ .



ۋىكىپىدىيەدە ياغمالارنى 4-ئەسىرلەردە كۈسەن ئەتراپلىردا ياشىغان تۈركى تىللىق قوۋم  \"悦般\"(چۇبانلار) بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ يېزىپتۇ.ياپونىيەلىك تارىخچى ماتسۇدا زو   چۇبانلار دېگەن ياپتاللار (嚈哒،ئېفتالىت)شۇ دەپ قارايدىكەن. ئەمدى ئورقۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىدىكى ياغلاقار بىلەن قاراخانىلار سۇلالىسىدىكى ياغمالار ئوتتۇرسىدا زادى قانداق مۇناسىۋەت باردۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ نامى تاساددىپى سەل ئوخشىشىپ قالغانمىدۇ؟

qutghur يوللانغان ۋاقتى 2012-11-20 10:19:00

6- قەۋەتتىكى yaghlaqarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل




ۋىكىپىدىيەدە ياغمالارنى 4-ئەسىرلەردە كۈسەن ئەتراپلىردا ياشىغان تۈركى تىللىق قوۋم  \"悦般\"(چۇبانلار) بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ يېزىپتۇ.ياپونىيەلىك تارىخچى ماتسۇدا زو   چۇبانلار دېگەن ياپتاللار (嚈哒،ئېفتالىت)شۇ دەپ قارايدىكەن. ئەمدى ئورقۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىدىكى ياغلاقار بىلەن قاراخانىلار سۇلالىسىدىكى ياغمالار ئوتتۇرسىدا زادى قانداق مۇناسىۋەت باردۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ نامى تاساددىپى سەل ئوخشىشىپ قالغانمىدۇ؟



================


خەنزۇچە مەنبەلەردە 九姓回鹘 دىگەن قەۋمنىڭ كۆك تۈرق يادىكارلىقلىرىدا ۋە ئورخۇن ئابىلدىلىرىدە \"\"توققۇز ئوغۇز\"\" دەپ ئاتالغانلىغىنى بىلىشكە بولىدۇ .\"\"تاڭنامە\"\"دىكى مەلۇماتلارغا كۆرە بۇلار مىلادى 5-ئەسىرلەردە شەرقى تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىدا باش كۆتۈرگەن ،ئىلگىرى كېيىن بولۇپ رورانلار خانلىرى ۋە شاجۇ ھىراۋۇللىرى بىلەن تۇرپان ئويمانلىغىنىڭ ئىگدارلىق ھوقۇقىنى تالاشقان 高车 (قاڭقىل)لارنىڭ ئەۋلادى .بۇلار مىلادىنىڭ ئالدى كەينى مەزگىللىرىدە ھۇنلارنىڭ تەرىپىنى ئالغان ئوغۇز قەبىلىلىرى (خەنزۇچە 车饰、姑师) نىڭ ئەۋلادى .يۇقارقىلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ھاكىمىيەتلىرىنىڭ ئوردا تارىخچىلىرىغا مەلۇم بولغان ئەھۋالاتلار .يۇقارقىلاردىن تەڭرىتاغنىڭ شەرق ۋە شىمالى تەرەپلىرىدە كۆچمەن ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىغىنى بىلىشكە بولىدۇ .شۇڭا 4-ئەسىردە كۇچا ئەتراپىدا تۈركى قەبىلىلەرنىڭ ياشىغانلىغى نۇرمال ئەھۋال .ئەمما بۇ قەبىلىلەرنىڭ نامىنى پەرق ئېتىشتە دىگۈدەك خەنزۇچە مەنبەلەرگە تايانغاچقا قىيىنچىلىق ھەقىقەتەن زور .شۇنداق بولغاچقا بۇ قەۋم زادى چوپانمۇ ، ئورپانمۇ(مۇشۇنداقمۇ قىياس قىلىنغان) ياكى ئىفتالىتمۇ(بۇمۇ خاتا بولىشى مۈمكىن ،چۈنكى قەدىمقى تۈرك تىلىدا ۋە تاش ئابىدىلەردە ف تاۋۇشىنى يولۇقتۇرمىدىۇق) ،بۇنى بىكىتىش قىيىن .خۇددى ھازىرقى 喀什 دىگەن سۆزدىن قەشقەرنى ئىلغا قىلىش تەسكە توختىغاندەكلا ھادىسە .


       ياغمالار بىلەن ياغلاقارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ قۇيۇقلىغىغا تارىخى دەلىل بار .<<ھۇدۇدۇل ئالەم>>(ئۇيغۇرچە)نىڭ \"\"ياغما\"\" بابىنى كۆرسىڭىز بۇنىڭغا جاۋاپ چىقىدۇ .


  مېنىڭ بىلىشىمچە ياغلارقار بىر قەبىلە بولماستىن بەلكى بىر ئۇرۇق ياكى جەمەت .ئىتىمال بۇ جەمەت ياغما قەبىلىسدىن چىققان بولىشى ، پۇتكۇل ئوغۇزلار ،تۈركلەرنىڭ قاغان جەمەتى مۇشۇ ئۇرۇققا تەۋە بولىشى ھەم مۈمكىن .شۇڭا شەرقتىكى قاراخانىلار قاغانلىرىدىن غەرپتىكى ئوسمانىلار سۇلتانلىرىغىچە ئۆزلىرىنى ئەفرىسىياپنىڭ ئەۋلادى دەپ تونىنىغان ،ئورخۇن (تۇققۇز ئوغۇز)قاغانلىرىمۇ ھەم شۇنداق .بۇنىڭدىن بۇلاردىكى سىياسى مەدەنىيەت ئىزچىللىغىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ .



durak يوللانغان ۋاقتى 2012-11-20 11:12:20

ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى پانتېكىن پۇگۇر قەبىلىسىدىن دەپتۇ ، خەنزۇلارنىڭ سوڭ دەۋرىگە ئائىت بىر ۋەسەقەسىدە ( 930-يىلىغا ئائىت) ئىدىقۇت خانلىقى « ئارسلانخان » دىيىلىپ ، قارلۇق، باسمىل ، ياغما ، كىماق قەبىلىلىرىنىڭ ھەممىسى بۇلارغا ئىتائەت قىلىدۇ ، تۈبۈت ، تۈركەش ، تاتارلار ئۇلاردىن خۇددى قۇشقاش بۈركۈتتىن قورققاندەك قورقىدۇ ... دەپ يېزىلىپتۇ .



بۇغراخان ياغمىلارنىڭ بەلگىسى ، ئەگەر قاراخانلىلارنىڭ قۇرغۇچىلىرى ياغمىلار بولسا ، ئىدىقۇتلار ئۇلارنى باشقۇرغانلىقى ئېنىق ، لېكىن ياغلاقارلار گەنجۇدا ، تۇرپان ئويمانلىغىدا چوڭ ئىشلار بولسا ، مەسىلەن جۇڭغارىيەنىڭ تاجاۋۇزى دىگەندەك ، تۇرپان خانلىرى گەنجۇغا بېرىۋالىدىغان ئەنئەنە مەۋجۇت ، شۇنىڭدىن قارىغاندا بۇلارنىڭ يەنى ھۆكۈمران جەمەتنىڭ مەركىزى يەنىلا گەنجۇ بولىشى مۈمكىن ، ياغما ۋە پۇگۇر ياغلاقار خاننىڭ جەمەتىدىن ئىكەنلىگى ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ ، شۇڭا 840 - يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار 3 كە چېچىلىپ ئەمەس يەنىلا ياغلاقارخاننىڭ قارمىغىدىكى ئىدىقۇت ۋە ياغما قاراخان خانلىقى بېقىندىلىق مۇناسىۋەتتە بىرپۈتۈنلۈكنى ساقلىغان ، پەقەت غەربىي ئۇيغۇرلار ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن گەنجۇ ۋە ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىدىن مۇتلەق ھالدا ئايرىلغان دىيىشكە بولىدۇ .



بۇ خۇددى قەدىمىي تۈرك ئىمپىرىيەسى مەزگىلىدە شەرقىي تۈرك ئاساسلىق ھۆكۈمرانلىقنى ، غەربىي تۈركلەر بولسا شەرقى تۈركنىڭ جەمەتىدىن قېرىندىشىنىڭ تەيىنلىنىدىغانلىقى ئەنئەنىسى بىلەن ئوخشاش .

يەنە بەزىلەرنىڭ خەۋەر بېرىشىچە ھازىرقى ئاتۇشلۇقلارنىڭ ئەنئەنىسى بىلەن ھازىرقى تۇرپانلىقلارنىڭ ئەنئەنىسىدە بەزى باغلىنىشلار مەۋجۇتمىش ...



تاماق يەپ ئولتۇرۇپ يېزىپ قولاشمىدى ، qutghur ئەپەندى ئېنىقراق مەسىلىلەردە يەنىلا سىزگە مۇھتاج ئىكەنمىز   {:106:}

durak يوللانغان ۋاقتى 2012-11-20 11:18:13

嚈哒   高车 姑师 车师 دىگەن نامlarنى بىر قەدىمىي تىلشۇناسلىقنى تەتقىق قىلىدىغان تارىخچى ، خەنزۇچە بۇ سۆز ئۆز دەۋرىدە « ئۇيغۇر » دەپ ئوقىلىدۇ دىگەندەك ئۇچۇرلارنى كۆرگەن ، بۇ كىشىنىڭ فامىلىسى 钱 شىنجاڭ داشۆنىڭ پىراففىسورى ئىكەن . ماقالىسىنىڭ ئىسمى « قەدىمىي ئالتاي مەدىنىيىتىنىڭ ئىگىسى -- ئوغۇزلار » ...

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2012-11-20 11:34:02

بىز ھازىر ئاتاۋاتقان قاراخانىيلارنى مەھمۇد كاشغەرىي خاقانىيە دەپ تىلغا ئالغان. خاقانىيە دىگەن سۆزنىڭ ئاسان سۆز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىشىمىز كېرەك. رىشات گەنج ئۆزىنىڭ ‹‹قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى››(ئۇيغۇرچە نەشىرى) دا قاراخانىيلارنىڭ قۇرغۇچىلىرى ياغما قەبىلىسى دەپ كۆرسىتىدۇ. دۇراكنىڭ سۆزىنى ئىلگىرى كۆكتاش قىلغان ئىدى. ئاتۇش ئۇيغۇرلىرى بىلەن تۇرپان، قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى ئاساسەن كەكە ساقال كېلىدۇ دەپ. ئۇنىڭدىن باشقا ياغمىلار ئا ھەرىپىنى ھ دەپمۇ تەلەپپۇز قىلىدۇ. ھازىرمۇ ئاتۇشتا ئابلىز دىگەننى ئېغىز تىلىدا ھابلىز دەپ ئاتايدۇ دەپ قايسى بىر ماقالىدا كۆرگەن ئىدىم.

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-11-20 13:43:29

تەرجىمە ناھايىتى راۋان چىقىپتۇ، قايىل بولدۇم.

توردا نۇرغۇن ماتېرىياللار باركەن، ۋاقىت چىقىرىپ تەرجىمىسىنى يوللاپ تۇرارسىز.



ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر !

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-20 15:49:26

11- قەۋەتتىكى matimatikaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تەرجىمە ناھايىتى راۋان چىقىپتۇ، قايىل بولدۇم.

توردا نۇرغۇن ماتېرىياللار باركەن، ۋاقىت چىقىرىپ تەرجىمىسىنى يوللاپ تۇرارسىز.



ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر !



يوقسۇ،بۇلارنى مەن پەقەت قىزىقىشىم تۈپەيلى تەرجىمە قىلىپ يوللىدىم،خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا ئاياپ ئولتۇرماي كۆرسىتىپ بېرىشىڭىزلارنى سورايمەن.ۋاقتىم يار بەرسىلا چوقۇم پات-پات يوللاپ تۇرىمەن.

qutghur يوللانغان ۋاقتى 2012-11-21 12:10:01

ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى پانتېكىن پۇگۇر قەبىلىسىدىن دەپتۇ ، خەنزۇلارنىڭ سوڭ دەۋرىگە ئائىت بىر ۋەسەقەسىدە ( 930-يىلىغا ئائىت) ئىدىقۇت خانلىقى « ئارسلانخان » دىيىلىپ ، قارلۇق، باسمىل ، ياغما ، كىماق قەبىلىلىرىنىڭ ھەممىسى بۇلارغا ئىتائەت قىلىدۇ ، تۈبۈت ، تۈركەش ، تاتارلار ئۇلاردىن خۇددى قۇشقاش بۈركۈتتىن قورققاندەك قورقىدۇ ... دەپ يېزىلىپتۇ .



============================================

مېنىڭچە بۇنىڭدا مەسىلە بار ،

1-بىز داۋاملىق ئادەتلەنگەن \"\"ئىدىقۇت خانلىغى\"\" خانلىق ئەمەس بەلكى تولۇق ئاتىلىشى \"\"ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلى\"\" ،بۇنىڭغا \"\"ۋاڭيەندىنىڭ ئەلچىلىك خاتىرىسى ۋە باشقا نۇرغۇن پاكىتلار دەلىل بولالايدۇ .بۇ دۆلەتنىڭ نامى قانداق بولۇپ «ئىدىقۇت خانلىغى» بولۇپ قالدى مەنمۇ بىكمىدىم ئىشقىلىپ نۇرغۇن ئادەم مۇشۇنداق ئېلىۋاتىدۇ .دىقەت قىلساق بۇ ئىككى خىل نامدا زور پەرق بار .‹‹شەجەرەئى تۈركى›› دە ئەبۇلغازى باھادۇرخان \"\"ئىدىقۇتقا.ئىدى -تارتىلغان ،سۇغۇرۇلغان ،مىسال ئىنەك سۈتى تارتىلدى دىگەن گەپ .قۇت- بولسا ھاكىمەت ،سەلتەنەت ،سائادەت دىگەنلىك \"\" دىگەندەك چۈشەندۇرگىنى يادىمدا .بۇنىڭدىن بۇ ئەلنىڭ (دۆلىتنىڭ) غەرپكە كۆچكەن توققۇز ئوغۇز(ئادەتتە بىز ئۇيغۇرلار دەپ ئاتايمىز)لارنىڭ خان جەمەت ۋارىسى پان تېكىن تەرىپىدىن قۇرۇلمىغانلىغىنى بىلىشكە بولىدۇ .

2-ياڭشېڭمىننىڭ ‹‹回鹘史››)ئۇيغۇرچە \"\"قەدىمقى ئۇيغۇرلار \"\" ئېلىنغان (دەمۇ \"\"ئىدىقۇت ئېلى\"\" قۇرغۇچى خان جەمەتى بولماستىن بەلكى بېشبالىقلىق بۆكەقۇن ئىسىملىك ئاقسۆڭەك توققۇز ئوغۇزلار غەرپكە ككچكەن پۇرسەتتەكۆۈچلىنىپ پانتېكىندىن بېشبالىقنى تارتىۋېلىپ \"\"ئىدىقۇت ئېلى\"\"نى قۇرغان دەپ ھۆكۈم قىلغان .

  3- بۇ ئەلنىڭ ھۆكۈمدارلىرى ئادەتتە ئۆزلىرىنى \"\"ئىدىقۇت\"\" دەپ لەقەب بىلەن ئاتىغانلىغىغا دائىر دەلىللەرمۇ ئاز ئەمەس .ھەتتا ئەبۇلغازى باھادۇرخانمۇ ئۇيغۇر ھۆكۈمدارلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى \"\"ئىدىقۇت\"\" دەپ ئاتايدىغانلىغىدىن مەلۇمات بەرگەن .قانداق بولۇپ ئارسلانخان ئاتالغانلىغىنى داۋاملىق تەتقىق قىلىش كېرەك .ئەگەر سۇڭ ئەلچىلىرى بارغان چاغدىكى ئۇيغۇر ئىدىقۇتىنىڭ رەسمى ئىسمى ئارسىلانخان بولسا(قەدىمقى ئەن-ئەنىدە ئۆزلىرى ئۆلتۈرگەن مەشھۇر شەخسلەر ياكى بوي سۇندۇرخان يەر-جاي نامىنى باللىرىغا ئىسىم قىلىپ قۇيىدىغان ئادەت بارىدى) بۇنىڭغا ئەجەپلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق .قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئەلمۇ خۇتەن خانلىرى ۋە ئوتتۇرا تۇزلەڭلىك ھاكىيەتلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا قاراخانىلارنىڭ نەچچەيۇز-يىل ئېلىپ بارغان ھوجۇملىرىدا قىسمەن زىمىنلىرىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ لىكىن سەلتەنەتنى ساقلاپ قالغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئارسىلان ئاتلىق قەبىلىلەرنى بوي سۇندۇرۇش ئىمكانىيتى تولۇق بار .

  مېنىڭچە دەل يۇقاردا دەلىل كەلتۈرگەندەك ،مەيلى مەدەنىيەت ئەن-ئەنىسى نۇختىسىدىن بولسۇن ياكى تىلشۇناسلىق نۇختىسىدىن بولسۇن ۋە ھەم تارىخى ئۇچۇر ئاساسىدىن بولسۇن \"\"ئىدىقۇت ئېلى \"\" خانلىق ئەمەس يەنى بۇ ئەلنى قۇرغانلار غەرپكە كۆچكەن خان جەمەتىدىن پان تېكىن ئەمەس .\"\"پان تېكىن بولسا سەلتەنەت مەرگىزىنى دەسلەپتە كىنگىتكە بىكىتكەن ھەم 856-يلى ئۆزىنى قاغان دەپ ئېلان قىلغان ، گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى ۋە جەنۇپقا كۆچكەن ئۇيغۇرلار پانتېكىنگە تەۋەلىك بىلدۇرگەن ،تاڭ سۇلالىسى پان تېكىنگە \"كۆل بىلگە قاغان\" دەپ ئوتىغات بەرگەن \"\"-ياڭشېڭمىن ‹‹قەدىمقى ئۇيغۇرلار››(ئۇيغۇرچە) .ئەگەر ياڭشېڭمىننىڭ بۇ قارىشىنىڭ پاكىتى كۆچلۈك بولسا پانتېكىننىڭ قاغانلىق نامى بولغان \"\"كۆل بىلگە قاغان \"\" بىلەن قاراخانىلارنى قۇرغان تۈرك قاغانى \"\"كۆل بىلگەن قادىر(قاتتىق ،قارا دىگەن مەنادا)خان\"\"-(11-ئەسىردە يېزىلىپ كېيىن يۇقالغان ‹‹كاشغەر تارىخى››دىكى بايان) بىر شەخس بولۇپ چىقىدۇ .

بۇ خىل قاراش ئەملىيەتكە تېخىمۇ ئۇيغۇن .

  

qutghur يوللانغان ۋاقتى 2012-11-21 13:41:09

يەنە بىر ئېنىقلاشقا تېگىشلىك مەسىلە بار .ئۇ بولسىمۇ 840-يىلى ئورخۇن خانلىغى يىمىرىلگەندىن كېيىن بۇ خانلىق تەۋەسىدىكى خەلىقنى\"\" توققۇز ئوغۇز\"\" دەپ ئاتاش ياكى \"\"ئۇيغۇر\"\" دەپ ئاتاش مەسىلىسى .1921-يىلىدىكى مەرگىزى ئاسىيا مىللەتلىرىنى پەرقلەندۇرۇشتە بىزگە \"\"ئۇيغۇر\"\" نامى بېرىلگەندىن بۇيانقى ئېلىپ بېرىغان تەتقىقاتلارغا كۆرە بۇ خانلىق يىمىرىلگەندىن كىيىنكى خەلىقنى \"\"ئۇيغۇر\"\" دەپ تونۇش ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر تارىخچىسىنىڭ تاللىشىغا ئايلاندى بۇنى ھەم بىر قىسىم خەنزۇ تارىخىچىلارمۇ قوللايدۇ .لىكىن بۇ 回鹘汗国 نى ئۇيغۇر خانلىغى دەپ تونۇشنىڭ تارىخى پاكىتلىرى تولىمۇ يىتەرسىز دەپ قارايمەن يەنى تارىخى پاكىتلار بۇنى قوللىمايدۇ دەپ قارايمەن .يەنىمۇ ئارقىغا يېنىپ قارىساق مۇشۇ 回鹘 لارنىڭ ئەژدادى بولغان 高车 لار ۋە بۇلارنىڭ ئەژدادى بولغان 姑师 لار ،乌呼 لار تارىخچىلار تەرپىندىن \"\"ئوغۇزلار\"\" دەپ تونۇلدى لىكىن كېيىنگە كىلىپ بۇلارنىڭ ئەۋلادى بولغان 回鹘 لار قانداق بولۇپ \"\"ئۇيغۇر\"\" دەپ تونۇلدى ؟بۇنىمۇ ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە .



----------------------

قوشۇمچە :يېقىندا \"\"مەرگىزى ئاسىيا تۈركلىرىنىڭ ئۆز ماكانلىرىغا كۆچمەن قىلىنىشى\"\" دىگەن تىمىدا بىر ماقالە يېزىپ يوللىسام تەستىقلانمىدى .مېنىڭچىمۇ بەزى سىزىمچانلىغى يۇقىرى سۆزلەرنى ئىشلىتىپ قويغان بولىشىم مۈمكىن .شۇڭا بۇنىمۇ توغرا چۈشەندىم .ئەسلىدە تارىخقا قىزىقىدىغان قېرىنداشلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ باقاي دىگەن .شۇڭا مۇنبەردىكى تارىخقا قىزىقىدىغان durak ,niyazdihan,yaghlaqar,koktash,chewendaz ۋە باشقا قىزىقىدىغان قېرىنداشلار ئىلخەت ئادرېسىڭلارنى قالدۇرساڭلار ماڭدۇرۇپ بىرەي .پىكىرىڭلارنى قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق بەرسەڭلار مىننەتدار بولىمەن .ئەتراپىمدىكىلەرگە ئوقۇپ بىرەي دىسەم مەن تونۇيدىغان مىڭلارچە ئادەملەر ئىچىدە تارىخقا قىزىقىدىغان بىرەر ئادەممۇ يوق ئىكەن ،دىمەك بىزدە تارىخقا قىزىقىدىغانلار مىڭدە بىر پىرسەنتكە يەتمەيدىكەن دىگەن گەپ .شۇ پېتى تاشلاپ قوياي دىسەم يېرىم كۈن ئويلىنىپ ،يېرىم كۈن ۋاقىت چىقىرىپ يازغان ماقالە ئىدى .شۇڭا باشقىلار تورا چۈشەنگەيسىلەر .

ئەلۋەتتە ،بۇ ماقالىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئوتتۇرا ئەسىر ۋە قەدىمقى تارىخىدىن خەۋەردار بولۇش كېرەك دەپ قارايمەن .

qutghur يوللانغان ۋاقتى 2012-11-21 13:56:45

嚈哒  高车 姑师 车师 دىگەن نامlarنى بىر قەدىمىي تىلشۇناسلىقنى تەتقىق قىلىدىغان تارىخچى ، خەنزۇچە بۇ سۆز ئۆز دەۋرىدە « ئۇيغۇر » دەپ ئوقىلىدۇ دىگەندەك ئۇچۇرلارنى كۆرگەن

==================================================

بۇ ئۇچۇر بەك مۇھىمكەن .ئەگەر راس شۇنداق ئوقۇشقا بولسا ئورخۇن خانلىغىنى تەشكىل قىلىشقا قاتناشقان(سىرتاردۇشلاربىلەن ئىتپاق تۈزگەن) 袁纥 دىگەن قەبىلىنىمۇ \"\"ئۇيغۇر \"\" دەپ ئوقۇشقا بولىدۇ .لىكىن بۇلار بۇ يەنىلا ئورخۇن خانلىغىنىڭ پۇتكۈل ئاھالىسىنى \"\"ئۇيغۇر\"\"دەپ تونۇشقا ئاساس بولالمايدۇ .چۈنكى بۇلار پەقەت شۇلار ئىچىدىكى 12 قەبىلىنىڭ(باسمىل ،قارلۇق ،؟ قاتارلىق ئۈچ قەبىلە كېيىن خانلىققا كىرگەن )بىرى .回鹘十五部,姓药逻葛 ،بۇ باياننى مەن توققۇز ئوغۇزلار 15 قەبىلە ،بۇلارنىڭ قاغانى ياغلاقارلار دەپ چۈشەندىم .

qutghur يوللانغان ۋاقتى 2012-11-21 14:14:50

\"\"ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلى\"\"نىڭ قۇرغۇچىسى بۆكەقۇننى خەنزۇچە 卜固俊 دەپ ئاپتىكەن .بۇنىڭ گۇگىللاپ باقساق بەلكىم مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرغا ئېرىشىپ قېلىشىمىز مۈمكىن .دۇراك ئەپەندى تىلغا ئالغان پۇگۇر قەبىلىسى مۇشۇ بۆكەقۇننى كۆزدە تۇتقان بولمىسۇن يانا .لىكىن ياڭشېڭمىن پانتىكىن دەل مۇشۇ ئىدىقۇت ئېلىنى خانلىقتىن ئايرىپ دۆلەت تەشكىللىگەن بۆكەقۇن تەرپىدىن( بىر قېتىملىق كىنگىتنى قۇرشاش ئۇرۇشىدا ) ئۆلتۈرۈلگەن دەپ قارايدىكەن .ئەگەر بۇ ئۇچۇر ھەم ئىشەنچلىك بولسا ئىدىقۇت ئىلى بىلەن قاراخانىلارنىڭ تارىخى دۈشمەنلىگىگە سەۋەپ چىقىدۇ .يەنى ئىدىقۇت ئېلىنىڭ تۇنجى ھۆكمىرانى قاراخانىلارنىڭ تۇنجى ھۆكمىرانىنى ئۆلتۈرگەن ،ۋە نەچچە يۈز يىل داۋاملاشقان تارىخى ئۆچمەنلىككە سەۋەپ بولغان بولىدۇ .بۇ دەھشەتلىك ئۆچمەنلىكنى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بايانىدىنمۇ بايقاش تەس ئەمەس . خۇلاسىلىگەندە قاراخانىلارنى قۇرغۇچى كۆل بىلگە قادىرخان دەل غەرپكە كۆچكەن توققۇز ئوغۇزلارنىڭ داھىسى پانتىكىن شۇ .

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-22 08:24:14

مېنىڭ ئېلخەت ئادېرسىم: qutluq@126.com



يۇقىردا تىلغا ئالغان ماقالىڭىزنى مۇشۇ ئادېرىسقا يوللاپ بەرسىڭىز بولىدۇ. \"\"

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-22 08:32:14

16- قەۋەتتىكى qutghurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

\"\"ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلى\"\"نىڭ قۇرغۇچىسى بۆكەقۇننى خەنزۇچە 卜固俊 دەپ ئاپتىكەن .بۇنىڭ گۇگىللاپ باقساق بەلكىم مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرغا ئېرىشىپ قېلىشىمىز مۈمكىن .دۇراك ئەپەندى تىلغا ئالغان پۇگۇر قەبىلىسى مۇشۇ بۆكەقۇننى كۆزدە تۇتقان بولمىسۇن يانا .لىكىن ياڭشېڭمىن پانتىكىن دەل مۇشۇ ئىدىقۇت ئېلىنى خانلىقتىن ئايرىپ دۆلەت تەشكىللىگەن بۆكەقۇن تەرپىدىن( بىر قېتىملىق كىنگىتنى قۇرشاش ئۇرۇشىدا ) ئۆلتۈرۈلگەن دەپ قارايدىكەن .ئەگەر بۇ ئۇچۇر ھەم ئىشەنچلىك بولسا ئىدىقۇت ئىلى بىلەن قاراخانىلارنىڭ تارىخى دۈشمەنلىگىگە سەۋەپ چىقىدۇ .يەنى ئىدىقۇت ئېلىنىڭ تۇنجى ھۆكمىرانى قاراخانىلارنىڭ تۇنجى ھۆكمىرانىنى ئۆلتۈرگەن ،ۋە نەچچە يۈز يىل داۋاملاشقان تارىخى ئۆچمەنلىككە سەۋەپ بولغان بولىدۇ .بۇ دەھشەتلىك ئۆچمەنلىكنى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بايانىدىنمۇ بايقاش تەس ئەمەس . خۇلاسىلىگەندە قاراخانىلارنى قۇرغۇچى كۆل بىلگە قادىرخان دەل غەرپكە كۆچكەن توققۇز ئوغۇزلارنىڭ داھىسى پانتىكىن شۇ .



قاراخانىلار سۇلالىسى بىلەن ئۇدۇن خانلىقى ئوتتۇرسىدا چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇشلار بولغانلىقى ھەممەيلەن ئېتىراپ قىلىدۇ. لېكىن ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلى بىلەن قاراخانىلار ئوتتۇرسىدا زادى چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇشلار بولغانمۇ يوق؟بولسا قاچان؟نەدە بولغان؟مېنىڭ بۇ سوئالىنى سورىشىمدا بەزى تارىخچىلار  قاراخانىلار بىلەن ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ دىنى ئېتىقادى گەرچە ئوخشاشمىسىمۇ لېكىن ئۇلار ئوتتۇرىسىدا چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇش بولمىغان دەپ قارايدىكەن.

koxuk يوللانغان ۋاقتى 2012-11-22 08:56:42

بەزىلەر پانتېكىننى كەڭسۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى دىسە، بەزىلەر ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى دەپ قارايدىكەن، يەنە بەزىلەر قاراخانىيلارنىڭ قۇرغۇچىسى دەپ قارايدىكەن. يەنە بەزى ئالىملار ئۇيغۇرلار غەرپكە كۆچكەندىن كېيىن پانتېىكىننىڭ رەھبەرلىكىدە غەربى ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان، كېيىن خانلىق پارچىلانغان دەپمۇ قارايدىكەن.
بەت: [1] 2
: ياغما قەبىلىسى[تەرجىمە]