yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-22 10:32:56

16- قەۋەتتىكى qutghurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

\"\"ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلى\"\"نىڭ قۇرغۇچىسى بۆكەقۇننى خەنزۇچە 卜固俊 دەپ ئاپتىكەن .بۇنىڭ گۇگىللاپ باقساق بەلكىم مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرغا ئېرىشىپ قېلىشىمىز مۈمكىن .دۇراك ئەپەندى تىلغا ئالغان پۇگۇر قەبىلىسى مۇشۇ بۆكەقۇننى كۆزدە تۇتقان بولمىسۇن يانا .لىكىن ياڭشېڭمىن پانتىكىن دەل مۇشۇ ئىدىقۇت ئېلىنى خانلىقتىن ئايرىپ دۆلەت تەشكىللىگەن بۆكەقۇن تەرپىدىن( بىر قېتىملىق كىنگىتنى قۇرشاش ئۇرۇشىدا ) ئۆلتۈرۈلگەن دەپ قارايدىكەن .ئەگەر بۇ ئۇچۇر ھەم ئىشەنچلىك بولسا ئىدىقۇت ئىلى بىلەن قاراخانىلارنىڭ تارىخى دۈشمەنلىگىگە سەۋەپ چىقىدۇ .يەنى ئىدىقۇت ئېلىنىڭ تۇنجى ھۆكمىرانى قاراخانىلارنىڭ تۇنجى ھۆكمىرانىنى ئۆلتۈرگەن ،ۋە نەچچە يۈز يىل داۋاملاشقان تارىخى ئۆچمەنلىككە سەۋەپ بولغان بولىدۇ .بۇ دەھشەتلىك ئۆچمەنلىكنى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بايانىدىنمۇ بايقاش تەس ئەمەس . خۇلاسىلىگەندە قاراخانىلارنى قۇرغۇچى كۆل بىلگە قادىرخان دەل غەرپكە كۆچكەن توققۇز ئوغۇزلارنىڭ داھىسى پانتىكىن شۇ .

داڭلىق تارىخچى ۋېي لياڭتاۋ(魏良弢 ) ئەپەندىنىڭ<<قاراخانىلار تارىخى ماقالىلىرى>>(喀喇汗王朝史稿) دېگەن ئەسىرنىڭ قاراخانىلار بىلەن قوچۇنىڭ مۇناسىۋىتى دېگەن بابىدا تۆۋەندىكىدەك قاراشنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ.

\"\"

(تەرجىمىسى:قارىغاندا بۇ ئىككى خانلىقنىڭ دىنى ئېتىقادى گەرچە ئوخشاشمىسىمۇ،بىراق زور قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ باقمىغان.)

qutghur يوللانغان ۋاقتى 2012-11-22 15:39:40

(تەرجىمىسى:قارىغاندا بۇ ئىككى خانلىقنىڭ دىنى ئېتىقادى گەرچە ئوخشاشمىسىمۇ،بىراق زور قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ باقمىغان.)

================================

ئاخىرىنى تەرجىمە قىلماپسىز ،ۋېيلىياڭتاۋ ئەپەندى چوڭ كۆلەملىك توقۇنۇش يۈز بەرمىدى دىيىشىنىڭ سەۋەبى :\"\"مۇسۇلمانچە تارىخ كىتابلىرىدا بۇ توغرىدا بىۋاستە ئۇچۇر يوق \"\" دەپ ئاساسىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپتۇ .لىكىن ‹‹دىۋان لۇغات تۈركى›› دىكى ئۆچمەنلىك بىلەن تولغان بايان ۋە قۇشاقلاردىن ،تۇرپاندىكى قاراخانىلار قوشۇنلىرى ئېلىپ بارغان پەتىھ ئۇرۇشلىرىنىڭ يالدامىسى بولغان مازارلاردىن ،جۇرجىتلاردىن ماغلۇپ بولۇپ قاچقان قىتانلارغا ئىدىقۇت ئېلىنىڭ يول بېرىشى ،ئاكتىپلىق بىلەن تەۋەلىك بىلدۈرىشى ،ئازغىنا قىتان كۆچمەنلىرى بۇ ئىككى قېرىنداش ئەل ھاكىميەتلىرىنىڭ زىدىيىتىدىن پايدىلىنىپ 1140-يىلىغا كەلگگندە مەرگىزى ئاسىيادا سەلجۇقلار بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرالايدىغان قاراخانىلارنى قارام ھالغا كەلتۈرەلىشىدە مۇشۇ زىدىيەت سەۋەپ بولغان بولىشى مۈمكىن .بۇ مېنىڭ قارىشىم ،لىكىن مېنىڭ ئاساسىممۇ خېلى كۆچلۈك .ھەر-ھالدا ۋېيلىياڭتاۋ ئەپەندىگە قارىغاندا كونكرت ئاساسىم بار \"\"

لىكىن سىزگە خېلى قايىل بولىۋاتىمەن ،ياغلاقار ئەپەندى ،بەك تەپسىلى ئۈگىنىۋاتىسىز تارىخنى .مۇشۇنداق ئۈگەنسە ئۈنىمى ياخشى بولىدۇ .

qutghur يوللانغان ۋاقتى 2012-11-22 16:04:08

18- قەۋەتتىكى yaghlaqarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قاراخانىلار سۇلالىسى بىلەن ئۇدۇن خانلىقى ئوتتۇرسىدا چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇشلار بولغانلىقى ھەممەيلەن ئېتىراپ قىلىدۇ. لېكىن ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلى بىلەن قاراخانىلار ئوتتۇرسىدا زادى چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇشلار بولغانمۇ يوق؟بولسا قاچان؟نەدە بولغان؟مېنىڭ بۇ سوئالىنى سورىشىمدا بەزى تارىخچىلارقاراخانىلار بىلەن ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ دىنى ئېتىقادى گەرچە ئوخشاشمىسىمۇ لېكىن ئۇلار ئوتتۇرىسىدا چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇش بولمىغان دەپ قارايدىكەن.

راستىنى دىسەم بىزنىڭ تارىخىمىزنى تەتقىق قىلغۇچى ئالىملار تەتقىقات جەريانىدا ئانچە-مۇنچە سۇ ئارلاشتۇرمايدۇ دىەىلى بولمايدۇ .ئەسلىدە ئورخۇن ىەلقىنى غەرپكە ئېلىپ ماڭغان پان تىكىن غەربى خانلىقنى مۇۋاپىقىيەتلىك قۇرۇپ چقىققانلىغى راست .شۇنداق بولغاندا بۇ خانلىق ئىدىقۇت جاراخانىلار دەپ ئايرىلماسلىغى كېرەكتى ،لىكىن قىسمەن تارىخىلار ئىدىقۇت ئىلىنىڭ شان شەرپىنى گەۋدىلەندۇرۇش ئۈچۈنمۇ ئەيتاۋۇر \"\"ئۇيغۇرلار غەرپكە كۆچۈپلا ئىدىقۇت ئېلىنى قۇرۇپ چىققان\"\" دىيىش ئارقىلىق قاراخانىلارنى قۇرغانلار بىلەن ئىدىقۇتنى قۇرغانلارنى ئايرىم خەلىق قىلىپ تارىخ يازدى .ئاندىن ياڭشېڭمىن ئەپەندى قوپۇپ \"\"ئىدىقۇت ئېلىنىڭ قۇرغۇچىسى بۆكەقۇن كىنگىتتە پان تېكىنگە تۇيقسىز ھۇجۇم باشلاپ پان تېكىننى ئۆلتۈردى\"\" دىگەن يىكننى كۆتۈرۇپ چىقتى .مەنمۇ مۇشۇ قاراشقا مايىل بولدۇم .لىكىن مۇسۇلمان تارىخچىلار \"\"ئدىقۇت ئېلى\"\" دىگەن تۈرك ھاكىيىتىنى ھەقىقەتەن تارىخقا ئالمىغان ،لىكىن <<موڭغۇللارنىڭ مەخپى تارىخى>>دا 1206\"\"-يىلى؟ئۇيغۇر ئىدىقۇتى ئەلچى ئەۋەتىپ ئەل بولدى\"\" دىگەن بايان بار .لىكىن قارىخانىلار بىلەن ئىدىقۇتلار ئارىسىدا قانلىق \"ئۇرۇش بولغانلىغنى ،كۇچا دەسلەپتە ئىدىقۇتلارنىڭ مۇھىم شەھىرى بولۇشتىن مۇسۇلمان تۈركلەر قولىغا ئۆتكەنلىگىنى ،تەڭرى تاغنىڭ شىمالىدىمۇ ئىدىقۇت ئېلى زىمىنى مۇناسىپ شەرققە سۈرۈلگەن بولىشى مۈمكىن .

بىلىشىمچە تۇرپاندا ئەبۇناسىر سامانىنىڭ ئوغلى ئەبۇلفەتتاھ نامىغا مازار بارمىكى .بۇ دەل قاراخانىلار بىلەن ئىدىقۇتلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇش يالدامىسى .ئىسلام دىنى قەشقەرگە 7- ئەسىردىلا سودىگەرلەر ۋاستىسى بىلەن كەلگەنگە ئوخشاش تۇرپانغىمۇ شۇ ۋاقىتالاردا كىلىپ بولغانبولىشى مۈمكىن .لىكىن ئاساسى ئاھالە بولالمىغان گەپ .

qutghur يوللانغان ۋاقتى 2012-11-22 16:22:49

2007-يىلىمۇ ياكى 2008-يىلىمۇ مەن بىلىك تورى بىلەن ئوخۇن تورىغان \"\"قارىخانىلار قاغانلىغنى قۇرغۇچىلار -ياغلاقار جەمەتى\"\" دەپ بىر ماقالە يوللىغان .بۇ ماقالىدە قاراخانىلارغا ئائىت نۇرغۇن ئۇچۇر بار ئىدى ،شۇ ۋاقىتلاردا بۇ ماقالىنىڭ خەنزۇچىسىمۇ خەنزۇچە تارىخ تورىلىدا بارىدى .

http://www.xjass.com/ls/content/2009-05/10/content_76580.htm

مانا خەنزۇچىسى ،لىكىن يازغۇچىسى ئۆزبىكستانلىق بىر ئالىمغا ئايلىنىپ قاپتۇ \"\"

ئۆزۇم ساقلىماپتىكەنمە .

بۇ ماقالىدىكى سەۋەنلىكىم

1-ياغلاقارلارنى توققۇز ئوغۇزلارنىڭ بىر قەبىلىسى دەپ چۈشەنگەن ئىدىم ،

2-九姓回鹘 چوقۇم\"\" ئۇيغۇر\"\" دەپ بىلىش كېرەك دەپ ئويلىغان .

3- 821-يىلىغا كەلگەندە قاغاننى تەخىتىتىن چۈشۈرۈپ سەلتەنەتنى ئىگىلىگەنلەرنى ھازار قەبىلىسدىن چىققان ۋەزىر دەپ ئاپتىكەنمە .

4-خۇددى يۇقار ئىنكاسلىرىمدا ئوتتۇرىغا قويغىنىمدەك ،بۇ ماقالىدىمۇ ياڭشېڭمىن ئەپەندىنىڭ قارىشىنى قوبۇل قىلىپ ئىدىقۇت ئېلىنى قاراخانىلاردىن 866-يىلى ئايرىۋالغان دەپ ئالغان .بۇنىڭغا نىسبەتەن كۆڭلۈمدە سەل دىلىغۇللۇق بار .بىر قاغاننى بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا مەغلۇپ قىلىپلا زىمنىنىڭ بىر بكلىكىنى ئوڭۇشلۇق مۇستەقىل قىلىۋېلىش ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى .

5- غەرپكە كۆچكەن توققۇز ئوغۇز(ئۇيغۇر دەپ قارىغان)لارنى 10 ئۇيغۇرلار زىمىنىغا يەنى يەتتەسۇ ،ئسىىق كۆل ئەتراپلىرىغا كۆچكەن دەپ ئاپتىمەن .بۇ زىمىنلارنى 10 ئۇيغۇر زىمىنى دىيىشنىڭ ھىچ ئاساسى يوقكەن .ئەملىيەتتە ئەڭ چوڭ سەۋەنلىگىم مۇشۇ 5-سى .

ما تېمىغا ماقالە خېلى ئۇدۇل كىلىدۇ .

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-22 19:20:27

21- قەۋەتتىكى qutghurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

(تەرجىمىسى:قارىغاندا بۇ ئىككى خانلىقنىڭ دىنى ئېتىقادى گەرچە ئوخشاشمىسىمۇ،بىراق زور قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ باقمىغان.)

================================

ئاخىرىنى تەرجىمە قىلماپسىز ،ۋېيلىياڭتاۋ ئەپەندى چوڭ كۆلەملىك توقۇنۇش يۈز بەرمىدى دىيىشىنىڭ سەۋەبى :\"\"مۇسۇلمانچە تارىخ كىتابلىرىدا بۇ توغرىدا بىۋاستە ئۇچۇر يوق \"\" دەپ ئاساسىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپتۇ .لىكىن ‹‹دىۋان لۇغات تۈركى›› دىكى ئۆچمەنلىك بىلەن تولغان بايان ۋە قۇشاقلاردىن ،تۇرپاندىكى قاراخانىلار قوشۇنلىرى ئېلىپ بارغان پەتىھ ئۇرۇشلىرىنىڭ يالدامىسى بولغان مازارلاردىن ،جۇرجىتلاردىن ماغلۇپ بولۇپ قاچقان قىتانلارغا ئىدىقۇت ئېلىنىڭ يول بېرىشى ،ئاكتىپلىق بىلەن تەۋەلىك بىلدۈرىشى ،ئازغىنا قىتان كۆچمەنلىرى بۇ ئىككى قېرىنداش ئەل ھاكىميەتلىرىنىڭ زىدىيىتىدىن پايدىلىنىپ 1140-يىلىغا كەلگگندە مەرگىزى ئاسىيادا سەلجۇقلار بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرالايدىغان قاراخانىلارنى قارام ھالغا كەلتۈرەلىشىدە مۇشۇ زىدىيەت سەۋەپ بولغان بولىشى مۈمكىن .بۇ مېنىڭ قارىشىم ،لىكىن مېنىڭ ئاساسىممۇ خېلى كۆچلۈك .ھەر-ھالدا ۋېيلىياڭتاۋ ئەپەندىگە قارىغاندا كونكرت ئاساسىم بار \"\"

لىكىن سىزگە خېلى قايىل بولىۋاتىمەن ،ياغلاقار ئەپەندى ،بەك تەپسىلى ئۈگىنىۋاتىسىز تارىخنى .مۇشۇنداق ئۈگەنسە ئۈنىمى ياخشى بولىدۇ .

ئۆز-ئارا قوشنا بولغان بۇ ئىككى ئۇيغۇر ھاكىميىتنىڭ دىنى-ئېتىقادى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئۇنداق-مۇنداق زىدىيەتلىرى بولۇشى تەبىئى.

گەرچە تارىخ مېنىڭ كەسپىم بولمىسىمۇ لېكىن مېنىڭ تارىخقا بولۇپمۇ ئۆز تارىخىمىزغا بىرخىل چوڭقۇر ئىشتىياقىم بار.شۇ سەۋەپتىن تارىخى ماتېرىياللارنى كۆپ كۆرىمەن،كۆرۈش جەريانىدا كاللامدا نۇرغۇن سوئاللار تۇغۇلدى،ئاشۇ سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەش ئىستىكىدە مۇشۇ بىر قاتار يازمىلارنى گەرچە كەسپى تەرجىمان بولمىساممۇ چامىمنىڭ يېتىشىچە تەرجىمە قىلىپ مۇنبەرگە يوللىدىم،كەڭ تارىخچى،تەرجىمانتورداش ئۇستازلارنىڭ كۆپرەك تەلىم بېرىشىنى ،خاتا كەتكەن جايلىرى بولسا كۆرسىتىپ بېرشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-22 19:31:48

22- قەۋەتتىكى qutghurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

18- قەۋەتتىكى yaghlaqarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قاراخانىلار سۇلالىسى بىلەن ئۇدۇن خانلىقى ئوتتۇرسىدا چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇشلار بولغانلىقى ھەممەيلەن ئېتىراپ قىلىدۇ. لېكىن ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلى بىلەن قاراخانىلار ئوتتۇرسىدا زادى چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇشلار بولغانمۇ يوق؟بولسا قاچان؟نەدە بولغان؟مېنىڭ بۇ سوئالىنى سورىشىمدا بەزى تارىخچىلارقاراخانىلار بىلەن ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ دىنى ئېتىقادى گەرچە ئوخشاشمىسىمۇ لېكىن ئۇلار ئوتتۇرىسىدا چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇش بولمىغان دەپ قارايدىكەن.

راستىنى دىسەم بىزنىڭ تارىخىمىزنى تەتقىق قىلغۇچى ئالىملار تەتقىقات جەريانىدا ئانچە-مۇنچە سۇ ئارلاشتۇرمايدۇ دىەىلى بولمايدۇ .ئەسلىدە ئورخۇن ىەلقىنى غەرپكە ئېلىپ ماڭغان پان تىكىن غەربى خانلىقنى مۇۋاپىقىيەتلىك قۇرۇپ چقىققانلىغى راست .شۇنداق بولغاندا بۇ خانلىق ئىدىقۇت جاراخانىلار دەپ ئايرىلماسلىغى كېرەكتى ،لىكىن قىسمەن تارىخىلار ئىدىقۇت ئىلىنىڭ شان شەرپىنى گەۋدىلەندۇرۇش ئۈچۈنمۇ ئەيتاۋۇر \"\"ئۇيغۇرلار غەرپكە كۆچۈپلا ئىدىقۇت ئېلىنى قۇرۇپ چىققان\"\" دىيىش ئارقىلىق قاراخانىلارنى قۇرغانلار بىلەن ئىدىقۇتنى قۇرغانلارنى ئايرىم خەلىق قىلىپ تارىخ يازدى .ئاندىن ياڭشېڭمىن ئەپەندى قوپۇپ \"\"ئىدىقۇت ئېلىنىڭ قۇرغۇچىسى بۆكەقۇن كىنگىتتە پان تېكىنگە تۇيقسىز ھۇجۇم باشلاپ پان تېكىننى ئۆلتۈردى\"\" دىگەن يىكننى كۆتۈرۇپ چىقتى .مەنمۇ مۇشۇ قاراشقا مايىل بولدۇم .لىكىن مۇسۇلمان تارىخچىلار \"\"ئدىقۇت ئېلى\"\" دىگەن تۈرك ھاكىيىتىنى ھەقىقەتەن تارىخقا ئالمىغان ،لىكىن <<موڭغۇللارنىڭ مەخپى تارىخى>>دا 1206\"\"-يىلى؟ئۇيغۇر ئىدىقۇتى ئەلچى ئەۋەتىپ ئەل بولدى\"\" دىگەن بايان بار .لىكىن قارىخانىلار بىلەن ئىدىقۇتلار ئارىسىدا قانلىق \"ئۇرۇش بولغانلىغنى ،كۇچا دەسلەپتە ئىدىقۇتلارنىڭ مۇھىم شەھىرى بولۇشتىن مۇسۇلمان تۈركلەر قولىغا ئۆتكەنلىگىنى ،تەڭرى تاغنىڭ شىمالىدىمۇ ئىدىقۇت ئېلى زىمىنى مۇناسىپ شەرققە سۈرۈلگەن بولىشى مۈمكىن .

بىلىشىمچە تۇرپاندا ئەبۇناسىر سامانىنىڭ ئوغلى ئەبۇلفەتتاھ نامىغا مازار بارمىكى .بۇ دەل قاراخانىلار بىلەن ئىدىقۇتلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇش يالدامىسى .ئىسلام دىنى قەشقەرگە 7- ئەسىردىلا سودىگەرلەر ۋاستىسى بىلەن كەلگەنگە ئوخشاش تۇرپانغىمۇ شۇ ۋاقىتالاردا كىلىپ بولغانبولىشى مۈمكىن .لىكىن ئاساسى ئاھالە بولالمىغان گەپ .

-------------

خاتالاشمىسام كۇچا 14-ئەسىردە شەرقى چاغاتاي خانلىقنىڭ قۇرغۇچىسى تۇغلۇق تۆمۈرخان دەۋردە ئاندىن ئىسلاملاشقان بولغىيدى؟ ئەمماشەرقى قاراخانىلار13-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدىلانايمان خانزادىسى كۈچلۈك تەرىپىدىن مۇنقەرىز بولۇپ بولغانىدى.

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-22 19:36:55

23- قەۋەتتىكى qutghurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2007-يىلىمۇ ياكى 2008-يىلىمۇ مەن بىلىك تورى بىلەن ئوخۇن تورىغان \"\"قارىخانىلار قاغانلىغنى قۇرغۇچىلار -ياغلاقار جەمەتى\"\" دەپ بىر ماقالە يوللىغان .بۇ ماقالىدە قاراخانىلارغا ئائىت نۇرغۇن ئۇچۇر بار ئىدى ،شۇ ۋاقىتلاردا بۇ ماقالىنىڭ خەنزۇچىسىمۇ خەنزۇچە تارىخ تورىلىدا بارىدى .

http://www.xjass.com/ls/content/2009-05/10/content_76580.htm

http://www.xjass.com/ls/content/2009-05/10/content_76580.htm

مانا خەنزۇچىسى ،لىكىن يازغۇچىسى ئۆزبىكستانلىق بىر ئالىمغا ئايلىنىپ قاپتۇ \"\"

ئۆزۇم ساقلىماپتىكەنمە .

بۇ ماقالىدىكى سەۋەنلىكىم

1-ياغلاقارلارنى توققۇز ئوغۇزلارنىڭ بىر قەبىلىسى دەپ چۈشەنگەن ئىدىم ،

2-九姓回鹘 چوقۇم\"\" ئۇيغۇر\"\" دەپ بىلىش كېرەك دەپ ئويلىغان .

3- 821-يىلىغا كەلگەندە قاغاننى تەخىتىتىن چۈشۈرۈپ سەلتەنەتنى ئىگىلىگەنلەرنى ھازار قەبىلىسدىن چىققان ۋەزىر دەپ ئاپتىكەنمە .

4-خۇددى يۇقار ئىنكاسلىرىمدا ئوتتۇرىغا قويغىنىمدەك ،بۇ ماقالىدىمۇ ياڭشېڭمىن ئەپەندىنىڭ قارىشىنى قوبۇل قىلىپ ئىدىقۇت ئېلىنى قاراخانىلاردىن 866-يىلى ئايرىۋالغان دەپ ئالغان .بۇنىڭغا نىسبەتەن كۆڭلۈمدە سەل دىلىغۇللۇق بار .بىر قاغاننى بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا مەغلۇپ قىلىپلا زىمنىنىڭ بىر بكلىكىنى ئوڭۇشلۇق مۇستەقىل قىلىۋېلىش ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى .

5- غەرپكە كۆچكەن توققۇز ئوغۇز(ئۇيغۇر دەپ قارىغان)لارنى 10 ئۇيغۇرلار زىمىنىغا يەنى يەتتەسۇ ،ئسىىق كۆل ئەتراپلىرىغا كۆچكەن دەپ ئاپتىمەن .بۇ زىمىنلارنى 10 ئۇيغۇر زىمىنى دىيىشنىڭ ھىچ ئاساسى يوقكەن .ئەملىيەتتە ئەڭ چوڭ سەۋەنلىگىم مۇشۇ 5-سى .

ما تېمىغا ماقالە خېلى ئۇدۇل كىلىدۇ .

-------------------

بۇ ماقالىنى مەن ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم ئوقۇغان ئىدىم،قاراخانىلار ھەققىدە خېلى يېڭى كۆزقاراشلانى ئوتتۇرغا قويۇپتىكەن.بۇ ماقالىنى ئەسلى سىز يېزىپتىكەنسىزدە،ئاپتورى قانداق بولۇپ ئۆزبېكىستانلىق پروفېسسور پەيزۇللاغا ئۆزگىرىپ قالغاندۇ؟\"\"

qutghur يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 09:07:28

24- قەۋەتتىكى yaghlaqarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۆز-ئارا قوشنا بولغان بۇ ئىككى ئۇيغۇر ھاكىميىتنىڭ دىنى-ئېتىقادى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئۇنداق-مۇنداق زىدىيەتلىرى بولۇشى تەبىئى.

گەرچە تارىخ مېنىڭ كەسپىم بولمىسىمۇ لېكىن مېنىڭ تارىخقا بولۇپمۇ ئۆز تارىخىمىزغا بىرخىل چوڭقۇر ئىشتىياقىم بار.شۇ سەۋەپتىن تارىخى ماتېرىياللارنى كۆپ كۆرىمەن،كۆرۈش جەريانىدا كاللامدا نۇرغۇن سوئاللار تۇغۇلدى،ئاشۇ سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەش ئىستىكىدە مۇشۇ بىر قاتار يازمىلارنى گەرچە كەسپى تەرجىمان بولمىساممۇ چامىمنىڭ يېتىشىچە تەرجىمە قىلىپ مۇنبەرگە يوللىدىم،كەڭ تارىخچى،تەرجىمانتورداش ئۇستازلارنىڭ كۆپرەك تەلىم بېرىشىنى ،خاتا كەتكەن جايلىرى بولسا كۆرسىتىپ بېرشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

\"\"تارىخنى غالىپلار مەغلۇپلارنىڭ دۇمبىسىگە يازىدۇ\"\" دىگەن قاراشقا قوشىلامسىزكىن بلمىدىم ،لىكىن مەن بۇ قاراشنىئۇزۇن يىلىىق تارىخ تەرققىيات ئەملىيتىدىن چىقىرىلغان ئاچچىق يەكۈن دەپ قارايمەن .

   بىزنىڭ ئەژداتلىرىمىزنىڭ تارىخىغا نەزەر سالساق ،تارىخمىزنىڭ ئەڭ غوللۇق قىسمىنىڭ ھامان باشقا ئەل تارىخچىلىرى تەرپىندىن يېزىپ تاماملانغانلىغنى كۆرۈپ يەتتۇق .بۇ تارىخنى بىزنىڭ دۇمبىمىزگە يېزىلمىغان دىيىشكە كۆڭلىمىزدە ئىشەنچ قانچىلىك ؟بۇنىڭغا مەن بىر-نىمە دىيىشكە ئاجىزمەن .شۇڭائورخۇن خانلىغى(بۇ ناممۇ كېيىنكى تارىخچىلار تەرپىندىن قويۇلغانغۇ دەيمە)نى \"\"ئۇيغۇر ھاكىيىتى\"\" دەپ ئاتاشنى تارىخى پاكىت ۋە تارىخى ئەملىيەت ئانچە قوللاپ كەتمەيدىغانلىغىنى ھىس قىلىۋاتىمەن .بۇ خانلىقنى \"\"ئۇيغۇر ھاكىمىيىتى\"\" دىيىشنىڭ بىردىن-بىر ئاساسى 回鹘 نامى 回纥 دىن كەلگەن ،بۇ 袁纥 دىن كەلگەن بۇ ناملار \"\"ئۇيغۇر \"\" سكزىنىڭ شۇ زامانلاردىكى خەنزۇچە يېزىلىشى دىيىلىدۇ .بىز بۇنى 100% توغرا دەپ قارىغاندىمۇ بۇ پەقەت ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ھاكىيەتلەرنىڭ بۇ \"\"ئورخۇن خانلىغىنى\"\" 回鹘 ئارقىلىق تونىشىنى بىلدۈرىشى مۈمكىن ،لىكىن يېپىشقاق تاۋۇشلۇق تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەرەپ ،پارىس تارىخچىلىرى بۇ ھاكىميەتنى \"\"توققۇز ئوغۇز خانلىغى\"\" دەپ تونىغان ،ھەتتا ئورىۇن خانلىغىنىڭ باشكەنتىگىچە بارغان ،خەلقلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئەرەب سايياھمۇ بۇ خانلىقنى ۋە خەلىقنى \"\"توققۇز ئوغۇزلار\"\" دەپ مەلۇمەت بەرگەن ،بۇنىڭغا تەمىم ئىبىن بەھرالنىڭ ساياھەت خاتىرىسى(كېيىنكىلەر نەقىل ئالغان) ۋە <<ھۇدۇدۇل ئالەم>>نى ئاساس قىلىش مۈمكىن.كېيىن خانلىق غەرپكە كۆچكەندىن كېيىكى ئاساسى خەلىق تارىخلاردا\"\"تۈرك\"\" دەپ تونۇلدى ،<<تۈركى تىللار دىۋانى>>دىمۇ \"\"ئۇيغۇر\"\" بىر ئەل(دۆلەت ياكى رايۇن) نامىدا تونۇلدى ،بىر خەلىق توپى تاكى مىللەت نامىدا تونۇلمىدى .مانا بۇ كېيىنكى تارىخى رىئاللىق .شۇڭا \"ئىدقۇت ئېلى\"بىلەن\"\"قارىخانىلار سۇلالىسى\" نى ئىككى ئۇيغۇر ھاكىيىتى دەپ تونۇشتا خاتالىق بولىشى مۈمكىن .ھازىر كاللىڭىزغا مۇشۇنداق ھۆكۈمنى ئورناشتۈرىۋالسىڭىز باشقىلارنىڭ سۇئالىدىن ئۆتەلمەسلىكىڭىز ،نەچچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ بىلىشىڭىزنى توغرىلىشىڭىزغا توغرا كېلىشى مۈمكىن .

   مېنىڭ يەكۈنۈم ،باشقىلارنىڭ قارىشىدىن ياكى ھۆمىدىن پايدىلىنىشقىلا بولىدۇ ،ئۇنى ئاداققى يەكۈن دەپ تونۇش ئادەمنى تۇيۇق يەرگە باشلايدۇ .مەسىلەن مەشھۇر تارىخ تەتقىقاتچىسى بارلولدنىڭ تۈرك تارىخى ھەققىدىكى بايانلىرى ئاجايىپ قايىل قىلارلىق ،پاكىت ئاساسلىرى تولۇق .تولىمۇ ھكرمەتكە سازاۋەر ئالىم .لىكىن ئۇنىڭ بايانلىرىدىن تۈرك مىللەتلىرىنىڭ بىرلىگىنى بايقىماق بەك تەس ،لىكىن مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بايانىدا تۈركى مىللەتلەر بىر گەۋدە ھالىتىدە بايان قىلىنغان .

   سىز داۋاملىق تىرىشىڭ ،بىزنىڭ تارىخىمىزنى چوڭقۇرلاپ تەتقىقىق قىلىش تولىمۇ ئەھمىيەتلىكك .

qutghur يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 09:20:20

25- قەۋەتتىكى yaghlaqarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خاتالاشمىسام كۇچا 14-ئەسىردە شەرقى چاغاتاي خانلىقنىڭ قۇرغۇچىسى تۇغلۇق تۆمۈرخان دەۋردە ئاندىن ئىسلاملاشقان بولغىيدى؟ ئەمماشەرقى قاراخانىلار13-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدىلانايمان خانزادىسى كۈچلۈك تەرىپىدىن مۇنقەرىز بولۇپ بولغانىدى.

<<تۈركى تىللار دىۋانى>> دىكى بايانلارغا كۆرە قاراخانىلارنىڭ شەرقى چىگىراسى قاراشەھەرگىچە ،جەنۇپتا چارقىلىققىچەمىكى .شەرقى چاغاتاي خانى دەۋرىدە ئىسلاملاشتۇرۇلغانلار بېشبالىق ،قۇمۇل قاتارلىق جايلاردىكى كۆچمەن تۈركلەر ۋە موغۇللار .بولۇپمۇ ئەھمەدخان زامانىدا بەك قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىسلاملاشتۇرۇلغان .لىكىن ئىدىقۇت تەۋەلىگىدىكى شەھەرلەردە مەسجىدلەر ئاللا بۇرۇن قەد كۆتۈرگەن .ئىدىقۇت خانىنىڭ قاراخانىلاردىن ئۆچ ئېلىش يۈزىسىدىن مۇسۇلمانلارنى بىر قېتىم قىرغىن قىلغانلىغى توغرلىق ئۇچۇر كۆرگەندىم .مەنبەسىنى ئەسلىيەلمىدىم .

راس يەنە بىر گەپنى ئۇنتۇپ قاپتىمە

\"\"باسمىللارنىڭ ئاق ساقىلىنىڭ لەقىبى ئىدىقۇت دىيىلىدۇ \"\" دىگەندەك بىر گەپنى بىر يەردە كۆرگەندىم .كېيىنچە ئىزدىنىشىڭىز چوڭقۇرلاپ قالسا سىزگە ئەس قېتىپ قېلىشى مۈمكىن .بىزنىڭ يېشىمىز ئەمدى ئوتتى ،چوقۇرلاپ ئۈگىنىش ئىمكانىيتى يوق .سىزلەرگە قالدى بۇ ۋەزىپە .

qutghur يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 09:32:21

دۇنخۇئاڭدىن تېپىلغان بىر ۋەسىقىدە(خەنزۇچە) دە يېزىلىشىچە قاراخانىلار لىياۋ تارخىدا \"\"ئارسلان خانلىغى\"\" دەپ خاتىرلىنىپتىكەن .مەن كۈرگۈنۈم نەقىلمۇ ياكى ئەسلى ۋەسىقەمۇ بۇنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن .\"\"قاراخانىلا سۇلالىسى\"\" دىگەن نام پىرىستاك تۈنجى بولۇپ قوللانغان ناممىكى .قاراخانىلارنىڭ پۇللىرىدا بۇ دۆلەت نامى قانداق يېزىلغانلىغىغا ئائىت بىر نەرسە كۆرمەپتىمەن .كېيىنچە بۇلارغىمۇ دىقەت قىلىپ قويارسىز .

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 09:43:10

27- قەۋەتتىكى qutghurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

24- قەۋەتتىكى yaghlaqarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۆز-ئارا قوشنا بولغان بۇ ئىككى ئۇيغۇر ھاكىميىتنىڭ دىنى-ئېتىقادى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئۇنداق-مۇنداق زىدىيەتلىرى بولۇشى تەبىئى.

گەرچە تارىخ مېنىڭ كەسپىم بولمىسىمۇ لېكىن مېنىڭ تارىخقا بولۇپمۇ ئۆز تارىخىمىزغا بىرخىل چوڭقۇر ئىشتىياقىم بار.شۇ سەۋەپتىن تارىخى ماتېرىياللارنى كۆپ كۆرىمەن،كۆرۈش جەريانىدا كاللامدا نۇرغۇن سوئاللار تۇغۇلدى،ئاشۇ سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەش ئىستىكىدە مۇشۇ بىر قاتار يازمىلارنى گەرچە كەسپى تەرجىمان بولمىساممۇ چامىمنىڭ يېتىشىچە تەرجىمە قىلىپ مۇنبەرگە يوللىدىم،كەڭ تارىخچى،تەرجىمانتورداش ئۇستازلارنىڭ كۆپرەك تەلىم بېرىشىنى ،خاتا كەتكەن جايلىرى بولسا كۆرسىتىپ بېرشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

\"\"تارىخنى غالىپلار مەغلۇپلارنىڭ دۇمبىسىگە يازىدۇ\"\" دىگەن قاراشقا قوشىلامسىزكىن بلمىدىم ،لىكىن مەن بۇ قاراشنىئۇزۇن يىلىىق تارىخ تەرققىيات ئەملىيتىدىن چىقىرىلغان ئاچچىق يەكۈن دەپ قارايمەن .

   بىزنىڭ ئەژداتلىرىمىزنىڭ تارىخىغا نەزەر سالساق ،تارىخمىزنىڭ ئەڭ غوللۇق قىسمىنىڭ ھامان باشقا ئەل تارىخچىلىرى تەرپىندىن يېزىپ تاماملانغانلىغنى كۆرۈپ يەتتۇق .بۇ تارىخنى بىزنىڭ دۇمبىمىزگە يېزىلمىغان دىيىشكە كۆڭلىمىزدە ئىشەنچ قانچىلىك ؟بۇنىڭغا مەن بىر-نىمە دىيىشكە ئاجىزمەن .شۇڭائورخۇن خانلىغى(بۇ ناممۇ كېيىنكى تارىخچىلار تەرپىندىن قويۇلغانغۇ دەيمە)نى \"\"ئۇيغۇر ھاكىيىتى\"\" دەپ ئاتاشنى تارىخى پاكىت ۋە تارىخى ئەملىيەت ئانچە قوللاپ كەتمەيدىغانلىغىنى ھىس قىلىۋاتىمەن .بۇ خانلىقنى \"\"ئۇيغۇر ھاكىمىيىتى\"\" دىيىشنىڭ بىردىن-بىر ئاساسى 回鹘 نامى 回纥 دىن كەلگەن ،بۇ 袁纥 دىن كەلگەن بۇ ناملار \"\"ئۇيغۇر \"\" سكزىنىڭ شۇ زامانلاردىكى خەنزۇچە يېزىلىشى دىيىلىدۇ .بىز بۇنى 100% توغرا دەپ قارىغاندىمۇ بۇ پەقەت ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ھاكىيەتلەرنىڭ بۇ \"\"ئورخۇن خانلىغىنى\"\" 回鹘 ئارقىلىق تونىشىنى بىلدۈرىشى مۈمكىن ،لىكىن يېپىشقاق تاۋۇشلۇق تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەرەپ ،پارىس تارىخچىلىرى بۇ ھاكىميەتنى \"\"توققۇز ئوغۇز خانلىغى\"\" دەپ تونىغان ،ھەتتا ئورىۇن خانلىغىنىڭ باشكەنتىگىچە بارغان ،خەلقلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئەرەب سايياھمۇ بۇ خانلىقنى ۋە خەلىقنى \"\"توققۇز ئوغۇزلار\"\" دەپ مەلۇمەت بەرگەن ،بۇنىڭغا تەمىم ئىبىن بەھرالنىڭ ساياھەت خاتىرىسى(كېيىنكىلەر نەقىل ئالغان) ۋە <<ھۇدۇدۇل ئالەم>>نى ئاساس قىلىش مۈمكىن.كېيىن خانلىق غەرپكە كۆچكەندىن كېيىكى ئاساسى خەلىق تارىخلاردا\"\"تۈرك\"\" دەپ تونۇلدى ،<<تۈركى تىللار دىۋانى>>دىمۇ \"\"ئۇيغۇر\"\" بىر ئەل(دۆلەت ياكى رايۇن) نامىدا تونۇلدى ،بىر خەلىق توپى تاكى مىللەت نامىدا تونۇلمىدى .مانا بۇ كېيىنكى تارىخى رىئاللىق .شۇڭا \"ئىدقۇت ئېلى\"بىلەن\"\"قارىخانىلار سۇلالىسى\" نى ئىككى ئۇيغۇر ھاكىيىتى دەپ تونۇشتا خاتالىق بولىشى مۈمكىن .ھازىر كاللىڭىزغا مۇشۇنداق ھۆكۈمنى ئورناشتۈرىۋالسىڭىز باشقىلارنىڭ سۇئالىدىن ئۆتەلمەسلىكىڭىز ،نەچچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ بىلىشىڭىزنى توغرىلىشىڭىزغا توغرا كېلىشى مۈمكىن .

   مېنىڭ يەكۈنۈم ،باشقىلارنىڭ قارىشىدىن ياكى ھۆمىدىن پايدىلىنىشقىلا بولىدۇ ،ئۇنى ئاداققى يەكۈن دەپ تونۇش ئادەمنى تۇيۇق يەرگە باشلايدۇ .مەسىلەن مەشھۇر تارىخ تەتقىقاتچىسى بارلولدنىڭ تۈرك تارىخى ھەققىدىكى بايانلىرى ئاجايىپ قايىل قىلارلىق ،پاكىت ئاساسلىرى تولۇق .تولىمۇ ھكرمەتكە سازاۋەر ئالىم .لىكىن ئۇنىڭ بايانلىرىدىن تۈرك مىللەتلىرىنىڭ بىرلىگىنى بايقىماق بەك تەس ،لىكىن مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بايانىدا تۈركى مىللەتلەر بىر گەۋدە ھالىتىدە بايان قىلىنغان .

   سىز داۋاملىق تىرىشىڭ ،بىزنىڭ تارىخىمىزنى چوڭقۇرلاپ تەتقىقىق قىلىش تولىمۇ ئەھمىيەتلىكك .

\"تارىخنى غالىبلار مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ دۈمبىسىگە يازىدۇ\" دېگەن قاراشقا قوشۇلىمەن،لېكىن شۇنداقتىمۇ خەق يېزىپ بەرگەن تارىخقا قاراپ ئولتۇرساق بولمايدۇ،چوقۇم ئۆزىمىز ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز،ئۈمىدۋار بولىشمىز كېرەك،مېنىڭ تارىخ بىلىمىم ئىنتايىن كەمچىل،كۆپ قىسىم تارىخى قارىشىم باشقا تىلدىكى تارىخى ماتېرىياللاردىن كەلگەن،لېكىن مەن ھەرگىز بۇنىڭغا شۈكرى قىلىپ ئولتۇرمايمەن،چوقۇم ئۆزەمنىڭ تارىخى بىلىمىمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشىمەن.

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-23 09:48:31

29- قەۋەتتىكى qutghurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دۇنخۇئاڭدىن تېپىلغان بىر ۋەسىقىدە(خەنزۇچە) دە يېزىلىشىچە قاراخانىلار لىياۋ تارخىدا \"\"ئارسلان خانلىغى\"\" دەپ خاتىرلىنىپتىكەن .مەن كۈرگۈنۈم نەقىلمۇ ياكى ئەسلى ۋەسىقەمۇ بۇنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن .\"\"قاراخانىلا سۇلالىسى\"\" دىگەن نام پىرىستاك تۈنجى بولۇپ قوللانغان ناممىكى .قاراخانىلارنىڭ پۇللىرىدا بۇ دۆلەت نامى قانداق يېزىلغانلىغىغا ئائىت بىر نەرسە كۆرمەپتىمەن .كېيىنچە بۇلارغىمۇ دىقەت قىلىپ قويارسىز .

مەن بىر يەرلەردە \"مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ <<دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك>> دېگەن ئەسىردىن\"قاراخانىلار سۇلالىسى\"نىڭ ئۆزىنى ئەل خاقانىيە دەپ ئاتغانلىقى مەلۇم\" دېگەن يەكۈننى كۆرگەندەك قىلغان.

qutghur يوللانغان ۋاقتى 2012-11-25 09:56:48

30- قەۋەتتىكى yaghlaqarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

\"تارىخنى غالىبلار مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ دۈمبىسىگە يازىدۇ\" دېگەن قاراشقا قوشۇلىمەن،لېكىن شۇنداقتىمۇ خەق يېزىپ بەرگەن تارىخقا قاراپ ئولتۇرساق بولمايدۇ،چوقۇم ئۆزىمىز ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز،ئۈمىدۋار بولىشمىز كېرەك،مېنىڭ تارىخ بىلىمىم ئىنتايىن كەمچىل،كۆپ قىسىم تارىخى قارىشىم باشقا تىلدىكى تارىخى ماتېرىياللاردىن كەلگەن،لېكىن مەن ھەرگىز بۇنىڭغا شۈكرى قىلىپ ئولتۇرمايمەن،چوقۇم ئۆزەمنىڭ تارىخى بىلىمىمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشىمەن.

دۇرۇس ،دىگەنلىرىڭىز ئورۇنلۇق .دۇمبىسىگە خەت يېزىلغان كىشى تېزىلمىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەدۇ .شۇڭا پوزىتسىيەنى توغرىلاش كېرەك .

يەنە بىر گەپ قېرىندىشىم .ماۋۇ مۇنبەردە تارىخ ئۈگىنىش كەيپىياتى سەل سۇس .مېنىڭ ۋاىتىنچە مۇنبەردىن چىكىنىش ئارزويۇم بارىدى .سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزغا تارتىشىپ تۇرۇپ قالدىم .دۇراك ئەپەندىمۇ ۋاقتىنچە ئايرىلدى مۇنبەردىن .شۇڭا تارىخ ھەۋەسكارلىرى كۆپرەك مۇنبەرلەرگە تىما يوللاپ مۇزاكىرىگە قويۇش ئارقىلىق ئۈگىنىڭ .مۇنازىرە كەيپىياتى قويۇق بولسا ئۈگىنىش ئۈنىمى بەك ياخشى بولىدۇ .بۇنى مەن سىناقتىن ئۆتكۈزگەن .باغداشقا بىرەر تىما يوللاپ سىناپ بېقىڭ .يازمىنىڭ خېرىدارى يوق مۇنبەردە زىھنىڭىز بىكارغا كېتىدۇ .

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-11-25 12:05:05

32- قەۋەتتىكى qutghurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

------------------

مەن قاراپ باقاي.

بەت: 1 [2]
: ياغما قەبىلىسى[تەرجىمە]